UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 13:59:21

«شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى» نى باھالاشقا قاتنىشىڭ !

ئالدىنقىيىلى 11ئادەم تورى   ئۇيۇشتۇرىشىھەمxjfifaتورىمىز
قاتارلىق بىر نەچچە تور بېكەتلەرنىڭ ئاكىتىپ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە تۇنجى
نۆۋەتلىك تورداشلار نەزىرىدىكىپۇتبولئەپەندىسىسنىباھالاشنى
ئېلىپبارغان ،نەتىجىدە مىرئەخمەتجان تۇنجىنۆۋەتلىك تورداشلار
نەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبولئەپەندىسى بولغان . بۇ يىليىلئاخىرىدا
بۇپائالىيەتنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرماقچىمىز.


         بۇيىلدىكى
نامزاتنى بەشكە كۆپەيىتتۇق .ئۇلارمىرئەخمەتجان ،بارى
،يەھيا،ئەكرەم،ئۆتكۈر .باھالاش ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپبېرىلدۇ.بىرسى
توريۈزىدە پۇتبولغابولۇپمۇ شىنجاڭ پۇتبولىغائىزچىلدىققەت
قىلىپكىلىۋاتقانھەرقايسى تور بىكەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرپىكىرلىرى
بىلەن شىنجاڭ توپخۇمارلىرىنى قايىلقىلىپكىلىۋاتقان توپخۇمارلارنى
تەكلىپقىلدۇق ، ئۇلار بەش ئادەمنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ .يەنەبىر خىل
ئۇسۇلھەرقايسى ئۇيغۇرچە پۇتبول ياكىباشقا مۇنبەرلىرىدە سايلامتىمىسى
يوللاش .


         ھەربىرتەكلىپقىلغان تورداشلىرىمىز تاشلىغان
بىلەتنىڭبىرىنجى تاللىشىغا 5نومۇر،ئىككىنجى تاللىشىغا تۆت نومۇر ،ئۈچىنجى
تاللشىغا ئۈچ نومۇر،تۆتىنجى تاللىشىغا ئىككى نومۇر، بەشىنجى تاللىشىغا
بىرنومۇر بېرىلدۇ .


سايلىمىمىزغاقاتنىشىشنى خالايدىغان
مۇنبەرلەردەبولساپۇتبولمۇنبەرلىرىدە ئەڭجىق بىلەتكەئېرىشكەن
ماھىرغا 10نومۇر،ئىككىنجىسىغا 8نومۇر، ئۈچىنجىسىگە 6نومۇر،تۆتىنجىسىگە
4نومۇر،بەشىنجىسىگە 2نومۇربېرىلىدۇ . باشقا مۇنبەرلەرگە بولسا،5نومۇر،
4نومۇر،3نومۇر،2نومۇر،1نومۇرشەكلىدەنومۇربېرىلدۇ .


ئەڭئاخىرىدا
بىزبىكىتكەن ئادەملەر بىلەن مۇنبەرلەردىكى
ئومۇمىنومۇرقوشۇلۇپ،ئەڭجىق نومۇرغائېرىشكۈچى
تورداشلارنەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپباھالنىدۇ .


بىلەتكەقاتناشقانلارئارىسىدىن
شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسىنى توغراباھالىغان ھەمدە ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى
قالدۇرغانتورداشقاسوۋغابېرىلدۇ.(11 ئادەم تورى )







نامزاتلار :



مىرئەخمەتجان



تۇغۇلغان ۋاقتى :1991-01-14

كوماندىسى:شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن

ئورنى:بېك

ئىگىزلىكى:182cm

ئېغىرلىقى:73kg

مىرئەخمەتجان
كوماندىغا ۋاكالىتەن يەتتە مەيدانمۇسابىقائوينىغان ،ئاسىيا ئۇزغۇنلار
بىرلەشمىسىدە بىر توپئۇرغان ،شەندۇڭ كوماندىسىغاۋاكالىتەن جوڭگو
پۇتبولچىلارجەمىيىتىلوڭقىسىدا كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن،شەندۇڭ
تەييارلىقكوماندىسىغا ۋەكىلبولۇپ تەييارلىق بىرلەشمىسىدە
ئالتۇنمىدالغا ئېرىشكەن.







بارى



تۇغۇلغان ۋاقتى :1989-01-27

كوماندىسى:خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى

ئورنى:ئالدى ھوجۇمچى

ئىگىزلىكى:175cm

ئېغىرلىقى:70kg

بارى
خاڭجۇ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 26مەيدان ئويناپ ،ئۈچ توپ ئۇرغان. بۇنىڭ
ئىچىدە ئاسىيا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىدە بىر توپ ئۇرغان.جوڭگو كوماندىسىغا
ۋاكالىتەن ئولىمپىك سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئاسىيارايونى مۇسابىقىسىغا
قاتناشقان.







يەھيا



تۇغۇلغان ۋاقتى :1988-10-10

كوماندىسى:شىنجىن قىزىل ياقۇتكوماندىسى

ئورنى:ئوتتۇرامەيدان

ئىگىزلىكى:175cm

ئېغىرلىقى:65kg

يەھيا كوماندىسى ئۈچۈن 23مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان ،بىر توپ ئۇرغان .






