بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ماڭا يارىدى
2 لەردە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ئەھۋالى ھەققىدىكى مەخسۇس پروگراممىسىنى كۆردۈم.
بۇ پروگراممىنىڭ ماڭا ياققان تەرىپى:
زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ 1- سى قاتناش ساقچىسى بولۇپ ئىسمىنى نىجات دېگەندەك قىلدى، بۇ بۇرادەرنىڭ سۆزلىرىدە ئەبجەش گەپ بولۇنمىدى، سۆزلىرى شۇنداق راۋان بولۇش بىلەن بىرگە ئاممىباب تىلى بولدى يەنە ماشىنىسى بارلارنى « شوپۇر بۇرادەرلەر...» دەپ ئاتىشى بولدى.
زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ 1- سى مەلۇم رايۇن شوپۇر تەربىيەلەش ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بۇ ئاكىمىزنىڭمۇ ماشىنا ھەيدەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشتە مەيلى ئۈسكۈنە ۋە مەيلى مەشغۇلات ھەققىدە بولسۇن ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى بولدى.
بۇ پروگراممىدىن مەنلا ئەمەس ئائىلەمدىكىلەرمۇ رازى بولۇپتۇ.
( ئارىدا قىسىلىۋالغان بېزەڭ ئېلانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا)
تېلېۋىزىيە زىيارىتى مۇشۇنداق تەبىئىي بولسا بەكمۇ يېقىشلىق بولىدىكەن.
ئاخخرىدا بۇ پروگراممىنىڭ مۇخبىرى ۋە زىيارەت قىلىنغۇچىلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
قايسى پىرۇگرممىكەن.. توردىن كۆرگىلى بولمامدىكەن... بىزمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا زىيارەت قىلىنغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقايلى. نى زامان كۆرمىگىلى... ئىزدىنىش ئاساسەن ساپ ئۇيغۇر تىلىغۇ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «جەمئىيەت ۋە قانۇن» پروگراممىسىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قاتنىشى ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىمى ئىكەن، بۈگۈن چۈشتە كۆرۈشۈم.يەنە بىر تەرىپى بۇنىڭدا باشلىق- پاشىلىقنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلىرىنىڭ يوقلۇقى بولدى. ئىزدىنىشتا تىما يوللاش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلدىمۇ ؟ ۋەزىپە چۈشمىدى.
4- قەۋەتتىكى atarutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىزدىنىشتا تىما يوللاش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلدىمۇ ؟
سىزگىمۇ ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىسى چۈشتىما نىمە قىلسىز بۇنداق ئىنكاس يېزىپ كۆرمىگەنلەر كۈرۈپ باقسۇن دەپ يازغان تىما ئىكەن