hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 17:52:00

ئىشتىھا نورمالسىزلىقى(سىزىك)[تەرجىمە]

ئىشتىھا نورمالسىزلىقى


(سىزىك)



سىزىك ۋە ئىشتىھا نورمالسىزلىقىدا كۆپىنچە تېۋىپلارنىڭ كۆز قارىشىدا بىرەر پەرق يوق.


سىزىك ناچار غىزالار مەسىلەن، چاپلاشقاق ۋە تۇزلۇق غىزالارنى خاھىشى بۇلىدىغان كېسەلدۇر ۋە ئىشتىھا نورمالسىزلىقى ناچار نەرسىلەر مەسىلەن، سېغىز، كۆمۈر، پارچە - پۇرات نەرسىلەر، ھاك ۋە قەلەيگە ئوخشاش ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەرنىڭ خاھىشى بۇلىدىغان كېسەلدۇر.


مەن بىر ئايالنىڭ كونا پاختىنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. كونا پاختىنى ئىككى جاغلىرى ئارىلىقىدا قويۇپ ھەمىشە چاينايتتى ۋە بەزىدە يۇتۇۋېتەتتى. (نەفىيس)


سەۋەبلىرى: بۇ ناچار خاھىشلارنىڭ سەۋەبى ئاشقازان تارامۇشلىرىغا ناچار ماددىلارنىڭ يېغىلغانلىقى بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئەت ناچار ماددىلارغا قارىمۇ - قارىشى بولغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. (يەنى تەلەپ قىلغان ماددىلار ناچار ماددىلارنىڭ دۈشمىنى بۇلىدۇ.)


مىسال شەكلىدە. . . تەبىئەت ئىشتىھا نورمالسىزلىق كېسىلىدە ئەگەر سېغىز، ھاك ۋە مۇرۇچلارنى ئارزۇ قىلغان بولسا، تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى سېغىز، ھاك، مۇرۇچلار ناچار ھۆللۈكلەر ۋە ماددىلارنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ. ناچار ھۆللۈكلەر، ماددىلار ئاشقازان جەۋھىرىگە يېغىلىدۇ ۋە سېغىز، ھاك، مۇرۇچ قاتارلىقلار بىلەن ناچار ھۆللۈكلەرنى تۈزۈتۈش نەزەردە تۇتۇلىدۇ.


تەبىئەت سېغىز، ھاك، مۇرۇچ قاتارلىق نەرسىلەر تەبىئەتكە خىلاپ بولماي، بەلكى ناھايىتى پايدىلىق ۋە مۇناسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن خالايدۇ. سېغىز، ھاك ۋە مۇرۇچ قاتارلىق نەرسىلەر تەبىئەت خالىغان ھالەتتە ساغلام ھالەتتە ياخشى غىزالار مۇناسىپ بۇلغۇنىدەك، ياخشى غىزالارنى تەبىئەت تەلەپ قىلغاندەكلا مۇۋاپىق بۇلىدۇ. (نەفىيس)


سۇئال: بۇ مەۋقەدە بىرەر ئىزدەنگۈچى بۇ سۇئالنى قىلغانكى، سېغىز ۋە ھاكتىن بەدەن قانداق ئىسلاھ بۇلىدۇ ؟


جاۋاب: بۇنىڭ جاۋابى مەسلەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ناچار ماددىلارغا بولغان خاھىش كۆپۈنچە پەيدا بۇلۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇلىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قاننىڭ كۆپ مىقدارى ھامىلىنى ئۇزۇقلاندۇرۇشقا سەرىپ بۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قان ئۆز تەركىبلىرى ئېتىبارى بىلەن يېتىشمەيدۇ. ناچار ماددىلار تەركىبلىرىدىكى بۇ تەركىبلەر تۇپراق ماددىسىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ سۆڭەكلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ناھايىتى زىيادە سەرىپ بۇلىدۇ ۋە ئانىسىنىڭ قېنىدا بۇ تەركىبلەر ناھايىتىلا ئاز بۇلىدۇ. بۇ كەملىكنىڭ چارىسىنى تەبىئەت قىلىشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سېغىز قاتارلىقلارنىڭ خالاش پەيدا بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە باشقا نەرسىلەرمۇ قىياس قىلىنىدۇ.


