zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 21:23:22

ھەكىملەر تەلىم بېرىڭلار

نېرۋىنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى زادى قايسى؟


نېرۋىنىڭ خىلىتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟قانداق مۇناسىۋىتى بار؟سەپرا خىلىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت بار؟


كەيپىيات ئاسان بۇزۇلۇپ،ئاسان چارچاش نېرۋا ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىمۇ؟ قان قويۇق بولسا سەپرا بولامدۇ؟


نېرۋىنى قانداق يېمەكلىكلەر بىلەن قۇۋۋەتلىسىەك،كەيپىيات مۇنتىزىم تۇرىدۇ؟



كەيپىياتنى مىجەزگە چېتىپ «بۇ تۇغما»دېيىشنىڭ خاتالىقىغا بارغانسېرى ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن.بۇ يېمەكلىك بىلەن ئاندىن قان بىلەن ئاندىن شۇلار نەتىجىسىدە يېتىلگەن خىلىتنىڭ تەسىرىكەن.بۇنىڭغا تىبابىتىمىزدىن


چوقۇم ئوبدان داۋالار چىقىدۇ.تەلىم بەرسەڭلار.

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 22:19:31

نېرۋىنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

1. خام خىيالنى ئاز قىلىش

2.كۆپرەك تەنھەركەت پائالىيتى بىلەن شۇغۇلنىش

3. تاپالىسا پۇراقلىق تۈردىكى ئەنبەر،ئىپار،زەپە، تاپالمىسا ئەتىرە پۇراپ بېرىش

4، نورمال پىسخىك كەيپىيات تۇرغۇش

5. ھەقىقي تۈردە قېنىپ ئۇخلاش

6.ناتوغرا خىياللارنى ئاز قىلىش

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 22:20:46

مېنىڭ شەخسەن قارىشىم، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى:

1. كەيپىياتنى ياخشىلاش يەنى كۆڭلى- كۆكسىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنى زورمۇ-زور رامكىغا سېلىۋالماي چوڭ جەھەتتىن قانۇنغا، ئەخلاققا خىلاپ بولمىسىلا ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ كۆڭلىڭىز تارتقان كەسىپنى قىلىپ كۆرۈڭ، خالىغان تاماقنى يەپ بېقىڭ، خالىغان شەھەرگە بېرىڭ ئومۇمەن ئاۋال جىسمىڭىزنى يەڭگىللىتىدىغان مۇھىتنى يارىتىڭ ئاندىن روھىي كەيپىياتىڭىز تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ؛ ئورۇنسىز غەمنى قىلماڭ. ھەدېسىلا تەڭتۇشلىرىڭىز ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بولغان رىقابەتلىشىش، بەسلىشىش ياكى ئورۇنسىز ئۆزىنى سېلىشتۇرۇشتەك پاسسىپ خياللارنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ. بولسا يومۇر ئوقۇڭ، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاڭ، ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىڭ.

