agah يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 08:41:26

كەمپىت ياساشتىن تاماكىنىڭ بۇلۇتىغىچە (چوشقا تەركىبلىك مەھسۇلاتلار)[تەرجىمە]

چوشقا مەھسۇلاتلار



چوشقىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەردور


شىنلاڭ تورى پەن-تېخنىكا قانىلىنىڭ 18-نۇيابىردىكى خەۋىرى ئەنگىلىيەنىڭ ‹كۈندىلىك پوچتا› گىزىتىدە تۆۋەندىكىدەك بىر مالۇمات بىرىلگەن .


سىز تەملىك سۈرلەنگەن چوشقا گۆشى قاتلىمىسى يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا چوشقا ئۆز ھاياتىنى قۇربان بىرىش بەدىلىگە سىزنى مەزىلىك ئەتتىگەنلىك تاماقتىن ھوزۇرلاندۇرىۋاتقان بولسىمۇ  . سىز چوشقىنىڭ گۆشىدىن باشقا جايلىرىنىڭ نەلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن .

29ياشلىق كىرىستىن مىندىسمان ئىسىملىك بىر يازغۇچى چوشقىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىنىڭ نەلەرگە ئىشلىندىغانلىقىغا قىزىقىپ قاپتۇ ھەمدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى باشلاپتۇ .ئۇ ‹ھەممىڭلارغا ئوخشاش مەنمۇ چوشقىنىڭ قۇشخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈردىغانلىقىنى

بىلمەيمەن .شۇڭا مەن بىر تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولدۇم .شۇنىڭ بىلەن مەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ

خوجايىنى بولغان بىر دوستۇمنى ئىزدىدىم ،ئۇ
بىر چوشقىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشۈمگە قوشۇلدى .


كىرىستىن ئىز قوغلاش جەريانىدا شۇنى بايقايدۇكى،قۇلىقىغا سېرىق رەڭلىك 05049 نومۇرلۇق ھالقا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دانە چوشقا  ئاخىرىقى ھېساپتا 185خىل ساھەگە ئىشلىتىلىدىكەن ،كەمپىت ياساش ۋە چاچ سوپۇنى ياساشتىن  تارتىپ بولكا ياساش،بەدەن سۈرتۈش مېيى،پىۋا ۋە مىلتىق ئوقى ھەممىسى چوشقا بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن .كىرىستىن :مەن بىر ئادەتتىكى چوشقىنىڭ نەقەدەر كەڭ

كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى بىلىپ قاتتىق چوچىدىم .بۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىم شۇكى چوشقا بىر ئادەتتىكى

ھايۋان بولۇپلا قالماي بەلكى بىر سانائەت خام ئەشياسى يەنى بىر خىل كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغان

سانائەت خام ئەشياسى دىگەن قاراشقا كەلدىم .


 شۇنى بايقىدىمكى ،بۇ چوشقىنىڭ 4.9قاداق يەنى 2222 گىرام  يېرى كاۋچۇكسىمان كەمپۈت ياساشقا ،2177گىرام يېرى چۈچۈك بۇيا جەۋھىرى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن ھەمدە بۇ جەريانىدا چوشقا تېنىدىكى

كوللاگىن ماددىسى ئايرىپ ئېلىنىپ ئاق سۈزۈك يىلىمغا ئايلاندۇرۋېلىندىكەن .بۇ ماددا يىمەكلىك سانائىتىدە

ئۇيۇتقۇچى ماددا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن .ھەممە كەمپىتلەردە بۇ ماددا بولمىسىمۇ لېكىن كۆپىنچە كەمپىتلەردە بۇ ماددا بار ئىكەن .ھەرقايسى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان داڭلىق ماركىلىك كەمپىتلەرگە كەڭ كۆلەمدە

ئىشلىتىلىدىكەن .چوشقىدىن ئېلىنىدىغان ئاق سۈزۈك يىلىم كەمپىتلەرگىلا ئىشلىتىپ قالماستىن بەلكى پىۋا،

ئۈزۈم ھاراق ۋە مىۋە شەربەتلىرىنى ئىشلەشتە سۈزۈلدۈرگۈچى ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن .بەزى ماروژنا ،سۈنئىي

قايماق ،زاۋۇت قېتىغى ۋە سۈنئىي سېرىق ماي ياساشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىكەن .  


