izchiyigit يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 12:15:55

تۇرك سۇلتانلىرى

ئوغۇزلار


پىروگراممىمىزنىڭ تېمىسىنى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ بۈيۈك ئۈچ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بىرى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئىدارە قىلغان سۇلتانلار تەشكىل قىلىدۇ. قەدىمكى دەۋر مەنبەلىرىدە «بىتىنيا» دەپ ئاتالغان ئانادولۇنىڭ غەربىي ساھىللىرىدا مەرمەرە دېڭىزى بىلەن ساكاريا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىچىككە بىر بەگلىك ئىكەن، تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان بۇ كىشىلەر كىملەر ئىدى؟ نېمىگە ئېتىقاد قىلاتتى؟ قانداق بىر ئىدارە قىلىش تۈزۈمىگە ئىگە ئىدى؟ پىروگراممىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە مەزكۇر سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز.


ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ھەممە بېلىدۇ. لېكىن تۈرك سۆزى ناھايىتى كەڭ كەتكەن بىر رايوندىكى كۆپلىگەن تۈرك قەۋمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي نامدۇر. تۈرك ئوقۇمى دائىرىسىگە مىلادىدىن ئىلگىرى دۆلەت قۇرغان ھونلار ۋە مىلادىدىن كېيىنكى ئاۋارلار، بۇلغارلار، پەچەنەكلەر، قۇمانلار، ئۇزلار، سەلچۇقلار ۋە ئوسمانلىلار كېرىدۇ. گوياكى دەۋرىمىزدە قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەرى ۋە ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش تارىختىمۇ بۇ تۈركىي قەۋملىرىنىڭ قۇرغان دۆلەتلىرى ئالدىمىزغا چىقىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇيغۇر دۆلىتىنى، بۇلغارلار بۇلغار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئوتتۇرا شەرق، ئانادولۇ ۋە بالقان رايونلىرىدا بۈيۈك سەلچۇقلار، ئانادولۇ سەلچۇقلىرى ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان تۈركلەر بولسا، تارىختا ئومۇمەن ئوغۇز دەپ ئاتالغان ياكى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۈركمەن دەپ ئاتالغان تۈركلەردۇر. لېكىن ‹كۈچ – قۇۋۋەت› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان تۈرك نامى بېرىلگەن تۇنجى دۆلەتنىڭ كۆكتۈرك دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ۋە تۈرك نامىنىڭ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەش لازىم. كۆكتۈركلەرنىڭ شەرق قانىتى غەزنەلىكلەر، خارەزىمشاھلار ۋە ھىندىستان تۈرك دۆلىتىنى قۇرغان بولسا، غەرب قانىتى بولغان ئوغۇزلار بۈيۈك سەلچۇقلار ئىمپېراتۇرلۇقى، ئانادولۇ سەلچۇقلىرى، ئارتۇقئوغۇللىرى، قارا قويۇنلۇقلار، ئاق قويۇنلۇقلار ، دۇل قادىر ئوغۇللىرى، ئانادولۇ بەگلىكلىرى، ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىغا ئوخشاش تۈرك دۆلەتلىرىنى قورۇپ چىققان.


ئوسمانلى دۆلىتىنىمۇ قورۇپ چىققان ئوغۇزلارنى تارىخ سەھنىسىدە تۇنجى بولۇپ كۆكتۈرك ئابىدىلىرىدە ئۇچرىتىمىز. تۈرك تارىخىنىڭ تۇنجى يازما ھۆججەتلىرى بولغان بۇ ئابىدىلەردە كۆكتۈرك دۆلىتىنى قۇرغان ئاساسلىق تەرەپلەرنىڭ بىرى بولغان ئوغۇزلارغا ئورۇن بېرىلىدۇ. بىز، تۇنجى قېتىم سەككىزىنچى ئەسىردە نامى بىلەن تونۇشقان ئوغۇزلار، ھازىرقى كۈندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تۈركمەنىستان، ئىران، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدە كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئوخشاش دۆلەتلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئوغۇز سۆزى ‹ئوق› ۋە ‹ئۇز› دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئوق بىر سىياسىي ئورگانغا قاراشلىق قەبىلە دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قەدىمكى تۈركچىدىكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى ‹ز› ئوق سۆزى بىلەن بىرلىشىپ ‹قەبىلىلەر› مەنىسىدىكى ‹ئوقۇز› سۆزىنى ياسايدۇ. بۇ سۆز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوغۇزغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن 8- ئەسىردە ماۋەرائۇننەھر (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ ۋە سىر دەريالىرى ئوتتۇرىسىدىكى رايون) گە كەلگەنلىكى مەلۇم. ھەتتا بىر قانىتى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى بالقان رايونىنىڭ تونا قەبىلىلىرىگىچە بېرىپ تاقىلىدۇ. لېكىن بالقان ئوغۇزلىرى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئوغۇز تۈركلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تىلشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلاردا، ئىشلىتىلگەن تۈركچىنىڭ شەرق تۈركچىسىدىن پەرقلىق غەرب تۈركچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئوغۇزلار سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئوغۇز – يابغۇ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئوغۇز – يابغۇ دۆلىتى ئۆزىگە قاراشلىق ئوغۇز تۈركلىرىنى ئۇچوك ۋە بوزوكتىن ئىبارەت قەدىمكى تۈرك تەشكىلاتلىنىش قائىدىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە تەشكىللەيدۇ. بۇ دۆلەت كېيىنكى مەزگىللەدە بۈيۈك سەلچۇقلار دۆلىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.


.......................................................................................


ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ئوغۇزلار تۈركمەن نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. تۈركىيە سەلچۇقلىرى دۆلىتىدە ۋە كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىدە ھەم تۈرك ھەم تۈركمەن نامى ئىشلىتىلىدۇ. دۆلەت تەشكىلاتى ئىچىدە ئورۇن ئالغان ۋە ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتكەنلەر تۈرك، كۆچمەن ھالەتتە ياشايدىغانلار تۈركمەن دېيىلىشىكە باشلايدۇ. بۇ چۈشەنچە ئوسمانلى دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىدۇ. ئوسمانلى قانۇننامىلىرىدە تۈرك ۋە شەھەرلىك دېگەن سۆزلەر مەنىداش شەكىلدە ئىستىمال قىلىنسا، تۈركمەن كۆچمەن ھاياتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ.


ئوغۇزلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان ئىككى ئاساسلىق مەنبە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى مەھمۇد كاشىغەرى تەرىپىدىن ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان ئىزاھاتلىق تۈركچە – ئەرەبچە لوغەت ‹دىۋانى لوغاتىت تۈرك› ناملىق ئەسەردۇر. ئىككىنچىسى رەشىدۇددىننىڭ ‹ئوغۇزنامە› ناملىق ئەسىرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردىكى ئوغۇزنامىلەرمۇ بار. يۇقىرىقى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوغۇز ئەنئەنىسىگە كۆرە ئوغۇزخاننىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى بولغان گۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز خان ئوغۇزلارنىڭ بوزوك قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقا ئۈچ ئوغلى ئاسمان، تاغ ۋە دېڭىزخان بولۇپ، بۇلار ئوغۇزلارنىڭ ئۇچوك قانىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ جەمئىي ئالتە ئوغلى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تۆتتىن ئوغلى بولغان، شۇنىڭ بىلەن، 24 ئوغۇز شەكىللەنگەن. ئوغۇزلارنىڭ ئەنئەنىسىگە كۆرە، ئەڭ چوڭ ئوغۇلنىڭ ئەۋلادى ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرىدىغان باشقۇرغۇچى بولۇشى كېرەك. ئوغۇزخاننىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى گۈنخان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى قايى، بايات، ئالقائەۋلى ۋە قارائەۋلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاكىمىيەت قايى قەبىلىسىدىن كەلگەن بىرىنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەسلىدە ئىدارە قىلىش ئىشلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىلىدىغان ئوغۇزلارنىڭ بۇ بوزوك قانىتىغا ئائىت ئىدى. بۇلار بولسا، ئاي خاننىڭ نەسلىدىن بولغان يازىر، دۆغەر، دودۇرغا ۋە ياپارلى ئوغۇزلىرى بىلەن يىلدىز خاننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئاۋشار، قىزىق، بەيدىللى ۋە قارگىن قەبىلىسىدىندۇر. بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئوغۇزلارنىڭ ئىككىنچى قانىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋجۇقلار ئارىسىدىنمۇ ھۆكۈمدارلار چىقىدۇ. گۆكخاننىڭ نەسلىدىن بولغان بايىندىر، بەچەنە، چاۋۇلدۇر ۋە چەپنى قەبىلىلىرىنىڭ ئىزىدىن داغ خاننىڭ نەسلىدىن كەلگەن سالۇر، ئەيمۇر، ئالايۇنتلۇ ۋە يۈرەگىر قەبىلىلىرى كېلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ كىچىك ئوغلى دېڭىزخاندىن بولسا يىغدىر، بۈگدۈز، يۇۋا ۋە قىنىق قەبىلىرى كېلىدۇ.


ئوغۇزلارنىڭ ئاۋجۇق قانىتىدىن كەلگەن قەبىلىلەردىن يۇۋا قەبىلىسى قارا قويۇنلۇ دۆلىتىنى، قىنىق قەبىلىسى بۈيۈك سەلچۇقلار دۆلىتىنى، يۈرەگىر قەبىلىسى رامىزان ئوغۇللىرى بەگلىكىنى، بايىندىر قەبىلىسى ئاققويۇنلۇ دۆلىتىنى قۇرىدۇ. بوزوك قانىدىن كەلگەن ئاۋشار قەبىلىسى گەرمىيان ئوغۇللىرى ۋە قارامان ئوغۇللىرى، قايىلار بولسا، ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.


.......................................................................................


بۇ يەردە تەكىتلىنىشى كېرەك بولغان نۇقتا، ئوسمانلىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قايىلارغا باغلاش ئىستىكىدۇر. چۈنكى سۇلتان ئىككىنچى مۇرات مەزگىلىدە، بولۇپمۇ 14- ۋە 15- ئەسىرلەر بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىسلامىيەتنى يېڭى قوبۇل قىلغان كۆپلىگەن تۈركمەنلەر ئىران – خۇراسان يولى ئارقىلىق ئانادولۇغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كونا ئېتىقادلىرىنى ساقلاپ قالغانلارمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى ئوغۇز ئەنئەنلىرى كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. ئوسمانلىلارمۇ بۇ كىشىلەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوغۇزخاننىڭ چوڭ ئوغلى قايىنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكلىرىگە دائىر شەجەرىلىرىنى يازىجىزادەگە ئوخشاش تارىخچىلارنىڭ ۋاسىتى بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھازىرقى كۈندە مەزكۇر شەجەرە بىر قىسىم تارىخچىلار تەرىپىدىن ئۇيدۇرما دەپ قارالسىمۇ، مۇھىم بولغىنى ئوسمانلىلارنىڭ ئوغۇز ئەنئەنىسى ۋە ئادەتلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىش ئارقىلىق ئوغۇزخانغا ئوخشاش تۈركمەنلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىم.


ئوسمانلىلار گەرچە ئوغۇز ئەنئەنىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ تۈركمەنلەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمدارلىقىنى قانۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، قەبىلىۋازلىق قىلىشتەك ئەرزىمەس سىياسەتلەرنى يولغا قويمىغانىدى. باشقا ئوغۇز قەبىلىلىرىنى باغرىغا قانداق باسقان بولسا، قۇرغان دۆلىتىدە تۈركىي قەۋملەرگىمۇ ئورۇن بېرىدۇ. ھەتتا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان، ھەق دىنغا ئىمان كەلتۈرگەن بارلىق كىشىلەرگە قۇرۇلغان ئىمپېراتورلۇق ئىچىدىن ئورۇن بېرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە كېڭەيگەن ئوسمانلىلار كۆچمەن ھاياتتىن ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتۈش يولىنى تاللايدۇ. چۈنكى كۆچمەنلىك تەشكىلاتلىنىش، دۆلەتلىشىش سۈرئىتىنى قانچىلىك ئاشۇرسا، ئەينى شەكىلدە بۇ قورۇلمىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى سۈرئىتىنىمۇ شۇنچىلىك ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوسمانلىلار بەگلىكتىن دۆلەتكە ئۆتۈش مۇساپىسىدە كۆچمەن ئوغۇز قەبىلىلىرىنى ئولتۇراقلىشىش تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق نوپۇسىنى تىزىمغا ئېلىش بىلەن بىرگە، باج كىرىمىنى تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەت سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ ئىمپېراتورلۇققا ئايلىنىدۇ. ئوسمانلىلار ئۈچۈن قايى قەبىلىسىدىن بولۇش، تۈركمەنلەر ئىچىدە ئوغۇز ئەنئەنىسىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت تەلەپ قىلىدىغانلارغا قارشى كۈچلۈك بىر كوزىر ئىدى. لېكىن ئوسمانلى دەۋرىدىمۇ، زامانىمىزدىمۇ ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىدىن كەلگەن يەر – جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنى ئانادولۇنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئىزچىل ھالدا ئۇچراپ تۇرىدۇ.


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا «ئوسمانلى سۇلتانلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمى بولغان «ئوغۇزلار» تېمىسى ئاستىدىكى مەخسۇس پىروگراممىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.



«ئەرتۇغرۇل غازى (ۋاپاتى 1282-يىلى)»



تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئەرتۇغرۇل غازى ئوسمانلى دۆلىتىگە نامى بېرىلگەن ۋە بىرىنچى ئوسمانلى سۇلتانى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئوسمان بەگنىڭ ئاتىسىدۇر. بۇ يەردىكى ‹غازى› سۆزى ئۇنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئەرتۇغرۇلنىڭ سۈپىتىدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك ھاياتى ئۇرۇشلار بىلەن ئۆتكەن، ھۆكۈمدارى بولغان قايى قەبىلىسىگە مەنسۇپ بىر قىسىم تۈركمەنلەرگە ئانادولۇدىن ماكان ئىزدىگەن بىر داھىيدۇر. بىر قاراشتا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ھاياتى ئوسمانلىلارنىڭ ئانادولۇغا قانداق كەلگەنلىكى، سەلچۇق سۇلتانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ۋىزانتىيە چېگراسىدا بىر ئۇچبەگلىكى قۇرۇشىنىڭمۇ تارىخىي دېمەكتۇر.


ئۆز دەۋرىنىڭ ئەسلى مەنبەلىرىدە ئەرتۇغرۇل غازىغا ئائىت ناھايىتى ئاز مەلۇماتلار بار. ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ ئاز مەلۇماتمۇ كۆپىنچە داستان، رىۋايەت شەكلىدىكى مەلۇماتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرتۇغرۇل غازى 1190- يىللاردا دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى سۈلەيمان شاھ دەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، باشقا مەنبەلەر گۈندۈز ئالىپنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى زاماندا تېپىلغان ئوسمان بەگكە ئائىت بىر كۆمۈش مېتال پۇلدا ‹ئوسمان بىن ئەرتۇغرۇل بىن گۈندۈز ئالىپ› يەنى گۈندۈز ئالىپنىڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسمان دېگەن ئىبارە بار. بۇ پۇل ئەرتۇغرۇلنىڭ ئاتىسىنىڭ دەل ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىسمى تۈركچە بولغان ۋە ئوغۇزنامىلەردىكى شەجەرىلەردىمۇ قەيت قىلىنغان گۈندۈز ئالىپ ئىكەنلىكىدە شۈبھە قالمايدۇ.


قايى قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئەجدادلىرى ئانادولۇنىڭ تۇنجى پەتھى قىلىنىشى ئەسناسىدا بۈيۈك سەلچۇق سۇلتانى تۇغرۇل بەگ ۋە ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىرى قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ دەسلەپتە ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئانادولۇ رايونىدىكى بىتلىس ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاھلات رايونىغا كېلىدۇ ۋە بۇ يەردە ئانادولۇغا قارىتىلغان غازات ۋە پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاھلات رايونىنىڭ موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن شەرقىي ئانادولۇدا بىر دۆلەت قۇرغان ۋە ئوسمانلىلارغا ئوخشاشلا قايى قەبىلىسىگە قاراشلىق ئارتۇق ئوغۇللىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى ماردىنغا كېلىدۇ. ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئاتىسى گۈندۈز ئالىپنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى بۇ تۈركمەنلەر مۇڭغۇللارنىڭ بېسىمى بىلەن غەرب تەرەپكە يۈرۈشۈپ، دەسلەپتە ئەرزۇرۇمغا قاراشلىق پاسىنلار يايلىقىغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ جەرياندا گۈندۈز ئالپ كېسەل بولۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ ۋە ئورنىغا ئەرتۇغرۇل غازى ئولتۇرىدۇ.


مۇڭغۇللارنىڭ بېسىمى پاسىنلار يايلىقىدىمۇ ھېس قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئەرتۇغرۇلغا قاراشلىق تۈركمەنلەر يېڭى بىر ماكان ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئاكىلىرى سۇنگۇر تەكىن ۋە گۈندۇغدۇلار ئاخلاتقا قايتقان بولۇشىغا قارىماي ئەرتۇغرۇل غازى بىر تۇغقىنى دۈندار بەگ بىلەن بىرلىكتە غەربكە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، سىۋاس ئەتراپىغا كېلىدۇ. بۇ ئەسنادا ئوسمانلىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئەرتۇغرۇل غازى سىۋاس ئەتراپىدا تۇرىۋاتقاندا، سەلچۇق قوشۇنى بىلەن كۆپ ساندىكى موڭغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشقا كىرگەنلىكى، سەلچۇقلارنىڭ يېڭىلىشكە يۈز تۇتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئوسمانلىلارغا ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ سەيرى ئۆزگىرىدۇ ۋە ئۇرۇشتا سەلچۇق قوشۇنى غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ، 1230- يىلىدا سەلچۇق سۇلتانى بىرىنچى ئالائۇددىن كەيكۇبات بىلەن خارەزىمشاھلار ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن ياسسىچىمەن ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى تارىخىي مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


.......................................................................................


سەلچۇق سۇلتانى بىرىنچى ئالائۇددىن كەيكۇبات ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا قىلغان ياردىمىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە ئەنقەرەگە يېقىن قاراجا تاغ ۋە ئەتراپىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. ئوسمانلىلار بىر مەزگىل بۇ يەردە تۇرىدۇ. ئارقىدىن ئەرتۇغرۇل غازى ئوغلى ساۋجى بەگنى سۇلتان ئالائۇددىن كەيكۇباتقا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ماكانلىشىش ئۈچۈن يېڭى بىر يەر بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كېرەكلىك رۇخسەتلەرنى ئالغاندىن كېيىن غەربكە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ ۋىزانتىيە چېگرىسىغىچە كېلىدۇ ۋە تۆۋەن ساكاريا ھاۋزىسىدىكى سۆگۈت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ يەرلەر كېيىنچە ئوسمانلى دۆلىتى قۇرۇلىدىغان جاي بولۇپ قالىدۇ. 1231- يىلى ۋىزانتىيەگە قارشى يۈرۈش قىلغان سەلچۇق سۇلتانى سۇلتان ئۆيۈن (ھازىرقى ئەسكىشەھىر) گە كەلگەندە ئەرتۇغرۇل بەگمۇ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قوشۇنغا قېتىلىدۇ. ئىزنىك، رىم ئىمپېراتورى تېئودوروس لاسكارىسنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن سەلچۇق قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئادەملىرىنىڭ تۆھپىسى بىلەن قولغا كىرگۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەلچۇق سۇلتانى ئەرتۇغرۇل غازىگە ئەسكىشەھىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى بېرىدۇ. 1232- يىلى ئەرتۇغرۇل غازى قاراھىسار (قاراجا ھىسار) نى قورشاپ قولغا كىرگۈزىدۇ. شەھەرنىڭ رىم ھۆكۈمدارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئالغان غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرى بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئالائۇددىن كەيكۇباتقا يوللايدۇ. غەنىمەتنىڭ ئېشىپ قالغىنىنى غازىلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ. بۇ غەلىبىسىدىن كېيىن ئەرتۇغرۇل غازى سۆگۈتكە يۈرۈش قىلىىپ، ئۇ يەرنى قولغا كىرگۈزىدۇ. سەلچۇق سۇلتاننىىڭ بۇ يەرنىمۇ ئۇنىڭغا بېرىشى بىلەن بىرلىكتە بەگلىكنىڭ مەركىزىنى سۆگۈتكە يۆتكەيدۇ.


ئەرتۇغرۇل غازى سۆگۈتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۆزگىچە بىر سىياسەتنى يولغا قويىدۇ. ئۇ، مەركىزى ئىزنىك ۋە ئىستانبۇلغا جايلاشقان ۋىزانتىيە دۆلىتىگە قارشى يۈرۈش قىلىشنى باشلاش بىلەن بىرگە، رايوندىكى مەھەللىي رىم بەگلىكلىرى (تەكفۇرلىرى) بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. بۇ يەردە ئۆزىگە ئوخشاشلا ئۇچ بېگى بولغان باشقا تۈركمەن بەگلىكلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھاكىمىيەت مۇجادىلىسىنىڭ تەسىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەرتۇغرۇل غازى ئۆزىگە ئوخشاش قايى قەبىلىسىدىن كەلگەن ۋە سەلچۇقلارنىڭ كاستامونۇ ئۇچ بېگى بولغان ھۇسامەددىن چوباننىڭ ئوغۇللىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئەرتۇغرۇل غازى يېرىم كۆچمەن ھالەتتىكى بىر خىل ھايات شەكلىدە ياشايدۇ، قىشنى سۆگۈتتە، يازلىرىنى دومانىچ يايلىقىدا ئۆتكۈزىدۇ. ۋىزانتىيە ۋە باشقا ئۇچ بەگلىكلىرىگە قارشى كۈرىشىدە ئاكچاكوجا، سامسا چاۋۇش، قارا تەكىن، ئايقۇت ئالپ ۋە قونۇر ئالپقا ئوخشاش تەجرىبىلىك ئۇچ بەگلىكلىرىنىمۇ ئەتراپىغا توپلايدۇ. بۇ بىرلىك ئوسمانلىنى كۈنسىرى كۈچلەندۈرۈپ، رايوننىڭ مۇھىم سىياسىي كۈچلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.


.......................................................................................


ئەرتۇغرۇل غازى غەربىي ئانادولۇدا سەلچۇقلارغا قاراشلىق بىر ئۇچ بېگى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1279- يىلىغا قەدەر پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەنبەلەردە، ئۇ زامانلاردا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ھۆكۈمدارلىقنى ئوغلى ئوسمانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ۋە ئەرتۇغرۇل غازى 90 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، 1282- يىلى ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ.


ئەرتۇغرۇل غازى ھايات ۋاقتىدا سۆگۈت مەركىزىدە ئۆز نامىدا بىر جامە سالدۇرىدۇ. بۇ جامە ئەرتۇغرۇل غازى دەۋرىدە سېلىنغان بىردىن بىر بىناكارلىق ئەسىرى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ جامە تۇنجى ھالىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر شەكىلدە ئىنشا قىلىنىدۇ ۋە ئەسلى ھالىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. 1956- يىلى يېڭىدىن سېلىنغان ئەرتۇغرۇل غازى جامەسى رېمونت قىلىنىدۇ.


ئەرتۇغرۇل غازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن سۆگۈتتە دەپنە قىلىنىدۇ. كېيىنچە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى بولىدىغان نەۋرىسى ئورھان بەگ تەرىپىدىن سۆگۈتتە بىر مەقبەرە ئىنشا قىلىنىدۇ. ئوسمانلىلار پايتەختلىرىنى بۇرسا، ئەدىرنە ۋە ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا يۆتكىگەن ۋە ئۆز دەۋرىدە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئانا ۋەتىنى ۋە ئەجدادلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئورھان تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان بۇ مەقبەرەنى 1757- يىلى ئۈچىنچى مۇستافا، 1882- يىلى ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد رېمونت قىلدۇرىدۇ ۋە بىر قىسىم يەرلىرىگە ئىلاۋە قۇرۇلۇش قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەقبەرەنىڭ سۇلتان ئابدۇلھەمىد تەرىپىدىنمۇ رېمونت قىلدۇرۇلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ مەقبەرەدە يالغۇز ئەرتۇغرۇل غازىلا ئەمەس، ئۇنىڭ رەپىقىسى ھەلىمە خاتۇن، بىر تۇغقىنى دۈندار بەگ ۋە ئوغلى ساۋجى بەگ قاتارلىقلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار. يەنە 1326- يىلى بۇرسا پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەسىيىتىگە ئاساسەن جەسىتى بۇرساغا يۆتكەلگەن ئوسمان غازىنىڭ قەبرىسىمۇ بۇ يەردىدۇر. ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد پەقەت ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ قەبرىسىنى رېمونت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، قايى قەبىلىسىدىن كەلگەن قارا كەچىلى دەپ ئاتىلىدىغان تۈركمەنلەرنى مۇھاپىزەت قىسمى قىلىپ تەيىنلەپ سارايدا ۋەزىپە بېرىدۇ. ئوسمانلىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى ئانادولۇدىكى يىلتىزلىرىنى جانلاندۇرۇش ئارزۇسىنى چىقىش قىلىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتى ۋۇجۇدقا چىققان بۇ زېمىنلارغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، 1970- يىللاردا ئەرتۇغرۇل غازى مەقبەرىسىنىڭ ئالدىدىكى ساھەگە تارىختىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق زامانىمىزدىكىلەر ئەرتۇغرۇل غازىغا بولغان مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەر يىلى سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. مەھەللىي كېيىملەرنى كىيگەن ھالدا ئاتلىرىغا مىنىپ، قوللىرىدا بايراق ‹دۇئا ئورنى› دېگەن ئېگىز بىر تۈزلەڭلىكتىن سۆگۈتكە كىرىدۇ ۋە ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ قەبرىسىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاندىن قۇربانلىقلار كېسىلمەكتە، بۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن پىشۇرۇلغان پولو جامائەت بولۇپ يىيىلگەندىن كېيىن، قۇرئان ۋە مەۋلۇت ئوقۇلۇپ، چېلىشىش، نەيزىۋازلىق دېگەندەك مىللىي ئويۇنلار ئوينىلىپ كەلمەكتە. دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى ھەر يىلى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشماقتا. قىسقىسى يۇقىرىقى پائالىيەتلەر غەيرى رەسىم سالاھىيەتكە ئىگە بولماقتا.


«ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر قاراشلار»


ئومۇمەن 1299- يىلى مەرمەرە دېڭىزى بىلەن ساكاريا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا قۇرۇلغان ئوسمانلى بەگلىكىنىڭ تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، قانداق بولۇپ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىغا دائىر سوئال ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن تەتقىق ۋە بەس – مۇنازىرە قىلىنماقتا. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تارىخچىلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىشتىن ئىلگىرى 13- ۋە 14- ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئانادولۇ ۋە بالقان رايونىدىكى سىياسىي قۇرۇلما بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنى پايدىلىق بولىدۇ دېگەن قاراشتىمىز.


13- ئەسىردە ئانادولۇ سەلچۇقىيلار ھاكىمىيىتى يىمىرىلىدۇ، دائىرىسى كىچىكلەپ كەتكەن سەلچۇقىيلار دۆلىتى ۋە ئوتتۇرىغا چىققان ئانادولۇ بەگلىكلىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىران ئىلخانلار دۆلىتىنىڭ ئەگەشكۈچىسىگە ئايلىنىدۇ. ئوسمانلىلار، ۋىزانتىيەگە قوشنا كىچىك بىر بەگلىكتۇر. ۋىزانتىيەمۇ 1204- يىلىدىكى 4- ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن بۇرۇنقى كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئىستانبۇل ۋە ئەتراپى بىلەن چەكلىنىدىغان كىچىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بالقان رايونىدا بۇلغارلار ۋە سىرپلارنىڭ چارلىقلىرى رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە بولسا، مىسىر، ئۇردۇن (ئىئوردانىيە) ۋە سۈرىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەملۇكىيلار بار ئىدى. بۇ سىياسىي مۇۋازىنەتنىڭ 14- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىككى ئاساسلىق مەسىلە مەيدانغا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى، ئوسمانلىلارنىڭ 1354- يىلى گەلىبولۇنى قولغا كىرگۈزۈپ سۈرئەت بىلەن بالقان رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى، يەنە بىرى بولسا 1370 ۋە 1404- يىللار ئارىسىدا شەرقتە جۇڭگو چېگرىسىغا، غەربتە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىزغا، شىمالدا قازاق بوزقىرلىرىغا، جەنۇبتا ئىندۇس دەرياسىغا قەدەر سۇزۇلىدىغان رايوندا بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرۇپ چىققان تىمۇرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر. ئوسمانلىلارنىڭ بەگلىكتىن ئىمپېراتورلۇققا ئۆتۈش مۇساپىسى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە مۇئەييەنلىشىدۇ.


