Tactical يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 17:28:12

جۇڭگودا باي – كەمبەغەللىك پەرقى بارغانسىرى زورايماقتا[كۆچۈرۈلمە]

  


ئىلىم – پەن نەشىرىياتى يېقىندا نەشىر قىلغان ‹‹جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال ئىھتىياجىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەسىرچان ئامىللار ھەققىدە تەتقىقات›› تا ئاشكارلىنىشىچە، 1985- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە، ئاھالىلەر ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى بارغانسىرى كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى كىرىم گۇرۇپپىسى بىلەن ئەڭ تۆۋەن كىرىم گۇرۇپپىسى ئارىسىدىكى  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم پەرقى 1985- يىلىدىكى 2.9 ھەسسىدىن 2009- يىلى 8.9 ھەسسىگە ئۆسكەن بولۇپ، ھېلىھەم ئۆسۈش ھالىتىدە ئىكەن. گۇاڭدۇڭ رايونىدا بۇ سانلىق قىممەت تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، 9.49 ھەسسىگە توغرا كەلگەن.


ئەمەلىيەتتە، كۈنىسىرى كېڭىيىۋاتقان باي- كەمبەغەللىك پەرقى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، ‹‹گىنى كوئىفىنسىنتى›› يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ قىزىق ئىستاستىكا مەلۇماتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.


ئۇنداقتا گىنى كوئىفىنسىنتى دېگەن نىمە؟


گىنى كوئىفىنسىنتى(Gini Coefficient) – ئىتالىيەلىك ئىقتىسادشۇناس كوررادو گىنى (1884-1965) 1912- يىلى ئوتتۇرغا قويغان، كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرقنى ئۆلچەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىستاستىكا ئۇقۇمى؛ ئۇنىڭ قىممىتى 0 بىلەن 1 ئارىسىدا بولىدۇ. خەلقئارادا  بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى باي – كەمبەغەللىك نىسبىتىگە باھا بېرىلىدۇ.


سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگونىڭ گىنى كوئىفىنسىنتى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى 0.28 دىن 2007- يىلى 0.48 گە ئۆرلىگەن، يەنە تېخى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان توختىماي ئۆرلەپ 0.5 تىن ئاشقان. خەلقئارالىق ئىستاستىكىلاردىكى ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، گىنى كوئىفىنسىنتى 0.4 تىن ئاشسىلا، بىر دۆلەتتىكى بايلىقنىڭ ئاللىقاچان ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، جۇڭگودىكى %41.1 بايلىق %1 نوپۇسنىڭ قولىدا ئىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ %60 بايلىقى %5 نوپۇسنىڭ قولىدا بولۇپ، بايلىقنىڭ مەركەزلىشىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئامېرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشكەن ھەمدە يەرشاردىكى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.  ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇتۇپلىشىش قەدىمى توختىمايلا قالماستىن تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتكەن ئالامەتلەر بار. بۇ ئېنىقكى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بولۇش مىخانىزىمىدا ئېغىر دەرىجىدە ئۈزۈلۈش بولغانلىقنىڭ روشەن ئالامىتى.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يەرشارى ئىقتىساد كىرزىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى بايلارنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئازايغان، لېكىن جۇڭگودىكى بايلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. 2010- يىلى جۇڭگودىكى مىلىيونېرلار سان جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3- ئورۇنغا ئۆتۈپ، راۋۇرۇس ئاشقان ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتتىكى تاراتقۇلار ئېيىتقان ‹‹جۇڭگولۇقلار بارغانسىرى بېيىۋاتىدۇ›› دېگەن ھادىسە شەكىللەنگەن. بوستون مەسلىھەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ، دۇنيادىكى بايلارنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگودىكى مىلىيونېرلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %18 گە يىتىدىكەن. بۇ بايلار ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە، ئۆي مۈلۈك،IT ، سودا مۇلازىمىتى، ياساش كەسپى، ئېنىرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىن بولىدىكەن.


جۇڭگولۇق بايلارنىڭ بايلىق توپلاش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، بايلىق مەنبەسى ۋە جەريانى قاتارلىقلار ئاشكارلانغان. چەتئەللەردە، بىر مىلىيونېرنىڭ، 100 مىلىيون تېپىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 15 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن، 100 مىلىيوننى 1مىلياردقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 10 يىل ۋاقىت لازىم بولىدىكەن. لېكىن جۇڭگودا بۇ جەريان پەقەت 3 يىلدىلا تاماملىنىدىغان بولۇپ، چەتئەللەرنىڭكىدىن ناھايىتى زور پەرق قىلىدىكەن.


