nijat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 18:43:30

موللاجى ئۆمەر ۋە «كاشغەر ئۆيى»

ماددى فولكلور سەمەرىسى ـــ «كاشغەر ئۆيى» نىڭ پاتىنىتىغا ئېرىشكەن مىمارچىلىق سەنئەتكارى  موللاجى ئۆمەر




موللاجى ئۆمەر پاتىنتقا ئېرىشكەن«كاشغەر ئۆيى»نىڭ 1:10 نىسبەتكە ياسالغان مودېلى




    موللاجى ئۆمەرــ قەشقەر مىللى مېھمارچىلىق سەنئىتىدە ۋايىغا يەتكەن ياش سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. ئۇ  1962-يىلى 4- ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بۇلاقسۇ يىزىسى ئۆستەڭبويى مەھەلىسىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1977-يىلىغىچە بۇلاقسۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شۇ دەۋىر ياغاچچىلىقىنىڭ تونۇلغان ئۇستىكارلىرى بولغان تۇسناخۇن، روزاخۇنلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ھۈنەر ئۆگەنگەن. 1982-يىلىدىن باشلاپ،ئاتا مىراس ھۈنىرىنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن قەشقەر تاشبازىرىدا ھۈنىرىنى تولۇقلىغان.

    1984 -يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىپ، ھەرخىل ئىشكاپلارنى ياساش، سىرچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر بىلەن شۇغۇللانغان. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلگەن. بۇ تىرىشچان كاللىسى سەگەك ياش،ھۈنىرىنى يىڭىلاش،ئىسلاھ قىلىش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۇرگەنلىكتىن،كەسىپداشلار ئىچىدە تىزلا كۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىغان.

1990-يىللاردىن باشلاپ قەشقەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ،كېشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلەرنى بېزەش ئېستىتىك سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى ھەم مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە خاسلىققا يۈزلەندى.  بۇ پۇرسەتتە ئۇ، قول ئاستىدىكى 10دىن ئارتۇق شاگىرىتلىرىنى يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن،مىللى تۈسى قويۇق،يەرلىك مىمارچىلىق مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە ئىجادىيەت ئۆي-ئىمارەتلىرىنى لاھىيەلەش،ياساش بىلەن مەشغۇل بولغان . ئۇنىڭ ھۈنەردىكى چىنلىقى ـــ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى، سەمىمىي، راستچىللىقى بىلەن ئۆز ئارا سېڭىشىپ، ئۆي لاھىيەلەش بېزەكچىلىكىدە تېخىمۇ مۇكەممەل نەفىسلىك يارىتىپ ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىجادى كامالەتكە يېتىپ، جامائەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

      دەۋرنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئۇنىڭ يەنىمۇ ئىزدىنىشى ئۈچۈن تۈرۈتكە بولغان.ئۇ ئۆزىگە ھەم شاگىرىتلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويغانلىقتىن ئىزدىنىش،يىڭىلىق يارتىش ئىچىدە ئاددى بىر ئۇستىكاردىن ئەل ئىچىدە يېتىشكەن بىر سەنئەتكارغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن كاتتا بايلار ئۇنى ئىزدەپ-سوراپ، مىللى ۋە ياۋرۇپا ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن كاتتا ئۆي(داچا)لىرىنى لاھىيەلىتىش، ياسىتىش، ئىشلىرغا تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان. ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،ئىجاتچان قولى بىلەن قەد كۆتۈرگەن، سەنئەتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان ئىمارەتلەر چوڭ گورۇھ-شىركەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.




