erdewil يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 15:20:23

小动作癖غا ئاتالغۇ ياسىساق بوپتىكەن

Hawthorne يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:35:41

ئادەتتە نىمە دەپ ئىشلەتسەك شۇنى ئىشلىتىۋەرمەمدۇق. ئاتالغۇ ياسىدىم دەپ چوقۇم بىدار قۇتلاندەك سۆز ياساپ ئويناش لازىمما؟ بۇنى ھەممە يەردە «مىت - مىت» دەيدۇ، «قوڭىنىڭ قۇرىتى بار» دېگەن گەپمۇ بولىدۇ لېكىن ئۇ بىۋاستە سۆزنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى مىتافور. \"كىچىك ھەرىكەت\" دېگىنى ناھايىتى ئېنىقكى خەنسۇچىدىن ئۆلۈك كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، خۇددى \"ياخشىمۇسىز\" دېگەن سۆزدەك. بىر مەزگىللەردە كىشىلەر مۇشۇنداق ياسالما گەپلەرگە ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزىگە زىيالى تۈس بېرەتتى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:55:14

ۋاي نىمە دىيىشسەڭ دىيىشمەمسەن خەق . بولسا ئۇيغۇرچىدىكى بارلىق سۆزلەرنى ئىملىق سۆز بىلەنلا ئىپادىلىۋەت . چىرايلىق پىكىر قىلىۋاتسا نەدىكى تۈكى يوق پاراڭنى قىلىپ ئادەمنى مۇشۇنداق خۇرۇجى قىلىدۇ دىسە . كىچىككىنە ئىش قىلىپ قۇيۇپلا ئۆزەڭنى ئەۋلىيا سانىشىپ كەتكەن بولساڭ خالىغىنىڭنى قىل .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 11:15:08

جانابى بىتلاننىڭ (بىدار قۇتلان ئۆزىمۇ سۆز قىسقارتىش ھەۋەسكارى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىمۇ قىسقارتىلدى ) نام شۆھرەتكە بولغان تەمەسى ئاستىدا يېزىلغان ئۇزۇندىن ئۇزۇن ، قانداقتۇر كىشلەرنىڭ سۆزى كىسىۋېلىنغان نەقىللىرى تولا يازملىرىنىڭ تەسىرىدە بىر تۈركۈم سۆساكالار (سۆز ياساش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى ) مەيدانغا كەلدى . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇلار بىتلاننىڭ باشقىچە ۋارىيانتلىرىدۇر . بۇلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئاتالغۇلارنى قىسقارتىش ، سۆزلەرنى ئىملىق سۆز بىلەنلا ئىپادىلەشتەك ئۇلۇغ ئىشلار ئاز - تولا نەتىجىگە ئىرىشتى . مەنمۇ بۇلارغا ئاۋاز قۇشۇپ بىر نەچچە سۆز ياساپ قوياي ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىگىسى يوق ، سۈرۈشتىسىنى قىلىدىغان تىل بولمىغاندىكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىگىسى يوق نەرسىنى خالىغانچە بۇزۇپ ئويناش نام چىقىرىشتىكى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلكەن . قېنى ياسىغان سۆزلەر ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن .

ئىت = ھاۋ ھاۋ

شامال شاۋ شاۋ

ماشىنا = گۈر گۈر

موتسىكلىت = دۈر دۈر

مۇنچا = شار شار

مەست = غار غار

كۇنۇپكا تاختىسى = توك توك

مۇھەببەت = چوك چوك

چىراغ = لاپ لاپ

تېلفۇن = كاپ كاپ

بوۋاق = غىڭ غىڭ

ئاغرىق = زىڭ زىڭ



ئالە خەق ، مۇشۇنداق ئوينا . كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىملىق سۆز بىلەنلا ئىپادىلەپ ئوينايمىزغۇ .

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 11:36:07

ۋاي پىنھان، ۋاي پىنھان: ئادەمنى كۈلدۈرۈپ ئۆلتۈرەي دىدىڭىزغۇ.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:13:36

مىت-قىىلپ تۇرىغان ئادەمكەندە.

مىتىلداق دېسەك بولا ئەمسە؟ \"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:15:55

بىدار قۇتلانغا ئوخشاش سۆز ياساۋاتامسەن ؟ سەن قىرغىز بولغاندىكىن ئۇيغۇرنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي تۇر ئۈكەم .

typography يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:20:50

تېمىڭزنىڭ ئوغرلىنىپ كىتىشدىن ئەنسىڭرسىڭز مۇشۇنداق رەسىم شەكلىدە يوللىسىمۇ بۇلدىكەن. \"\"





{:106:}مىت مىت دىسەك بۇلامىكى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:25:53

قولۇقدىن پوق كەلمىسە شۇم . ئەمسە ئۆزۈڭ دەپ باقمامسە؟\"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:28:29

بۇ سۆز بىزدە بۇرۇنلا بارغۇ، شۇنى ئىشلىتىڭ، ياساش ھاجەتسىز.