بۇ كۈرەشتە، كىچىك بىر بەگلىكتىن دۇنياغا يېتەكچىلىق قىلىدىغان بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەسىلىسى زامانمىزدىمۇ كۈچكە ئىگە بولغان ۋە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە. تارىخىي نۇقتىدىن بۇ سوئالغا تۇنجى جاۋاب بەرگەن تەتقىقاتچى مەشھۇر تارىخچى خاممېردۇر. 1827- يىلى خاممېر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە كېيىنچە مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تارىخچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قاراشقا ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ تۇنجى ھۆكۈمدارى ئوسمان غازى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سىياسىي تەشكىلاتلىنىشنىڭ نامى ئوسمانلى دەپ ئاتىلىدۇ. خاممېر تەكىتلىگەن يەنە بىر ئامىل بولسا، بەگلىكنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئېتىبارەن ئالەمشۇمۇل بىر ئىمپېراتورلۇققا ئېلىپ بارىدىغان پىرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشىدۇر. خاممېرغا كۆرە ئوسمانلىلار، بەگلىكتىن دۆلەتكە ئۆتۈش مۇساپىسىدە تۇنجى دۆلەت تەشكىلاتىنى قۇرغان چاغدا، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئانادولۇدا بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرغان سەلچۇقىيلار ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇئەسسەسەلىرىنى ئەينەن يولغا قويىدۇ. لېكىن دۆلەتتىن ئىمپېراتورلۇققا ئۆتۈش مۇساپىسىدە سەلچۇقىيلارنىڭ مۇئەسسەسەلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئابباسىيلار دۆلىتى ۋە قەدىمكى ئىران ئىمپېراتورلۇقلىرىنى ئۈلگە قىلىدۇ. خاممېرنىڭ قارىشىچە يەنە، فاتىھ مەزگىلىدە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىگىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇچرايدۇ.


.......................................................................................


خاممېردىن تەخمىنەن بىر ئەسىر كېيىن، 1916- يىلى «ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قۇرۇلۇشى» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىلىق مۇخبىر خ.ئا گىببونس ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم توختىلىدۇ. گىببونسنىڭ قارىشىچە، ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغان 400 چېدىرلىق تۈركمەن ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ، يېڭى بىر دىنىي غەيرەت ئىچىدە ۋىزانتىيەنىڭ ئۈچ رايونىغا ئىسلامىيەتنى تارقىتىش ئۈچۈن غازاتقا ئاتلىنىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلاملىشىش يالغۇز تۈركمەن گۇرۇپپىلار ئارىسىدىلا ئەمەس، رايوندىكى مەۋجۇت تۈرك بولمىغان قەۋملەر ئارىسىدىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسمى ئوسمانلى دەپ ئاتالغان بۇ يېڭى مىللەت، بىر جاھان ئىمپېراتورلۇقى بولغان ئوسمانلىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.


ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئالاقىدار قاراشلاردىن پەرقلىق يېڭى پىكىرلەر، 1935- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى زامانىۋىي تارىخچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدىغان ۋە ئوسمانلى سەدرىئەزەم ئائىلىسىنىڭ مەنسۇبى بولغان فۇئات كۆپرۈلۈ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆپرۈلۈنىڭ قارىشىچە ئوسمانلى بەگلىكىنىڭ مەيدانغا كېلىشى 13- ئەسىر سەلچۇقىيلار تۈركىيەسىدىكى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ئەسىردە ئۇچ رايونىغا خوراسان يولىنى بويلاپ ئانادولۇغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆپلىگەن تۈركمەن يەرلىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئانادولۇدىكى كۆپلىگەن جايلار يېڭىدىن پەتھى قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مەھەللىي بىر مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان سەلچۇقىيلار تۈركىيەسىنىڭ ئالىي ئىلىم مەركەزلىرىدىن كەلگەن دىنىي ئالىملار ۋە شەھەرلىك كەسىپ ئەھلىلىرى دۆلەتنىڭ تەشكىلاتلىنىشىدا ئۆز ئالدىغا رول ئوينايدۇ. خاممېر ۋە گىببونسنىڭ ئەكسىچە كۆپرۈلۈ، ئوسمانلىلارنىڭ ۋىزانتىيە مۇئەسسەسەلىرىنى ئەينەن ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ۋە سەلچۇقىيلار ئارقىلىق قەدىمكى تۈرك – ئىسلام دۇنياسىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئورگاندىن ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنى ئوغۇز قايى قەبىلىسىنىڭ قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


1937- يىلى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر تارىخچى بولسا، ئاۋۇسترالىيەلىك مەشھۇر تەتقىقاتچى پائۇل ۋىتتېك بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوسمانلى دۆلىتى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىل ئۇچ رايونىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئۇچ مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان ھايات شارائىتىدۇر. ئوسمانلىلار، غازات پىكرىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق بەگلىكلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە بۇ ئەنئەنىسىنى 14- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بالقان رايونىغا كېڭەيتىدۇ. دۆلەتنىڭ تەشكىلاتلىنىشى يۇقىرى تەلىم – تەربىيە ئالغان ۋە سەلچۇقىيلار تۈركىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇلار سەلچۇقىيلار دۆلىتىدىن ئىگىلىگەن پىكىرلىرىنى بۇ يېڭى دۆلەتتە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپرۈلۈ ۋە ۋىتتېكنىڭ قاراشلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋىتتېكنىڭ غازات پىكرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشىدۇر.


.......................................................................................


ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار نەزىرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان باشقا تارىخچىلار يۇقىرىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان بەش تەتقىقاتچىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ باشتا مەشھۇر تۈرك تارىخچىسى خالىل ئىنالجىكنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئىنالجىك 1980- يىلى يازغان بىر پارچە ماقالىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆپرۈلۈ ۋە ۋىتتېكنىڭ نەزىرىيەلىرىنى رەت قىلمىغان ئاساستا، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر نۇقتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى. ئۇنىڭ قارىشىچە بولۇپمۇ 13- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئانادولۇدا كۆرۈلگەن كۈچلۈك نوپۇس ھەرىكەتلىرى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى دەسلەپتە بىتھىنيا، ئارقىدىن رۇم ئەلى (بالقان رايونى) دە مەزكۇر ھەرىكەتچان ئىنسان كۈچىگە تايانغان ھالدا بىر ھەربىي سىياسەتنى يولغا قويغان ۋە قەدەممۇ قەدەم بىر يېرىم ئەسىر ئىچىدە جاھان ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇپ چىققان.


1983- يىلى ئامېرىكىلىق تارىخچى ۋە ئانتروپولوگ رۇدى پائۇل لىندنېر بولسا، 13 ۋە 14- ئەسىر ئانادولۇسىدىكى تۈرك قەبىلە ئالدىنقى پىلانغا چىقارغان قاراشلىرى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ. بۇ دەۋردە بىتھىنيادىكى تۈرك قەبىلە قورۇلمىسىنىڭ قان ۋە نەسەپنى چىقىش قىلىدىغان، لېكىن باشقىلارنى چەتكە قاقمايدىغان، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان روھىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ قەبىلە چۈشەنچىسىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى، دۆلەتلىشىش مۇساپىسىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن بولسا، ئوسمانلىلارنىڭ بۇ ئاساستىن يىراقلاشقانلىقى، كېلىپ چىقىش مەنبەسىدىن ياتلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەلۋەتتە يۇقىرىقى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاراشلىرىنىڭ نىسبەتەن بولسىمۇ توغرا تەرەپلىرى بار. لېكىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېشىپ بېرىۋاتقان ئوسمانلىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلار، ئوسمانلىلارنىڭ تۈرك خاراكتېرى، ساراي ۋە ئىدارە قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان تۈرك تىلىنى شۈبھىسىز شەكىلدە تەكىتلەيدۇ. لېكىن ئوسمانلىلارنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى رىم، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقلىرىغا ئوخشاش كۆپ دىنلىق، كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ ئېتىقادلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ ئاقىلانە دەپ قارىغان پىكىر ۋە سىياسەتلەرنى بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىسلام دۇنياسى، رىم ياكى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقلىرىغا ئائىت بولۇشىغا قارىماي پايدىلانغانلىقى ۋە ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق قىممەت – قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. تەتقىقاتچىلار، بۇ چۈشەنچىنىڭمۇ ئوسمانلىنى بەگلىكتىن ئىمپېراتورلۇققا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «ئوسمانلى سۇلتانلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمىدە «ئوسمان غازى (1299-1324)» ماۋزۇلۇق مەخسۇس تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.


ئۈچ قىتئەدە ئالتە ئەسىر بويىچە ھۆكۈم سۈرگەن بىر دۆلەتكە نامى بېرىلگەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئوسمان بەگنىڭ ھاياتىغا دائىر ئۇچۇرلار يېرىم داستان، يېرىم رېئال ئۇچۇرلار شەكلىدە زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوسمان بەگ، ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1258- يىللىرى ئەتراپىدا ھازىرقى بۇرسا شەھىرىگە يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان بىلەجىككە قاراشلىق سۆغۈتتە دۇنياغا كېلىدۇ. ئوسماننىڭ نامى پەقەت دۆلەتكىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەرگىمۇ بېرىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ ۋە خەلقى ئوسمانلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوسماننىڭ ئانىسى ھايمە خاتۇندۇر. بىر تۇغقانلىرى، ئاتىسى، تاغىسى ۋە ئوغلىنىڭ ئەرتۇغرۇل، دۈندار، گۈندۈز، ساۋجى، سارۇ ياتى ۋە ئورھان دېگەن ئىسىملىرىغا قارىغان ھالدا، ئوسماننىڭ تۈركچە ئىسىم بولغان ئاتامان ياكى ئوتمان دېگەن ئىسىمدىن كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىسلامىي ئەنئەنىگە كۆرە ئوسمانغا ئۆزگەرگەنلىكى، غەرب تىللىرىدا بولسا ئوسمانلىلارنىڭ “ئوتتومان” شەكلىدە ساقلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. لېكىن يېقىنقى يىللاردا تېپىلغان ۋە ئورھان غازى دەۋرىگە ئائىت بىر ئوسمانلى تەڭگىسىدە «ئوسمان بىن ئەرتۇغرۇل» ۋە بىر ئىزنەكتە “ئورھان بىن ئوسمان” ئىبارىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئوسمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


ئوسماننىڭ ئەرتۇغرۇلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇشىغا قارىماي مەنبەلەر، ئۇنى ئۇرۇش ۋە تۇتۇشتا، تۇرۇش ۋە ئولتۇرۇشتا ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىپ، گەرچە قېرىنداشلىرىنىڭ كىچىكى بولسىمۇ قىلىچۋازلىق ۋە ئەقلى بىلەن ھەممىسىنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئوغۇز داستانىدىكى ئۇسۇلغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە بايان قىلىدۇ. ئوسمان بەگنىڭ ھاياتىدا تەكىتلىنىشى كېرەك بولغان ئىككى مۇھىم ئىش بار. بۇلارنىڭ بىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانادولۇغا كېلىشتىن ئىلگىرى دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇچ رايونىدىكى سۆغۈتتە توغۇلغان بولۇشى، يەنە بىرى بولسا، كىچىك بولۇشىغا قارىماي ھاكىمىيەت كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، تاغىسى دۈندارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش ئارقىلىق بەگلىكنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشىدۇر. بۇ ئىككى ۋەقە ئوسمانلىلاردا، نەسەبنىڭ كۆپىنچە كىچىك ئوغۇلدىن باشلىنىشى ۋە تەخت يولىغا باش قويۇشى ئەنئەنىسىنىڭ ئوسماننى چىقىش قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.


ئوسمان غازىنىڭ بىلىنىدىغان ئىككى ئايالى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى مەشھۇر شەيخ ئەدەبالىنىڭ قىزى بالا خاتون، يەنە بىرى بولسا، ئۆمەر بەگنىڭ قىزى مالا خاتوندۇر. بالا خاتون ئورھان بەگ مەزگىلىدە بەگلەر بېگى بولغان ئالائەددىن ئەلى بەگنىڭ ئانىسى، مالا خاتون ئورھان بەگنىڭ ئانىسىدۇر. ئوسمان بەگ بۇ ئىككسىدىن باشقا يەنە ئىككى ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇلاردىن مەلىك، چوبان، ھامىت، پازارلۇ ۋە فاتىمە ئىسىملىك بەش پەرزەنتى دۇنياغا كېلىدۇ، لېكىن بۇلار ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇمات يوق. شەيخ ئەدەبالى، شۇ دەۋردە ئانادولۇدا كەڭ ئومۇملاشقان ئاھىلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئاھىلىك، تىجارەتچىلەرنى مۇئەييەن پىرىنسىپلار ئەتراپىغا توپلايدۇ، تىنچلىق مەزگىلىدە خەلققە سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەقدىم قىلىشنى، سودىگەرنىڭ دۇرۇس ۋە ئەخلاقلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەم كەسپى ھەم دىنىي جەھەتتىن تەلىم – تەربىيە بېرىدۇ. ھەر بىرى كەسىپ ئەھلى بولغان بۇ ئاھىلەر، نۆۋىتى كەلگەندە قوراللىق مۇنتىزىم بىر قۇشۇنغا ئايلىنالايدۇ. ئوسمان بەگنىڭ مانا بۇ ئاھى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بولغان شەيخ ئەدەبالىنىڭ قىزى بالا خاتون بىلەن ئۆيلىنىشى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا ھەم ماددىي ھەم مەنىۋىي مەرتىۋە بېغىشلايدۇ. ئوسمان غازى، كېيىنكى يىللاردا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە مۇجادىلە قىلغان كىشىلىرىنىڭ ئىچىگە ئاھىلاردىن ناھايىتى كۆپ كىشىنى كىرگۈزىدۇ.


.......................................................................................


ئوسمان بەگ، دەسلەپتە ئانادولۇ سەلچۇق سۇلتانىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئۇچ رايونىغا قوشنا ۋىزانتىيەگە قاراشلىق ۋىلايەتلەرنىڭ رۇم ئەمەلدارلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقىنى ئاتىسىنىڭ ياشىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەركەزلەشكەن 1281- يىلىدىن ئېتىبارەن ئىزچىل شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ بىلەجىك ھاكىمى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئوسمان بەگ يازدا يايلاققا چىقىدىغان چاغلاردا ماللىرىنى بىلەجىك ھاكىمىغا ئامانەت قويىدۇ ۋە قايتقان چېغىدا بۇ ماللارغا قول تەگمىگەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر مىقدارىنى بىلەجىك ھاكىمىغا قالدۇرۇپ قويىدۇ ۋە بۇ ئىشنى ھەر يىلى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئوسمان بەگ ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقان كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى يارھىسار ھاكىمى ئىدى. ئۇنىڭ قىزى ھولوفەرا (نىلۇفەر خاتون) نى ئوغلى ئورھانغا ئېلىپ بېرىدۇ.


ئوسمان غازى 1299 - يىلى ئارىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بار بولغان ھارمانقايا ھاكىمى كۆسە مىخائىلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئىنەگۆل ھاكىمى رەھبەرلىكىدە ئۆزىگە قارشى ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانغان بىر قىلتاقتىن خەۋەردار بولىدۇ. ترۇۋا ئۇرۇشلىرىدىكى “ياغاچ ئات ئەپسانىسى” نى ئەسلىتىدىغان بىر ۋەقە ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە ئادەملىرىنى بىلەجىك قەلئەسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ يەرنى قولغا كىرگۈزىدۇ. بىلەجىكنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن يارھىسار ۋە ئىنەگۆلنى قولغا كىرگۈزىدۇ. بۇ ئەسنادا ئىلخانلى ھۆكۈمدارى غازاخان قوشۇنى تەرىپىدىن سۇلتان ئۈچىنچى ئالائەتتىن كەيكۇبات قولغا ئېلىنىپ ئىرانغا ئەۋەتىلىدۇ. ھاكىمىيەت سېپىدىكى بۇ بوشلۇقتىن پايدىلانغان ئوسمانلىلار مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان دەپ قارىلىدۇ.


يىپەكچىلىك ۋە تۆمۈرچىلىك مەركىزى بولغان بىلەجىكنىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشى ئوسمانلىلارنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى شەھەر تەرەپكە جەلپ قىلىدۇ. 1301- يىلى ئىزنىكنىڭ يېنىغىلا تۈركمەن نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن يەنىشەھىر بىنا قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرگە سەلجۇقىيلاردىن قاچقان كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىمۇ كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئوسمان بەگ نامىغا تۇنجى خۇتبە يەنىشەھىردە 1301- يىلى ئوقۇلىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي قۇرۇلۇش يىلى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان 1302- يىلى 27- ئىيۇلدا ئىزمىتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان قەدىمكى بىر قەلئە بولغان قويۇنھىساردا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشتا ئورھان غازى، بىر ۋىزانتىيە قىسمىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدىكى بۇرسا، كەستەل ۋە كىتە ھاكىملىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش تارىختا ‹قويۇنھىسار› ياكى ‹بابھېئون› ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەسنادا ئوسمان غازىنىڭ ئەتراپىدا سامسا چاۋۇش، ئاقچا كوجا، قونۇرئالىپ، قارا بالابان، ھەسەن ئەلى، ئايدوغدۇغا ئوخشاش جەڭچىلىك بىلەن شۆھرەت قازانغان كىشىلەر ئورۇن ئالىدۇ. قويۇنھىسار ئۇرۇشىدا ئوسمان غازىنىڭ قېرىندىشى گۈندۈز بەگنىڭ ئوغلى بولغان جىيەنى ئايدوغدۇ شېھىت بولىدۇ. ئوسمان، قولغا كىرگۈزگەن كەڭ كەتكەن زېمىنلارنى ئوغۇزلارنىڭ ئەنئەنىسىگە كۆرە ئائىلىسى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق قوماندانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. قېرىندىشى گۈندۈز بەگكە ئەسكىشەھىرنى، ئوغلى ئورھانغا قاراجا ھىسارنى، ھەسەن ئالپقا يارھىسارنى، تۇرگۇت ئالپقا ئىنەگۆلنى بېرىدۇ.


.......................................................................................


1308- يىلى ئىزمىت – ئىزنىك يولىدىكى قارا ھىسار قەلئەسى ئېلىنىدۇ. 1313- يىلى ئوسمان بەگنىڭ دوستى ھارمانقايا ھاكىمى كۆسە مىخائىل مۇسۇلمان بولىدۇ. ئوسمانلىلار، شىمالغا ۋە شەرققە يۈزلىنىپ ساكاريا ۋادىسى بويىچە لەفكە (ئوسمانلى)، مەكەجە، ئاق ھىسار، گەيۋە ۋە گۆلپازار (لەبلەبەجى) ئېلىنىدۇ ۋە بۇرسانى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا تىرىشىدۇ.


ئوسمان بەگنىڭ 1320- يىلىدىن كېيىنكى ۋەقەلەردە نامى دېگەندەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ داملا ياكى گۇت، نىكرىس دەپ ئاتىلىدىغان بىر كېسەللىككە مۇپتىلا بولغانلىقى مەلۇم. بۇ، كېيىنكى ئوسمانلى خانىدانىغا مەنسۇپ باشقا سۇلتانلار ئارىسىدىمۇ كۆپلەپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ھاكىمىيەت ئۈچۈن نەسەبنىڭ كىچىك بالىدىن باشلىنىشىمۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسماندىن قالغان مىراسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.


ئوسمان بەگنىڭ 1324- يىلى بەگلىكنى ئوغلى ئورھانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ۋە 1327- يىلى تەقدىرىدە پۈتۈلگەن بىر كۈندە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم. ئوسمان بەگنىڭ مۇھاسىرە قىلىۋاتقان بۇرسانى قولغا كىرگۈزۈشكە كۆزى يەتمەيدۇ. ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بۇرسا قەلئەسىدىكى گۈمۈشلۇ گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. ۋاپات بولغاندا سۆغۈتتە دەپنە قىلىنىدۇ. 1326- يىلى بۇرسا قولغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ۋەسىيىتىگە ئاساسەن بۇ يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ نامىدا بۇ يەردە بىر گۈمبەز سېلىنىدۇ. ئوسمان بەگ 69 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى ۋە 27 يىل ھۆكۈم سۈرگەن دەپ قارىلىدۇ. ئوسمان بەگنىڭ مىراسىدىن ئالتۇن – كۆمۈشكە ئائىت بىر نەرسە چىقمايدۇ. پەقەت ئادەتتىكى كۈندىلىك كىيىم – كېچەك ۋە قىلىچقا ئوخشىغان شەخسى قوراللىرى چىقىدۇ. ئۇ، دۆلەت خەزىنىسىدىن چىقىم قىلماي، ئۆزىنىڭ شەخسى مۈلكى بولغان ئۈچ توپ قويىنى سېتىپ قولغا كەلتۈرگەن كىرىمىنى ھاياتى بويىچە خەجلەيدۇ.


ئوسمانلى دۆلىتىگە نامى بېرىلگەن ۋە 624- يىل داۋاملاشقان ئوسمانلى ئىپمېراتورلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئوسمان بەگنى تارىخىي مەنبەلەر ئوتتۇرا بويلۇق، كۆكسى كەڭ، يۈزى يۇمىلاق، چىرايى قارامتۇل، قوڭۇر كۆزلۈك، قاڭشارلىق ۋە شالاڭ ساقاللىق كىشى ئىدى دەپ تەرىپلەيدۇ. ئوسمان بەگنىڭ نامىغا ئاتاپ سۆغۈت ۋە بۇرسادا كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىنشا قىلىنغان ۋە ئانىسى ھايما خاتون ئۈچۈنمۇ دومانىچقا قاراشلىق چارشەنبە يېزىسىدا ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد تەرىپىدىن بىر قەبرە ياسىتىلغان.


«ئورھان غازى (1361-1324


ئورھان غازى، ئوسمانلى بەگلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازىنىڭ ۋە تۈركمەن بېگى ئۆمەر بەگنىڭ قىزى مال خاتوندىن بولغان ئوغلىدۇر. ئۇنىڭ 1280- يىللىرى دۇنياغا كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ئوسمانلى مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، قېرىندىشى ئالائۇددىن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەختنى بوشىتىپ بەرگەن. ئورھاننىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇمات بار. ئوسمانلى دۆلىتىگە ئائىت تېپىلغان تۇنجى پۇل ئورھان بەگ دەۋرىگە ئائىت بولۇپ، 1324- يىلى بېسىلغان. بۇ ۋاقىت، ئاتىسى ئوسماننىڭ ھايات چېغىدا ئورھاننىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئورھان بەگ ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان بىرىنچى قول ۋىزانتىيە مەنبەلىرىمۇ بار. تەخمىنەن بىر ئەسىر كېيىن يېزىلغان ئوسمانلى مەنبەلىرىمۇ ئورھان ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.


بۇ مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 1299- يىلى ئورھان يارھىسارنىڭ ۋىزانتىيەلىك ئەمەلدارىنىڭ قىزى نىلۇفەر (ھولوفېرا) بىلەن ئۆيلەنگەن. نىلۇفەر مۇسۇلمان بولغان. نىلۇفەر، ھازىرقى كۈندىمۇ بۇرسانى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆستەڭگە نامىنى بېرىدۇ ۋە بۇرسادىكى ناھايىتى كۆپ خەير – ساخاۋەت بىناسىنىڭ ئىنشا قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئورھان بىلەن نىلۇفەرنىڭ ئۆيلىنىشىدىن رۇمئەلىنىڭ تۇنجى ئوسمانلى فاتىھى بولغان سۇلەيمان پاشا بىلەن ئورھاننىڭ ئورنىغا ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرىدىغان بىرىنچى مۇرات دۇنياغا كېلىدۇ.


ئورھان ئاتىسى ھاياتتا چېغىدىلا يەنىشەھىر ۋە سۆغۈت رايونىدا كۆپلىگەن ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىدۇ. 1326- يىلى ئوسمانلىنىڭ بۇ يۈرۈشلىرى ئىستانبۇلنىڭ قارشىسىدىكى ساھىللارغا قەدەر سۇزۇلىدۇ ۋە بىتھىنيا رايونىدىكى كۆپلىگەن شەھەر ئوسمانلىلار تەرىپىدىن مۇھاسىرە ئاستىغا ئېلىنىدۇ. 1326- يىلى بۇرسا پەتھى قىلىنىدۇ. شۇ يىلى ۋاپات بولغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن بۇ يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئورھان بەگ، بۇرسانى پايتەخت قىلىپ يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ۋىزانتىيەگە قارشى ھەربىي يۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.


ئوسمانلى بەگلىكىنى بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقارغىلى بولمايدىغان بىر كۈچكە ئايلاندۇرغان ئۇرۇش، 1329- يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئۈچىنچى ئاندرونىكوس پالېئولوگوس بىلەن ئورھان قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قىسىملىرى ئارىسىدا پېلېكانون (ئۈسكۈدار دارىجا / ئەسكىھىسار) دا مەيدانغا كېلىدۇ. پېلېكانون ئۇرۇشىدا ئوسمانلى قىسىملىرى ۋىزانتىيە قىسىملىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ ۋە ئىمپېراتور ئاندرونىكوس يارىدار ھالەتتە ئاران قېچىپ قۇتۇلىدۇ.


ئوسمانلىنىڭ ئىلگىرىلىشى سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىدۇ. 1331- يىلى ئىزنىك مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ قولغا كىرگۈزۈلىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىزنىك ئوسمانلى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئوسمانلى تارىخىدا ئالدىمىزغا ئۇچرايدىغان تۇنجى مەدرەسەلەر بۇ يەردە قۇرۇلىدۇ. ئوسمانلىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئالدىدا 1333- يىلى ۋىزانتىيەلىكلەر ئوسمانلىلارغا ھەر يىلى 12 مىڭ ئالتۇن تۆلەش بەدىلىگە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. لېكىن بۇ كېلىشىم 1337- يىلى بوزۇلىدۇ ۋە ئورھان ئىزمىتنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئوسمانلى تەۋەلىكىگە قوشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوسمانلى دۆلىتى قۇرۇلغان رايوندىكى ئۈچ مۇھىم ۋىزانتىيە شەھىرى يەنى بۇرسا، ئىزنىك ۋە ئىزمىت ئورھان دەۋرىدە ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ.


.......................................................................................


1330- يىللاردا ئانادولۇدىكى تۈركمەن بەگلىكلىرىنى زىيارەت قىلغان ماراكەشلىك سەيياھ ئىبنى بەتتۇتانىڭ ۋە مىسىرلىق يازغۇچى ئەلئۆمەرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدىكى بەگلىكلەر ئارىسىدا ئەڭ ئابرويلۇقلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئورھان ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى ئوسمانلى بەگلىگى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ تەرىپلىشىگە كۆرە ئورھان، بۇ شۆھرىتىنى ئەقىدىسىز خىرىستىيانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان جىھادلىرىدىن ئالغان. ئورھان، 1341- 1347 يىللىرى ئارىسىدا ۋىزانتىيە دۇچ كەلگەن ئىچكى ئۇرۇشقا مۇداخىلە قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇق خانىدانى بولغان پالېئولوگوسلارغا قارشى كانتاكۇزېنوس ۋە ئائىلىسىنى قوللايدۇ. كانتاكۇزېنوسنىڭ يېنىدا ئورھانغا قاراشلىق تۈرك ئەسكەرلىرى تراكيادا سېرىپلار ۋە پالېئولوگوس تەرەپدارلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. كانتاكۇزېنوس ئورھان بىلەن تۈزگەن بۇ ئىتتىپاقنى قىزى تېئودورانى ئۇنىڭغا كېلىن قىلىپ بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئوسمانلى تۈركلىرى كانتاكۇزېنوسنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تراكيا ۋە ماكېدونىيە يۈرۈشلىرى ئەسناسىدا بۇ جايلارنىڭ يەر شەكلى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار بۇ مەلۇماتلىرىنى كېيىنچە بۇ يەرنى پەتھى قىلغاندا ئىشقا سالىدۇ.


