sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 15:52:18

ئىجتىمائى سۇغۇرتا

ئىزىدىنش مۇنازىرىسىدە نۇرغۇن تورداشلار ئىجتىمائى سۇغۇرتا توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ تېما يازدى، ھەم مۇنازىرىلەر بۇلۇندى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بىر قەدەر كۆپ ھە مۇرەككەپ مەن بارلىق تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىجتىمائى سۇغۇرتا توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەپسىلى چۈشەنچە بىرىمەن.


‹ئىجتىمائى سۇغۇرتا قانۇنى›غا ئاساسەن رايۇنىمىزدا يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۆۋەندىكىدەك 5خىل سۇغۇرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


1.ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى(بۇ سۇغۇرتا بارلىق ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ ئاساسى)


بۇ سۇغۇرتا يەنە 3خىل تۈرگە بۈلۈندۇ   


1.ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى (ئۆلكە دەرىجىلىك جۇغلىما سۇغۇرتا)


سۇغۇرتا ئوبىكتى: 1.مەمۇرى، كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان بارلىق شىتات سىرتىدىكى خادىملار.2. كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەربىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بارلىقخادىملار، ‹ئەمگەك قانۇن›نىڭ 72-ماددىسى ۋە‹ ئەمگەك توختام قانۇنى› نىڭ17- ماددىسىغا ئاساسەن مۇشۇ خىل سۇغۇرتىغا مەجبۇرى قاتنىشىدۇ. 3.يەككە تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىعا قاتناشسىمۇ بۇلىدۇ.


رولى: بۇ حىل سۇعۇرتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى بەلگىلەنگەن نىسپەت بۇيىچە ئورتاق تاپشۇردۇ.(يەككە تىجارەتچىلەر ھەممىسنى ئۆزى تاپشۇرىدۇ) بۇ خىل سۇغۇرتىنىڭ نۇپۇس چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن ھامان كارحانا ئەمگەكچىنى بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش لازىم. قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيە يېشىغا تۇشقاندا (ئەرلەرنىڭ 60ياش، ئايال كادىرلارنىڭ 55ياش، ئايال ئىشچىنىڭ 50ياش) سۇغۇرتىغا قاتناشقان يىل چىكى 15يىلغا توشقانبولسا قانۇن بۇيىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بۇلالايسىز. سىز بەھرىمان بۇلىدىغان ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرىتىسىنىڭ ئاز كۆپلىكى: 1. سىزنىڭ خىزمەت تارىخڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، 2.سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋاقتىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، 3. تۆلىگەن سۇغۇرتا سوممىڭىزنىڭ ئاز كۆپلىكى، 4. پىنسىيە چقىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جەمىيەت ئوتتۇرچە مائاش ئۆلچىمى قاتارلىق بىر قانچە ئامىلغا باغلىق. ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى شىنجاڭدا 1993-يىلدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان، ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يولغا قۇيۇلىشتىن بۇرۇن(1993-يىلدىن بۇرۇن) سىز مەلۇم كارخانىغا رەسمى خىزمەتچى بۇلۇپ ئىشقا چۈشكەن بولسڭىز،سىز ئىشقا چۈشكەندىن باشلاپ 1993-يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى خىزمەت ئىستاجىڭىز قۇشۇپ ھىساپلىندۇ(ئارخپىڭىزدا چۇقۇم رەسمى خىزمەتچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بۇلىشى كېرەك)، يەنى گەرچە ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرمىغان بولسىڭىزمۇ لىكىن يەنىلا ھەق تاپشۇرغان يىل(视同缴费年限) دەپ قارىلىدۇ. 1993-يىلدىن كىيىن سىز مەيلى قانداق كارخانىنىڭ قانچىلىك رەسمى خىزمەتچىسى بۇلۇپ كىتىڭ ئەگەر ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۆلىمىگەن بولسىڭىز سىزنىڭ خىزمەت تارىخىڭىز مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىنى مەلۇم بىر ئورۇندا بىر مەزگىل تاپشۇرغاندىن كيىن باشقا ئۇرۇنغا يۆتكەلسڭىز يۆتكەلگەن ئۇرۇندا ئۇلاپ تاپشۇرغىلى بۇلىدۇ ياكى ئۆزىڭىز يەككە تىجارەتچى شەكلىدە داۋاملىق تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.خىلمۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇردا سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا شارائىت يار بەرگەندە تۇلۇقلاپ تاپشۇرسىمۇ بۇلىدۇ.تۇلۇقلاپ تاپشۇرغان سۇغۇرتىغا بانكا قەرىز ئۆسۈمى ئۆلچىمى بۇيىچە ئۆسۈم تۆلەيدۇ. لىكىن پىنسىيەگە چۈشمەي تۇرۇپ ئىلگىرى تاپشۇرعان سۇعۇرتا پۇلى شەحسىگە قايتۇرۇپ بىرىلمەيدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكە ئارا يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.   ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قايسى ئۇرۇندا سۇغۇرتا تاپشۇرغان بولسىڭىز شۇ ئۇرۇندا پىنسىيە رەسمىيتى بىجىرىسىز. بۇخىل سۇغۇرتا دۆلەت بەلگىلىگەن نىسپەت بۇيىچە ئىدارە ھىساۋاتى ۋە شەخسى ھىساۋات دەپ ئىككىگە بۈلۈپ خاتىرلىندۇ. ئەگەر پىنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ(سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولماي تۇرۇپ) ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتسىڭىزكىسەل سەۋەبى بىلەن ئارامغا چىقىش رەسمىيتى بىجىرسىڭىز بولىدۇ.پىنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ (سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولماي تۇرۇپ) ئۈلۈپ كەتسە، شەخسى ھىساۋاتتىكى پۇلى، دەپنە پۇلى، نەپىقە پۇلى قاتارلىقلار ئۆلگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسىغا بىرلا قېتىمدا بىرىلدۇ.پىنسىيە مەزگىلىدە ئۈلۈپ كەتسە يۇقىرقىغا ئوخشاشلا شەخسى ھىساۋاتتىكى قالدۇق، دەپنە پۇلى، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەتلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىلىش ھەققى، 20ئايلىق مائاش قاتارلىقلار بىرلا قېتىمدا قانۇنلۇق ۋارىسىغا بىرىلدۇ.