دائىم دېگۈدەك بايلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بىر ئەربابنىڭ ئاشكارلىشىچە، زور بايلىق ئىگىلىرى ئىچىدە نورمال ھالەتتە بايلىق توپلايدىغانلاردىن سىرىت كۆپ ساندىكىلىرى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر بولىدىكەن: بۇنىڭ بىرىنچىسى، ھوقۇق ۋە مەبلەغكە تايىنىدىغانلار، ئىككىنچىسى، كۈلرەڭلىك كىرىم تىپىدىكىلەر، ئۈچۈنچىسى، كان ئېچىش قاتارلىق مەنبە ياكى مونۇپول خاراكتېرىدىكى ساھە ئارىسىدىكىلەر؛ زەردارلارنىڭ يېشى ئادەتتە 35-55 ئارىسىدا بولىدىكەن. بۇ ئەرباب ھەتتا، زەردارلار چەمبىرىكىدىكى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بايلىق توپلايدىغانلارنى %30 تىن ئاشمايدۇ دەپ قارايدىكەن.


بۇنداق كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بىز پەقەت ‹‹جۇڭگودىكى بايلىقنىڭ %41.4 ى %1 نوپۇسنىڭ قولىدا›› دېگەن سانلىق مەلۇماتقا قارىساقلا بىلەلەيمىز. بۇ سانلىق مەلۇمات بۈگۈنكى كۈندىكى پىشىپ يىتىلگەن كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن ئېشىپ چۈشۈپلا قالماي، يەنە تېخى ئەينى چاغدا ‹‹ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن›› ئامېرىكىنى خېلى كەينىگە قالدۇرۇپ قويغان. 1929- يىلى ئامېرىكىدىكى %1 نوپۇس دۆلەتتكى ئومۇمىي بايلىقنىڭ %31.6 نى قولغا ئېلىپ، دۇنيانى غېرىپسىندۇرۇپ قويغان. ھالبۇكى دۆلەت ئومۇمى بايلىقىنىڭ %41.4 ى %1 نوپۇسنىڭ ئالقىنىغا كۆچكەن جۇڭگوغا نىسبەتەن، يۇقارقى نەزەرىيەنى بەلگە قىلىدىغان بولساق، كىرزىس تېخى ئالدىمىزدا دىيەلەيمىز.


لكېىن، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار بۇ ئەھۋالنى ئاقلاپ، بايلىق مەركەزلىشىشى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتدىكى مۇقەررەر جەريان، ‹‹بايلار قوغداشقا ئېرىشكەندە، كەمبەغەللە ئاندىن باي بولالايدۇ›› دەيدىغان ‹‹ئۇلۇغ نەزەرىيەنى››نى بازارغا سېلىپ، ‹‹قوينۇمدىن تۆكۈلسە قونجۇمغا›› بولىدۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق بايلارنى سۆكىدىغان ئىش پەقەت، بايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىققان، ديىشىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنداق نەزەرىيە رەھمىسىز رىئاللىق تەرىپىدىن ئاللىقاچان بىتچىت قىلىنغان، يەنى بايلارنىڭ باي بولۇشى، ھىچقاچان نامراتلارنى باي قىلالمايدۇ.


راستىنى دېگەندە، ھوقۇق بىلەن پۇلنىڭ  سودىسى بۇ نۇقتىدا تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئىجىتمائىي تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلىشى جۇڭگونى بۈگۈنكىدەك باي – كەمبەغەللىك پەرقى جەھەتتە ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ››گە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئەگەر بىر دۆلەتتىكى بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشسە،ئىستىمال كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىمۇ مۇقەررەر ئەھۋال. نۆۋەتتە، جۇڭگودىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى، كىرىم ۋە بايلىق تەقسىماتى ئارىسىنى كېڭەيتىپ، تەقسىمات ھالقىسىدىكى باراۋەرلىكنى بۇزدى، شۇڭا ئۇ پەقەتلا ئىقتىسادى مەسىلە بولماستىن، يەنە باراۋەرلىك ۋە ھەققانىيەت قاتارلىق ئىجىتىمائىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.