1346- يىلى ئورھان دىققىتىنى ۋىزانتىيەدىن ھازىرقى بالىكەسىر ۋە ئەتراپىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقان تۈركمەن قارەسى بەگلىكىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. قارەسى بەگلىكى ئىچىدىكى تەخت تالىشىش كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، بۇ بەگلىكنى ئوسمانلى تەۋەلىكىگە كىرگۈزىۋالىدۇ. ئەگە ساھىللىرىدا زېمىنغا ۋە دېڭىزچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان قارەسى بەگلىكىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىگە تەۋە قىلىنىشى ئوسمانلىلارنىڭ دېڭىزچىلىققا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتا قارەسىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن 36 كېمە ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 1351- يىلى جەنەۋىز بىلەن ۋەنەدىك ئارىسىدا چىققان ئۇرۇشتا ئورھان بەگ جەنەۋىزنى قوللاپ، دەسلەپتە ئارقا سەپ تەمىناتى بېرىدۇ، ئارقىدىن توققۇز كېمىدىن تەشكىل تاپقان دېڭىز قىسمىنى جەنەۋىزلىكلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يوللايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1352- يىلى تۇنجى ئوسمانلى – جەنەۋىز سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. بۇ كېلىشىم ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ۋىزانتىيەدىن كېيىن بىر غەرب دۆلىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشى دېگەنلىك بولاتتى.


1352- يىلى ئوسمانلىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بىر ۋەقە مەيدانغا كېلىدۇ. ئورھان بەگنىڭ ئوغلى سۈلەيمان پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈرك قوشۇنى چاناققەلئە بوغۇزىنىڭ رۇمئەلى تەرىپىگە جايلاشقان چىمپى قەلئەسىنى قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ يەرگە ئورۇنلىشىدۇ. چىمپى بالقان رايونىدىكى ئوسمانلىلار قولغا كىرگۈزگەن تۇنجى تورالغۇ مەركىزى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن 1354- يىلى مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە قەلئە تاملىرى يېقىلىپ چۈشكەن گەلىبولۇ قولغا كىرگۈزىلىدۇ. گەلىبولۇ بۇ رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قەلئەسى بولۇپ، ئوسمانلىلار بۇ يەرگە ئىككىنچى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدىغان يەر دەپ قارايدۇ. شۇ يىلى ئوسمانلىلار شەرق تەرەپكە يۈرۈش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئانادولۇدىكى گەرەدە بىلەن ئەنقەرەنى ئوسمانلى دۆلىتىگە قارىتىدۇ.


.......................................................................................


1354- يىلى گەلىبولۇنىڭ ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن باشلانغان بالقاننى پەتھى قىلىش ئۇرۇشلىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىدۇ. 1357- يىلىغا قەدەر بولايىر، تەكىرداغ، چورلۇ، مالقارا ئوسمانلى دۆلىتى تەۋەلىكىگە كىرگۈزىلىدۇ. لېكىن ئوسمانلىنىڭ بۇ سۈرئەتلىك ئىلگىرىلىشىنى توختىتىپ قويغان ئىككى ۋەقە مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى، 1357- يىلى رۇمئەلىنىڭ پەتھى قىلغۇچىسى دەپ تونۇلغان ئورھان غازىنىڭ ئوغلى سۈلەيمان پاشانىڭ چورلۇ ئەتراپىدا ئوۋ ئوۋلاش ئەسناسىدا ئېتىدىن يېقىلىپ كېتىپ ۋاپات بولۇشى؛ يەنە بىرى، ئورھاننىڭ تېئودورادىن بولغان ئوغلى خەلىلنىڭ 1357- يىلى ئىزمىت بوغۇزىدا قېيىق بىلەن كېتىۋاتقاندا، جەنەۋىزلىك دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن فوچادا ئەسىرگە ئېلىنىشىدۇر. ئورھان غازى ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ۋىزانتىيەلىكلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزىدۇ ۋە فىديە سۈپىتىدە ناھايىتى كۆپ پۇل تۆلەيدۇ. بالقان رايونى تەرەپتىكى پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرى 1361- يىلىغا قەدەر توختاپ قالىدۇ. 1361- يىلى ئوسمانلىلار بالقان رايونىدىكى پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرىنى دىمەتوكانى تەكرار قولغا كىرگۈزۈش بىلەن باشلايدۇ.


لېكىن 1362- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا ئورھان غازى ۋاپات بولىدۇ. ئورنىغا سۇلتان بىرىنچى مۇرات تەختكە ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بالقاننى پەتھى قىلىش ئۇرۇشلىرى ئۇ داۋاملاشتۇرىدۇ. ئورھان ئارقىسىدا باياشاتلىق ئىچىدىكى كۈچلۈك بىر دۆلەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، سۇلتان بىرىنچى مۇرات دادىسىدىن قالغان بەگلىكنى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ.


ئوسمانلى بەگلىكىنىڭ زېمىنى ئەنقەرەدىن تەكىرداغقا قەدەر سوزۇلغان ئاسىيا – ياۋروپا زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەدە يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ. ئورھان غازى، بەگلىككە قاراشلىق زېمىنلارنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئوغۇللىرى ۋە ھەربىي قوماندانلار ئارىسىدا مەركەزگە قاراشلىق بولۇش شەرتى ئاستىدا تەقسىملەپ بېرىدۇ. ھەربىي ساھەدە بولسا، پەقەت ئۇرۇش پەيتلىرىدىلا يىغىلىدىغان ئىنتىزامسىز ئەسكەرلەرگە ئىلاۋە ھالدا “مۇسەللەم” دەپ ئاتىلىدىغان مۇنتىزىم قىسىملار بىلەن بىرلىكتە «يايا» دەپ ئاتىلىدىغان پىيادىلەر قىسملىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.


ئورھان مەزگىلىدە جامەلەر، خەيىر – ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەر سېلىنىدۇ. بۇ دەۋردە ئاھىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە دىنىي ھايات جانلىنىدۇ. لېكىن ئورھان،«غازى» سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى ۋە ئۆمرىنى ۋىزانتىيەگە قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇشىغا قارىماي، دىنىي سىياسەتلەرنى قارىغۇلارچە ئىجرا قىلمايدۇ. ئۇ، دىنداش ۋە ئىرقدېشى بولغان قارەسى بەگلىكىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشتىن چېكىنمىگەندىن سىرت، خىرىستىيانلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى توختاۋسىز شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئورھان غازىنىڭ بۇرسا ۋە باشقا ۋىزانتىيە شەھەرلىرىنىڭ پەتھى قىلىنىشى ئەسناسىدا خىرىستىيانلارنىڭ خاراج ۋە باشقا تۆلەشكە تېگىشلىك باجلىرىنى ئادا قىلىشى شەرتى ئاستىدا مەھەللىي خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، بۇرۇنقى رىم ھۆكۈمدارلىرىنىڭ خالىغىنىدا شەھەردىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى، تول قالغان رىم ئاياللىرىنىڭ ئوسمانلى ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆيلىنىشىگە رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە ئۇلارنى قەلئە مۇھاپىزەتچىلىكىگە تەيىنلىنىشى قاتارلىقلارنى ئوسمانلىلارنىڭ دەسلەپكى سىياسەتلىرىگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئورھان غازى ئۆز نامىدا پۇل باستۇرغان تۇنجى ئوسمانلى سۇلتانى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ كىرىملىرىنىمۇ ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، بۇ مەقسەتتە يېزا – ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق كىرىملىرىدىن باشقا پەتھى قىلىنغان يەرلەردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن غەنىمەتلەر، خىرىستىيان دۆلەتلەردىن ئېلىنىدىغان خاراجلار ۋە بولۇپمۇ ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن قىلىنغان سودىدىن ئېلىنغان تاموژنا باجلىرى ئارقىلىق ساغلام بىر دۆلەتنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.


«بىرىنچى مۇرات خۇداۋەندىگار (1389-1361


ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان ئۈچىنچى ھۆكۈمدارى بولغان بىرىنچى مۇرات، ئورھان بەگنىڭ نىلۇفەر خاتۇندىن بولغان ئوغلى بولۇپ، 1326- يىلى يەنى بۇرسا پەتھى قىلىنغان يىلى دۇنياغا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. سۇلتان مۇراتنىڭ ئىسمى غەرب مەنبەلىرىدە ئامۇراتىس ياكى ئامۇرات دەپ بايان قىلىنىدۇ. مۇرات بەگنىڭ سۈپەتلىرى ئارىسىدا غازى ھۇنكار ۋە خۇداۋەندىگار قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا خۇداۋەندىگار سۆزى بۇرسانى مەركەز قىلغان بارلىق بىتھىنيا رايونىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. دەسلەپكى ئىككى ئوسمانلى سۇلتانى ئوسمان بىلەن ئورھان “غازى” ۋە “بەگ” سۈپەتلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىرىنچى مۇراتتىن باشلاپ ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ “سۇلتان” سۆزىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى، خۇداۋەندىگار سۈپىتىنىڭ ئوسمانلى تارىخ مەنبەلىرىدە پەقەت بىرىنچى مۇرات ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن بىر سۈپەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.


بىرىنچى مۇرات ئاتىسى ئورھان بەگ زامانىدا ھازىرقى كۈندە ئەسكىشەھىر ۋىلايىتى چېگرىسى ئىچىدە قالغان ئىنۆنۈ ۋە كېيىنچە بۇرسا سانجاق بەگلىكلىرىدە تۇرىدۇ. ئاكىسى سۈلەيمان پاشا بىلەن بىرلىكتە رۇمئەلىنى پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. بىراق سۈلەيمان پاشانىڭ تويۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى مۇراتنىڭ ھۆكۈمدار بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە 1362- يىلى مۇرات ئاتىسى ئورھاننىڭ ئورنىغا ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرىدۇ. بىرىنچى مۇرات بالقان رايونىدا پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئاتلانغان تۇنجى ئوسمانلى سۇلتانى نامىنى ئالىدۇ. بۇ غەلىبىسى ئۇنىڭ “غازى” سۈپىتىگە ئىگە بولۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىرىنچى مۇرات ھۆكۈمدارلىق تەختىدە ئولتۇرغان 1389- يىلىغا قەدەر تەخمىنەن 27 يىل بويىچە ۋىزانتىيە، بۇلغار ۋە سېرىپلاردىن باشقا جانەۋىز ۋە ۋەنەدىكلىكلەرگە قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ خىل سىياسىي شارائىتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن سىياسىي تەرەپلەرنىڭ بەزىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتىن ئۆزىنى تارتمايدۇ.


ئۆزىگە قاراشلىق ھۇجۇمچى بەگلەر – ئەۋرەنوس بەگ، ھاجى ئىلبېگى ۋە بەگلەر بېگى لالە شاھىن قوماندانلىقى ئاستىدىكى قوشۇن سۈرئەت بىلەن بالقان رايونىغا يېيىلىدۇ. 1368- يىلى ئەدىرنە ئۈزۈل – كېسىل ھالدا ئوسمانلى تەۋەلىكىگە كىرگۈزىلىدۇ. 1371- يىلى ئوسمانلىلارنىڭ بالقان رايونىدىكى ئىلگىرىلىشىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان سېرىپ، بوسنا ۋە ۋىنگىر ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان قۇشۇن گىرمەنگە يېقىن جايدىكى مەرىچ دەرياسى بويىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ. ئوسمانلى ئەسكەرلىرى بۇلغارىيەدە بالقان تاغ تىزمىلىرىغا قەدەر يۈرۈش قىلىدۇ. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى بەشىنچى لوئاننېس پالېئولوگوس ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوسمانلى قوشۇنى ماكېدونىيە تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەپ سەرەز، دراما ۋە كاۋالانى ئەۋرەنوس بەگنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قولغا كىرگۈزىدۇ. لالا شاھىنمۇ شەرقىي بۇلغارىيە تەرەپكە ئىلگىرىلەپ ساموكوۋغا قەدەر بارىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ بۇ پەتھىلىرى پەقەت ئەسكىرى ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇلار ئانادولۇدىن ئېلىپ كەلگەن مۇسۇلمان تۈركلەرنى بالقان رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ يەرنى ئۆزلىرىگە يۇرت قىلىشقا باشلايدۇ. 1371 – يىلىدىن كېيىن سېرىپلار ۋە بۇلغارلارمۇ بىرىنچى مۇراتنىڭ سادىق بەگلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئانادولۇدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋىزانتىيە زېمىنى ئالاشەھىرمۇ 1379- يىلى ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ...


بالقان رايونىدا كۈچەيگەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئانادولۇ بەگلىكلىرى ئۈستىدىكى نوپۇزىمۇ ئاشىدۇ. سۇلتان مۇرات، ئوغلى بىرىنچى بەيازىدنى گەرمىيان بېگىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەندۈرۈپ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. قىز تەرەپنىڭ تويلۇق ھەدىيەسى سۈپىتىدە مەركىزى كۈتاھيا بولغان گەرمىيان بەگلىكى زېمىنلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئوسمانلى دۆلىتىگە بېرىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئانادولۇنىڭ گۆللەر رايونىدا قۇرۇلغان ھامىتئوغلۇ بەگلىكىمۇ سېتىۋېلىنىپ، ئوسمانلى دۆلىتىگە قوشىۋېتىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن، ئوسمانلى دۆلىتى ئانادولۇ بەگلىكلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك ھالغا كېلىپ، قارامان ئوغۇللىرى بىلەن رەقىپ ھالغا كېلىدۇ.


............................................................


1385- يىلى ئوسمانلىلارنىڭ ياۋروپادىكى ئىلگىرىلىشى داۋاملىشىدۇ ۋە جاندارلى خەلىل پاشا قوماندانلىقىدىكى قۇشۇن ئەپىر ۋە ئالبانىيەگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ. 1385- يىلى سوفيا، 1386- يىلى نىش ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. ئىتالىيە جۇمھۇرىيەتلىرى جەنەۋىز بىلەن ۋەنەدىك 1385 ۋە 1387- يىللىرى بىرىنچى مۇرات بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. 1386- يىلى بىرىنچى مۇرات بىلەن قارامانئوغلى ئالائۇددىن ئوتتۇرىسىدا كونيادا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش ئوسمانلىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بالقانلاردىمۇ ھۇجۇمچى بېگى ئەۋرەنوس بەگ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن موراغا قەدەر ئىلگرىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى مورادىكى ۋىزانتىيە ۋە لاتىن خانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇجادەلەدە ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان يۈكسەك بىر كۈچكە ئايلىنىدۇ.


لېكىن 1388- يىلى كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئوسمانلىنىڭ ھۇجۇمچى قىسىملىرى موراۋا دەرياسىغا قويۇلىدىغان توپلىچا دەرياسى بويىدىكى پلوچنىكتە سېرىپ ۋە بوسنا قوشۇنلىرى ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. پلوچنىك ۋەقەسى بالقان رايونىدا ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالايدىغان كۈچلەرنىڭ ھېلىھەم بارلىقىنى كۆرسىتەتتى. ئوسمانلىلار بۇ مەغلۇبىيەتكە دەرھال جاۋاب بېرىپ، يەنە شۇمنۇ ۋە تىرنوۋاغا قەدەر ئىلگىرىلەيدۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىرىنچى كوسوۋا ئۇرۇشى مەيدانغا كېلىدۇ. بىرىنچى مۇرات بىۋاسىتە ئۆز قوماندانلىقى ئاستىدىكى قوشۇنى بىلەن سېرپلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئاتلىنىدۇ. 1389- يىلى 20- ئىيۇندا يۈز بەرگەن بىرىنچى كوسوۋا ئۇرۇشى بالقان رايونىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش ئەسىرلىك تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. گەرچە ئۇرۇش جەريانىدا بىرىنچى مۇرات شېھىت بولغان بولسىمۇ، سېرىپلار ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بالقان رايونىدا ئوسمانلى قوشۇنلىرىنى توختىتىپ قويالايدىغان بىر كۈچ قالمايدۇ. ۋىزانتىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېرىپلار، بۇلغارلار ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ساداقەتمەنلىرىگە ئايلىنىدۇ.


ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلگەن بىرىنچى مۇراتنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ھازىرقى كۈندىمۇ كوسوۋادا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مەقبەرەگە دەپنە قىلىنىدۇ. بۇ يەر كېيىنچە رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركلەر ئۈچۈن ھەر دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان بىر يەرگە ئايلىنىدۇ. بىرىنچى مۇراتنىڭ بەدىنى بولسا، بۇرساغا ئېلىپ كېلىنىپ چەكىرگە رايونىدا ئىنشا قىلىنغان خۇداۋەندىگار جامەسىگە دەپنە قىلىنىدۇ.


.......................................................................................


بىرىنچى مۇرات ئاتىسى ئورھان غازىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان بىر بەگلىكنى كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدە ئوسمانلى زېمىنىنى كونيادىن كوسوۋاغا قەدەر كېڭەيتىدۇ. رايوندىكى ۋىزانتىيە دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە سېرپ ۋە بۇلغار چارلىقلىرى ئوسمانلى دۆلىتىگە بويسۇنىدۇ. ئوسمانلىلار، رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ بۇ كۈچكە ئېرىشىشىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىمۇ ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. ھەربىي ساھەدە ئاتىسى ئورھان بەگ دەۋرىدە شەكىللەندۈرۈلگەن ۋە مۇسۇلمان تۈركمەنلەردىن تەشكىل تاپىدىغان پىيادە ۋە مۇسەللەم قىسىملارغا سۇلتان مۇرات دەۋرىدە «يېڭى ئەسكەر» مەنىسىدىكى يەنىچەرى قىسىملىرى ئىلاۋە قىلىنىدۇ. چۈنكى «كۆپلەپ يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئۇرۇشلار يېڭى ئەسكەر ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، پىيادە ۋە مۇسەللەم قىسىملىرى يېتەرسىز ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بۇرسانىڭ قازىلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن قارا خەلىلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەسىرگە ئېلىنغان خىرىستىيان كۈچلەردىن يەنىچەرى نامىدا يېڭى بىر ھەربىي بىرلىك شەكىللەندۈرۈلىدۇ. گېرمان ئەسىرلەر ئانادولۇدىكى تۈرك ئائىلىلىرىنىڭ يانلىرىغا ئەۋەتىلىپ، تۈرك – ئىسلام ئادەتلىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن «ئاجەمى ئوجاغا» دەپ ئاتىلىدىغان گەلىبولۇدىكى قىسىمغا قوبۇل قىلىنىپ، تەربىيلىنىدۇ. يەنىچەرىلەر 1826- يىلىغا قەدەر ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.


مالىيە ساھەسىدە يېڭىلىقلار يارىتىلىدۇ. ئۆلىمالاردىن قارامانلىق قارا رۇستەم ۋە ۋەزىر جاندارھ ھەيرەتتىن پاشا مەزكۇر يېڭى مالىيە سىياسەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەسىرلەرنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ خەزىنىگە ئائىت بولۇشى سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. ئەسىر بېشىغا 125 ئاقچا دەپ بەلگىلەنگەن قىممەتنىڭ بەشتىن بىرى سۈپىتىدە 25 ئاقچا باج قويىلىدۇ. بۇ، بەشتىن بىر دېگەن مەنىدە «پەنجىك بېجى» دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنچە بۇ، غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان «ئىسپەنچە» بېجىغا ئۆزگىرىدۇ. لېكىن ئوسمانلى دۆلىتى پەقەت خىرىستىيانلاردىنلا ئەمەس، مۇسۇلمانلاردىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باج ئالىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتى «پەنجىك» نامى ئاستىدا خىرىستىيانلاردىن ئالغان بۇ باجنى مۇسۇلمانلاردىن «رائىيەت رۇسۇمى» نامى ئاستىدا 18 ئاقچىدىن ئالىدۇ. بۇ سىياسەت ئوسمانلى مالىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.


بىرىنچى مۇرات، بوۋىسى ۋە ئاتىسى ئىشلەتكەن «غازى» سۈپىتىدىن باشقا ئوسمانلى تارىخىدا «سۇلتان» نامىنى ئىشلەتكەن تۇنجى پادىشاھ ھېسابلىنىدۇ. بۇرسادا ھازىرقى كۈندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خۇداۋەندىگار جامەسىنى سالدۇرىدۇ. ئانىسى نىلۇفەر خاتۇن نامىدا بىلەجىك ۋە ئىزنىكتە ئىمارەتلەرنى سالدۇرىدۇ. بالقان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى سەرەزدە بىرىنچى مۇراتنىڭ ۋەزىرى جاندارھ قارا خەلىل تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان بولسا، بىرىنچى مۇرات تەرىپىدىنمۇ فىلىبەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى بولغان جۇمە جامەسى ئىنشا قىلىنىدۇ. بىرىنچى مۇرات ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن ئوسمانلى سۇلتانلىرى ۋە مۇسۇلمان تۈركلەر ئارىسىدا ئۆمرىنى ئۇرۇشلار ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ۋە مەيدان ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ھېكايە قىلىنىپ كەلمەكتە.


«يىلدىرىم بەيازىد (1402-1389


ئوسمانلىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان تۆتىنچى ھۆكۈمدار، بىرىنچى بەيازىد دېگەن نام بىلەنمۇ تونۇلغان يىلدىرىم بەيازىدتۇر. يىلدىرىم بەيازىد ئوسمانلى سۇلتانى بىرىنچى مۇراتنىڭ گۈلچىچەك خاتوندىن بولغان ئەڭ چوڭ ئوغلىدۇر. گەرچە ئوسمانلى يىلنامىچىلىرى يىلدىرىم بەيازىدنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشسىمۇ، ئۇنىڭ 1360 بىلەن 1362- يىللار ئارىسىدىكى بىر ۋاقىتتا دۇنياغا كەلگەنلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ.


يىلدىرىم بەيازىد، ئاتىسى سۇلتان بىرىنچى مۇراتنىڭ 1389- يىلىدىكى كوسوۋا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇرۇش ساھەسىدىكى قارارگاھ چېدىرىدا ئوسمانلى سۇلتانى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. بىر قىسىم مەنبەلەر “يىلدىرىم” لەقىمىنىڭ ئۇنىڭغا 1386- يىلى قارامانئوغۇللىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن چىۋەرلىكى ۋە قاراملىقى يۈزىسىدىن، يەنە بەزىلەر بولسا، بۇ لەقەمنىڭ بەيازىدنىڭ ئاچچىقى يامان ۋە ھاكاۋۇر تەبىئىتى بىلەن چاقماق (يىلدىرىم) قا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ لەقىمىنىڭ تۈركچە نامى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تارىخچىلارمۇ بار.


ئوسمانلى مەنبەلىرى يىلدىرىم بەيازىد ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ 1381- يىلىدىكى گەرمىيانئوغۇللىرىنىڭ قىزى سۇلتان خاتۇن بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن توختىلىدۇ. بۇ ئۆيلىنىش، بىرىنچى مۇراتنىڭ گەرمىيان زېمىنلىرىنى ئوسمانلى زىمىنلىرىغا قىز تەرەپنىڭ ئوغۇلغا بېرىدىغان تويلۇقى يولى بىلەن قوشىۋېلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. نەتىجىدە گەرمىيان بەگلىكى، زېمىنلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئوسمانلىلارغا قىز تەرەپ تويلۇقى سۈپىتىدە بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەگرىگۆز، سىماۋ ۋە تاۋشانلى (توشقانلىق) يېزىلىرى بىلەن گەرمىيان ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى كۈتاھيا ئوسمانلى زېمىنىغا ئايلىنىدۇ.


گەرمىيانئوغۇللىرىدىن ئېلىنغان يەرلەرگە يىلدىرىم بەيازىد بەگ قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بەيازىد، 1385- يىلى بىرىنچى مۇراتقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قېرىندىشى ساۋجى بەگ ۋەقەسىدە ئاتىسى تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەتلى قىلىنىشىدا رول ئوينايدۇ. 1386- يىلىدىكى قارامان يۈرۈشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىرىنچى مۇرات، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۆزى نىگاھىغا ئالىدۇ، باشقا ئىككىسىنى ئوغۇللىرى بەيازىد بىلەن ياقۇبقا نىكاھلاپ قويىدۇ.


1389- يىلى كوسوۋادا ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئوسمانلى سۇلتانى دەپ ئېلان قىلىنغان بەيازىد، دۈشمەنگە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان قېرىندىشى ياقۇبنى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن چاقىرىتىپ كېلىپ، چېدىردا بوغۇپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەيازىد ئوسمانلى تارىخىدا سەلتەنەت تالىشىدۇ دەپ، قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن تۇنجى پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال، ياقۇبنىڭ بىر قىسىم تەرەپدارلىرى بىلەن ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن ئانادولۇ بەگلىكلىرىنىڭ يىلدىرىم بەيازىدقا قارشى تۇرۇشلىرىغا سەۋەب بولىدۇ.


.......................................................................................


يىلدىرىم بەيازىدنىڭ ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرۇشى بىلەن ئىلگىرىكىلەر دەۋرىدە قۇرۇلغان ئىمپېراتورلۇقنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بەيازىد، قارامانئوغلۇ ئالائۇددىن بەگنى ئىزچىل شەكىلدە كۈزەتمەكتە ئىدى. دەرۋەقە تۇنجى خەۋپ ئۇنىڭدىن كېلىدۇ. ئالائۇددىن بەيازىدنىڭ ئۇ كۈنلەردە رۇمئەلى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىدا سىۋاستىكى قازى بۇرھانۇددىننى، سارۇخان، گەرمىيان، مەنتەشە ۋە ھامدى دەلى بەگلىرى قاتارلىق خېلى كۆپ ئانادولۇ بېگىنى ئەتراپىغا توپلايدۇ. نەتىجىدە بۇ بەگلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. گەرمىيان ئوغلى ياقۇب بەگ، 1387- يىلى كىيئوغلى بەيازىدكە بەرگەن يەرلەرنى قايتۇرىۋالىدۇ. قازى بۇرھانۇددىن قىرشەھىرنى قولغا كىرگۈزىدۇ، قارامان ئوغلى ئالائۇددىن بەگ بەيشەھىرنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەسكىشەھىرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بەيازىد تەختكە چىقار – چىقمايلا ئانادولۇ بەگلىكلىرىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇ قېتىم ئانادولۇغا قاراپ يېڭىدىن پەتھى قىلىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىدۇ.


نەتىجىدە سۇلتان سارۇخان، ئايدىن، مەنتەشە، ھامدى دەلى ۋە گەرمىيان بەگلىكلىرى ئوسمانلى زېمىنلىرىغا قوشۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ غەربىي ئانادولۇ ئەتراپى، رودوس بەگلىرىنىڭ قولىدىكى ئىزمىردىن باشقا يەرلەر ئوسمانلىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا كېرىدۇ. 1390- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا بەيازىد، ئەفەس ۋە مىلەت بەگلىكلىرىنىڭ ئىلگىرى ۋەنەدىكلىكلەرگە بەرگەن ئىمتىيازلىرىنى ماقۇللايدۇ. بۇ بەگلىكلەرگە تەۋە يەرلەر كېيىنچە خىرىستىيانلارنىڭ قولىدىكى ئاراللارغا قارشى ئوسمانلى يۈرۈشلىرىدە بىر بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى. 1390- يىلى كۈز ئېيىدا يىلدىرىم بەيازىد قارامان ئوغلى ئالائۇددىن بەگنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ بەيشەھىرنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كونياغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. نىگدە، ئاقشەھىر ۋە ئاقساراي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. لېكىن ئوسمانلىلارنىڭ بۇ خىل غەلىبىلىرىدىن بىئارام بولغان چاندارلى بېگى ئىككىنچى سۈلەيمان سېپىنى ئۆزگەرتىپ، سىۋاس ھاكىمى قازى ئالائۇددىن بىلەن بىرلەشكەن ھالدا ئوسمانلىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەيازىد، قارامانلى ئالائۇددىن بەگ بىلەن كېلىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. كېلىشىمگە كۆرە، بەيازىد ئانادولۇغا قاراتقان بۇ قېتىملىق يۇرۇش ئەسناسىدا قولغا كىرگۈزگەن يەرلەرنى ساقلاپ قالىدۇ، ئالائۇددىن بولسا، چارشەنبەنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.