مېنى ئەڭ چوچۇتقىنى بولسا ،ئاغرىق پەسەيتىش دارىسىدىن تارتىپ،كۆپ خىل ۋىتامىن تولۇقلاش تابلىتكىسىغىچە ھەمدە نۇرغۇن دارىلارنىڭ تەركىبىگە چوشقىدىن ئېلىنىدىغان ئاق سۈزۈك يىلىمنى ئىشلىتىشى بولدى .بەزى ساغلاملىق بويۇملىرى ۋە پەرداز مەھسۇلاتلىرى چوشقىدىن ئىشلەنگەن ئىكەن .چوشقا مېيى كىسلاتاسى

يەنە بەدەن ئۇۋىلاش مايلىرى ،  ئۇپا تەگلىكى ۋە قورۇقنى يوقىتىش مېيى ياساشقا ئىشلتىلىۋېتىپتۇ.

چوشقا مېيىدىن چەككىلەنگەن گىلىستىرىن يەنە ھەرخىل چىش پاسلىتىرىنىڭ موھىم تەركىبى قىسمىكەن .


گوللاندىيەلىك كىرىستىن ئىسىملىك بۇ خانىم بەزى شېركەتلەر ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلمىغانلىقىنى ئېيىتتى . بەزىلىرى ھەتتا ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدە چوشقا گۆشىدىن ئېلىنغان ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .بۇ خۇرۇچلارنىڭ تېشىغا  نەدىن كەلگەنلىنى يېزىپ قويماسلىق ئەھۋالى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ھەتتا چوشقا ماددىسىنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .يىمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگەللەشكە قارىغاندا ،ھەر قايسى زاۋۇت كارخانىلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىۋاتقان ئاق سۈزۈك يىلىمنىڭ چوشقىدىن ئېلىنغانمۇ ياكى باشقا ھايۋاندىنمۇ بۇ ئەھۋالنى يېزىپ قويۇش قانونىي مەجبورىيىتى يوق ئىكەن .ئەگەر ئۇلار مەھسۇلات تېشىغا ئاق سۈزۈك يىلىم بار

دەپ يېزىپ قويۇلسا ئىستىمالچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چوشقا يىلىمى كېلىدىكەن .ئەھۋالدىن

قارىغاندا كارخانىلار تەننەرخىنى تىجەش ئۈچۈن ئەزان چوشقا يىلىمىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇش

ئۇسسولى بىلەن ياپقان ئوخشايدۇ .60يىللىق چوشقا بېقىش تەجىربىسىگە ئىگە ھەمدە ئەنئەنىۋى كۆپەيتىش

ئارقىلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شېركەتنىڭ خوجايىنى ھەمدە ئەنگىلىيە چوشقا

بېقىش ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ ئەزاسى رىچارد.لوۋىچ چۈشەندۈرۈپ،بۇنداق قالايمىقان ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىق چوشقا بېقىش سانائىتىنىڭ كۆلەملىشىپ كەتكەنلىكىدە دىدى .

ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈپ،ئەنگىلىيەدە چوڭ كۆلەمدىكى تاۋارلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئۆزلىرى باققان

چوشقىسىنى چوڭ تىپتىكى قۇشخانىلارغا ئاپىرىپ سويغۇزىدىكەن .قۇشخانىلار بولسا چوشقىنىڭ قوشۇمچە

يەرلىرىنى سېتىپ چىقىرىشكە بازار ئىزدەيدىكەن .سېتىپ چىقىرىپ بولالمىسا چوقۇم تاشلىۋېتىشكە

مەجبور ئىكەن .شۇڭا ئامال بار ھەممىسىنى سېتىۋېتىشنى ئۇلار ئەڭ موھىم دەپ بىلىدىكەن .

مۇنداق كونا بىر گەپ بار :‹چوشقىنىڭ ھەممە يېرى بىباھادور›.ئۆتكەنكى يۈز يىل مابەينىدە چوشقىنىڭ

ئىشلىتىلىش ساھەسى توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ .

ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى يەنە رەسىم تارتىشقا ئىشلىتىدىغان پىليونكا يەنى سۈرەت لىنتىسى خام ئەشياسىغا چوشقا سۆڭىكىدىن ئېلىنىدىغان گوللاگىن ماددىسى قوشىلىدىكەن .چوشقا ئۇستىخىنى گوللاگىنى

يەنە خۇرۇم ئاياقنىڭ خۇرۇمىنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى ماتىريالىكەن .چوشقا سۆڭىكى مېيى يەنە سۇۋالغۇ يەنى


تۇلىياۋنىڭ پاقىراقلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن .تاماكا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى سىگارتنىڭ سۈزگۈچىگە چوشقا قىزىل قاندىن ئېلىنىدىغان قىزىل قان ئاقسىلى ئىشلىتىلىدىكەن


كىرىستىن ئاگاھلاندۇرۇپ ،كىلەركى قېتىم بولكا سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئورالمىغا دىققەت بىلەن

قاراب بېقىڭ .بەزى بولكىچىلار
L-Cysteine 半胱氨酸نى ئىشلىتىشى مۇمكىن .بۇ ماددىنى چوشقىدىن

ياكى باشقا ھايۋاناتلارنىڭ تۈكىدىن ئايرىۋالىدىغان ئاقسىل بولۇپ خېمىرنى تېخىمۇ يۇمشىتىش رولى بار .
ئەنگىلىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق يىمەكلىك شېركىتى بولغا تېسكونىڭ بولكىسدا مۇشۇنداق تەركىب بار.


