xaqan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 18:03:45

ئىزدىنىش ئەھلىدىن سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزۇر سېتىۋېلىش توغرىلىق ياردەم سورايمە

يېقىندا ئۆيۈمگە سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزۇر سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم، يۇرتۇمدىكى گومېيغا كىرسەم ساپلا دۆلىتىمىزنىڭ TCL, 长虹,创维,Konka,海尔 قاتارلىق تېلېۋىزۇرلار بار ئىكەن، مېنىڭ LG, Sony, Sharp,Samsung قاتارلىق ماركىلاردىن 32 سۇڭلۇق 1080p لىق سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرىراق 2500 يۈەن ئەتراپىدىكى تېلېۋىزۇردىن بىرنى سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم، قايسى توردىن ئالسام ئىشەنچىلىك، ھەم ئاقسۇغا ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. توردىن كۆرسەم شىنجاڭغا ئاساسەن ئەۋەتىپ بەرمەيدىكەن. ھە راست گومېينىڭ ئۆزىنىڭ تور بىكىتىدىن مال ئېلىپ باققانلار بولساڭلار تەجرىبەڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار بۇلۇپتىكەن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 19:29:50

ماۋۇ تىمىغا مەنمۇ سۆزۈمنى قىستۇرۋالاي: مەنمۇ يېڭىدىن بىر تېلۋىزور سىتىۋالاي دىگەن باھاسى 5000_6500 يۇەن ئەتراپىدا بولسا بۇلىۋىرىدۇ. تېلۋىزور قويىدىغان ئۆينىڭ چوڭلىقى 5*8كۋادىرات مېتىر كىلىدىغۇ-دەيمەن. قايسى ماركىدىكىسى ئەڭ ياخشى ؟ ئۈرۈمچىدە مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزەڭلارنى مەلۈم قىلساڭلار؟


ئۇدۇلدىن كۆرگەن بىلەن ياندىن كۆرگەندىكى كۆرۈش سۈپىتى ئانچە پەرىقلەنمەيدىغانلىرى قايسى خىلى ؟


مەسلىھەت بەرسەڭلار


رەخمەت

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 18:33:22

مېنىڭ تەجرىبەم :جۇڭگونىڭ ماللىرىنىڭ ئىچىدە خەيئېر باشقىلىرىدىن سەل ياخشى . لېكىن ھېچقايسىسى چەتنىڭ مېلىغا يەتمەيدۇ . ئەمما 2500 يۈەن ئەتراپىدا ئالالمايسىز{:92:}....

       2500 پۇلىڭىزغا 32 ديوملۇق ، خەيئېرنىڭ توردىن بىۋاستە كىنو كۆرۈش ئىقتىدارى بار (پەقەت ۋە پەقەت خەيئېر شىركىتىنىڭ ئىچكى تورىغا چىقىپ كىنو كۆرەلەيسىز ) 1080p ئېنقلىقتىكى تېلېۋىزورنى ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ifپۇلىڭىز يېتەرلىك بولسا ، چەتنىڭ مېلىنى ئېلىڭ، 3Dتېلېۋىزور ئېلىڭ ...

تەكلىپ : ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق ، مال پۇلىغا لايىق بولىدۇ . ئىقتىدار باھا كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىپ ، كەلگۈسى ئېھتىياجىڭىزنى چىقىش قىلىپ ئېلىڭ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 18:37:12

« گومېي » نى چۈشەنمىدىم.

كىنوغا ھەۋىسىڭىز بولمىسا جوڭگۇنىڭ مېلى بولىۋىرىدۇ، ھەۋىسىڭىز بولسا يەنىلا يۇقارقى توردىشىمىزنىڭ تەكلىۋى ئورۇنلۇق.

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:14:36

TCL نى ئېلىڭ ، 42 دىيوملۇقنى 2900 لارغا ئالغىلى بولىدۇ ، 1920 * 1280 ئېنىقلىقتىكىنى ، بۇ يىل يېڭى چىققانلىرىنىڭ ئاساسەن 三星 , 夏普 ئېكران ئىشلىتىلگەنلىرى .