2.يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى(دېھقان چارۋىچىلارعا قارىتىلعان سۇعۇرتا، ناھيە دەرىجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)


سۇغۇرتا ئوبىكتى: يېزا نۇپۇسىدىكى16ياشتىن 59ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەر (ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا قاتناشقانلارنى ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ، بۇخىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قانۇن تەرىپىدىن مەجبۇرلانمايدۇ. (سىياسەت مەجبۇرلايدۇ) بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلىچمى بىر يىللىقى ئۈچۈن 100يۇەن ، 200يۇەن .............1000يۇەن دىگەندەك 10خىل ئۆلچەمدە بۇلىدۇ. 60ياشتىن ئاشقانلار مەيلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسۇن ياكى قاتناشمىغان بولسۇن ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. بۇ خىل سۇغۇرتا 2010-يىلدىن باشلاپ رايۇنىمىزنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا سىناق قىلىغان، 2011-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە يولغا قۇيۇلدى. بۇ خىل سۇغۇرتا يەنىلا دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ تەمىناتى ھەر قايسى رايۇنلاردا ئوخشىمايدۇ، ئايلىق سۇغۇرتاتەمىناتى 50-60يۇەندىن تارتىپ 100-200يۇەنگىچە بولىدۇ. سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئاساسلىقى يەرلىك مالىيە تۇلۇقلىمىسى ۋە تاپشۇرغان سۇغۇرتا پۇلىڭىزنىڭ ئاز كۆپلىكىگەباغلىق.


3. شەھەر بازار ئاھلىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى(شەھەر نۇپۇس ئىشسىزلارعا قارتىلعان سۇعۇرتا، ناھيە دەرىجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)


سۇغۇرتا ئوبىكتى: شەھەرنۇپۇسىدىكى 16ياشتىن 59ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەر (ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا قاتناشقان ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ، بۇخىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قانۇن تەرىپىدىن مەجبۇرلانمايدۇ. (سىياسەت مەجبۇرلايدۇ) بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلىچمى بىر يىللىقى ئۈچۈن 100يۇەن ، 200يۇەن .............1000يۇەن دىگەندەك 10خىل ئۆلچەمدە بۇلىدۇ. 60ياشتىن ئاشقانلار مەيلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسۇن ياكى قاتناشمىغان بولسۇن ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. بۇ خىل سۇغۇرتا 2011-يىلدىن باشلاپپۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە يولغا قۇيۇلدى.بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ تەمىناتى يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا ئوخشايدۇ


ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھەر قانداق بىر پۇقرا يۇقىرقى ئۈچ خىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىدىن بىرلا ۋاقىتتا پەقەت بىر خىلغىلا قاتنىشالايدۇ. مىسال: بىر دېھقان بۇلتۇر 500يۇەن ھەق تاپشۇرۇپ يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىعا قاتناشتى بۇيىل مەلۇم كارحانىدىن ئىش تاپقان بولسا بۇيىل كارحانا ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىعا قاتناشتۇردۇ،لىكىن يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىعا قاتناشسا بۇلمايدۇ.ئىككى حىل سۇعۇرتىعا قاتناشقان ۋاقتى قۇشۇپ ھىساپلىندۇ،دىمەك ئۇچ حىل سۇعۇرتىنى ئۆز ئارا ئۇلىعىلى بۇلىدۇ.


