senewer يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 11:35:52

سودا قىلىش ئادىتىگە ئاساسەن سودا يۈزلىنىشىگە نەزەر سېلىش[تەرجىمە]



بازاردىكى ھەقىقەت – ۋەزىيەت كۆزىتىش دېمەكتۇر ، ۋەزىيەت كۆزىتىش دېگەن نېمە ؟  قانداق قىلغاندا ۋەزىيەت كۆزەتكىلى بولىدۇ ؟ كۆپچىلىك دوللاردىن باشقا پۇللارنى قۇرۇق سودا قىلايلى (做空 كەلگۈسىدىكى بازار ئەھۋالىنىڭ چۈشۈشىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ، قولىدىكى پايچېكىنى ھازىرقى بازار باھاسىدا سېتىۋىتىپ ، بازار چۈشكەندە يەنە سېتىۋىلىپ ، باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇ سودىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاۋال سېتىۋىتىپ ئاندىن سېتىۋىلىش ) دەپ جار سالغان ۋاقىتتا ، مەنمۇ بەلكىم دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ كۇرسى چۈشتى دەپ ئويلىغان ، تەكشى سىزىق سېستىمىسىدا يەنە ھايانلىق پاي سېتىۋىلىشنىڭ ئۇچۇرى قايتا – قايتا پەيدا بولدى ، مەن بايقىماي ، كۆڭلۈمدە تېخى دوللاردىن باشقا پۇللارنى قۇرۇق سودا قىلىش خىيالىدا بوپتىمەن . نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قويدۇم . بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، بازارنى زىيىنىغا سېتىش نۇقتىسىغا يەتكەن ئوخشايدۇ . K سىزىقنىڭ بىر كۈندىكى تۆۋەن نۇقتىسى بىر نۇقتىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ . ياۋرودا ئۈزلۈكسىز مۇسىبەت ئۆرلەش ( سېتىلىش باھاسى ئۈزلۈكسىز ھالدا بازار ئېچىلىش باھاسىدىن يۇقىرى بولدى ) كۆرۈلدى .


داۋاملىق مۇشۇنداق بازاردىن چېكىنىش نۇقتىسىدا تۇرىۋىرىپ ، تۇيۇقسىز << بازار ۋەزىيىتىگە قاراش >> كېرەكلىكىنى بايقاپ قالدىم ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مالنى ئامباردا ساقلاش ۋاقتىغا(持仓时间) ئاساسەن ، ئۆزىنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش . خۇددى ھازىرقى دەۋرىي سىزىق تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچراپ ، قاڭقىش پەيدا بولغاندەك . ئەمما مەن ئەزەلدىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا قىلمايتتىم ، مېنىڭ قىلغان سودىلىرىم بىر كۈن ياكى ئىككى كۈنلۈك سودا ئىدى ، مەن ئاللىقاچان ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلىنى بېكىتىپ قويغان ئىدىم ، مەن كۈندىلىك سودا سىزىقى ، تۆت سائەتلىك بازار ئەھۋالى ، يەنە ۋاقىتلىك پەسلەش ئېھتىياج ئەھۋالى قاتارلىقلارغا نەزەر سالىمەن ، مەن نېمىشقا بازار ۋەزىيىتىگە قاراپ ھايانلىق پاي سېتىۋالماي ، ئەكسىچە مەن يۇقىرى خانىلىق قۇرۇق سودا قىلدىم ، ھەر قېتىم مال تىزىملىكى چۈشۈرگەندە ، ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىمەن ، پايدا ئېلىش نۇقتىسىدا توختىساممۇ ، ناھايىتى شۇ ئازراقلا پايدا ئالىمەن .


ئاتالمىش بازار ۋەزىيىتىگە قاراش ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سودا قىلىش ئادىتى ، ئۆزىنىڭ بازار ۋەزىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ، سىز بىر كۈنلۈك سودا قىلىدىغان خادىم بولغان ۋاقتىڭىزدا ، كۈندىلىك سودا سىزىقىدا ئاشكارە ھايانلىق پاي سېتىۋىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەندە ، گەرچە دەۋرىي سىزىق داۋاملىق تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرسىمۇ ، پەقەت كۈچلۈك تىرەك نۇقتىسىغا يولۇقۇپ قاڭقىغان ۋاقتىدا ، يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ مال تىزىملىكى سودا قىلىش ئۇسۇلىڭىز بويىچە سودا قىلىڭ . چۈنكى كۈندىلىك سودا سىزىقى ۋە تۆت سائەتلىك سودا ئەھۋالىنىڭ ئۆسۈشى سىزنىڭ ھازىرقى سودىڭىزنىڭ بازار ۋەزىيىتىگە قاراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .


سودا قانداق بولىدۇ ؟


   چوقۇم ياخشى بولغان سودا ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ ، چوقۇم يېتىلدۈرۈڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سودا ئۇسۇلىڭىزغا ئىشىنىڭ ، كۆرگەن – بىلگەنلىرىڭىزنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن . نېمىشقا يېڭىدىن سودىغا كىرىشكەنلەر ئەكسىچە كۆپ پايدا ئالالايدۇ ؟ سەۋەبى شۇكى ، ئۇلار ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ ، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرنى چىڭ تۇتىدۇ ، ئۆسكىنىنى كۆرسە ، ھاينىغا ساتىدۇ . چۈشكىنىنى كۆرسە قۇرۇق سودا قىلىدۇ . چۈشۈشنىڭ توختاش نۇقتىسىغا يەتكەندە بازاردىن چېكىنىدۇ ، ئۆرلەشنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا يەتكەندە ، مالنى قولدىن چىقىرىدۇ .


