tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 18:18:24

خاربىن سەرگەرداننىڭ قىشلىق ئۇيقۇسى

خاربىن سەرگەرداننىڭ قىشلىق ئۇيقۇسى



بۇ پارچىلارنى 2009-يىلى قىشتا يازغانىدىم،  مەن خاتىرە شەكلىدىكى نەرسىلەرنى يازغاندا ۋەقەلىكتىن شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، يۇقىرىقىدەك سەل تاقا-تۇققا يېزىلغان، قايسى كۈنى بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ، قاتتىق دسىكامدىن چىقىپ قالدى رەتلەپ ئىزدىنىش ئەھلىگە سۇندۇم.

ئېھتىرام بىلەن : تاش ئادەم




2009-يىلى 11-21-كۈنى

خاربىنغا كەلگىنىمگە ئۈچ كۈن بولدى، ئەمما سىرتقا چىقىپ باقمىدىم،راستىنى ئېيتسام چىققۇم كەلمىدى، نۆلدىن تۆۋەن 35 گرادۇسلۇق ھاۋادا يالغۇز لەيلەپ يۈرۈش ئانچە كۆڭۈللۈك ئىش بولمىسمۇ ئازابلىق دېگىلى بولمايتتى.سىرتقا چىقساملا كاللامنى ، پۈتۈن خىيالىمنى چىرماپ تۇرغان خىياللارنىڭ سوئالىغا يۈزلىنەتتىم، تاكسى، ئايرودروم، تىز تاماقخانا، نەگىلا باراي ئوخشاش ئىدى. ئۈچ كۈن يىتىپ ئويلاپ ئاخىرى شۇنى ھېس قىلدىمكى  ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا دادىل يۈزلىنىشىم كېرەك ئىدى. كاللام ناھايىتى ئېغىر ئۇيقۇ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق ئارىسىدا لەيلەيتتى، مېنىڭ جىق نەرسىلەرنى خىيال قىلغۇدەك ھەپسىلەم ۋە مەجبۇرىيىتىم يوق ئېدى، چىرايلىق قىزلارنى، موسكۋادىن ياكى مېيۇنخىندىن كەلگەن قەلەي قۇتىلىق پىۋا بىلەن ئۆتكەن گۈزەل ئاخشلاملارنى ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى خىيال قىلساممۇ بولىۋېرەتتى. مەن 21 كۇۋادىراتمېتىرلىق ياتاقنىڭ ئىچىدە سۈت ئىچىپ، قاتتىق نان يەپ، خام خىيال سۈرۈپ، ئازابلىق چۈشلەرنى كۆرۈپ ،گۈزەل قىزلارنى سىغىنىپ، ئويغۇنۇپ كىتاب ئوقۇيتتىم . سىرتتا كىشلەر پۇل تېپىپ، بانكىغا قويۇپ، پايچىك ئېلىپ، سېتىپ ئالدىراش ياشايتتى ، مېنىڭ ئالدىراشلىق بىلەن ھېچ ئىشىم يوق ئېدى.

ئاخىرى سىرتقا چىقتىم، سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى قەھۋەخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكان ئىسپىرسو ئىچتىم، ئاندىن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغا چىقتىم، ستالىن باغچىسىنى بويلاپ غەرب تەرەپكە، مۇز ئىچىدە ئۇخلاۋاتقان پىرىستانغىچە كەلدىم، شامال ئۇچۇرغان قار يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى، ئاندىن ئارقامغا يېنىپ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى 太阳岛  غا ئۆتۈپ باقماقچى بولدۇم،ئەمەلىيەتتە ئۇ ئارال دېگىنى بىر چەمبىرەك ۋە بىر پىروستېتانىت چېركاۋى بار كچىك باغچا بولۇپ چىقتى، بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتتىم،ئاندىن كەينىمگە قايتتىم، دەريانىڭ يېرىمىغا كەلگەندە سوغۇقتىن ماڭغۇدەك ھالىم قالمىدى، ئۆزۈمگە ئازراق ئادالەتسىزلىك قىلغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئىككى ئات قوشۇلغان روس ئۇسلۇبىدىكى ھارۋىلار بىلەن ئىت قوشۇلغان چانىلار ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ھارۋىنى سورىسام بىر ئايلىنىشى 20 سوم دېدى، قىرغاققا ئاپىرىپ قوي ئايلانمايمەن دېدىم. نەدىن كەلدىڭ دېدى، نېمە كارىڭ، 20 سومنى ئېلىپ يولۇڭغا ماڭ دېسەم، گەپ قىلمىدى، ،تىترىكىم بىسقمايۋاتاتتى، قىرغاققا چىقتىم، كىرەي دېسەم يا قەھۋەخانا يا پاب ئۇچرىمىدى، يەرئاستى ئۆتۈشمە يولىغا كىردىم سەل ئىىسىدىم، قارىسام بىر ياش بالا take me to you heart دېگەن ناخشى چالا ئىنگىلىزتىلىدا ئىيتىۋىتىپتۇ، يولغا چىقىپ كەلگەن يولۇم بىلەن ماڭماي يېقىنراق يول تېپىپ ماڭماقچى بولدۇم، ياتىقىم 14-كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئىدى، ئون ئۈچىنچى كوچىغا كەلگەندە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى ئۇچراتتىم، كىرسەم بىر توپ كىچىك بالىلار بىلەن بىر نەچچە ئايال ئولتۇرۇپتۇ، لەغمەن بۇيرۇدۇم، تاماق چىققۇچە ھەممىسى ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى، تاماقنى يەپ چىقىپ ياتاقنىڭ تۈۋىدىكى بىر پابقا كىردىم، رۇسلار ئاچقان پاب بولسا كېرەك خىلى يامان ئەمەس ئېدى، بىر ئىستاكان ۋىسكى ئىچتىم، قايتىپ چىقىپ تاللا بازىرىدىن <<ميۇنخېن تۈلكىسى>> ماركىلىق قارا پىۋىدىن ئىككىنى، بىر قاپ يىلى ماركىلىق سۈت ئالدىم .