2.داۋالىنىش سۇغۇرتىسى(ۋىلايەت دەرىجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)


بۇخىل سۇغۇرتا 2خىلغا بۈلۈندۇ:


1.ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى


سۇغۇرتا ئوبىكتى: 1.دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە كەسپى حادىملار، 2.مەمۇرى، كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان بارلىق شىتات سىرتىدىكى خادىملار.2. كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەربىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بارلىقخادىملار(‹ئەمگەك قانۇن›نىڭ 72-ماددىسى ۋە‹ ئەمگەك توختام قانۇنى› نىڭ17- ماددىسىغا ئاساسەن مۇشۇ خىل سۇغۇرتىغا مەجبۇرى قاتنىشىدۇ)، 3.يەككە تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىعا قاتناشسىمۇ بۇلىدۇ.


رولى: بۇ حىل سۇعۇرتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى بەلگىلەنگەن نىسپەت بۇيىچە ئورتاق تاپشۇردۇ. بۇ خىل سۇغۇرتا ۋىلايەت دەرىجىلىك جوغلانما سۇغۇرتا ھىساپلىندۇ.(ئاقسۇدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، خوتەندە كىسەل كۆرسەتسىڭىز ئاتچوت قىلالمايسىز دىگەنلىك). تاپشۇرغان سۇغۇرتىڭىز ھۆكۈمەت بەلگىلىگەنئۆلچەم بۇيىچە شەخسى ھىساۋات ۋە ئىدارە ھىساۋاتى دەپ ئايرىم خاتىرلىندۇ. شەخسى ھىساۋات قىسىمىغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى نوقتا قىلىنغان دورىخانىلاردىن دورا ئېلىشقا ياكى بىكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتۇرىيەسىدە تەكشۈرتۈش، دورا ئېلىشقا بۇلىدۇ،كىسەل بۇلۇپ بالنىستتا ياتقانداداۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن نىسپەت بۇيىچە ئاتچوت قىلىشقا بۇلىدۇ.بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ مۇئەييەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بۇلۇشقا يول قۇيۇلدۇ.( مۇشۇ ئايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدە داۋالىنالمايسىز )، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بەلگىلىمىسى ئوخشىمايدۇ.ئۇدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى 25يىلغا يەتكەندە ئورۇن ۋە خىزمەتچى قايتا سۇغۇرتا پۇلى تۆلىمىسىمۇ ئوخشاشلا سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولغىلى بۇلىدۇ.ئەگەر بىر مەزگىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ئارلىقتا بىر مەزگىل سۇغۇرتا تاپشۇرماي، كىيىن يەنە سۇغۇرتا تاپشۇرغاندا ئۇدا تاپشۇرغان يىل قايتىدىن ھىساپلىندۇ. بۇخىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرغان ھامان ئامال بار ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك. بۇخىل سۇغۇرتىغا ۋارىسلىق قىلىشقا، تۆلىگەن سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۋىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بۇلۇشتا بىمارلارغا قارىتا دەرىجىمۇ دەرىجە دوختۇرخانا يۆتكەشنى تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغان، يەنى ناھيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ياكى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكىمەكچى بولسڭىز چۇقۇم ئەمگەك تارماقلىرىغا دەرىجىمۇ دەرىجە تەستىقىلىتىشىڭىز لازىم، تەستىقسىز يۆتىكىسىڭىز داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلالمايسىز (ئۈرۈمچىدىكى بىر بىمار خالىسا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق دوختۇرخانىسىغا بىۋاستە كىسەل كۆرسىتەلەيدۇ، لىكىن تۆۋەندىكىلەر قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرتۈپ، تەجىربە قىلىنىپ، پۇلىسى قالمىغاندا ئاندىن ئۇرۇمىچىگە بېرىپ كىسەل كۆرسىتەلەيدۇ. مىنىڭچە بۇ داۋالنىشتىكى ئادىلسىزلىق. ئاتچۇت نىسپىتى: سىز كىسەل كۆرسەتكەن دوحتۇرحانا دەرىجىسى، ئىشلەتكەن دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلەر، داۋالاش مۇلازىمىتى، بىمارنىڭ يېشى، سۇعۇرتىعا پۇل تاپشۇرۇش نىسپىتى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ.


2.شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى:


سۇغۇرتا ئوبىكتى: ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، غەيرى يېزا نۇپۇسىدىكى بارلىق كىشىلەر (بوۋاقلار، ئوقۇش يېشىدىكىلەر، ۋە باشقا بارلىق كىشىلەر بۇخىل سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ)


رولى:ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسغا ئاساسەن ئوخشاپ كىتىدۇ، بۇمۇ بىر خىل يېڭىدىن يولغا يولغا قۇيۇلغان سۇغۇرتا بۇلۇپ بۇخىل سۇغۇرتىدا ئامبۇلاتۇرىيەدە كىسەل كۆرسىتىش ئاتچوت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ۋارىسلىق قىلىشقا، سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۋىلىشقا بولمايدۇ، ئادەتتە مۇشۇ ئايدا پۇل تاپشۇرسىڭز كىيىنكى ئايدىن باشلاپ تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلالايسىز.


