paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 08:37:35

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز



ئالىم ئەھەت مۇنداق دەيدۇ :


ئەمدى يۇقىرىدىكى يېڭى ئىملا لۇغەتنىڭ 60-بەت 2-ئىستوندىكى 1-قۇر ۋە 2-قۇردىكى «ئەقىللىق» ۋە «ئەقىللىقلىق»نى «ئەقىللىك» ۋە «ئەقىللىكلىك» كە ئۆزگەرتىڭ دەپتۇ، بۇ تۈزىتىش پىكىرى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تارقىتىلغان، جەمئىي 50-60 بەت كېلىدۇ، باشقا ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 09:03:36

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

تۈزىتىش پىكىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى يوقمۇ؟ يۇقارقى بىر بەت بەك ئاز بوپ قالدى... باشقا ئىشلارنى بىلمەيمەن دېمەي ئىزدىنىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 09:26:09

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

\"\"

ئىشىنى قىلسۇن........

نېمە ئۈچۈن ‹‹ئەقىللىك›› دەپ يېزىش توغرىسىدا مېنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر قائىدە ياكى دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، مەن يەنىلا ‹‹ئەقىللىق›› دەپ يازىمەن.

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 09:28:28

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

ئۆزگەرتە خەق، خالىغىنىڭنى قىل، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىگىسى بولمىغاندىكىن خالىغىنىڭنى قىل، قولۇڭدىن كەلسە تىلىمىزنى كىسىپ گاچا قىلىپلا قويغىن.

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 09:30:55

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

2- قەۋەتتىكى buluttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"

ئىشىنى قىلسۇن........

نېمە ئۈچۈن ‹‹ئەقىللىك›› دەپ يېزىش توغرىسىدا مېنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر قائىدە ياكى دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، مەن يەنىلا ‹‹ئەقىللىق›› دەپ يازىمەن.



مىنىستىرلىقى دەپ ياز دېسە شۇنداق يازسىز، ئەقىللىك دەپ يازىسەن دېسە ئامال يوق، يەنە شۇنداق يازىسىز، كىيىن << قەشقەر >> <<كەشكەر >> دەپ،  << ئاق >> نى << ئاك >> دەپ، << ساق >>نى << ساك >> دەپ .... مانا مۇشۇنداق قىلسىڭىز، تىل يىزىق كومتىتىدىكى << ق >> دېيەلمەيدىغانلارغا ئوڭاي بولىدۇ.

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 10:00:55

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

ئاسانلاش - ئاسىلانلاش دەپ تۇرىدا؟؟؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 10:54:09

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

نىمىشقا كەسپىي كىتاپلارنى تۈركۈملەپ بېسىشقا ھەيدەكچىلىك قىلالمايدۇ؟

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 11:02:47

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

مەن بۇ تىل-يېزىق كومىتىدىكى خىزمەتچىدىن مۇنداق بىر سوئالنى سورىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە گىرامماتىكىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆرنەك قىلىدىغىنى ئۆزبىكچە تۈركچە... قاتارلىق تۈركىي تىللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ۋە ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم ئارلىقتىكى سۆز ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىگە قاراپ. شۇ ۋاقىتتا 40-50 دەك كىشى بار ئىدى. بەزى مەنا بىلدۈرمەيدىغان تاۋۇشلارغا كەلگەندە مەن بىر سوئال قويغان ئىدىم. مۇشۇ لىكسىكىلىق مەنا بىلدۈرمەيدىغان ژ ھەرىپىنى ئۇيغۇرچىدىن چىقىرىۋەتسەك بولمامدۇ دېگەن ئىدىم. بۇنى چىقىرىۋەتسەك بەزەن سۆزلەر ۋە ئىملىق سۆزلەرنى ئالالمايمىز دەپ سەۋەب كۆرسەتتى. مەن كېيىن بۇ ئەسلى بىزدە يوق ھەرب ئىدى كېيىن سوۋىتقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولۇپتىكەن بۇنىڭغا نىمە دەپ قارايسىز، ئىملىق سۆزلەرنى چوقۇم ئىپادىلەش كېرەك ئەمەس. خەنچە ۋە ئېنگىلىزچىگە قارىسىڭىزلا بىلىسىزغۇ بۇنداق بولغاندا باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگەنسە تەس كەلمەمدۇ دېگەن سوئالىمغا مەسىلىدىن ئىتتىكلا قېچىش ئۈچۈن بىزنىڭ تىلىمىزنى باشقىلار ئۆگەنمەيدۇ دەپ چاقچاققا ئايلاندۇرۇپلا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.



