ئاغىنىلەر ،شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى ئىزدىنىشقا كەلمەكچى..
ئاغىنىلەر ،شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى ئىزدىنىشقا كەلمەكچى..
ھى ھىچاقچاق قىلىپ قويدۇم ... ئەسلى شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى توغرۇلۇق گەپلىشەيلى دېمەكچى ئىدىم.
شىنجاڭ كوماندىسىنى بىر يىل بۇرۇنقى بىر قېتىمقى تەسادىپىي پۇرسەتتە مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ قېلىپ تونىغان ئىدىم . شۇ چاغدا ۋستىكبولغا پەقەتلا قىزىقمايتىم .مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرۈپ باقايچۇ دەپ شۇ كورگەنچە شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول مەستانىسى ئايلىنىپ قالدىم .
باتۇر ، شىرئەلى ، مۇرات، مەردان ،مەۋلان ، شۇيگوچۇڭ قاتارلىق شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ھەر قېتىم ئوينىغان مۇسابىقىسىنى بىر قالدۇرماي كۆرۈپ چىقتىم . ئەڭ ئاخىرىدا ئاخىرقى يىلى گۇۋاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنىرىنىڭ كۆرەڭ ھالىتىنى كۇرۇپ تولىمۇ غەزەپلەنگەن ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا قاتتىق ئىشەنىچ باغلاپ يۇرگەن چاغدا بۇ يىلقى ئوينىغان مۇسابىقىلىرىدە 6 قېتىم ئۇتۇپ 2 قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇرۇنقى چارىس، دۇبى قاتارلىق سىرتتىن كەلگەن ئەزالارنىڭ ئورنىغا باشقا ئىككىسى ئالمىشىپتۇ. بۇرۇنقى ۋەھشى ئەلپازىدىن ئەسەر قالمىغاندەك ، ئەمما چۇشەندۇرگۈچىلەر ھازىرقى تېرىنېر دېڭ خۇادې نى داڭلاپ شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيون بۇلىدۇ دەپ يۇرۇيدۇ . مەنمۇ شۇنداق بۇلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن . بۇلۇپمۇ ئاۋۇ گۇاڭدۇڭنىڭ كۆرەڭ تېرىنىرنىڭ شىنجاڭغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ھالىتىنى بەكلا كورگۇم بار. بۇ قېتىم فوشەن كوماندىسىى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 20 نۇمۇر پەرىق تۇرۇپ تاسلا قالدى ئۇتتۇرۇپ قويغىلى ، بۇرۇنقى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى مەردان فوشەنگە ۋاكالىتەن مەيدانغا چۇشتى ،ئىنىسى مەۋلان شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۇشتى.
بۇگۈن كەچتە شاڭخەي كوماندىسى بىلەن ئوينىماقچى . شاڭخەي كوماندىسى ئاجىز كوماندىلارنىڭ بىرسى.


2- قەۋەتتىكى kizginixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چاتىغىم يوق دەۋىرىمەن . بەزىلەر مۇشۇ ۋاسكىتبۇلنى بەك ئەتىۋارلار كۆرىدىكەن ، ئېھتىمال بۇمۇ ئوخشىمىغان ھەۋەستۇر . مەن مۇشۇ پۇتبۇلنى خوتۇنۇمنى ياخشى كۆرگەندەك ئەبەدىي ۋە ئۇز كۆرىمەن .![]()
ۋاسكىتبولمۇ خېلى ياخشىغۇ،تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە خېلى ئويناپ قويىدىغان،خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئوينىغىدەك پۇرسەتمۇ يوق.بىر مەزگىل پۇتبولنىمۇ خېلى ئوينىغان،ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىم كۆڭۈللۈك ئۆتكەن.
NBAنى راۋۇرۇس كۆرۈپ قوياتتىم،CBAنى كۆرگۈم كەلمەيدىغان،ماۋۇ شىنجاڭ كۇماندىسىدىكى ماھىرلېرىمىزنى كۆرۈمەن دە CBAنىمۇ خېلى كۆرۈدىغان بولدۇم،ئاساسلىقى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن 1-ئاۋغۇسىت كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقىلېرىنى كۆرۈپ قويىمەن.ئۆتكەن يىلى ئادەتتىكى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كۇماندىسى قالتىس ئوينىغان مۇقەررەر چىمپىيون بولىدۇ دەپ يۈرسەم ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچتا كونا رەقىبى گۇاڭدۇڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بەك ئەلەم بولدى،بۇ يىل ھېلىقى چەتئەللىك تېرىنىرنى ئەكىلىۋىدى خېلى ئۈمىدلەرنى كۈتسەم چەتئەللىك ھېلىقى توپچى يارلىنىپ چاتاق قىلدى.تۆنۈگۈن شاڭخەي كوماندىسىغىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ قارىغاندا بۇ يىل ھەل قىلغۇچقا كىرىشىمۇ تەستەك قىلىدۇ.
ئەگەر سىرتتىن چەتئەللىك ماھىرلار بولمىسا 1-ئاۋغۇسىتكوماندىسىنى ھىچكىم ئۇتالمايدىغاندەك قىلىدۇ . شاڭخەيگىمۇ ئۇتتۇرۋېتىپتۇ. بۇ يىل چىمپىيون بۇلۇشىدىن ئۇمىت يوقتەك تۇرىدۇ.{:107:} شىنجاڭ كۇماندىسى بۇ يىل قەتئى بەل باغلاپ چىمپىيونلۇقنى ئالماقچى، چەتئەلدىكى داڭلىق تېرىنىر، ماھىرلارنى تەكلىپ قىلدى، مەخسۇس ئايرۇپىلان ئىجارىگە ئالدى، لېكىن ئەھۋال تازا ياخشى ئەمەس، دەسلىپىدىلا شەنشى كۇماندىسىغا 20 نومۇر زور پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، بېيجىڭ كۇماندىسى بىلەن ئۇينىغاندا نۇمۇر پەرقى 20 نومۇرغا يەتكەن ئىدى، يەنە ئۇتتۇرۋىتىدىغان بولدى دەپ كۆرگىم كەلمەي 4- مەيدانغا كەلگەندە كۆرگەن ئىدىم، مۇجىزە يۈز بېرىپتۇ، 1 نومۇر ئاشۇرۇپ ئالدىغا ئۆتكەنتى، 2 ياشلىق ئۇغلۇم بىلەن سەكرەپ كەتتىم، ئەپسۇس 1 نومۇر پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئەتىسى پىنگىۋىن تورى خەۋرىگە قارىسام، 2 مىنۇت ئىچىدە 18 نومۇر ئىلىشتەك مۆجىزىنى يارىتىپ، ھەممىنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. بۇ كۇماندىدا بىزنىڭ ئوغلانلىرىمىز بار، شۇنىمۇ دەپ قۇيغۇم كىلىۋاتىدۇ، شىنجاڭدەك ئىقتىسادى ئاجىز رايون كۇماندىسىنىڭ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى شىجاڭلىقلارنىڭ شەرىپى. شىنجاڭ ۋاسكىتبول كۇماندىسىنى قوللايلى، مەدەت بېرەيلى. باشقىلار شىنجاڭلىقلارنىڭ روھى قىياپىتىنى تونۇپ قويسۇن. ئەگەر مۇشۇ ۋاسكىتبولغا سالغان مەبلەغنىڭ 10 دىن بىرىنى بىر كەسپى پۇتبول كوماندىسىغا سالغان بولسا چىمپيۇنلۇق بىزدىن ئاشماستى ..... بۇگۈن يەنە ئۇتتۇرۋەتتى . 10 مەيدان مۇسابىقىدە 6 مەيدان يېڭىپ 4 مەيدان ئۇتتۇرۋەتتى .شىنجاڭ كوماندىسىنىمىشقا چىمپىيون بۇلالايمىز دەپ ئويلايدىغاندۇ؟بۇرۇنقى ئەلپازى قالمىغاندەكلا . ئاۋۇچەتئەللىك تېرىنىرىنىڭ باشقا ئالاھىدە ھۆنىرى بارمىدۇ يا... ھىچ چۇشۇنەلمىدىم ، شىنجاڭ كوماندىسى ئەجىبا چەتئەللىك ماھىرلار بىلەن كۈچلۈكمىدى.... ھەي، بۈگۈنمۇ ئۇتتۇرىۋەتتى. بۈ يىل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەمدۇ نىمە. مۇسابىقىنى ئۆتكەن يىلقىدەك بېرىلىپ ئوينىمايۋاتىدۇ بۇلار. مارتىننىڭ رولىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئاتىدىغانلاردىن خېلى بار بولمىسا،ئۈچ نومۇرلۇق توپنىڭ چۈشۈش نىسبىتىمۇ بەك تۆۋەنغۇ بۇ يىل. ئاخشامقى مۇسابىقىدە شىرئەلى سەل تەمتىرەپ قالدى... شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيون بۇلىمەن دىمەي ، مەشىقنى ئوبدان قىلسا بولغۇدەك.. جىلىن كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ھازىر ئويناۋاتقان مۇسابىقىسىنى ئارزراق كۇرۇپلا ئۇتۇم يېرىلىپ كىتەي دىدى . ماۋۇ دېڭ دىگەن چەتئەللىك بىىر نەرسە بىلەمدىغاندۇ ؟ يا شىنجاڭ كوماندىسى ئاجىزلىشىپ كەتتىمۇ .
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى جان تىكىپ ئوينايدىغان جەڭگىۋار ئىپادىسى پەقەتلا يوق،قەستەن يېڭىلىپ بىرىۋاتقاندەكلا ... بۇلارنى چۇشۇنۇپ بولغىلى بولمىدى. بىر قانچە يولداش باركەن يا توپ سالالمايدىكەن ، مەيداندا قاققان قۇزۇقتەق تۇرغنى تۇرغان. قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشتا يامان ئىكەن. بۇلارنى يا ئالماشتۇرمايدىكەن .. بەك جىلە قىلدى....

ئەيلۇن بىلەن ئۆتكەن يىلقى ھېلىقى كىمۇ؟ بار ۋاقتىدا چىمپىيون بولالمىغان شنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى بۇ ئىككى چەتئەللىك بىلەن چىمپىيون بولالىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
بۈگۈنمۇ ئۇتتۇرىۋەتتى دەپ ئويلىغان، ھەرھالدا ئاخىرىدا نىئېرسىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولىشى، شىرئەلىجاننىڭ تېرىشىشى بىلەن ئارانلا يەڭدى. ماڭا ئوخشاش توپ مەسـتانىللىرى خېلې باركەن ئاللاھخا شۈكۈر ۋاي مەنمۇ بار