      1999-يىلى«شىن لوڭ»شىركىتى ئۇنى قەشقەردىكى تۇنجى ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا-شىن لوڭ كاتتا مېھمانخانىسىنى ياساش-بىزەش قۇرلۇشىغا تەكلىپ قىلدى. 2000-يىلى پۈتكەن بۇ مېھمانخانا بىزىلىشىنىڭ ئالىي تىپلىقى بىلەن ئۇنىڭ داڭقىنى يىراق-يېقىنغا تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن 2005-يىلى مەكىت يول ئاسراش ئىدارىسى مېھمانخانا، پىشايۋان، راۋاق بىر گەۋدىلەشكەن مىللى ئۇسلۇپتىكى مېھمارچىلىق قۇرلۇشىغا خىرىدارلىققا چاقىردى. يىل ئاخىردا تاماملانغان بۇ قۇرلۇش موللاجىنىڭ سەنئەتكارغا خاس ماھارىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئەنە شۇنداق ھۈنەر-تىخنىكا جەھەتتىكى شۆھرەتنىڭ تارىلىشى  2006-يىلى مىراج شىركىتىنى جەلىپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ«مىراج تائاملارئوردىسى»نىڭ ياغاچچىلىق،نەققاشچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ مىراجنىڭ ياغاچچىلىق قۇرلۇشى قىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى، ھازىرقى، ھەم زامانىۋىي سەنئىتى نامايەن بولغان،ئىجادىي،سەنئەت يۈكسەكلىكى دەرىجىسىدە 2008-يىلى 3-ئايدا تاماملاپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان.2009-يىلى كۇچادىكى ئەڭ كاتتا تاماقخانا-«كۈسەن ئوغلانى»نىڭ  ياغاچچىلىق قۇرلۇشى ھۆددىگەرلىكىگە تەكلىپ قىلىندى.يۇقارقى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياسالغان كاتتا قۇرلۇشلار موللاجىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر مېھمارچىلىقىدا نەققاشچىلىق،ياغاچچىلىق،بىزەكچىلىكتە يۇقۇرى سەۋىيە ياراتقان، ماددىي فولۇكلۇرنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى خەلىققە تونۇتتى.




       ئۇ ئۆز تالانتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا يەنىمۇ تونۇتۇش ئۈچۈن 2010- يىلى 40كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ،مىللى ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ جەۋھىرىنى نامايەن قىلغان، يېڭى ئۇسلۇپتىكى«كاشىغەرئۆيى»نى لاھىيەلەپ، مودىلىنى ئىجادىي ياساپ،8-ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قويۇپ،مۇتەخەسىسلەر ھەم خىرىدارلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشتى.بۇ قۇرلۇش مودىلى 2011-يىلى دۆلەت تەرپىدىن پاتىنىتقا ئىرىشىپ، موللاجىغا شان-شەرەپ كەلتۈردى.

     دۆلەت پاتىنىت ئىدارىسى تەرپىدىن پاتىنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن«كاشىغەرئۆيى»ھەققىدە: قەشقەر بىر جەلىپكار شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ، مەدەنىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خاسلىقى مۇكەممەل ساقلانغان، شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قوينىدا ماددى فولكلۇرغا ئائىت نۇرغۇن سەنئەت دۇردانىلىرى،ئاسارە-ئەتىقىلەر ساقلانغان بولۇپ،كاشىغەر ئۆيى شۇلارنىڭ سەمەرىسىدۇر. ئەڭ دەسلەپتە ئالىپتە ياسالغان كاشىغەر ئۆيىنىڭ بىزىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.ئەمما ئىشەنچىلىك ئاسارە-ئەتىقە ئۇچۇرىغا قارىغاندا،ئۇنىڭ تارىخىنى مىڭ يىلدىن ئارتۇق دېيىشكەبولىدۇ. يەنى ئاتاقلىق ئالىم،تىلشۇناس، دۇنيا تۈركىلۇگىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مەقبەرىسى بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئۇندىن قالسا،16-ئەسىردە ھاكىمدار سانسىز مىرزا نامىدا بىنا قىلىنغان ھېيىتگاھ جامەسى مەدىرىسى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. يېقىنقى مەزگىللەرگە نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، 1870-يىللاردا بىنا قىلىنغان،ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان ئەنجان رەستىسىدىكى ئىمارەتلەر،قەشقەردە ھويلا-ئارام مەدەنىيتى تارىخىنىڭ ئۇزۇن،بىزىلىشىنىڭ نەپىس، سىپتا، ھەيۋەتلىك،كۆركەملىكى بىلەن كامىل ھۈنەر-سەنئەتنى، ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.مانا شۇنداق دۇردانىلەردىن ئىلھام ئېلىپ،ئەجداتلار ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلىپ،ئۇيغۇر مېھمارچىلىق سەنئىتىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىرى ئاز ئەمەس. موللاجى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

