بۇ مەسىلىنى كىم يېشەلەيدۇ؟
توداشلار مەن بىلىكتا ، تۆۋەندىكى بىر مەسىلىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ. ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدىم. ئاراڭلاردا ھەل قىلالايدىغانلار بارمۇ ؟
چەكسىز يىلتىزلىق ئىپادا نىڭ قىممىتىنى تېپىڭ.
بۇنىڭ نەتىجىسى چەكسىز چوڭ بولار. بۇ مەسىلىدىن بىرەر قانۇنىيەت چىقسىغۇ كاشكى فورمۇلا تۈزەيدىغانلار چىقاتتى، قارىسام ھىچ بىر قانۇنىيەت يوق....
نەتىجىسى لازىم بولسا مەن Excel دا ھېسابلاپ چىققان نەتىجە :9.688232
ماتېماتىكىلىق يېشىش يولىنى تەھلىل قىپ باقاي.
4- قەۋەتتىكى Nijatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەتىجىسى لازىم بولسا مەن Excel دا ھېسابلاپ چىققان نەتىجە :9.688232
ماتېماتىكىلىق يېشىش يولىنى تەھلىل قىپ باقاي.
Excel دا رادىكاللىق ھېساپلاشنى ئىشلەشتىن تەلىم بەرسىڭىز.
ئىككىنجى دەرىجىلىك يىلتىز چىقىرىشقا ()SQRT فونكىسىيسىنى ئىشلىتىمىز. باشتا ئەمەلنى خاتا كۆرۈپ قاپتىمەن. (ئاۋۋال قوشۇپ ئاندىن كۆپەيتىپتىمەن)
ھازىر ھېسابلاپ كۆرسەم 4 چىقتى. ئەڭ ئىچىدىكى ساننى n دېسەك
sqrt(n+n-4)=x1
sqrt((n-1)+(n-4-1)*(x1))=x2
.......................................
sqrt((n-i)+(n-4-i)*(xi))=x(i+1
i نى n دىن 1گىچە قىلىپ ھېساپلىساق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. مۇنداق ھېسابلاڭ ، بۇ بىر چەكسىزلىك تەڭلىمىسى بولغانىكەن ، نەتىجىسى 3 خىلدىن باشقىسى ئەمەس ، ئۇلار 0 ياكى مەلۇم بىر سان ئا ياكى چەكسىزلىك .
1. ئىپادىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا 0 شاللاندى.
2. بۇ سوئالنى چوقۇم بىر ئەقىللىق ئادەم چىقارغان (ياخشى گۇمان قىلغاندا) ئۇنداقتا چەكسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
3. ئۇنداقتا بۇ پەقەت چەكلىك بولغان بىر سان ئا .
دېمەك ، ئىپادىدىكى ن مەلۇم بىر قىممەتتىن ئۆتكەندىن كىيىن يەنى ن+1 ، ن+2 ... لەردىمۇ ئىپادىنىڭ قىممىتى پەقەتلا بىر سان دەپ پەرەز قىلىمىز . ئۇنداقتا دەسلەپتىكى سان 8دىن باشلىنپ 2دىن چوڭىيىپ باردىكەن، تەڭ ئايرىمىلىق سان شەكىلەندۇردۇ،
مىنىڭچە لىمىنىت پايدىلانساق بولغۇدەك، بۇنىڭ مۇقىم قىممىتى يوق، پەقەت بىر ساننىغا چەكسىز يىقىنىلىشىدۇ. مىنىڭچە ئۇسىتىدىكى ئاۋۇ رەسىم نەق جاۋابى ئىكەن بىلىكتە بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بوپتۇ . كۆرۈپ بېقىڭلار:
بۇ يەرگە يوللىسام رەسىملىرى نورمال كۆرۈنمىدى . ئەسلى ئادرىستىن كۆرۈڭلار
http://bbs.bilik.co/thread-24567-2-1.html
جاۋاب لازىممۇ جەريانمۇ؟ پەقەت جاۋاب لازىم بولسا مۇنۇ ئۇسۇل ئۈنۈملۈك:
بۇنداق مەسىللەرنى ئىندوكسىيە ئۇسۇلىدا خۇلاسىلەپ ھىسابلايمىز.(ئىندوكسىيە ئۇسۇلى دىگىنىمىز چەكلىك مىساللاردىن پايدىلىنىپ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش جەريانى بۇلۇپ ، ئادەتتە يەكۈن چۇقۇم توغرا بۇلۇپ كېتىشى ناتايىن.بىراق كۆپىنچە توغرا بۇلۇپ چىقىدۇ)
ئاۋاال بىر يىلتىزكۆرنۈشىنى ھىسابلايمىز(2.449)،ئاندىن ئىككى يىلتىزكۆرنۈشىنى ھىسابلايمىز(3.36)،ئاندىن ئۈچ يىلتىز كۆرنۈشىنى ھىسابلايمىز(3.724)،ئاندىن تۆت يىلتىز كۆرنۈشىنى ھىسابلايمىز(؟)....،يەنە ئاندىن ئالتەيىلتىز كۆرنۈشىنى ھىسابلايمىز(3.9746).....مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرمىز،ئاخىردا خۇلاسە چىقىرمىز .
جاۋابى : 4 بولىدۇ.