3.يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى:


بۇ خىل سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش سەھىيە تارماقلىرىنىڭ فونكىسيىسى بولغانلىقتىن ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن.


3.ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى(ۋىلايەت دەرىجىلىك جۇعلانما سۇعۇرتا)


سۇغۇرتا ئوبىكتى: 1.مەمۇرى، كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان شىتات سىرتىدىكى بارلىق خادىملار. 2.كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەربىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بارلىق خادىملار،3. كەسپى شىتاتتكى خادىملار ‹ئەمگەك قانۇن›نىڭ 72-ماددىسى ۋە‹ ئەمگەك توختام قانۇنى› نىڭ17- ماددىسىغا ئاساسەن مۇشۇ خىل سۇغۇرتىغا مەجبۇرى قاتنىشىدۇ. (مەمۇرلانىڭ بۇحىل سۇعۇرتىسى يوق)


رولى: بۇ حىل سۇعۇرتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى بەلگىلەنگەن نىسپەت بۇيىچە ئورتاق تاپشۇردۇ. سۇغۇرتا تاپشۇرغا ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان بولسائىشسىز قالغاندا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. ئىشسىز قېلىشنىڭ سەۋەبى چوقۇم ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن بولماسلىقىلازىم، ئىشسىز قالغاندىن كىيىن چۇقۇم قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىشىسىزلىق سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئورنىغا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىلىىشىمىنى كۆرسىتىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ، سۇغۇرتا تەمىناتى ئۆلچىمى مەزكۇر تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت(低保) ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمايدۇ(يېقىندىن بۇيان سۇعۇرتا پۇلى ئۆلچىمىنى مال باھاسىعا باعلاشتەك بىر سىياسەت چىقى). سۇغۇرتىدىن كونكىرىت بەھرىمان بۇلۇش چىكى:جەمئى ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى1يىلىدىن يۇقىرى 5يىلغا توشمىغانبولسا ئەڭئۇزۇن بولغاندا 1يىلغىچە تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلىدۇ. جەمئى ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى5يىلىدىن يۇقىرى 10يىلغاتوشمىغانبولسا ئەڭئۇزۇن بولغاندا 18ئايغىچە تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلىدۇ. جەمئى ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى10يىلىدىن يۇقىرى بولسا ئەڭئۇزۇن بولغاندا2يىلغىچە تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلىدۇ.(دىمەك ئىككى يىلعىچە چۇقۇم ئىش تېپىشىڭىز كېرەك) ئىشىسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بۇلۇۋاتقان ۋاقىتتىكى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تۆلىمىسىمۇ ئىشىسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن تۆلەپ بىرىلىدۇ.سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بۇلۇش مەزگىلدە قايتىدىن خىزمەت تاپسا، قىسىمغا قاتناشسا، پىنسىيەگە چۇشسە، ياكى ئەمگەك تارماقلىرى ئىش تېپىپ بەرسىمۇ ئىشلىگىلى ئۇنىمىسا سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بۇلۇش ئاخىرلىشىدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىمۇ ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا ئوخشاشلا خالىغان ئورۇنغا، خالىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يۆتكەشكە بۇلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چىكى قۇشۇپ ھىساپلىندۇ.


4.ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسى(ۋىلايەت دەرىجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)


سۇغۇرتا ئوبىكتى: 1.مەمۇرى، كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان شىتات سىرتىدىكى بارلىق خادىملار، 2.كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەربىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بارلىق خادىملار، 3.كەسپى شىتاتتكى خادىملار مۇشۇ خىل سۇغۇرتىغا قانۇن بۇيىچە مەجبۇرى قاتنىشىدۇ. (مەمۇرلانىڭ بۇحىل سۇعۇرتىسى يوق)


