koxuk يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 14:57:10

ئۇيغۇرلاردا قەغەزچىلىك

قەغەز جۇڭگو ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرى.

    دۇنيادا قەغەز ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ۋە تارىم ۋادىسىدا ئىشلىتىلگەن.

    غەربى يۇرتتا قەغەز ئىشلىتىش مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىرلەردە باشلانغان .1933-يىلى جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق ئارخىئولوگى خۇاڭ ۋېنبى( 1893-1966) تارىم ۋادىسىدا ئارخىئولوگىيەلىك  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ، باشقا يادىكارلىقلار  بىلەن بىللە بىر پارچە قەغەز ئەۋرىشكىسىنى تېپىۋالغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى  تەخمىنەن 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.  « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، ئۇ ئاز دىگەندە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 49-يىلدىن ئىلگىرىكى  قەغەز بولۇپ، <سەيلۇن بېگىمنىڭ قەغىزى> دىن 150 يىل ئىلگىرى» ئىشلەنگەن قەغەز ھېساپلىنىدىكەن.

    جۇڭگونىڭ خەنزۇچە ھۆججەتلىرىدە شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرى( مىلادى25-222-يىللار) دە سەيلۇن دىگەن كىشىنىڭ دەسلەپتە ئىجات قىلغانلىقى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان.  مۇشۇ خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، لوپنۇر رايونىدىكى قەغەز دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز ھېساپلىنىدۇ. دېمەك، سەيلۇن ئۆلچەملىك قەغەز ياساشتىن ئىلگىرىلا جۇڭگودا ئاددى قەغەز بار بولغان.

  لوپنۇر قەغىزى چىگىدىن ياسالغان بولۇپ، سىپتىلىق دەرىجىسى  خېلى يوقىرى بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ يۈزىدە چىگە قوۋزاقلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىدىن مىلادىيە 25-222-يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قەدىمكى قەبرىدىنمۇ بىر پارچە قەغەز چىققان. بۇ كىچىك بىر پارچە قەغەز بولۇپ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3 سانتىمېتىر،كەڭلىكى تەخمىنەن 3سانتىمېتىر كېلىدۇ. قەغەزنىڭ  ئۈستىدە قارا رەڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قارا سىياھ سۈرتۈلگەندەك بىلىنىدۇ.

  نىيە، لوپنۇر، خوتەن، كۈسەن، قاراشەھەر،تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن مىلادىيە 1-ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرگە مەنسۇپ قەدىمگاھلاردىن دائىملىق يوسۇندا  ۋە ھەرخىل نىسبەتتە  قەغەز ئەۋرىشكىلىرى تېپىلدى.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىرورەندىكى خارابىلىكتىن يىلنامىسى يېزىلغان قەغەز كىتاپلارنىڭ پارچىلىرى، مەسىلەن، جىن خانلىقى جىياڭپىڭنىڭ 4-يىلى(مىلادى252-يىلى) ، تىيەنشىننىڭ 2-يىلى(مىلادى 265-يىلى) ، شىمالى سۇلالىلەر يۇڭجىيانىڭ 4-يىلى(مىلادى 310-يىلى) دىگەندەك يىلنامىسى يېزىلغان ۋەسىقىلەر ھەم تىيەنشى يىللىرى ( مىلادىيە 266-268-يىلغىچە) دىگەندەك تارشا-پۈتۈكلەر تېپىلدى. تۇرپاندىن مىلادىيە 265-907-يىللارغا تەئەللۇق قەبرىلەردىن بىر قېتىمدىلا مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەغەز خەت-چەك چىققان.

