Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 06:29:47

يېڭى تېخنىكىلارنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتەلەيمىز؟

توردىن سامسۇڭ شېركىتىنىڭ ئېگىلىشچان ئېكران ئىشلەپچىقارغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن قىزىقىشىم قوزغىلىپ ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاختۇرۇپ باقتىم. توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئېگىلىشچان ئېكران تېخنىكىسى سامسۇڭ شېركىتىنىڭ كۈچلۈك تېخنىكىلىرىنىڭ بىرسى ئىكەن. بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن ياپۇنيىنىڭ سونىي شېركىتىنىڭمۇ ئورگانىك ئېگىلىشچان ئېكران ئىشلەپچىقارغانلىق خەۋىرى چىققان ئىدى، ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتتا سامسۇڭ شېركىتى باشقا رىقابەتچىلىرىدىن خېلىلا ئالدىدا كېتىۋېتىپتۇ. توردىكى ئېگىلىشچان ئېكراننى باشقا تۈردىكى ئېكران، مەسىلەن سۇيۇق كىرىستال ئېكران، بىلەن سېلشتۇرما قىلغان تەجىربە سىنلىرىنى كۆردۇم. ئادەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان يانفونلارنىڭ ، مەسىلەن ئايفون، ئېكراننى ئېگىلمەيدۇ، قولىمىزدىن يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئېكراننىڭ چېقىلىپ كېتىش خەۋىپىمۇ بار. ئەمما سامسۇڭ شېركىتىنىڭ ئېگلىشچان ئېكراننىڭ ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ قاتلىسىڭزمۇ، يۆگىسىڭزمۇ، ئېكران يۇزىگە بولقا بىلەن ئۇرسىڭزمۇ ، كۆرسىتش ئىقتىدارىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھەمدە بۇ ئېكران باشقا كىرىستال ئېكراندىن كۆپ نېپىز. بۇلارنى كۆرگەندىن كېىن كاللامغا بۇ ئېكراننى قانداق جايلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ دېگەن ئوي كېلىپ قېلىپ تۆۋەندىكىدەك بىر ئىشلىتىش يولىنى پىلانلاپ باقتىم.


مېنىڭ ئويلىغىنىم بۇ ئېكراندىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس سېزىمچان ئېكرانلىق ئۈستەل ياساش. بۇ ئۇستەل بىر كىشلىك قىلىپ ياسىلىپ، ھەربىر ئۈستەل بىر تاختا كومپيۇتېرغا ئوخشاش بولۇپ، ئېكران سامسۇڭ شېركىتىنىڭ ئگىلىشچان ئېكرانىغا ئوخشاش ، چىدامچان بولۇش بىلەن بىرگە سېزىمچان ئېكران ئىشلىتىلىدۇ. ئاندىن بۇ ئۇستەل كومپيۇتېر تور ئارقىلىق ھازىرقى بۇلۇت مۇلازىمېنتىرىگە ئۇلانسا، ھەربىر ئوقۇغۇچغا بىردىن بۇلۇت مۇلازىمىنتېرنىڭ ھېساپ نومۇرى بېرىلىپ ، ئوقۇچىلار دەرىسلىك ماتېرياللىرىنى توردىن سېتىۋېلپ ، بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلايدۇ. دەرىس ئۆتۈلگەندىمۇ  خاتىرە قالدۇرماقچى بولسا ، ئۇستەل كومپيۇتېردىكى خاتىرە قالدۇرىدىغان ئەپلەرنى قوزغۇتۇپ، سېزىمچان ئىكراندىن پايدىلىنىپ بىۋاستە كومپيۇتېرغا خاتىرە قالدۇرىدۇ ۋە بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلاپ خالىغان چاغدا ، خالىغان جايدا پايدىلانسا بولىدۇ. توردىن سېتىۋالغان دەرىسلىك ئېلكىتابلىرىنىمۇ ، بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلاپ قويسا مەڭگۈ تۇرىدۇ. دەرىسغانىدمۇ ئۇستەل كومپيۇتېر ئارقىلىق كىتابلارنى كۆرۈشكە بولغاچقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توم-توم كىتابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.