رولى: بۇخىل سۇغۇرتىغا پەقەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بەلگىلەنگەن نىسپەت بويىچە پۇل تاپشۇرىدۇ، شەخسى پۇل تاپشۇرمايدۇ. ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ خېيىم خەتەر دەرىجسى ئوخشىمىغانلىقتىن ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىش سەۋەبىدىن زەخمىلەنگەندە، ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولغىلى بۇلىدۇ. ئىش ئۈستىدە زەخمىلەنگەندە، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەمگەك تارماقىلىرى ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىكىتىدۇ، مېيىپلىق ياكى يارىلىنىش دەرىجىسىنى بىكىتىدۇ. ئىش ئۈستىدە زەخمىلەندى دەپ بىكىتىلگەنلەر داۋالنىش ھەققى، بىر قېتىملىق يارىلنىش تۆلەم پۇلى، بىر قېتىملىق داۋالىنىش تۆلەمپۇلى قاتارلىق تەمىناتلاردىن بەھرىمان بۇلىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن بولسا دەپنە پۇلى، نەپىقە پۇلى، بىر قېتىملىق ئۈلۈم تۆلەم پۇلى قاتارلىقلاردىن بەھرىمان بۇلىدۇ(بۇ توعۇرلۇق ئىلگىرى تەپسىلى توحتالعان ئىدىم، مەنزىل: http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=38973).بۇخىل سۇغۇرتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلتىش خېيىم خەتىرىنى تۆۋەنلتىشتە ناھايتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە، ئەگەر ئىداردىكى خىزمەتچى زەخمىلەنگەندىن كىيىن ئىش ئۈستىدە زەخمىلەندى بىكىتلسە ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسا يۇقارقى تۆلەم ئىش ئۈستىدە زەخمىلنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىندۇ، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتانشمىغان بولسا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوخشاش ئۆلچەم بۇيىچە تۆلەمنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان بىرەيلەن ئىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەخمىنەن 400مىڭ يۇەندىن 600مىڭ يۇەنگىچە تۆلەم تۆلەيدۇ. ئىش ئۈستىدە زەخمىلەندى دەپ بىكىتشنىڭ 3شەرتى بار: ئۇلار، ئىش ۋاقتىدا، ئىش ئورنىدا، ئىش سەۋەبىدىن قاتارلىقلار،مۇشۇ ئۈچ خىل شەرىت قانائەتلىنپ ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىدە مەشغۇلات خاتالىقى قاتارلىق سەۋەنلىك بولسىمۇ يەنىلا ئىش ئۈستىدە يارىلاندى ياكى ئۆلدى دەپ قارىلىدۇ. قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر،ھاراق ئىچىپ ياكى زەھەر چىكىپ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلار، ئۆزىنى يارىلاندۇرغان ياكى ئۆلتۈرۋالغانلار ئىش ئۈستىدە زەخمىلەندى ياكى ئىش ئۈستىدە ئۆلدى دەپ قارالمايدۇ. بۇحىل سۇعۇرتىنى يۆتكەش مەسلىسى مەۋجۇت ئەمەس، تاپشۇرعان سۇعۇرتا پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ. بۇحىل سۇعۇرتنى مۇشۇ ئايدا تاپشۇرۇپ مۇشۇ ئايدا بەھرىمان بۇلىمىز، 5-ئايدا تاپشۇرعان سۇعۇرتىنىڭ 6-ئايدا رولى بولمايدۇ.5-ئايدا سۇعۇرتىعا قاتنىشىپ 6-ئايدا ئىش ئۈستىدە زەحمىلنسىڭىز ئاتچوت قىلىنمايدۇ. سۇعۇرتىعا قاتناشقان ئايدا ئىشى ئۈستىدە زەحمىلنىش يۈز بەرمىسە تاپشۇرعان پۇل ئىشسىزلىق سۇعۇرتا فوندىعا كىرىم بۇلىدۇ.


حوجايىنلارعا تەكلىپ: ئەگەر سىز شىركەت(دۇكان) مەسئۇلى ياكى پايچىكى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بىحەتەرلىكى ئۈچۈن شىركەت حادىملىرىنى باشقا سۇعۇرتىعا قاتناشتۇرمىسىڭىزمۇ چۇقۇم ئىش ئۈستىدە زەحمىلىنىش سۇعۇرتىسىعا قاتناشتۇرۇڭ. سىز تاپشۇرعان 20-30يۇەن سۇعۇرتا ھەققى سىزنى نەچچە يۈزمىڭ يۇەنلىك حېيىم حەتەردىن ساقلايدۇ.


5.تۇغۇت سۇغۇرتىسى(ۋىلايەت دەرجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)


سۇغۇرتا ئوبىكتى: 1.دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە كەسپى حادىملار، 2.مەمۇرى، كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان بارلىق شىتات سىرتىدىكى خادىملار.3. كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەربىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بارلىقخادىملار(2-،3-تۇردىكىلەر‹ئەمگەك قانۇن›نىڭ 72-ماددىسى ۋە‹ ئەمگەك توختام قانۇنى› نىڭ17- ماددىسىغا ئاساسەن مۇشۇ خىل سۇغۇرتىغا مەجبۇرى قاتنىشىدۇ)


رولى: بۇخىل سۇغۇرتىغا پەقەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بەلگىلەنگەن نىسپەت بويىچە پۇل تاپشۇرىدۇ، شەخسى پۇل تاپشۇرمايدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىغا ئەر ياكى ئايالئوخشاشلا قاتنىشىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئايال ياكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئەرنىڭ ئايالى(مۇقىم خىزمتى بولماسلىقى كېرەك) يەڭگىگەندە تۇغۇت خىراجىتى، تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىپ بىرىلدۇ بۇحىل سۇعۇرتىنى حالىعان ئورۇنعا يۆتكىگىلى بولىدۇ، تاپشۇرعان سۇعۇرتا پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ. بۇحىل سۇعۇرتنى مۇشۇ ئايدا تاپشۇرۇپ كىينكى ئايدا بەھرىمان بۇلىمىز،