مىلان  كۇندىرانىڭ <<ھايات باشقا بىر يەردە>>  دېگەن روماننى ئوقۇۋاتىمەن. روماندىكى شائىرنىڭ ئانىسى بىلەن رەسسامنىڭ ئوبرازىمۇ ئېڭمدا رىئاللىقتەك بارغانسېرى غۇۋالىشىپ كېتىۋاتاتتى، سىرتتا قار يېغىۋاتاتتى، مەن يەنىلا جىمجىتلىقنى، ئۈرۈمچىدە قالغان ئېغىزى تاتلىق قىزلارنى، سەنشىخاڭزىنىڭ تار كوچىسىدىكى لەغمەن خانىلارنى خىيال قىلاتتىم. بۈگۈن بالدۇر ئۇخلىشىم ئەتە جامۇستىن كىلىدىغان مانجۇ قىز بىلەن كۆرۈشىشىم ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئالدىدا سەل روھلۇق بولۇشۇم كېرەك ئېدى، ئىككى قۇتا پىۋىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچتىم، ئاندىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ ياتتىم، سىرتتا شامال توختىماي قارنى ئۇچۇراتتى، ئۇيقۇ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق ئارىسىدا، ئاتا-ئانامنى، بالىلىقتا كۆرگەن خاربىن توغرىسىدا ئىشلەنگەن بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئېسىمدە قالغان كۆرۈنۈشلەرنى ئەزمىلىك بىلەن ئەسلەيتتىم. قانچە تىرىشىپمۇ فىلىمنىڭ ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئۇنىڭدىكى باش پېرسوناژ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى شېغىل تاشلارنى تاسقاپ گۆھەر ئىزدەيتتى، ئاخىرى گۆھەرنى تاپاتتى، بىر روس سەتەڭ بىلەن ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى، قۇلاقچا كىيگەن باندىتلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرەتتى، ئېسىمدە قالغىنى موشۇنچىلىكلا، مەن ئۇخلىشىم كىرەك ....

2009-يىلى 11-23

ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا سائەت 9 دىن ئېشىپ كەتكەندى،مۇشۇ كۈنلەردە يالغۇز ياشاش خۇشياقمىغاندەك ،ساقال ئېلىشمۇ خۇشياقمايتتى، ئەمما ئۆزۈمنى زورلاپ ساقىلىمنى ئېلىپ سىرتقا چىقتىم، تۈنۈگۈنكى ئاشخانىغا بېرىپ پولۇ يېدىم، ئاندىن مانجۇ قىز جىڭغا تېلېفون قىلسام، 12 بىلەن بارىمەن دېدى، ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى، ئاستا لاغايلاپ قەھۋەخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكان ئىسپىرىسسو ئىچكەچ، سومكامدىكى، ئەنگلىيىلىك شائىر Ted Hughs نىڭ  <<تۇغۇلغان كۈن مەكتۇپلىرى >> دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇدۇم، ھىيۇز كاتتا شائىر ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايالى سىلىۋىيە پىلاسقا ئاتاپ يازغان ، <<سەن ئىسپانىيگە ئۆچ ئىدىڭ>> دېگەن شېئىردىكى،

سەن ئىسپانيەدىن قورقاتتىڭ،

چۈنكى سەن ئىسپان تىلىنى بىلمەيتتىڭ.  

