yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 20:38:08

ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم



روزىھاجى تۇرسۇن 2011- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، نەق مەيداندىلا ئىككى پۇتىنىڭ گۆشلىرى تىتىلىپ، سۆڭەكلىرى سۇنۇپ كەتكەن. ئىككى پۇتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، پۇتلىرى يوتىسىدىن كېسىۋېتىلگەن. ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. روزىھاجى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى 50 نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن بىساتلىرىنى سېتىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، يارا ئېغىر بولغانلىقتىن، تېخىچە ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالىتىشقا پۇل يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دوختۇرخانا داۋاملىق داۋالىتىشنى توختىتىپ قويغان، ھازىر پۇتىنىڭ كېسىلگەن يېرى يېرىڭداپ كېتىۋاتماقتا. بۇ كېسەل ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ئاقىۋىتى ناھايتتى خەتەرلىك.



دۇنيا مېھىر- مۇھەببەت بىلەن تولغان، ھايات_ قېرىنداشلارنىڭ ھېسداشلىقى، سەمىمىي دوستلىقى، مىننەتسىز ياردىمى بىلەن ئىللىق بولۇپ كەلگەن. ئىنسان ئىنسانغا موھتاج بولمىسۇن. ئەمما، ئىنسان ئىنسانغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يىقىلغانلارنى يۆلەپ قويۇش، سەكراتتا ياتقان، قىممەتلىك ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قاراۋاتقان ئاجىزلارغا يار- يۆلەكتە بولۇش ئەڭ ساۋابلىق ئىشتۇر ۋە ئىنسانىي پەزىلەت، بۇرۇچتۇر!



ئەي قېرىنداشلار، مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرلار، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ئەنە بىر قېرىندىشىمىز سەكراتتا ئىكەن. تېخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلانىمىز ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدا جان تالىشىۋېتىپتۇ. جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، بىز بەندىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت نىجادلىق تىلەش ۋە ئىمكانىيتىمىزنىڭ بارىچە سەۋەب قىلىش ئىكەن. مۇشۇ قېرىندىشىمىزغا بىر ياردەم قىلايلى. كوچىلىرىمىزدا ساختا مۇراجىئەتنامىنى كۆتۈرىۋېلىپ تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغانلار كۆپەيمەكتە. بىز ھەقىقىي ياردەمگە موھتاج بولىۋاتقانلارنى پەرقلەندۈرەيلى، بۇ مۇراجەتنامىنى كۆرگەن ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ، ھاياتقا تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر ياش يىگىتكە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمىز.



خالىغانلار بىمارنىڭ ئانىسىغا تېلىفۇن قىلساڭلار، دوختۇرخانىغا بېرىپ بىمارنى يوقلاپ قويساڭلار. ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە كەلسەك، تاما- تاما كۆل تولار دېگەندەك، سىزنىڭ قىلغان كىچىككىنە بىر ياردىمىڭىز قېرىندىشىمىزنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ياردىمىمىزنى ئايىمايلى، بىر يۈەن بولسىمۇ ياردەم قىلايلى. اللاھ ھەممىمىزگە سالامەتلىك، ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!

ئىمكان بولسا باشقا مۇنبەر، بلوگلاردىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز!!!





2 سائەت بۇرۇن ئاۋۇ دىلى سۇنۇق ئانا بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتىم، بىچارىنىڭ تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازى كۆڭلۈمنى بەكمۇ يېرىم قىلدى.


قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە ياردەم قىلىپ قويايلى.