2. روھىي جەھەتتىكى تېچلىقنى يارىتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە ئاز دېگەندە بىر ياخشى ئىش قىلىڭ. ئەتراپىمىزدا پۇل كەتمەيدىغان ياخشى ئىش قىلىش پۇرسەتلىرى ساماندەك تولا. مەسىلەن، كىچىك بالىلار، قېرى ئاياللار، كېسەللەر، قىزلار... يولدىن توغرا كېسىپ ئۆتمەكچى بولسا، مۇزدا ئېھتىيات قىلىپ پەم بىلەن ماڭغاندا، دۆڭدىن چۈشكەندە، ئاپتوۋۇزدا... ئۇلارنى يۆلىۋېلىڭ، ئۆتكۈزۈپ قويۇڭ؛ بالىلار ياكى بىراۋ ئۇرۇشۇپ قالغان بولسا چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئاجرىتىپ قويۇڭ، يوللاردا تاش، خىش، كېسەك، شاپاق ياكى شۆپۈك ۋە ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر ئۇچرىسا بىر تەرەپكە ئېلىۋېتىڭ. بولمىسا بەلكىم شۇ تۈپەيلى ماشىنا ھادىسىسى كۆرۈلۈشى، بىرەرسى تېيىلىپ ياكى پۇتلۇشۇپ يىقىلىشى مۇمكىن. مىسكىنلەرگە، كۈنلۈك خىراجىتىنىڭ غېمىنى قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئىشلەمچىلەرگە ئازىراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرىڭ، سوغۇقتا، تومۇزدا ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق بايلىق يارىتىۋاتقانلىقىدەك ياخشى روھىنى ماختاپ ئىلھام بېرىڭ؛ يوللاردا، تام تۈۋىدە زەھەر چەككۈچىلەر ئىشلەتكەن ئىشپىرىسلار ئۇچراپ قالسا ئۇنى تېرىپ ئەخلەتكە تاشلاڭ ياكى ئۇششاق بالىلارغا ئۇنى تۇتماسلىق، يېقىن يولىماسلىق ، ئوينىماسلىق ھەققىدە تەلىم بېرىڭ؛ بالىلار، ئاياللار قېشىدا تاماكا چەككۈچىلەرنى قۇربىڭىز يېتىشىچە توسۇڭ؛خوشنىلىرىڭىز ياكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈدىغان ئادەملەرگە خالىس ياردەملىشىپ ھېچ بولمىسا ئىشىك ئالدىدىكى قارلىرىنى ئۆزى ئېغىز ئېچىپ دېمىسىمۇ، ئۆزلۈكىڭىزدىن قارنى تازىلاپ قويۇڭ ياكى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىپ قويۇڭ؛ئىشخانىڭىزدىكى خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئۈستەللىرىنى سۈرتۈپ، چاي قاينىتىپ قويۇڭ ، ئاتا-ئانىڭىزنى ماختاپ قويۇڭ، ئاچا-سىڭىزللىرىڭىزغا، سىزگە ياخشىلىق قىلغان، ياردىمى تەگكەن، سىزگە ئىلھام بەرگەن ئادەملەرگە رەھمەت ئېيتىپ تېلېفۇن ئۇرۇپ قويۇڭ... ئومۇمەن ئەتراپىمىزدىكى ھەممە ئادەم بىر بىرسىمىزنىڭ ماختىشىغا، كۆڭۈل سورىشىغا، ئىلھام-مەدەتلىرىگە، مۇھتاج. بۇنىڭغا پۇل كەتمەيدۇ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز يورۇپ ئۆزىڭىزمۇ خوشاللىققا ئېرىشەلەيسىز.

2. (سىزنىڭ قانچە ياشلىقىڭىزنى، قىز ياكى ئوغۇللىقىڭزنى بىلەلمىدىم، شۇڭا ئاممىباپ قىلىپلا جاۋاب بېرەي) مۇھەببەتلىك ياشاڭ. توي قىلىش يېشىدا بولغان بولسىڭىز، مۇۋاپىق ئادىمىڭىز بولسا توي قىلىڭ؛ ئەگەر توي قىلىش يېشىدا بولماي مۇھەببەتلىشىش يېشىدا بولسىڭىز ئەخلاقلىق قىز بالا ياكى ئوغۇل بالا بىلەن ئەخلاقتىن چەتنىمەي ئارىلىشىپ، سىردىشىڭ. روھىي ئاچلىقنى، بۇرۇقتۇرمىلىقنى يات جىنىسلار ئالىدۇ. يەنى زاغرا تىل بىلەن ئېيتساق ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئادەم ئالىدۇ.

3. يېمەك-ئىچمەكنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق يەپ بېرىڭ.بەدەنگە قۇۋۋەت يېتىشمىسىمۇ كاللىنى بىھۇدە خياللار چىرمىۋالىدۇ.بۇ ئومۇمىي بەدەنگە پايدىسىز.

4.ئاخشىمى ياتىدىغان ئۆيىڭىز تار بولسا سەل كەڭرەك، ئوكسىگېن تولۇقراق ئۆيگە ئالمىشىڭ. ئۇزۇن مۇددەت ئوكسىگېن يېتەرلىك بولمىسىمۇ مېڭىگە، يۈرەككە قان-قۇۋۋەت يېتىشمەي ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ناچارلايدۇ-دە، نېرۋا ئاجىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

5.تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە ناتوغرا ئۇسۇللاردىن يىراق تۇرۇڭ. ئالايلۇق، شەھۋانىي كىنو، رەسىم، كىتاب قاتارلىقلارنى كۆرمەڭ.ئەگەر سىزدە ئانانىزىم( جىنسىي تەلەپنى قول ئارقىلىق قاندۇرىدىغان ناچار ئادەت) بولسا دەرھال قول ئۈزۈڭ. بۇ ئادەتنىڭ ئاقىۋىتى سىزنى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە باشلاپ بارىدۇ ھەتتا، نېرۋا ئاجىزلىق، مەنى تۇتالماسلىق، زىيادە ئورۇقلاش، چىرايى سارغىيىش، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ ئاسان سۇنۇش... دېگەندەك.

