paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 11:51:10

“保安 “ ۋە ”经理 “ ئاتالغۇسى تورىسىدا

ئالىم ئەھەت بلوگىنى كۆرۈۋېتىپ توۋەندىكى يازمىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، ”保安 “ ۋە ”经理 “ نى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەش تامامەن مۇمكىن تۇرسا يەنە نىمە سەۋەپتىن بۇ ئىككى سۆز ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندۇ؟

--------------------------------

  • ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ھازىر كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، مۇشۇ يېڭى ئىملا لۇغىتىگە ئانچە ئىشەنمەسلا بولۇپ كەتتىم. ئالدىنقى قېتىم مۇئەللىم ماڭا «باۋئەن (保安)»، «جىڭلى (经理)» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقىنىدىلا مەن بۇ لۇغەتتىن ئۈمىد ئۈزگەن. مەن ھازىر ئاساسەن شۇ ئەسلىدىكى كىتابلىرىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بويىچە ئۆزۈمنىڭ «ئىملا ئامبىرىم»نى تولۇقلاۋاتىمەن.

    لېكىن بىر مەسىلىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى تورلاردا ياكى كىتاب-ژۇرناللاردا بولسۇن، ئىملا ھەققىدە تالاش-تارتىشلا ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋاملىشىشى تۇرغانلا گەپ. بىز شۇنداق قىلغىلى ئىش تاپالمىغان كىشىلەر بولغاندىكىن، مۇشۇنداق بۈگۈن ئىملا توغرىسىدا، ئەتە بىر نېمە توغرىسىدا تۈك باسماس، تۇزسىز پاراڭلار بىلەن ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىۋەرسەك، ماۋۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى بىزگە ساقلاپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ…..

  • kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 14:52:30

    باۋئەننى باقاۋۇل دىسەك بولاتتى...

    yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 15:33:17

    ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:
    2011-يىل 13-دېكابىر سائەت 12:24 كەچ

    ياڭيۇ، بەسەي،….دېگەن سۆز تىلىمىزغا قانداق كىرىپ قانداق ئۆزلەشكەن بولسا، بۇ قېتىممۇ «باۋئەن» دېگەن سۆز شۇنداق كىرىپتۇ ھەم شۇنداق ئۆزلىشىپتۇ. بۇنىڭغا كۆنمەي ئامال يوق...

    ~~~~~~~

    شۇنداق ئىشلارغا ئامال ئىزدەش كېرەك.

    function يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 16:30:52

    قاراۋۇل، باقاۋۇل، كۈزەتچى دېگەن گەپلەر جىققۇ

    jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 17:23:33

    保安  نى گۈزەتچى ياكى  جىسەكچى دىسەك بولامىكىن .  \"\"

    Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 19:02:08

    ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغانلار روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ياتسا داۋالىنىش پۇلىنى ئۆزى كۆتىرەمدۇ ياكى ھۆكۈمەت چىقىرامدۇ، ئەگەر ئۆزى كۆتۈرىدىغان ئىش بولسا ئىئانە توپلاپ تىلشۇناس مۇتەخىسىسلىرىمىزنى داۋالىتايلى.

    asad يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 21:41:09

    بۇنداق جېنىنى قىيناپ يۇرگىچە چەكلەيلى بۇ تىلنى دەپلا ئەقىل كۆرسەتسە بولماسمىتى،ئۇنىماسما يا  بۇنداق دېسە ئېي بۇشىڭ مەمەر لەي دەپ

    Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 09:47:07

    ھارامتاماقلار ..... بىزنىڭ بۇ يەردە قاينىغىنىمىزنى كۆرۈپ ، ھەجەپ خۇرۇجى قىلىۋەتتۇق دەپ ھىجىيىشىپ ئولتۇردىغاندۇ ھەقىچان . ئاخشاش چۈشۈمدە مۇشۇنداقراق چۈش كۆرۈپتىكەنمەن . يول نى يود دەپ ئاتايدىغان بوپتىمىز دىگۈدەك بىرسى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن نىمە بولۇپ كەتتى بۇ ئىش دەپ . ئاندىن ئاچچىقىمدا قايناپ كېتىپتىمەن . ھەممەيلەننىڭ ئىچى ئاچچىق بولغۇدەك . ھەممىسى ئاغزىنى بۇزۇشۇپ كەتكۈدەك . تىل يېزىق كومتىتىنىڭ ئادەملىرى بۇ قايناشلىرىمىزنى ئاڭلاپ ھەجەپ ئاغزى يامان بالىلاركىنا دىيىشىپ سەت ھېجىيشىپ ئولتۇرۇپ پىۋا ئىچىشكۈدەك .

    مۇشۇنداق پوق تاغارلىرىنى تىل - يېزىق كومتىتىغا ئۇرۇنلاشتۇرغۇچە ، سېرىق چاپان كەيدۈرۈپ گولوغا ئوت قالىغىلى قويسا بولاتتىكەن ئەسلى .