ئەكرەم



تۇغۇلغان ۋاقتى :1988-10-10

كوماندىسى:خۇنەن شىياڭتاۋ

ئورنى:ئالدى ھوجۇمچى

ئىگىزلىكى:185cm

ئېغىرلىقى:79k

ئەكرەم كوماندىسى ئۈچۈن ئا دەرىجىلىكلەربىرلەشمىسىگەقاتنىشىپ ئۈچ توپ ئۇرغان.






ئۆتكۈر



تۇغۇلغان ۋاقتى :1993-4-10

كوماندىسى:شەندۇڭ لۇنىڭتەيشەن پۇتبولمەكتىپى

ئورنى:بېك

ئىگىزلىكى:181cm

ئېغىرلىقى:71k

ئۆتكۈركەسپى
مۇسابىقە ئويناپباقمىغان، چڭداۋ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 7-نۆۋەتلىك
مەملىكەتكىل شەھەرلەرتەنھەركەتيىغىنى پۇتبول
مۇسابىقىسىدائالتۇنمىدالغا ئېرىشكەن .بىر توپ ئۇرغان.
شەندۇڭكوماندىسى ئۈچۈنب دەرىجىلىكلەربىرلەشمىسىگە قاتناشقان، جوڭگو
ياشلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن گىرانىچىن
تەكلىپمۇسابىقىسىغاقاتنىشىپبىرتوپ ئۇرغان.توۋلۇن
لوڭقىسىغاقاتناشقان .


ئىزدىنىشتىكى كەڭ تورداشلارنىڭ باھالاشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۆمۈد قىلىپ:ھۆرمەت بىلەن:http://www.xjfifa.com


تەپسىلاتىنى 11ئادەم پۇتبول تورى ۋە http://www.xjfifa.comدىن كۆرگەيسىز.


function يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 14:17:25

بارى ئەمەس ئابدۇلبارى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 14:54:48

ئەكرەمنىڭ چىكىنگەنلىكىدىن شۇنداق ئەپسۇسلاندىم   {:106:}

temur يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 15:38:38

ھەجەپ بىرسىمۇ   شىنجاڭدا    توپ تەپمەپتا ...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 15:44:06

بارىنى توپ ئوينىغاندا دوپپا كىيىۋالسۇن دىگەندەك موتو پاراڭلارنى قىلىشمايلى .

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:01:07

4- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارىنى توپ ئوينىغاندا دوپپا كىيىۋالسۇن دىگەندەك موتو پاراڭلارنى قىلىشمايلى .



موتو پاراڭ دىگەننى ئاڭلىماپتىكەنمەن . پىنھان بوۋاي !

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 16:10:24

چىرايلىق ئاتىلىشى بۇ . موتورولا ، موللازەيدىن دەپقۇ ئاڭلىغان بولغىيتىڭلار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 17:14:34

1- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارى ئەمەس ئابدۇلبارى

مەنمۇ مۇشۇنداق ئاتاشنى قوللايمەن. بىر چىرايلىق ئىسمى بار بولغاندىكىن تولۇق ئاتايلى.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 19:36:45

پىنھان بوۋاي «تېرىكىپ» قالسا، بەزى ئاممىباپ ئاتالغۇلارنى كارامەت سىلىقلاشتۇرۇپ دەيدۇ زادى \"\"

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 20:06:58

مىنىڭ بىلىدىغىنىم بارى ئىكەن . شۇنىڭغا تاشلاپ قويدۇم .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 22:58:08


3- قەۋەتتىكى temurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەجەپ بىرسىمۇ شىنجاڭدا توپ تەپمەپتا ...




   ئەلقىسسە ، ئىلگىرى شىنجاڭدا باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە، ئىدارە-جەمىيەت ۋە شەخىسلەر قۇرغان كوماندىلارداتوپ تەپكەن. كېيىنچە شىنجاڭدا \"لاتارىيە كۇلۇبى \" دەپ كەسپى پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلغاندا شۇ يەردە توپ تەپكەن.ئۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى كەسپى پۇتبول كۇلۇبى تارقىتىۋىتىلگەندىن كېيىنئىچكىر ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىق كەسپى پۇتبول بىرلەشمىلىرىگە چىقىپ توپ تىپىۋاتىدۇ. كەسپى پۇتبولچى بولۇپ ھەم مۇئاش ئىلىپ.




ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 22:59:36

زىتەيلاڭ http://www.xjfifa.com/bbs/read.php?tid-5284.htmlماۋۇ يەرگە بىر كىرىڭلا.

kizginix يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 23:24:48

ئەكرەمنىڭ يىشى كىچىك يىزىلىپ قالدىمۇ ياكى مەن يىشىنى چوڭ دەپ بىلىمەنمۇ ؟

ئىسىمدە قىلشىچە 1981 - يىلى تۇغۇلغانغۇ دەيمەن .

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 02:12:07

خاتا بولۇپ قاپتۇ يېشى، ئۇرغان توپىمۇ 4 ئىدىغۇ دەيمەن.
بەت: [1]
: «شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى» نى باھالاشقا قاتنىشىڭ !