ئەڭ قىزىقارلىق يېرى چوشقىدىن ئايرىغان قوشۇمچا مەھسۇلاتلارنىڭ ئوق دورا ياساشتا ئىشلىتىلىشى

بولدى .چوشقا ئۇستىخىنى گوللاگىنى مىلتىق دورىسىنى ئوقنىڭ ئىچىگە تىقىپ كىرگۈزۈشتە سىلىقلىغۇچى

ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .ئۇنىڭ رولى پۈگەت ئىچىنى سىلىقلاپ يولنى راۋان قىلىش .چوشقىنىڭ بۇ قەدەر

كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ .



ئەمەلىيەتتە،چوشقىنىڭ ھېچقانداق يېرى ئىسراپ قىلىنىۋېتىلمەيدۇ .مەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن 045049 نومۇرلۇق چوشقىنىڭ كالپۇكلىرى مايدا پۇشۇرۇلۇپ ئىت يېمى قىلىنىدۇ .چوشقا

قۇلىقىنىڭ توقۇلمىلىرى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەچكە بەزىدە خىمىيىلىك

قۇراللارنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .بەدەنگە رەسىم چىكىدىغان سەنئەتكارلار چوشقا تېرىسىنى مەشىق قىلىشقا ئىشلىتىدۇ .چوشقا تېرىسى ئادەم تېرىسىگە

يېقىن بولغاچقا بەزىدە ئوتتا كۆيۈپ يارلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .


چوشقىنىڭ تىبابەتكە قوشقا تۆھپىسىمۇ چوڭ بولۇپ ،ئىنسۇلىن ياساشتا ،قاننى

سۇيۇلدۇرىدىغان ‹ھىپرىيىن› ياساشتا چوشقا يۈرىكى كىلاپانى بەك موھىمدور .


لېكىن بەلكىم يوقىرىقى مەلۇماتلار گۆشسىز تاماق يىيىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار

،مۇسۇلمانلار ۋە
يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ھەرگىز ياخشى خەۋەر ئەمەستور .


پۈتكۈل دۇنيادىكى يىمەكلىك سانائىتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىكى


مۇرەككەپ باسقۇچلار بىزنى چوشقىدىن تەلتۆكۈس يىراق بولۇشنى مۇمكىن

بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى .


ماقالا مەنبەسى شىنلاڭ پەنتېخنىكا قانىلى

مەسئول تەھرىر: ياڭئەيبو


تەرجىمىدە :مەن


خەنزۇچە مەنبە:http://www.china.com.cn/photochina/2009-11/18/content_18911947.htm



ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 09:31:27

185خىل نىمىدىگەن كۆپ   {:107:}

RGB يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 09:50:17

مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا يېگىلى بولىدىغان ساپ يىمەكلىكلەر يوق دىيەرلىك بوپتۇغۇ ؟! دورىلارغىمۇ ئىشلەتسە نىمە گەپ بوپ كەتتى ئەمدى بۇ ؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 10:01:45

ھەي-ھەي  نىمە دېگەن مەينەتچىلىك بۇ... \"\"

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 10:02:13

مەن ماۋۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا بىر ئىككى مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويسام قانداق(8يىل مۇنبەر كەزگەن ھاياتىمدا  تۇنجى قىتىم تېما كۆچۈرۈپ باقاي دەيمەن)

agah يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 10:27:43

كۆچۈرۈڭ مەنبەسىنى ئىزدىنىشتىن ئېلىندى دەپ قويارسىز .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:33:42

قوي زادى بۇنچىلىك كارغا كەلمەمدۇ؟ مەن ياقتۇرغان ئاياغ چوتكىسى چوشقا تۈكىدىن ياسالغانكەن، يۇرتىمىزدا تۈمەنلەپ ئات بېقىلىدۇ، ئات يايلىدا ئاياغ چوتكىلىساق بەك ياخشى بولاتتىغۇ..!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:44:03

6- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوي زادى بۇنچىلىك كارغا كەلمەمدۇ؟ مەن ياقتۇرغان ئاياغ چوتكىسى چوشقا تۈكىدىن ياسالغانكەن، يۇرتىمىزدا تۈمەنلەپ ئات بېقىلىدۇ، ئات يايلىدا ئاياغ چوتكىلىساق بەك ياخشى بولاتتىغۇ..!

