hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 15:23:07

تەزكىرە قانداق يېزىلىدۇ ؟

ئادەم قولىدىن قانىچىلىك ئىش كەلسە شۇنچىلىك قىلىش كېرەك.          مەن شۇنداق قاراشقا ئېگە ئادەم.



يېقىنقى بىر يىلىدىن بۇيان ، ئۆزىچە كاللامغا يۇرت تەزكىرىسى يېزىش ئىشى كىرىۋېلىپ ، ( ھازىر ئانچە كۆزگە ئىلمىغان بەزى ئىشلارمۇ قەلەمگە ئېلىنىپ قالسا ، ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ناھايتى قىممەتلىك ماترىيال بۇلۇپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟) ئانچە - مۇنچە ئىزدىنىپ 100 بەت ئەتراپىدا بىر نەرسە يېزىپتىمەن. يېقىندا ماترىياللارنى رەتلەۋېتىپ ، ئۆزۈمنىڭ زادى تەزكىرە دېگەننى قانداق يېزىشنى ئەسلى ئويلاپ باقمىغىنىمنى ، نېمىنى يېزىش كېرەك ياكى يېزىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان بولسام شۇنى يازغانلىغىمنى ھېس قىلدىم . ئەمدى سورايدىغىم :


1. تەزكىرە ئەسلى قانداق يېزىلىشى كېرەك ؟ قايسى تەرەپلەردىكى ماترىياللار يېزىلىدۇ؟ نېمىلەرنى مۇھىم قىلىپ يېزىش كېرەك ؟


2. نەشىر قىلىنغان بىرەر تەزكىرە بارمۇ ؟( سېتىۋېلىپ ئوقۇش ئارقىلىق يېزىش ئۇسۇلىنى ئىگللەي دەيمەنغۇ)


3. تەزكىرە يېزىشتا سىزنىڭ قانداق قارىشىڭىز بار ؟



مەن سورىمىغان ، تەزكىرە ھەققىدە باشقا گەپلەر بولىسمۇ قىلىۋىرەيلى . ئازراق پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.



تەكلىپ :


راسىت دېگەندەك بەزىدە تارىخىمىز ئاللىكىملەر قالدۇرۇپ كەتكەن ماترىياللار بىلەن خۇلاسىلىنىدىغان ، كىملەرنىڭدۇر ساياھەت خاتىرىسىيدىن نەقىل ئالىدىغان ئىشلار بار ( بۇنى يامان دېگىنىم ئەمەس جۈمۈ ، ئۇلارغىمۇ رەھمەت دىيىش كېرەك ئەلۋەتتە) . كەلگۇسىدە بەلكىم بىز خاتىرە شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغان ئىلشلارمۇ زور قىممەتكە ئىگە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ( مۇشۇنداق دەپ ئۆزىمىزنى قىزىقتۇرۇپ يازمىساق ، يازغىمىز كەلمەي قالىدۇ) شۇڭا سىزمۇ تەزكىرە يېزىشنى ئويلىشىپ باقامسىز يا؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 20:29:25

پىچان تارىخى ماتىرىياللېرى دىگەن تەزكىرە كىتاپ 15 قىسىم چىقىپ بولدىغۇ. پىچاننىڭلا ئەمەس ھازىر ئاساسەن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ تەزكىرىسى بارغۇ.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 22:23:19

يۇرت تەزكىرسىنىڭ نەشىردىن چىقىشنىڭ ئۆتكىلى بەك چىڭغۇ دەيمەن ئاڭلىشىمچە،

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 08:40:54

شىنجاڭ تەزكىرچىلىگى دەپ بىر ژۇرنال بولدىغان.شۇنى كۇرۇپ باقسىڭىز پايدىسى بۇلۇشى مۇمكىن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 10:57:25

ھەممە ئادەم ئوقۇغۇدەك تەزكىرە يازىمەن دېسىڭىز چوقۇم  قېلىپقا چۈشۈرۈلۈشى ، ئىلگىرىكى نوپۇزلۇق تارىخ ماتىرىياللارنى يەكلىمەسلىكى ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى كېرەك ، ئامال يوق ئاخىرقى ھىساپتا تەزكىرىڭىزنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ چىقىدۇ...

بۇنداق دەپ سىزنىڭ قىزغىنلىقىىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەس...مۇنداقلا كۆز قارىشىم...لېكىن تىرىشسىڭىزلا خەلق ئۆز يۇرتنى ياخشى چۈشىنەلىگۈدەك،يۇرت سۆيگۈسىنى كۈچەيتەلىگۈدەك  تەزكىرە يېزىپ چىقالايدىغانلىڭىزغا ئىشىنىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەن...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 13:36:05

ئائلە تەزكىرىسى ھەققدىمۇ بىر پاراڭ سېلىپ بەرسەڭلار بولىتى، دادام ماۋۇ، ئاپام ئاۋۇ دەپلا يېزىپ قويسا بولمىغىدەك مەنچە.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 13:54:11

بۇنى  ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تارىخىي تەزكىرە ئىشخانلىرى  مەسئۇل بۇلۇپ ،ئادەم ۋە ماددىي كۈچ  ئاجرىتىپ يازىدىغۇ دەيمەن.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 16:05:09

تەزكىرە،شەجەرە توغرىسىدىكى بايانلارمۇ؟
بەت: [1]
: تەزكىرە قانداق يېزىلىدۇ ؟