    يوقىرقىلاردىن باشقا مىلادىيە 7- ئەسىردە غەربى يۇرتتىكى مەلۇم رايونلاردا قەغەزدىن ناھايىتى كەڭ پايدىلىنىلغان. « سىتەيىن خوتەن دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مازار تېغىدىكى ئىبادەتخاندىن قەغەز سودىسى ھەققىدىكى ئەھۋاللار يېزىلغان بىر ھېسابات دەپتىرى تېپىۋالغان» ، «60تىيىنغا بىر تاختا قەغەز سېتىۋېلىندى» ،« 100تىيىنغا 2تاختا سۈت قەغەز سېتىۋېلىندى» ،ۋە ھاكازالار. بۇ خاتىرىلەردىن ، قەغەزنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ، باھاسىنىڭمۇ خېلى ئەرزان بولغانلىقىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەمما ئەينى زاماندىكى قاتناش ئىشلىرىنىڭ قىيىنلىقىنى نەزەرگە تۇتقاندا ، بۇ قەغەزلەرنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن ، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

    شىنجاڭدىن تېپىلغان قەغەزلەرگە غەربى يۇرتتا ياشىغان ، قەدىقى قوۋملار ئىشلەتكەن يېزىقلاردا خەتلەر پۈتۈلگەنلىرىمۇ بار. مەسىلەن ، ئاگنى ، كۈسەن، بارچۇق(مارالبېشى) قاتارلىق جايلاردىن توخرى(توخار) ، سوغدى ۋە خوتەندىكى ساك تىلىدا يېزىلغان ۋەسىقىلەر تېپىلدى.

  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدە ئارخىئولوگلار دۇنخۇاڭ ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمگاھلاردىن يەنە قوليازمىلارنىڭ پارچىلىرىنى تاپتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر قەدىمى بولغىنى غەربى جىن خانلىقى يۈەن كاڭنىڭ 6- يىلى (مىلادىيە296-يىلى) دىكى «بىر قانچە بۇددىستلار نومىنىڭ جەۋھىرى» نىڭ قوليازما جىلدىنىڭ قالدۇق پارچىسى يەنە 16 خانلىق دەۋرى (مىلادىيە304-436-يىللار) گە تەۋە ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە خەنزۇچە بۇددا كالاملىرىمۇ بار. تۇرپاندىن قەدىمقى قۇچۇ خانلىقى ( مىلادىيە 500-640-يىللار) دەۋرىگە تەۋە قەبرىلەردىن تۈرلۈك قەغەزدىن ياسالغان بۇيۇملار ، مەسىلەن، قەغەزدىن قىيلىغان رەسىم، قەغەزگە سىزىلغان رەسىم، قەغەزدىن ياسالغان قالپاق، كەش،بەلباغ قاتارلىق دەپنە بۇيۇملىرى تېپىلدى.

    شىنجاڭدىن تېپىلغان قەغەزلەرگە غەربى يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى، ئىقتىسادى ئەھۋالىغا دائىر ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەنلىرىمۇ بار. ( شىنجاڭدىن تېپىلغان قەغەزلەرگە شىنجاڭدىكى قەدىمكى يەرلىك مىللەتلەر ئىشلەتكەن قوچۇ يېزىقى ، كۈسەن يېزىقى، خوتەن يېزىقى، سوغدى يېزىقلىرىدا يېزىلغان خەت-چەكلەر پۈتۈلگەن . يەنە خەنزۇ تىلى يېزىقى ۋە بۇددا نوم - سوترىلىرى ۋە ئايەتلەر يېزىلغان. ) قەغەزگە يېزىلغان خەت - چەكلەر مەزمۇنى بوز يەر ئاچقانلىق ئەھۋالى ، ھەربى تەمىنات،ھېسابات دەپتەرلىرى ، ئالاقە ، خەت- چەك ، تىبابەتچىلىك رېتسىپلىرى ، دىني مەزمۇندىكى كالاملار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    شىنجاڭدىن تېپىلغان قەغەزلەرنىڭ ياسىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى ئىككى خىلدىن تەركىپ تاپقان. بىرى ، كەندىر ۋە ئاق كەندىر تالالىرىدىن بولۇپ، يەنە بىرى ، ئۈژمە قوۋزاقلىرى تالالىرىدىن ئىبارەت. يەنە باشقا خام ئەشيالار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەنگەنلىرى بولغان. مەسىلەن ، 1901-يىلى ئا. سىتەيىن لوپنۇردىن مىلادىيە 220-420-يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋىرگە مەنسۇپ قەغەز پارچىلىرىنى بايقىغان. ۋېنادىكى بوتانىك -فىزولوگ ۋېسنىرنىڭ ئانالىز قىلىشى بويىچە بۇ قەغەزلەر لاتا-پۇرۇچ قېتىلغان ئۈژمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان. تۇرپان رايونىدىن مىلادىيە 265-410-يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋرگە مەنسۇپ قەبرىدىن تېپىلغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە قەغەز كەش، قەغەز ئادەم بار. شاڭخەي شەھەرلىك قەغەز تەتقىقات ئورنىنىڭ خىمىيىۋى ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرىشىچە ، شىنجاڭدىن تېپىلغان قەغەزلەرنىڭ بىر قىسمى پاختىدىن ياسالغان، كۆپ قسىمى كەندىردىن ياسالغان. كەندىر تىپىدىكى تالالاردىن ۋە بىراك (تاشلاندۇق) توقۇلمىلاردىن پايدىلىنىلغان.