ئاتنىڭ قىممەت چۈشۈپ قالىدۇ دە، يەنە ياسايدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇلار تۇرسا، بۇلارغا بەرىبىر بولغاندىكىن ئەڭ ئەرزىنىنى ئىشلەتمەمدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:53:37

ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بار، بەلكىم بۇ جانىۋارنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ئىشقا يارىشى بىزگە بولغان بىر سىناقتۇر، نەپسىمىزگە بولغان سىناقتۇر. شۈبھىلىك مىۋە شەربەتىلىرى، بولكا-پىرەنىكلەر، شاكىلات-كەمپۈتلەر، قېتىق-ماروژنىلار...نەپسىمىزگە ئىزچىل جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، ئىمانىمىزنى تاۋلاۋاتىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھدىن بىزنى ھەرۋاقىت ھارامدىن يىراق قىلىشىنى، بىلىپ-بىلمەي ھارامغا ئېغىز تېگىپ قالغان بولساق گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى تىلەيمىز.  ئامىين!

Horma يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 13:40:58

يولدىشىمغا ياردەملىشىپ ،يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ھەققىدە ماتېرىيال ئىزدىشىپ بېرىۋاتقىلى 2 ئايغا يېقىن بولۇپ قالدى .بۇ جەرياندا يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ ھالال -ھاراملىغى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ كەتتىم .زاۋۇتتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرگە ئاساسەن ھەرخىل يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قېتىلىدىكەن ،بىز تاللا بازارلىرىدا سېتىۋالغاندا ،تەركىبى : سۇ ،تۇز ،كىراخمال .. دېگەندەك ئاددىلا يېزىپ قويۇلغان تەركىبلەر پەقەت شۇ يېمەكلىكنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرى بولسا كېرەك ،بۇ مەھسۇلاتلارغا ئىشلەپچىقارغۇچى ئورالمىغا يازمىغان ،بىز بىلمەيدىغان يەنە تۈرلۈك يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قېتىلىدىكەن .كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى نەزىرىيە جەھەتتىن ھەم ئۆسۈملۈكتىن ،ھەم ھايۋانات تېنىدىن ئالغىلى بولىدىكەن ،كۆپىنچە ھايۋانات تېنىدىن ئېلىنغىنىنىڭ تەننەرخى ئەرزان بولىدىكەن .



    ئۆزىمىزنىڭ زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇۋاتىدۇ ،قۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ ھالاللىقىدىن تارتىپ ئايرىيدىغان كارخانىچىلىرىمىزمۇ چىقىۋاتىدۇ ،بەزىدە ئاشۇ مەھسۇلاتقا سېلىنىدىغان خۇرۇچنىڭ ھالىلىنى تاپقىلى بولمايدىغان ياكى ئورنىغا دەسسىتىدىغان باشقا خۇرۇچ يوق ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدىكەن ،بۇنداق چاغدا ئاشۇ خۇرۇچنى قوشمىسا ،مەھسۇلات باشقىلارنىڭ ھارام خۇرۇچ قاتقىنىدەك سۈپەتلىك چىقمايدىكەن ، شۇڭا پالانىنىڭكىدەك ياخشى ئەمەسكەن ،ئانداقكەن ...مانداقكەن ....دېمەي ،ھالالكەن دەپ ئاشۇ كارخانىچىلارنى قوللايلى .

borayar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 14:59:02

مەن نېمىلەرنى يىمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم \"\"  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 16:47:09

ئامال بار قاپلىق تەييار يىمەكلىكەرنى يېمىگەن ياخشى.

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 18:16:24

ئەجىر قىلىپسىز،مۇشۇ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتا بەك دىققەت قىلىۋاتاتتىم.قارىغاندا ئامال بار نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرمەي ئۆي تامىقىدىن باشقىغا ئېغىز ئاچمىساق بولغۇدەك.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 20:05:35

13- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئامال بار نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرمەي ئۆي تامىقىدىن باشقىغا ئېغىز ئاچمىساق بولغۇدەك.

بارغانسىرى مۇشۇ گەپنىڭ توغۇرلۇقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .\"\"

tuhluk999 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 09:55:23

مۇسۇلمانلار ئىستىمالدىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر.

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم،مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى قېرىندىشىمىز نۇرۇنجى نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان ،مۇسۇلمانلار ئىستىمالدىكى ھارام يىمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈرمەكچى .

ئاپتۇر: تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان نۇرۇنجى .

لىنشىياڭ شەھەرلىك مۇسۇلمانلار تەشۋىقات كومتېتى بېسىپ تارقاتتى .