موللاجى بۇئىشنى ھۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە،قەدىمكى،ھازىرقى دەۋىر قەشقەر ئۆيلىرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان.بۇئارقىلىق زامانىۋىي بولغان «كاشىغەر ئۆيى»نىڭ مۇكەممەل لاھىيەسىنى روياپقا چىقارغان.بۇخىل ئۆي دەرۋازا،قاراڭغۇ دالان، مېھمانخانا، ياتاق ، ئاشخانا، مۇنچا، ھاجەتخانا،ئەگىن،ھويلا،كۇنكىرا،ياكى ۋادەك،باراڭ(بىدىش)،سۇپا،پىشايۋان،ئۆي،باغ قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قوتان-كاتەكلەر ئەگىننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىدە كەم بۇنداق ئالاھىدە تەرەپ، خەلىقنىڭ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى ئاساسىدا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ئەپچىل سەرەمجالاشتۇرۇلغان.

      موللاجى 30يىل مابەينىدە ھۈنەرنى ۋاستە،تەرەققىياتنى نىشان،ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساس نوقتا قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھۈنەر –تىخنىكىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىش بىلەن، سىرچىلىق، ياغاچچىلىق، نەققاشچىلىق بويىچە 300 نەپەردىن ئارتۇق ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىرنى تەربىيلەپ چىقىپ جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇشتى ۋە ئۇلارغا تۇرمۇش يولى تىپىپ بەردى.

       ھازىر ئۇ،قەشقەردىكى بىر تۈركۈم كاسىپلارنى يېتەكلەپ،ياغاچچىلىق،خىش توقۇلمىچىلىقى،گەج-خاچىلىق،كاتتا ئۆيلەرنى زىننەتلەش،ھەشەمەتلىك ياغاچ،بىرىكمە ۋادەكلەرنى ياساش سەنئىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئىش ھۆددىگەرلىك ئورنىنى بەرپا قىلدى.

ئۇ ھەمكارلاشقان كەسىپداشلىرىنى يېتەكلەپ، يەنىمۇ تىرشىپ، ئىجادىي كۇچ بىلەن«كاشىغەرئۆيى»ماركىسىنى يارتىپ،ياساش،بىزەش-زىننەتلەش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەر ئاققۇزماقتا.

ئادىرېسى: شىنجاڭ قەشقەر شەھەر شامالباغ بازارلىق 8- كەنت 1-مەھللە 184-قورۇ

ئالاقىلاشقۇچى: موللاجى ئۆمەر




تېلېفۇن نومۇرى: 13999082040   15214964466





سەنئەتكار موللاجى ئۆمەر



«كاشغەر ئۆيى» نىڭ 1:10 نىسبەتتە ياسالغان مودېلى



موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى



موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى



موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى



موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى



موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى




ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 18:55:03

قولى گۈل ئەدەمكەن ،  ئاپىرىن ،  ھۈنەرنى سەنئەت دەرىجىسىگە يەتكۈزۈپتۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 19:07:50

بىنا ئۆيدىن قۇتۇلغاندا (ئالدىنقى شەرت پۇل تاپقاندا ) مۇشۇنداق بىر داچا سېلىۋالسا ئادەم....  {:90:}

adwokat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 20:08:00

ئۇستامنىڭ قولى ھەقىقەتەن گۈلكەن .دەرت بەرمىسۇن .

ئۇستىلىرىمىزغا بىرىدىغان تەكلىپ :ئەنئەنىۋى بىناكارلىقنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ھەقىقى ئۇستىلىرىمىز كەسپى ساپاسى ھەم ئادىمىلىك سۈپەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ،بىزلەرنىڭمۇ يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلىۋاتقانلىقىدا گەپ يوق . ئەمما مۇنداق بىر نەچچە مەسىلە بار .

