alipanwar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 22:36:12

ئىچكىردىكى ماشنا بازارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى لازىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك.


مەن ھازىر جۇڭگونى ئايلىنىپ ساياھەت قىلۋاتاتتىم، مۇۋاپىقراق ماشنا بولسا ئالغاچ كېتەي دەپ ئويلىغان. شۇڭا باھاسى ئەرزانراق مۇۋاپىق ماشنا ساتىدىغان بازارالار بار شەھەرلەرنىڭ ئۇچۇرى بولسا تەمىنلىگەن بولساڭلار.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 08:36:07

ۋاھ!.. ياخشى ئىش بوپتۇغۇ!

ئايلىنىپ قەيەرگە كەلدىڭىز ؟

POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 09:02:40

شاڭخەيگە بارسىڭىز چۇقۇم تاپالايسىز

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 09:44:10

شاڭخەيدە قىممەتكەن . ھازىر خېنەنتەرەپكە ماڭدىم. ئستىمال سەۋىيىسى يۇقىرى يەردە ھەممە نەرسە قىممەتكەن

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 10:00:27

نىمكەش ماشىنا ئالماقچىمۇ ياكى يېڭىسىنىمۇ نىمكەش ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز شاڭخەيدىن ئالماڭ چۈنكى ھۆل يېغىن كۆپ بۇلىدىغان يەردە ماشىنىڭ ئاستى قىسمى تىزلا كونىراپ كىتىدۇ . شۇڭا قۇرغاقراق يەرلەردىن ئالغان ياخشى گەنسۇ تەرەپلەردىن ئېلىڭ بېيجىڭ تەرەپلەرنىڭمۇ بۇلىدۇ .

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 10:20:01

جېڭجۇ ، شىئەن ، بېيجىڭلارغا قاراپ بېقىڭ.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 10:20:07

يېڭى ماشىنا ئالامسىز ياكى نىمكەشمۇ؟

ئەگەر يېڭى ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز ئىچكىرىگە بارغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ،ئادەتتە يېڭى ماشىنىنىڭ باھاسىمۇ ئىچكىرى بىلەن دىيارىمىزنىڭ 10مىڭ سومدەك پەرقلىنىدىكەن.

نىمكەش ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز ماشىنىنى خېلى كۆپ ھەيدىگەن،ئۇششاق-چۈششەك بىر يەرلېرىنى بىلەلەيدىغان بىرەرسى بولمىسا ئاسانلا قويۇلۇپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 10:24:42

لەنجۇ، جېڭجۇ، شىئەنلەردە خېلى مۇۋاپىق دەپ ئاڭلايمەن.خېنەنگە ماڭغان بولسىڭىز جېڭجۇ ۋوگزالى ئەتراپىدا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار، شۇلاردىن ئۇقۇشۇپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسى بار.

tiwip222 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 10:38:37

ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭدىكى نىمكەش ماشىنا بازىرىدا ئەڭ بازىرى ئىتتىك ماشىنا . سانتانا پۇساڭ .

تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى كىشلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا تېز قولدىن چىقىرىۋېتىدىغان ماشىنا . 2007 - نىڭ گازلىق سانتانا ماشىنىسى 55 مىڭ بولدى ئۆتكەندە . سىز 40-مىڭدىن 44 مىڭ ئەتراپىغىچە گازلىقتىن بىرنى ئەكىلەلىسىڭىز ، مەيلى ئۈرۈمچى بازىرى بولسۇن ياكى يەرلىك بازار بولسۇن سېتىپ قولدىن چىقىرىۋېتەلەيسىز . (ئالغان ماشىنىڭىزغا ئىچىكىرىدە خەجىلىگەن بېلەت ، ياتاق ، تاماق پۇللىرى بولۇپ 5000 سومنى چاپلايسىز)

سىزنى مۇنداق بىر نەچچە ماشىنىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن . بىرىنچى ، مازدا ماشىنا ( ماشىنا ئېسل ) لېكىن بازارلىقى يوق . ئىككىنچى ، (فىيئات ، بىياۋجې ) ئوخشاشلا ئېسل ماشىنىلار لېكىن بازارلىقى يوق ، قولىڭىزدا پۇل تۇتۇپ تۇرۇپ قالىدۇ .