                     

                                                    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم.   

                               مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ سانالار بولسۇن !

پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يىمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە ،بۇنىڭ سەۋەبى ئىستىماك سەۋىيەنىڭ ئۆسىشى ،يىمەكىلىك تاللاشتا سەرخىللىشىش،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش،شەكىل جەھەتتىن دەۋرىلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا ‹خەنزۇچە ›دەپ يېزىلماي‹مۇسۇلمانچە›ياكى ‹ھالال›دىگەن خېتى بار يىمەكلىك بولسىلا بولىۋىرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى.ئاللاھ-تائەلا قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ  مۇنداق دەيدۇ‹‹ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى،قاننى،چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى زىكىر قىلىنماي بۇغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى ››(2-سۈرە173-ئايەت)،‹‹ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەت بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغانلار پاسىقلاردۇر››(5-سۈرە47-ئايەت)دىيىلگەن .ھەددىستە مۇنداق بايانلار بار:«ئەبۇۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد سەللۇلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە:ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى !مېنىڭ دۇئايىمنىڭ مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دىگەندە،رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى:ئى ئەبۇۋەققاس يىمەك-ئىچمىكىڭنى پاك قىلغىن .شۇندىلا سېنىڭ دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ.ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىر ئادەم بىر لوقما ھارام نەرسنى يېسە، ئۇنىڭ 40كۈنلۈك ئىبادىتى مەقبۇل كۆرۈلمەيدۇ(بولمايدۇ)».

  ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانىڭ ئىمانىنى ساقلاپ تۇرالىشىنىڭ بىر شەرتى ھالال،پاك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتۇر.يۇقۇردىكى قۇرئانى كەرىم ۋە ھەددىستىكى بايانلار بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغىرلىق ئويلىنىپ بېقشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە.

ئالاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ«روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.نەپسىنى كۇپرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمۈت بولىدۇ»(91-سۈرە10-ئايەت).بىر موئىمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا،چىن دىلىدىن تۆۋبە قىلىشى كېرەك .ئەگەر ھازىرقى ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم ئادەملەر ھەركۈنى ھارام نەرسەرنى ئىستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دىگىلى بولسۇن؟ تۈرلۈك يىمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى .ئۇنى ئايرىپ ئىسىتىمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان،مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە.مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى-ئۆلىما ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسغا  سۇندۇم.



بىرىنچى چوڭ مەسىلە :سۆڭەك يىلىمى‹骨胶 گۇجئاۋ›.

سوڭەك يىلىمى بولسا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سوڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يلىم.بۇنى كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ.بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى .تېخنىك تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمدىن يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلدىغان سۈزۈك ،چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىندىغان بولدى .بۇ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز (پوپوتاڭ)،ئېغىز پۇراقلىق قىلىشى كەمپۈتى(口香糖)،شاكىلات(چوكىلى)،سۈت كەمپۈتلىرىگە قوشىلىدۇ.يىلىم بولمىسا بۇ نەرسىلەرنى ياساش مۈمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلاش دەۋرىدە يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم يەنە سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە.مەسلەن:قايماقلىق سۈت پارشۇگى ،چوكامۇز(بىڭگۇر)،سۈتلۈك ماروژنا(بىنجىلىن)،مىۋە تۈرمىسى قاتارلىقلار.ئۇنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ ،مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەن تىيەنجىن شەھەرلىك كاڭلى سوغاق ئىچىملىك زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈردۈم.تېخنىك خادىم بىزگە مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى .

(1).بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايۇنىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ،زاۋۇت ئىشچىللىرى بۇ مەھسۇلاتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىشى-كەلمەسلكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سوڭەك يىلىمى بار.

(2).بوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇرابباۋەشەربەتلەر يەنى شاپتۇل،ئامۇت،ئەنجۇر،ئاپلىسىن،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن بۇرۇن 500گىرام(بىرجىڭ)دېستىلەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەنت سېلىپ،ھاۋانى سۈمۈرۈۋىلىپ،ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ دېزىنفىكسىيەقىلاتتى.ھازىر قەنىت سېيىش كېسىلى ،زىيادە سىمىزلىك،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپەيدى،بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا قەنىت مىقدارىنى ئازايتىش ئۇسۇلى قوللاندى.ھازىرقى كونسىرۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك،تەركىۋىدە ئۇماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز،مانا بۇ سوڭەك يىلىمى ئىشلىتلىلگەنلىكىنىڭ ئسىپاتى .

(3).ھازىرقى خالتىلىق ناۋات (كىرىستاللانغان ناۋات).