6.رەڭلىك مۇھىت ئىچىدە ياشاڭ. بۇ دېگەنلىك، كىيىم-كېچەك، ئۆي ياكى ئىش ئۈستىلى، ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىڭىز ئىچىدە رەڭلىك نەرسىلەر كۆپرەك بولسا كەيپىياتىڭىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. كۆك، كۈلرەڭ، سۇس سىدام غا ئوخشاش زىيادە تۇتۇق كىيىملەر ، مۇھىت ئادەمنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ.

7. قېلىن كىيىنىڭ. بۇ ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە پۇتقا چەمى قېلىن خۇرۇم ئاياغ كىيىش بىلەن، ساغرىسىنى ياپىدىغان ھالدىكى قېلىن كىيىملەرنى كىيىپ بەلنى ئىسسىق تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلاردا بۆرەكنىڭ تومۇرى پۇتتا ، دەپ قارىلىدۇ.شۇڭا ئادەممۇ، قوي-كالىمۇ سۇغا كىرگەن ھامان كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ. ناۋادا ئۇزۇن مەزگىل پۇتقا سوغۇق قىشتىمۇ يازلىق ياكى كۈزلۈك ئاياقنى كىيىپ، نېپىز كاستىيۇم بىلەن كوچىدا شىڭغىيىپ مېڭىپ نوچىلىقنى كۆرسەتمەكچى بولغاندا( بۇ ئەمەلىيەتتە نوچىلىق ئەمەس، دۆتلۈك! ئۆزىنىڭ جېنىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك)بۆرەككە سوغۇق ئۆتۈش، دوۋساققا سوغۇق ئۆتۈش تۈپەيلىدىن بۆرەك سوۋۇپ مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتالماسلىقتەك بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ھالەت ئۇزارسا بۇمۇ نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



8.ئامال بار يېتىشتىن بۇرۇن ياتاق ئۆيىڭىزگە بىرەر چېلەك سۇ ياكى بىر نەچچە تەشتەك گۈل ئەپكىرىپ قويۇپ يېتىڭ.بۇنىڭ شۇ ھاۋانى نەملەشتۈرۈش، ساپلاشتۇرۇش، قوشۇمچە ئوكسىگېن تولۇقلاش رولى بار.


9.قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. قەۋزىيەت بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەخلەت پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بېرى. ئەەگر ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولغاندا گىمىروي قاتارلىق ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇپلا قالماي يەنە قان ئاجىزلىق(قان ئاجىز بولسىمۇ يۈرەككە قان يېتىشمەي نېرۋا ئاجىزلايدۇ)،بەدەندىكى ماي، شېكەر،بەلغەم، ھەر خىل ئانئورگانىك تۇز قاتارلىق ماددىلار ئېشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ-دە، روھىي-كەيپىياتتىمۇ ماس بۇزۇلۇش بولىدۇ. پاكىز سۇنى قۇيساق ئۈسۈملۈك ئۈنىدۇ، مەينەت سۇدا يەر شورلىشىدۇ، گخياھ ئۈنۈشمۇ تەس. ئادەم بەدىنىدىكى قانمۇ شۇنداق. قەۋزىيەت ئېغىرلاشسا ئەخلەتلەر قانغا سۈمۈرلۈپ ئۆتكە، جىگەرگگ تاش چۈشۈش، ئۈچەي ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى تېزلەشكەندىن باشقا يەنە جىگەردە ئارتۇقچە ئېشىندى، كېرەكسىز ماددىلار توپلىنىپ يۈرەك، جىگەر قىزىپ ئۇيقۇسىزلىق كەپ چىقىدۇ، ۋە قوشۇمچە نېرۋا ئاجىزلىق ئەھۋاللىرىمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.


يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە:

ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، زىيادە يەللىك يېمەكلىكلەر مەسىلەن، لازا-ئاچچىقسۇ، قوغۇن، كۈدە( جۇسەي)، كاۋا مانتىسى قاتارلىق يەللىك يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز يەڭ.بەك قورۇغان، شورپا، كاللا-پاقالچاق، تونۇر كاۋاپ، ئۆپكە ھېسىپ تۈردىكى مايلىق، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى سەل ئازىراق يەپ تەركىبىدە سۈيى، كۆتات مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ مەسىلەن، ئۈگرە، چۆچۈرە، نارىن،خولۇپ ئاش، لەغمەن، خام شويلا...دېگەندەك.

