matu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-17 18:01:08

12مۆچەل قوشىقى

قىزىم خەنزۇچە قوشىقىنى بىلىدىكەن،ئامال بار تېزدىن ئۇيغۇرچىسىنى ئۈگىتىپ قوياي دەۋاتىمەن،تېپىلغان ھامان بۇ تېما ئۆچۈرىلىدۇ.رەھمەت ئاغىنىلەر!

mux يوللانغان ۋاقتى 2011-12-17 18:16:23

سىز ئىزدىگەن 12مۆچەل قوشىقى گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تېپىلمىدى.



سىستېما سىزگە لازىملىق ئۇچۇر تاپالمىدى، تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنى جەزىملەشتۈرۈڭ :

ئاچقۇچلۇق سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار ياكى سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرسىغا بوشلۇق قويۇلمىغان

ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ ئىزدەش قىممىتى يوق ياكى ئىملا توغرا ئەمەس

سىز كىرگۈزگەن ئاچقۇچلۇق سۆز ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بوپ كەتكەن

بۇ يەرنى چىكىپ ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگىنىڭ !

\"\"   

قاچانمۇ مۇشۇنداق ياردەملەرنى دەل، تېز، ۋاقتىدا يەتكۈزەمىز...........ئويغۇرچە ئىزدەش توربەتلىرى نىمىنىمۇ تاپا\"\"

Never يوللانغان ۋاقتى 2011-12-17 18:27:07

موچەل باشلاپ چاشقان كىلۇر،

كالا،يولۋاس،توشقان كىلۇر.

بىلىق ئۈزۈپ سۇزۇك سۇدا،

ئەجداھادەك يىلان كىلۇر.

ئات ئالدىدا قوي كەينىدە،

ئۇنى دوراپ مايمۇن كىلۇر.

توخۇلار چىللاپ ،ئىتلار قاۋاپ،

توڭگۈز دىگەن قاۋان كىلۇر.



كىچىك ۋاقتىمدا «مىراس»ژورنىلىدىن يادلىۋالغان.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-17 19:24:42

مۆچەل ناخشىسى

يىل بېشى چاشقان ئېرۇر،

كالىسى مۆرەپ كېلۇر


.

يولۋىسى يولدا يېتىپ،

توشقىنى سەكرەپ كېلۇر


.

دەريادا بېلىق ئۈزۈپ،

يىلاننى قوغلاپ كېلۇر


.

ئات ئالدىدا،قوي كەينىدە،

مەرەپ كېلۇر


.

مايمۇنى ئويناپ ماڭار،

توخۇسى چىللاپ كېلۇر،

ئىتلىرى ھاۋىشىپ خەتەر،

توڭگۇزلىرى تويلاپ كېلۇر

mafiya يوللانغان ۋاقتى 2011-12-17 20:25:19



مەنمۇ يوليارنىڭ يازغىنىدەك كۆرگەن. يوليارنىڭ يازغىن توغرا.

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 05:28:02

بىر كىتاب بولدىغان ئەتىگىنى قۇشلار توپلىشىپ سايرىسا ھاۋا ئوچوق بولدىغاننىڭ شەپىسى دەيدىغان كىچىك بالارنىڭ شۇنى بالامغا ئۇگۇتەي دەپ ئويلاۋاتتقان مۇشۇ تېمىنىڭ باھانىسىدە مەنما ياردەم تەلەپ قىلۋالاي\"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 07:14:49

بېرىلگەن جاۋابلار بىلەن تېمىڭىزنىڭ قىممىتى ئېشىپ كېتىپتۇ. ئۆچۈرۈپ نېمە قىلىسىز، ئامان قويسىڭىز ھەممىمىز پايدىلانمامدۇق؟ \"\"

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 13:59:20

مەنمۇ يوليارنىڭكىدەك قوشاقنى كۆرگەندەك قىلىمەن. بىر نەرسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋالساق: «دەريادا بېلىق ئۈزۈپ، يىلاننى قوغلاپ كېلۇر دېگەنگە قارىغاندا» يىلان ئاۋال، بېلىق كىيىنمۇ؟

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-18 18:44:51

مۆچەل رىۋايىتى

‹‹ھاي-ھاي تېرەك›› ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

بىر پادىشا ئۆزى تەخىتكە چىقىشتىن بۇرۇن يۈزبەرگەن بىر ئۇرۇشنىڭ ۋاقتىنى ئېنىقلىماقچى بوپتۇ.ئەمما ،قايتا-قايتا ھېساپلىغان بولسىمۇ،يەنلا توغرا ۋاقتىنى ئېنىقلىيالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن، ئۇخەلقى بىلەن كىڭەش ئۆتكۈزۈپ:‹‹بىز بۇتارىخنى ئېنىقلاشتاقانداق خاتالاشقان بولساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىزمۇشۇنداق خاتالىشىدۇ.شۇڭا، بىز 12ئاي ۋە ئاسماننىڭ بۇرجىغا ئاساسلىنىپ،ھەربىريىلغا ئات قۇيايلى،بۇنىڭدىن كىيىن يىل ھېساۋبى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېساپلىنىدىغان بولسۇن››دەپتۇ.ئۇنىڭ دېگىننى خەلىقمۇ قوللاپتۇ.شۇمۇناسىۋەت بىلەن پادىشا ئوۋغا چىقىپتۇ ۋە مۇھاپىزەتچىللىرىگە ھەممە ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ.بۇناھايىتى چوڭ دەريا ئىكەن.

      مۇھاپىزەتچىلەر بۇ ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ . ھايۋانلار جان قايغۇسىدا ئۆزلىرنى سۇغا ئېتىپتۇ .

ئۇلاردىن 12 خىلى دەريادىن ئۈزۈپ ئۈتەلەپتۇ. ئەنە شۇ 12خىل ھايۋاننىڭ ئىسمى 12يىلغا ئات قىلىپ قۇيلۇپتۇ.سۇدىن ئەڭ ئاۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ، شۇڭا يىل ‹‹چاشقان يىلى ››دەپ ئاتىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەنلەر تۈۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يىل ئىسمى بۇلۇپ قاپتۇ:ئۇي يىلى (كالا يىلى )،بارىس يىلى (يولۋاس يىلى )،توشقان يىلى ،لەڭەڭ يىلى (تىمساھ يىىلى )،يىلان يىىلى ،قوي يىلى ، مايمۇن يىىلى ، تۇخۇ يىلى ، ئىت يىلى ، توڭگۇز يىلى .

توڭگۇز يىلغا يەتكەندىن كىيىن ، ھىساپ يەنە چاشقان يىلدىن قايتا باشلىندىكەن .

كىيىن ، كىشلەر يىللارنىڭ رەت تەرتىۋىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۇچۈن، مۇنداق قۇشاق تۇقۇپتۇ:



يىل بېشى چاشقان ئېرور،

كالىسى مۆرەپ كېلۇر.

يولۋىسى يولدا يېتىپ ،

توشقىنىسەكرەپ كېلۇر.



                                                                  دەريادا بېلىق ئۈزۈپ ،

                                                                   يىلاننى قوغلاپ كېلۇر.

                                                                   ئات ئالدىدا ،كىشنەپ ھەم ،

                                                                   قوي كەينىدە مەرەپ كېلۇر.

مايمۇنى ئويناپ ماڭار،

تۇخۇسى چىللاپ كېلۇر.

ئىتلىرى ھاۋشىپ ئۆتەر،

توڭگۇزلىرى تويلاپ كېلۇر.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 17:13:32

يوليارنىڭ دېگىنى بەرھەق!!!
بەت: [1]
: 12مۆچەل قوشىقى