يىگەندە چۈرۈك،تەمى تاتلىق،قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى،تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ،ساقلاشقا ئەپلىك .ئەمىلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.

(4).مىۋە ئۇيۇتمىسى :مىۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمى، رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن  ياسالغان بولۇپ،بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ قەنىت تەركىۋى ئىلگىركى ئۇسۇل بىلەن تەييارلانغىنىدىن 15ھەسسە كۆپ بولىدۇ،ياسالمىللىرىغا مەبلەغ ئاز،پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلىدۇ.

(5).كېسىلگەن ئاش(گۇامىيەن)ئىچىگە سۆڭەك يېلىمى سېلىش:

بىز ئاش كېسىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە،زاۋۇت تېخنىكى بىزگە ئوچۇقلا قىلىپ «ئەگەركېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يېلىمى ئارلاشتۇرمىساق،سۇدا ئۇزاق قاينىسا ئۇماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ»دىدى .ئاش كېىسىش ئورنىدا كېسىلگەن ئاشنى قازاندا قاينىتىپ سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز ،سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ.

(6).پىنتۇزا : پىنتۇزا  پۇرچاق تۈرىدىكى  خام ئەشيالار،كۆممە قۇناق،ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ،يۇقارقى خام ئەشيالارغا بەلگىلىك مىقداردا سۆڭەك يلىمى قوشۇلىدۇ.بولۇپمۇ لازىجاڭ ۋە تېتۇتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ،باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازراق .ئەگەر لازاكونسىرۋاسىنى بىركۈن قايناتسىمۇ ئۇماچتەك بولۇپ قالمايدۇ.بۇلار دەل سوڭەك يېلىمىنىڭ كۈچلۈك يېپىشتۇرش رولىنىڭ كۈچى. سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىرخىل سەي كونسىرۋاسى(سەي جاڭ)نى قايناق سۇغ سېلىپ ئېرىتسىڭىز ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنڭ پۇرىقى كېلىدۇ.

يۇقۇرقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددى كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك .بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۇرىدىكى:چوشقا سۆڭىكى بولغان سۆڭەك يىلىمى يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇ.جۇڭگۇدا 1مىليارد300مىليۇن خەلىق ئىچىدە خەنزۇلار95%نى ئىگەللەيدۇ،ھەرقايسى شەھەر-ناھىيلەردىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار بولۇپ،پەقەت تازلىق،سەھىيەگە تەلىۋىگەئۇيغۇن بولسىلا تۈرلۈك تېتقۇلارنى قوشىۋىرىدۇ.يىمەكلىكە قوشۇلىدىغان سۆڭەك يىلىمىگە ئاساسەن چوشقا سۆڭىكى، كالا سوڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە كالا،قوي سوڭىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.چوشقا سۆڭىكىنى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن قەتئي نەزەر قەتئى ھارام،شەرىئەتكە خىلاپ !

ئۆسۈملىكلەردىن ئېلىنغان مايلار مەسلەن :دېڭىز يىلىمى ،كۆكتات يىلىمى قاتارلىقلارنىڭ تەنەرقى ھايۋان سۆڭىكىدىن 10نەچچە ھەسسە قىممەت بولۇپ ،بۇلار ئاساسەن دۆلەت مۇداپىئەسى،تىببى داۋالاش،تەجىربە تېخنىكىسدا ئىشلىتىلىدۇ.بىر ئادەتتىكى يىمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشنىپ قالماسلىقىمىز،ئۇلارنىڭ ئېلان ۋىۋىسكىللىرىدا جار سېلىپ ۋاقىراشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز لازىم.

بىز جاڭيۇنىڭ تەركىۋىگە دېققەت قىلىپ باقايلى .

جاڭيۇنىڭ تەركىۋى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى ۋە ھايۋانلانىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان .بۇ ئاساسى خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ،جاڭيۇغا تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرۋا قۇتىسىغا قاچىلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.ئەڭ خەتەرلىكى چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىشى بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسدا ھەممە يىمەكىلىك زاۋۇتلىرىدا چىقىۋاتقان سۈنئى سۈت پاراشوگى،سۈنئى قايماق ،تورت مېيى،ئىموللىيەلەشتۈگۈچى قاتۇرغۇچى ۋە باشقا تېتىتقۇچىلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.

بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ چوڭ خوجايىنلار بىلەن سۆھبەلىشىپ ،يىمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسى چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.يىمەكلىك سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيىنى سۈركىۋەتسە ،يىمەكلىكنى يېڭى ھەم ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋان مېيىى چەكلىنىپ تەمسىز،پۇراقسىز،سۈزۈك،سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلدى.