ئەسلى مەنبەسى نۇر تورى



يۇقارقى تېمىنى زىيارەت قىلغۇچى قېرىنداشلار ئىمكان بولسا «ئەلا» دېگەننى بىردىن چىكىۋەتسەكلار بوپتىكەن. _____تۇمارىس

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 13:14:20

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



يېزا ئىگىلىك بانكىسى

米力开木·艾力

6210088014354813

ماۋۇ ھىساۋەت نۇمۇرى خاتا بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ.بانكىغا بېرىپ يېرېرىم سائەت ھەپىلىشىپ سالالمىدىم.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 13:38:42

سودا- سانائەت بانكىسى

米力开木·艾力

6222023012005228202



ماۋۇ نۇمۇرغا ئۇرغىلى بولدى 500يۈەن ئۇرۇپ قويدۇم،قېرىنداشلار قاراپ تۇرماي ھەمىمىز ئاز-ئازدىن ياردەم قىلىپ قويساق ھەل بوپ قالار!

تىما يولۈغۇچىغا رەخمەت ئېيتىمەن.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:03:51

مۇھىم بىر نەرسە كەم قاپتۇ ، تولوقلىۋىتىڭلار.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:07:00

ھەجەپمۇ بىجىرىپ بۇلالمىدىم مۇشۇ تور بانكىسى دېگەن نىمىنى  \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:08:55

1- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھىم بىر نەرسە كەم قاپتۇ ، تولوقلىۋىتىڭلار.

ئېنىقراق دېسىڭىز، تىشىپ باقىلى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:09:16

دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى 50 نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن بىساتلىرىنى سېتىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، يارا ئېغىر بولغانلىقتىن، تېخىچە ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالىتىشقا پۇل يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دوختۇرخانا داۋاملىق داۋالىتىشنى توختىتىپ قويغان، ھازىر پۇتىنىڭ كېسىلگەن يېرى يېرىڭداپ كېتىۋاتماقتا. بۇ كېسەل ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ئاقىۋىتى ناھايتتى خەتەرلىك.







دوختۇرخانا دولەتنىڭ ،بىمار كىمنىڭدۇ ! 20 ياشلىق نەۋقىرانلار ۋەتەن ئۇرۇشلىرىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ، ھېلى ھەم دۇشمەن ئالدىغا ئىگىز ئىگىز بىنالارنى قويغىلى بولمايدۇ ،،

دولىتىمىز داۋالاشتىن كىرىمنى ئوبدان قىلىدۇ جۇمۇ .



ئۆلەپلە تۈگىشەي دىسە تېخى بەزى ئىشلارغا ، ياردەم قىلىلى !

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:18:45

بىمار قېرىنداشلارنىڭ ، دوختۇرخانا ياتلارنىڭ !

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:32:14

1- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھىم بىر نەرسە كەم قاپتۇ ، تولوقلىۋىتىڭلار.

ئىنىق گەپ قىلىڭە رۇسلان بوۋاي .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:37:07

سودا- سانائەت بانكىسى

米力开木·艾力

6222023012005228202



يېزا ئىگىلىك بانكىسى

米力开木·艾力

6210088014354813

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:43:23

6- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھىم بىر نەرسە كەم قاپتۇ ، تولوقلىۋىتىڭلار.

ئىنىق گەپ قىلىڭە رۇسلان بوۋاي .




تولوقلىنىپ بوپتۇ. بايا يوقتى (ياكى مېنىڭكىدە كۆرۈنمىدى )

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 21:50:08

ئاخشام خېلى بىر كەملەرگىچە ئۇخلىماي قىلغان ئىشمنىڭ ياخشى ئۈنىمى بولىۋاتقان چىراي ھە @yolyar

مەنمۇ ئاخشاملا بىر قانچە كوت- كوت توپلىرىغا ئاخشامقى ئادرىسنى ئىۋەتىۋەتكەن ئىدىم.. اللاھ قېرىندىشىمىزغا شىپالىق بەرسۇن! تامار- تامار كۆل تولار!