    قەغەز ئەۋرىشكىلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىجاڭدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمقى قەغەزلەر ئىشقارلىق قەغەز بوتقىسى خۇسۇسىيتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدا پىچاقتا كېسىلگەن ئىزلارنىڭ بارلىقى، ھەمدە زىچلىق دەرىجىسىنىڭ خېلى يوقىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ ، قەغەز خام ئەشياسىنىڭ پىچاق بىلەن توغرالغانلىقى ، شۇلتا سۇيۇقلىقى بىلەن قاينىتىلغانلىقى ۋە ئوغىداتولۇق سوقۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    قەغەز ياساش تېخنىكىسىدىن قارىغاندا شىنجاڭدىن تېپىلغان مىلادىيە 265-909-يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋرىگە مەنسۈپ قەدىمقى قەغەزلەر ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ، رەخت سىزىقلىق قەغەز، يەنە بىرى ، چىغ سىزىقلىق قەغەزدىن ئىبارەت.

  غەربى يۇرتتا ياشىغان قەدىمقى قوۋملار قەغەزچىلىك ساھەسىدە ، بىر يۈرۈش ئۇسۇل چارىگە ئىگە ئىدى. قەغەزنى « كاناپ ياكى ئات قۇيرۇقى ، مەشۈت، چىگە قاتارلىق قىل يىپلاردىن تور توقۇپ ، ئۇنى تۆت كېرىگۈچ ياغاچ جازىغا مەھكەم بىكىتىپ، قېلىپ ياساپ كالا بوتقىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، سۈيىنى ئېقىتىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ھاسىل بولغان شىلىمسىمان پەردىسىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ياسىغان ، يەنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاندا قەغەز بولۇپ چىقاتتى. »

    غەربى يۇرتتا ياشىغان قەدىمقى قوۋملار قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان. مەسىلەن ، بۇ يەردىن تېپىلغان قەغەز ئەۋرىشكىلىرىدىن قارىغاندا ، تالالىق خام ئەشيالارنى تاللاش ۋە ئىشلەش جەھەتتە غەربى خەن سۇلالسىى دەۋرى ( مىلادىدىن بۇرۇن 206-23-يىللار ) دىكىدىن ناھايىتى كۆپ يۈكسەلدۈرۈلگەن؛ ماي ماددىسىدىن ئېرىغداش ئۇسۇلىمۇ غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىسلاھ قىلىنغان. ناياپ( قەغەز سۇيۇقلىقى) نىڭ سۈپىتىمۇ غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكىدىن روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان؛ تالالىرىنىڭ تەكشىلىكىمۇ ئىسلاھ قىلىنغان ؛ سۈتلۈك ( ئېرىغدىلىش ) دەرىجىسىمۇ يوقىرى كۆتىرىلگەن، ئۆسۈملۈك يىلىمىمۇ قوشۇلغان. ياخشى سۈپەتلىك پەردە، گۈللۈك قەغەز شۇنىڭدەك ئەتىقە قەغەز، ئاقارتىلغان قەغەزلەر  بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن قەغەز ھېساپلىنىدۇ؛ ئاندىن يەنە كىراخمال ۋە ھايۋان سۆڭەك يىلىمى قوشۇلغان رەڭلىك رەسىم قەغىزىمۇ بار، بۇنداق قەغەز دىنىي ئەقىدە مۇناسىۋىتى بىلەن ياكى كۈيىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن سېرىق بويالغان. شەرقى جىن (317-420-يىللار) خانلىقى دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرى( 618-907-يىللار)نىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تەخمىنەن 500 يىل ئىچىدە قەغەزچىلىك زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. مەھسۇلاتى، سۈپىتى ۋە تېخنىكا جەھەتلەردە ئۇچقاندەك تېز يۈكسەلگەن.غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى باچىياۋ قەغىزىگە قارىغاندا تېخنىكا جەھەتتىن ناھايىتى كۆپ دەرىجىدە ئۆسكەن.