    ئىشەكلەر ، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ، پېنىنى مۇشۇنداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشىپ يۈرۈشىدۇ . ئاخىرغا كىلىپ مۇنداق نەتىجىلەرنى قازانغان ، ئۇنداق تەتقىقات قىلغان دىگەن ، ئاخىرغا كىلىپ پوكۇنى تەتقىقاتچى ، پالانى دوكتور دىگەن قالپاقتىن بىرنى كەيگەن . قىلغان ئىشىنىڭ تاينى يوق ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئۇنداق قىلدىمەي ، مۇنداق قىلدىمەي دەپ شالىنى چاچىرتىپ لاپ ئېتىپ يۈرگەن .

    ھەي مۇشۇ تىل يېزىق كومتىتىدا ھوشى كاللىسى جايىدا ئادەممۇ بارمۇ ؟

    yilmaz يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 11:08:55

    7- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    تامامەن  توغرا  ئۇلاردا مىللەتنى سۆيۈش ئىدىيەسى كەم بەلكى مائاشنى سۆيش ئىدىيەسى يۇقىرى ،  گەپ قىلساق يا گەپ ئۆتمىگەن ئۇ قاشاڭ ئادەملەرگە  مۇشۇ خەتلەرنى چوقۇم كۆرۈدۇ  يەنە ۋاقتى كەلسە توغرابولغان سۆزدىن ئىككى ئېغىز قىلماي .........ھەي...

    jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 12:30:23

    بوۋاڭنىڭ سۆزىنى ئورۇنسىز يەشمە ،

    غەيرىلەر تىلىدىن سۆزقوشۇپ ئەشمە .

    ئەشمەڭنى خالايىق چۈشەنمىسە گەر ،

    ئەشمەڭگە كەتمەمدۇ يەنە بىر يەشمە .  

      ...        دەپتىكەن سەيپىدىن ئەزىزى   ئۆز ۋاختىدا .

    sal_man يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 14:55:08

    9- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    بوۋاڭنىڭ سۆزىنى ئورۇنسىز يەشمە ،

    غەيرىلەر تىلىدىن سۆزقوشۇپ ئەشمە .

    ئەشمەڭنى خالايىق چۈشەنمىسە گەر ،

    ئەشمەڭگە كەتمەمدۇ يەنە بىر يەشمە .

    ... دەپتىكەن سەيپىدىن ئەزىزى ئۆز ۋاختىدا .

    شۇنداقمۇ؟

    sal_man يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 14:58:17

    ئۆتكەندە ئىشىك- تۈڭلۈكنى تاقاپ قويۇپ بىرمۇنچە ئاتالغۇنى بېكىتكەندەا 保安 يوقمىتى؟

    xamxad يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 15:36:35

    گۇدۇكتە «ئەقىللىق» تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ يىڭى ئىسلاھاتىدا «ئەقىللىك» كە ئۆزگىرىپتۇ، دەپ كۆرگەنىدىم.   {:107:}

    jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 16:48:54

    10- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    9- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    بوۋاڭنىڭ سۆزىنى ئورۇنسىز يەشمە ،

    غەيرىلەر تىلىدىن سۆزقوشۇپ ئەشمە .

    ئەشمەڭنى خالايىق چۈشەنمىسە گەر ،

    ئەشمەڭگە كەتمەمدۇ يەنە بىر يەشمە .

    ... دەپتىكەن سەيپىدىن ئەزىزى ئۆز ۋاختىدا .

    شۇنداقمۇ؟

      شۇنداقكەن \"\"

    Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:16:14

    9- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    بوۋاڭنىڭ سۆزىنى ئورۇنسىز يەشمە ،

    غەيرىلەر تىلىدىن سۆزقوشۇپ ئەشمە .

    ئەشمەڭنى خالايىق چۈشەنمىسە گەر ،

    ئەشمەڭگە كەتمەمدۇ يەنە بىر يەشمە .

    ... دەپتىكەن سەيپىدىن ئەزىزى ئۆز ۋاختىدا .

    ھەجەپ ئېسىل گەپ قىپتىكەن. بىزدە ھازىر نۇرغۇن كىتاپ كەم، ئاتالغۇ يەتكۈزىدىغان. بالىلار ئۇيقۇ ھېكايىلىرىگىمۇ جىق ئاتالغۇلارنى سىڭدۈرۋېتىشكە بولاتتى.

    puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:21:43

    سەۋەبى بەك كەڭ بولۇپ كەتتى، ئاساسلىقى كۆپىنچىمىزدە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى كەم ئوخشايدۇ.
    بەت: [1]
    : “保安 “ ۋە ”经理 “ ئاتالغۇسى تورىسىدا