Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:14:09

ئاي تۇتۇلىۋاتىدۇ، تېزدىن تاماشا قىلىڭ!

مەن ھازىرلا 3 پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم، سونېينىڭ خىلى ئىلغار ئاپاراتى ئىدى بەك سۈزۈك دېگۈدەك چىقمىدى، كۆرگۈڭلار بارلار ئاسمانغا قاراڭلار، تېز!






arkan2010 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 20:37:23

بۈگۈن ئاي خوتەندە بەكمۇ چىرايلىق ھەم تولۇپ چىقتى! بەك چىرايلىق، دەرھال ئاسمانغا قاراڭلار!

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:16:20

مەن يېزىپ بولغۇچە سىز يېزىپ بوپسىزدە \"\"

بىر چىقسام خىلى يۇغان تۇراتتى،يەنە بىر چىقسام كىچىكلا قاپتۇ.ساقلاپ تۇرسام يۇقىمىدى ،يېنىپ كىردىم. \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:19:06

سىز تارتقان سۈرەتلەرنىمۇ كۆرەيلى، ما يەردە تۈزۈك ئوچۇق ئەمەس ھاۋا...لىكىن خىلى يامان ئەمەس تارتتىممىكىن دەيمەن، مۇكاپاتمۇ بارمىدۇ يا مۇشۇنداق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى سۈرەتكە تارتقانغا \"\" \"\" 5-قەۋەتتە ئۆيۈم بولغاننىڭ پەيزىنى تۇنجى قېتىم ئوخشىمايدىغان رەۋىشتە سۈرۈشۈم...

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:33:40

ھازىر كۆرۈپ كېلىپ قارىسام بۇ يەرگىمۇ يوللاپ بوپسىلەر.


ماۋۇ تورغا 22:14 تە يوللانىغىنى(بېيجىڭ ۋاقتى)



\"2011-11-10



muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:33:55

\"\"




\"\"




\"\"



Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:39:00

بىزنىڭ ما يەردە ۋاھا راسلا تۇتۇق ئىكەن ئەمىسە، مەن تارتقان سۈرەتلەر كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمدەك ئوخشاش چىققانتى، ماۋۇ سۈرەتلەر ھەجەپ سۈزۈك ئىكەنئ \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:42:23

مېنىڭ كۆرگۈنۈممۇ خېلىلا ئوچۇق ئىدى، ئاپارات يوق تارتالمىدىم.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:48:16

ما خوتەندە يېرىمىدىن ئازراقى ئوچۇق ھازىرچە

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:53:54

بىزنىڭ يەردە يامان سۈزۈك چىققان،ھاۋامۇ بەك ئۇچۇق،ئەمما ئۆزۈم تاماشا قىپلا سىلەرگە ئالغاچ كېلشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. \"\"\"\"\"\"

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:58:22

ئىمكان يوللىغان رەسىمدىكى تۆت خىل كۆرۈنىشنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى خوتەندە تارتىلغانمۇ نىمە بەكلا ئوخشاشقۇ

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 21:17:30

مەنمۇ كۇردۇم، لىكىن شەرقى جەنۇبى تەرىپىنى كۇدۇم،قالغان تەرىپى قاراڭغۇ، كونىلار ئاينىڭ ئاستى ئىگىلگەن كۇرۇنسە شۇ ئەلگە ئاپەت )((دەيمىش))

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 21:30:45

بىكا گەپ بۇۋا\"\"

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 21:39:09

مىنىڭچە راس گەپمىكىن

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 21:40:15

ھەكىمنىڭ ئاپاراتى بوپ قويامدۇ نىمە؟ تىلىفۇنۇمدا تاتاي دىسەم ئانچە ئىنىق كۆرۈنمەي تۇرىۋېلىپ تاتالمىغانتىم.

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 21:43:34

بىزدە ئەمدى ئەسىر بولدى.. بىزدىمۇ تۇتۇلامدۇ يە... كەچ بولغاندا

arghtugh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 22:12:39

10- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ كۇردۇم، لىكىن شەرقى جەنۇبى تەرىپىنى كۇدۇم،قالغان تەرىپى قاراڭغۇ، كونىلار ئاينىڭ ئاستى ئىگىلگەن كۇرۇنسە شۇ ئەلگە ئاپەت )((دەيمىش))



كونىلارنىڭ بەزى گەپلىرىنىڭ ئاساسى بار، بۇ گەپ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق پىسخىك تەجرىبىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 22:58:23

ھە ئەسلى خۇسۇف نامىزى ئوقۇۋىتىپتىكەن-دە، مەن تېىخى بۈگۈن شامنى ئەجەپ ئۈزۈن ئوقۇپ كەتتى-دەپ...