ماۋۇ ئىككى مىسراسى ماڭا بەكلا يارايتتى، سائەت 12 دىن ئاشقاندا جىڭ كەلدى، (ئەسلى ئىسىمى ساۋ جىڭ جىڭ ئىدى ، بىراق مەن ئۇنى جىڭ دەپ ئاتايتتىم) ، جىڭ كاتتا باي، ئەمما مۇلايىم قىز ئىدى، قىسقىسى ئۇ مېنىڭ ھاياتتىن نېمىنى كۈتىدىغىنىمنى چۈشىنەتتى، كۆپ كىتاب ئوقۇغان، بىلىملىك قىز ئىدى، بىز بىر خۇيزۇنىڭ رىستۇرانىغا كىرىپ تاماق يېدۇق، ئىككى بوتۇلكىدىن پىۋا ئىچتۇق، ئاندىن ئۇنىڭ دادىسى ئېلىپ بەرگەن MWB دالا ماشىنىسىدا، نەنگاڭ رايونىدىكى گوگىل كوچىسى بىلەن ئۇ يەردىكى چېركاۋنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇق، رۇسلار 1910-يىلنىڭ بىشىدىلا خاربىن شەھىرىنىڭ ئاساسلىق تۆت رايونى ۋە شەھەر كوچىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ۋە 13 چېركاۋ، ئىككى مەكتەپ ۋە شەرقى شىمالغا شۇنداقلا جۇڭگوغا داڭلىق بولغان مارشال مېھمانسارىيىنى ، يەھۇدىيلار مەكتىپىنى ، نۇرغۇن سودا سارايلارنى ، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كوچىسى ۋە گوگىل كوچىسدەك قويۇق ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى كوچىلارنى بەرپا قىلغاندى، ماشنىنى توختىپ گوگىل كوچىسىدا بىردەم ئايلاندۇق، ئاندىن چېركاۋغا بارساق توك يولىنى رىمونت قىلىش سەۋەبى بىلەن تاقىلىپ قاپتۇ، يولدا كەلگۈچە جىڭ ماڭا 1900-يىلدىن 1960-يىللارغىچە شەرقى شىمالدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلار مارشال مېھمانخانىسىدا پۈتكەن دېدى، ئىككى ياكى ئۈچىنچى قەۋىتىدە بوش ياتاق بولسا مارشالدا يېتىپ باقماقچى بولدۇق، داڭلىق كىشلەر ياتقان ياتاقلارنىڭ ئىشىكىگە ئەسكەرتىش يېزىپ قويۇپتۇ، جىياڭجىشى ياتقان دەپ يېزىقلىق بىر ئۆينى كۆرۈپ باقايلى دېسەك مېھمان بار دېدى، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى بىر ياتاقنى ئاچقۇزدۇق، مېنىڭ بۇرۇنقى ياتىقىمغا بېرىپ، نەرسە كىرەكلىرىمنى ئېلىپ كەلدۇق، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا كوچىسىدا، بىردەم ئايلاندۇق، قاراڭغۇ چۈشتى، بىز دەريا بويىغا چىقتۇق،دەريادا كاڭكى تىيىلىۋاتقان كىشىلەر بەك كۆپ ئېدى، بىز دەريانى بويلاپ شەرق تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق، جىڭ ئالدىمىزدا 1920-يىلى يەھۇدىيلار قۇرغان ياشلار ساياھەت مەركىزى بار دېدى، بارساق ئۇ يەر قىزىپ كەتكەندى، ھويلىدا بىر توپ خەنزۇ بوۋاي-مومايلار روس مۇزىكىسىغا تانسا ئويناۋاتقاندى، جىڭ بىر قول ئوينايلى دېدى، مەن ياخشى ئوينىيالمايمەن دېسەم، مەنمۇ شۇغۇ،دېدى، مۇزىكا بەكلا تونۇش ئەمما قايسى مۇزىكا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، بىز بىر قول تانسا ئوينىدۇق...

ئۇ يەردىن چىقىپ ئون ئۈچىنچى كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كەلدۇق، مەن ئۇنى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا باشلىدىم، لەغمەن بىلەن قوۋۇرغا كاۋاپ يېدۇق، ئاندىن پابقا كىردۇق، ئايرىش قەھۋەسى ئىچەيلى دىيىشىپ بۇيرۇساق يامان ئەمەس بولغاندەك قىلاتتى، بۇرۇن بېيجىڭدا ئىچكەن ئايرىش قەھۋەسىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى ئېدى، ئاندىن بىر ئىستاكاندىن كونياك ئىچتۇق، ھېمىڭۋاي، كۇندىرا، ۋە ئالبىخ كەميۈ توغرىسىدا قىزىپ پاراڭلاشتۇق، سائەت ئوندىن ئاشقاندا، ياتاققا قايتتۇق، مەن ئۇنىڭغا <<تۇغۇلغان كۈن مەكتۇپلىرى>> دىكى سېنىڭ پارىژىڭ دېگەن شېئىرنى ئوقۇپ بەردىم، ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋېتىپ ئۆزۈمنى خۇددى 朗读者   دېگەن كىنودىكى باش پىرسوناژدەك ھېس قىلىپ قالدىم، ئۇنىڭغا شۇنداق دېسەم كۈلۈپ كېتىپ ، لېكىن مەن ئۇ كىنودىكى چوكان ئەمەستە دېدى ،كۈلۈشۈپ كەتتۇق.  ئەتە ستالىن باغچىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى كوچىغا جايلاشقان، 1920-يىللاردا قىرىمدىن كەلگەن تاتارلار سالغان مەسجد بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇق. ئۇ بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدى، مەن سافادا ئولتۇرۇپ، <<ھايات باشقا بىر يەردە>> ئوقۇدۇم، سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا ئۇخلىدىم.