97-يىلى چاڭجى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقۇرى تېمپىراتۇرا شارائىتىدا ئاساسى ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋان مېيىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چەكلەپ،ھازىرقى يىمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز،غەيرى پۇراقسىز،رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى.



ئىككىنچى چوڭ مەسىلە:كالا-قوي ۋەتوخۇلارنى بوغۇزلاش مەسىلىسى ،شەندۇڭ،خېنەن،خېبىي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خۇيزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە مۇخالىپ كالا-قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى.بىز شەندۇڭ لۇۋەنشۇەن ناھىيەسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرگەندە،بۇ يېزا مەشھۇر قاسساپلار يېزىسى بولۇپ بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق،خۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۇرژىنىنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تىنجىقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.بەزى قاسساپلار ئۇشلۇق بىگىزنى كالىنىڭ مىڭسى ئوتتۇرسىدىكى نېرىپ مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇنداق قىلغاندا قان چىقماي گۆشنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى ئاشىدىكەن. مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ،بۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ.

خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلەرگە مەيلى«ھالال»ياكى«مۇسۇلمانچە»دەپ يېزىلغان بولسۇن،بۇ گۆشلەر كالا-قوي پېرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن.جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان «مۇسۇلمانچە»دىگەن خەتكە ھىچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلمەيدۇ.ئۇشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھىساپلايدىغانلار،تەدىرىجى ئىماننىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.بۇنداق يىمەكلىكلەر ئائلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ سەبى بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ.بۇ كۆپ يىللاردىن بىرى كۆرىلىۋاتقان ئەمىلىيەت.ئاللاھ قۇران كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ،«ئى ئىنسانلار!زىمنىدىكى ھالال،پاك نەرسىلەردىن يەڭلار،سىلەر مۆئىمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار»(5-سۈرە78-ئايەت).ئاللاھ قا كۆپ شۈكرى،بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسۇمۇ،لېكىن ھالال نەرسىلەرنى يېيىش ئىمانىڭ بىر تۈرلۈك تەلىۋى.

ئىتىقادىمىز سۇس؟ئىمانىمىز زەئىپ؟ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىتىرىتەلمەيدۇ؟نىمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قېتىپ كەتتى؟سەۋەب بىرلا،ئۇ بولسۇمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن.ھارامنى يېيىش قەلىبنى بۇلغايدۇ،بۇ مۇنازىرسىز پاكىت.ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ«قىيامەتكە يېقىن بىر ئادەم كېلىدۇ،ئۇنىڭ چاچلىرى توپا باسقان،كىيىم-كىچەكلىرى كىر،چىراي تۇتۇق،ئۇ شۇنچە دۇئا قىلىدۇ ،لېكىن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ يېگىنى ھارام ،كىيگىنى ھەم ھارام».بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمىزكى،ئى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلغۇچى !!!قەددىڭىزنى رۇسلاپ،كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسپەتەن يۈكسەك ھۇشيار بولۇڭ.ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق.بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋىتەيلى.نەپسانىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى! گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ پاك قەلبى بۇلغانمۇسۇن!ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت،ئىمانى داستىخان كېرەك. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىۋى تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ،سەزگۇرلىكنى ئاشۇرۇپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بۇلغانمىلارنى بايقاپ،بىرلىكتە نەپسىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا كەرەملىك ئاللاھدىن تىلەيلى! ئى ھەممىگە قادىر ئاللاھ!بىزگە ياردەم قىلغايلا! بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا! روھىمىزنى پاك قىلغايلا! ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا!د ۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا! بىزنى ھارامدىن ساقلىغايلا! بىزدىن رازى بولغايلا!.....ئامىن!

بىز يۇقارقى  ماقالىنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

intizar520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-21 15:23:18

ئۇلۇغ ئاللاھ  سەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن، بىلمەي  ئۆتگۈزگەن خاتالىقىمىزنى كەچۈرگەيسەن

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 21:43:58

قېنى قايسىڭلار مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ مەن ئاگزال مېيىدىن ئىتىلگەن تاماقنى يەپ باقمىغان دەپ مەيدەڭلارگە ئۇرالايسىلەر  ؟ ھېلىغۇ ئۇنداق جىق گۇمانلىق مەھسۇلاتكەن. تېلىۋۇزۇردا ماختاۋاتقان بالىلار ئىشلىتىدىغان مەلۇم ماركىدىكى سۈت پاراشوكىغا قاراپ بېقىڭلار . كەمپۈتلەتگە قاراپ بېقىڭلار . نەدە ياسالغان كىم ئۈستىدە تۇرغان ؟

يەھۇدى ماركىلىرنى بايقۇت قىلايلى دىىڭلار .ماقۇل .كومپىيوتۇر ئىشلەتمەڭ . باللىرىڭلار دىسنىنى كۆرمىسۇن . ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەتمىسۇن . ئادىداس ۋە نەيكىنىڭ ئاياقلىرىنى كەيمەڭ . بەك جىق بۇنداق دەپ كەلسەك .