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:36:40

http://tech.sina.com.cn/e/2010-04-30/07351335995.shtml

مانىڭغا قاراپ بىقىڭ.گومىيدا سۇنىڭدا باركەن.

لىكىن باھاسى قىممەت ئىكەن.تىلۋىزور بىلەن كومپىيوتورغا ئىشلىتىدىغىننىڭ پەرقى بەك چوڭ ئىكەن باھا جەھەتتە.


索尼KLV-32BX321ئەرزانىقىنىڭ ھەممىسى CCFL冷阴极萤光灯管 مۇنداق ئىكەن.


led ئەمەس ئىكەن.samsung نىڭ بىرسى بار ئىدى 4000 دىن يۇقىرى ips ۋە led لىق ئىكەنتۇق. قاراپ بىقىڭ.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:49:40

گومېي سۇنىڭدىن ئالسىڭىز دۆلەتكە 10-15% كىچە باج تاپشۇرسىز،ئەڭ ياخشسى خۇالڭدىن ئېلىڭ ئەرزان ئالسىز بۇ يەردىكى ماللار سودا سارايدا ساتقېنى بىلەن ئۇخشاش،.كىلدىغانغا ۋاختىم يوق دىسىڭىز ئالدى بىلەن توردىن ماركىسى تىپى دىگەندەكلەرنى كۆرۈپ يارىغىنىنى دەڭ مەن خۇالىڭدىكى باھاسىنى ئۇقۇپ بېرەي. چ چ 510498011

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:54:47

淘宝电器城 نىڭ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى بولاما.

428 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 01:11:54

مەن گومېي دىن ئېلىپ پايدىلىنىپ ئىشىلتىۋاتقىلى 1 يىلدىن ئاشتى ( چاڭخۇڭ 42 سۇڭلۇق ، سۇيۇق كىرىستاللىق )



سىز 1080p لىق دەپسىز 720p لىقنىمۇ قاملاشتۇرۇپ كۆرەلىسىڭىز مەن سىزنى بەك جىق پايدىلىنىپتۇ دەپ ئويلايمەن .



چۈنكى مەن ياخشى پايدىلىنىمەن دەپ ئالغان ۋاقىتتا لەپتوپقا چاتقان ، كېيىن ئۈستەل كومپيۇتېرىغا چېتىپمۇ كىنو كۈرۈش ئۈنۈمىگە يىتەلىمىدىم .



مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ كەڭلىكى 4 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر ،ئىگىزلىگى 2.65 مېتىر،تېلېۋىزۇر 42 دىيۇم changhong



بازاردىن سېتىۋالغان dvd نى كۈرۈشنى ئويلىمىسىڭىزىمۇ بولىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ سۈرەت ئۆلچىمى ئاران352*288 ( ياخشىسى بولسا )



تېلېۋىزۇر كۆرۈشتە بولسا بىزنىڭ تېلېۋىزىيە تارقىتىش تېخى 4:3 تىن قۇتۇلالمىدى ، بىراق ئىشلەپچىقىرىلغان ( دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتى ) تېلېۋىزۇرلارنىڭ ھەممىسى 19:10 ياكى 16:10 نى قوللايدۇ . تېلېۋىزۇر كۆرسىڭىز چۇقۇم (پاكار سېمىز) نى كۆرىسىز

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 09:07:33

6- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

淘宝电器城 نىڭ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى بولاما.



سىزنىڭ دېگىنىڭىز بۇلىدۇ. بىراق ئۇلار شىنجاڭغا تېلېۋىزۇرنى سېلىپ بېرەلمەيمىز دەيدۇ. ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام ئۇدۇللا گومېي ياكى سۇنىڭغا كىرىپلا مەن يۇقارىدا دېگەن ماركىلارنىڭ بىرىنى تاللاپ ئېلىپ بولغان بۇلاتتىم.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 09:16:56

سىز 1080p لىق دەپسىز 720p لىقنىمۇ قاملاشتۇرۇپ كۆرەلىسىڭىز مەن سىزنى بەك جىق پايدىلىنىپتۇ دەپ ئويلايمەن .



تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مەنچە 1080p لىقىدىم چۇقۇم پايدىلىنىپ كېتەلەيمەن. چۈنكى مەن كىنو كۆرسەم سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى كىنو كۆرىمەن.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 09:20:45

http://www.gome.com.cn/product/1000021582.html مۇشۇ تور بېكەت گومېي ئۆزىنىڭ. ماڭا مۇشۇ بەتتىكى يارىغان. يۇقارىدا تەكلىپ پىكىر بەرگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمەت. ھەم قايسى توردىن ئالسا ئىشەنچىلىك ئالغىلى بولىدۇ. زادىلا شىنجاڭغا ئەۋەتىپ بەرمەمدا.

saimibayat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 15:37:25

{:107:}

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 09:06:31

Samsung نى ئېلىڭ، ئاقسۇدا گومېي بارغۇ، ئەسىر سودا سارىيىنىڭ يەر ئاستىدا، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى كىرىپ كۆرۈپ باققان،32 ديۇملۇق Samsung نىڭ سىزنى ئېھتىياجىڭىزدىن چىققۇدەكلىرى 3000 ئەتراپىدا ئىكەندۇق، يەنە بىرە يېرىم مىڭ سوم قوشسىڭىز، 40 ديۇملۇقنىڭ ياخشىسى كېلىدۇ، ئۆيىڭىزنى كىنوخانا قىلىپلا كۆرۈڭ، بەك پەيزى بولىدۇ

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 13:40:49

12- قەۋەتتىكى bahadirlarbizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تىمىغا مەنمۇ سۆزۈمنى قىستۇرۋالاي: مەنمۇ يېڭىدىن بىر تېلۋىزور سىتىۋالاي دىگەن باھاسى 5000_6500 يۇەن ئەتراپىدا بولسا بۇلىۋىرىدۇ. تېلۋىزور قويىدىغان ئۆينىڭ چوڭلىقى 5*8كۋادىرات مېتىر كىلىدىغۇ-دەيمەن. قايسى ماركىدىكىسى ئەڭ ياخشى ؟ ئۈرۈمچىدە مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزەڭلارنى مەلۈم قىلساڭلار؟


ئۇدۇلدىن كۆرگەن بىلەن ياندىن كۆرگەندىكى كۆرۈش سۈپىتى ئانچە پەرىقلەنمەيدىغانلىرى قايسى خىلى ؟


مەسلىھەت بەرسەڭلار


رەخمەت


تېلېۋىزورنىڭقۇلىغائايلىنىپكەتمەيمەن ، قىممەتلىكۋاقتىمنىتىجەيمەندىسىڭىز ،تېلېۋىزورنىڭكىچىكرەكىنى خالىراقئۆيگە قوۇپ ، كەڭتاشائۆيىڭىزگە 投影仪 ۋەبىرنەچچى ماركىلىقلابا قويۇپقويسىڭىزۋاھ ، ئۆيىڭىزنى سترولۇقكىنوخانىغائايلاندۇرىۋالالايسىز ، ھەپتىدەبىرەر چوڭكىنوكۆرۇپ قويسىڭىز ئارامئېلىشدىگەنشۇ ، ھازىرتوركىنولىرىنى راۋانقويىدىغانلىرى سىز پىلانلىغانبۇلغاكېلىدۇ .




radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-12 14:13:00

@durakئەپەندى ،سېزنىڭچە باھاسى 10000 يۇەن ئەتراپىدا بولغان شولا چۈشۈرگۈچ (投影仪 پىروكسىيە ئاپارىتى ) نىڭ سۈرەت ئېنىقلىقى 5000 يۇەن   ئەتراپىدا بولغان LCD   ياكى LED ۋە ياكى پىلازما (等离子 plasma) تېلېۋۇزۇرلاردىن يۇقرى بولارمۇ ؟شولا چۈشۈرگۈچ لامپىسىنىڭ ئۆمىرى قانچىلىك ، ئۇدا خىزمەت ۋاقتى قانچىلىك ؟

