[بىلەت تاشلاڭ] ئەقىللىقمۇ ئەقىللىكمۇ؟
بىلەت تاشلاپ قويارسىلەر
ئۇلانمىسى
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44306 بۇ يەردە ھېچكىم «ئەقىللىك»گە بېلەت تاشلىمىسا كېرەك.
بۇ بېلەت تاشلىشىمىز بىر قانداق شامال پەيدا قىلالارمۇ؟
نىمە ۋەجىدىن . تىل يىزىق كومېتتىغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟
ھەممە ئادەم ئەقىللىق ئىكەنلىكنى بىلدىغان تۇرسا ماۋۇ تېما ئەخلەت ئىنكاس بىلەن توشۇپ كەتسە مەيلى
ئەمما يىڭى ئىنكاس قايتۇرۇلغان تېمىلار قاتارىدا ئىككىنچى بەتكە ئۈتۈپ قالمىسا
خالىغان ۋاقىتتا ئىنكاس يېزىپ كۈتۈرۈپ قويارسىلەر
بولسا بۇ تېمىغا كىرگەن تورداشلار بىلەت تاشلاپ قويارسىلەر
رەھمەت ئەقىللىق دىگەن ئەقىلگە لىق تولغان كىشى دىگەن گەپ،شۇڭا ئەقىللىق دەپ ئېلىش توغرا مەقسەت شامال پەيدا قىلىش ئەمەس
بىرەر ئورگانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەمەس
پەقەت ئۇيغۇردىن قانچە پىرسەنت ئادەم ئەقىللىك دەپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچىمەن
ئىشقىلىپقۇ مەن كىم قانداق ھۈكۈم چىقىرىشىدىن قەتئى نەزەر ئەقىللىق دەپ ئىشلىتىۋېرىدىكەنمەن
ئۇيغۇر تىلى يېزىقى ئىملاسىغا قارىسۇن ياكى قارىمسۇن ئوخشاشلا «ئەقىللىق» ئاتالغۇسىنى مۇشۇنداق يازىدۇ.
شىنلاڭ تورىدا بەلەت تاشلاتقۇزساق بەلكىم «ئەكىللىك» يۇقىرى چىقىشى مۇمكىن. «تىل -يېزىق كومتىتىدىكىلەر » ئاۋۇ «ئەكىللىك»نى «ئەقىللىك» دەپ خاتا يىزىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. زىيالى بولسا مۇشۇ خىلدىكى خاتا كىتىۋاتقان ياكى كەتمەكچى بىرنەچچە سۆزگە بىراقلا بېلەتلىك تېما قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن...ئا تېمىدىكى ئاسلانلاش، ئۇندىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىمىزدا ئاتىلىۋاتقان مېنىستىرلىق، مىخاينىزىم ...دىگەندەكلەرنى.... بۇنداق بىمەنە بىر مەسلىگە بېلەت تاشلىماي دېگەن ئىدىم، ئەپسۇس تاشلاپ قويدۇم.
9- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
زىيالى بولسا مۇشۇ خىلدىكى خاتا كىتىۋاتقان ياكى كەتمەكچى بىرنەچچە سۆزگە بىراقلا بېلەتلىك تېما قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن...ئا تېمىدىكى ئاسلانلاش، ئۇندىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىمىزدا ئاتىلىۋاتقان مېنىستىرلىق، مىخاينىزىم ...دىگەندەكلەرنى....
بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىسى قانداق بوپ كەتتى؟

مىنىستىرلىك
مىخانىزىم
يې ھو ....
11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
زىيالى بولسا مۇشۇ خىلدىكى خاتا كىتىۋاتقان ياكى كەتمەكچى بىرنەچچە سۆزگە بىراقلا بېلەتلىك تېما قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن...ئا تېمىدىكى ئاسلانلاش، ئۇندىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىمىزدا ئاتىلىۋاتقان مېنىستىرلىق، مىخاينىزىم ...دىگەندەكلەرنى....
بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىسى قانداق بوپ كەتتى؟
مەنچىمۇ توغرىسى سىز دىگەندەك ...
مىنىستىرلىك
مىخانىزىم
كىم دېگەن بولغىيتى ھەممە ئۇيغۇر ئەقىللىك دەيدىغان بوپكەتسىمۇ مەن ئەقىللىق دەۋېرىمەن دەپ، مەنمۇ شۇنداق..



لىك بىلەن لىق قوشۇمچىللرىنىڭمۇ قائىدىسى باردۇ بىرلىككە كەلگەن. مەن چوڭ بولۇپ ھازىرغا كەلگۈچە كىتابلاردا «ئەقىللىق» دەپ ئۇچىرتىپ كېلىۋاتىمەن.
«گۈزەللىك» توغرا، «گۈزەللىق» خاتا
«چىرايلىق» توغرا، «چىرايلىك»خاتا
«سېمىزلىك» توغرا «سېمىزلىق» خاتا
بۇلاردىن قانداق قائىدە چىقدىغان بولغىتى!
قارىسام «گۈزەل+لىك» گۈزەللىك نىڭ توغىرلىقىدىن «ئەقىل+لىك» ئەقىللىك نىڭكى توغىرلىقىنى چىقارغىلى بولامدۇ قانداق؟! چۈنكى ھەر ئىككى «گۈزەل» بىلەن «ئەقىل» نىڭ ئاخىرقى «ل» ھەرىپى ئوخشاش ئەمەسمۇ! توۋا ئەگەر ئەقىللىق توغرا بولسا مۇشۇ قائىدە بويىچە «گۈزەللىق»مۇ توغرا بوپ قالىدىكەن. تېخى بايىلا ،ئويغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى سىتاتىستىكىلاش جەدىۋېلى تولدۇرىدىكەنمىز دەپ بىر جەدۋەل كەلدى ئالدىمغا، قارىسام 4 بەت مەزمۇننىڭ ھەممىلا يىرىدە ئىشلەۋاتقان يىرىڭىزدە، ئائىلىڭىزدە قايسى تىل ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدۇ؟ خىزمەت ئورنىڭىزدا ئۇيغۇرلارلا بارمۇ يا باشقا مىللەتلەر بارمۇ؟ قوش تىلى مائارىپىغا قانداق قارايسىز؟ ئەگەر ئۆگۈنۈش توغرا كەلسە قايسى تىلنى تاللايسىز؟.................. دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللار بار ئىكەن. ئۆز ئەمىليىتىمدە نىمە بولسا شۇنى تاللاپ تولدۇرۇپ قويدۇم. ئادەتتە مىنىڭ ئائىلە ۋە خىزمەت مۇھىتىم شۇ دەرىجىدە ساپ بولغاچقا. ئاپتۇماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالساممۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىمەن.ئاڭلىسام پۇل ئالغۇدىكى تىلنىڭمۇ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى سىتاتىستىكىلىنىپ تۇرامىش.