ئاندىن قارا ئۈجمىنى( قېقى بولسىمۇ بولىدۇ)10-5گىرامغىچە ،نېلوپەر ئورۇقىدىن3-5گىرامغىچە ئېلىپ( سەكسەن خالتا ياكى دورا-دەرمەك ساتىدىغان تاللا بازارلىرى، يېمەكلىك دۇكانلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ) ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پات-پات قايناقسۇدا دەملەپ ئىچىپ بېرىڭ.

قىسقىسى تەننىڭ قانداق بولۇشى خاراكتېر ۋە كەيپىياتنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى لامپىدا كىرسىن جىقراق بولسا چىراقنىڭ پىلىكى يورۇق يانغانغا ئوخشاش. بەدەندىكى قان بىلەن قۇۋۋەت تولۇق بولسا ئادەممۇ روھلۇق، پىكرى ئۇچۇق، گەپ-سۆزى، كەيپىياتى نورمال بولىدۇ.ئەگەر بەدەندە نورمالسىز خېلىتلار، ئەخلەت ماددىلار كۆپەيسە ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمۇ شۇ ئەخلەتكە ئەگىشىپ بىر قىسىم نورمالسىز ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. خۇددى سەپرا مىجەز، سەۋدا مىجەز دېگەندەك.ئوخشاشلا روھىي ھالەتمۇ بەدەنگە تەسىر قىلىپ ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم ئادەملەر ئاچچىقلانغاندا تۇرۇپلا جىق نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ بىر قىسىملىرى بولسا تاماق يېمەيدۇ. مانا بۇ روھىي كەيپىياتنىڭ ئىشتىھاغا جۈملىدىن ئاشقازانغا كۆرسەتكەن تەسىرى.

ئاخىرىدا قوشۇپ قويىدىغىنىم، كۆڭلىڭىزدە ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىڭىز قورقۇنىچ ياكى ئازاب، پۇشايمان پەيدا قىلغان ئىش بولسا ئۇنى قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ ۋە ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىڭ ياكى يىرتىۋېتىڭ-دە، ئاندىن ئۇ ئىشلارنى پاك پاكىز ئۇنتۇپ كېتىڭ. بەزىدە ئۆتكەن ئىشلارمۇ ئادەمنى ھالسىرىتىپ كاللىغا كىرىۋالسا مۇشۇنداق نېرۋا ئاجىزلايدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر يەنە تېببىي جەھەتتە ئۆزىڭىزدە مەسىلە بار دەپ قارىسىڭىز دوختۇرخانىنىڭ نېرۋا، يۈرەك ياكى پىسخىكا بۆلۈمىگە كىرىپ تەپسىلىي كۆررۈنۈپ بېقىڭ.


نېرۋىنىڭ خىلىتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟قانداق مۇناسىۋىتى بار؟سەپرا خىلىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