ئجتىمائى سۇغۇرتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ۋاكالىتەن ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئىدارىسغا تاپشۇرىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ ئۆزى ئىجتىمائى سۇعۇرتا ئىدارىسىگە برىپ سۇعۇرتا بىجىرش مەسئۇلىيتى بولمايدۇ. ئەمگەكچىنى ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرماسلىققا، مائاشىغا مۇئەييەن نىسپەتتە پۇل قۇشۇپ بىرىش ئارقىلىق سۇغۇرتا بىجىرىپ بەرمەسلىككە،بارلىق سۇغۇرتا ھەققىنى ئەمگەكچىدىن تۇتۇپ قېلىشقا، ياكى ئەمگەكچى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرماسلىق ھەققىدە كىلىشىم تۈزۈشكە بولمايدۇ يۇقارقى تۆت خىل ئەھۋال ئادەتتە پۇقراۋى كارخانىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىنىڭ تاپشۇردىغان ھەرحىل سۇغۇرتا نىسپىتىنى ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلەيدۇ.


پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى، قانۇن بۇيىچە پىنسىيە يېشىغا يەتكەن ياكى پىنسىيە مائاشى بارلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتا تۆلەش مەسئۇلىيتى بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچنى قانۇن بۇيىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمىسا ئەمگەكچى قانۇنلۇق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاننى بىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك تەپتىش تارماقلىرىغا، ئەمگەك كىسىم ھەيئىتىگە، سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغانلىق سەۋەبدىن ئەمگەكچىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەكچى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكى بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئاپاراتىغا بېرىپ سۇرۇشتۈرسە بۇلىدۇ. ئىجتىمائى سۇغۇرتا بىجىرىش ئاپاراتىنىڭ سۇرۇشتە قىلىپ بىرىش مەسئۇلىيتى بولىدۇ(ئىجتىمائى سۇغۇرتا قانۇنى 74-ماددا)


ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى:ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى يىلى 4-ئايدا بىر قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇنننىڭ ئالدىنقى يىللىق جەمىيەت ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنى ئېلان قىلىدۇ، مەسلەن: ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ2011-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان ئالدىنقى يىللىق جەمىيەت ئوتتۇرچە ئىش ھەققى 2466يۇەن،مۇشۇ 2466يۇەننىڭ %60تى (1480يۇەن) ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى دەپ ئاتىلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى1480يۇەندىن تۆۋەن بولسا 1480يۇەننى تۈپ سان قىلىپ تۇرۇپ سۇغۇرتا تۆلەيدۇ. 1480يۇەندىن يۇقىرى بولسا ئەمىلى مائاشنى تۈپ سان قىلىپ تۇرۇپ سۇغۇرتا تۆلەيدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا جەمىيەت ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنىڭ 300%تى (7398)يۇەننى تۈپ سان قىلىپ تۇرۇپ سۇغۇرتا تۆلەشكە بۇلىدۇ .


ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتى (بىر ئادەمنىڭ بىر ئايلىق سۇغۇرتىسى)


(بۇ يىللىق ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى 1480يۇەن)

















































   سۇغۇرتا



ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن



شەخسى



جەمئى



ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى



% 20   (296يۇەن)



%8   ( 118.4يۇەن)



%28(414.4يۇەن)



داۋالىنىش سۇغۇرتىسى



%6    (80.8يۇەن)



%2(29.6يۇەن)



%8   (118.4يۇەن )



ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى



%2   (29.6يۇەن)



%1(14.8يۇەن)



%3    (44.4يۇەن)



ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىش



%1   (14.8يۇەن)



شەخسى تۆلىمەيدۇ



%1   (14.8يۇەن)



تۇغۇت سۇغۇرتىسى



1%    (14.8يۇەن)



شەخسى تۆلىمەيدۇ



%1   (14.8يۇەن)



جەمئى



%30   (444يۇەن)



%11   (162.8يۇەن)



41%    (606.8يۇەن)




ئىزاھات: 1.يۇقارقى سۇغۇرتا تۈپ سانى ۋە نىسپىتى شىنجاڭ بۇيىچە بىر تۇتاش قوللىنىلدۇ. (شىنجاڭنىڭ ھەممە جايىدا يۇقىردىكى جەدۋەلدىكى پۇلىنى تاپشۇرسىڭىزلا بۇلىدۇ)ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش بىڭتۇەننىڭ سۇغۇرتا تاپشۇرۇش تۈپ سانى يەرلىك بىلەن ئوخشىمايدۇ.


1. ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمى ساھەلەر بۇيىچە ئوخشىمايدۇ. مەسلەن ئادەتتىكى كەسپى ئورۇنلارنىڭ، مۇلازىمەت خاراكتىردىكى شىركەتلەرنىڭ، ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتى%1بۇلىدۇ، قۇرلۇش كارخانىلرىنىڭ %2 بۇلىدۇ، كۈمۈر كانلارنىڭ% 4بۇلىدۇ.(ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە ئوخشىماسلىقى مۇنكىن)


2.داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرن ئۈستىگە ئالىدىغان قىسىمى ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلەردە ئوخشاش بولماسىلىقى مۇمكىن(ۋىلايەت دەرىجىلىك جۇغلانما ئەمەسمۇ)


دىمەك 5خىل سۇغۇرتا ئۈچۈن شىركەت ھەر ئايدا ھەر بىر ئادەمگە 458.8يۇەن ھەق تاپشۇردۇ. شەخسنىڭ مائاشىدىن 162.8يۇەن پۇل تۇتۇلدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىر ئايلىق سۇغۇرتا ھەققى ئۈچۈن شىركەت ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئىدارىسىدا جەمئى606.8يۇەن پۇل تاپشۇردۇ.


ئەگەر ياللاش ياللىنىش مۇناسىۋىتى بولماي، يەككە تىجارەتچى شەكلىدە ھەق تاپشۇرسىڭىز ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ھەر ئايدا پەقەت %20(296يۇەن) پۇل تاپشۇرسىز ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا 8%(118.4يۇەن) پۇل تاپشۇرىسىز.

dada يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 17:25:55

سۇغۇرتا چۈشەنچىلىرى   ،   ساقلىۋالاي دەپ ئىنكاس يىزىۋالدىم ، ھەقىقەتەن لازىم بولىدۇكەن

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 17:31:16

ساقلىۋالدىم. رەخمەت

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 17:39:24

ئالدىنقى تېمىدىكى تورداشنىڭ سۇئالىغا، ئۆزۈم سۇغۇرتا بېجىرگىلى بارغاندا ھېس قىلىغىنىم بويىچە ئاددىلا جاۋاب بېرىپ قويغانتىم، تېخىمۇ تەپسىلى بىلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە!

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 17:48:25

مۇشۇ بانادا بىر سوئال سورىۋالاي: تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ۋىلايەت ئاتلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:08:13

جەمىيەتتەدائىم ئېيتىلدىغان 5خىل سۇغۇرتا بىر فونىد ( 五险一金) يۇقىردا ئېيتىلغان 5خىل سۇغۇرتا ئولتۇراق ئۆي فوندىنى كۆرسىتىدۇ.

جەمىيەتتە ئۈچ خىل سۇغۇرتا(三金) دىگەن ئاتالغۇمۇ بار. ئۇلار ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش،ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسدىىن ئىبارەت. لىكىن ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى ئۈچ خىل سۇغۇرتا دەپ ئاتاش خاتا .

ئولتۇراق ئۆي فوندىمۇ ۋىلايەت دەرىجىلىك جۇغلىما فوند بۇلۇپ، جۇغلىما دائىرىسىدىن ھالقىپ خىزمەت يۆتكەلسىڭىز (ۋىلايەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسىڭىز) ياكى خىزمەت تاپسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ئارقىلىق ( يۆتىلىكش ئۇختۇرىشى، ئەمگەك توختامى) ئىلگىرى تاپشۇرغان ئولتۇراق ئۆي فوندىنى قايتۇرۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:12:12

مەسلەن مەن ئا ۋىلايەتتە ئىشلەيمەن، لېكىن مەن ب ۋىلايەتتىن تۇرالغۇ ئۆي فوندىدىن قەرىز ئېلىپ ئۆي ئالماقچى، مۇشۇنداق قىلغىلى بولامدۇ؟

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:21:27

بۇنىڭغا بولمايدۇ. سىزچۇقۇم ئاۋال ب ۋىلايەتتە ئاۋال تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فونىدى تاپشۇرشىڭىزكېرەك.

بىزنىڭ بانكىغا ئامانەت قويمىغانلارغا قەرز بەرمەيمىز دىگەندەكلا بىر گەپ..

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:09:35

ماۋۇ تازا بەلەن تېما بوپتۇ .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 20:17:23

@sayramiئولتۇراق ئۆي فوندىنى ئشسىزلارئۆزى تاپشۇرسا بولامدۇ ؟

jahannama يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 22:00:56

رخمەتسىزگە بىر باش ئاغرىقىدىن ساقايتىڭىز ، ئەمدى بىلۋالدىم

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 22:26:31

كوپ ئەجىر قىپسىز رەخمەتسىزگە

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 10:30:51

@sayrami ئولتۇراق ئۆي فوندىنى ئشسىزلار ئۆزى تاپشۇرسا بولامدۇ ؟





مەلۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىڭىز بولسا ئاندىن تاپشۇرالايسىز، ئورۇن بىلەن شەخس ئورتاق ئۈسىتىگە ئالىدۇ ئەمەسمۇ.

