hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 17:29:01

مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرى:[تەرجىمە]

مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرى: مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئاپەتلىرى ئۇلارنىڭ كۆرۈلگەن ئورنى، ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ھەجمى ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى، خەتەرلىك ياكى خەتەرسىزلىك تۈرلىرى ئىتىبارى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۆسمە مەۋجۇت بولسا ۋە يىڭى بىرەر ئالامەت ئاشكارا بولمىسا، لېكىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى ئاناتومىيە قىلىش بىلەن ئاشكارا بولسا، ئۆسمىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ھەممىسىگە ئومۇمىي ۋە شىرىكلەشكەن نەرسە باش ئاغرىقى بۇلۇپ بۇ كۆپ تېپىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ قىسىمدىكى باش ئاغرىقى تەخمىنەن دائىم بولىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدا كۆپۈنچە ھالەتلەردە بەدەننىڭ تەسىرى بىلەن كۈچۈيۈش-كېمىيىش بولىدۇ، ئاندىن مۇشۇنداق ئاغرىق بەزىدە پۈتۈن باشتا، بەزىدە يېرىم باشتا ۋە بىرەر بىر ئورۇندىلا چەكلىك بولىدۇ. بۇ ئاخىرىقى ھالەتتە كۆپ كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بىمارنىڭ بېشى ئايلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، بەزىدە كۆرۈش نېرۋىسى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كۆرۈش ئاجىزلىقى بولىدۇ ھەمدە نەتىجىدە ئاستا-ئاستا بىمارنىڭ كۆرۈشى تامامەن يوقىلىدۇ. بەزىدە مەيلى ئازراق يىسۇن ياكى يېمىسۇن كۆڭلى ئايلانماي قۇسۇشمۇ بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا تەشەننۇجلىنىدۇ، بۇ بەزىدە قولدىن، بەزى پۇتتىن، بەزىدە يۈزىدىن باشلىنىدۇ، بەزىدە لەقۋا ۋە بەزىدە يارتا پالەچ ياكى تۆۋەنكى بەدەن پالەچلىكى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە پەقەت بىر قول ياكى بىر پۇتلا پالەچلىنىدۇ، مېڭە نېرۋىلىرى ئۈستىگە بېسىم چۈشۈش سەۋەبىدىن خاس ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ، بەزىدە بەش سەزگۈدە نورمالسىزلىنىش، بەزىدە نەپەس ئېلىشتا بۇزۇلۇش پەيدا بولىدۇ، يۈرىكى ئاجىز بولىدۇ ھەمدە تومۇرى ئاجىز ۋە بوش سوقىدۇ.


يۇقارقى مەزكۇر ئالامەتلەر ئومۇمەن تەدرىجىي ئاشكارا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ.


ئۆسمە مېڭە يۈزىنىڭ ئۇ بۆلەكلىرىدە بولغان چاغدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەدەن مۇسكۇللىرىدا ھەرىكەتلىنىش ۋە تارىيىش پەيدا قىلغان بولسا ئومۇمەن ئىككى قىسىم ئالامەتلەرنى پەيدا بولىدۇ. دەسلەپتە مېڭىنىڭ قوزغۇلىشى سەۋەبىدىن مۇسكۇللارنىڭ تارىيىش كۈچى ئاشىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا تەشەننۇج يۈز بىرىدۇ. بۇ بەزى تۇتقاقلىق كېسەللىكىنىڭ تۇتۇشى بىلەن ئوخشاپ بۇلىدۇ.


ئىككىنچى؛ بۇ بۆلەكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى توسۇلۇش سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللار پالەچلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ مەزكۇر يۈزدە ئوخشاشمىغان ئەزالارنى قوزغۇتىدىغان ئايرىم-ئايرىم مەركەزلەر بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى يۈز ۋە تىلنىڭ مۇسكۇللىرىدا تەشەننۇج بولىدۇ. بەزىدە قول، بىلەك ياكى مۆرىنىڭ مۇسكۇللىرىدا ۋە بەزى پۇتنىڭ بارماقلىرى ۋە پاقالچاقنىڭ مۇسكۇللىرىدا تەشەنۇج بۇلۇشتىن باشقا بەزى مەزكۇر ئەزالاردا سېزىمسىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى ئاشكارا بولىدۇ، يەنى بۇ ئەزالار ئىششىيدۇ ۋە ئۇلارغا يىڭنە سانجىلغاندەك سېزىلىدۇ.


مۇشۇنداق ئەگەر مېڭىنىڭ پىشانە تەرەپتىكى قىسمىدا ئۆسمە بولسا، بىمارنىڭ خىيال قىلىش كۈچى نۇرمالسىزلىنىدۇ ۋە سول تەرەپنىڭ ئۈچىنچى قاتلام پىشانە تەرەپكە مايىلراق ئۇرۇندا ئۆسمىنىڭ بېسىمى چۈشكەن بولسا، سۆزلەش قۇۋىتىدە تەڭپۇڭسىزلىنىش بولىدۇ.