    جۇڭگو قەغەزچىلىكىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى تارىخى خارەكتىرلىك ۋەقە بولدى. بۇ ۋەقەدە ئەلۋەتتە غەربى يۇرتنىڭ مۇھىم توھپىسى بار.

    تارىخى ئەھۋاللارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ، سوغدىلار قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنى « ئەڭ ئاۋال غەربكە تارقاتقان ئەلچىلەردىن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن» . دىمەك مىلادىيە 5-ئەسىردە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا قەغەزدىن پايدىلىنىشقا باشلىغان. ئەمما قەغەز ياساش تېخنىكىسى مىلادىيە 751-يىلدىكى تاڭ سۇلالسى قوشۇنلىرى بىلەن ئەرەپ خەلىپىلىكى قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاستا بولغان جەڭدىن كېيىن تارقالغان.

  793-يىلى باغدادتا قەغەز ياساش زاۋۇتى قۇرۇلغان. 900-يىلى قاھىرەدە قەغەز ياساش كارخانىسى بارلىققا كەلگەن. 1100-يىلى ماراكەشنىڭ فىس شەھىرىدە قەغەز ياساش كارخانىسى قۇرۇلغان. ياۋرۇپاغا 10-ئەسىر ئەتراپىدا تارقالغان. ھىندىستانغا 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تارقالغان.

قەغەزچىلىكنىڭ غەرپكە تارقىلىشىدا شىنجاڭ بىر كۆۋرۇكلۈك رول ئويناش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ رولى چوڭ بولغان.

    جۇڭگودا قەغەز ئەڭ بۇرۇن ۋە كەڭرەك ئىشلىتىلگەن جاي مەركىزى جۇڭگو رايونى بىلەن غەربى يۇرت - شىنجاڭ رايونى ئىكەنلىكىنى يوقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق.شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قەغەز تۇنجى بولۇپ، سەمەرقەنتتە ئىشلەپچىقىرىلغان. قەغەزچىلىك تېخنىكىسى بۇ يەرگە جۇڭگودىن كىرگەن. تارىخى كىتاپلاردا خاتىرىلىنىشىچە ، مىلادىيە 751-يىلى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تالاستا ئەرەپ قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ يېڭىلگەندە ، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىدىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر ئەسىرگە چۈشۈپ  سەمەرقەنتكە ئېلىپ بېرىلغان. ئەسىرلەر ئىچىدە نۇرغۇن ھۈنەرۋەن ئۇستىلار بار بولۇپ، ئەلۋەتتە قەغەز ئۇستىلىرىمۇ بار ئىدى. مانا بۇ ئەسىرگە چۈشكەن ئۇستىلار سەمەرقەنت قەغەزچىلىك كارخانلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەم جۇڭگونىڭ قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنى غەرپكە تارقاتقۇچىلار بولۇپ قالغان.

