matu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:00:21

قوڭى يوغان دىگەن قانداق نىمە؟

تۇرۇپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى،ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قوڭى يوغان دىگەن بىر نىمە چىقىپ قېلىپ بەك قىينىۋەتكەن.سەۋەبى نىمە؟قانداق شىپا تاپقىلى بولىدۇ؟ئىلمى نامى نىمە دىيىلىدۇ ئۇنىڭ؟

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 13:15:12

بۇ  گۇيغا   رەھىم  قىلسا  بولمايدۇ.يېڭى  چىققاندىلا ، ئابدىمىلىك  دەيدىغان بىر  نەرسە بارغۇ  شۇنى ئوتتا   چالىراق كۆيدۈرۈپ   شۇنى مىجىپ  ،بىژ نىمىسى يوغاننىڭ  ئۈستىگە  سۈرىتمەي ، ئەتراپىغا  سۈرتىمىز  ،ئاندىن ئاق داكا  بىلەن  تېڭىپ قويۇپ  ئەتسى  ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز  ئاساسى  جەھەتتىن پىشىپ  قالغان  بولىدۇ ،قارامراق ،تەجىربىسى بار كىشىدىن بىرنى تېپىپ    بېسىپ تۇرۇپ  بىرلا  سىقلا   بىژ نىمىسى  يوغان دىگەن بۇ  گۇي  بالا -ۋاقىسى بىلەنلا  تاقلاپ  چىكىتىدۇ ،بولسا  تازلاپ  قويسىڭىز مۇ بولىدۇ .ئىشقىلىپ  پاكىز  تۇتسىڭىز  بىر-ئىككى  كۈندە  ساقىيىدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2011-12-15 14:01:16

قوڭى يوغان...

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:08:21

بۇرۇن چىققان قوڭى يۇغان يەنە چىقىپتۇدە مەتوباي....  ئاساسلىغى قاننىڭ بۇزۇلشىدىن چىقامدىكىن

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:12:34

تىمىنىڭ تىمىسى بەك قىززىق تۇيۇلدى ماڭا   {:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:16:06

خوتۇن ئالغىسى كەلگەندە چىقامدىكى  {:92:}

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:28:36

ئاكام ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن يىلى مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرغاندا مەڭزىگىلا بىرسى چىقىپ قالغانتى \"\"

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر گەپنى سوراۋالسام بىر مۇنبەردىشىمىزنىڭ مۇنبەرگە تىزىملىتىشى مەغلۇپ بولۇپتۇ(كونا ئەزا ئىدى)

ھەل قىلىشىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.  {:90:}

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:42:46

بىر چىققان نەرسە قايتا چىقمايدىكەن،شۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى،ئىزدىنىشتا خېلى تىۋىپ-دوختۇر بالىلار باتىغۇ؟

axin717 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:43:43

دەسلەپتە كىچىك، قىزىل رەڭلىك قاپارتما پەيدا بۇلۇپ، بارغانسىرى چوڭىيىپ ئۇچى ئۇچلۇق، تۆۋى يوغان مونەككە ئايلىنىدۇ، شۇڭا خەلىق ئارىسىدا‹تۆۋى يوغان›‹قوڭى يوغان› دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان، ئەسلى تىببىي نامى ‹چىقان› ئوردۇچە: دوممۇل دەپ ئاتايدۇ. كۆپ ئورۇندىن ئېغىز ئالغانلىرى ‹غەلۋىرەك›دىيىلىدۇ.

بۇ ئاساسلىقى غەيرى تەبىئىي قان ماددىسىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەپلىك بۇلىدۇ.

چىقان پەيدا بولغان كۇنىلا سۇ تەگمىگەن ھاكنى تۇخۇم ئېقى ياكى كۇنجۇت مېيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا يوقاپ كىتىدۇ ياكى يېرىڭ يېغماي ساقىيدۇ.

داۋالاشتا بەدەندىكى خەتەرلىك رايۇنلاردا بۇلماي قالسىلا دەسلەپكى مەزگىلدە ھېجامەت قويۇش(ئېغىزىنى تىلىپ لوڭقا قويۇش) بىلەن داۋالاش مۇمكىن، ئىچىشكە سۇغۇق تەبىئەتلىك چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇدىغان دورىلار بىرىلىپ داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

زىيان قىلىدىغان تائاملىرى: قىيمىلىق، بۇسلىغان ، قورىغان گۆش تۇردىكى تائاملار(ئەڭ ياخشى يىمەكلىكى كاكچا نان بىلەن سۇ)

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:53:02

رەھمەت!كۆپ رەھمەت!!

نەق ئۈچ يەرگە چىققان بۇ كاساپەت ئېسىمدە قېلىشىچە،مۇشۇ چاققىچە بىلمەي يۇرۈپتىكەنمەن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 19:58:41

ئۇ چاغلار ئاچچىقنى دەھشەت يەيدىغان ،قىز-پىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇدىغان ۋاقلارتى،شۇڭا بۇزۇلۇپتىكەندە... \"\"

begtash يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 20:49:07

چىقان دىگىنى شۇمۇ يا؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 20:51:19

ما مەتۇنىڭ تىمىسىنىڭ تىمىسى بەكلا قىزىقارلىققەن راس .... \"\"   {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 21:00:48

چىقان دەيدۇ تۇرپاندا \"\"

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 21:07:14

تىببى نامى تۈك خالتىسى ياللۇغى، خەنزۇچىسى : 疖肿، ياكى 毛囊炎

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 21:10:58

بۇ،چىقان تۈك يىلتىزىنىڭ سىرتقى تەسىرنىڭ سەۋەبىدىن  يۇقۇملانسا ياكى زەخمىلەنسە پەيدا بۇلىدىغان جاراھەت دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.كونىلارنىڭ ھەممە كىشىگە بىرقېتىمدىن ھەم ئۇدائۈچ قېتىمغىچە چىقىدۇ.ئۇندىن باشقاقاندىكى ھارەتنىڭ يۇقىرلىقىدىنمۇ بۇ جاراھەت چىقىدۇ دەيدىغان گەپنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ نەرسە چىقىپ قالسا بەك قىينايدۇ ئادەمنى.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 22:11:45

ماڭا چىقىپ قالغان ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بېشىدا، ئاشۇ ۋاقىتتا ئورۇندۇقتا ئولتۇرالماي ،دەرىس تەكرار قىلالماي. يامان تەسسە ساقايغان ئىدى .

ئاشۇ قوڭى يوغاننى يېرىپ يىلتىزىنى ئېلىۋەتمىسە يەنە چىقامىش .  {:92:}

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 22:13:56

قىزىم بىر ياشقا ئەمدى توشقاندا چىقىپ قېلىپ سەت قېينىۋەتكەن......3 تال چوڭى ۋە بىر قانچە كىچىك شوركىللىرى بىلەن ....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 22:20:59

3- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتۇن ئالغىسى كەلگەندە چىقامدىكى \"\"

بۇ گەپ توغرا، توي قىلغۇچە دائىم چىقىدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 22:37:07

چىقان دەڭلا بىر . ...........قوڭى يوغان دەپ يالغان ئىسىم قويۇپ تېماڭنى قىزىتاي دەپسەندە \"\"


\"\"


مەقسىدىڭ  باشقا  سېنىڭ  \"\"

بەت: [1] 2 3
: قوڭى يوغان دىگەن قانداق نىمە؟