ئۆسمە مېڭىنىڭ بويۇن تەرەپكە مايىلراق ئۇرۇندا بولسا بىمارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە تەڭپۇڭسىزلىنىش بولىدۇ ھەمدە كۆپىنچە ئۇنىڭدا نەرسىلەرنىڭ يېرىمنى كۆرۈپ، يېرىمنى كۆرەلمەيدۇ. بەزى ھالەتلەردە بىمار قەتئى ئەما بولۇپ قالىدۇ.


ئۆسمە چىكە تەرەپكە مايىلراق بولسا، بىمارنىڭ گاس بولۇپ قېلىشىنىڭ ئەدىسىشى بولىدۇ، ئەگەر ئۆسمە بېسىمى مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بېسىم پەيدا قىلسا، پالەچ بولىدۇ ۋە يېرىم بەدىنىنىڭ سېزىمى يوقىلىدۇ.


ئۆسمە يۇلۇندا بولغان چاغدا، بەدەنىڭ بىر تەرىپى پالەچ بولىدۇ، ئۈچىنچى مېڭە نېرۋىسى ئۈستىگە بېسىم چۈشۈش سەۋەبىدىن يەنە بىر تەرەپنىڭ كۆز مۇسكۇللىرى پالەچلىنىدۇ، بىمار ئالىغاي بولىدۇ، كۆز قارىچۇقى كېڭىيىدۇ ۋە يورۇقلۇققا ئۇچراشتىن تارايمايدۇ. كېسەللەنگەن كۆز ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ئوبدان كۆرەلمەيدۇ ھەمدە كۆزنىڭ ئۈستۈنكى قاپىقى كۆزنى يۆگىۋالىدۇ.


ئۆسمە ئوتتۇرا مېڭىدە بولغان چاغدا ئالتىنچى نېرۋا ئۈستىنى بېسىش سەۋەبىدىن كۆز ئىچى تەرەپكە ساڭايان بولىدۇ ھەمدە يەتتىنچى نېرۋىنىڭ بېسىلىشىدىن لەقۋا بولىدۇ. سەككىزىنچى نېرۋا ئۈستگە بېسىم چۈشۈش سەۋەبىدىن بىمار گاس بولىدۇ، قايسى تەرەپتە ئۆسمە بولسا شۇ تەرەپتە لەقۋامۇ بولىدۇ، بەدەننىڭ يەنە بىر تەرىپى پالەچ بولىدۇ.


يۇلۇن مەزكىرىدە ئۆسمە بولغان چاغدا بەزىدە پەقەت پالەچ بولىدۇ ۋە توققۇزىنچى، ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى نېرۋا بېسىلىش سەۋەبىدىن ئۇ نېرۋىلارنىڭ پائالىيىتىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولىدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ يۇتۇشدا قىينىلىش ئەھۋالى بولىدۇ، يۈرەك قائىدىسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، نەپەس ئېلىشى قائىدىسىز بولىدۇ، قۇسىدۇ، تىلىنىڭ بىر تەرەپ مۇسكۇللىرى يىگلەيدۇ ھەمدە بىمار ئوبدان سۆزلىيەلمەيدۇ.


ئۆسمە كىچىك مېڭىدە بولغان بولسا بىمار ھاراق ئىچكەن مەستەك ماڭىدۇ ھەمدە مېڭىپ كېتىۋېتىپ ئوڭ-سولغا يېقىلىپ چۈشىدۇ، سەككىزىنچى ۋە ئونىنچى مېڭە نېرۋىسى ئۈستىگە بېسىم چۈشۈش بىلەن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدە بۇزۇلۇش پەيدا بولىدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ بېشى ئاستى تەرەپكە تارتىشىدۇ، پۇتلىرى تارتىشىدۇ ۋە ئېغىزمان مۇسكۇللىرى ئاجىز بولىدۇ.


بۇزۇلۇشنىڭ تەشخىسى: تېۋىپ بۇ گەپنى ئويلىشى لازىمكى، ئۆسمىنىڭ ئالامەتلىرى تەدرىجىي ئاشكارىلىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ ھەمدە ئاغرىق، قۇسۇش، تەشەننۇج ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بۇ مېڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن ئاشكارا بولىدۇ. بۇ باشقا كېسەللىكلەردىمۇ تېپىلىدىغانلىقىنى ئويلاش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كېسەللىكلەردىن مېڭە ئۆسمىسىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم، ئۇ كېسەللىكلەر مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى، بۆرەك كېسەللىكلىرى ھەمدە قوغۇشۇن مولېكۇلىلىرىنىڭ بەدەنگە كىرىشى، (قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش).


مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى: بۇ كۆپىنچە قۇلاق ئىچىدە يىرىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇنىڭدا قىزىتما بولىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ بەدىنىنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇنىڭ بىرەر قىسمىدا يىرىڭنىڭ مەۋجۇتلۇقى تېپىلىدۇ.