ئىككىنجى سەۋەب: بۇلۇۋاتقىنى « بۇزۇق ماددا ئۆزى قانداق ناچار نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ. » خىيالى تەھقىقلىگۈچى ئەربابلارنىڭ كۆز قارىشىدىكى خاتالىقتۇر. مۇشۇنداق ئەللامە نەفىيس ئاشكارىلىغان ۋە ئەبۇ ئەلى ئىبنىسىنانىڭ سۆزىدىن بۇنىڭ كۈچلىنىشى ھاسىل بۇلىدۇ.


بۇ كېسەل ئومۇمەن ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنجى، تۆتىنجى ئايلىرىغىچە بۇلىدۇ. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيىتقاندا، ھەممىدىن زىيادە ھامىلىدار ئاياللاردا بۇ قىسىمدىكى تەلەپ بۇلىدۇ. . . ئۇنىڭدىن كېيىن ھامىلىدار بولمىغان ئاياللاردا. . . ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلاردا. . . ۋە بەزىدە ئەرلەردىمۇ بۇ قىسىمدىكى ناچار قىزىقىش تېپىلىدۇ.


داۋالاش: ئاشقازاننى تازىلاش ئۈچۈن قۇستۇرۇش، دەسلەپتە بېلىق يېگۈزۈپ ھەسەل سۈيى، سىركەنجىبىن، سىركەنجىبىنگە تۇرۇپ چىلانغان بولسۇن. سېرىقچېچەك سۈيى، تۇز، تۇرۇپ ئۇرۇقى مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەر ئايدا بىر -ئىككى قېتىم قۇستۇرۇش. تۇربۇت، بەرەنگى كابىلە، نەپتى تۇزى، ئايارەج ۋە ھەسەل قاتارلىقلار بىلەن ئىچىنى سۈرۈش.


نەپتى تۇزى: قارا رەڭلىك بىر سېسىق پۇراقلىق تۇزدۇر.


ئاشقازاننى كۈچلەندۈرگۈچى جاۋارىشلارنى يېگۈزۈش. جاۋارىشلار رۇم بەدىيان، ھەلىلە، بەلىلە، ئامىلە، مەستىكى، زىرە، جۇۋىنا، لاچىندانە، قاقىلە، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، سوزاپ ۋە ناۋات قاتارلىقلار بىلەن تەييار قىلىنغان بولسۇن.


ئەگەر ناچار نەرسىلەرنى خالاش كۈچلۈك بولسا، ئۇ خاھىشلارنى توختۇتۇىش ئۈچۈن چۈجىلەرنىڭ مايدا قورۇلغان يۇمشاق سۆڭەكلىرىنى (ئىزامى مەشاشىيە) چايناشنى ئېيتىش.


سەدەپسىمان سۆڭەكلەر (مەشاشىيەتۇل ئىزام): سۆڭەكلەرنىڭ يۇمشاق باشلىرىغا ئېيتىلىدۇ. بۇ ساقىلىغۇچىدۇر. سەدەپسىمان سۆڭەكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىكى، ناچار نەرسىلەرنى خالاشنى يوقۇتۇش ئۈچۈن خۇدا بۇ ياخشى نەرسىنى پەيدا قىلغان.


ياكى بەچروڭنىڭ تۇزلاپ قۇرۇتۇلغان گۆشىنى چايناشقا بېرىش. بۇ جۇۋىنا، خۇشپۇراقلىق تەم تەڭشىگۈچى دورا دەرمەك ۋە تۇز سۇۋاپ قۇرۇتۇلغان بولسۇن.


ھامىلىدار ئاياللاردا بۇ كېسەلنى ئۆز ھالىتىدە قويۇپ قويۇش ياخشىدۇر. چۈنكى ئۈچ، تۆت ئايدىن كېيىن كۆپىنچە ۋاقتتلاردا بىرەر داۋالاش قىلماستىن يوقۇلىدۇ.


توخۇ چۈجىسىنىڭ قورۇلغان سۆڭەكلىرىنى چايناش بۇ بابتا ئاجايىپ تەسىرلىكتۇر. (ئىكسىرى ئەزەم)

بەت: [1]
: ئىشتىھا نورمالسىزلىقى(سىزىك)[تەرجىمە]