1390- يىلىدىكى قارامان يۇرۇشى چاندارھ خەۋپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك 1391- يىلىنىڭ باشلىرىدا يىلدىرىم بەيازىد كاستامونۇغا يۈرۈش قىلىدۇ. شۇ يىلى ئىيۇن ئېيىدا بۇ بەگلىكنى قولغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمدارى بولغان ئىسپەندىيارئوغلۇ ئىككىنچى سۈلەيماننى ئۆلتۈرىدۇ. سۈلەيماننىڭ قېرىندىشىنىڭ قولىدا سىنوپتىن باشقا چاندارھ بەگلىكى ئوسمانلى زېمىن تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. گەرچە، بەيازىد بۇ قېتىمقى يۈرۈش ئەسناسىدا مۇھىم غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ تاجۇددىن ئوغۇللىرى، تاشانئوغۇللىرى، ئاماسيا بېگى، بەفرا بېگىگە ئوخشاش ئانادولۇ بەگلىرىنى يەڭگەن بولسىمۇ، قارامان ئوغلى ئالائۇددىن ۋە سىۋاس بېگى قازى بۇرھانۇددىن مەۋجۇتلۇقلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ ۋە ئوسمانلىلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەيازىدنىڭ بۇ قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇنىڭغا سېرىپ، بۇلغار ۋە ۋىزانتىيە كۈچلىرى ھەمراھ بولىدۇ. ھەتتا ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرىگە ئىمپېراتور مانۇئېل پالېئولوگوس قوماندانلىق قىلىدۇ. چۈنكى بەيازىدنىڭ ۋىزانتىيە سىياسىتى ئۇنىڭ تەختكە چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئامىل ئىدى. ۋىزانتىيە پەقەت بېقىندى بولۇش بىلەنلا قالمايدۇ، ئىستانبۇلدا تۈرك سودىگەرلىرىنىڭ بىر مەھەللە قۇرۇشى، ئۇ يەرگە بىر جامە سېلىپ قازى تەيىنلەشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.


.......................................................................................


بەيازىد ئانادولۇ بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان يىللاردا ئوسمانلىنىڭ رۇمئەلىدىكى ئىلگىرىلىشى ئوسمانلى ئۇچبەگلىرىنىڭ سايىسىدا داۋاملىشىدۇ. پاشا يىگىت ئۈسكۈپنى پەتھى قىلىدۇ، فىرۇز بەگ بىلەن لالا شاھىن ئالبانىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن رۇمئەلى زېمىنلىرىدىمۇ بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 1393- يىلىدا ئەفلاك شاھزادىسى مىرچا، تۇنانىڭ جەنۇب تەرىپىگە ئۆتۈپ سىلىسترەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوبرۇجا رايونىنى ئىشغال قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ۋىنگىرلار ۋىدىننى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ كۇيىغا چۈشىدۇ. 1393- يىلى يىلدىرىم بەيازىد بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى تىرنوۋانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇلغارىيەنىڭ تۇنا رايونى ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ، چار شىشمانمۇ ئوسمانلىغا بېقىنىپ، نىگبولۇغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئارقىدىن بەيازىد مىرچانى ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 1395- يىلى روۋىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەيازىد ئەفلاكقا كىرىپ مىرچانى بويسۇندۇرىدۇ. ئاندىن نىگبولۇغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە چار شىشماننى ئۆلتۈرگۈزىدۇ. تۇنادىكى ئىستراتېگىيەلىك جايلار بىر – بىرلەپ ئوسمانلىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، غەربتە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىغا چېگراسى بار تۇنجى كاتولىك دۆلەت بولغان ۋىنگىرلار ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر تەڭپۇڭ دۆلەت قالمايدۇ. بۇ ئەھۋال ۋىنگېر پادىشاھى سىگىسموندنى ساراسىمىگە سالىدۇ ۋە نەتىجىدە پوپنىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق ئورتودوكس ۋە كاتولىك دۆلەتلەرنى ئوسمانلىلارغا قارشى ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى باشلاشقا چاقىرىدۇ. ۋىنگېر پادىشاھىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق يۈرۈش نەتىجىسىدە 1396- يىلى 25- سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن نىگبولۇ ئۇرۇشىدا ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئوسمانلىلار تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ نىگبولۇدىكى بۇ بۈيۈك زەپىرى ئۇلارنىڭ بالقان رايونىدىكى ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ. نىگبولۇ ئۇرۇشىدىن قىسقا مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ۋىدىنمۇ ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بولغارىيە زېمىنلىرى ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولىدۇ.


بۇ جەرياندا ئوسمانلىلارغا قارشى يېڭىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن قارامانئوغلى ئالائۇددىن بەگ، ئەنقەرە ۋە بۇرساغا يۈرۈش قىلىدۇ. رۇمئەلىدىكى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىۋالغان بەيازىد، بۇ قېتىم يەنە ئانادولۇغا يۈرۈش قىلىدۇ. 1397- يىلى كونيالىقلارنىڭ ئالائۇددىن بەگنى بەيازىدقا تاپشۇرۇپ بېرىشى بىلەن قارامان بەگلىكىنىڭ زېمىنلىرىمۇ ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پايتەخت سىۋاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازى بۇرھانۇددىننىڭ زېمىنلىرىمۇ ئوسمانلى دۆلىتى تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزىلىدۇ. بەيازىد دەۋرىنىڭ ئاخىرقى ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى تارىخى نۇقتىسىدىن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان مۇھىم ۋەقە 1402- يىلى تىمۇرغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەنقەرە ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئوسمانلى ئەسكەرلىرى مەغلۇب بولىدۇ، بەيازىد بولسا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان تىمۇر بەيازىدنىمۇ يېنىدا ئېلىۋالىدۇ. 1403- يىلى 9- مارتتا بىر رىۋايەتكە كۆرە زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، يەنە بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا يىلدىرىم بەيازىد ئاقشەھىردە قىيىن – قىستاققا بەرداشلىق بىرەلمەي ۋاپات بولغان.


بەيازىد سەلتەنىتى جەريانىدا ۋىزانتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئىستانبۇلنى تۆت قېتىم مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ، بۇ مۇھاسىرىلەر ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىغا قارشى باش كۆتۈرگەن سىرتقى خەۋپلەر نەتىجىسىدە ئۆنۈمسىز ئاخىرلاشقان. باج سىستېمىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئوسمانلى مەركىزى ئىدارىسى ھەقىقىي مەنىدە قۇرۇلغان. يىلدىرىم بەيازىد زامانىدا ئىستانبۇلنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋە ئۇنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئانادولۇھىسارنى ئىنشا قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرسا، كۈتاھيا، ئەدىرنە ۋە باشقا شەھەرلەردە خانىقا، مەدرەسە، ئىمارەت، كۆۋرۈك ۋە دارۇششىفاغا ئوخشاش بىنالار سېلىنغان. يىلدىرىم بەيازىد تەرىپىدىن ئىنشا قىلدۇرۇلغان بۇرسادىكى ئۇلۇ جامە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئوسمانلى بەگلىكىنىڭ بىر ئىمپېراتورلۇققا ئايلانغانلىقىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بىر دەلىلىدۇر.


«ئوسمانلىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرى (1413-1402


1336- يىلى سەمەرقەندنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن تىمۇر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموگرافىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ بىر جاھان ئىمپېراتورلۇقىنى قورۇپ چىقىدۇ. بۇ ئىمپېراتورلۇق ئاساسلىقى تۈرك، موڭغول ۋە ئىراننىڭ دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىدىن پايدىلانغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەبىئىي ھالدا ئوسمانلىلارغا رەقىپ بولىدۇ. ئۇ مەزگىلدە ئانادولۇ بەگلىكلىرىنى ئۆز بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزى دۆلەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ئوسمانلى سۇلتانى يىلدىرىم بەيازىد بىلەن ئۆزىگە ئوخشاشلا تۈركچە سۆزلەيدىغان تىمۇرنىڭ 1402- يىلى 28- ئىيۇل كۈنى ئەنقەرەگە يېقىن چۇبۇق ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان مەيدان ئۇرۇشى ئوسمانلىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 160 مىڭ كىشىلىك تىمۇر قوشۇنى 70 مىڭ كىشىلىك ئوسمانلى قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. بەيازىد تىمۇر تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىپ تەخمىنەن بىر يىل كېيىن يەنى 1403- يىلى 23 –ئىيۇلدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، 1402- يىلى ئوسمانلى تارىخىنىڭ فىترەت دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ ۋە 1413- يىلىغىچە داۋاملاشقان تەخمىنەن 10 يىللىق دەۋرنىڭ باشلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.


فىترەتنىڭ مەنىسى «بوشلۇق، ئۆتكۈنچى دەۋر» دېگەنلىك بولۇپ، ئوسمانلى دەۋرىدە بىرلا سۇلتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا توپلىنالماي، چېچىلىپ كەتكەن شاھزادىلەر ئارىسىدا ھۆكۈمدارلىقنىڭ پارچىلىنىشىغا بېرىلگەن ئومۇمىي نامدۇر. تىمۇر، بەيازىدنى يېڭىۋالغاندا ئوسمانلى دۆلىتىنى پارچىلىنىشقا ۋە ئۇنىڭ ئانادولۇدا تەكرار ھاكىمىيەت قۇرالمايدىغان قىلىۋېتىدىغان بىر خىل سىياسەتنى يولغا قويىدۇ. بۇ مەقسەتتە ئوسمانلى دۆلىتى ئۆزىگە قوشىۋالغان گەرمىيان، ئايدىن، سارۇھان، جاندار ئوغۇللىرى، ھامىد ئوغۇللىرى ۋە قارامان ئوغۇللىرىغا ئوخشاش بەگلىكلەرگە تەكرار مۇستەقىللىقلىرىنى بېرىپ، ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا قىزىقتۇرسا، ئوسمانلى دۆلىتىنىمۇ بىرىنچى مۇرات ۋە يىلدىرىم بەيازىدنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. لېكىن بىرىنچى مۇرات ۋە يىلدىرىم بەيازىد دەۋرىدە مەركىزى دۆلەت ئوقۇمىنى ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە سىڭدۈرگەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىدارە تەشكىلاتى بىرلا كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تۈزۈمدىن باشقا تۈزۈمنى قوبۇل قىلمايدىغان ھالەتتە ئىدى. بۇمۇ تەبىئىي ھالدا شاھزادىلەر ئارىسىدا بىر ئىچكى مۇجادىلىنىڭ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ چىقىشىنى تەقەززا قىلاتتى. بۇ يەردە تەكىتلىنىشى كېرەك بولغان نۇقتا، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ فىترەت مەزگىلىدە بىر ئىچكى ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، بىرلا كىشىگە مەركەزلەشكەن ھۆكۈمدارلىق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، قايتىدىن دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بالقان رايونى، ئانادولۇ ۋە ئوتتۇرا شەرقتە 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، تىمۇرنىڭ 1405- يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە خانىدان ئەزالىرى ئارىسىدا پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە سۈرئەت بىلەن دائىرىسى تارىيىپ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشىشىدۇر. ئوسمانلىلارنىڭ بۇ مەركىزى ۋە «بىرلا ئادەم ئىدارە قىلىش» پىكرىدە چىڭ تۇرۇشى ئۇلارنى باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنى تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ. فىترەت مەزگىلىدە ئىگىلەنگەن تەجرىبىلەر ئوسمانلى دۆلەت تەشكىلاتى، سەلتەنەت چۈشەنچىسى ۋە ۋارىسلىق ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ناھايىتى كۆپ مۇھىم ئىشلارنىڭمۇ تايانچ نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.


.......................................................................................


ئەنقەرە ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن يىلدىرىم بەيازىدنىڭ سۇلايمان، ئىسا، مۇسا، مەھمەت، مۇستافا ۋە قاسىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى باردۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئەمىر سۇلايمان ئەنقەرە ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، يېنىدىكى ۋەزىر ئەزەم جاندارلى، ئەلى پاشا سۇ بېشى، ئەينە بەگ ۋە يەنىچەرى بېگى ھەسەن بەگ بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان بۇرساغا كېلىدۇ. ئەمىر سۇلايمان بۇ يەردىن دۆلەت خەزىنىسى، ئارخىپلىرى، ئائىلىسى، كىچىك ئىنىسى شاھزادە قاسىم ۋە ھەمشىرىسى فاتىمە سۇلتاننى ئېلىپ گەملىكتىن بىر كېمە بىلەن ئاتىسى يىلدىرىم بەيازىد تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئانادولۇ تەرىپىدىكى گۈزەلجەھىسار (ئانادولۇ ھىسار) غا بارىدۇ. بۇ يەردە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى مانۇئېل بىلەن كېلىشىپ، ئوسمانلىنىڭ تىمۇر ئىستىلاسىغا مۇپتىلا بولمىغان بالقان رايونلىرىغا ھۆكۈمدار بولۇش ئۈچۈن گەلىبولۇغا بارىدۇ. 1403- يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقى بىلەن گەلىبولۇ كېلىشىمىنى ئىمزالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قارتال، گەبزە، پەندىك بىلەن بىرلىكتە نەسەبىرگىچە بولغان قارا دېڭىز ساھىللىرى، رۇمئەلىدە سەلانىك ۋە تەسەليانىڭ بەزى جايلىرى ۋىزانتىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ۋىزانتىيەنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىگە ھەر يىلى تۆلەپ تۇرىدىغان يىللىق باجمۇ بىكار قىلىنىدۇ. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئىككىنچى مانۇئېل بىلەن ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم بىلەن ئوسمانلى تەكرار ۋىزانتىيەدىن خېلىلا كىچك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىككىنچى مانۇئېل پالېئولوگوسنىڭ ئەمىر سۇلايماننىڭ ئاتىسى يىلدىرىم بەيازىد سايىسىدا تەختكە ئولتۇرغانلىقى ۋە ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ساداقەتمەنلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانادولۇ بەگلىكلىرىگە قارشى قىلىنغان يۈرۈشلەردە ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئوسمانلىنىڭ فىترەت مەزگىلىدە قانچىلىك كۆپ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمىر سۇلايمان كىچىك ئىنىسى قاسىمنى ئىستانبۇلدا قويۇپ، كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەدىرنەگە بارىدۇ ۋە بۇ يەردە ھۆكۈمدارلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ۋەنەدىك ۋە جەنەۋىزلىكلەرگىمۇ بىر قىسىم سودا –تىجارەت ئىمتىيازلىرىنى بېرىپ، تىمۇرنىڭ بوغۇز ئارقىلىق رۇمئەلى تەرەپكە ئۆتۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىدۇ.


ئوسمانلىنىڭ بالقان رايونىدىكى ھۆكۈمدارلىقىنى جاكارلىغان ئەمىر سۇلايمانغا قارشى ئانادولۇدىكى ئوسمانلى زېمىنلىرىدا سەلتەنەت قۇرۇش مەقسىتىدە يىلدىرىم بەيازىدنىڭ باشقا ئىككى ئوغلى ئىسا چەلەبى بىلەن مۇسا چەلەبى كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمىر سۇلايماننىڭ بالقان زېمىنلىرىغا كېتىشىدىن كېيىن ئىسا چەلەبى بۇرسانى قولغا كىرگۈزىدۇ. تىمۇر سەمەرقەندكە قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۆز يېنىدىكى مۇسا چەلەبىنى قويۇپ بېرىپ، بۇرسانى ئېلىشى ئۈچۈن ئىسا چەلەبىگە قارشى يۈرۈش قىلىشقا يوللايدۇ. قېرىنداشلار ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش نەتىجىسىدە مۇسا چەلەبى ئىسا چەلەبىنى مەغلۇب قىلىدۇ ۋە بۇرسانى قولغا كىرگۈزىدۇ. بىراق تىمۇرنىڭ ئانادولۇدىن كېتىشىدىن پايدىلانغان ئىسا چەلەبى مۇسا چەلەبىگە قارشى يۈرۈش قىلىپ ئۇنى يېڭىدۇ ۋە بۇرسانى قايتىدىن قولغا كىرگۈزىدۇ. مۇسا چەلەبى ئالدىدا گەرمىيان ئوغۇللىرىنىڭ مەركىزى كۈتاھياغا، ئارقىدىن قارامان ئوغلۇ مەھمەت بەگنىڭ يېنىغا كېتىدۇ.


.......................................................................................


ئەنقەرە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاماسيا ۋە سىۋاس رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردە سەلتەنەت قۇرغان يىلدىرىم بەيازىدنىڭ يەنە بىر ئوغلى مەھمەت چەلەبى بولسا، بۇ ۋەقەلەرنى ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن كۈزەتمەكتە ئىدى. فىترەت دەۋرىدە يىلدىرىم بەيازىدنىڭ تۆت ئوغلىنىڭ بۇرۇنقى ئوسمانلى زېمىنلىرىدا ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇلار ئەدىرنەدە سەلتەنىتىنى ئېلان قىلغان سۇلايمان چەلەبى، بالىكەسىر ۋە بۇرساغا ھۆكۈمران بولغان ئىسا چەلەبى، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسىمۇ ئىسا چەلەبىنى مەغلۇب قىلىپ بۇرساغا ھۆكۈمدار بولغان مۇسا چەلەبى ۋە تىمۇرغا ئىتائەت قىلغان ھالدا ئاماسيا ۋە توكاتتا ھاكىمىيەت قۇرغان مەھمەت چەلەبىدۇر. شاھزادىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نىشانى تۇنجى پايتەخت بولغان بۇرسانى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن مەھمەت چەلەبى ئاكىسى ئىسا چەلەبىگە قارشى ئاتلىنىپ، ئۇنى ئۇلۇباتتا مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە 1404- يىلى بۇرساغا ھۆكۈمدار بولىدۇ. ئىسا چەلەبى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئەسكىشەھىر ئەتراپىدا تۇتىۋېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. مەھمەت چەلەبىنىڭ بۇ غەلىبىسى ئالدىدا ئىسا بەگنى قوللىغان ئايدىنئوغلۇ، مەنتەشەئوغلۇ ۋە گەرمىيانئوغلۇ بەگلىكلىرى مەھمەت چەلەبىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.


ئانادولۇنىڭ كۆپ قىسمىنى سەلتەنىتى ئاستىغا كىرگۈزگەن مەھمەت چەلەبى، ئەدىرنەدىكى چوڭ ئاكىسى ئەمىر سۇلايمان بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. سۇلايمان چەلەبى ئانادولۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، بۇرسا ۋە ئەنقەرەنى قولغا كىرگۈزىدۇ. مەھمەت چەلەبى ئاماسياغا چېكىنىدۇ. ئەسكىرى جەھەتتىن ئەمىر سۇلايماننىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغان مەھمەت چەلەبى ئۇنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويۇش مەقسىتىدە قارامان ئوغلى مەھمەت بەگنىڭ قېشىدىكى يەنە بىر تۇغقىنى مۇسا چەلەبىنىڭ 1409- يىلى رۇمىنىيە ئارقىلىق رۇمئەلىگە (بالقان رايونى) ئۈتۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مۇسا چەلەبى رۇمئەلىدە سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇلايمان چەلەبى ئانادولۇدىن ئەدىرنەگە قايتىدۇ. بىراق 1410- يىلى سۇلايمان چەلەبى مۇسا چەلەبىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلمىغان مۇسا چەلەبى ئانادولۇغا ئۆتىدۇ ۋە بۇرسانى ئېلىپ، ھۆكۈمدارلىقىنى جاكارلايدۇ، 1411- يىلى نامىدا پۇل باستۇرىدۇ. ۋىزانتىيەلىكلەر ئۆزلىرىگە قارشى سىياسەت ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇسا چەلەبىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەھمەت چەلەبىنى قوللايدۇ. ئىلگىرى مۇسا بەگ بىلەن ئىشلىگەن ھۇجۇمچى بېگى ئەۋرەنوس بەگمۇ مەھمەت چەلەبىنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. 1413- يىلى مەھمەت چەلەبىگە قاراشلىق ئەسكەرلەر سوفيانىڭ جەنۇبىدىكى ساماكوۋ يېزىسىغا يېقىن بىر جايدىكى چامۇرلۇقتا مۇسا چەلەبىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەھمەت چەلەبى تەخت مۇجادىسىلىدە ھايات قالغان بىردىن بىر شاھزادە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ يىگانە ھۆكۈمدارى سۈپىتىدە ئەدىرنەدە پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئوسمانلىنىڭ فىترەت دەۋرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


«بىرىنچى مەھمەت (1421-1413


1402- يىلى يۈز بەرگەن ئەنقەرە ئۇرۇشىدىن كېيىن يىلدىرىم بەيازىدنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن تەخت تالىشىش كۈرىشى 11 يىلغا يېقىن داۋاملىشىدۇ ۋە تەخت بىرىنچى مەھمەتكە نېسىپ بولىدۇ. بىرىنچى مەھمەت بىر تۇغقانلىرى ئەمىر سۇلايمان، ئىسا ۋە مۇسانى بىتەرەپ قىلىپ، يېڭىدىن سۇلتان ئۇنۋانىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. گەرچە بىرىنچى مەھمەتنىڭ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان قېرىنداشلىرى فېترەت دەۋرىدە قىسقا ۋاقىت تەختنى قولغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئوسمانلى تارىخلىرىدا بۇلارغا سۇلتان سۈپىتىدە ئورۇن بېرىلمەيدۇ ۋە بىرىنچى مەھمەت بەيازىددىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بەشىنچى سۇلتانى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 1413- يىلىغىچە چەلەبى مەھمەت دەپ ئاتالغان بىرىنچى مەھمەت، ئۇ كۈندىن كېيىن سۇلتان بىرىنچى مەھمەت نامى ئاستىدا 1421- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىرىنچى مەھمەت ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى قۇرغۇچىسى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان تەخت تالىشىش مۇجادىلىسى ئوسمانلى دۆلەت ئەنئەنىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ تەخت ۋارىسى بەلگىلەش مەسىلىسى كېيىنكى سىياسەتلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئوسمانلىلار باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، دۆلەت زېمىنلىرىنىڭ خانىدانلىق ئەزالىرىغا بۆلۈپ بېرىلمەسلىكى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ بىرلا نۇقتىغا مەركەزلىشىشى مەسىلىسىدە ناھايىتى كۈچلۈك سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.


تارىخىي مەنبەلەردە، ئاق پىشماق، پىشانىسى كەڭ، قارا كۆزلۈك، ئۇلىما قاش، ساقىلى قويۇق، كۆكسى كەڭ، ئوتتۇرا بويلۇق دەپ تەسۋىرلىنىدىغان بىرىنچى مەھمەتنىڭ مۇلايىم، سىلىق سۆزلۈك، سەۋرچان ۋە خەير سۆيەر بىرى ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسىي ئۆزگىچىلىكلىرى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ فېترەت دەۋرىدىن كېيىن قايتا بىرلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك، بىرىنچى مەھمەتنىڭ بۇرسا ۋە ئەدىرنە سارايلىرىدا ئۆتكەن شاھزادىلىك مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ ئاتىلىرى ئوسمانلى سۇلتانلىرىدىن پەرقلىق شەكىلدە ياخشى تەلىم –تەربىيە ئالغان ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. شۇنداق قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوسمانلى سۇلتانى مودېلىنىڭ ئۇ ئارقىلىق ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە مەلۇم دەسلەپكى ئۇستازلىرى ئاماسيالىق سوفى بەيازىد بىلەن توكاتلىق بىجارئوغلۇ ھەمزە بەگدۇر.


بىرىنچى مەھمەت شاھزادىلىكى مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇ يەرلىك بولۇشى سەۋەبىدىن تونۇشقان ئاماسيا ۋە توكات جايلاشقان ئوتتۇرا قارا دېڭىز ۋە ئىچكى ئانادولۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇننى ئىگىلەيدۇ. ئاتىسى ھايات ۋاقتىدىلا چەلەبى مەھمەت ئانادولۇ سەپىرىدە ئاتىسىغا ھەمراھ بولىدۇ، سامسۇن ۋە ئاماسيانىڭ پەتھى قىلىنىشىدا پايدىسى يېتىدۇ. بۇ غەلىبىلىرى نەتىجىسىدە ئاماسيا سانجاق بەگلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ شەرقىي چېگراسىدا بىر ھۇجۇمچى بېگى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئەنقەرە ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ ئاماسيا كېلىپ، ھۆكۈمدارلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە بۇرسا، ئەدىرنە دېگەنگە ئوخشاش ئوسمانلى دۆلىتىگە پايتەخت بولغان شەھەرلەرنى قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرغان قېرىنداشلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىنى بۇ يەردە داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ كۈرەشلىرى ئەسناسىدا سەلجۇقىيلار بەگلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانادولۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئاماسيادا قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىنى بىرىنچى مەھمەت ئوسمانلىنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسىگە كىرگۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، فېترەت دەۋرىدىن كېيىن تىمۇر ئىستىلاسىغا دۇچ كەلمىگەن ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئوسمانلىنىڭ بالقان زېمىنلىرى بىلەن ئىستىلاغا دۇچ كەلگەن، ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ تەجرىبىسىنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان ئانادولۇ زېمىنلىرىنىڭ قايتىدىن بىرلىشىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.


.......................................................................................


بىرىنچى مەھمەت، 1413- يىلى ئۆز ئالدىغا ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرغاندا، چوڭ دادىسى بىرىنچى مۇرات ۋە ئاتىسى يىلدىرىم بەيازىددىن پەرقلىق شەكىلدە ئانادولۇ بەگلىكلىرى ۋە ۋىزانتىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر سىياسەتنىڭ ئورنىغا، تىنچلىقنى بەكرەك ياقلايدىغان بىر قەدەر يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈش يولىنى تاللايدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، فېترەت مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھاكىمىيەت بوشلۇقىنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشىدۇر. بىرىنچى مەھمەت قاچانكى ئىچكى ئىشلىرىنى تەرتىپ –ئىنتىزامغا سېلىپ، قايتىدىن كېڭىيىش سىياسىتىگە ئاتلانسا، دەرھال سىرتقى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر ئىچكى مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەھمەت، ئىلگىرىكى مەزگىللەردە ئوسمانلى دۆلىتىگە بويسۇنغان ۋىزانتىيە، سېربىيە، ئەفلاك، مورا دېسپوتلىقى ۋە ئاتىنا خانلىقىغا ئوخشاش سىياسىي تەرەپلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالاپ، ئاساسلىق كۈچىنى ئىچكى قىسىمدا بىرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. بۇ مەقسەتتە، فېترەت دەۋرىدە قېرىنداشلىرىنى قوللىغان ئايدىنئوغلۇ جۇنەيت بەگكە قارشى يۈرۈش قىلىدۇ ۋە 1414- يىلى بۇ بەگلىكنى پۈتۈن غەربىي ئانادولۇ رايونى بىلەن بىرلىكتە قولغا كىرگۈزىدۇ. مۇغلا ۋە ئەتراپىدا ھۆكۈمدارلىق قۇرغان مەنتەشە ئوغۇللىرىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇلاردىن دىققىتىنى ئىچكى ئانادولۇغا مەركەزلەشتۈرگەن بىرىنچى مەھمەت قارامان بەگلىكىگە قارشى كۈرەشنى باشلايدۇ. مىسىردا كۈچلۈك ئىمپېراتورلۇق قۇرغان مەملۇكىيلارنىڭ قارامان ئوغلى مەھمەت بەگكە بېرىدىغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، مەملۇكىيلار سۇلتانىغا قىممەت باھالىق ھەدىيەلەر بىلەن بىرلىكتە بىر ئەلچى يوللايدۇ. 1415- يىلى قارامانلىقلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، كونيانى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان قارامانئوغلۇ بۇنىڭ بەدلىگە بەيشەھىر، سەيدىشەھىر ۋە ئاقشەھىرنى ئوسمانلىلارغا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.


ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئانادولۇدا قايتىدىن بەگلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، سەلتەنەت قۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن تىمۇرنىڭ ئوغلى شاھرۇھ ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقى بۇ ئەھۋالدىن بىئاراملىق ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئەزەربەيجان ۋە ئىراقتا بىر تۈرك بەگلىكى قۇرغان ۋە تىمۇرلەڭنىڭ رەقىبى بولغان ئاققۇيۇنلۇقلار بىلەن ئوسمانلىلارنىڭ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمۇ شاھرۇھنىڭ بىئاراملىقىغا بىئاراملىق قوشىدۇ. شاھرۇھ، ئەنقەرە ئۇرۇشى ئەسناسىدا تىمۇر تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ سەمەرقەندكە يوللانغان بىرىنچى مۇراتنىڭ بىر تۇغقىنى مۇستاپانى ئوسمانلى بىلەن تەخت تالىشىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىدۇ.