نېرۋىنىڭ بارلىق خېلىتلار بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ چۈنكى ھەممە خېلىتلارنىڭ بەدەندە ئوينايدىغان ئۆز ئالدىغا مۇھىم رولى بولىدۇ. قايسى خېلىتنىڭ ئاز بولۇشى ياكى نورمال مىقدارىدىن جىق بولۇشىنىڭ ھەممىسى بەدەنگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن نېرۋىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.بۇنى يەنە زاغرا تىل بىلەن چۈشەندۈرسەك«ساغلام تەندە ساپ ئەقىل»! بەدىنىڭىزدە خېلىتلار نورمال بولسا بەدەندىكى مېتابولىزىم ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھاياتلىق پائالىيەتلىرى نورمال تەرىقىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بولمىسا تەندە بىنورماللىق كۆرۈلۈپلا قالماي نېرۋا قىسمىدىمۇ جۈملىدىن روھىي جەھەتتىنمۇ بىر قىسىم نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، قان ئاجىز بولغاندا ئۇنتۇلغاق بولۇش، ئىنكاسى ئاستىلاش،ئۇيقۇسى قېچىش، گۇمانخورلۇق...قاتارلىق ئالامەتلەر يەنى روھىي تەڭپۇڭسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ،ئۇنىڭ رولى ئۇزۇقلۇقلارنى پارچىلاش،ئېرىتىش، ھەزىم قىلىش، زەھەرسىزلەندۈرۈش،نېرۋا ھەرىكىتىنى غىدىقلاش،بەدەننى ئىسسىق ساقلاش،بۇزۇق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش، بەلغەم خلىتىنىڭ يۆل ۋە سوغۇقلىقىنى تەڭشەش روللىرى بولىدۇ.ئەگەر بەدەندە سەپرا خېلىتى ئېشىپ كەتكەندە، سەپرا خېلىتىنىڭ يۇقىرىقى روللرىمۇ ماس ھالدا كۈچىيىدۇ(مەسىلەن، نېرۋىنى غىدىقلاش رولى كۈچەيگەندە ئاچچىقلىنىش قېتىم سانى كۆپىيىش، ئورۇنسىز خيالنى تولا قىلىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ئېغىرلاشسا تەدرىجىي نېرۋا ئاجىزلىشىدۇ.)؛ ناۋادا سەپرا خىلىتى ئاجىز بولسا ئوخشاشلا بەدەن نورمال ئىسسىمايدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز قالدۇق ماددىلار، زەھەرلەر نورمال ھالەتتە چىقىپ كېتەلمەي تۈرلۈك كېسەللىكلەر جۈملىدىن ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرى يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ كۆپ قىسىم قالدۇق ماددىلار ئاشقازان-ئۈچەيدە تۇرۇۋېلىپ بەدەن ھارارىتىدە قىزىپ، پارچىلانغان تۈرلۈك بۇس-بۇخاراتلار يۇقىرىغا (مېڭىگە)ئۆرلەپ بىر قىسىم نېرۋا كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلىنىدۇ(مەسىلەن مېڭە يىگىلەش). يەنە ئالايلۇق، قاتتىق ئاچچىقلىنىش تۈپەيلىدىن مېڭىگە قان چۈشكەن، قان بېسىمى يۇقىرى، نېرۋا پالەچلەنگەنلەرگە قارىسىڭىز بىلىسىز، مۇتلەق كۆپ قىسمىىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدا مەسىلە بار. مەسىلەن، ئۇنتۇغاق بولۇش،گۇمانخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، يالغانچىلىق، تۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ كۆلۈش،ئادەم تۇنۇماسلىق، نورمال سۆز-ئالاقىدا بولالماسلىق، سۈيدۈك ياكى شالۋىقىنى تۇتالماسلىق... قاتارلىق بىر قاتار نېرۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىدە روشەن بۇزۇلۇش ياكى نورماللىقىنى يوقىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز.

كەيپىيات ئاسان بۇزۇلۇپ،ئاسان چارچاش نېرۋا ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىمۇ؟ قان قويۇق بولسا سەپرا بولامدۇ؟

شۇنداق. بۇ يالغۇز سەپرا خېلىتىلا ئەمەس بەلكى يۇقىرىقى ئالامەتلەر يۈز بەرگەندە بولسا بەدەندىكى باشقا خېلىتلاردىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش بولغان بولىدۇ، شۇڭا كەيپىياتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، روھىي تەڭپۇڭلىقنى ساقلاشقا تىرىشىش كېرەك. ھەرقانداق ئەھۋالدا سەپرا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. قان قويۇق بولسا سەپرا بولۇش پەقەتلا بىر خىل تۈرى خالاس.)بىز ئۇيغۇر تېبابىتىدە، سەپرانى ئوتنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، دەپ قارىغىنىمزدا سۆز مەنىسىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئوت بولمىسا بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق نورمال پىشمايدۇ، بەدەندىكى نورمال ھارارەت ئازلاپ قان ئايلىنىش ئاستىلىشىدۇ، قان بېسىمى نىسبىي تۆۋەنلەيدۇ، بەدەن مۇزلايدۇ...ئەگەر ئوت جىق بولسا ئىچكى ئەزالار قىزىيدۇ، نەملىك خورايدۇ، قان قويۇلىدۇ، قەۋزىيەت ئېغىرلايدۇ، قاننىڭ بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، مىجەز ئىتتىكلەيدۇ، ئالدىراقسان، تېز سۆزلەيدۇ، ھەرىكەتچان،كۆپ قىسمى شەپشەك كېلىدۇ.