داۋامى بار

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:15:16

ما ئۇرۇننى ئېلىپ قويۇپ بىر ئوقاي

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:28:12

خەپ كۈچ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:28:18

ھۇ شاپاق  \"\"  \"\"   {:92:}

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 20:44:11



2009-يىلى 11-ئاينىڭ 24

سەككىزدىن ئاشقاندا تۇرۇپتىمەن ،قارىسام ئۇ تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ، قوپۇپ يۈز يۇيۇپ ناشتا قىلىپ، قەھۋەخانىغا كىردۇق، ئەتىگەندە ھاۋا ھاۋا شۇنداق سوغۇق ئەمما تولىمۇ ساپ ئىدى، ئۇ كابجىنو مەن ئىسپىرسو ئىچتىم، بىردەم بېيجىڭدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ پاراڭلاشتۇق، جىڭ بىلەن 2003-يىلى تونۇشقانتۇق، بېيجىڭدىكى كونا كونا كىتاب بازارلىرىنى تالاي قېتىم بىللە ئايلانغاندۇق، جامېس جويىسنىڭ <<يۇلىسىس >> نى سېتىۋالىمىز دەپ كىتابخانا قويماي ئايلىنىپ چىقانتۇق، ئۇ ئۆزى خەنزۇلاشقان مانجۇ بولسىمۇ(چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى خەنزۇ ئىدى، ھەم مانجۇ تىلىنى بىلمەيتتى)  ئالتە يىللىق دوسىتلۇقىمىزنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا مەندەك تەكلىماكننىڭ ئىچىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ دەرد-ئەلىمىنى چۈشەنگۈدەك بولغاندى، شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا باشقىلاردەك مەسخىرە ئارىلاش ياكى كۆزۈمگە كىرىۋېلىپ تۇرۇپ سۇئال سورىمايتتى، ئۇ بىز تونۇشقاندىن كىيىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ئون نەچچە پارچە كىتاب ئوقۇغانىدى، پارىڭىمىزنىڭ كۆپرەك تېمىلىرى يەنىلا غەرب مودىرنىزىمچىلىرى بولاتتى، پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇپ، مىللەت، ئەدەبىيات توغرىسىدا زەھەرخەندىلەرچە پاراڭلىشاتتۇق. مەن فرانسىيىلىك يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنى جىڭ ئارقىلىق بىلگەنىدىم. بىز قەھۋەخانىدىن چىقىپ تۈرۈك مەسچىتىگە باردۇق، ئەپسۇس، ئومۇمىي كۆلىمى 100 نەچچە كۋادرات كىلىدىغان ئەتراپىنى قويۇق دەرەخلىك  ئوراپ تۇرغان قورۇغا جايلاشقان بۇ مەسچىتنىڭ پېشايۋان ۋە ئالدى دەرۋازىسى <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب >> ىدا ۋەيران قىلىنغاندى، تۈنەكخانىسىنىڭ ئىشىكى مىخلىۋىتىلگەچكە، ئىچىگە كىرىشكە مۇمكىن بولمىدى، دېرىزىدىن قارىساق ئىچى قاراڭغۇ بولغاچ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى، ئامالسىز سالپىراپ يېنىپ چىقتۇق، ئاندىن يەھۇدىيلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى كۆردۇق بۇ مەكتەپ ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىككى قەۋەتلىك سىنىپ ۋە ئۈچ قەۋەتلىك ئىشخانا ۋە كۈتۈپخانا بىناسى شۇ پىتى بار ئېدى، ئۇنىڭ تېشىدىن بىر قۇر كۆرۈپ يېنىپ چىقتۇق، يولداشلارنىڭ ماڭا تۇتقان سوغۇق مۇئامىلىسىدىن جىڭ تېرىكىپ ئۆلەي دەپ قالغاندى.

بىز ئاسار ئەتىقە كۆرۈش خىيالىمىزدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا كوچىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا كىتابخانىسىدا كىردۇق. تۆت قەۋەتلىك بۇ كىتابخانىدا خەنزۇ، روس، ياپون، ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغا كىتابلار بار ئىدى، مەن فىراسىيلىك يازغۇچى، يېڭى پروزىچىلىقىنىڭ باشلامچىسى      

(Alain Robbe Grillet) ئالان غوبى گىرلىينىڭ <<مارىغۇچى>>( Le Voyeur )، <<ئۆچۈرگۈچ Les Gommes>>، <<كۈندەشلىكLa Jalousie >> ناملىق ئۈچ كىتابىنى، يەنە يېڭى پىروزىچىلقنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى 1985-يىللىق نوبىل  ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن (Claude Simon) كىلائۇد سىموننىڭ <<فىلاند تاشيولى F landrcsdes uteRo>> La ، <> دېگەن ئىككى روماننى، فرانسىيىلىك سىمۋولىزىمچى شائىر ئاغتىيۇخ غېمبونىڭ ئوكسفورد ئۇنۋىرىستېتى نەشىرقىلغان فرانسۇزچە ئىنگىلىزچە سىېلىشتۇرما تولۇق شېئىرلار توپلىمىنى،كۇندىرانىڭ << كۈلكىلىك مۇھەببەتلەر>> ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ھومىرنىڭ <<ئىلليادا>> ،<<ئودېسسا>> سىنى، بورىس پاسىرناكنىڭ <<دوختۇر ژىۋاگو>> ناملىق روماننى، سولژىنېتسىننىڭ <<راك كېسەللىكلەر بىناسى>>، دوستويېۋىسكىينىڭ، <<جىنايەت ۋە جازا>>، <<دەلتە>>، <<ئاكا-ئۇكا كامزوفلار>>نى سېتىۋالدىم.

بىر قۇچاق كىتابنى كۆتۈرۈپ ياتاققا قايتتۇق، مەن ياتاقنى قايتۇرۇۋېتىپ باشقا يەردىن ياتاق ئالايلى دېدىم، جىڭ ئۇنىمىدى، مەن بىر ئاخشاملىقى 700 سومدىن يېتىشقا ئەرزىمەيدۇ دېسەم، يەنە ئىككى كۈن تۇرايلى ئاندىن بىر گەپ بولسۇن دېدى. 13-كوچىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا باردۇق، چۈنكى جىڭ باي بولغان بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۇنداقكەن-بۇنداقكەن دېمەيتتى، چۈنكى بېيجىڭدا، ئۈرۈمچىدە، سەنشىخاڭزىدىكى تار كوچىلاردا مەن بىلەن نۇرغۇن قىتىم بىللە تاماق يېگەنىدى، بىر توپ بازارچىلار بىزگە قاراپ تۇراتتى، بىز پەرۋا قىلماي پولۇ يەپ يېنىپ چىقتۇق، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.

بىز قار تېيىلىشىش مەيدانىغا باردۇق، كەچتە قايتىپ كېلىپ ھارغۇچە پىۋا ئىچىپ ئۇخلاپ قالدۇق.



داۋامى بار

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 21:49:39

خاربىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا تاتارلارنىڭ مەسچىتى ئېسىمگە كەلگەنتى. قارىغاندا بەك ۋەيران بولۇپ كېتىپتىدە؟

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 23:40:56

13- كۇچىدىكى ئاشخانا......مەنمۇ ئىككى سائەت يول يۈرۈپ تاماق يىگىلى كىلەتتىم بۇ يەرگە....