ئەگەرمۇشۇ ماقالە راس بولسا ،بىز قانداق ياشايمىز ؟ بۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ راس يالغانلىقى ئىسپاتلانمىغان بىر پارچە ئاتالمىش دوكىلاتى كەن . ئەسلى مەنبە نەدە  ؟ بۇ ئاەمنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزى قانچىلىك  .

بۇلار تەلەپ قىلنمىسا مەن ھازىرلا ھەممىڭلارنى چۈچۈتكىدەك بىر پارچە ماقالە يېزىپ پۈتتۈرمەن . ئاسان ئىشغۇ ئۇ .

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2011-12-22 22:12:24

بۇ قېتىم بىر نەچچە كارخانىچىلار بىرلىشىپ مالايسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە خۇرۇچ (يەنى يىمەك ئىچمەككە ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ماتىريال)ئىشلەپچقىرش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر زاۋۇت قۇرۇشى مۇمكىن،بۇ ماتىريال مەسلىسى ھازرى نۇرغۇنلىغان ئىمان ئىتقادلىق كارخانچىلىرمىزنىڭ باش قاتۇردىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى،غۇڭا يىراقنى كۆرەر ئاكىلىرمىز بۇنىڭغا ئاللاقاچان تۇتۇش قىلىپ بولدى،مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ئىنشائاللا بىزنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەك ئىچمەك سانائىتىمىزگە چوڭ خوش خەۋەر بولۇپ قالىدۇ.

ئامىنە شىركىتنىڭ ئىچىملىكى نىمىشقا كاڭ ئۇستامنىكىكىدەك سۈپسۈزۈك چىقمايدۇ،بۇنىڭدىمۇ شۇ ماتىريالنىڭ مەسلىسى بار ئىكەن،تورداشلارنىڭ ئىچىملىك ئىچسە ئامىنەنىڭكىنى ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

suwarak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 09:51:01

قېرىنداشلار سىلەرچە مۇشۇنداق تىمىلارنى يازساڭلار بولامدۇ؟ بىز ياقا يۇرىتتا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار نىمە قىلىشىمىز كېرەك،نىمىمۇ قىلالايمىز،بىزنىڭ ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرىدىغان ئانىمىز يۇرىتتا قالدى،سىلەرغۇ بۇ تىمىنى پەقەت ئادەم قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا چىقاردىڭلار،بىراق بىز بۇنى كۆرۈپ قانداقمۇ سىرىتتىن تاماق يىيەلەيمىز؟؟... ھەممە ئىشلارنى ئۇنداق ئاشۇرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ،ئەمدى قايسىڭلار ماڭا 100دە 100 ئىشەنچىلىك مۇسۇلمانچە تاماق ئېتىپ بېرىسىلەر؟؟!! بەزىلەر تېخى ئۆزىچە بۇنى ياخشى تىما دەپ باشقا توپلارغا يوللار بوپتۇ... قېنى كىم ماڭا ئىشەنچىلىك تاماق ئېتىپ بېرەلەيدۇ؟؟؟؟.....!!!

suwarak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 09:51:22

قېرىنداشلار سىلەرچە مۇشۇنداق تىمىلارنى يازساڭلار بولامدۇ؟ بىز ياقا يۇرىتتا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار نىمە قىلىشىمىز كېرەك،نىمىمۇ قىلالايمىز،بىزنىڭ ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرىدىغان ئانىمىز يۇرىتتا قالدى،سىلەرغۇ بۇ تىمىنى پەقەت ئادەم قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا چىقاردىڭلار،بىراق بىز بۇنى كۆرۈپ قانداقمۇ سىرىتتىن تاماق يىيەلەيمىز؟؟... ھەممە ئىشلارنى ئۇنداق ئاشۇرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ،ئەمدى قايسىڭلار ماڭا 100دە 100 ئىشەنچىلىك مۇسۇلمانچە تاماق ئېتىپ بېرىسىلەر؟؟!! بەزىلەر تېخى ئۆزىچە بۇنى ياخشى تىما دەپ باشقا توپلارغا يوللار بوپتۇ... قېنى كىم ماڭا ئىشەنچىلىك تاماق ئېتىپ بېرەلەيدۇ؟؟؟؟.....!!!
بەت: [1] 2
: كەمپىت ياساشتىن تاماكىنىڭ بۇلۇتىغىچە (چوشقا تەركىبلىك مەھسۇلاتلار)[تەرجىمە]