ئھتىمال يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن بەلكىم مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىپ قېلىشىنمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا بىزگە ئوخشاش قاتتىق ياغاچ ئورۇندۇق بىلەن ، بىر ئۈستەلدە ئۈچتىن قىستىلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغانلارنىڭ قايتىباشتىن مەكتەپتە ئوقۇغۇسى كېلىپمۇ كېتەرمۇ؟



سامسۇڭنىڭ ئېگىلىشچان ئېكرانى







GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 07:30:57

ئۇنداق بولىشى ئۈچۈن، ئاۋال ئوقوغۇچىلاردا شۇنى ئىشلىتەلەيدىغان ئىقتىدار بولىشى كېرەك، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلارمۇ كومپيۇتېردا خەت بېسىشنى ئۆگەنمەي پۈتتۈرۈپ كېتىپ بارسا ھازىر.

سامسۇڭنىڭ ئېكران ياساش تېخنىكىسى ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىكەنمىش، ھەر قانداق بىر شىركەت يېڭى ئېكران ئېلان قىلسا، ئۆزى بەش يىل بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ياساپ قويغان، ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىل بىر ئېكراننى ئېلان قىلارمىش... ۋەھاكازالار .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 07:49:48

5 يىل بۇرۇن ياساپ قويغان ئۇنىڭدىنمۇ نوچى ئېكران......ئەقىلەي شەقىلەي دىگىنى قۇرۇق گەپ .

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 08:03:09

قول تىقمىغان ساھەسى يوق بىر كارخانا ئىكەن بۇ..لىكىن ئەڭ داڭلىق ساھەسى مۇشۇ ITساھەسى..

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 08:36:19

كورىيە گ د پ سىنىڭ 20 % تى مۇشۇ شىركەتتىن كىلىدىكەن \"\"

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 17:54:14

ھەربىي كارخانلىرىمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 18:04:15

گ د پ نىڭ 20% ؟ نىمىدىگەن ۋەھشەت ؟!  ئالدىنقى يىلى دۆلىتىمىز مائارىپقا سالغان سېلىنما گ د پ نىڭ 4% نى ئىگەللىدىيەي دەپ خەۋەرلەردە شۆلگەيلەر ئېقىپ يۈرىتى، ئىككىسىنى سېلىشتۇرغىلى بولمىغىدەك جۇما .

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 22:38:00

نەچچە كۈن بۇرۇن چۈشۈمدە ئايغونۇمنى كوتۈرۈپ يۈرگىدەكمەن،بىر چاغدا يېنىنى تاتسام كەڭلەۋاتىدۇ كاساپەت ،ئېكران شۇنداق سۈزۈك،قويۇپ بەرسەم ئەسلىگە كېلىۋاتقۇدەك،ۋاھ دەپلا تۆت تەرىپىنى تاتىپ ئايپەت قىلىۋاپتۇدەكمەن ،مۇنداقمۇ ئقتىدارى باكەندە دەپ ھەيران قېلىۋاتقۇدەكمەن،توساتتىن ئېھتىيانسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ،قولياغلىقتەك نېپىز ئېكرانىم قاتلىنىپ كېتىپتۇ،تۇتۇشۇپ يۇرۇپ كەڭلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇزۇنلۇقىنى كەلتۈرەلمەي يۇرۇپ ،يەنە قايتا يېيىپ ئېچىپ ئۇزۇنلۇقىنى ئەسلىگە قايتۇرىمەن دەپ تۇتۇشۇپ يۇرۇپ پۇرلاپ تاشلىۋەتكەن قەغەزدەك قىلىپ قۇيۇپتىمەن،ئاھ چوڭ زىيان بولدى كوتتۇمنى قىسسامچۇ دەپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ رېمنوتخانا ئىزدەپ مېڭىپ ئويغىنىپ كېتىپتىمەن.