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:05:29

تاشئادەم سىز ۋەھشى ئەدەبىيى كىتابلارنى ئوقۇپ قويىدىكەنسىز جۇمۇ؟ يازغان تىمىڭىزمۇ ماڭا چەتئەل ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان ھىكايىلەردەك تۇيۇلدى.



تۇپراقبەگ دىگەن ساياھەتچى تاشپاقا، سىلە بارمىغان نە قالغان..

بېلەت دېگىلى ئىككى كۈن بولدى، خەۋەر بەرمەي يوقاپ كەتكىننى ما ئوغرىنىڭ \"\"


Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 11:48:54

خەتكۈچ

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 12:38:39

خاربىن ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن بەك چىرايلىق شەھەر،بىر قېتىم قۇياش ئارىلىغا بارسام ئۇرۇسلارنىڭ كىچىك بىر زىمىنى بار ئىكەنتۇق. كىرىپ كۆرۈپ چىقاي دىسەم پاسپورت ئالسىسە 20 سومغا بولمىسا كىرگۈزمەيمىز دەيدۇ .نىمىشقا ؟دىسەم بۇ بىزنىڭ تېرىتورىيە دەيدۇ .كىرىپ كۆرۈپ چىقان ئىچى بەك پەيزىكەن .لىكىنزە خاربىن مۇزىخانىسىنىڭ كۆرگۈچىلىكى بار.ئىشقىلىپ خاربىنىڭ شەھەر قۇرىلىشى رۇسىيەگە ئوخشاپ كىتىدۇ.

meryem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 16:55:49

خاربىن  مەن تەلپۈنىدىغان شەھەر ...

داۋامىغا تەشنامىز ...

ئۇقۇغان كىتاپلىرىڭىز ھەجەپ جېقكىنا ...  {:92:}

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 17:10:48

1- قەۋەتتىكى tashademنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بىز قەھۋەخانىدىن چىقىپ تۈرۈك مەسچىتىگە باردۇق، ئەپسۇس، ئومۇمىي كۆلىمى 100 نەچچە كۋادرات كىلىدىغان ئەتراپىنى قويۇق دەرەخلىك ئوراپ تۇرغان قورۇغا جايلاشقان بۇ مەسچىتنىڭ پېشايۋان ۋە ئالدى دەرۋازىسى <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب >> ىدا ۋەيران قىلىنغاندى، تۈنەكخانىسىنىڭ ئىشىكى مىخلىۋىتىلگەچكە، ئىچىگە كىرىشكە مۇمكىن بولمىدى، دېرىزىدىن قارىساق ئىچى قاراڭغۇ بولغاچ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى، ئامالسىز سالپىراپ يېنىپ چىقتۇق،.....................داۋامى بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


بولسا مۇشۇ مەسچىت توغرىسىدا تەپسىلىرەك ئۇچۇر بولغان بولسا، بەك ياخشى بولاتتى.


1. بۇ مەسچىت قاچان سېلىنغان؟ كىملەر سالغان؟ مەدەنىيەت ئىنىقىلاۋىدا (1966-1976) تاقىۋېتىلگەن.


2. ئېنىق ئورنى، يەنى پوچتا ئادرېسى بارمۇ؟


3. ھازىر (2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئۇچۇقمۇ؟ ياكى يەنىلا تاقاق پېتىمۇ؟


4. بىرەر تال رەسىمى بولسا، تېخىمۇ بەك ئەھمىيەتلىك بولاتتى.


خاربىندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ پۇل تېپىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ مەسچىتنى ئېچىپ قويايلى دېمىگەنمىدۇ؟




مۇشۇ توغرىدا بىرەر ئۇچۇر تەمىنلىگەن بولساڭلار تورداشلار. كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 18:05:29