سانتانا 2000 ۋە 3000 نىڭ سانتانا پۇساندەك بازىرى يوق.

ئاندىن يەنە بىرى مۇشۇ ماشىنا بازىرىدا ئەڭ ئىتتىك ماشىنا سۇزۇكى لىڭياڭ . مەيلى 2003 - 2004 لەرنىڭ مايسىز رول ، قولدا بۇراپ چىقىدىغان ئەينەكلىك ئاددىسى بولسۇن ، مەيلى 2007 - نىڭ بۇياقىدىكى زىدوڭلۇق ئەينەك چىقىرىدىغان ، ماي رول بولسۇن ، مۇشۇ ماشىنىنى ئالسىڭىز ، 100 پىرسەنت ئىشەنچ بىلەن دەيمەن بازارغا ئەكىرگەن كۈنى قولدىن چىقىرىۋېتىسىز . سەۋەبى بۇ ماشىنىلارغا خېيچىچىلىق قىلىدىغانلار بەك ئامراق ، ماي سەرپىياتى تۆۋەن .

2007 نىڭكىنى ماي رول بولسا 22 مىڭدىن تۆۋەن ئەكىلەلىسىىڭىز بولىدۇ .

ئەگەر 50- 60 مىڭ ئەتراپىدا ماشىنا ئەكىرمەكچى بولسىڭىز ، شىيەندەي ، كىيا ، ماشىنىلىرىنى ئەكىلىڭ .

ئەگەر ئۆزىڭىز ھەيدەيدىغانغا تۇرمۇش ماشىنىسى قىلماقچى بولسىڭىز شىيەندەي ، كىيالار ياخشى . شۆفىلەننى ھەرگىز ئالماڭ ، بىر بۇزۇلسا ماتىرىيالى بەك قىممەت ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولمىسىڭىز ماتىرىيالىنى ئۈرۈمچىدىن سالغۇزىسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە ماي سەرپىياتى كىيا ، سۇزۇكى لاردەك تۆۋەن ئەمەس .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 13:00:37

يەنىلا مۇشۇ شىنجاڭدىن ماشىنا ئاچىقىپ ئىچكىرىدە ساتسا بولىدىغان ئوخشايدۇ دېگەن قاراشقا كەپ قالارسىزمىكىن....{:92:}

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 13:09:53

مەن ماشىنا سودىسى قىلىپ باقمغان بشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇرۋاتىمەن

شاڭخەينىڭ بەك قىممەتمىش ، يىڭى ، سەرخىل

بېيجىڭنىڭ سەل قىممەترەك ، يىڭىراق، تۈرلىرى كۆپ

شىئەننىڭ ئەرزان ، ئەمما كونا مال كۆپ ، تۈرى ئازراق (ھەممىسىگە بېيجىڭ، شاڭخەي پايدىلنىش سېستىمىسى)

samanda_8 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 13:12:45

ئىچكى موڭغولنىڭ ئىردۇس دىگەن شەھىرىگە بېرىپ بېقىڭ ، شۇ بىر شەھەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىمى پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايونىمىز بىلەن تەڭ ، باي شەھەرلەرنىڭ بىرى، مەن ھازىرغىچە ئىككى ماشىنا ئەكىرىپ بولدۇم .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 14:42:03

ھەقىچان توردىن ئىزدەپ تەكشۇرۇپمۇ بولىدىڭىز ئالىپ ئەنۋەر ئەپەندىم ، لىكىن ئەمەلىي بازاردىكىسى توردىكىگە ئوخشاپمۇ كەتمەيدۇ . بارسىڭىز بىلىسىز .

قىممەت ئېسىل ماشىنىلار ئەرزانراق ، لىكىن ئەرزان ماشىنىلار شىنجاڭ بازىرىدىن قىممەترەك . مەن نەنجىڭدىكىسىنى كۆرۈپ باققان . 岔路口- 江宁 دا ناھايتى چوڭ بىر نىمكەش ماشىنا بازىرى بار. يېڭى ماشىنىلارنىڭ ھەرقاندىقى تېپىلىدۇ .4س دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار .

لىكىن سانتانا ،شالى ، جىدا ،جىلى ماشىنىلارنى تاپماق بەك تەس ھەم يوق دېيەرلىك .

ئاۋدى ،باۋما، بېنىز، فورد ، مازدا ، نىسسان ، شۆفۇلەن ،شىيەندەي ماشىنىلار كۆپ .

خوندا ماشىنىلارمۇ ئاز .

ماۋۇ شىنجىندىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، لىكىن ما ماشىنا بازىرى ياتاقنىڭ يېنىدىلا چىقىپ كۆرۈش خوشياقماي شۇ ... (پۇل بولمىغاندىكىن)

ئادىرسىنى دەپ بېرەي : 深圳 南山区 龙井村 二手汽车پويىز ئىزتانسىسىدىن 26 گە ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىقى بىكەتتە桃源村چۈشۈپ ،غەرپكە قاراپ 200 مېتىر ماڭسىڭىزلا بارىسىز.

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 15:11:12

داليەندىن ئالامىسىز يا بىزمۇ 2003 نىڭ ئوۋدېسەي ماشىنىنى 82مىڭغا ئالدۇق ئالغان ماشىنمىزدىن بەك رازى.ئۇ تەرەپتە ماشىنىنى بەك پاكىز ھەيدەيدۇ شەنبە يەكشەنبە ماشنا بازىرىغا بارسىڭىز ياكى ئاۋال توردىن ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولدۇ. ئامال بار شىركەتنىڭ ماشىنىسىنى ئالسىڭىز ياخشى .

Erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 16:22:05

ئالىپ ئەنۋەر بۇرادەر،تىچ ئامان تۇردۇڭلىمۇ !

تورخانىنى ئاچماي ئويناپ يۈرەمسىلەر. \"\"خېلى كۆپ پۇل تېپىپسىلەر ھە تورخانىدا ............... قانچە پۇللۇق ماشنا بولسا مۇۋاپىقتى

alipanwar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 17:02:26

ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

30 مىڭدىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ماشنا بولسا بولاتتى. ئۆزۈم ئىشلەتكىلى.

شاڭخەي، خاڭجۇ، شىيامېن، جاڭجۇ، شېنجىندىكى بازارلارنى كۆرۈپ باقتىم، راستلا قىممەتكەن. ئەمدى جېڭجۇ، شىئەن، لەنجۇلارغا بېرىپ باقاي.

alipanwar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 20:17:35

12- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىچان توردىن ئىزدەپ تەكشۇرۇپمۇ بولىدىڭىز ئالىپ ئەنۋەر ئەپەندىم ، لىكىن ئەمەلىي بازاردىكىسى توردىكىگە ئوخشاپمۇ كەتمەيدۇ . بارسىڭىز بىلىسىز .




دەل شۇنداقكەن. تورغا ئىشەنمە، تورسىزمۇ يۈرمە دېگەندەك گەپ بولدى دېسە. خەنزۇچە تور بەتلەردىكى ئۇچۇرلار ئىزدىنىشتىكى ماۋۇ تېمىدىكى ئۇچۇرلاردەك ئىشەنچىلىك ئەمەسكەن. گوگۇلدىن تاپقان ئۇچۇرلارغا ئەگىشىپ بارسام ساپلا تاكسىدىن چىقىرۋەتكەن ماشنىنى دوخلاپ قاراپ تۇرىدۇ.

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 22:26:03

شىيەندەينىڭ يېڭىسىنى ئەكىلىڭ .

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 19:49:30

ھىچكىم سىچىۋەن چىڭدۇنى تىلغا ئىلىپ قويمايدا ،نىمكەش ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ئەرزىنى چىڭدۇدىمىكىن دەيمەن،بۇ يەرگە كىلىپ ماشىنا ئالدىغانلاربەك كۆپ ھەمدائىم بىزدەك ئوقۇغۇچىلارغا ئىھتىياجى چۈشىدۇ ،كىلىپ قالسىڭىز قولىمىزدىن كىلىشچە ياردەم بىرەلەيمىز،،،{:92:}
بەت: [1]
: ئىچكىردىكى ماشنا بازارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى لازىم