.......................................................................................


1415- يىلى ترابزونغا يېتىپ كەلگەن بىرىنچى مەھمەتنىڭ بىر تۇغقىنى مۇستاپا، ئالدى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى مۇجادىلە قىلىۋاتقان قارامانلى بەگلىكىنىڭ مەركىزى كونياغا، ئارقىدىن چاندارئوغلۇ بەگلىكىنىڭ مەركىزى كاستامونۇغا بارىدۇ. بۇ يەردىن ئوسمانلىلارنىڭ بالقان رايونىدىكى رەقىبى ئەفلاك (رۇمېنىيە) ھۆكۈمدارى مىرچانىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن، دېڭىز يولى بىلەن رۇمئەلى (بالقان رايونى) گە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە قايتىدىن بىر ئىچكى ئۇرۇش باشلايدۇ. مۇستاپا ئانادولۇ بەگلىكلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىنىدەك، ئەفلاك شاھزادىسى مىرچا ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئىككىنچى مانۇئېلنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن بىرىنچى مەھمەتنىڭ قارشىلىقى ئالدىدا دەسلەپتە ئىستانبۇلغا، ئارقىدىن سەلانىككە كېتىدۇ. سەرەزنى قولغا كىرگۈزگەن مۇستاپا بىرىنچى مەھمەتكە قارشى يۈرۈش قىلىدۇ، لېكىن بىرىنچى مەھمەت ئۇنى سەلانىككە چېكىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. ۋىزانتىيە بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىشقا بەل باغلىغان بىرىنچى مەھمەت، ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ كېلىشىم ئىمزالايدۇ. كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىرىنچى مەھمەت ھاياتتىلا بولىدىكەن، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى مۇستاپانى قاماقتا تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بەدلىگە بىرىنچى مەھمەت 300 مىڭ ئاقچىنى ھەر يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقىغا تاپشۇرىدۇ. مۇشۇنداق بىر قالايمىغان بىر پەيتتە، ۋەنەدىكلىكلەر 1416- يىلى 29- مايدا گەلىبولۇدىكى ئوسمانلى دېڭىز ئەسلىھەلىرىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ.


مۇستاپا ئارقىلىق خالىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ رەقىپ دۆلەتلىرى بۇ قېتىم شەيخ بەدرەتتىن ئىسىملىك بىر موللىغا دىنىي موتىفلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەسلىدە بىرىنچى مەھمەتنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى ئىسيان چىقارغۇزىدۇ. مۇستاپا ۋەقەسىدىكىگە ئوخشاشلا، ئىزنىكتە مۇدەررىسلىك قىلىدىغان بەدرەتتىن دەسلەپتە جاندارئوغلۇ بەگلىكىگە بارىدۇ. ئۇ يەردىن دېڭىز يولى ئارقىلىق ئەفلاك شاھزادىسى مىرچانىڭ قېشىغا ئۆتىدۇ. دەلىئورماندا ئىسيان قوزغاپ، سىلىسترانى ئىشغال قىلىدۇ. لېكىن مەھمەت، شەيخ بەدرەتتىننى ئەسكى زاغرادا تۇتىۋالىدۇ ۋە 1416- يىلى دېكابىر ئېيىدا سەرەزدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ.


مۇستاپا ۋە شەيخ بەدرەتتىن ئىسيانلىرىنى باستۇرغان بىرىنچى مەھمەت،1417- يىلى ئۇلارغا ياردەم قىلغان جاندارئوغۇللىرى ۋە قارامان بەگلىكىگە قارشى يۈرۈش قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنى ئوسمانلى دۆلىتىگە بويسۇندۇرىدۇ. 1421- يىلى ئاماسيادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شاھزادە مۇرات، جاندار ئوغۇللىرىنىڭ قولىدىكى سامسۇننى قولغا كىرگۈزىدۇ. ئىسياننى قوللىغان مىرچاغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىمۇ ئوسمانلى دۆلىتىگە بويسۇندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەھمەت ئۆزىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، قايتىدىن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىردىن بىر ھۆكۈمدارىغا ئايلىنىدۇ. بىرىنچى مەھمەتنىڭ ھۆكۈمدارلىقى جەريانىدىكى ئاساسلىق مەسىلە ئانادولۇ ۋە بالقان رايونلىرىدا تەكرار ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئوسمانلى خانىدانىنىڭ باشقا كۈچلەر ئالدىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلدۈرۈش بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ زېمىنلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە ئىچىدە ھەربىيلەرمۇ بولغان قورۇقچىلىق سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.


«ئىككىنچى مۇرات (1451-1421


ئىككىنچى مۇرات 1421- يىلى تەختكە ئولتۇرغاندا ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشى بار ئىدى. بۇلار سەككىز ياشتىكى يۇسۇف، 7 ياشلىق مەھمۇت ۋە 12 ياشلىق مۇستاپالار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇستاپا ھامىد ئىلىنىڭ ھاكىملىقىنى قىلىۋاتقاندا، يۇسۇف ۋە مەھمۇت بولسا، بىرىنچى مەھمەت ۋاپات بولغاندا دۈزمەچە مۇستاپا دەپ ئاتىلىدىغان قېرىندىشىنىڭ قايتىدىن ۋىزانتىيە تەرىپىدىن تەخت مۇجادىلىسىگە ئارىلاشتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى مانۇئېلغا بېرىلىش ئۈچۈن بەيازىد پاشاغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى مۇرات تەختكە ئولتۇرغاندا، قېرىنداشلىرىنىڭ ۋىزانتىيەلىكلەرگە بېرىلىشىگە قارشى چىقىدۇ. بۇ ئەسنادا ئاتىسى ئىككىنچى مانۇئېل بىلەن بىرلىكتە ئىمپېراتور دەپ ئېلان قىلىنغان ئۈچىنچى لوئاننېس پالېئولوگوس بۇ ئەھۋالنى رەقىبلەرچە بىر خىل پوزىتسىيە دەپ قاراپ، ئوسمانلىلارغا قارشى دۈشمەنلەرچە سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلايدۇ. بۇ مەقسەتتە قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىككىنچى مۇراتنىڭ تاغىسى مۇستاپانى قايتىدىن تەخت تالىشىش جىدىلىگە كىرگۈزىدۇ. مۇستاپاغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئايدىنئوغلى جۈنەيتمۇ قوشۇلىدۇ.


ئانادولۇدا بولسا، ئىككىنچى مۇراتنىڭ قېرىندىشى مۇستاپانى گەرمىيانئوغلى ۋە قارامان ئوغۇللىرى قوللايدۇ، شۇنداقلا ئوسمانلى تەختىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىككىنچى مۇرات تەختكە ئولتۇرغان 1421- يىلى گەرمىيان ئوغۇللىرى، ئايدىن ۋە سارۇھان بەگلىكلىرى، قارامانلىلار ۋە گەرمىيان ئوغۇللىرىنى، ئوسمانلى دۆلىتىنى پارچىلاپ، قايتىدىن مۇستەقىللىقلىرىگە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن قېرىنداشلار ئارىسىدا جىدەل پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ.


ئىككىنچى مۇرات سەلتەنەتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، يىلتىزى فېترەت دەۋرىگە قەدەر سۇزۇلىدىغان بۇ قېرىنداشلار جىدىلى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بارلىق كۈچىنى ئوسمانلى مەنبەلىرىدە دۈزمەجە ئوسمانلى دەپ زىكىر قىلىنىدىغان تاغىسىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشقا سەرپ قىلىدۇ. مۇستاپانىڭ ئىسيانىنى باستۇرالمىغان ۋەزىرى ئەزەم بەيازىد پاشا ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا تېخىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن سىياسەت يۈرگۈزىدىغان جاندارھلى پاشا تەيىنلىنىدۇ. ئىككىنچى مۇرات، تاغىسى مۇستاپانى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىسيان قوزغىغان جۈنەيت بەگكە بۇرۇنقى زېمىنلىرى بولغان ئايدىنلى ۋە ئىزمىر بەگلىكىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، مۇستاپانى تاشلاپ كېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. رۇمئەلىدە مىخائىل ئوغلى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ مۇستاپاغا قاراشلىق بەگلەرنى ئۆز سېپىگە تارتىشقا تىرىشىدۇ. مۇستاپانىمۇ ۋىزانتىيەگە سېتىلغان بىر كىشى سۈپىتىدە كۆرسىتىدىغان قويۇق تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ. جەنەۋىزلىكلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان مۇرات، بوغۇزلاردىن ھالقىپ رۇمئەلى زېمىنلىرىغا كېرىدۇ ۋە مۇستاپانى 1422- يىلى قىشتا قولغا كىرگۈزۈپ، ئەدىرنەدە ئۆلتۈرگۈزىدۇ. تاغىسى مۇستاپانى قوللىغان ۋىزانتىيەنى جازالاش ئۈچۈن ئىستانبۇلنى مۇساسىرىگە ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلىغا قارشى ئانادولۇ بەگلىكلىرى مۇراتنىڭ ياش بىر تۇغقىنى مۇستاپانى سەھنىگە چىقىرىدۇ. مۇستاپا، ئاكىسى ئىككىنچى مۇرات ئىستانبۇلنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتقان پەيتتە ئىزنىككە كېلىدۇ ۋە ئانادولۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. مۇرات، بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ئىستانبۇل مۇھاسىرىسىنى بوشىتىپ، ئىزنىككە قايتىدۇ. ئىستانبۇلغا قاچقان مۇستاپا قايتىدىن ئانادولۇغا قايتىدۇ ۋە ئاكىسى مۇرات بىلەن باشلىغان كۈرىشىنى 1423- يىلى 20- فېۋرالدا ھاياتىدىن ئايرىلىش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بارلىق ئىسيانلارنى قوللىغان ئايدىن ئوغلى جۈنەيت بەگمۇ 1425- يىلى ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى مۇرات پادىشاھلىقىنىڭ دەسلەپكى تۆت يىلىدا بارلىق ئىچكى خەۋپلەرنى بىتەرەپ قىلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ كېڭىيىش سىياسەتلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


.......................................................................................


دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلغان ئىككىنچى مۇرات دىققەت –ئېتىبارىنى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ رۇمئەلى زېمىنلىرىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. 1387- يىلى ئوسمانلىلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغان ۋە 1403- يىلى فېترەت مەزگىلىدە سۇلەيمان چەلەبى تەرىپىدىن ۋىزانتىيەلىكلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن سەلانىكنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ. ۋىزانتىيەلىكلەر، سەلانىكنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقلىرىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1423- يىلى پۇل –مال بەدلىگە سەلانىكنى ۋەنەدىكلىكلەرگە ساتىدۇ. بىراق سۇلتان مۇرات “ئاتا يۈرت”دەپ قارايدىغان سەلانىكنىڭ ۋەنەدىكلىكلەرگە سېتىلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەر تۈرلۈك بېسىملارغا قارىماي قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ۋە سەلانىكنى 1430- يىلىغا قەدەر مۇھاسىرە قىلىپ تۇرىدۇ. نىھايەت 1430- يىلى 29- مارتتا سەلانىك پەتھى قىلىنىدۇ ۋە 1912- يىلىدىكى بىرىنچى بالقان ئۇرۇشىغا قەدەر ئوسمانلى زېمىنى بولۇپ قالىدۇ. سەلانىكتىن كېيىن ئەپىر رايونىنىڭ مەركىزى بولغان يانيامۇ شۇ يىلى پەتھى قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانلى كۈچلىرى جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ ئۇچ ھۇجۇمچى بېگى تۇراخان بەگ قوماندىلىقى ئاستىدا مورا يېرىم ئارىلىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئاتىنادىكى لاتىن مۇستەبىتلىكى ئوسمانلى دۆلىتىگە بوي سۇنۇشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەينى شەكىلدە مورادىكى ۋىزانتىيەنىڭ داۋامى بولغان مۇستەبىت ھۆكۈمدارلىقمۇ ئىككىنچى مۇراتقا يىللىق خاراج تۆلەشنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى مۇرات، ئوسمانلى دۆلىتىنى قايتىدىن بوۋىسى يىلدىرىم بەيازىدنىڭ 1402- يىلى قالدۇرۇپ كەتكەن ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلى دۆلىتى پارچىلانغان، تەخت تالىشىش كۈرىشى يۈزىسىدىن ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ۋىزانتىيەگە ئىتائەت قىلىدىغان ھالدىن قوتۇلۇپ، رايونىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي سەلتەنىتىگە ئايلىنىدۇ.


بۇلاردىن كېيىن بالقان رايونىدا ئوسمانلىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالالايدىغان كۈچ قالمايدۇ. ئەمما بۇ قېتىم پاپا ۋە ۋەنەدىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ۋىنگىرىيە بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋىنگىرىيە پادىشاھى سىگىزمۇند ۋە ئېردېل (ترانسىلۋانىيە) بېگى ھۇنيادى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن 1443 –1444 يىللىرى ئوسمانلى قوشۇنلىرىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى ۋىنگىر قوشۇنلىرىنىڭ ئوسمانلىلار تۇنجى قېتىم كۆرگەن مىلتىق ۋە توپقا ئوخشاش قوراللار بىلەن قوراللانغان بولۇشى ئىدى. تۇنجى قېتىم قارىمۇ قارشى ھالغا كەلگەن مەزكۇر قوراللىق قىسىملاردىن ئالغان تەجرىبىلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلىلار ئۆز قىسىملىرى ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. پۇرسەتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈش ئۈچۈن ئىككىنچى مۇرات بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلىرى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ ۋە تەختىنى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئىككىنچى مەھمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مانىساغا قايتىدۇ


.......................................................................................


ئوسمانلى تارىخىدا، سالامەتلىكى ياخشى ھالدا ئىكەن تەختىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بىر سۇلتان بولۇپ، مىسالى تېپىلمايدىغان بۇنداق بىر ھادىسە ئالدىدا، رەقىبلىرى بالا پادىشاھنىڭ تەجرىبىسىزلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تىنچلىق كېلىشىملىرىنى بۇزۇشىدۇ. ئاساسلىقى ۋىنگىرلار تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى تۇنادىن ئۆتۈپ ۋارانغىچە ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دۆلەت ئەركانى ئىككىنچى مۇراتنى قايتىدىن تەختكە چاقىرىدۇ. ئىككىنچى مۇرات يەنە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ھېچقانداق ئۇنۋانى بولماستىن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ ۋە ئەھلى سەلىپ قوشۇنى بىلەن ئورۇش قىلىدۇ. 1444- يىلى 10- دېكابىردىكى ۋارنا ئۇرۇشىدا ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئىنتايىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۇنانىڭ شىمالىدا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان كۈچ قالمايدۇ.


ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە بالقانلاردىكى ئاخىرقى قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى يەنە ۋىنگىر ھۇنيادىنىڭ ئەفلاك قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان يۈرۈشى بولىدۇ. ئوسمانلى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان سېرىپ قوشۇنلىرى 1448- يىلى 19- ئۆكتەبىردە ئىككىنچى كوسوۋا ئۇرۇشىغا كېرىدۇ. نەتىجىدە ۋىنگىرلار ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىنچى مۇرات ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش دەۋرى باشلىنىدۇ.


ئانادولۇنى ئايلىنىش ئەسناسىدا ئىككىنچى مۇرات بىلەن ئۇچراشقان فىرانسۇز سەيياھ بېرتراندون ئۇنى پاكار ۋە دىقماق، بۇرنى چوڭ، كۆزلىرى كىچىك، قارامتۇل ۋە ياناقلىرى كەڭ دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى مۇراتنىڭ قەلبى يۇمشاق، خوشپىئىل، مەرتلىكىنى قەيت قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتىن تويۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە تىنچلىقسۆيەر بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنىمۇ يازىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىككىنچى مۇرات ھاياتىنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزگەن بولۇشىغا قارىماي، قاچانكى كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتسە تىنچلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان بولۇشىمۇ، سەيياھ بېراتراندوننىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئوسمانلى مەنبەلىرىمۇ 1451- يىلى 47 يېشىدا ئەدىرنەدە ۋاپات بولغان ئىككىنچى مۇراتنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشاقلىقى ۋە خەير سۆيەرلىكى ھەققىدە كۆپلەپ توختىلىدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپقا، ئىلىمغا ۋە سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئىككىنچى مۇرات، ئوسمانلى تارىخىدا شېئىر يازغان تۇنجى پادىشاھ بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئاتىسى بىرىنچى مەھمەتكە ئوخشاش ياخشى تەربىيە ئالغانلىقى ۋە بىر كۈنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ قارالغان شاھزادىلەرنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ ئوسمانلى سارىيىدا ئەنئەنىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


بىر ۋىزانتىيەلىك تارىخچىنىڭ ئىبارىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ دەۋرىدە گەلىبولۇ بوغۇزىدىن تۇناغىچە بولغان جايلاردىكى تۈركلەر، ئانادولۇدىكى ئوسمانلىغا قاراشلىق تۈركلەردىن كۆپتۇر. بۇ جۈملە ئىككىنچى مۇراتنىڭ رۇمئەلى زېمىنلىرىنى قانچىلىك تۈركلەشتۈرگەنلىكىنىڭمۇ ئىسپاتىدۇر. ئىككىنچى مۇرات، بۇرسادا مۇرادىيە كۇللىيەسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەدىرنەدە مەدرەسە ۋە ئۈچ گۈمبەزلىك جامە بىلەن بىرگە ئەدىرنە دەرياسىغا سېلىنغان 392 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 174 كۆزلۈك ھەشەمەتلىك كۆۋرۈكنىمۇ ئىنشا قىلدۇرۇپ، زامانىمىزغا قەدەر كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


«ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى»


ئوسمانلى مەنبەلىرى ۋە تارىخىي ئىزلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، ئىككىنچى مۇرات دەرۋى (1421- 1451) ئوسمانلى دۆلىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە باياشاتلىق سەۋىيەسىگە ئېرىشىدۇ. ئىككىنچى مۇرات قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنى ئاسراش بىلەن بىرگە، خەلقىنىڭمۇ باي بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ۋە بۇ يولدا ئۇلارغا ھەمدەم بولىدۇ. ئادىل تۈزۈمىنىڭ سايىسىدا خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىككىنچى مۇرات، دۆلەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە ئانادولۇ ۋە رۇمئەلى كۆپلىگەن جايلاردىن كۆچمەن جەلپ قىلىشقا باشلايدۇ. بۇرسادىكى 1426- يىلى ئىنشا قىلىنغان جامە ۋە ئىمارەت بۇ قۇرۇلۇشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى مۇرات، بۇ جامەنىڭ يېنىغا بىر مەدرەسە سېلىپ، جامە بىلەن مەدرەسەنىڭ ئارىسىغا بىر قەبرىنىڭ سېلىنىشىنى ۋە ئۆلگەندە بۇ يەرگە دەپنە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كېيىنچە بۇ يەر مۇرادىيە دەپ ئاتىلىدىغان جاينىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە بۇرسانى كەزگەن فىرانسۇز سەيياھ بېرترادون بۇ يەرنى ناھايىتى مۇھىم بىر مەركەز دەپ تەرىپلىگەندىن كېيىن، تۆت ئىمارەتنىڭ ھەممىسىدە كەمبەغەللەرگە تاماق تارقىتىلىدىغانلىقىنى، شەھەرنىڭ بازارلىرىدا ھەر خىل رەختلەرنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى، قىممەت باھالىق تاشلار ۋە مەرۋايىتلارنىڭ مۇۋاپىق باھادا بازارغا سېلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا جەنەۋىزلىك ۋە ۋەنەدىكلىك سودىگەرلەرنىڭ بۇ يەردە سودا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىش ئارقىلىق، ئوسمانلى مەنبەلىرىدىكى بۇ دەۋرنىڭ باياشاتلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە سېلىنغان ۋە زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئارىسىدا ئەدىرنەدە سالدۇرغان مۇرادىيە جامەسى، دارۇلھەدىس جامەسى ۋە مەدرەسەسى بىلەن ئۈچ گۈمبەزلىك جامەنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئەرگەنە دەرياسىغا سېلىنغان 174 كەمەرلىك كۆۋرۈك بارلىق سەنئەت تارىخچىلىرى تەرىپىدىن بىر ئاجايىبات دەپ تەرىپلەنمەكتە ۋە ئۇزۇن كۆۋرۈك دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەسەر ئوخشاش نامغا ئىگە بولغان ناھىيەنىڭ جەۋھىرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇنىڭ زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن يەنە بىر ئەسىرى بولسا، بەي ھاممامى دەپ ئاتىلىدىغان، ئۈستىگە 1444- يىل دەپ يېزىلغان سەلانىكتىكى ھاممامدۇر. 1445- يىلى مانىسا سارىيى ۋە ئەدىرنەدىكى يېڭى سارايمۇ ئۇنىڭ دەۋرىدە سېلىنىشقا باشلىغان.


ئوسمانلى سۇلتانى ئىككىنچى مۇرات مېھرىبانلىقى ۋە ياخشىلىق سۆيەرلىكى بىلەن تونۇلغان، تەسەۋۋۇپ، سەنئەت ۋە ئىلىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە شېئىر يازىدىغان تۇنجى ئوسمانلى پادىشاھىدۇر. سۇلتان ئىككىنچى مۇرات سەلتەنىتى دەۋرىدە، ئوسمانلى ئىلىم ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلار موللا يەگان، خاتىبئوغلى ۋە خىزىر بەگ دېگەندەك زىيالىيلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا خوراسان، ئىران، قىرىم ۋە ئەرەبىستاندىن كەلگەن موللا گۈرانى، ئالائۇددىن تۇسى، شەرافەتتىن قىرىمى، قەخرۇددىن ئەجەمى ۋە ئەجەمى سىنانغا ئوخشاش زىيالىيلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان كىشىلەردۇر.


سۇلتان ئىككىنچى مۇرات تىنچلىق مەزگىللىرىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئالىم ۋە شائىرلارنى سارايغا چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشەتتى، ئۇتۇق قازانغانلارنى مۇكاپاتلايتتى. نەتىجىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەر قەلەمگە ئېلىندى، ئەرەبچە ۋە پارىسچە كۆپلىگەن ئەسەرلەر تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. سۇلتان ئىككىنچى مۇرات ئەسەرلەردە ئىشلىتىگەن سۆز ئىبارىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى. يېزىلغان ئەسەرلەردە ساپ ۋە مەنىسى ئېنىق تۈركچە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. 13- ئەسىردە ئىككىنچى كەيكاۋۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېزىلغان «دانىشمەننامە» نى توكات قەلئەسى كاتىپى ئارىف ئەلىگە روشەن ۋە ساپ تىل ئىشلىتىپ تەكرار قەلەمگە ئالدۇرۇشى، ئۇنىڭ ئاڭلىق تىل چۈشەنچىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتىدۇر.


.......................................................................................


ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەلەرنىڭ تېمىلىرى ئېتىبارى بىلەن خىلمۇ خىل، تىل نۇقتىسىدىن بولسا ئىنتايىن باي ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇلاردىن دىنىي مەزمۇندىكى 1425- يىلى دەۋلەتئوغلى يۇسۇف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان فىقھى كىتابى «ۋىقايە»، 1226- يىلى خاتىبئوغلى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان يۈز ھەدىس ۋە يۈز ھېكايىدىن تەشكىل تاپقان «فەرەھنامە» ناملىق ئەسەر، شەيخ ئەلۋانى شىرازى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان «گۈلشەنى راز» (سىرلارنىڭ گۈل باغچىسى) ناملىق مەسنەۋىي قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا 1427- يىلى ئورۇچ غازى بىن شابان تاماملىغان، 10410 بېيىتتىن تەشكىل تاپىدىغان ئانسېكلوپىدىك ئەسەر «مۇرادنامە»، 1421- 1427 يىللىرى ئارىسىدا پىر مۇھەممەد تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «تەرىقەتنامە»، 1429 ۋە 1430- يىللىرى ئارىسىدا ئابدى تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە دانيال پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى جاماسبنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ھېكايە قىلىدىغان «جاماسبنامە»، شەيخىنىڭ «خۇسرەۋۇ شىرىن» ى، ئىزنىكلىق ھۇمامى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان «سىنامە»، ئارىف ئىسىملىق بىر شائىرنىڭ «مۇرشىدۇل ئۇھبەداد» ناملىق ئەسىرى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى بايان قىلىدىغان «نۇسخەئى ئالەم»، «مەۋلۇد»، «مىراجى نەبى» ۋە «ۋەفاتۇننەبى» ناملىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسنەۋىيلەر ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە يېزىلغان ياكى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ زامانىسىدا يەنە تارىخ ساھەسىدىمۇ ئىككى بۈيۈك ئەسەر روياپقا چىققان. بۇلارنىڭ بىرى يازىجىزادە ئەلى تەرىپىدىن 1436- يىلى يېزىلغان «ئوغۇزنامە» ياكى «سەلچۇقنامەئىئ تارىخى ئەلى سەلچۇق» (سەلجۇقىيلار خانىدانىنىڭ تارىخى) بولۇپ، ئوسمانلىلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر سۇزۇلغان ھېكايىلىرىنى بايان قىلىدىغان تۇنجى تۈركچە ئەسەردۇر. يەنە بىرى بولسا، ئىككىنچى مۇراتنىڭ بالقان رايونلىرىدىكى ئۇرۇشلىرىنى ھېكايە قىلىدىغان «غەزەۋاتى سۇلتان مۇرات بىن مەھمەت خان» ناملىق ئەسەر بولۇپ، ھەر ئىككى ئەسەر تۈرك تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى تۈركچە ئۈلگىلىرىدۇر.


سۇلتان ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە پەقەت شېئىرلا ئەمەس، ناھايىتى كۆپ نەسرى ئەسەرلەرمۇ قەلەمگە ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەجمەتتىن دايە يېزىپ، سەلجۇقلار ھۆكۈمدارى ئالائۇددىن كەيكۇباتقا تەقدىم قىلىنغان ئەخلاق، تەسەۋۋۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ھاياتىنى مەزمۇن قىلىدىغان «مىرسادۇلئىباد مىنەل مەبدەئى ۋەلمەئال» ناملىق ئەسەر، قاسىم بىن مەھمۇد قاراھىسارى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «مۇرادنامە»، 1429- يىلى مەھمۇد بىن قازىئى مانياس تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان سەئدى «گۈلىستان» نىنىڭ ئانادولۇدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى نۇسخىسى بىلەن ئانسېكلوپېدىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسىرى «ئەجەبۇل ئاجائىب» ناملىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا مەھمۇد بىن مۇھەممەد شىرۋانىنىڭ قىممەتلىك تاشلار ۋە كۈچلەندۈرگۈچى دورىلار ۋە ئەتىرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان «تۇھفەئى مۇرادى» سى بىلەن «تارىخىي ئىبنى كەسىر» نىڭ تەرجىمىسى، شەيخزادە ئەھمەد مىسرىنىڭ «مىڭ بىر كېچە» مەسەللىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يازغان «قىرىق ۋەزىر ھېكايىسى»، مۇھەممەد بىن ئۆمەر ئەلھەلەبىنىڭ «ئەلفەرەج بەئدەششىددە» نىڭ تەرجىمىسى، ئاھى چەلەبى يازغان «فائىدەئى ھاسات» دېگەندەك كۆپلىگەن نەسرى ئەسەرلەر ئىككىنچى مۇرات دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان.


.......................................................................................