2009-يىلى 25-نويابىر

ئەتىگەن توققۇزدىن ئاشقا تۇرۇپتۇق، بېشىم ئاغرىپ تۇراتتى، ناشتا قىلىش خوش ياقمىسىمۇ زورلاپ ناشتا قىلدىم.ئەمما كۆزۈم ئىچىلمايۋاتاتتى، مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىپلا تۇراتتى، ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ شىركىتىدىن تېلېفون كەلدى، ئەمما ئۇخلىغۇملا بار ئىدى، ئۇ چۈشتە كىلىدىغان بىز، مۇدەنجياڭ، جامۇس، تېلىغا بېرىپ كىلىدىغان بولدۇق، مېنىڭ تېلىدا بىر بالىلار سۈت پاراشوكى زاۋۇتى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىم بار ئىدى، بىز ئاۋۋال تېلىغا بېرىپ ئاندىن مۇدەنجياڭ، جامۇسقا بارماقچى بولدۇق. ئۇ كەتكەندىن كىيىن ئۇخلاي دېسەم ئۇخلىيالمىدىم، مۇزدەك سۇ بىلەن بېشىمنى يۇيۇپ، پۇتۇمنى شىرەگە ئىلىپ قويۇپ، ھومىرنىڭ <<ئودىسسا>>نى ئوقۇدۇم، پىلاتو ھومىرنى تىرويانىڭ سېپىلىنى بويلاپ يالىڭاياق يىغلاپ مېڭىپ ئاكىللسنىڭ جەڭچىلىرىگە مۇھەببەتنى تەرغىپ قىلغان  دەپ مەسخىرە قىلغانىكەن. ئىككى باپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكتىم، ئۆزۈمنى زېرىكىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم، ئىچىم تىتىلدايتتى، ئارقا -ئارقىدىن <<غەرب>> ماركىلىق تاماكىدىن ئۈچ تال چەكتىم، لېكىن ئىچىم تىتىلداش توختايدىغاندەك ئەمەس ئېدى.ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇربان ھېيت بولاتتى، ئويلاپ باقسام مەن ئۆيدە ھېيت ئۆتكۈزمىگىلى ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتكەندى، ئاپامغا تېلېفون قىلدىم، ئاپام بىردەم كۆز يېشى قىلدى، ھېيتتا يېنىدا بولۇشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىپ قالدىم، كىچىكىمدە ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك كەچۈرمىشلىرىم كۆپ ئېدى، ھېيتتا مەن ئۆيدە كىتاب ئوقۇغاچ مېھمان كۈتەتتىم ، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كىتاب ئوقۇش، ۋە يالغۇز ياشاش پۇرسىتى ئىدى. ئەپسۇس ھازىر مەن يالغۇز ياشاۋاتقىلى ئون يىل بولغاندى، بالىلىقتىكى ماڭا تەۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتتىم، ئەمما يالغۇزلۇققا بولغان تەلپۈنۈشۈم ھېلىھەم بېسىقمىغاندى. مەن ئۆزۈمنى زورلاپ ئولتۇرۇپ كەلگۈسىنى، ئۈرۈمچىنى، خوتەننى ۋە ئۇكىلىرىمنى خىيال قىلدىم. ئۇلاردىن ئايرىلغىنىمغا بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەندى، ھەرقىتىم كۆرۈشكەندە شۇنچىلىك سېغىنغىنىمنى ھېس قىلاتتىم، ئۇلار مېنى شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلاتتى، تۇرۇپ يۇرتقا قايتىپ كەتكۈم كېلەتتى. تورنى ئېچىپ بىردەم BBC نىڭ تايمىسنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆردۈم، ئۇ قايتىپ كەلدى، بىراق تاغىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەندى. بىز خۇيزۇنىڭ رىستورانىغا بېرىپ كالا قوۋۇرغىسى، بېلىق قورۇتۇپ گاڭپەن يېدۇق. مېنىڭ پىۋا ئىچكۈم بار ئېدى ئەمما تېلىغا بارىدىغان بولغاچقا يولدا روھىم چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ بولدى قىلدىم.(چۈنكى مەن ھاراق ئىچسەم جىمىغۇرلىشىپ گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى) بىز نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئاپتۇبۇس بېكىتىگە باردۇق، ئەسلى كىچىك ماشىنىدا بارايلى دېگەن، يول تېيىلغاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ماشىنا ھەيدىيەلمەيمەن، بىر قىز بالىنىڭ 300 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى يالغۇز بېسىشى ئاسانغا توختىمايتتى، ھەم ئۇنىڭ تاغىسىمۇ قوشۇلمىدى، بىز جەنۇبنىڭ ناھىيە بىكەتلىردىنمۇ ئەبجەق سېسىقچىلىققا تولغان بېكەتتە ماشىنا ساقلاپ يىرىم سائەتتىن ئارتۇق تۇردۇق، ئاندىن خىلى يامان ئەمەس بىر ئاپتۇبۇس بىلەن تېلىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. شەھەردىن چىقىپلا باشلانغان سالا-سالا ئېتىزلار، دۆۋلەپ قويۇلغان، ئېتىزدا باغلاقلىق پىتى تۇرغان قوناق شاخلىرى  قار ئاستىدا ئۇخلاپ ياتاتتى، خاربىندىن سۈيخۇاغىچە يول بويىدىكى شالاڭ دەرەخلەر ماڭا گېرمانىيىلىك شائىر ھاينىخ ھاينىنىڭ (ئۇيغۇرچىغا روس تىلىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە گېنرىخ گېنى دەپ تەرجىمە قىلىنغان) <<گېرمانىيە بىر قىش چۆچىكى>> (Germany. A Winter\"s Tale)ناملىق توپلىمىدىكى قىش مەنزىرىلىرى تەسۋىرلەنگەن لىرىكىلىرىنى ئېسىمگە سالاتتى، ھاينى ياش ۋاقتىدا نۇرغۇن يەرلەرنى ساياھەت قىلغان ۋە تاغ- دەريا تەبىئەت مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغانتى. سۈيخۇاغا كەلگىنىمىزدە قاراڭغۇ چۈشتى، مەن ئاپتوبۇسىنىڭ سىرتىدىكى گۇگۇم قاپلىغان ئېتىزلارغا قاراپ بۇ ئېتىزلارنىڭ قىشى يېزىدىن ئېسىل بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.

جىڭ ئۇخلاپ قالغاندى، مەن قاراڭغۇدىكى ئورمانلارنى ۋە سىشى تەيخۇ، كاڭشى، چىيەنلۇڭ ۋە مانجۇلارنى بېيجىڭغا باشلاپ كىرگەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى ۋۇسەنگۇينى، يۈۋەنشىكەينى، ۋە ئاشۇ ئورمانلىقلاردا ياشىغان تاتارلارنىڭ قىنى بار شەرقى شىمالنىڭ قاراقچىلىرىنى خىيال قىلىپ چىقتىم. شەرقى شىمال دېسە ئەڭ ئاۋۋال بالا ۋاقتىمدا تولا كۆرگەن ياپونغا قارشى فىلىملەردىكى ئۇزۇن يۇڭلۇق قۇلاقچا كىيگەن قورقماس تاغ باندىتلىرى  كۆز ئالدىمغا كېلەتتى.

سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا تېلىغا كەلدۇق، تېلى ئىچكى موڭغۇلغا تۇتىشىدىغان چەت يەر بولغاچقا ئۇنچە تەرەققى قىلمىغانىدى، يولدا ئۇزۇن قۇلاقچا كىيگەن، ئات قوشقان ھارۋىلارغا، پۇرچاق بېسىپ كېتىۋاتقان دېھقانلارنى كۆرگىلى بولاتتى، بىز تېلى بويىچە ئەڭ چوڭ مېھمانىغا كەلدۇق، ئەمەلىيەتتە چوڭ دېگەن مېھمانخانىسى،ئۈرۈمچىدىكى ئادەتتىكى مېھمانخانىلاردەك كېلەتتى. ئەتە مېھمنىمىز بولغاچقا تېشىدا مېھمان قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ، 套房  ئالدۇق. جىڭ ياتاققا كىرىپلا ئۇخلاپ قالدى، مەن پەسكە چۈشۈپ خاپىدىن (خاربىن پىۋىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى) ئىككى قۇتا ۋە يىلىنىڭ بىر لىتىرلىق سۈتىدىن بىر قاپ ئالدىم، ئاندىن دېرىزىنى ئىچىۋېتىپ سوغۇققا قاراپ تۇرۇپ پىۋا ئىچتىم. مەن  ئۆزۈمدىن بارغانچە يىراقلاپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم، بۇنداق تۇيغۇ مېنى ئەندىكتۈرەتتى ، ھازىرقى كەيپىياتىمنى ئىپادىلەشكە ئىنگىلىز تىلىدىكى cultura shock دېگەن سۆز بەكمۇ ماس كېلەتتى. مەن مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم ھامان بىر كۈنى ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلاتتىم. سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا جىڭنى ئويغۇنۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئېلىۋالغان ناننى سۈت بىلەن يېدۇق. ئۇ پەسكە چۈشۈپ بىر بوتۇلكا ۋىسكى ئېلىپ چىقتى، ئىككى ئىستاكان ئىچىپلا بېشىم ئاغرىپ كەتتى، مەن تاما چەككەچ <<ئودىسسا>>نىڭ ئاخىرىنى ئوقۇدۇم، سائەت بىردىن ئاشقاندا ئۇخلىدىم.



داۋامى بار

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 18:15:30

11- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى tashademنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بىز قەھۋەخانىدىن چىقىپ تۈرۈك مەسچىتىگە باردۇق، ئەپسۇس، ئومۇمىي كۆلىمى 100 نەچچە كۋادرات كىلىدىغان ئەتراپىنى قويۇق دەرەخلىك ئوراپ تۇرغان قورۇغا جايلاشقان بۇ مەسچىتنىڭ پېشايۋان ۋە ئالدى دەرۋازىسى <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب >> ىدا ۋەيران قىلىنغاندى، تۈنەكخانىسىنىڭ ئىشىكى مىخلىۋىتىلگەچكە، ئىچىگە كىرىشكە مۇمكىن بولمىدى، دېرىزىدىن قارىساق ئىچى قاراڭغۇ بولغاچ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى، ئامالسىز سالپىراپ يېنىپ چىقتۇق،.....................داۋامى بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


بولسا مۇشۇ مەسچىت توغرىسىدا تەپسىلىرەك ئۇچۇر بولغان بولسا، بەك ياخشى بولاتتى.


1. بۇ مەسچىت قاچان سېلىنغان؟ كىملەر سالغان؟ مەدەنىيەت ئىنىقىلاۋىدا (1966-1976) تاقىۋېتىلگەن.


2. ئېنىق ئورنى، يەنى پوچتا ئادرېسى بارمۇ؟


3. ھازىر (2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئۇچۇقمۇ؟ ياكى يەنىلا تاقاق پېتىمۇ؟


4. بىرەر تال رەسىمى بولسا، تېخىمۇ بەك ئەھمىيەتلىك بولاتتى.


خاربىندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ پۇل تېپىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ مەسچىتنى ئېچىپ قويايلى دېمىگەنمىدۇ؟




مۇشۇ توغرىدا بىرەر ئۇچۇر تەمىنلىگەن بولساڭلار تورداشلار. كۆپتىن كۆپ رەھمەت!






ھازىر ئۇ مەسچدتە ناماز ئوقۇلمايدۇ ، رەسىمى بار ئېدى، ئەپسۇس ئارىدا يوقتىپ قويدۇم 1960 -يىلى سېلىنغان 1936-يىىلى قايتا رىمونىت قىلىنغان ئەتراپىدا قىرىمدىن ياكى روسىيىدىن كەلگەن تاتار سودىگەرلەر تەرىپدىن سېلىنغانكەن


ماۋۇ رەسىمنى بايا بىر دوستۇمدىن ئالدىم ، ھازىر بىلەت سېتىپ ئىچىگە كىرگىلى قويىدىكەن دەيدۇ، 2009 -يىلى مەن كىرەلمىگەنتىم ئەپسۇس

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 18:19:46

ماۋۇ رەسىمنى چىقىرىپ قوياي دېسەم ، ئادىرىس بولمىسا بولمايدىكەن..

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 18:43:09










tashadem
\"\"

باش سۈرەت ھەققىدىمۇ ئىزاھات بىرىۋىتىڭ ئەمدى.


سىزگە مۇنداق دىتال زۆرۈردەك قىلىدۇ


Anthemion Software Writers Cafe v2.31 小说创作软件 ھېكايە يېزىش دىتالى،

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 18:50:13

15- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل










tashadem
\"\"

باش سۈرەت ھەققىدىمۇ ئىزاھات بىرىۋىتىڭ ئەمدى.