پەيغەمبە ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئوغلى ئىبراھىم ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى كۇسۇف «قوياش تۇتۇلۇش ھادىسىسىسى›› يۈز بېرىدۇ كىشلەر بۇنى كۆرۈپ ئىبراھىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن شۇنداق بولدى دېيشكەندە رەسۇلۇللا قوپۇپ ‹‹ ھەقىقەتەن كۈن ۋە ئاي ئاللانىڭ ئىككى ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇ ئىككىسى بىراۋنىڭ ئۆلۈشى ۋە تۇغۇلۇشى بىلەن تۇتۇلۇپ قالمايدۇ ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەندە ئاللاغا دۇئا قىلىڭلار، تەكبىر ئيتىڭلار.ناماز ئوقۇڭلار، ۋە سەدىقە قىلىڭلار››ئاندىن- دەيدۇ:‹‹ ئى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆممىتى! ئاللابىلەن قەسەمكى، ئەر-ئايال زىنا قىلغۇچىنى ئاللاھدىن بەكرەك كۇنلەيدىغىنى يوق ، ئى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆممىتى! ئاللا بىلەن قەسەمكى مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار›، يەنە مۇنداق دېگەن ‹‹ئۇلار ئاللانىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۈرىدۇ، بىراۋنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۇتۇلمايدۇ،ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ئىچىلغانغا قەدەر ناماز ئوقۇڭلار، ئاللاغا دۇئا قىلىڭلار››

ئاللا ئۇلۇغدۇر،گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن مەغفىرەت بارلىق مۇسۇلمانلارغا بولۇپمۇ دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق -خاتىر|جەملىك تىلەيمىز!

saba0903 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 22:59:20

مانا بۇ شاڭخەيدەسۈرەتكە ئېلىنغان ئاي تۇتۇلۇشنىڭ تۇلۇق باسقۇچى



http://player.youku.com/player.php/sid/XMzMxMTI3OTUy/v.swf

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 23:10:55

مەنمۇ كۆرۈپتىمەن \"\" بايام 9 لار بىلەن ئۆيگە كېلىپ، ئىزدىنىشنى ئېچىپلا موشۇ تېمىنى كۆردۈم، دەرھال دەرىزىدىن ئايغا قارىسام ئاستىدا 13 يورۇق، باشقا يەرلىرى قاراڭغۇ تورۇپتۇ، بىر دەم قاراپ تۇرۇپ بېقىپ، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن، ھەقەچان تۇتۇلۇپ بولغان ئوخشايدۇ، ھازىرقى ھالىتى نۇرمال ھالەت ئوخشايدۇ دەپ كارىم بولماپتۇ، ھازىر بۇ تېمىنى يەنە قايتا كۆرىۋېتىپ يەنە ئايغا قارىسام، يۇپيۇمىلاق تولغان ئاي تۇرمامدۇ، ھەي....... يەنە بىردەم قاراپ تۇرسام بوپتىكەن.



ھەكىم تارتقان سۈرەتتە ئاينىڭ يورۇق تەرىپى ئوڭ تەرەپتىكەن، لېكىن مەن كۆرگەندە ئاينىڭ ئاستى تەرىپى يورۇق، ئۆردەككا، سىلى دىگەن ئاينىڭ ئاستى ئىگىلگەن كۆرۈنسە دىگەنلىرى مۇشۇ ئەھۋالمۇ؟؟؟ خۇدايىم ساقلىسۇن، خوتەن بىلەن قەشقەرنىڭ ئارىلىقىدىمۇ مۇشۇنداق پەرق چىقامدۇ ئەمدى \"\"



مەن بايا كۆرگەن ئاي


\"\"

بەت: [1] 2
: ئاي تۇتۇلىۋاتىدۇ، تېزدىن تاماشا قىلىڭ!