يادىمدا ئېراننى تاتسام يۇمشاق بوپلا كېڭىيىپ قاتىدۇ ،قىسسام تارىيىپ ئەسلىگە كېلىدۇ .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 23:00:22

ياۋ پانا، چۈش دېگەن مانداق كۆرسە ھە؟!  {:92:}

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 23:33:03

يۇمشاق ئېكران دېمەي ئىگىلىشچان ئېگىلىشچان ئېكران دېيىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرسىڭىز.

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 00:11:51

9- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇمشاق ئېكران دېمەي ئىگىلىشچان ئېگىلىشچان ئېكران دېيىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرسىڭىز.



yolyar@


ئېنگلىزچىدە Flexible دەپ ئېلىپتىكەن، شۇنىڭدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئېگىلىشچان ئېكران دەپ ئالدىم. مېنىڭ قارىشىمدا يۇمشاق دېيىش مۇاپىق ئەمەس ، چۈنكى يۇمشاق دېگەن سۈپەتنى بۇ نېپىز ئېكراننى تەسۋېرلەشكە ئىشلەتسىڭز باشقىلارغا خاتا ئۇقۇم بېرىپ قويۇش ئھتىماللىقى بار. ئەگەر ئېكراننى كۆرۈپ باقمىغان بىرسىگە يۇمشاق ئېكران دېسىڭز ، كۆپنىچە كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بۇلۇتقا ئوخشاش لۆم-لۆم ئېلاستىكىلىققا ئىگە بىر نەرسە كېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئېگىلىشچان دېسىڭز ئاڭلىغان كىشىمۇ ئېگشكە، قاتلاشقا بولىدىغان ئېكران ئىكەن دەپ تېزلا ئويلىيالايدۇ.




ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 06:47:17

يۇمشاق ئېكران=يۇم+ران=يۇمران بولسا بولغۇدەك

ئېگىلىشىچان ئېكران=ئې+كران=ئېكران بۇمۇ بولغۇدەك

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-9 08:50:43

ئەگكىلى بولىدىغان ئېكراننى كورىيىلىكلەر ئىككى يىل بۇرۇنلا ياپۇنلارنىڭ ئالدىدا ياساپ بولغان.

intizar520 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 06:37:09

ئەڭ توغرىسى ئىلاستىكىلىق ئىكران دەڭلار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 12:12:55

10- قەۋەتتىكى galaxyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇمشاق ئېكران دېمەي ئىگىلىشچان ئېگىلىشچان ئېكران دېيىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرسىڭىز.



yolyar@


ئېنگلىزچىدە Flexible دەپ ئېلىپتىكەن، شۇنىڭدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئېگىلىشچان ئېكران دەپ ئالدىم. مېنىڭ قارىشىمدا يۇمشاق دېيىش مۇاپىق ئەمەس ، چۈنكى يۇمشاق دېگەن سۈپەتنى بۇ نېپىز ئېكراننى تەسۋېرلەشكە ئىشلەتسىڭز باشقىلارغا خاتا ئۇقۇم بېرىپ قويۇش ئھتىماللىقى بار. ئەگەر ئېكراننى كۆرۈپ باقمىغان بىرسىگە يۇمشاق ئېكران دېسىڭز ، كۆپنىچە كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بۇلۇتقا ئوخشاش لۆم-لۆم ئېلاستىكىلىققا ئىگە بىر نەرسە كېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئېگىلىشچان دېسىڭز ئاڭلىغان كىشىمۇ ئېگشكە، قاتلاشقا بولىدىغان ئېكران ئىكەن دەپ تېزلا ئويلىيالايدۇ.








رەھمەت.


بۇ يېڭى ئاتالغۇ ئىكەن ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئاتالغۇ تاپساق دەيمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:05:58

قارىماققا بەك ياخشى پىلانكەن، ئەمما كومپىئوتىرغا بۇنداق بەك تاينىۋالسا ئۇقۇغۇچىلار بەك كالۋالىشىپ كىتىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بەكلا چىكىنىپ كىتىپ، كىيىن كومپىئوتىر ياكى ماتىريال بولمىسا بىر ئىش قىلالمايدىغان، ئىجاتچانلىقى ئاجىز ئادەم بۇلۇپ قالىدۇ...
بەت: [1]
: يېڭى تېخنىكىلارنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتەلەيمىز؟