سىزگە مۇنداق دىتال زۆرۈردەك قىلىدۇ


Anthemion Software Writers Cafe v2.31 小说创作软件 ھېكايە يېزىش دىتالى،





فىراسىيلىك يازغۇچى، يېڭى پروزىچىلىقىنىڭ باشلامچىسى (Alain Robbe Grillet) ئالان غوبى گىرلىينىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر يىل بۇرۇن چۈشكەن رەسىمى ، مەن بۇ ئادامنىڭ ئەدەبىيات توغىرسىدىكى قارشلىرىنىڭ تەسىرىىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا باش سۈرەت قىلىۋالغانتىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 18:57:46

16- قەۋەتتىكى tashademنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


15- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


باش سۈرەت ھەققىدىمۇ ئىزاھات بىرىۋىتىڭ ئەمدى.


سىزگە مۇنداق دىتال زۆرۈردەك قىلىدۇ


Anthemion Software Writers Cafe v2.31 小说创作软件 ھېكايە يېزىش دىتالى،





فىراسىيلىك يازغۇچى، يېڭى پروزىچىلىقىنىڭ باشلامچىسى (Alain Robbe Grillet) ئالان غوبى گىرلىينىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر يىل بۇرۇن چۈشكەن رەسىمى ، مەن بۇ ئادامنىڭ ئەدەبىيات توغىرسىدىكى قارشلىرىنىڭ تەسىرىىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا باش سۈرەت قىلىۋالغانتىم.  



رەھمەت سىزگە.

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 20:01:14

تاش  ئادەمنىڭ  تىل ئىشلىتىشىگە  قايىل  بولدۇم .ئۆزۈم  سوغوقتىن قورقىساممۇ  يەنىلا  خاربىننىڭ قىشلىق  مەنزىرىسىگە ،بۇلۇپمۇ  قار ياغقان چاغدىكى كىچىلىك مەنزىرىسىگە بەك ئامراقتىم .



خاربىنغا بارغانغانلارنىڭ  ھەممىسى  مۇشۇنداق ھىسىياتتا بۇلامدىغاندۇ ؟ باشتا بىر مەگىل  شۇنداق چۈشكۈنلەشكەن مەنمۇ ،ھەتتا  ئۇيغۇر بالىلار بىلەنمۇ  كۈرۈشكۈم كەلمەيتى ، ئاندا-ساندا  خاربىننىڭ چوڭلىرى بىلەن  ھال -مۇڭ  بۇلۇپ قۇيىتۇم . لىكىن خاربىندا  ياشاش مۇساپەمدە  نۇرغۇن نەرسىلەرنى  ھىس  قىلدىم . خاربىننى سۆيىمەن .



  تاش ئادەم  سىز دىگەن  ئاشخانىغا مەنمۇ زىرىكسەم  بېرىپ  تاماق يەيتىم .



بۇ خاتىرىنى شۇ ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان بولسىڭىز  بوپتىكەن  ، يەنە ئېسىل  يەرلەر بار ئىدى  سىزگە كۆرسىتەتتىم .

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 20:07:31

بۇ مەسچىتنىڭ تەقدىرىگە تاتارلار ئىزچىل دېققەت قىلىپ كەلدى. 1926-يىلى خاربىدا تۇغۇلغان ۋە 1948-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن، يېقىنقى سەككىز يىلنىڭ ياقى ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان تاتارلاردىن راۋىل سەلى ئاخمەت بۇ مەسچىت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: مەسچىتنىڭ كۆلىمى ئەسلىدە ئۈچ مىڭ كۋادراتمېتىر ئىمىش. بۇ مەسچىت 1924-يىلى مۇنارىسىغا ھىلال ئاي ئورنىتىلغان كېيىن جامائەتكە ئېچىۋىتىلگەن. يەر ئاستىدا بىر كىچىك كۆلەمدىكى باسما ئۆيى قۇرۇلغان بولۇپ يېنىدىكى بىنادا 6 سىنىپلىق بىر مەكتەپ ۋە يىغىن مەيدانى سېلىنغان. 1946-يىلىدىكى قالايمىقانچىلىقلاردا مەسچىت بىر مەزگىل قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. شۇ پېتى تا 1966-يىلىدىكى ئىنقىلاپتا بىراقلا تاقىۋىتىلگەن. ئەپسۇسىنارلىقى شۇكى بۇ مەسچىت 2001-يىلىدىن بۇيان قوغدىلىدىغان ئىمارەت دېگەن سەۋەپ بىلەن جامائەتكە ئېچىلىشقا نېسىپ بولمايۋاتىدۇ. مەسچىت ھويلىسىدىكى ياتاق رايونلىرى، تاھارەت ئېلىش ئورۇنلىرى سېلىنغان يەرلەر كېيىن يەھۇدىلەرنىڭ يېرى دېگەن سەۋەپ بىلەن، قۇرۇلۇش چېقىپ تاشلىنىپ ئورنىغا ئىككى بىنا سېلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتنىڭ يېرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى مەسىلە ھەل بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئىككى بىنانى سالغان شىركەت ۋەيران بولغاندىن كېيىن، شىركەتكە قەرز بەرگەن بانكا بۇ ئىككى بىنانى قەرز ھېسابىدا ئېلىۋالغان.ئامىرىكا تۈرك-تاتار جەمئىيىتى بۇ مەسچىتنىڭ تەقدىرىگە ئىزچىل دېققەت قىلىپ كەلمەكتە.جەمئىيەت خاربىندە ياشىغان تاتارلارنىڭ بۇ مەسچىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم ھۆججەتلىرىنى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن. 1995-يىلى جۇڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بۇ مەسچىتنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىپ خاربىندىكى مۇسۇلمانلارغا بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ھازىرغىچە بىر نەتىجە چىقمىغان.



ئۇ يەر بۇيەردىن تېپىلىپ قالغان نەرسىلەر.


بەت: [1] 2 3 4 5
: خاربىن سەرگەرداننىڭ قىشلىق ئۇيقۇسى