«ئۇششاق ھەرىكەت»


小动作癖


كىچىگىمىزدە ئوقۇتقۇچىمىز «دەرس ۋاقتىدا ئۇششاق ھەرىكەت قىلماڭلار..» دەيىتتى، سىنىپ يىغىنىدىمۇ ئۇششاق ھەرىكەت كېسىلى بار «ئۇششاق ھەرىكەت چولپانلىرى» نۇقتىلىق «ماختىلاتتى»..


typography نىڭ دىگىنىنىمۇ ئىشلىتىمىزغۇ..


«مىت- مىت»

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:36:05

غاق قاق قوشۇمچىسى قوشۇپ ياسىسا قاملىشىدىغان چىراي

مىتىلداق

مىدىرغاق

كۆتىدە قۇرۇتى بار \"\"

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:49:30

جىم تۇرالماسلىق

saray يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 18:13:25

مىت-مىت دېمەسلىككە بانا تاپالمىساق مىت-مىت دەپ تۇرايلى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 19:24:28

قىم-قىم   \"\"

rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 19:24:51

ئوكيانۇس تور لۇغىتىغا سېلىپ باقسام، «ھارامخور» دەپ چىقتا؟!

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 20:18:31

قۇرتقوڭ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 09:28:32

كىچىكىمىزدە مۇشۇنداق سۆز بارتىغۇ . نىمە دەيتتى شۇ تىلىمنىڭ ئۇچىدا تۇرىدۇ . شاتراقمۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق سۆزغۇ . بۇ سۆزلەرگە يېڭىدىن سۆز ياسىمىساقمۇ ئۇيغۇر تىلىدا سۆز دىگەن ساماندەك .

erdewil يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 10:03:51

سادىغان كېتەي، سۆز ياسىمىساقمۇ بولىدۇ دەپ يا ئۆزۈڭلار مۇۋاپىق ئاتالغۇنى تېپىپ بېرەلمەي ياكى ئاتىيالماي، مۇناسىۋەتسىزلا بىر ئاتالغۇنى دەپ يۈرسەڭلەر، نېمە دىگۈلۈك بۇ؟

      ئاتالغۇ ياساشنىڭ زۆرۈريىتى بار. مىت-مىت ،مىتىلداق دېگەننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىمىزغۇ ھەممەيلەن، قانداقمۇ ئاۋۇ سۆز بىلەن يېقىن ئەكەلگىلى بولىدۇ بۇنى؟ بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر قىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەت،قىلىق كېيىن يېتىلگەن ئادەت.يەنى بەزى قىلىقلارغا خۇمار بوپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.يەنە بىر مىسال:

      بىر كىشى بىر دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ، ئۆزىچە ،پات-پات بىر قولى بىلەن بۇرنىنى كوچىلاپ قويۇشنى دەل يۇقىرىقى ئاتالغۇدا ئىپادىلەيمىز؛ ئەمدىغۇ چۈشىنىشلىك بولغاندا. سىلەر كىچىك بالىلارنىلا كۆز ئالدىڭلارغا ئەكىلىۋالماڭلار.多动症دىنمۇ پەرىقلىنىدۇ بۇ ئاتالغۇ.... \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 15:56:39

سۆزنى پىنھان ياسىسا بولىدىكەن   {:92:}

dada يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 16:39:44

ھەي بالىلارئاۋال خەنزۇچىنى ياخشى ئۈگىنىپ بىر ئىككى ئوبدان ماقالىنى بىز ئۈچۈن بىر تەرجىمە قىلىپ بىقىڭلار ، ئاندىن تەرجىماننىڭ دەردىنى بىلىسىلەر . باشقا تىللارنى ئۇيغۇرلار چۈشەنگىدەك قىلىپ ئەسلى مەنىسى بىلەن بىزگە چۈشەندۇرۇش شۇنداق ئاسان-دەپ ئويلامسىلەر؟

بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ سۆز ياساش كېرەك.يېىڭى ئاتالغۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە .

سۆز ياساش ئۇيغۇرتىلىنى بۇزۇش دىگەنلىك ئەمەسقۇ ،ئاۋال چوقۇم تىلىمىزنىڭ ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ياسىلىدۇ. ئەمدى مۇشۇ يەردىمۇ بىربىرىمىزنى چوڭ كىچىك دەپ ئولتورماي چىشلەپ ئولتۇرساق ۋاھ.....ۋاھ....ۋاھ....

   ئەينى ۋاقىتتا بارماق دىسكا ئاتالغۇسى ياسالمىسىتى نىمەدەپ ئاتاپ يۈرەتتۇق .يۇپەن دەمدۇق يە ، سۆز ياسىمىدۇق ، ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلدۇق دەپ .



ئانچە مۇنچە پەردىشەپ بولسۇن .


بەت: [1] 2
: 小动作癖غا ئاتالغۇ ياسىساق بوپتىكەن