1.بىناكارلىق، ئۆي بىزەك-زىننەتچىلىكىدە قۇرۇلۇشچىلارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ،پائالىيەت شەكلى يەنىلا ئەنئەنىۋى شەكىلدە توختاپ قالماقتا .كۆلەم ھەم كارخانا شەكلى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا يىتىشەلمەيۋاتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن ھاياتى كۈچكە تولغان بىر ئىگىلىك (كەسىپ) ساھەسى تىگىشلىك تەرەققىيات ،ئىجتىمائى ئورۇن ھەم ئىقتىسادى ئۈنۈمدىن قۇرۇق قالماقتا .

2.ماتېرىيال ئىشلىتىش ،ئېچىش جەھەتتە يەنىلا يېڭىلىق يوق .ماتېرىيال دائىرىسى يەنىلا ياغاچ ، گەج،سىر ... دىن يېراق كىتەلمەيۋاتىدۇ .يۈز يىل بورۇن قانداق ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولسا، ھازىرمۇ شۇ. ساپال-كۇلالچىلىق، تاش ئويما دېگەندەك ئەسلىدە ئەنئەنىۋى مىمارچىلىق بىلەن ئىنتايىن چىقىشىدىغان ساھەلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئۆتۈشۈش يوقنىڭ ئارىلىقىدا . تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى بولغان بىزەكچىلىك كەسپى ئاشۇ كەسىپلەرنىڭمۇ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلىگەن بولسا ئىنتايىن ياخشى بولاتتى.

....

يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىللى بىزەكنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا كۆڭۈلدىدەك ئەمەس . يېڭى ماتېرىياللار، تېخىمۇ ئەرزان ،تېخىمۇ چىداملىق ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشى يېتەرلىك ئەمەس ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا ، تەننەرخ ئۇمۇميۈزلۈك يۇقۇرى . بۇنىڭ بىلەن بازار رىقابىتىدىكى ئورۇن پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان . كەسىپ ئەھلىلىرى مۇشۇ جەھەتلەردە كۆپرەك ئىزدىنىپ، يېڭىلىق ياراتقان بولسا ، پۇل دېگەننى ئۇسسۇيدىغان كەسىپتە ئۆزى.

ئەمدى تورداشلار ،كەسىپ ئەھلى بولمىساقمۇ ، بىر ئاددى ئىستىمالچىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ، ئۇستامنىڭ يۇقارقى سۆرەتلەردە بېرىلگەن نەتىجىلىرىنى باھالاپ باقايلى . شۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ پۈتۈن ياكى قىسمەن قۇرۇلمىسىغا باشقا قانداق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ يەنە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولار ؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 08:16:15

ھۈنەرنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت!

تامچى، ياغاچچى پۈتكۈزگەن ئىمارەتلەر، موزدوزنىڭ قولىىدىن چىققان ئۆتۈكتىن ناۋاينىڭ ئەجرىدىن پۈتكەن نان - گىردىلەرگىچە، مىسكەرچىنىڭ بولقىسىدىن پۈتكەن چۆگۈن ساماۋەردىن تۆمۈرچىنىڭ ئوچىقىدىن چىققان چۆمۈچ كەپكۈرلەرگىچە ھەربىرى شۇنداق ئېسىل سەنئەت ئەسىرىكى، چەتنىڭ ئوسۇرۇقىمۇ ئەتىر پۇرايدىغان ماڭقۇرتلار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.

زامان تەرەققىي قىپ كەتتى، ئېھتىياج يوق ، مودىدىن قالدى.. ئۇ،بۇ دەيدۇ لېكىن ئاشۇ ھەر بىر ھۈنەرۋەننىڭ ئەجىر مېھنىتىنى ھېچنىمىگە سېلىشتۇرۇپ بولمايدۇ.

arkan2010 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 12:34:09

يارقىن بەك دۇرۇس گەپ قىپتۇ!

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 08:46:41

لىكىنزە  مۇشۇ ياغاچچىلىقىنى شۇنداق كۈچەپ ئىشلەپ،ھويلا تېمىغا چاپلايدىغان خىشقا (سىجۈەن)ھاجاتخانىغا چاپلايدىغان خىشنى ئىشلىتىپ تۇرۋالدىكەن..بەك تولا كۆردۈم.
بەت: [1]
: موللاجى ئۆمەر ۋە «كاشغەر ئۆيى»