جۇڭگودىكى باي – كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ ئوبىكتىپ ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، ئىككى قۇتۇپلىشىشنىڭ ئېغىرلىشى، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىشىغا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. جۈرئەتسىزلىك ياكى يۈزلىنىشنى خالىماسلىق، قۇلاقنى ئىتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلىغاندەك بىر ئىش. ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكمەتلەر مەسىلىگە يۈزلىنىشنى خالىمىسا، ھەل قىلىدىغان ئامال چىقمايدۇ. ئىناق جەمئىيەت، ئورتاق گۈللىنىشنى تەرەققىيات نىشانى قىلغان بىر دۆلەت ئۈچۈن، باي – كەمبەغەللىك پەرقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىمىغاندا، يۇقارقى سۆزلەر ئېغىزىمىزدىن يىراق كىتەلمەسلىكى مۇمكىن.


يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بايلىقنىڭ ئاز سانلىقلار تەرەپكە زىيادە ئېغىپ كېتىشى، تۈزۈملەشكەن چىرىكلىك ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ مونوپۇل قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ قولىدىن تەرەققىيات ۋە رىقابەت پۇرسىتىنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن. ئۇزۇننى چىقىش نۇقتىسى قىلغاندا، بايلىق ئاز سانلىقلارنىڭ قولغا مەركەزلىشىشى جۇڭگونىڭ رىقابەت يىلتىزىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ قىممىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات دەۋرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويىدۇ، ئاخىرىدا بولسا كاپىتال كۆپۈكى پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەبچى بولىدۇ.


ئىزچى ئىقتىساد تورىدىن يۆتكەلدى




izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 20:09:36

بايلار تېخىمۇ باي بولۇپ كەمبىغەللەر تېخىمۇ كەمبىغەل لىشىدۇ دەۋاتقان راس ئوخشىمامدۇ \"\"

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 20:51:15

«لكېىن، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار بۇ ئەھۋالنى ئاقلاپ، بايلىق مەركەزلىشىشى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتدىكى مۇقەررەر جەريان، ‹‹بايلار قوغداشقا ئېرىشكەندە، كەمبەغەللە ئاندىن باي بولالايدۇ›› دەيدىغان ‹‹ئۇلۇغ نەزەرىيەنى››نى بازارغا سېلىپ، ‹‹قوينۇمدىن تۆكۈلسە قونجۇمغا›› بولىدۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق بايلارنى سۆكىدىغان ئىش پەقەت، بايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىققان، ديىشىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنداق نەزەرىيە رەھمىسىز رىئاللىق تەرىپىدىن ئاللىقاچان بىتچىت قىلىنغان، يەنى بايلارنىڭ باي بولۇشى، ھىچقاچان نامراتلارنى باي قىلالمايدۇ.»

=============================================================

ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاختىمىزدا،يولداش دېڭشىئاۋپىڭنىڭ ئاۋال بىر قىسىملارنى(رايونلارنى)ئاۋال بېيىتىپ،ئاندىن ئۇلار(رايونلار)ئارقىلىق نامراتلارنى(رايونلارنى)بېيىتىمىز دەپ ئۈگۈنەتتۇق،ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچ،مەكتەپ،ئائىلە تەربىيىسىدە ئومومىيلىق،خالس تۆھپە قوشۇش ئىدىيىسى كۈچلۈك يۈرگۈزۈلگەچكە بۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنەتتۇق،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىمۇ بۇنىڭغا ئىشىنەتتۇق،كېيىن خىزمەت قىلىپ،ئىگىلىك تىكلەپ دىگەندەك جەمىيەتتە قايناپ ئاندىن ئۇ چاغلاردىكى ئېتىقادنىڭ ئەسىرى قالمىدى،نەپسىمىز قانماي كېتىۋاتىمىز،شۇنىڭ بىلەن بىل گەيتىس،بافت قاتارلىق بايلار جۇڭگوغا كېلىپ بايلىق ئىئانە قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى قىلغاندا،جۇڭگودىكى بايلارنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغانلىغىنى توغرا چۈشەندۇق،بايلارنىڭ بارغانچە بېيىدىغانلىغىنى،نامراتلارنىڭ كۆپىيىۋەرگەنلىگىنى،بايلارنىڭ(رايونلارنىڭ)نامراتلارغا(رايونلارغا)ياردەم قىلدۇق دەپ شۈلۈپ يەۋەرگەنلىگىنى،بايلارنىڭ ئامرىكېدەك زومىگەرلەر تىز سۈرەتتە بايلىق توپلاۋاتقان زەردارلارنى ئازدۇرۇپ كۆچمەن پۇخرا قىلىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىغىنى توغرا چۈشەندۇق.