ئەسلى سىگنال مەنبەسى يۇقرى سۈزۈكلۇكتى سىگنال بولسا ، مەسىلەن 1080Pبولسا ، VGA   ياكى AV سىمى يەتكۇزگەن سىگنال سۈپىتى ياخشىمى ياكى HDMI يەتكۈزگەن سىگنال سۈپىتى ياخشىمۇ ؟\"\"

قوشۇمچە : بۇرۇن ش ج ئۇ دا ئوقۇۋاتقان چاغدا بايراملاردا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىشولا چۈشۈرگۈچتىن پايدىلىنىپھەقسىز كىنو قويۇپ بېرەتتى ، ئىككى يىرىم سائەتلىك كىنو تۈگەپ بولغۇچە قىزىپ كېتىپ ئوچۇپ قىلىپ ئادەمنىڭ پەيزىنى بەكمۇ ئۇچۇراتتى ...

بەزىدە مۇئەللىملەر دەرىس سۆزلەۋاتسىمۇ ئۆچۇپ قالاتتى ....

مۇئەللىملەر 20 مىڭغا ئالغان نەرسىمۇ تايىنلىقكەن دەپ قاخشاپ قوياتتى .

مەن دەيمەن 10 مىڭنىڭ تۆۋىنىدە تېلېۋۇزۇرشولا چۈشۈرگۈچتىن ياخشى . \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 15:15:34

ئادەتتىكى ئۆي ئىچىدە ، 1080 كۆرۈش ئۈچۈن 32 سۇڭلۇقى كىچىك كېلىپ قالارمۇ..

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 08:16:28


15- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@durak ئەپەندى ،سېزنىڭچە باھاسى 10000 يۇەن ئەتراپىدا بولغان شولا ...



5000كوي ئەتراپىدىكىنى 2000سائەت كۆرىسىز ، ۋاقىتتوشقاندا نەچچىيۈزكويخەشلەپ چىراقئالماشتۇرمامسىز ، يەنە2000 سائەتدىگەن گەپ ، ھاياتىمىزداقانچە2000سائەتبار؟ئاندىن JBL ماركىلىقكىچىكلابادىنبىرنەچچىنى قويۇپقويسىڭىز ھەقىقەتەن خېلىپەيزىبار ، قىزىپكېتىشمەسىلىسىخۇددى كومپىيۇتىرنىڭ ئىچىدەشامالچىسىبولغاندەك ، ئۇنىڭدىنمۇرەككەپمەسىلىلەرگە دىققەتقىلماوتىمەن.


qixdohturi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 17:21:13

مەن 2 ئاي بولدى .‹skyworth 创维› نىڭ 37 دىئىوملۇقتىن بىرنى 2800 يۇەنگە ئالغان .ھازىر ياخشى چىقىۋاتىدۇ ‹1080p،720p› سىنلارنى نورمال قويىدۇ...لېكىن 1080p لىق فىلىملەرنىڭ 1920x800شەكلىنىڭ ئاۋاز ھەم سۇرەتنى شۇنداق نۇرمال قويىدۇ...1920x1080 شەكىلدىكىلىرىنىڭ سۇرەتنى نۇرمال قويىدۇ ، لېكىن ئاۋازنى ئوقۇمايدۇ .........باشقىلاردىن ئاڭلىسام بۇ باشقا ھەرقانداق تېلىۋىزورلارمۇ ئوقۇمايمىشبۇ گەپ راسمۇ؟   ياكى باشقا تېلىۋىزورلاردا نۇرمالمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟
بەت: [1]
: ئىزدىنىش ئەھلىدىن سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزۇر سېتىۋېلىش توغرىلىق ياردەم سورايمە