ئانادولۇ سەلجۇقىيلىرى، بەگلىكلەر دەۋرى ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدىغان بۇ دەۋردە تۈركچە، گىرامماتىكا شەكىللىرى ۋە سۆز خەزىنىسى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئاددى بىر خىل تىل قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىدى. بۇ دەۋردە يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ پەقەت كىرىش قىسىملىرى ئېغىر ۋە مۇرەككەپ تىلدا يېزىلغانىدى. 14- ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن شېئىرى ئەسەرلەرمۇ ئاددى ۋە بولۇپمۇ 15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چېگرالىرىنى كېڭىيىشى ۋە سىياسىي بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تىل بىرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى يولىمۇ تاللىنىدۇ. تۈركچە بۇ ئەسىردە بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ دۆلەت، ئىلىم ۋە ئەدەبىيات تىلى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنە بۇ دەۋردە ئەدەبىيات ساھەسىدە تۈركچە يېزىلغان مۇھىم ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. ئىلگىرىكى مەزگىللەردە تۈرك سارايلىرى بار بولغان شەھەرلەر بىلەن 15- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ پايتەختى بولغاندىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭمۇ بۇلار بىلەن بىرلىكتە بىرەر مەدەنىيەت ھالىغا كېلىشى، سارايدا فارسچىغا، مەدرەسەلەردە بولسا ئەرەبچىگە ئورۇن بېرىلىشى ئەسەرلەرنىڭ مەزكۇر تىللارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. نەتىجىدە سارايدا چەت ئەل شائىرلىرىغا، خۇسۇسەن ئىران ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن قىزىقىش كۈچىيىدۇ. تۈرك شائىرلار بىر –بىرلىرى بىلەن ئىران ئەدەبىيات ئۈلگىلىرىنى مودېل قىلىپ، رىقابەتلەشكەن ھالدا ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىران ئەدەبىياتىدىكى بارلىق شېئىر تۈرلىرى تۈرك ئەدەبىياتىغا كىرگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ تۈردە ئورۇن ئالغان پارسچە بارلىق سۆز ۋە ئاتالغۇلار تۈركچىگە كېرىدۇ ۋە تۈرك تىل قۇرۇلمىسىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.


ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە كۆرۈلگەن ئاددىي ۋە روشەن مەنىلىك تۈركچىنىڭ ئورنىغا ئەدەبىي ۋە ئىلمى ئەسەرلەردە پارسچە ۋە ئەرەبچە سۆزلەر كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن بىر خىل تۈركچە ئىستىمال قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت تۈركچىنىڭ ئارزۇ قاپىيەسىگە ماسلاشماسلىقى سەۋەبىدىن، شائىرلار ئەرەبچە ۋە پارسچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يېزىق تىلى ئېغىز تىلىدىن ئاستا ـئاستا يىراقلىشىش باسقۇچىغا كېرىدۇ ۋە مۇئەييەن بىر قاتلام تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان تىل ھالىغا كېلىدۇ. نەتىجىدە تىلشۇناسلار «ئوسمانلى تۈركچىسى» دەپ ئاتايدىغان ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.


«ئىككىنچى مەھمەت (1451-1481


ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغانلىقى يۈزىسىدىن فاتىھ سۇلتان دەپ ئاتالغان ئىككىنچى مەھمەت ئۈچۈن مەشھۇر تۈرك تارىخچىسى خالىل ئىنالجىك «فاتىھنىڭ خاراكتېرىدە تۈرك، ئىران، ئىسلام ۋە رىم ھۆكۈمدارلىق ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئوسمانلى پادىشاھى ئاپىرىدە بولغان» دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ سۆز فاتىھنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر دۇنيا ئىمپېراتورلۇقى قۇرغانلىقىنىڭمۇ ئىپادىسىدۇر. ئەلۋەتتە ئىككىنچى مەھمەت بۇ نۇقتىغا مۇئەييەن مۇساپىلەرنى باسقاندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن.


يەرلىك ۋە چەت ئەللىك كۆپلىگەن يازغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى مەھمەتنى تەسۋىرلەپ يازغان يازمىلىرى بار. ئىتالىيەلىك زورزو دولفىن، ئۇنى مەرت، ھۇشيار، ئاز كۈلىدىغان، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، رىم تارىخى ۋە گىرىك تارىخلىرىدىن ھېرودوتوسنى ئوقۇپ چىققان ياكى ئوقۇتۇپ ئاڭلىغان ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە بىر ئىتالىيەلىك يازغۇچى لانگۇستومۇ ئۇنى بويى ئېگىز، يۈزى ئۇزۇنچاق، ئاز كۈلىدىغان، سالاپەتلىك، دۇنيا دۆلىتى قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان، بىر نەرسە ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بىر كىشى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئوسمانلى تارىخچىلىرىدىن نەشرى، ئۇنى قەيەردە بىر ئىلىملىك كىشى بولسا، ئۇنى ئىستانبۇلغا ئەكەلدۈرۈپ مائاش توختىدىغان ئىلىم ئەھلى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ھامىيسى دەپ تەرىپلەيدۇ. نەشرى، ئۇنىڭ پەقەت ئالىملارنىلا ئەمەس، يوقسۇللارغىمۇ ھامىيلىق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مەرتلىكىدىن پايدىلانمىغان ئىستانبۇلدا ھېچبىر پېقىر –پۇقرانىڭ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن ، مەرت، ئادىل ۋە ئىلىملىك بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەيدۇ. ئىككىنچى مەھمەت ئالىملار ۋە سەنئەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇلاردىن ئىگىلىگەن پىكىرلەردىن دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئۆز شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتتۈرەتتى.


ئىككىنچى مەھمەتنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە، ئاتىسىنىڭ 1444- يىلى 8- ئاۋغۇستتا تەختنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ۋە 1446- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە سەلتەنەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىنىڭ كۈچلۈك رولى بار. 14- 16 ياش چېغىدىلا ھۆكۈمدارلىق تەختىگە ئولتۇرغان ۋە تەجرىبىسىزلىكى تۈپەيلى قايتىدىن شاھزادىلىك مەركىزى بولغان مانىساغا چېكىنىشى ئۇنىڭدا دۆلەت ئەربابلىرى ئۈستىدە نوپۇز يارىتىش بوشلۇقى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىغان چاندارلىق ۋەزىر ئائىلىسىگە نىسبەتەنمۇ قەلبىدە ئاداۋاەت ساقلاشقا سەۋەب بولىدۇ. ئوسمانلى تارىخىدا سەلتەنەتكە ئىككى قېتىم چىققان بىردىن بىر سۇلتان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئىككىنچى مەھمەتنىڭ مانىسا سارىيىدىكى شاھزادىلىكى ئەسناسىدا ئۆزىگە تەربىيلىگۈچى قىلىپ تەيىنلەنگەن شەھابەتتىن پاشا ۋە زاغانوس پاشانىڭ تەلىماتلىرى ئارقىسىدا، پەقەت ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغان تەقدىردە ھەقىقىي مەنىدە بىر سۇلتان سۈپىتىدە نوپۇز يارىتالايدىغانلىقى ئىشەنچىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇ پىكىردە چىڭ تۇرۇشىنىڭ ئىمان كەلتۈرگەن دىنىنىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىدىغان قوماندانغا دائىر ھەدىس بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مانىسادىكى شاھزادىلىكى مەزگىلىدە قېشىغا ئەكىلىۋالغان ئىتالىيەلىك ئىنسانپەرۋەر ئانكوناغا ئوخشاش چەت ئەللىك زىيالىيلارنىڭ سايىسىدا گرېك ۋە لاتىن مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقانلىقى ۋە روما تارىخىنى ئۆگىنىشىمۇ ئۇنىڭدا پەقەت ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش ئارقىلىقلا بىر جاھان ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقى پىكرىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ پىكىرلەر بىلەن يېتىلگەن ئىككىنچى مەھمەت ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1451- يىلى 19- فېۋرالدا ئەدىرنەگە كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرىدۇ.


.......................................................................................


ئىككىنچى مەھمەت تەختكە ئولتۇرا –ئولتۇرمايلا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئانادولۇ ۋە رۇمئەلىدىكى زېمىنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋە بۇ ئىككى يېرىم ئارال ئارىسىدا ھەر دائىم بىر توسالغۇ بولۇپ كەلگەن ھازىرقى كۈندىكى ئىستانبۇل ۋە ئەتراپى بىلەن چەكلىنىدىغان ۋىزانتىيەنى پەتھى قىلىش تەييارلىقلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. لېكىن بۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئىككىنچى مەھمەتنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئوسمانلى پادىشاھلىرىمۇ ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن ئالتە قېتىم ئورۇنۇپ كۆرگەن ۋە ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەردىن ئۇتۇقسىز ئاخىرلاشقانىدى. ھالبۇكى، ئىككىنچى مەھمەت پۈتۈن سىياسىتىنى ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىشقا قاراتقانىدى. مەغلۇب بولغان تەقدىردە دۆلەت ھاياتىدا نوپۇز يارىتىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. بولغۇسى بىر مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھازىرلىقلارنى ھەم دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇق بولۇپ ئىككى قانات بويىچە پىلانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىش خىزمەتلىرى باشلىنىدۇ.


قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئۈچۈن مۇستەھكەملىكلىرى بىلەن تونۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى يىقىپ تاشلىيالايدىغان ئۇرۇش قۇراللىرىنى ياساشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئىشنى ئەدىرنەدە روياپقا چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ. ناھايىتى چوڭ توپ ئوقلىرى تەييارلىنىدۇ. بۇ قۇراللارنى ياساشتا يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ئۇستىلاردىن پايدىلىنىلىدۇ ۋە ئۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قۇراللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار قۇرال ئۈچ ئايلىق جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە ياسالغان 600 كىلو ئېغىرلىقتىكى تاشلارنى ئاتالايدىغان مەنچاناقلار ئىدى. دېڭىز قىسىملىرى ئۈچۈنمۇ گەلىبولۇ كېمەسازلىق ئورنىدا ئۇرۇش كېمىلىرى ياسىلىدۇ. لېكىن مەنبەلەر، قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قوراللىرىنىڭ شۇ دەۋرگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، دېڭىز قۇشۇنلىرىغا ئائىت ئوسمانلى ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەرسىز ۋە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ تەجرىبىسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىدۇ. شەھەرنى پەتھى قىلىشنىڭ يەنە بىر تەييارلىقى، 1457- يىلى ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئەڭ تار بولغان نۇقتىسىدا رۇمئەلى تەرىپىدە ‹بوغاز كەسەن ھىسار›دەپمۇ ئاتىلىدىغان رۇمئەلى سىپىلىنى ئىنشا قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ سىپىل ئىلگىرى بوغۇزنىڭ ئانادولۇ تەرىپىدە يىلدىرىم بەيازىد ئىنشا قىلغان ئانادولۇ ھىسارى (سىپىلى) نىڭ قارشى تەرىپىگە سېلىنىدۇ. مەقسەت ئىستانبۇل بوغۇزىنى كونترول قىلىش ۋە مۇھاسىرە قىلىش ئەسناسىدا شەھەرگە دېڭىز ئارقىلىق قارا دېڭىز تەرىپىدىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان ياردەملەرنى كېسىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئىككىنچى مەھمەت قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرغان رۇمئەلى سىپىلى ئۈچ ئايدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتىدۇ ۋە ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇ يەرگە ئەسكەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


ئەدىرنەدە تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوسمانلى قوشۇنى 1453- يىلى فېۋرال ئېيىدا ئەدىرنەدىن قوزغىلىپ، ئىستانبۇل سىپىللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئاپرىل ئېيىغا قەدەر ئەسكەر توپلايدۇ. 6- ئاپرىل كۈنى توپ ئوقلىرىنى ئېتىشقا باشلايدۇ. 53 كۈن داۋاملاشقان مۇھاسىرىدىن كېيىن 1453- يىلى 29- مايدا شەرقىي روما پەتھى قىلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى 659- يىلىدىكى قۇرۇلۇشىدىن ئېتىبارەن 30 قېتىم ئەرەبلەر، بۇلغارلار، سېرىبلار ۋە تۈركلەر تەرىپىدىن مۇھاسىرە قىلىنغان ۋىزانتىيەنىڭ پەتھى قىلىنىشى ئىككىنچى مەھمەت تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىككىنچى مەھمەت ئەمەس، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئىدى.


.......................................................................................


فاتىھ سۇلتان مەھمەت شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئەدىرنەدىن ئىستانبۇلغا يۆتكەيدۇ. ئۇ ئىستانبۇلنى پەقەت ئىستانبۇللۇقلارنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ مەركىزى بولۇشىنى خالايتتى. بۇ مەقسەتكە مۇۋاپىق ھالدا 1204- يىلىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىن بىرى كىچىكلەپ، نوپۇسى ئازىيىپ كەتكەن ئىستانبۇلنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، شەھەرنى يېڭىدىن ئىنشا قىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى سۈرئەت بىلەن كۆپىيىدۇ ۋە دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدىن ئالىملار ۋە سەنئەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ.


ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت دىققىتىنى بالقان رايونى ۋە ئانادولۇغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىدۇ. 1457 ۋە 1460- يىللىرىدىكى مورا ئۇرۇشلىرى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولغان مورا خانلىقىنى يىمىرىپ تاشلايدۇ ۋە بۇ يەرنى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر بەگلىكى ھالىغا كەلتۈرىدۇ. 1461- يىلى ترابزونمۇ ئوسمانلى دۆلىتىگە قارىتىلىدۇ. 1470- يىلى ئەگرىبوز ئارىلى پەتھى قىلىنىدۇ. 1454 ۋە 1478- يىللىرى ئارىسىدا بالقان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلارنىڭ كۆپ قىسمىغا فاتىھ سۇلتان مەھمەت بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئالبانىيە، سېربىيە، ئەفلاك ۋە قىرىم قاتارلىقلارنى پەتھى قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى كىچىك –كىچىك دۆلەتلەر ھالىغا كەلتۈرىدۇ. بۇ يۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئوسمانلى ھۇجۇمچى قىسىملىرى ئىتالىيەدە ۋەنەدىك ۋە ۋىنگىرىيەدە ئەرداللارغىچە بارىدۇ.


شەرقتە بولسا، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنى ئەڭ كۆپ ئاۋارە قىلغان مەسىلە قارامانلى بەگلىكىنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېڭىيىۋاتقان ئوسمانلىلارغا ئېلىپ بارغان مۇجادىلىسى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئەزەربەيجاندا كۈچلۈك بىر تۈرك دۆلىتى قۇرغان ئاققۇيۇنلۇقلار بار ئىدى. ئاققۇيۇنلۇقلارنىڭ باشلىقى ئۇزۇن ھەسەننىڭ ئوسمانلىلارغا قارشى قارامانلىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى نەتىجىسىدە ئوسمانلى قوشۇنى بىلەن ئاققۇيۇنلۇقلار قوشۇنى ئارىسىدا 473- يىلى 11- ئاۋغۇستتا ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشى مەيدانغا كېلىدۇ ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە ئوسمانلىنىڭ تەسىرى شەرقىي ئانادولۇ رايونىغا قەدەر كېڭىيىدۇ.


فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئىدارە ئىشلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ مەركەزلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ مەقسەتتە دۆلەت كادىرى بولىدىغانلارنىڭ بىر مەركەزدە تەربىيلىنىشىگە، مەنسەپلىرىنى ئۆستۈرۈشتىمۇ كونا تۈزۈمگە دۆلەتكە ساداقەت ۋە خىزمەت كۆرسىتىش ئۆلچەملىرىنى كىرگۈزىدۇ. فاتىھ دەۋرىدە قانۇن ساھەسىدىمۇ كۆپ ساندا قانۇننامىلەر ئېلان قىلىنىدۇ، كەڭ كەتكەن رايونغا يېيىلغان ئوسمانلى دۆلىتىدە ئورتاق قانۇنلار بىر قاتار مەھەللىي پەرقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا، تارىخچىلارنىڭ ئىككىنچى مەھمەتنىڭ بىر دۆلەتنى ئىمپېراتورلۇققا ئايلاندۇرۇشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەن، تۈركچە، رىمچە، سلاۋچە، ئەرەبچە ۋە پارسچىغا ئوخشاش تىللارنى بىلىدىغان بىر زىيالىي بولۇش بىلەن بىرگە، ئەسكىرى جەھەتتىمۇ 21 ياش ۋاقىتىدا ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىنى ئىكەنلىكىنى يازغانلىقىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كېيىن سۆزلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.


«ئىمپېراتورلۇقنىڭ يېڭى پايتەختى ئىستانبۇل»


فاتىھ سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇل ئىنتايىن ھارغىن دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بولۇپ، جانسىز دېگۈدەكلا بىر شەھەر ئىدى. ئىستانبۇلنى جانلاندۇرۇش، ئىمپېراتورلۇقنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن فاتىھ بۇ يەردە قويۇق شەكىلدە قۇرۇلۇش ۋە يەرلەشتۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدۇ. 1204- يىلى لاتىنلار تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلگەن ئىستانبۇل، قالاقلىشىش دەۋرىگە كىرىپ، بىر يېزىغىلا ئوخشاپ قالىدۇ، شەھەردىكى باغ ۋە تېرىقچىلىق يەرلىرى سېپىل ئىچىدە قالىدۇ. ئوسمانلىلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ دېگەندە 50 مىڭ كىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. 1454- يىلى پاترىك قىلىپ تەيىنلەنگەن شولارىئوسنىڭ قارىشىچە، ئىستانبۇل، كۆپ قىسمى بوش ۋە خەلقى يوقسۇللۇق دەردىدىن پەرىشان بولىۋاتقان خارابە بىر شەھەر ئىدى.


شەھەرنىڭ پۈتۈنلەي خارابىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن فاتىھ، ئىستانبۇلنى مۇھاسىرىگە ئالغان ئەسنادا ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىدىن شەھەرنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق مۇداپىئەدە تۇرىۋاتقان لاتىنلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشلىرى يۈزىسىدىن شەھەر ئوسمانلىلارغا تىنچلىق يولى بىلەن ئۆتمەيدۇ. نەتىجىدە فاتىھ، ئىسلام قانۇنلىرىغا كۆرە ئۇرۇش يولى بىلەن پەتھى قىلىنغان ئىستانبۇلنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن غەنىمەت توپلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت، بىنالارنىڭ ۋەيران قىلىنماسلىقى شەرتى بىلەن 3 كۈن بويىچە شەھەردىن غەنىمەت توپلاشقا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ جەريان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوسمانلى سۇلتانى دەرھال شەھەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىش ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشىدۇ. فاتىھنىڭ سارىيىدا ياشىغان ۋىزانتىيەلىك تارىخچى كرىتوۋۇلوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۇلتاننىڭ مەقسىتى ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئەمەس، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە شەھەرنى مۇكەممەل ھالغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئەلۋەتتە، شەھەرگە يېڭىدىن نوپۇس يەرلەشتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش دېگەنلىك بولاتتى.


پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇل خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ، قالغان قىسمى ئوسمانلىلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. يېڭىدىن شەھەر نوپۇسىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە فاتىھ، ئالدى بىلەن ئەسىرگە ئېلىنغان رىملارغا فىديەلىرىنى تۆلىگەن تەقدىردە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.


بۇلارنىڭ فىديە پۇللىرىنى تېپىشلىرى ئۈچۈن شەھەردىكى كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش ساھەلىرىدە ئىشلەشلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا فاتىھ سۇلتان مەھمەت، يوقسۇللارغا پۇل تارقىتىشنىڭ خەلقنىڭ كۆڭۈل مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، شەھەر كوچىلىرىغا چىقىپ ئەھۋالنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرنى تاشلاپ كەتكەن ئىستانبۇللۇقلارغا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ رېمونىت قىلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. 1453- يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەت، سىلىۋرى ۋە گالاتادا ئولتۇرىدىغان خەلقنى ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. رۇمئەلى ۋە ئانادولۇدىن 4 مىڭدىن ئائىلىنىڭ ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلۈشىنى بۇيرۇيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار بولغىنىدەك، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. فاتىھ، بوش ئۆيلەرنىڭ باشقا شەھەرلەردىن كېلىپ ئورۇنلاشقانلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.


1453- يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئەدىرنەدىكى سارىيىغا بېرىشتىن ئىلگىرى فاتىھ، سۇلايمان بەگنى ئىستانبۇلنىڭ تۇنجى سۇ بېشى ۋە خىزىر بەگنى تۇنجى قازىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۇلايمان بەگ بىلەن خىزىر بەگ ئىستانبۇلنىڭ قايتىدىن ئىنشا قىلىنىشى ۋە سېپىللارنىڭ رېمونت قىلىنىشى ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنىدۇ. شەھەر مەركىزىگە فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۆزى ئۈچۈن بىر ساراي سېلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە يەدىكۇلە تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ مۇستەھكەم قەلئە ھالىغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئەمىر قىلىدۇ. فاتىھنىڭ يەنە شۇ مەزگىللەردە ئىستانبۇلنى ئىمپېراتورلۇقنىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك.


.......................................................................................


1453- يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا ئەدىرنەدىن ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت، شەھەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەسلىدە سۇلتاننىڭ پىكرى بىر قىسىم باي ئائىلىلەرنى ئىستانبۇلغا جەلپ قىلىش بولسىمۇ، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئۆي –ماكانلىرىنى تاشلاپ ئىستانبۇلغا ئورۇنلىشىشنى خالىماسلىقى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 1454- يىلىنىڭ بېشىدا ئىستانبۇلنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن رىملىقلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە فاتىھ سۇلتان مەھمەت، شولارىئۇسنى ئىستانبۇلغا پاترېك قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئارقىدىن بۇرساغا بارغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇ يەردىن كۆپ ساندا باي ۋە كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ تاللىنىشىنى ۋە ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


كېيىنكى يۈرۈشلىرى جەريانىدا پەتھى قىلغان شەھەرلەرنىڭ بايلىرى، ھۆنەرۋەن - كاسىپلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىستانبۇلغا سۈرگۈن قىلىدۇ. سۇلتان ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ بىر قىسىمىنى قۇل سۈپىتىدە تاللاپ، ئىستانبۇلنىڭ يىمەك –ئىچمەك ماددىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ۋە مەھەللىلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.


ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلگەن خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلار رۇمئەلى ۋە ئانادولۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلگەنلەر ئىدى. كونا ۋە يېڭى فوچا، ئارگوس، ئاماسرا، ترابزون، مورا، تاشوز، كونيا، ئاقساراي، لافەندە ۋە ئەغرەلى قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈرۈلۈپ ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەر، ئېلىپ كېلىنگەن جايلىرىغا كۆرە گۇرۇپپا ھالىتىدە ھەر بىرى ئايرىم –ئايرىم مەھەللىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، ئاقسارايدىن كەلتۈرۈلگەنلەر ئىستانبۇلدا ئاقساراي مەھەللىسىنى قۇرىدۇ. كەفەدىن كەلگەن بارلىق ئىتالىيەلىك ئائىلىلەر ئىستانبۇلغا كېلىپ، كەفەلى دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئەدىرنە، فىلىبە، گەلىبولۇ، بۇرسا ۋە باشقا شەھەرلەرگە قاچقان رىم زىيالىي ۋە ھۆنەرۋەن –كاسىپلارغا قايتىپ كېلىشلىرى ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرۈلىدۇ.


1454- يىلى ئىسائاج سافراتى گېرمانىيە ۋە ۋىنگىرىيەدە دىنلىرىنى تەرك قىلىشقا مەجبۇرلانغان يەھۇدىيلارغا خىتاب قىلىپ، ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى تېروتورىيەسىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە ۋە ۋىنگىرىيەدىن كۆپ ساندا يەھۇدىي ئوسمانلى زېمىنلىرىغا كۆچۈشكە باشلايدۇ. 1487- يىلى ئىستانبۇلدا 1647 يەھۇدىي ئائىلىسى بار ئىدى.


.......................................................................................


1455- يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەت سېربىيە يۈرۈشىدىن قايتقاندا، يەدىكۇلە قەلئەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سېپىللارنىڭ رېمونت خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى كۆرىدۇ. يېڭى ئىنشائاتلار ئۈچۈن پەرمان چىقىرىدۇ. بۈيۈك –كۈچۈك چەكمەجە ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ ۋە شەھەرگە بارىدىغان يوللارنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرىدۇ. بۇ يوللارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇداپىئە تېمىنىڭ سوقۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


1459- يىلى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى شېھىت بولغان جاي دەپ قارىلىدىغان يەرگە بىر جامە، بىر قەبرە، بىر مەدرەسە ۋە بىر ئىمارەت سالدۇرۇپ، بۇرسادىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەرنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.


سۇلتان، يېڭى ساراينىڭ يېنىغا كىچىك بىر سودا –سېتىق مەركىزىنىڭ سېلىنىشىنى بۇيرۇيدۇ. فاتىھ زامانىدا بۈيۈك بەداستەن ياكى بەززازىستان دەپ بىلىنىدىغان بۇ مەركەز، كېيىنچە ئىستانبۇلنىڭ مەشھۇر قاپالى چارشىسى (يېپىق بازىرى) غائايلىنىدۇ. بۇ بەدەستەن رەختلەر، پەلتۇلار ۋە زىبۇ –زىننەتلەرنىڭ ساقلىنىشىغا ئاجرىتىلغان بىر جاي بولۇپ، ئۇ يەردە 128 دۇككان بار ئىدى. بەدەستەن ئەتراپىغا 894 دۇككان سېلىنىدۇ. بەدەستەن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يېڭى قۇرۇلۇشلار سېلىنىپ كېڭەيتىلىدۇ ۋە بۈگۈنكى كۈندە قاپالى چارشى دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم بىر سودا مەركىزى بولغان ماكان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت، بەدەستەندىن كىرگەن كىرىمنى توپلاپ، ئايا سوفيا جامەسىنىڭ خىزمەت ۋە رېمونت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىدۇ.


بەدەستەن ئۈچۈن بىر قانچە ھاممام سالدۇرۇلىدۇ ۋە شەھەرگە كۆپلەپ سۇ كەلتۈرۈش ئۈچۈن كونا ئۆستەك ۋە سۇ قاناللىرى رېمونت قىلدۇرۇلىدۇ. ئىستانبۇلنىڭ كۆپلىگەن مەھەللىلىرىگە يېڭى ھاممام، بازار ۋە كارۋان سارايلار سالدۇرۇلىدۇ. يېڭى ساراي 1464- يىلىدا پۈتكۈزۈلىدۇ. كېيىنچە توپقاپى سارىيى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان سارايمۇ فاتىھ دەۋرىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن قورۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى كۈندە دۇنيانىڭ ئەڭ باي ۋە قىممەتلىك ئاسارە –ئەتىقىلىرىگە ئىگە بولغان مۇزېيلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. 1473- يىلى چىنە خىشلىق ساراي سېلىنىدۇ. 1478- يىلى ئارىسىدا ساراينىڭ ئەتراپى ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشىلىدۇ.


ئوسمانلىلار، ۋەقىفلەر سايىسىدا كۆپلىگەن خەير –ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ ئىنشا قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ خەلققە ئېچىۋېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. جامەلەر، مەدرەسەلەر، خانىقالار، ھامماملار، كارۋان سارايلار، ئىمارەتلەر ۋەقىفلەر سايىسىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلققە خىزمەت قىلىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەتتىن باشقا دۆلەت ئەركانلىرىدىنمۇ كۆپلىگەن كىشى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا جامەلەر، ياتاقلىق مەكتەپلەر، ئىمارەتلەر، ھامماملار سالدۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغىنى مەھمۇت پاشادۇر. سېلىنغان بىنالارنىڭ ئەتراپىغا چىقىملىرى ۋەقىفلەر تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان سودا مەركەزلىرى سېلىنىدۇ. بۇ ئورۇنلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەرەققىي قىلغان ئىستانبۇلنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىستانبۇلنىڭ كۆپلىگەن مەھەللىسى ھازىرقى كۈندىمۇ مەھمۇت پاشا، گەدىك، ئەھمەت پاشا، مۇراد پاشا ۋە داۋۇد پاشا دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان بولۇپ، فاتىھ دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئىسىملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.


شۇنداق قىلىپ، ئىستانبۇل ھەم فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ھەم ئەتراپىدىكى دۆلەت ئەركانىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا تۈرك –مۇسۇلمان شەھىرى خاراكتېرىگە ئېرىشىپ، تەخمىنەن 5 ئەسىر بويىچە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ پايتەختى بولۇش ئالاھىدىلىكلىگە ئىگە بولىدۇ.


«ئىككىنچى بەيازىت (1481-1512


1448- يىلى ئەدىرنەگە يېقىن يەرگە جايلاشقان دىمەتوكادا دۇنياغا كەلگەن ئىككىنچى بەيازىت، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ گۇلباھار خاتۇندىن بولغان ئوغلىدۇر. ئىستانبۇل پەتھى قىلىنىغىدا يەتتە ياشتا بولغان ئىككىنچى بەيازىت، تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاماسيا سانجاق بەگلىكىگە ئەۋەتىلىدۇ. شاھزادىلىكى مەزگىلىدە خەتتاتلىقنى ئۆگىنىدۇ، ئەدەبىياتقا بېرىلىدۇ ۋە شاراپقا بېرىلىشى بىلەن نام چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ، ئادلى تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يازغانلىقى مەلۇم. 1473- يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەت بىلەن ئاققويۇنلۇ ھۆكۈمدارى ئۇزۇن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشىغىمۇ قاتناشقان ئىككىنچى بەيازىتنىڭ شاھزادىلىكى مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بىرەر ئۇتۇققا شېرىك بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. تىنچلىقپەرۋەر خاراكتېرى ئۇنىڭ سەلتەنەت بېشىغا كېلىشىدىن كېيىنمۇ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپلا قالمىغان تەقدىردە، تىنچلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.


ئىككىنچى بەيازىتنىڭ، ئاتىسى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ مەركەزچىلىك سىياسەتلىرىنى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىمۇ قوللىمىغانلىقى مەلۇم. ئۇ، فاتىھنىڭ ۋەقپە ۋە مۈلك زېمىنلىرىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاماسيادىكى شاھزادىلىكى ۋاقىتىدا ئەمەلىيلەشتۇرمەيلا قالماي، بىر قىسىم باجلارنىڭ ئېلىنىشىغىمۇ توسالغۇلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل پەرقلىق سىياسىتى، 1481- يىلىدىكى بىر يۈرۈش ئەسناسىدا فاتىھنىڭ گەبزەدە ۋاپات بولۇشىدىن كېيىنكى تەخت مۇجادىلىسىدە يەنىچەرىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. فاتىھنىڭ يەنە بىر ئوغلى جەم بولسا، ئاتىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ۋەزىرىئەزەم قارامانلى مەھمەت پاشانىڭ جەمنى سەلتەنەت بېشىغا ئېلىپ كېلىش سىياسىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن يەنىچەرىلەر، ئىستانبۇلدا ئىسيان قوزغاپ، قارامانلى مەھمەت پاشانى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە، بەيازىت ئىستانبۇلغا كېلىپ بولغۇچە، شۇ مەزگىلدە ئىستانبۇلدا تۇرىۋاتقان ئىككىنچى بەيازىتنىڭ ئوغلى قورقۇتنى تەختكە ئولتۇرغۇزىدۇ. 1481- يىلى 22- مايدا ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىككىنچى بەيازىت، يەنىچەرىلەرگە كۆپلەپ ھەدىيەلەرنى بېرىپ، تەختكە ئولتۇرىدۇ.


ئىككىنچى بەيازىت، ئوسمانلى تارىخىدا ئىستانبۇلدا تەختكە ئولتۇرغان تۇنجى سۇلتان بولۇپ قالىدۇ. تارىخىي مەنبەلەر ئۇنىڭ شاھزادىلىكى بىلەن سۇلتانلىقى ئارىسىدىكى پەرقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سۇلتان بولغاندىن كېيىن شاراپنى تاشلىغان، خەير –ساخاۋەت ئىشلىرىنى كۆپلەپ قىلىدىغان بىر سۇپى سۇلتاننى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كېيىنچە «ۋەلى» دەپ سۈپەتلىنىشكە باشلايدۇ. 1503- يىلى ۋەنەدىكنىڭ ئىستانبۇل ۋەكىلى ئاندرېئا گىرىتتى، ئۇنى سېمىز، ئېغىر بېسىق، ئېتىقادى كۈچلۈك ۋە قەلبىي يۇمشاق، سەنئەتكە ھېرسىمەن ۋە ئويما ئەشيالارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشى دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئىلاھىيەت ۋە ئاسترولوگىيەگە قىزىدىغانلىقى ۋە تارىلىق چالغۇلارنى چالالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئىككىنچى بەيازىت دەۋرى ئوسمانلى يازما ئەسەرلىرى كۆپلەپ روياپقا چىققان بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. تارىخ ساھەسىدە پارسچىدا ئىدرىس بىتلىسى، تۈركچىدە ئىبنى كەمال ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئوسمانلى تارىخىنى يېزىپ چىقىدۇ. نەشرى تارىخىمۇ ئۇنىڭ زامانىدا يېزىلىپ تۈگەيدۇ، تۇرسۇن بەگمۇ ئەسىرىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ شاھزادىلىكى دەۋرىدىن باشلاپلا ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئەتراپىغا توپلىشى ۋە ئۇلارنى ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.


.......................................................................................


1481- يىلى 22- مايدا ئىستانبۇلدا ئىسيان كۆتۈرگەن يەنىچەرىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەختكە ئولتۇرغان ئىككىنچى بەيازىتنىڭ سەلتەنىتى بىر تۇغقىنى جەم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. جەم يىغقان ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇرساغا كېلىپ، ئۇنى قولغا كىرگۈزىدۇ، ئۆز نامىدا پۇل باستۇرۇپ، خۇتبە ئوقۇتىدۇ ۋە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك جەم سۇلتان دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئوسمانلى دۆلىتىدە ئىككى سۇلتاننىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جەمنىڭ ئاكىسى ئىككىنچى بەيازىتقا سۇنغان ئۆزىنىڭ ئانادولۇ زېمىنلىرىدا، بەيازىتنىڭ بولسا رۇمئەلى زېمىنلىرىدا قېلىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپى قوبۇل قىلىنمايدۇ. 1481- يىلى 22- ئىيۇلدا بۇرساغا يېقىن جايدىكى يەنىشەھىردە مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشتا بەيازىت جەمنى مەغلۇب قىلىدۇ. جەم مىسىرغا قېچىپ كېتىدۇ. قارامان ئوغۇللىرى ۋە مەملۇكىلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىر يىل كېيىن تەكرار ئانادولۇغا كېلىدۇ ۋە يەنە مەغلۇب بولۇپ، 1482- يىلى 29- ئىيۇلدا رودوس خانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيدۇ. جەم 1495- يىلى رومادا ۋاپات بولۇپ كەتكۈچە ئوسمانلىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە، بولۇپمۇ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم بىر ئامىل سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.


ئىككىنچى بەيازىت، 1484- يىلى ھازىر كۈندە مولداۋىيە دەپ ئاتىلىدىغان بوغدانغا يۈرۈش قىلىدۇ. مەقسەت، فاتىھ سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن كۆپ قىسمى ئىشقا ئاشۇرۇلغان قارا دېڭىزنى تۈرك كۆلىگە ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ھازىرقى كۈندە رۇمىنىيە دەپ ئاتىلىدىغان ئەفلاكلارنىڭ خانلىقى ۋلادنىڭ ۋە قىرىم خانى مەڭلى گىراينىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن ئوسمانلى قوشۇنى 1484- يىلى 15- ئىيۇلدا كىلىنى ۋە 11- ئاۋغۇستتا ئاققىرماننى ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوسمانلى قوشۇنى دورۇجا بىلەن تۇنا ئارىسىدىن ئۆتۈپ قارا دېڭىز ئارقىلىق پرۇت دەرياسى ئارىسىدىن شىمالدىكى رايونلارغا قاراپ چىقىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە قىرىم خانلىقى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىش مۇمكىن بولۇش بىلەن بىرگە، قارا دېڭىزدىمۇ ئوسمانلىنىڭ پەتھى ھەرىكەتلىرى تاماملانغان بولىدۇ.


ئىككىنچى بەيازىت دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككىنچى بىر مۇھىم ۋەقە بولسا، شەرقتىكى ۋەزىيەت ئوسمانلىلارنىڭ دىققىتىنى شەرققە بۇرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. شەرقتىكى ئىككى ھادىسە مىسىردىكى مەملۇك دۆلىتىنىڭ ماراشتىكى دۇلقادىر بەگلىكى ئۈستىگە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ئانادولۇغا كېڭىيىش سىياسىتى بىلەن ئىراندا تۈركمەن مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان سەفەۋى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر. 1485 بىلەن 1491- يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوسمانلىلار بىلەن مەملۇكىيلارنىڭ ئۇرۇشلىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلالماسلىقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي چىقىملىرى ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي يۇقىتىپ تاشلايدۇ. پورتۇگالىيەلىك دېڭىزچى ۋاسكو دا گامانىڭ ھىندىستانغا يېتىپ بېرىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم 1501- يىلى دورا –دەرمەك يۈكلەنگەن پاراخوتلار لىزبون پورتىغا بارىدۇ. بۇ ئىش، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان دورا –دەرمەك يولىنى مونوپۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەنەدىك ۋە مەملۇك دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ قىزىل دېڭىزغا ئېچىلىش سىياسەتلىرىگە قارشى مەملۇكىيلار ئوسمانلىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. 1509- يىلى پورتۇگالىيەلىكلەرگە قارشى ئوسمانلىلار ۋە مەملۇكىيلار ئورتاق كۈرەش قىلىدۇ. نەتىجىدە ئوسمانلىلار بىلەن مەملۇكىيلار ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىلغان بولىدۇ.


بىراق سەفەۋىيلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ. يىمىرىلگەن ئاققويۇنلۇ دۆلىتىنىڭ ئورنىغا 1500- يىللاردا شەرقىي ئانادولۇ، ئەزەربەيجان ۋە ئىراندا بىر تۈركمەن قەبىلىسىدىن كەلگەن شىئە مەزھىبى مەنسۇپى شاھ ئىسمائىل سەفەۋى دۆلىتىنى قۇرىدۇ. ئانادولۇغا ئەۋەتكەن ئادەملىرى ئارقىلىق بۇ مەزھەبنى ئانادولۇ تۈركمەنلىرى ئارىسىدا تارقىتىشقا تىرىشىدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئوسمانلىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. بۇ ئىسيانلارنىڭ ئەڭ چوڭى 1511- يىلى مەيدانغا كەلگەن شاھقۇلى ئىسيانى بولۇپ، بۇ ئىسيان باستۇرۇلىدۇ. لېكىن شاھ ئىسمائىل خەۋپى كېيىنچە ئىككىنچى بەيازىتنىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغان ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ.


.......................................................................................


ئىككىنچى بەيازىت، 1495- يىلى قېرىندىشى جەمنىڭ ۋاپات بولۇشى ۋە جىنازىسىنىڭ 1499- يىلىنىڭ بېشىدا بۇرسا مۇرادىيەگە ئەۋەتىلىپ دەپنە قىلىنىشىدىن كېيىن، مورادىكى ۋەنەدىك شەھەرلىرىگە قارشى دېڭىز يۈرۈشىگە ئاتلىنىدۇ. بۇ يۈرۈشتىن ئىلگىرى ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى جەنەۋىزلىك كېمىچىلەرنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن يېڭىلايدۇ. بۇ دەۋردە چوڭ يەلكەنلىكلەر تۈرىگە كېرىدىغان گۆكە ناملىق مەشھۇر ئوسمانلى ئۇرۇش كېمىسى مودېلى ياساپ چىقىلىدۇ. بۇ كېمىلەرگە ئۇزۇن مەزگىللىك توپ ئوقلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دېڭىز قىسىملىرى ھەر دائىم ئاجىز بولۇپ كەلگەن ئوسمانلىلار، بۇ خىل تەييارلىقلار سايىسىدا كۈچلىنىدۇ. بۇ قىسىمنىڭ تۇنجى غەلىبىسى 1499 ۋە 1502- يىللىرى ئارىسىدا ئوسمانلىلار بىلەن ۋەنەدىكلىكلەر ئۇرۇشى ئەسناسىدا نامايان بولىدۇ. 300 گە يېقىن ئۇرۇش كېمىسىدىن تەشكىل تاپقان ئوسمانلى دېڭىز قسىملىرىغا كۈچۈك داۋۇد پاشا قوماندانلىقىغا كەمال ۋە بۇراق رەئىس قاتارلىق مەشھۇر قوماندانلار ھەمراھ بولىدۇ. 1499- يىلى 25- ئاۋغۇستتا ئىنەباھتى، 1500- يىلى 10- ئاۋغۇستتا مۇدون ۋە 16- ئاۋغۇستتا كورون ۋەنەدىك دېڭىز قىسىملىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ.


ئىككىنچى بەيازىت دەۋرىدە بۇ خىل ئۇتۇقلار بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئاپەتلەرمۇ مەيدانغا كېلىدۇ. 1492- ۋە 1502- يىللىرى ئارىسىدا ۋابا كېسىلى تارقاپ ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئالتە داۋاملاشقان بىر ئاچلىق دەۋرى مەيدانغا كېلىدۇ. 1509- يىلى 11- سېنتەبىردە باشلىنىپ بىر يېرىم ئاي داۋاملاشقان يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئىستانبۇلدا 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، مىڭلاچە ئۆي –ماكان ۋە مەسچىت يىقىلىپ چۈشىدۇ. لېكىن ئىككىنچى بەيازىتنىڭ 1505- يىلى پۈتكەن ئىمارىتى فاتىھ سۇلتان مەھمەتتىن كېيىن ئىستانبۇلدا سېلىنغان ئەڭ چوڭ ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شەھەرنىڭ تۈرك –ئىسلام خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ دېڭىز قىسىملىرىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كېيىنكى سۇلتانلار دەۋرىدە دۇنيا خاراكتېرلىك كۈچكە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى يارىتىدۇ.


يەنىچەرىلەرنىڭ ئىسيانى بىلەن تەختكە ئولتۇرغان ئىككىنچى بەيازىت، يەنە يەنىچەرىلەرنىڭ ئىسيانى بىلەن 1515-يىلى 24- ئاپرېلدا ئوغلى ياۋۇز سۇلتان سەلىمگە ئورنىنى بوشىتىپ بېرىدۇ. دۇنياغا كەلگەن يېرى دىمەتوكاغا قايتىش سەپىرى ئەسناسىدا يولدا كېسەللىك يېتىپ ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ ۋە جەسىتى ھازىرقى ئىستانبۇلدىكى ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بەيازىت مەيدانىدىكى جامەنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.


«ئىككىنچى بەيازىت  ۋە جەم سۇلتان»


جەم سۇلتان، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ مۇستافا ۋە بەيازىت ئىسىملىك ئوغۇللىرىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1459- يىلى 23- دېكابىردا ئەدىرنەدە دۇنيا كېلىدۇ. ئەدىرنەدىكى سارايدا ياخشى تەلىم –تەربىيە ئالغان جەم، پارس ۋە ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. 1469- يىلى يەنى 10 ياشقا كىرگەن چېغىدا كاستامونۇغا سانجاق بېگى قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ. يېشى كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ بۇ يەردە غەزەل يازغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. كاستامونۇدا قىسقا ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا، ئارقىدىن رۇمئەلىگە بېرىشقا بۇيرۇلىدۇ. 1473- يىلىدىكى ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئاتىسى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى جەمگە سۇلتان دەپ بەيئەت قىلىدۇ. خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن فاتىھ جەمگە ئىتائەت قىلغانلارنى جازالايدۇ.


1474- يىلى ئاكىسى شاھزادە مۇستافا كونيادا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، جەم ئۇنىڭ ئورنىغا سانجاق بېگى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. كونيادا تەلىم –تەربىيە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغان جەم، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن بىرگە قورال –ياراغ ئىشلىتىش ۋە ئات مىنىشكە ئوخشاش ئەسكىرىي خاراكتېرلىك ماھارەتلەرنىمۇ ئىگىلەيدۇ. كونيادا تۇرغان مەزگىلىدە سەئدى جەم، ھايدار، سەھايى، لالى، كاندى ۋە شاھىدىغا ئوخشاش بىر قىسىم شائىرلارنى ئەتراپىغا توپلايدۇ. بۇ خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىلەن بىرگە، كونياغا چېگرىداش بولغان قارامان ئوغۇللىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.


ئاتىسى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ 1481- يىلىدىكى يۈرۈشى ئەسناسىدا گەبزەدە تويۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، ئاكىسى بەيازىت يەنىچەرىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىستانبۇلدا تەختكە ئولتۇرىدۇ. جەم ئاتىسىنىڭ تەخت ۋارىسىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تەيىنلىگەنلكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكىسىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەيازىتنىڭ ناھەق ھالدا ھۆكۈمدار بولىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ قوشۇن توپلايدۇ ۋە كونيادىن بۇرساغا كېتىدۇ. دەرۋەقە، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۆلگەندە ۋەزىرى ئەزەم بولغان قارامانلى مەھمەت پاشا ھەم ئاماسيادا تۇرىۋاتقان شاھزادە بەيازىتقا ھەم كونيادىكى جەمگە ئاتىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئوسمانلىنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسىگە كۆرە، بىرىنچى بولۇپ ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن شاھزادە تەختكە ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولاتتى. لېكىن جەمگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر بەيازىت تەرەپدارى يەنىچەرىلەر تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ جەمنىڭ يېنىغا بېرىشىغا توسالغۇلۇق قىلىنىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان بەيازىت ئىستانبۇلغا كېلىپ، 1482- يىلى 22- ماي كۈنى يەنىچەرىلەرگە كۆپلەپ ھەدىيە تارقىتىپ بېرىپ، تەختكە ئولتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلالمىغان جەم بۇرسادا 18 كۈن تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۆز نامىدا خۇتبە ئوقۇتىدۇ، پۇل باستۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن جەم سۇلتان دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ. گەرچە رەسمىي ئوسمانلى تارىخىدا ئوسمانلى پادىشاھلىرى رەتكە تىزىلغاندا جەمنىڭ ئىسمىغا ئورۇن بېرىلمىسىمۇ، جەم سۇلتان دەپ ئاتىلىۋېرىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت ھايات چېغىدا سەلتەنەت ئىككى قاناتلىق بولۇپ قالمىسۇن، كۈچ ۋە سەلتەنەت بوشلۇقى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىسۇن ئۈچۈن قانۇنلارنى چىقارغان بولسىمۇ، ئوسمانلى تارىخىدا ئۇ قورققان ئىش مەيدانغا كېلىدۇ. بەيازىت، قېرىندىشى جەم سۇلتاننىڭ ئانادولۇ زېمىنلىرىنىڭ ئۇنىڭ قولىدا، رۇم ئەلى زېمىنلىرىنىڭ بەيازىتنىڭ قولىدا قېلىشى ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئىككى بىر تۇغقان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.


.......................................................................................


فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىككى ئوغلى ئارىسىدىكى قېرىنداش جېدىلى 1481- يىلى بۇرسا يېڭىشەھىردە ئۇرۇشقا ئايلىنىدۇ. جەم سۇلتاننىڭ ئەسكەرلىرى پادىشاھ ئىككىنچى بەيازىدنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ. بىراق جەم ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئىلگىرى سانجاق بەگلىكىنى قىلغان كونياغا كېتىدۇ. بۇ يەردە يېتەرلىك دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇنىس ئارقىلىق قاھىرەگە ـمىسىر سۇلتانىنىڭ قېشىغا كېتىدۇ. قاھىرەدە مەملۇكىيلار سۇلتانى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان جەم سۇلتان، بۇ جەرياندا مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىدۇ. بىراق مەملۇكىيلار سۇلتانىنىڭ جەم سۇلتانغا ھۆرمەت قىلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا باشقا غەرەزلەر بار ئىدى. مەملۇكىيلار جەم سۇلتاننى ئوسمانلىلارغا قارشى بىر سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى ئويلايدۇ. بۇ مەقسەت بىلەن ئۇنى قايتىدىن ئاكىسى بەيازىتقا قارشى ھەق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئانادولۇغا ئەۋەتىدۇ. ئانادولۇدىمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاتلىنىش ئۈچۈن جەمنى قىزىقتۇرۇۋاتقانلار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنقەرە سانجاق بېگى مەھمەت بەگ ۋە قارامان ئوغلۇ قاسىمنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. جەم ئانادولۇغا كېلىدۇ ۋە 1482- يىلى كونيانى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمايدۇ.


شۇنىڭ بىلەن جەم سۇلتان ئوتتۇزدەك ئادىمى بىلەن بىرلىكتە ئانادولۇدا قېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، رودوس ئارىلىنى ھاكىمىيەتلىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان كاتولىك رودوس ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ. جەم سۇلتاننىڭ مۇسۇلمان مىسىر سۇلتانىنىڭ يېنىغا كېتىشىدىن كېيىن، بۇ قېتىم خىرىستىيان رودوس ئاتلىق ئەسكەرلىرىدىن پاناھلىق تىلىشى ۋە ئۇلاردىن سەلتەنەت تىكلىشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىشى ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىزچىل ھالدا تەختنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1482- يىلى 29- ئىيۇل كۈنى رودوسقا يېتىپ بارغان جەم سۇلتان، رودوس ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ رەھبىرى پىئېررې دئاۋبۇسسون تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. جەم، رودوس ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئانادولۇغا بېرىپ مۇجادىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتقان بىر پەيتتە، رودوس ئاتلىق قىسىملىرى ئۇنى ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى ئىشلىتىشنى پىلانلايدۇ. جەمنىڭ رودوسلاردىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىككىنچى بەيازىت بولسا، رودوس ئاتلىق قىسىملىرىنى كېلىشىم ئارقىلىق قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ مەقسەتتە رودوس ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ۋەنەدىكلىك سودىگەرلەردىن باجنى كەچۈرۈم قىلغان بەيازىت، رودوسلارغا شۇ دەۋردە ناھايىتى كۆپ مىقدار ھېسابلىنىدىغان 40 مىڭ ئالتۇن بېرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. جەمنىڭ ئوسمانلى سۇلتانى ئىككىنچى بەيازىتنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك چوڭ ئېتىبارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە جەمنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنى ھەر دائىم كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدىغان كۈچلۈك بىر كوزىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن كاتولىكلار، ئۇنى رودوستىن فىرانسىيەگە يوللايدۇ. بۇمۇ جەم ئۈچۈن ئانادولۇدىن باشلانغان، قاھىرە، رودوس، ھەتتا فىرانسىيەگىچە سۇزۇلغان قىزىقارلىق ۋە جاپالىق بىر ھاياتنىڭ يېڭى بىر باسقۇچى بولۇپ قالىدۇ.


.......................................................................................


شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جەنۋەگە يېقىن جايدىكى ساۋوئىيا خانلىقىغا قاراشلىق ۋىللېفرانچقا ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن جەم سۇلتان 1482- يىلى 15- دېكابىردا فىرانسىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى ۋابا كېسىلى يۈزىسىدىن نايس شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇرغان جەم سۇلتان غەرب دۇنياسىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېقىندىن تونۇش ۋە باشتىن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. 1483- يىلى 5- فېۋرالدا كەمبېرىيگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياۋروپادا تۇرۇشى جەريانىدا ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ۋىنگىرىيە، پاپالىق، ناپولى پادىشاھلىقى، مەملۇكىيلار سۇلتانلىقى جەمنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنى ئوسمانلىلارغا قارشى سىياسىي كوزىر سۈپىتىدە ئىشقا سېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. لېكىن جەمنى ياۋروپادا تۇتۇپ تۇرۇش ياكى تىرىك ھالدا ئۆزىگە تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىككىنچى بەيازىت كۈچلۈك شەكىلدە مەلۇمات توپلايدۇ ۋە دىپلوماتىك پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. 1489- يىلى 4- مارتتا پاپا ئۈچىنچى ئىننوسېنت ئۇسمانلىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدا پايدىلىنىش ئۈچۈن، جەمنى روماغا كەلتۈرگۈزىدۇ. بۇراق رەئىسكە ئوخشاش ياۋروپاغا يوشۇرۇنچە ئەۋەتكەن ئادەملىرى ئارقىلىق بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئىككىنچى بەيازىت، 1490- يىلى 30- نويابىر كۈنى مۇستافا بەگنى روماغا ئەلچى قىلىپ يوللايدۇ. پاپالىققا ئۈچ يىللىق ئۈچۈن 120 مىڭ ئالتۇن بېرىپ، جەمنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە پادىشاھى سەككىزىنچى چارلىس، جەمنى فىرانسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، 1495- يىلى 27- يانۋار كۈنى ئۇنىڭ رومادىن ئايرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە كۆرە، بۇ ئىشنى قوبۇل قىلالمىغان پاپا تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن جەم سۇلتان يولدا كاستەل كاپۇئانا دېگەن جايدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. جەمنىڭ جەسىتى موميالىنىپ گائېتا دېگەن جايدا يەرلىككە قويۇلىدۇ. جەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىككىنچى بەيازىت ئۈچ كۈن ماتەم ئېلان قىلىدۇ ۋە غىيابى جىنازە نامىزى ئوقۇتىدۇ. جەمنىڭ جەسىتىنىمۇ ئوسمانلىلارغا قارشى سىياسىي سۇيىئىستىمال قىلماقچى بولغان پاپالىق جەسەتنى ئوسمانلىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ. ئىككىنچى بەيازىت ئىنىسىنىڭ جەسىتىنى مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغان ناپولى پادىشاھلىقىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1499- يىلى بۇرساغا ئەكەلدۈرۈپ، ئاكىسى مۇستافا دەپنە قىلىنغان مۇرادىيە جامەسىنىڭ ھويلىسىغا دەپنە قىلىدۇ.


جەم ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى بىلىدىغان، پارىسچە ۋە تۈركچە دىۋانلارنى يازغان، ئىلمىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى، تەخت تالىشىش مەسىلىسىدىمۇ ئورۇنلۇق سەۋەبلەرگە ئىگە بولسىمۇ، تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسىگە زىت ھالدا مۇجادىلىسىدە چەت كۈچلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئۆز دۆلىتىگە قارشى ئىختىيارسىز ھالدا بىر ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، يەنىلا تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە جەسىتى دۈشمەن زېمىنلىرىدا تاشلاپ قويۇلماي، ئەجدادلىرى دەپنە قىلىنغان بۇرساغا ئېلىپ كېلىنىپ، بىزىلىشى جەھەتتىن 15- ئەسىرنىڭ ئەڭ گۈزەل قەبرىلىرىنىڭ بىرى بولغان جەم سۇلتان مەقبەرىسىگە دەپنە قىلىنىدۇ.


«ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ھامىيسى ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى»


فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىككىنچى بەيازىت دەۋرىدە روياپقا چىقىرىلغان يېڭى پەتھىلەر بىلەن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىككىنچى بەيازىت دەۋرىدە غەرب دېڭىز كۈچلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلىگۈدەك دەرىجىدە ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ ياسىلىشىدا ئۇتۇق قازىنىلىشى، ئوسمانلىلارنىڭ ئەڭ ئاجىز ھېسابلىنىدىغان دېڭىزلاردىمۇ سەلتەنەت قۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوسمانلىلار يەمەندىن قىزىل دېڭىزغا، شىمالىي ئافرىقىغا، ھەتتا ئىسپانىيەدىكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ داۋامى بولغان مۇسۇلمان بەنى ئەھمەر دۆلىتىنىڭ ياردەم تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئەسكىرىي كۈچى يار بەرگۈدەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ.