بۇ گەپلىرىگە قاراپ كاللىسى سەل ئاددىي يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ۋە ئويلىمايدىغان بىر تۈركەم ‹‹تۆمۈر تاۋاق››قا تەلمۈرگۈچىلەر كىرىپ قالدىمۇ قانداق دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. ئۇلار كەلگۈسى نەچچە ئەسىرلىك پىلان بىلەن ئىش تۇتماستىن 5 يىللىق، 10 يىللىق پىلان بىلەن ئىش تۇتىدىغان ھاماقەت لەقۋالار ئىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم. مىللەتنىڭ بۈگىنىنىلا كۆرۈپ كەلگۈسىنى ئويلىمايدىغان قاپاق باشلار تىل-يېزىق كومىتىتىدىن يوقالسۇن!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 11:04:49

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

1- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈزىتىش پىكىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى يوقمۇ؟ يۇقارقى بىر بەت بەك ئاز بوپ قالدى... باشقا ئىشلارنى بىلمەيمەن دېمەي ئىزدىنىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

مەندە بىر كىتابى بار. بېرىپ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك تەللەپپۇز كېنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن ئمتاھان بەرگەندە تارقاتقان ئىدى. شۇنىڭدا دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن تارتىپ يېزىلىشلىرى بارغۇ دەيمەن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 11:48:35

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

ئاسانلاش - ئاسلانلاش ؟

ئەسلىدە ئاسلانلاش نى ئاسانلاش دەپ كىرگۈزۈپتىمىكەن يا ئاسانلاش دېگەننى بۇنىڭدىن كېيىن ئاسلانلاش دەمتىكەنمىز؟  {:107:}  





ھەي ، بۇ تىل - يېزىق كومىتىتىكىلەرنىڭ تىلىمىز- يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتىشى ئاسانلاشقان ئوخشايدۇ

                                                                                                                              دېگەننى بۇنىڭدىن كېيىن



تىل - يېزىق كومىتىتىكىلەرنىڭ تىلىمىز- يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتىشى ئاسلانلاشقان ئوخشايدۇ    دەيمىزما؟

تېلىمىزنى ق نى دېيەلمەيدىغانلار ئۈچۈن ‹ ئاسلانلاشتۇرايلى › .  {:92:}  



ھۇ ئ***نى!... مۇشۇ يېزىق ئۆزگەرتكەن ھايـ***لار!....



___________________________________________

ئانا تىلىم - زەر تىلىم



روزى سايت



تىل ئالاقە قورالى ،تىل قەلبنىڭ ئەينىكى ،

تىل ئادەمنى ،ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە .

تىل غەزىنە ، تىل ھىكمەت ، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى ،

تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە .



تىل نادانغا پەم بېرىپ ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ ،

ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھرى تاپتى سۆيۈكتە .

شۇڭا ھەر بىر قۇۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن ،

ئاتا تىلى - ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ ،بۈيۈك -تە !



ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل،

سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئەشۇ تىلدا ناۋاسى .

ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل ، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،

مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى ، مىراسخورى -ھەقداسى.



ئۇ -ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار ،

مەن بۇ تىلنى ئۈگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا .

ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى ،

پاراڭلاشقان ،سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا .



بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرۈكۈمگە پىچىرلاپ ،

ۋاپادارلىق ،مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن.

ئوغلۇم ،قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ ،

ھاياجانغا چۆمدۈرگەن ، مۇرادىمنى بىلدۈرگەن .



مۇشۇ تىلدا ناۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى ،

شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل  ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە .

يۈسۈپكە \"خاس ھاجىپ \" لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،

مەھمۇد بوۋام مۇشۇ تىلدا دەرس ئۈگەتكەن ئەرەپكە .



مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا ،

زىمىستاننى لەنەتلەپ ، تاڭغا مەڭز-يۈز ياقتىم .

كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم ، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم ،

بىللە كۆيدۈم ئوتىدا ، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم .



مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى ،

گۈل -چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.

مەن كۈلىمەن ،قۇۋۇمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە ،

تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ .



شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم ،زەر تىلىم ،

بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى .

زەررە كىچىك ، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن ،

مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ، ئاتومچە بار قىممىتى .



ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى ، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى ،

سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن شامىلى .

مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا ،ياڭرىسۇن ،

سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!!



(خاتىرەمنىڭ بىر يەرلىرىدىن . )



كومپىيۇتېرىمنىڭ يەنە بىريەرلىرىدە ئابدۇقەييۇم ئېمىن ئاكاش دىكلىماتسىيە قىلغان پېقىر ئۈنگە ئېلىپ تەھرىرلەپ قويغان نۇسخىسىمۇ بار (ئەتىلەردىن يوللاپ قوياي، مۇزىكا يوللاپ ئىزدىنىشكە ئۇلىنىش قىلغىلى بولىدىغان بىرەر تور بەتنى تەۋسىيە قىلساڭلا ،سادىغاڭلىغا كېتەي...رەھمەت.)

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 12:39:01

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

80-يىلدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا 30 يىل بولدى . ھازىرقى ئۇيغۇر يىزىقىمۇ مۇكەممەل ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇ پېتى ساقلىنىپ قالسىمۇ بولغىنى. مۇكەممەللەشتۈرىمىز دەپ بۇزۇپ-تۈزەپ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس بۇ. 32 ھەرپنى قىسقارتىپ 30 ياكى 28 قىلىپ قويۇش ھاماقەتنىڭ ئىشى. ئەمدى ئوڭشايمەن دىسە بۇزۇلسا بۇزۇلىدىكىن ئوڭشالمايدۇ...

تىل-يىزىك كومىتىتىدىكىلەر ئۆزلېرىنى شۇنداق ئەقىللىك چاغلاپ يۈرىۋەرسۇن. بىز ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 12:41:38

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

ئۇ يەردە  چالا ساۋات مىنكاۋخەنلەر ئىشلەمدۇ ياكى ئۇيغۇرتىلى كەسپىدە ئوقۇغان خەنزۇلار ئىشلەمدۇ، نىمە گەپ بوپ كەتتى بۇ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 12:48:25

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

سۆز ياساش قانۇنىيىتىدىن ئالغاندا لىق لىك سۆز ياساش قوشۇمچىسىدىن قايسىسى ئەقىل سۆزىگە ماس كىلىدۇ؟

ماڭا لىق ماس كەلگەندەك بىلىندى

hebib يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 13:03:07

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

تۈركچىنى دەسلەپ ئاڭلىغاندا نىماندا غ، ق ھەرىپلىرى يوقتۇ بۇ خەقنىڭ دەپ ئويلىغانتىم ~ تىلى يوغىناپ قالغان ئادەمدەك سۆزلىشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ.



بىزمۇ ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىۋاتقان ئوخشايمىز .

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 13:04:52

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

ئىشقىلىپ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىدە يامان تولا ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزى سۆزلەرنىڭ زادى قانداق يېزىلىشىنىڭ توغرا قانداق يېزىلىشىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرسوفت ئەلكوررېكتورى دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنىمۇ تارقىتالماي يۈرمەمدۇ ئەنە! ئېشەك باقىدىغان گۇيلار كىرىپ قالامدىكىن دەيمەن مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنغا. بىر مىللەتنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە قەدەمدە بىر ئۆزگەرتىپ يۈرسە بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولماي نېمە؟!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 13:13:28