Ayqut يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 22:12:53

ھىساپ ئىسمى خاتا دەپ زادىلا يوللىغىلى بولمىدى. كىملىكتىكى ئسىم بويىچە كىرگۈزدۈم، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قالدۇرىۋىتىپ كىرگۈزۈپ باقتىم يەنىلا بولمىدى. رەنجىمەي ئېنىقراق قىلىپ قويغان بولساق، تور بانكا دېگەن نەرسىنى ئاران ئۆگەنگەن ئىدىم. ئەمدى ئەتە سىلەرنىڭ خەۋىرىڭىلارغا قاراپ قايتا يوللاي

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 22:42:40

تور بانكىسى بېجىرىش توغرىسىدا بىرى تېما ئاچمىسا بولمايدىغان ۋاقىت كەلگەن چىراي...

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 22:44:14

ئىسىم خاتا دەپ يوللىغىلى بولمىدى ... ئېنىق ئىسىم يېزىپ قويۇڭلار بالىلار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 23:14:13

ما ئىشنى ئەمدى، ئەتە خىزمەتدېشىم بانكىغا بېرىپ پۇل سالىدۇ، شۇنىڭدىكى ئۇچۇرنى تەمىنلەي.

مۇمكىن بولسا بىرەرسىڭلار يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بېرىپ ئۇچۇرىنى ئالساڭلار بوپتىكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 23:18:44

9- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام خېلى بىر كەملەرگىچە ئۇخلىماي قىلغان ئىشمنىڭ ياخشى ئۈنىمى بولىۋاتقان چىراي ھە @yolyar

مەنمۇ ئاخشاملا بىر قانچە كوت- كوت توپلىرىغا ئاخشامقى ئادرىسنى ئىۋەتىۋەتكەن ئىدىم.. اللاھ قېرىندىشىمىزغا شىپالىق بەرسۇن! تامار- تامار كۆل تولار!

ئىزدىنىشنى ئاچسام يوللانماپتۇ شۇڭا دەرھاللا ئۆزەم يوللىۋەتتىم.


يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدىكەن، ئۆز قېرىندىشىمىز ئەمەسمۇ؟  

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 23:19:13

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سودا- سانائەت بانكىسى

米力开木·艾力

6222023012005228202


يۇقۇرىدىكى ئۇچۇرلارنى قولدا كىرگۈزۈپمۇ، چاپلاپمۇ مەغلۇپ بولدى، ئىسىم ئارسىدىكى چىكىتنى ئېنگىلىزچە ھالەتتىكى چىكىتكە ئۆزگەرتىپ باقتىم، ھەممىسىدە ئوخشاشلا مۇنداق   ئۇچۇر چىقىۋالدى:


信息代码: 6107 提示信息:


输入的客户名称与分户帐名称不符


شۇڭا، قايتىدىن بىر تەكشۈرۈپ باقامسىلەركىن؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 23:21:10

15- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سودا- سانائەت بانكىسى

米力开木·艾力

6222023012005228202


يۇقۇرىدىكى ئۇچۇرلارنى قولدا كىرگۈزۈپمۇ، چاپلاپمۇ مەغلۇپ بولدى، ئىسىم ئارسىدىكى چىكىتنى ئېنگىلىزچە ھالەتتىكى چىكىتكە ئۆزگەرتىپ باقتىم، ھەممىسىدە ئوخشاشلا مۇنداق   ئۇچۇر چىقىۋالدى:


信息代码: 6107 提示信息:


输入的客户名称与分户帐名称不符


شۇڭا، قايتىدىن بىر تەكشۈرۈپ باقامسىلەركىن؟



ئاللاھ خالىسا ئەتە  چۈشتە س س بانكىنىڭ تەمىنلىيەلەيمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 23:27:57

مەغلۇپ بولۇشىمىزدىكى سەۋەپ،  بىزگە بەخشەندە قىلىپ بەرگەن ئاۋۇ ئۇلۇغ چىكىتنىڭ ئىشىكەن، ئاشۇ چىكىتنى قويماي بىر يوللاپ باقاي دەپ ئاخرقى بىر سىنىقىمدا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى.



سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تورىغا چىكىتنى ھەيدىۋىتىپ مۇنداق كىرگۈزدۈم:

米力开木艾力

6222023012005228202
بەت: [1] 2 3
: ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم