Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 12:03:37

Android ۋە iOS پروگراممېلىرى ئۈستىدە قىلىنغان كىچىككىنە ستاتىستېكا

ios-vs-android


مەشھۇر كۆچمە ئۈسكۈنە يۇمشاق دېتاللىرى ئانالىز شىركىتى Flurry نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە Android ئەپلىرىنى ياسايدىغان پروگراممېرلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش تۈردىكى iOS ئەپلىرىنى ياسايدىغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاران %24 ىگە (تەخمىنەن 1/4 گە) توغرا كېلىدىكەن.




بۇ سىتاتىستېكا Flurry شىركىتىنىڭ «ئەپ ئىچىدىن سېتىۋېلىش» ئىقتىدارى (in App purchasing) غا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۈندىلىك ئاكتىپ ئەزالىرى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان Android ۋە iOS ئەپلىرى ئۈستىدە قىلىنغان سىتاتىستېكا ئىكەن. ستاتىستىكىدا Android ئەپلىرىنى ياسايدىغان پروگراممېرلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش تۈردىكى iOS ئەپلىرىنى ياسايدىغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاران %24 ىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ چىققان.

Flurry بۇ ئەپلەرنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئەپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. يەنە كېلىپ بۇ ھەق تۆلەپ چۈشۈرىدىغان ئەمەس، ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئەپ ئىچىدە ئىقتىدار تولۇقلاش، مۇناسىۋەتلىك قورال سېتىۋېلىش شەكلىدە ھەقلىق سېتىۋېلىش شەكلىدىكى ھەقلىق ئەپلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىتاتىستېكىنىڭ نەتىجىسىنى مۇقەررەر دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ، كۆپلىگەن پروگراممېرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يەنىلا iOS نى تاللايدىغانلىقىغا جاۋاب تېپىپ بەرگەن ئىدى.

Goole نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەرىك شىمىت Eric Schmidt يېقىندا «Android ھازىر iPhone نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى» دەپ جاكارلىغان ئىدى. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تەھلىلى بويىچە ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى، Android تېلىفونلىرىنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپلىنىش سانىغا ئاساسەن ئىشەنچلىك بولسىمۇ، ئەپ ياساپ كىرىم يارىتىشقا قارىتا ئېيتقاندا چاك بېسىشى ناتايىن ئىكەن. ستاتىستېكىدا Android سېستىمىسى قاچىلانغان تېلىفوندىن كۈنىگە تەخمىنەن 550 مىڭ دانىسى ئاكتىپلىنىدىكەن. يەنى كۈندە 550 مىڭ دانە Android تېلىفونى سېتلىدىكەن. بۇ سان، كۈندە 450 مىڭ دانە سېتىلىدىغان iPhone دىن يۇقىرى ئىدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پروگراممېرلار 2011-يىلى ئىچىدە يېڭىدىن 50 مىڭ دانە iOS سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان ئەپ ياسىغان بولۇپ، iOS ئەپلىرى يەنىلا دۇنيادا ئەڭ كۆپلىكى بىلەن ئالدىنقى قاتارنى ساقلاپ كېلەلىگەن. ئۆتكەنكى 6 ئاي ئىچىدە، ئېچىلغان يېڭى تۈرلەرنىڭ 3/4 قىسمى iOS تە ئىكەن.


PS: ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە Android ROM ياسىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. كىيىن تورنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ تاۋباۋدىكى دۇككىنىنى كۆردۈم ۋە ئۇلارغا قايىل بولدۇم. قايىللىقىم يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تېلىفون سېستىمىسى ئۈچۈن قويغان ئىئانە پائالىيىتىگىمۇ قاتنىشىپ قويدۇم. ئۇلار بۇ نەتىجىلەرگە ئاز ئەجىر سىڭدۈرمەپتۇ. خېلى كۈچەپتۇ، خۇداغا شۈكرى، كۈچىگىنىگە لايىق ئەمگىكى مىۋە بېرىپتۇ.

لېكىن ئويلىدىمكى، ئەگەر ئۇلار ئاشۇ زېھنىنى بىرەر قولايلىق ئۇيغۇرچە iOS ئەپلىرى ياساشقا ئىشلەتكەن بولسا، خېتىنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا App Store دا 3 دوللاردىن (ھازىرقى 18 يۈەن خەلق پۇلى) ساتسا ئىشىنىمەنكى App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپكە تەلۋىلەرچە چاڭقىغان دىلىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ 4~5 مىڭ يۈەنگە تېلىفون ئالغان ئايفونچىلار بۇ باھادا بىر ئاماللارنى قىلىپ بولسىمۇ چوقۇم سېتىۋالىدۇ.

ئەڭ ئاددىي بىر ستاتىستېكىنى مىسال قىلاي:

ئۇيغۇرلار ئىچىدە 50 مىڭ ئادەم iPhone ئىشلىتىدۇ دېسەك، بۇنى كۈچىمىزنىڭ بېرىچە چوڭ تور بەتلەردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ 10 مىڭىنى مۇشۇ نەرسىنى سېتىۋالىدۇ دەپ قارىيالايمىز. 10 مىڭ ئادەم بىزگە جەمئىي 180 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى (ئالمىغا بېرىدىغان قىسمى، بىزنىڭ خىراجەتلىرىمىز دېگەندەك) چىقىرىپ تاشلىساق 100 مىڭ يۈەن قولىمىزغا قالار؟ بوپتۇ چىقىمغا 100 مىڭنى چىقىرىۋەتسەك 80 مىڭ يۈەنغۇ قالار؟ سىلەر نېمىشقا بۇ بازارنى ئويلاشمايسىلەر؟