نېرۋىنى قانداق يېمەكلىكلەر بىلەن قۇۋۋەتلىسىەك ، كەيپىيات مۇنتىزىم تۇرىدۇ؟

كەيپىياتنى مۇنتىزىم قىلىش بۇ بىر نىسبىي ئۇقۇم، چۈنكى تىرىك ئادەم بولغان ئىكەن كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى مۇقەررەر.مەن بۇ گەپنى قانداق قىلغاندا نېرۋىنى ياخشىلىغىلى، روھىي -كەيپىياتنىڭ جۇشقۇن، روھلۇق ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ دەپ چۈشەندىم.

1.يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە تاللىغان ئاساستا(چۈنكى بىز مۇشۇ تۇپراقتا تۇغۇلدۇق، زۇۋۇلىمىز مۇشۇ تۇپراقتىن ئۈزۈلگەن.يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ مۇھىت، سۇ، ھاۋا، كۈن نۇرى...قاتارلىقلاردىكى بارلىق تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بەدىنىمىزدىمۇ ئوخشاشلا بار. شۇڭا بەدىنىمىزدە نېمە كەم بولسا مۇشۇ تۇپراقتا ئۈنگەن، مەۋجۈت بولغان ماددا ،ئېنىرگىيە ۋە ئۇچۇر ئارقىلىق كەم ئېلېمىنتلارنى يېمەك-ئىچمەك(دورا، ئۇزۇقلۇق)،كۈن نۇرى، ھاۋا، سۇ، تۇپراقنىڭ ھارارىتى قاتارلىقلاردىن تولۇقلاپ كېتەلەيمىز.ھەم بىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمىزنىڭ ئىلمىيلىك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، تەبىئىي. شۇنداق بولغاچقا بىزدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈدىغانلار،80-90 ياشتىمۇ كۆز ئەينەك تاقىماي كىتاب كۆرۈدىغانلارئەتىراپىمىزدا ھېلىھەم نۇرغۇن.

2.نېرۋىڭىز ئاجىزلاشقانلىقىنى سەزگەن ھامان ئامال بار ئاپتاپلىق مۇھىتنى تاللاڭ. مىسال، كۈن نۇرى ياخشى چۈشكەن يەرنىڭ مېۋىسى تاتلىق بولامدۇ ياكى كۈن نۇرى ئاز، تەسكەي يەرنىڭمۇ؟ئېنىقكى مۇۋاپىق كۈن نۇرى ماددىلارنىڭ نورمال ئايلىنىشى، توشۇلۇشى،پىشىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. ئادەم ھارارەت بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. ھارارەت ئاجىزلاشقانچە بەدەندە ئىنكاس ئاستىلايدۇ، ئاخىرىدا ھارارەت تۈگىسە ئادەم نورمال پائالىيەتتىن قالىدۇ.

3.باشنى مۇۋاپىق ھالدا ئىسسىق تۇتۇڭ. سوغۇق سۇدا تولا بېشىنى يۇيىدىغان،قارا قىشتىمۇ يالاڭباش يۈرىدىغان كىشىلەردە كۆپ ھاللاردا باش ئاغرىقى،بۇرۇن ياللۇغى،گاسلىق، مېڭىگە قان چۈشۈش.. قاتارلىق كېسەللىك ۋە ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز.بۇ ھال ئېغىرلاشسا نېرۋا ئاجىزلايدىغىنى مۇقەررەر.

4....قالغان نۇقتىلار يۇقىرىدا سۆزلەندى.

نېرۋىنى ياخشلاشتا تەن ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، مېڭىنى، بۆرەكنى، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.بۇلار، ياڭاق، بادام،قارا ئۈجمە، قاتارلىق مېغىز ۋە ئۇرۇق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش، قىزىلگل، ئىپار، ئەنبەر، قاتارلىق يۈرەكنى ياخشىلايدىغان قان ئايلىنىشقا ياردىمى بولىدىغان دورىلارنى تېۋىپنىڭ مەسلىھەتى ئاستىدا ئىشلىتىش، دەم ئېلىش، ئۇيقۇنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، يېەكلىكتە قارا ئاشلىق تۈرىدىكى ئۇن يېمەكلىكلەرنىمۇ چوقۇم ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ خېلىتلارنى تازىلاشتا رولى چوڭ.

مەنمۇ بىرئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇنچىلىك جاۋاب بېرىپ تۇراي. تولۇقلايدىغانلار بولسا تولۇقلىسا بولىدۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 23:24:20

سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،گۈل ھەكىم!