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 10:33:10

مەيلى مەمۇر بۇلۇڭ، كەسپى بۇلۇڭ، كارخانا خىزمەتچىسى بۇلۇڭ ھەممىڭلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق تېما بۇ،

بىر كۈن ئولتۇرۇپ ئاران يازدىم،

جەۋھەرلەپ قۇيۇڭلار دەيمەن............تېخىمۇ كۆپ ئادەم پايدىلانسۇن.

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 11:03:31

يەنە بىر كۇن ئولتۇرسىڭىز بۇنىڭدىن باشقىمۇ ياخشى پايدىلىق تىمىلار چىققىدەك ، بىلىمنى ئايماڭدەيمەن

JAHANNAMA يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 12:31:17

ئەلا باھالىۋەتتىم ئەمسە

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 14:08:33

ناھايىتى پايدىلىق ماتىريال بىلەن تەمىنلەپسىز.

سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن چۇقۇم تەپسىلاتىنى تۇلۇق ئىگەللەپ ،ئۆز ئەھۋالىغا ماس كەلگەننى بىجىرىش كېرەك.بولمىسا بەزىدە ئالدىنىپ قالدىغان ئىشلارمۇ كېلىپ چىقىدۇ،ياكى بولمىساھېچقانداق پايدىسى تەگمەي قېلىشى مۇمكىن.

بېشىمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىلدىم.

ئش مۇنداق بولدى.ئۆتكەن يىل بانكىغا ئامانەت قوياي دەپ چىقسام ئىشىكتىن كىرشىمگىلا بىر خىزمەتچى ئالدىمغا كېىلپ نىمە مۇلازىمەت لازىمدەپ سوراپلا كەتتى.مەقسىدىمنى ئېيتسام بىزنىڭ شىركەتنىڭ بىر خىل مالىيە مەھسۇلاتىنى سېتۋىلىڭ ،مۇددەتلىك بىلەن ئوخشاش ئەمما ئۈسۈمى ئۇنىڭدىن يۇقرى دەپ بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ كەتسە،رەت قىلالماي بوپتۇلا ئوخشاش بولغانكىن دەپ ئاپتىمەن.

بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈنى ياتىقىمنى تۈزۈك-مۈزۈك رەتلەش ئېلىپ بارغانداشۇ ئەينى ۋاقىتتا تۇتقۇزۇپ قويغان ماتىرياللار چىقىپ قالدى،ئەينى ۋاقىتتا پۇل قويغان ئىشقۇ دەپ قۇچاقلىتىپ قويغان بۇ نەرسىلىرىنى ئۇقۇپمۇ باقماپتىكەنمەن.ئەمدى ئۇقۇپ كۆرسەم بىر توختام ئىكەن 10 يىللىق سۇغۇرتا سېتۋاپتىمەن،ئۆلمىسەم 10 يىلدىن كىيىن پۇلنى ئۆسۈمى ،يەنە قىزىل بولاقلىرى بىلەن قايتۇرۋالالايدىغان،ھادىسە تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتسەم ئىككى ھەسسى بويچە تۆلەم بېرىدىغان،قىسقىسى ئۆلۈكۈمنى پۇلغا ساتىدىغان توختام ئىكەن.

شۇ يەردىنلا تورغا چىق تەكشۈرسەم ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن،ماڭا ئوخشاش تۇلۇق تەپسىلاتىنى بىلمەي ئېلىپ قالغانلار خىلىلا جىق ئىكەن،ئۇلارمۇ ئەرىز قىلىپ قايتۇرۋاپتۇ.

شىركەتكە تېلفۇن بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتسام ئاشۇ خىزمەتچىنڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلسام بولدىغانلىقىنى ئېيتى،چۈنكى توختامدا مېنىڭ ئىمزايىم يوق ئىدى.ئېنىقلا خىزمەتچى ماڭا ئەھۋالنى تەپسىلىي دېمىگەن ئىدى.ئەرىز قىلاي دېسەم ئۇ خىزمەتچىگە تەسىرى سەل چوڭ بولدىغان چىراي،بوپتۇلا دەپ 100 نەچە يۈەن زىيىنى بىلەن قالغان پۇلنى قايتۇرۇپ كەلدىم.

xj118114 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-17 20:23:35

بەرنا خېنىم،سىز ئىجتىمائى سۇغۇرتا بىلەن سودا سۇغۇرتىسىنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەپسىز .ئىجتىمائى سۇغۇرتىدا ئالدىنىپ قالىىدىغان ئىش بولمايدۇ .
بەت: [1]
: ئىجتىمائى سۇغۇرتا