مەن ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككى موچەن خەجلەپ Anroid ئەپلىرىنى سېتىۋالغىنىنى ئاڭلىمىدىم. گەرچە ئۆزۈم ئاران يېرىم يىلچە ئىشلەتكەن بولساممۇ بىر پۇڭ خەجلىمەي ئويناپ يۈردۈم. لېكىن ھەرقانداق بىر iPhone ئىشلەتكۈچىدىن سورىسىڭىز كېمىدە بىرەر دوللارلىق بىر نەرسە ئالمىدى دېسەكمۇ، سىز ئۇيغۇرچە ئەپ ياسىسىڭىز 4~5 دوللارلىق بولسىمۇ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

شۇڭا پروگراممېرلارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمەنكى، ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىش – ئالمىنى ئۆزىنىڭ رايى بويىچە سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن ھەر بىر iPhone ئابونتلىرى ئۈچۈن نورمال بىر ئىش. ھەتتا iOS ئابونتلىرى شۇنداق بولىشى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. بۇنى Steve Jobs بىزگە تاڭدى. لېكىن ئەسلى شۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى. ھەقلىقنى يېشىپ، چۇۋۇپ ھەقسىز ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالغان بىزمۇ، ئۇيغۇرچە بىرەر ئەپ بولسا ئۇنى 破解 قىلغۇمىز كەلمەيدۇ (قىلالىغان تەقدىردىمۇ). خەنزۇلار ئاۋارە بولۇپ بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى چۇۋۇپ يۈرمەيدۇ. بىزمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەق تۆلەپ سېتىۋالغۇمىز كېلىدۇ.


شۇڭا ئۇيغۇر پروگراممېرلارنىڭ مۇشۇ كەمچىللىكنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت تولۇقلىۋېلىپ كۈچىيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!


مەنبە: پاسىبان كۇلۇبى

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 14:07:19

andiroid تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقانلارنى ئۇنى قىل بۇنى قىل دىمەي يەنىلا ئۆز يولىغا ماڭغىلى قويايلى ، مېنىڭچە andiroid روملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئۇنى پۇلغا ساتسىمۇ ئوخشاشلا ئىقتىسادى قىممەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ ، ھىچ بولمىغاندا قوللىنىشچان ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بىر ئىككى يۈەندىن ساتسىمۇ بولىدۇ . ئەگەر مېنىڭ تېلفونۇم قوللايدىغان ئۇيغۇرچە رومنى ياساپ مۇۋاپىق باھادا ساتسا مەنمۇ سېتىۋالىمەن.

سىزنىڭ andiroid سىستېمىلىق تېلفوننى ئالتە ئاي ئىشلىتىپ بىرموچەنلىك ئەپ سېتىۋالمىغانلىقىڭىز  andiroid تېلفونلىرىدا ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. ئالتە ئاي ئىشلىتىپ ھىچقانداق ئەپ قاچىلىمىدىم دىسىڭىز مەنمۇ ئىشەنمەيمەن، سىز بەلكىم ھەقسىز ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ يەردە  ئەپلەرنى پۇلغا ساتمىغانلىقلا مەسىلىسى بار.

بۇ يەردە iOS ھەۋەسكارلىرىدىن باشقا يەنە andiroid ھەۋەسكارلىرىمۇ بار ،andiroid ھەۋەسكارلىرىمۇ ئەپ ياسىغۇچى پروگراممېرلارغا مۇھتاج شۇڭا andiroid قا قاراتقان زېھنىڭلارنى iOS قا قارىتىڭلار دىگەن پىكىرگە مەن بەك قوشۇلۇپ كەتمىدىم. ئەلۋەتتە بۇ پروگراممېرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى.

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 20:30:29

پىروگرامما شۇنداق نەرسىدۇركى، سىز ئۇنى قىلىمەن بۇنى قىلىمەن دېگەنگە ئىش پۈتمەيدۇ،شۇنداق بىر چاغلار كېلدۇكى سىز ئۇخلىسىڭىزمۇ ئۇخلىيالماي كود چۈشەيسىز ھەمدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھاياجان ئىچىدە كود يېزىپ كېتسىز، ئەلۋەتتە ئۇلار سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز سىز ئۆزىڭىزنى مىڭ زورلاپمۇ مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى ئۆگنەلمەيسىز، ھەم شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى مىڭ زورلاپمۇ قىزقىپ قالغان كودلار دۇنياسىدىن قۇتۇلالمايسىز، شۇڭا باشقىلار مەيلى andiroid    ۋە ياكى باشقا نەرسە بىلەن شۇغۇللانسۇن ئۆز قىزىقىشى بىلەن بولسۇن، پىكىرىڭىزنى قوللاشقا بۇلىدۇ...

kallak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 08:59:07

andiroid2.3  سىستىمىلىق تىلفۇندا ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە چىقسام ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوقۇغىلى بولماۋاتىدۇ بىرەر چارە بارمۇ بۇنىڭغا !!!!!








Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 10:33:12

ئەقىللىق تېلېفۇنلارغا ئەپ ياساۋاتقان دوستلىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاپ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانا ئىئانە نومۇرى تېخىمۇ كۆپ جايلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.
بەت: [1]
: Android ۋە iOS پروگراممېلىرى ئۈستىدە قىلىنغان كىچىككىنە ستاتىستېكا