بۆرەكنىڭ سوزۇلما ياللۇغى بۇنىڭدا تىندۇرۇلغان سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭدا سۈيدۈك نەيچىسىنىڭ قاسىراقچىلىرى كۆرۈلىدۇ ۋە يۈرىكىدە چوڭىيىش بولىدۇ، قىزىل قان تومۇر دىۋارلىرىمۇ قېلىنلايدۇ.


قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشتىن بولغان قىسمى: بۇنىڭدا قوغۇشۇن مولېكۇلىلىرىنىڭ بەدەننىڭ ئىچىگە تارقىلىش سەۋەبىدىن بىمارنىڭ قورسىقىدا ئاغرىق بولىدۇ، ئىككى قولى پالەچ بولىدۇ ھەمدە چىش مىلىكى ئۈستىدە كۆك سىزىق كۈرىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى مەزكۇر ئالامەت ۋە ئاشكارا بولغان ئىشلاردىن بۇنى ئېنىقلاش ئىنتايىن قىيىندۇركى، مېڭە بوشلۇقىنىڭ بىرەر قىسىمدا ئۆسمە مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەردىن بەزى ۋاقىتلاردا بىر تەۋرىنىپ تۇرىدىغان مۇدۇرچاق ئۇرۇنۇش بىلەن سۇيۇقلۇقنىڭ تاۋۇشى ئاڭلانغاندەك گۇمان پەيدا بولىدۇ. بۇ بەزى غالىپ ۋە كۈچلۈك بولىدۇ، بەزىدە ناھايىتىلا ئاجىز ۋە بەزى تۈرىنى ئازراقمۇ ئىنىقلىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىمارنىڭ يېشى چوڭ بولغان بولسا سەرتان ئۆسمىسىنىڭ گۇمانى بولىدۇ، ئاندىن ئەگەر يەنە بىر ئەزادا سىرتقى سەرتان مەۋجۇت بولغان بولسا بۇ گۇمان چۇقۇم سەرتان دەرىجىلىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ، ئەگەر كىسەل بالىنىڭ يېشى كىچىك بولسا، تۈگۈنچىسىمان مېڭە ئۆسمىسىنىڭ گۇمانى كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن يىلىمىسىمان ئۆسمە ئۈچۈن بىرەر ياش بىلەن باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، ئاشۇنىڭدەك ئەگەر بىمارنىڭ بەزىسىدە سىبلىسنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسىنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۇت بولغان بولسا سىبلىستىن بولغان ئۆسمىسىنىڭ تەسەۋۇرى غالىپ بولىدۇ.


ئاگاھلاندۇرۇش: مېڭە ئۆسمىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىن سەرسام كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى سەرسامغا ئوخشاش خەتەرلىك ۋە ھالاكەتلىك بولىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭدىن نېرۋىلار ئاجىزلىقى، تەشەننۇجلار ۋە قاتتىق ئۇيقۇ كۆرۈلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىمار ئۆلۈپ كىتىدۇ.


atella يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 18:49:14

مۇشۇ مېڭە ئۆسمىسى دېگەن كىسەلنى ئاڭلسىاملا،بەش يىل بۇرۇن  داۋالىتشقا قۇربى يېتىشمەي،ئۆزكېسلىگە تۈزۈكرەك بىر دىئاگونوز قويالماي ئۆلۈپ كەتكەن بىر نەۋەرە ئاكام كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ،(شۇ ۋاقتتا ئەشۇ نەۋرە ئاكاممۇ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەيتى.)

\"\"  \"\"

ئاللاھ ئىمان ئېيتقان بەندىللىرىگە ئامانلىق بەرگەي

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 18:50:44

مۇشۇ مىڭىدىكى ئۆسمىنى داۋالاشقا مۇمكىن بولمايدىغان كېسەل ئوخشايدۇ . رەھمەتلىك داداممۇ مۇشۇ كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىپ تۈگەپ كەتكەن 3 قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىپ نۇر بىلەن خېمىيلىك داۋالىغان بولسىمۇ ئاخىرى يەنىلا ياخشى بۇلالمىدى .

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 22:08:37

61 ياشلىق بىر ئايالنىڭ مېڭە ئۆسمىسى ئوپىراتسىيىسىدىن كىيىن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ياخشىلانغانلىغىنى، ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا سالامەتلىگىنىڭ ياخشى بولۇپ كىلىۋاتقىنىنى، ئەقىل ھۇشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىگىنى بىلىمەن. شۇڭا كىسىپلا مېڭە ئۆسمىسىنى داۋالىغىلى بولمايدۇ دىيىشكە بولماس.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 22:51:08

خەتنى چوڭراق قىلىپ قويۇڭلار

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 11:14:53

بۇ  يەرەد  دىيىلىۋاتقان تەشەننۇجنى قانداق چۈشىنىمىز؟

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 03:15:44

ئەزالاردىكى پەي- مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بەت: [1]
: مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرى:[تەرجىمە]