ئۇيغۇر خەلق تەمسىللىرى لازىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇر خەلق تەمسىللىرىدىن ( زاتەن ھايۋانلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن تەمسىل ئېتىلگەن تۇراقلىق ئىبارىلەردىن) يىغىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ يۈزدىن قېرىنداشلارنىڭ بىلگەن تەمسىللىرىنى ئىزاھاتى بىلەن قوشۇپ بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن. قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخش l!دىمەكچى بۇلغىنىڭىز ئىت ھۇرەر، كارۋان يۇرەر. كالىنىڭ مۇڭگۇزىگە ئۇرسا تۇيۇقى سىقىراپتۇ، تۇلكە ئىنىغا ئۇرسا قۇتۇر بۇلۇر،، تۇشقاندەك يۇز يىل ياشىغۇچە ،يۇلۋاستەك بىر يىل ياشا ،دىگەندەك تەمسىلما ؟ مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام.
غازنىڭ گۆشىنى يىسەڭ ئۇنىڭ پىيىدە بول.
ئات ئايلىنىپ ئۇقۇرىنى تاپار.
مەندە كىتابى بار ئىدى.ئىزدەپ باقاي.بولسا سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي..
ئۆتكەندە بىر توردا ئابدۇكېرەم ئابلىزنى مۇشۇ ھايۋانلارنى مىسال قىلىپ ئادەم تىللايدىغان بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئادەتنى ئاساسىي تېما قىلىپ بىر ئېتوت ئىشلەش ئويۇم بار، دېگەندەك ئۇچۇرنى كۆرگەندەك قىلىمەن. سىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىرەر ئەسەرگە خام ماتېرىيال قىلامسىز نېمە؟ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق
غورلاينىڭ قانىتىغا قان تەگسە ئۆلۈپتۇ
مالغا بۆرە كەلسە، ئىتنىڭ چىشقىسى كەپتۇ
ئۆيدە ئەركىشى بولمىسا ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان
يىلاندىن قورققان، يۈز يىلغىچە ئارغامچىدىن قورقار
تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسۇن
تۇخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ
قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن
كۈچۈگۈم، كۈچۈگۈم دېسە بىر نېمىسىنى چىقىرىپتۇ
پىلدەك كۈچۈڭدىن قىلدەك بىلىم ئەلا
ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق
ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا
يامان يولۋاس يولدا يېتىپ، شىرغا يول بەرمەس
ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمىنى
مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى
ئىشەك ئۆلسە كۆتى غىجەك تارتىپتۇ
ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، قازىنىم نەزىر
مەككىگە بارغان ئىشەك ھاجى ئەمەس
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالماق
ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر، ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى قان ئېتەر
كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ
ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۆزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ
كېلەدەك ئاغزىنى ئېچىپ تۇرماق
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا
موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە
مەنزىل : http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44273 ئۆچكىنىڭ كۈندە ئوچۇق يۈرسە گەپ يوق،قوينىڭ بىر كۈن ئېچىڭ قالسا ھايت-ھۇيت.
ئىشنى قىلساڭ مەھكەم قىل، ھەرگىز پۇختا بولمىسۇن
6- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىشنى قىلساڭ مەھكەم قىل، ھەرگىز پۇختا بولمىسۇن
تاماق يېسەڭ جىق-جىق يە، ھەرگىز قورساق تويمىسۇن
يەنە لازىم بولسا:
نەگە بارىسەن قاغا،
ئەركەشتامدىكى يارغا.
كۆزۈم تويسا تويغاندۇ،
يۈرەكىم قانمىدى يارغا.
چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ،
يايرىم ئويغانسۇن.
قوللارىدىن تارتىپ ئالاي،
چۆچۈپ ئويغانسۇن.
ئاق بوز ئاتىم، ئاق بوز ئاتىم،
يايلاڭنى كۆرسەت.
بۈگۈن كېچە يار قېشىغا،
يەتكۈزگىن تېزراق.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
قىزىلگۈلۈم، قارچۇغانىڭ بالاسى،
قانداق قىلاي، ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى.
لاچىن بولۇپ ئۇچتۇممەن،
كۆل بويىغا چۈشتۈممەن.
تەلىيىمنىڭ يوقلۇغىدىن،
بىر نادانغا چۈشتۈممەن.
قارلىغاچ قارا بولۇر،
قانىتى ئالا بولۇر.
نادانلىقتا تۇتقان يار،
بېشىڭغا بالا بولۇر.