ئەمما ھازىر ئاشۇنداق مېتە قۇرتتەك ئاسىي ئەبلەخلەر قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز ھالدا ھارام بايلىقلىرىنى ئېلىپ كۆچمەن بولۇپ تۈگىسە،قېنىمىزنى شوراپ كەتتى دەپ ئازاپلانماي ئامرىكىدەك ئەبلەخ دۆلەتكە رەخمەت ئېيتىپ يولغا سېلىپ قويساق،ئاندىن پارتىيە،ھۆكىمەتنىڭ ئەتراپىغا قايتىدىن زىچ ئۇيۇشۇپ،ھەرقانداق جاپا بولسىمۇ چىداپ،ھەممىنى نۆلدىن باشلىساقمۇ مەيلى دەپ،پارتىيە ھۆكىمەت،كەڭ خەلق ئاممىسى ئادىل،باراۋەر،سىجىل تەرەققى قىلىدىغان جەمىيەت ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختا تىكلەپ،كېيىنكى ئەۋلاترىمىز ئۈچۈن گۈزەل ماكان قويۇپ كەتسەك دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.


freebird يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 08:36:51

بايلار ئامىرىكىغا قېچىپ ئاۋارە .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 09:20:12

ئالدىرىماڭلار ،باپ-باراۋەر كەمبەغەللىشىدىغان چاغلارمۇ كېلىدۇ!

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 11:30:10

جوڭگودىكى قوساق يوغون ئەمەلدارلارما ئاز ئەمەس  \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 12:45:43

تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىغا تايىنىپ ياشايدىغانلار شىددەت بىلەن كۆىيىۋاتىدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمەتكە تايانمىسا جان باقالمايدىغان ھورۇنلار توپى زورىيىۋاتىدۇ.

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 12:52:09

بايلار كەمبەغەللىشىپ، كەمبەغەللەر باتراقلىشىپ، باتراقلار لالمىلىشىپ، مەھەللىنىڭ پەركايى ئۇچتى..

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 15:49:45

ئاتالغۇ تەرجىمىسىگە كىچىككىنە پىكىر: Gini Coefficient ياكى Gini index نى ئۇيغۇرچە «گىنى كوئىفىنسىنتى» (ئېنگىلىزچىدا مۇشۇنداق ئوقۇيدۇ)، ھېچ بولمىسا «جىنى كوئىفىنسىنتى» دەپ ئېلىش كېرەك.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 20:55:46

بايلا كۆپەيگەنسىرى كەمبەغەللەر ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە ....خەتەرنى سەزمەيۋاتىدۇ ....ھالىڭ خەتەر !!! \"\"

Tactical يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 01:01:18

8- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاتالغۇ تەرجىمىسىگە كىچىككىنە پىكىر: Gini Coefficient ياكى Gini index نى ئۇيغۇرچە «گىنى كوئىفىنسىنتى» (ئېنگىلىزچىدا مۇشۇنداق ئوقۇيدۇ)، ھېچ بولمىسا «جىنى كوئىفىنسىنتى» دەپ ئېلىش كېرەك.

تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت! بۇنىڭدىن كېيىنكى تىمىلىرىمدىمۇ بۇ ھەقتە بىشارەت بىرىپ تۇرغايسىز... (خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى)

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 15:42:46

باي - كەمبىغەللىك، كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىلسىزلىقى ھەققىدە نوپوزلۇق نەشىر ئەپكارىنىڭ بىر كىتابىدا، بۇ ھەقتە يۈزەكى توختۇلۇپ ئۆتكەن بۇلۇپ، ئاساسلىقى كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىلسىزلىقى ھەققىدە كىچىككىنە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئۆتۈپ كەتكەن.

تەپسىلاتى: http://www.alimbiz.net/?p=1651
بەت: [1]
: جۇڭگودا باي – كەمبەغەللىك پەرقى بارغانسىرى زورايماقتا[كۆچۈرۈلمە]