     بىلىدىغان نەرسىڭىزنىڭ باشقىلاردىن ئاز بولۇشىدىن قورقماڭ ، ئەڭ مۇھىمى – سىزنىڭ ھازىرقى بازار يۈزلىنىشىنى چۈشىنىشىڭىز ، قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ سودا ئۇسۇلى ۋە خاراكتىرى بويىچە ، بىر تۈرلۈك سودا مىزانى تۈزىۋىلىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى سودىنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى ، خەۋپ – خەتەرنى قانداق قىلىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى چۈشىنىۋىلىڭ . ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىل بازار يۈزلىنىشىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى ، قايسى دەرىجىدىكى زىيانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ، قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ يېتىڭ . ئۆزىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئىشنى قىلماڭ ، مانا بۇ سودا دېيىلىدۇ .


     سودا بىر ئادەمنىڭ قىلمىشى ، ئۇ سىزنىڭ بىلىدىغان نەرسىڭىزنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ، سودا يەككە بولىدۇ ، بازار يۈزلىنىشىنى چۈشىنەلمىگەن چېغىڭىزدا ، بازاردىن ئايرىلىپ بىر ئاز ئارام ئېلىشنىڭ خاتا ئىش بولۇشى ناتايىن . بەزى چاغلاردا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، بازار يۈزلىنىشىنى چۈشىنەلمىگەن چېغىڭىزدا ، كېيىنكى بىر مەزگىللىك بازار ئۆزگىرىشىنى ئوبدان كۆزىتىڭ . ئۇنىڭ نېمىشقا شۇ خىل باھادىن ئۆسمىگەنلىكىنى ، نېمىشقا بۇ خىل باھادىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆزىتىڭ . ئەگەر سىز مەشغۇلات قىلماقچى بولسىڭىز ، ئۆزىڭىز پىششىق بىلىدىغان كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن بۇ بازاردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئويلىشىڭ . سىز پىششىق بىلىدىغان كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بۇ خىل بازار يۈزلىنىشىدىكى ئۆزگىرىش ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىڭ . ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئېلاستىكا ھالەتتە ، داۋاملىق تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ھالەتتە بولىدۇ .


   شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بۇ ساھە بىلەن ھەپىلىشىپ ، پەقەت بىر دوستۇمنىڭ ماڭا دېگەن بىر ئېغىز << Kسىزىقى بولسا ، بارلىق تەھلىللەر ئىچىدىكى تاشقى پېرىۋوت بازىرىغا ئائىت ئەڭ پايدىلىق تەھلىل >> گېپى ئېسىمدە قاپتۇ . ئىلگىرى چۈشەنمەپتىكەنمەن ، لېكىن ھازىر بۇ ھەقتە ئاز – تولا بىر نەرسە بىلىمەن ، Kسىزىقىنىڭ بىر تەۋرىنىشى بىلەن يەنە بىر تەۋرىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان بىر نەرسە . ئەمما كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن : - ھەي .... ئەسلىدە مۇنداقكەندە – دېيىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە راستىنلا قىلغۇڭىز بولسا ، سىز بىر تەۋرىنىشنىڭ بازار ئەھۋالىغا قاراپ كۆزىتىڭ . ئۇلارنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدەڭ ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈڭ .


مەن ئەزەلدىن تەكشى سىزىقنى ئىشلىتىپ بەكلا كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى تەكشى سىزىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتىشەلمىدى ، بەزىدە ئۆزۈمنى تەكشى سىزىق تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندەك ھېس قىلىپ ، بەكلا ئۈمىدسىزلىنىمەن ، خۇددى دوستى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندەكلا . ھازىر خېلى ئوڭشىلىپ قالدىم . چۈنكى ئۇنى ھەقىقى چۈشەندىم . ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ھالەت ئۆزگىرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىم ، ئەسلى مەن ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتىشەلمەپتىكەنمەن .


ئۆزىڭىزنىڭ پاي كۆرسەتكۈچلىرىڭىزنى دوستىڭىزغا ئايلاندۇرىۋىلىڭ ، ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ سودا سېستىمىڭىزغا ، سودا پىلانىڭىزغا ئىشىنىدىغان بولۇڭ . ھەربىر ئادەمنىڭ بازارغا بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ ، نەزەر دائىرىسىمۇ ئوخشىمايدۇ ، ئۆزىڭىزنىڭ خاراكتىرى بويىچە سودا قىلىڭ ، كۆزىڭىز كۆرگەنگە ئىشىنىڭ ، خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ، بىلىپ خاتالىشىڭ ، خاتالىقنىڭ نەدىن كەتكىنىنى ، قانداق تۈزىتىشنى بىلىڭ .


مەنبە :http://www.forex.com.cn/html/c350/2011-10/2214115.htm?

بەت: [1]
: سودا قىلىش ئادىتىگە ئاساسەن سودا يۈزلىنىشىگە نەزەر سېلىش[تەرجىمە]