بۇلبۇلۇڭ بولاي يايرىم،
باشىڭغا قۇناي يايرىم،
ئۆتەر يولۇڭغا باش قويۇپ،
بۇ جاندىن كېچەي يايرىم.
... خەلق قوشاقلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ئۆزۈممۇ ھوزۇرلىنىپ كەتتىم دېسە ماۋۇ قوشاقلارنى يازغاچ رەھمەت! دىمەكچى بولغىنىم دەل يۇقارقى قېرىندېشىمىز باشتا كۆرسەتكىندەك تەمسىللەر. يەنە بولسا ئىزاھاتى بىلەن قوشۇپ قالدۇرۇپ قويساڭلا! ئەچكە جاڭگال توخا داڭگال چۇشەيدۇ.
بىزنىڭ بويتاق زىتەيلاڭ خوتۇن چۇشەيدۇ {:90:} {:92:} مۇھەممەت رەھىم تۈزگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى توپلىمى
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/20563132.html تۈلكە ئاكاڭ قىلمىغىلى ئۈچ كۈن بولدى ناشتا،
بىر خىيالى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا. لاچىن ئۇچۇپ ھېرىپ قالغاندا ،قۇشقاچقا كۈلكە. چاشقان ئۆلسە ،مۈشۈك ھازا تۇتۇپتۇ.
ﺋﯧﺸﻪﻙ ۋاستە قىلىنغان ماقال - تەمسىللەر (101) مۇشۇ بانادا مەنمۇ يىغىۋالاي.. كۆپچىلىككە رەھمەت! تۈلكە ئاكاڭ قىلمىغىلى ئۈچ كۈن بولدى ناشتا،
بىر خىيالى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا.
دەپ يۈرمەڭلار زىيالىدا@ziyali خىيال باشقا،
بىلسەڭلار ئۇ كۆز تاشلىغان، تۇرپاندىكى قەلەم قاشقا.
ما ئىنكاسنى كۆرەر بولسا، سېغىنىشتا كۆزى تولار ياشقا.
17- قەۋەتتىكى rufineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈلكە ئاكاڭ قىلمىغىلى ئۈچ كۈن بولدى ناشتا،
بىر خىيالى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا.
دەپ يۈرمەڭلار زىيالىدا@ziyali خىيال باشقا،
بىلسەڭلار ئۇ كۆز تاشلىغان، تۇرپاندىكى قەلەم قاشقا.
ما ئىنكاسنى كۆرەر بولسا، سېغىنىشتا كۆزى تولار ياشقا.
زىيالى سىرلىرى ئەمدى ئېچىلدى ئۇشبۇ ئىنكاستا،
چۈشەندۇق شۇڭا بويتاقكەن كۆڭۈل بەرگەچ قەلەم قاشقا.
قۇساق توق بولسا ھەركىمنىڭ ئىشتىھا يوق بۇلۇرئاشقا،
شۇيەڭلىغ مەيلى تارتماپتۇ (يولوچى) لارنى ئالداشقا.
ۋەبەلكىم يوق بولسا كىرەك ۋاقىتمۇ باشنى قاشلاشقا.
18- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
17- قەۋەتتىكى rufineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈلكە ئاكاڭ قىلمىغىلى ئۈچ كۈن بولدى ناشتا،
بىر خىيالى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا.
دەپ يۈرمەڭلار زىيالىدا@ziyali خىيال باشقا،
بىلسەڭلار ئۇ كۆز تاشلىغان، تۇرپاندىكى قەلەم قاشقا.
ما ئىنكاسنى كۆرەر بولسا، سېغىنىشتا كۆزى تولار ياشقا.
زىيالى سىرلىرى ئەمدى ئېچىلدى ئۇشبۇ ئىنكاستا،
چۈشەندۇق شۇڭا بويتاقكەن كۆڭۈل بەرگەچ قەلەم قاشقا.
قۇساق توق بولسا ھەركىمنىڭ ئىشتىھا يوق بۇلۇرئاشقا،
شۇيەڭلىغ مەيلى تارتماپتۇ (يولوچى) لارنى ئالداشقا.
ۋەبەلكىم يوق بولسا كىرەك ۋاقىتمۇ باشنى قاشلاشقا.
كىم دەيدۇ ھوي زىيالىنىڭ لايىقى بار تۇرپاندا دەپ،
تۇرپان ئەمەس كورلىتىغۇ ئۇ قىزچاقنىڭ يۇرتى ئەسلى.
قالايمىقان بىلجىرلىشىپ قايمۇقتۇرۇپ قويۇشماڭلار!
ئاران بىر ئوڭشاي دىسە قېتىپ كەتكەن بۇ باشىنى.