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 23:31:16

ئەرزىمەيدۇ.سىزگە ياردىمى بولغان بولسىلا، مەن شۇنىڭغا خوش.

TERJIME يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 00:02:43


2- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتراپىمىزدا پۇل كەتمەيدىغان ياخشى ئىش قىلىش پۇرسەتلىرى ساماندەك تولا. مەسىلەن، كىچىك بالىلار، قېرى ئاياللار، كېسەللەر، قىزلار... يولدىن توغرا كېسىپ ئۆتمەكچى بولسا، مۇزدا ئېھتىيات قىلىپ پەم بىلەن ماڭغاندا، دۆڭدىن چۈشكەندە، ئاپتوۋۇزدا... ئۇلارنى يۆلىۋېلىڭ، ئۆتكۈزۈپ قويۇڭ؛ بالىلار ياكى بىراۋ ئۇرۇشۇپ قالغان بولسا چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئاجرىتىپ قويۇڭ، يوللاردا تاش، خىش، كېسەك، شاپاق ياكى شۆپۈك ۋە ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر ئۇچرىسا بىر تەرەپكە ئېلىۋېتىڭ. بولمىسا بەلكىم شۇ تۈپەيلى ماشىنا ھادىسىسى كۆرۈلۈشى، بىرەرسى تېيىلىپ ياكى پۇتلۇشۇپ يىقىلىشى مۇمكىن. مىسكىنلەرگە، كۈنلۈك خىراجىتىنىڭ غېمىنى قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئىشلەمچىلەرگە ئازىراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرىڭ، سوغۇقتا، تومۇزدا ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق بايلىق يارىتىۋاتقانلىقىدەك ياخشى روھىنى ماختاپ ئىلھام بېرىڭ.



بۇ گەپلەربەكلا كوڭلۈمدىكىدەك چىقىپتۇ .


gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 00:09:53

قىسقىسى روھ بىلەن تەننى تەڭ تەربىيەلىگەندە نۇرغۇن كېسەللەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىشقا قاراپ ماڭىدۇ.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 21:10:42

مابەت بولسا مابەتكە خوتۇن بولسا خوتۇنغا ئادەتتىكىدىن 3 ھەسسە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز ،مىڭىڭىز قۇۋەتلىنىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن شىر ،ئەينىشتىيىن بوپ كېتىسىز .ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ .

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 12:43:31

سەپرا خىلىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت بار؟

نېرۋا سېستىمىسىنىڭ سىزىمى ئېشىپ كىتىش دېگەنلەر كۆپىنچە سەپرا ۋە سەۋدانىڭ سان ياكى سۈپەتتىكى ئېشىپ كىتىشىدىن بولىدۇ. سەپرادىن بولغىنىدا، تېرىككەكلىك، زېرىككەكلىك دېگەندەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. سەۋدادىن بولغىنىدا، ئۇنۇتقاقلىق، گۇمانخورلۇق كۈچىيىپ كىتىدۇ.



قان قويۇق بولسا سەپرا بولامدۇ؟

ئادەتتە سەپرا خىلىتلىق كىشىلەردە، سەۋدا ۋە قان خىلىتلىق كىشىلەرگە قارىغاندا، قان قويۇلۇش نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ. قاندا ماي ئارتىش كۆپرەك يۈز بېرىدىكەن.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 14:47:03

يەنە بىرسى، شۇم خەۋەرلەردىن، چۈشكۈن مۇھىتتىن، ئارزۇسىز، ئۈمىدسىز ئادەملەردىن ۋاقتىنچە ئۆزىڭىنى تارتىڭ.مۇھىتمۇ ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەنگە ئوخشاش، ئادەممۇ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۈملىدىن كەيپىيات يۇقىدۇ.ئۈمىدۋارلىق ئادەمدە ھەرىكەت ئېنرگىيەسى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى. تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ، ئۈمىدۋارلىق ساغلام روھنىڭ بەلگىسى. بىزدە بىرگەپ بار «ئادەمنىڭ روھىي چۈشسە ئېتىمۇ چاپالمايدۇ» دەپ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 08:54:39

ئۇيغۇر تېبابىتى مۇرەككەب دورىلىرىدىن تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ:

1- خېمىرى مەرۋايىت.

لوبۇبى كەبىر.

ماددەتۇلھايات.

ئەبرىشى شەربىرى.

دىنار شەربىتى،

ئەرەقى گۇلاب.
بەت: [1]
: ھەكىملەر تەلىم بېرىڭلار