تومۇر تۇتۇشنىڭ قائىدىلىرى[تەرجىمە]
تومۇر تۇتۇشنىڭ قائىدىلىرى
تومۇر تۇتماقچى بولغاندا ئوڭ قولنىڭ تۆت بارمىقىنى بىمارنىڭ بىلەيزۈك بوغۇمىنىڭ تۈۋىدىكى ھەرىكەتلىك تومۇرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، تىنماي بىر مىنۇتتىن 3 مىنۇتقىچە تومۇرنىڭ قانداق سوققانلىقىنى كۈزىتىپ، تومۇرنىڭ ھالىتى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەرنىڭ قايسى بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىغا قاراپ بىمارنىڭ مىزاجىغا ھۆكۈم قىلىش لازىم:
(1) بىمارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، تېز- تېز سوقۇپ ئۈستىگە تېپىشى كۈچلۈك بولسا، بىمارنىڭ مىزاجىدا سەپرا خىلىتىنىڭ ئاشقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
(2) تومۇر ئىنچىكە بولۇپ، ئاستا- ئاستا سوقسا، تېگى تەرەپكە ئۇرۇشى كۈچلۈك بولسا سەۋدانىڭ غالىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
(3) بىمارنىڭ تومۇرى توم، توغرىسىغا ئۇرۇپ ئاستا- ئاستا سوقسا، بۇ بىمارنىڭ مىزاجىدا بەلغەم خىلىتىنىڭ ئاشقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
(4) بىمارنىڭ تومۇرى توم، گەۋدىلىك بولۇپ، تېز- تېز سوقسا تومۇرنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشى كۈچلۈك بولسا، بۇ قاننىڭ غالىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قان ھۆل ئىسسىقتۇر.
(5) بىمارنىڭ تومۇرى يىلاندەك تولغۇنۇپ، چۆمۈلە ماڭغاندەك سالسا، بۇ بەدەندە قۇۋۋەت قالمىغانلىقىغا، ئۆلۈم خەۋپىگە دالالەت قىلىدۇ.
(6) تومۇر توختىماي رىتىملىق يىلۋىراق سالسا، بۇ تەن ساقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
(7) بىمارنىڭ تومۇرى بىر تېزلىكتە سوقۇپ، بىر توختاپ بىر سالسا، بۇ خىل تومۇرمۇ ئۆلۈم خەۋپىنىڭ ئالامىتىدۇر.
بۇ مۇنبەردىكى بويتاقلارغا شۇنداق بىلىم بولسا بولاتتى. قايسى تىلدىن قىلغان تەرجىمە ئىكەن؟ ئۇيغۇر تېبابەت نەزىريەسىدىكى بايانلارغا ئوخشاپ كېتىدىكەن يا.
(7) بىمارنىڭ تومۇرى بىر تېزلىكتە سوقۇپ، بىر توختاپ بىر سالسا، بۇ خىل تومۇرمۇ ئۆلۈم خەۋپىنىڭ ئالامىتىدۇر. ماۋۇ گەپنى ئىبنى سىنامۇ دەپتىكەن، مېنىڭ ئالدىمدىنمۇ بىر قېتىم ئۆتكەن.
چاغاتايچىدىن قايسى ھەكىم قالدۇرغان ئىكەن؟
بويتاقلارنى تېزملايدىغان ئىش بامۇ بۇ مۇنبەردە. بولسا مىنىمۇ قوشۇپ قويۇڭلا. تۇمۇر بىرسىلىپبىرسالماي ئاتلاپسۇقۇشى يۈرەكرىتىمسىزلىغى دىيىلدۇ .بۇنىڭ تۈرلېرى كوپ . بەك سۇقمايقالساپۇرچاقئەپەندىمدەك توكتەپكۈزىدۇ ئالدىراش قۇتقۇزۇشتا .
![\"\"](\"images/face/qq/003.gif\"/)
1- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قىزلارنىڭ تومۇرىنى قانداق تۇتساق بولار؟
بۇ مۇنبەردىكى بويتاقلارغا شۇنداق بىلىم بولسا بولاتتى.
دۇنياۋى چوڭ سوئالدىن بىرنى قۇيۇپسىز جۇمۇ ؟؟؟؟
![\"\"](\"http://www.izdinix.com/plugins/emoticons/28.gif\")
7- قەۋەتتىكى ukar-asنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوبدان قېرىندىشىم ھەزرەت جانابلىرى، «چاغاتايچىدىن» دېمەي، «چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلىدىن» دەپ ئاتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەتukar-as ئەپەندىم.
زاغرا تىلدا چالا- بۇلا سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان ئادەممەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي. چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلىدىن.....