    ئەرەپ ساياھەتچىسى تەمىم ئبىنى بەھىر ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىگە ئەڭ بۇرۇن بارغان ئەرەپ ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل يايلىقىدىكى خانلىقىنىڭ پايتەختى بايبالىق ( قارا بالغاسۇن)قا بارغان ھەم بىر ساياھەت خاتىرىسى يازغان . تەمىم ئىبنى بەھىرنىڭ خاتىرلىشىچە ، مىلادىيە 786-يىلى ياكى 809-يىلى ئارىلىقىدىكى توققۇز ئوغۇز خاقانى ئىككى قېتىم قوشۇن تارتىپ ،جۇڭگو پادىشاھى ئەسكەرلىرىگە ئۇرۇش قوزغىغان.نەتىجىدە جۇڭگو پادىشاھىنىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولغان. توققۇز ئوغۇز مۇسۇلمانلىرى جۇڭگو قوشۇنلىرىدىن نۇرغۇن ئولجا ئالغان. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى سەمەرقەنتتە قەغەزچىلىك كارخانلىرىنى قۇرۇپ، ئاجايىپ نەپىس قەغەز مەھسۇلاتلىرىنى  ئىشلەپ چىقارغان. ئەلۋەتتە ئۇلار يەنە باشقا قوراللار - ئۇرۇش قوراللىرى ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىمۇ ئىشلەپچىقارغان. تەمىم ئىبىنى بەھىر خاتىرىسىدە ، يەنە خوراساندىكى بارلىق شەھەر بازارلار ئىچىدە پەقەت سەمەرقەنتتىلا مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە خاتىرىلەپ قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم سىياسى ، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان سەمەرقەنت نەپس قەغەز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان. بۇ دەۋردە جۇڭگونىڭ قەغەزچىلىك تېخنىكىسنىڭ تەسىرى كاسپى دېڭىزىنىڭ ئەتراپىغا تارقالغانىدى. بۇ يەرلەر دەل ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۇتىشىدىغان تۈگىنى ئىدى. شىمالىدا ياۋروپاغا سوزۇلغان  يىپەك يولىنىڭ شىمالى لىنىيەسى بار ئىدى. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، دۇنخۇاڭ، تۇرپان، خوتەن،كاشىغەردىن كېيىن سەمەرقەنت جۇڭگونىڭ قەغەزچىلىك تېخنىكىسنىڭ غەرپكە تارقىلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەركەز بولۇپ قالغان.





























تەييارلىغۇچى :قوشۇق



غەيرەتجان ئوسماننىڭ «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى» دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

zulayin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-11 20:23:17

نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا «گالغا ئاستۇق»(يەنى ھازىرقى گالىستۈك )نى تاقاشنى بىلىدىغان ئەقىللق ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەز ،ئوق دورىسى،مەتبە...لەرنى ياسىيالايدىغانلىقى ۋە ئىشلىتەلەيدىغانلىقى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەسقۇ دەيمەن ؟

adelynn يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 17:03:43

«جاھاننامە» دە سەيلۇننى ھازىرقى تۇرپان ئەتراپىدا ياشىغان ئۇيغۇر دەپ يازغان ئېسىمدىغۇ؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 18:59:39

قەدىقى زامان جوڭگۇ ئەدەبىياتى دەرسى ئاڭلاۋېتىپ،دەرس ئۆتىۋاتقان مۇئەللىمگە ئىغتىيارسىزلا ،دۇفۇ دېگەن غوپۇ. لى بەي دىگەن ئەسلى ئەبەي دىگەن گەپكەنغۇ ؟-دەپ ساپتىمەن...( بۇ گەپنى مەنمۇ قەيەرلەدىندۇر بىر يەردە ئاڭلغاندەك قىلغان) شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم بىر مۇنچە چېچلىپ چىچاڭشپ كەتكەنتى...

adelynn يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 23:53:14

مېنىڭ تارىخ مۇئەللىمىمغۇ «تۆت چوڭ كەشپىيات» نىڭ كومپاستىن باشقىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن باشقا يۇرتتا كەشىپ قىلىنغان دەپ سۆزلەيتى.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 11:51:33

ياخشى تېمىكەن...............



تەشەككۇر !
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلاردا قەغەزچىلىك