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

@raxit1973راشىتكا

باشقا ئەللەردە،ھەتتا خەنزۇلاردىمۇ كومپىيوتىر ۋە ئىنتىرنىتنىڭ مەدىنيەتكە بولغان تەسىرى بەك زور بولىۋاتىدۇ.تۈركۈم تۈركۈملەپ يىڭى سۆزلەر،يىڭىچە گىراماتىكا قائىدىسى ياسىلىۋاتىدۇ.بۇلارغا تىل يېزىق كومتىتى ئەمەس،ئىنتىرنىت ئىستىمالچىلىرى باش بولۇپ بولىنىۋاتقان ئىشلار.ئاقىۋەت تىل يېزىق كومتىتىنىڭ قىلىدىغان ئىشى،يىڭى چىققان سۆزلەرنى لوغەت تەركىبىگە كىرگۈزۈش خالاس.

تىل يېزىق مەدىنيىتى دىگەندەك ئورگانلار تۈزۈك بىر نىمە قىلسا قىلدى،قىلمىسا بۇنداق ئورگاننىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتسەكمۇ بولىۋېرىدۇ.



بىلىك مۇنبىرىگىمۇ خېلى نۇرغۇن كەسپ ئەھلىلىرى يىغىلغان.ئىشنى داۋاملىق كەينىگە سۈرىۋەرگەنددىن،باشقىلار نىمە دەيدۇ دەپ ئاغزىغا قاراپ ئەمەس،ئۈزىڭىزلەر مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپ بولۇپ، مۇنداق قىلىمىز دەپ تىل يېزىق كومتىتىغا ئۆگىتىپ قويۇشمۇ ياخشى چارە بولسا كېرەك.

sarsani يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 13:18:01

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

ئالىم ئەھەت ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنى قۇرغان ئالىم ئەھەتمۇ ياكى باشقا كىشىمۇ؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 13:33:40

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

17- قەۋەتتىكى sarsaniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىم ئەھەت ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنى قۇرغان ئالىم ئەھەتمۇ ياكى باشقا كىشىمۇ؟



ئۇيغۇر سوفىتتىكى ئالىم ئەھەت شۇ.

sarsani يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 13:34:12

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

بىر ۋاقىتتا شۇنداق مىسرالارنى يازغان ئىكەنمەن،ئەگەر تەستىقلىغۇچى مەقبۇل كۆرسە تەستىقلاپ قويار ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قولۇمدا قالار

                                                

                        

                                                                   ئۇيغۇر تىلى بولمىسا

                     

                                    قولۇڭ نەدە خەتكە يۈگۈرەر

                                    ئۇيغۇر تىلى بولمىسا.

                                    سۆزۈڭ نەدە پىلىموت

                                    ئۇيغۇر تىلى بولمىسا .





                                    مەھمۇد قىلغان مەھمۇدنى

                                    ئۇيغۇر تىلى بولمىسا

                                    مەھمۇد ئەمەس مەھمۇدمۇ.



                                   ئۇيغۇر قىلغان ئۇيغۇرنى

                                   ئۇيغۇر تىلى بولمىسا

                                   مەۋجۇد ئەمەس ئۇيغۇرمۇ.



                                  يېزىق بىلەن ئانا تىل

                                  كۆكتە قانات قاققۇسى.

                                  بىر-بىرىدىن تاشلاشسا

                                  كېيىنلەرنىڭ بىرىدە

                                  قەلبىڭدىكى جاڭگالدا

                                  بولمسىمۇ ياتقۇسى

                                  بويۇن قىسىپ يىتىمدەك

                                  سەندە سەرسان ياتقۇسى.

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 14:36:34

بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز

مۇشۇنداق تىلىمىزنى ئۆسۇشنىڭ، ئۇنۋاننىڭ يەنە نېمە نېمىلەرنىڭ باھانىسى قىلىۋالغان ‹‹ ئەقىللىك ›› جانابلار بىلىپ قويسۇنكى، بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى بار، بىر كۇنى جاۋاب بېرىدۇ، قىلغانلىرىغا.... موللام نىمىش قىلىدۇ ؟ بۇزۇپ چۇۋۇيدۇ ... دىگەندەك .
بەت: [1] 2 3 4
: بىلىۋېلىڭ «ئەقىللىق» دېمەي «ئەقىللىك» دەيدىكەنمىز