ئوسمانلى دۆلىتى سۈرئەت بىلەن يۈكسىلىۋاتقان بۇ دەۋردە ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئىبەر يېرىم ئارىلىدا ھازىرقى ئىسپانىيە زېمىنلىرىدا 3- ئەسىردىن بويان داۋاملىشىپ كەلگەن ‹سەككىز ئەسىرلىك مۇسۇلمان ھاكىمىيىتى›يىمىرىلىش ئالدىدا تۇراتتى. ئىسپانىيەدىكى بەنى ئەھمەر دۆلىتى غىرناتە، مەرىييە، مالېكا ۋە رونداغا ئوخشاش جەنۇبتىكى بىر قانچە شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. 1492- يىلى خىرىستىيان ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە بۇ يەرلەر قولدىن كېتىدۇ ۋە غىرناتە تەسلىم بولىدۇ. لېكىن دۆلەتلىرى بولمىسىمۇ ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى داۋاملىشىدۇ. چۈنكى ئىسپانىيەلىكلەر، ئىسلامنىڭ زىممىيلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا تايانغان ھالدا، تەسلىم بولغان شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلارغا جان، مال ۋە دىنىي جەھەتتىن چېقىلالماسلىق كاپالىتى بەرگەنىدى. بۇ كاپالەتنامە غەرناتە كېلىشىمى ئارقىلىق يازما ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. لېكىن خىرىستىيان ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بەرگەن بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئۇزۇن مۇددەت رېئايە قىلمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. 1500- يىللىرى بىلەن 1524- يىللىرى ئارىسىدا چىقارغان پەرمانلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى خىرىستىيانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ خىل بېسىملار ئاستىدا كۆرۈنۈشتە خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلغان، ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان پېتى قېلىپ مورىسكولار دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاتلام شەكىللىنىدۇ. مورىتانىيەدىن كەلگەنلەر دېگەن مەنىدىكى مورىسكوس سۆزى كىچىك، بىچارە، مىسكىن مۇسۇلمانلار دېگەن مەنىدە ئىسپانىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار كۆرۈنۈشتە خىرىستىيان بولغان ۋە مورىسكولار دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، بۇ، ئۇلارغا قارىتىلغان بېسىملارنى ئازايتمايدۇ. خىرىستىيان ھاكىمىيىتى مورىسكولارنى ئىزچىل ھالدا نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نازارەت مەھكىمىلىرىنى داۋاملىق شەكىلدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ مەھكىمىلەردە مەخپىي شەكىلدە ئىسلام ئەقىسىدە تۇرىۋاتقانلىقى بايقالغان مورىسكولار ئېغىر شەكىلدە جازالىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىسپانىيەدە پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، يەھۇدىيلارمۇ ئوخشاش شەكىلدە بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. 1492- يىلى ئەلھەمرا پەرمانى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ پۈتۈن مال –مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئۇلارمۇ مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا كاتولىك خىرىستىيان بولۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ، ئۇلارمۇ كۆرۈنۈشتە كاتولىك، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي دىنىدا قالغانلار مارانلار دېيىلىدىغان بىر جامائەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىر قىسمى پورتۇگالىيە، ئىتالىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ھەم يەھۇدىيلار ھەم مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن بۇ زۇلۇمدىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرىدىغان دۆلەتنىڭ ئوسمانلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىككىنچى بەيازىتتىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.


.......................................................................................


تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار 1486- يىلى ئىككىنچى بەيازىتتىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار پەقەت ئوسمانلىلاردىن ئەمەس، مىسىردىكى مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان مەملۇكىيلاردىنمۇ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئىستانبۇلغا كەلگەن ئەندەلۇس (ئىسپانىيە) ئەلچىسى باشلىرىغا كەلگەن ۋەقەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان بىر مەرسىيەنى سۇلتان بەيازىتقا تەقدىم قىلىدۇ. بۇ شېئىردا ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت شەھەرلەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشى، جامەلەرنىڭ چېركاۋلارغا ئايلاندۇرۇلۇشى، چاڭ ئاۋازلىرىنىڭ ئەزان ئاۋازىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى، بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن تارتىۋېلىنىشى، مۇسۇلمان ئايال ۋە قىزلارنىڭ پوپلارغا ئەسىر سۈپىتىدە سېتىلىشى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەممە يەر بۇ پالاكەتنى ئاڭلىدى، ئىستانبۇل ئاڭلىمىدىمۇ؟ دېگەن كايىش بىلەن ئاخىرلىشىشى ئىستانبۇلدا ۋە ساراي ئىچىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن، ئىككىنچى بەيازىت 1487- يىلى كەمال رەئىسنىڭ قوماندانلىقىدىكى بىر دېڭىز قوشۇنىنى ئىسپانىيە ساھىللىرىغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن يولغا سالىدۇ. ئىككى يىل بويىچە كەمال رەئىس ئىسپانىيەدىكى مورىسكولارنى بۈگۈنكى ئالجىرىيە زېمىنلىرىغا يۆتكەيدۇ. بىراق، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىسپانىيەدىن ناھايىتى يىراقتا بولۇشى، ئۇ دەۋرلەردە تۇنىس، ماراكەشكە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولماسلىقى، دېڭىز يۈرۈشىنى قىيىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىمۇ ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئىسپانىيەنىڭ خىرىستىيان ھۆكۈمدارلىرى «بىرلا دىن (كاتولىك)، بىرلا دۆلەت» پىكرى بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى مەجبۇرى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە سۈرگۈن قىلىش سىياسەتلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. غىرناتەدىكى مۇسۇلمانلار بۇ سىياسەتلەرگە قارشى 1499 بىلەن 1501- يىللىرى ئارىسىدا ئىسيان كۆتۈرىدۇ. بىراق ئىسيان قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلىدۇ. بۇ ئىسيانغا ئىشتىراك قىلغانلار خىرىستىيان بولۇش ياكى دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. كۆرۈنۈشتە خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلغان مورىسكولارنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن دىنىي كىتابلار توپلىنىپ يوقىتىپ تاشلىنىدۇ. مەسچىت ۋە جامەلەر چېركاۋلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ. مورىسكولارنىڭ ئۆيلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مەھەللىلىرىگە ئون ئىككى خانىدىن ئاز بولماسلىق شەرتى بىلەن كاتولىك ئائىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئون ياشنىڭ ئاستىدىكى بالىلار ئائىلىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ، چېركاۋلاردا دىنىي تەلىم –تەربىيە بېرىلىدۇ. بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئىسپانچىنى ئۆگىنىپ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان ئەشيالار مەنئىي قىلىنىدۇ. يەھۇدىيلارمۇ بۇ خىل بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ. سەفارادلار دەپ ئاتىلىدىغان ئىبەريا يەھۇدىيلىرى ئوسمانلى شەھەرلىرىگە قاراپ كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار خۇسۇسەن ئىستانبۇل ۋە سەلانىكقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. لېكىن سەككىز ئەسىر ئىبەريا يېرىم ئارىلىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئۇمەۋىيلار دۆلىتىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان مۇسۇلمان ئەرەبلەر ۋەتىنىمىز دەپ قارايدىغان ئىسپانىيەدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ ۋە قايتىدىن ئوسمانلى سۇلتانىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.


.......................................................................................


ئەندەلۇس (ئىسپانىيە) دىن كەلگەن بۇ ئىككىنچى ئەلچى 1501- يىلى ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ئەلچىمۇ بىرىنچى ئەلچىگە ئوخشاشلا ئىككىنچى بەيازىتقا ئەندەلۇس مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلىگەن بىر قەسىدە تەقدىم قىلىدۇ. 105 بېيىتتىن تەشكىل تاپقان بۇ قەسىدىدە دىنىي كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقى، ناماز ئوقۇپ رۇزا تۇتقانلارنى بايقاپ قالسا ئوتقا ئاتقانلىقلىرى، چېركاۋغا بېرىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، ئىسىملىرىنىڭ مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەنلىكى، ئەدەرىسقا ئوخشاش يەرلەردە خەلقنىڭ جامەگە توپلىنىپ تىرىك ھالدا كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسمانلىلار، بىرىنچى ئەلچى كەلگەندىن كېيىن كاستىليا پادىشاھىغا يوللىغان بىر مەكتۇب ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بېسىمنى توختىتىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ، ئىسپانىيەگە دىپلوماتىك يولدىن ئەمەس بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلىشنى قارار قىلىدۇ. 1505- يىلى كەمال رەئىس دېڭىز قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. مالېكا ۋە بالېئار ئاراللىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە كۆپ ساندا مورىسكو كېمىلەر بىلەن شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىستانبۇلغا يۆتكىلىدۇ. لېكىن قۇرۇقلۇق يولى بىلەن مۇداخىلە قىلىش ئىمكانسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆنۈملۈك شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئىسپانىيەدە قالغان مۇسۇلمانلار 100 يىلغا يېقىن بىر جەرياننىڭ ئاخىرىدا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئوسمانلى زېمىنلىرىغا كەلگەن مورىسكولار ياخشى دېڭىزچى ۋە مىلتىق دۇرىسى ياسىيالايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرىدا خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار، ئوسمانلىلار ئاجىز ھېسابلىنىدىغان دېڭىزچىلىق ساھەسىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدۇ. قانۇنى دەۋرىدە قۇرۇلغان ھەشەمەتلىك ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرى ئىچىدە مورىسكودىن كەلگەنلەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئالجىرىيە، ماراكەش ۋە تۇنىسقا ئوخشاش دۆلەتلەردە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە قۇرۇلغان ئوسمانلى ھاكىمىيىتىگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆھپە قوشىدۇ. ئىسپانىيەدىن كەلگەن يەھۇدىيلار بولسا، ئوسمانلىلاردىكى سودا –تىجارەتنىڭ جانلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، سەلانىكقا ئوخشاش ئوسمانلى شەھەرلىرىدە دىنىي ئېتىقادلىرى ۋە تىجارەتلىرىنى ئەركىن شەكىلدە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەقەت ئىسپانىيەدىن ئەمەس، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن ئوسمانلى شەھەرلىرىگە يەھۇدىيلار كۆچۈپ كېلىدۇ. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىمۇ ئاۋسترالىيە ۋە ۋىنگىرىيەلىك ئەشكېناز يەھۇدىيلىرى ئوتتۇرا ياۋروپادىن ئوسمانلى زېمىنلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىدۇ. ئوسمانلى سۇلتان تۈركچە سۆزلەيدىغان بىر مۇسۇلمان بولسىمۇ، پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس خىرىستىيانلارنىڭ ۋە يەھۇدىيلارنىڭمۇ ھۆكۈمدارى بولغان بولۇپ، ئادالىتى بىلەن پەرقلىق دىنلارغا مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا تىنچ ھايات كەچۈرۈشلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ يېڭى ۋەتىنى بولۇپ قالىدۇ.


«ياۋۇز سۇلتان سەلىم (1512-1520


ياۋۇز سۇلتان سەلىم دېگەن نام بىلەن تونۇلغان بىرىنچى سەلىم ئىككىنچى بەيازىتنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1467- يىلى ئاماسيادا دۇنياغا كېلىدۇ. 1512- يىلىدىن 1520- يىلىغىچە بولغان 8 يىل بويىچە سەلتەنەت سۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ جەريان ئىچىدە ئوسمانلى زېمىنلىرىنى ئۈچ ھەسسە كېڭەيتىپ، ئوسمانلى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم يىلدىرىم بەيازىتتىن كېيىن ئوسمانلىلارنىڭ كلاسسىكلاشقان غەرب سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، شەرق سىياسىتىنى ئالدىنقى پىلانغا قويغان بىر ئوسمانلى سۇلتانىغا ئايلىنىدۇ. ياۋۇزنىڭ بۇ خىل سىياسەتنى ئىجرا قىلىشىغا ئاماسيادا دۇنياغا كەلگەن بولۇشى ۋە 1490- يىلى تىرابزون ۋالىيلىقىنى ئۆتەش ئەسناسىدا شەرقنىڭ ۋەقەلىرىگە يېقىندىن شاھىت بولۇشىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بار ئىدى.


تارىخىي مەنبەلەردە بويى ئۇزۇن، قاڭشارلىق، گەۋدىلىك، مەڭزى قىزىل ۋە بۇرۇتلۇق بىر كىشى ئىدى دەپ تەرىپلەنگەن سەلىم، ئاتىسى ئىككىنچى بەيازىت ئاماسيا ۋالىيلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئەسنادا ئىگىلىگەن تەلىم –تەربىيىسى قاتارىدا ئەرەبچە ۋە پارىسچىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇرۇش مەشىقلىرىگە ھېرىسمەن بولغان بىرىنچى سەلىم ئوق ۋە يا ياساشقا قىزىقىدۇ، ئات مېنىشتىكى ماھارىتى بىلەن نام –شۆھرەت قازىنىدۇ. ترابزونغا ۋالىي بولۇش ئەسناسىدا ئىران سەفەۋىي دۆلىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شاھقولىغا ئوخشاش مەزھەب تۈسى ئېغىر ئىسيانلارنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ھەققىدە پىكىر ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئاتىسى ئىككىنچى بەيازىتنىڭ بىر قەدەر تىنچ ۋە مۇۋازىنەتلىك سىياسەتلىرىگە قارىماي، شەرقتىكى سەفەۋىي خەۋپىگە قارشى قاتتىق قول بولۇش سىياسىتىنى قوللايدۇ. ترابزوندىكى ئۇزۇن مەزگىللىك شاھزادىلىكى جەريانىدا گويا مۇستەقىل بىر ھۆكۈمدارغا ئوخشاشلا ھەرىكەت قىلىدۇ.


ئىككىنچى بەيازىتنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇدەك ياشتا ھايات ئۈچ ئوغلى بار بولۇپ، بۇلار ياش تەرتىپىگە كۆرە ئەھمەد، قورقۇت ۋە سەلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىككىنچى بەيازىت ئوغلى ئەھمەد ئۈچۈن تەختنى بوشىتىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سەلىم ئاكىسى ئەھمەدنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بىر تۇغقىنىغا قارشى مۇجادىلىگە ئاتلىنىشتىن ئۆزىنى تارتمايدۇ. سەلىم قىرىم ئارقىلىق رۇمئەلىگە بارىدۇ ۋە ترابزون بىلەن بىرلىكتە كەفە ۋە سەمەندىرە بەگلىكلىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزىدۇ. شاھزادە قورقۇتمۇ ئانتاليادىن مانىساغا، شاھزادە ئەھمەد بولسا، ئاماسيادىن ئەنقەرەگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەيازىتنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى بۇ مۇجادىلىدە ئىستانبۇلغا ئەڭ يېقىن جايدىكى ئەھمەد ئىنتايىن ئامەتلىكتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئىككىنچى بەيازىتنى تەختكە ئولتۇرغۇزغان يەنىچەرىلەر يېڭى سۇلتاننىمۇ ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ. ئەھمەدنىڭ سۇلتانلىقىنى قوللىغان ئىككىنچى بەيازىت ۋە دۆلەت ئەركانىنىڭ ئالدىدا بۇنى قوبۇل قىلماي، بىرىنچى سەلىمنى قوللىغان يەنىچەرىلەر مۇجادىلىنىڭ بەلگىلىگۈچىسى بولىدۇ. بىرىنچى سەلىم رۇمئەلىدە توپلىغان 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. شاھزادە سەلىم 1511- يىلى 3- ئاۋغۇستتا ئاتىسى ئىككىنچى بەيازىت تەرىپىدىن چورلۇ ئەتراپىدا مەغلۇب قىلىنىدۇ. بۇ غەلىبىدىن كېيىن ئەھمەد ئىستانبۇلغا چاقىرىلىدۇ. لېكىن يەنىچەرىلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى يۈزىسىدىن ئىستانبۇلغا كىرەلمەي، ئانادولۇغا قايتىپ كېتىدۇ. دۆلەت ئەركانى بۇ قېتىم مانىسادىن شاھزادە قورقۇتنى چاقىرتىدۇ. قورقۇت ئىستانبۇلغا كەلگەن چاغدا يەنە يەنىچەرىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ئىسيانى باشلىنىدۇ ۋە بىرىنچى سەلىم كەفەدىن ئىستانبۇلغا چاقىرىلىدۇ. بىرىنچى سەلىم 1512- يىلى ئاتىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي، گويا ئىككىنچى بەيازىتقا ئوخشاشلا يەنىچەرىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ. ئىككىنچى بەيازىت ئارام ئېلىش ئۈچۈن توغۇلغان يېرى بولغان دىمەتوكاغا قايتىشقا مەجبۇرلىنىدۇ ۋە بۇ سەپىرى ئەسناسىدا يولدا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ.


.......................................................................................


ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەختكە ئولتۇرا –ئولتۇرمايلا قىلغان بىرىنچى ئىشى ئۆزىنى قوللىغان ۋە سانى 35 مىڭدىن ئارتۇق بولغان يەنىچەرىلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى مىڭ ئاقچىدىن جۈلۇس (تەختكە چىقىش) ھەدىيەسى بېرىش بولىدۇ. ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاتىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن دۆلەت قۇرۇلمىسىدىكى بوشلۇقلارنى ياۋۇز سۇلتان سەلىم سۈرئەت بىلەن تولدۇرىدۇ. شاھزادىلىكى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان شەرق سىياسىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن بىرىنچى سەلىم ۋىنگىر، ۋەنەدىك ۋە مەملۇكىيلار دۆلەتلىرى بىلەن دوستلۇق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ. لېكىن دۆلەت ئىچىدە قېرىنداشلىرى ئەھمەد ۋە قورقۇتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى، ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى مۇئەييەن مۇددەت كېچىكتۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. 1512- يىلى قورقۇت قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەھمەد بولسا، 20- 30مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن توپلاپ، قېرىندىشى سەلىم بىلەن ھازىرقى بۇرسا يەنىشەھىردە ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ قېرىندىشى قورقۇتنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش بولىدۇ.


قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان مۇجادىلىسىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم، بۇ ئىشلاردىن كېيىن دىققىتىنى تاشقى سىياسەتكە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم تاشقى سىياسەتتە كۈچلەر مۇۋازىنىتىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇش بىلەن بىرگە، رەقىبلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلاشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۆلەت غەرب بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولسا، شەرق ۋە جەنۇب بىلەن ئۇرۇشماسلىق، ئەينى ئەھۋال شەرقتە مەۋجۇت بولسا، غەرب بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىققا ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ياۋۇز ئالدى بىلەن راگۇزا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، سومادا بوغدان بەگلىكى ۋە ۋەنەدىك بىلەن 1513- يىلى ئۆكتەبىرگە قەدەر سودا ۋە دوستلۇق كېلىشىملىرى ئىمزالايدۇ. بالقان رايونلىرىدا ئوسمانلىنى ئەڭ كۆپ قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويغان ۋىنگىرلار بىلەنمۇ ئۈچ يىللىقتىن ئىككى قېتىم تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. ئەينى شەكىلدە 1517- يىلى پولشا بىلەنمۇ دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاپ، غەربىي چېگرالارنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ياۋۇز سۇلتان سەلىم شاھزادىلىكى مەزگىلىدىن بويان ئويلاپ كەلگەن شەرق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


.......................................................................................


ئىراندا تۈركمەن قەبىلىلىرىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان شاھ ئىسمائىل (سەلتەنىتى 1501- 1524) سەفەۋىي دۆلىتى نامى ئاستىدا دۆلەت قۇرىدۇ. دۆلەتكە 1334- يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ئەردەبىل تەرىقىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شەيخ سەفىيۇددىننىڭ نامى بېرىلىدۇ. بۇ تەرىقەت باشلانغۇچتا ئوسمانلىلار بىلەن ئوخشاش مەزھەبتە ئىدى. لېكىن سۈننىي ئەقىدىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدىكى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ سۈرئەت بىلەن يۈكسىلىشى سەفەۋىيلەرنى يېڭى يوللارنى ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ. ئىراندا شىئە مەزھىبىنىڭ كۈچلۈك دەرىجىدە ئومۇملىشىشى سەفەۋىيلەرنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن بۇ مەزھەبنى قوبۇل قىلىشنىڭ دۆلەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراساندىن ئانادولۇغا كېلىش ئۈچۈن يولغا چىققان تۈركمەنلەرنى سەفەۋىيلەر ئۆز زېمىنلىرىدا ئېلىپ قېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. سەفەۋىيلەر ئەقىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوسمانلىلار ئىچىدىكى شىئەلەرنى جاسۇس سۈپىتىدە ئىشقا سالىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئانادولۇدىكى زېمىنلىرىدا سەفەۋىيلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نامايىشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. شاھ ئىسمائىل پارسچە بىلىدىغان بىرى بولسىمۇ، تۈركچە ئويلاپ تۈركچە يازىدىغان بىر تۈرك ھۆكۈمدارى ئىدى. ئۇنىڭ ئوسمانلى پۇقراسى بولغان كۆچمەن تۈركمەنلەر ئارىسىدا تەسىرى بارلىقى ناھايىتى روشەندۇر. بۇ تەسىرنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىقى شەھەر نوپۇسىغا تايانغان سىياسەتلىرى پەيدا قىلغان بوشلۇقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. شاھ ئىسمائىل يېرىم كۆچمەن بىر تۈرك دۇنياسىنى ئىراندا تەشكىلاندۇرغان بولۇشىغا قارىماي، ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر مەنپەئەت توقۇنۇشىغا كىرىدۇ.


1514- يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە ياۋۇز سۇلتان سەلىم سەفەۋىيلەرگە قارشى ئىستانبۇلدىن ئاتلىنىدۇ. ئوسمانلىلار، فاتىھ ۋە ئىككىنچى بەيازىت دەۋرىدە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، قوشۇنىنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللاندۇرىدۇ. بۇ قوراللار ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولىدۇ. سەفەۋىيلەر قوشۇنى بولسا، ئاساسلىق دەرىجىدە ئۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئاتلىق قىسىملارغا تايىنىدۇ. 1514- يىلى 23- ئاۋغۇست كۈنى ۋان كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان چالدىراندا سەفەۋىي قوشۇنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ ۋە سەفەۋىيلەرنىڭ ئانادولۇدىكى تەسىرى ئاجىزلىتىلىدۇ. لېكىن شاھ ئىسمائىل ئۆلمەيدۇ ۋە كۈرىشىنى ئوسمانلى قوشۇنى ئىستانبۇلغا قايتىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن تەكرار باشلايدۇ.


ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئىككىنچى قېتىم شەرقتە مەملۇكىيلارغا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ. 1516- يىلى 24- ئاۋغۇستتا سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەرجىدابىكتا كانسۇ گاۋرى قوماندانلىقىدىكى مەملۇكىيلار قوشۇنى ئوت ئېچىش قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئوسمانلى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ ۋە كانسۇ گاۋرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوسمانلى قوشۇنى 1516- يىلى سېنتەبىردە شامغا (دەمەشىققە) كىرىدۇ. 1517- يىلى يانۋاردا قۇددۇس ۋە ئەتراپىدىكى جايلار ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. 1517- يىلى 21- يانۋاردا رىدانىيەدە مەملۇكىيلارنىڭ ئاخىرقى قوشۇنلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ئوسمانلىلار قاھىرەگە كىرىدۇ ۋە مەملۇكىيلار دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ھىجاز ھۆكۈمدارلىرىمۇ كېلىپ ئوسمانلىلارغا بوي ئىگىدۇ. 1517- يىلى 10- سېنتەبىرگە قەدەر 8 ئاي مىسىردا تۇرغان ياۋۇز ئىستانبۇلغا قايتىدۇ ۋە 1520- يىلى 21- سېنتەبىردە 51 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.


«ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ شەرق سىياسىتى»


ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ 1512- يىلى باشلىنىپ 1520- يىلى ئاخىرلاشقان تەخمىنەن 8 يىللىق ھۆكۈمدارلىقى بويىچە دىققەت نەزىرىنى پۈتۈنلەي شەرق تەرەپكە قاراتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ، بالى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، سەفەۋىي ۋە مەملۇكىيلارغا قارشى يۈرۈش قىلىش ئەسناسىدا ئىككى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلماسلىق ئۈچۈن راگۇزا، ۋەنەدىككە ئوخشاش ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. بۇ جەھەتتە ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئېتىبارەن يولغا قويغان غەربكە ئېچىلىش شەكلىدە خۇلاسىلەش مۇمكىن بولىدىغان ئەنئەنىۋىي ئوسمانلى سىياسىتىنى تاشلايدۇ. ئوسمانلى تارىخىدا بۇ خىل سىياسەتنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يىلدىرىم بەيازىت دەۋرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ ۋە شەرقتىن كەلگەن تىمۇرىيلەرگە قارشى كۈرەشتە ئوسمانلى دۆلىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە كېرىدۇ.


ياۋۇز ئوسمانلىلارنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىۋىي سىياسەتلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. شەرق زېمىنىدىكى سەفەۋىي دۆلىتى ۋە مەملۇكىيلار سۇلتانىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ترابزۇندا ئۆتكەن 20 يىللىق شاھزادىلىك ھاياتى ئەسناسىدا ياۋۇز پەقەت شەرق جۇغراپىيەسى بىلەنلا قالماستىن، بولۇپمۇ ئوسمانلىلارغا ئوخشاش تۈركمەن بولغان سەفەۋىي خانىدانلىقىنىڭ ئوسمانلى پۇقرالىرىنى يېنىغا تارتىپ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىنىمۇ يېقىندىن تونۇپ يېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياۋۇز سۇلتان سەلىم ھۆكۈمدارلىقنى قولىغا ئېلىپ، بىر تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تەخت تالىشىش مەسىلىلىرىنى بىتەرەپ قىلغاندىن كېيىنلا، دەرھال ئالدىن پىلانلىغان شەرق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ.


ياۋۇز سۇلتان سەلىم بىلەن سەفەۋىي سۇلتانى شاھ ئىسمائىل ئارىسىدا پارىسچە ۋە تۈركچە مەكتۇب يېزىشىشلار بولۇپ ئۆتىدۇ. بۇ مەكتۇبلاردا ھەر ئىككى تۈرك سۇلتانىنىڭ بىر –بىرىگە قارشى ھاقارەت قىلىش سەۋىيەسىگە بېرىپ قالغۇدەك دەرىجىدىكى سۆزلەرنى ئىستىمال قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


ياۋۇز سۇلتان سەلىم شاھ ئىسمائىلغا قارشى يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى قوشۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شاھنىڭ ئانادولۇدىكى تەرەپدارلىرىغا بېسىم ئىشلىتىدۇ ۋە ئۇلارنى يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. يۈرۈش تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئوسمانلى قوشۇنى 1514- يىلى 20- مارت كۈنى ئەدىرنەدىن يولغا چىقىدۇ. ئىستانبۇلغا كەلگەن ياۋۇز سۇلتان سەلىم؛ ئوغلى سۇلايماننى ئەدىرنەدە ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى ئانادولۇغا بارىدۇ. ئۈسكۈدار، مالتەپە، گەبزە ۋە ھەرەكە يولىنى بويلاپ ئىزمىتكە يېتىپ بارىدۇ. قوشۇن ئىزمىتتىن قوزغىلىپ ئىزنىك يولىنى بويلاپ بۇرسا يەنىشەھىرگە كېلىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم يەنىشەھىردىكى چېغىدا ئانادولۇ ۋە رۇمئەلىنىڭ بەگلىرىئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. سىۋاسقا كەلگەندىن كېيىن بۇ قېتىملىق يۈرۈشكە قاتناشقان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 140 مىڭغا يەتكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدىن 40 مىڭغا يېقىن كىشى ئارقا سەپ ياردىمى ۋە ئانادولۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئانادولۇدا قالدۇرۇپ قويىلىدۇ. بۇ ئەسنادا ئەلبىستان، ماراش رايونىدا بەگلىك قۇرغان دۇلقادىر ئوغۇللىرىغا خەۋەر يوللاپ، ئوسمانلى قوشۇنىغا قوشۇلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن ئوسمانلى، سەفەۋىي ۋە مەملۇكىيلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىپ پات –پات سېپىنى ئۆزگەرتىپ كەلگەن دۇلقادىر ئوغلى ئالائۇددەۋلە بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قولىدىكى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئوسمانلى قىسىملىرى ئۇ چاغدا سىۋاس ئىلى بىلەن چېگىرداش بولغان سەفەۋىي زېمىنلىرىغا كېرىدۇ. لېكىن سەفەۋىي سۇلتانى شاھ ئىسمائىل ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. ياۋۇز مەكتۇب يېزىپ شاھ ئىسمائىلنى ئۇرۇش قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. سەفەۋىيلەر يەنە ئوتتۇرىغا چىقمىغاندىن كېيىن بۇ قېتىم ياۋۇز، ئەرزىنجاندىن تەبرىزگىچە بولغان يولنى قىرىققا ئايرىپ، سەفەۋىيلەرنىڭ مەركىزى بولغان تەبرىزگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى قارار قىلىدۇ.


.......................................................................................


ياۋۇزنىڭ تەبرىزگە قاراپ يۈرۈش قىلىش قارارى دۆلەت ئەركانى ۋە ئەسكەرلەر ئارىسىدا بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ. بىئاراملىقلىرىنى پادىشاھ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ۋە باياناتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن قارامان بېگى ھەمدەم پاشا ئارقىلىق ياۋۇزغا يەتكۈزىدۇ. ياۋۇزنىڭ جاۋابى پاشانىڭ بېشى ئېلىش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ياۋۇزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرۈپ يەتكەن قوشۇن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلەشكىرتقا يېقىنلاشقاندا يەنىچەرىلەر بۇنىڭدىن بەك ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. لېكىن ياۋۇز ئىسيان كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىغا كېرىپ، ئۇلارنى شاھ ئىسمائىلنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ ئىنتايىن تەسىرلىك بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە ئۇلارنى قايتىدىن ئۇرۇش قىلىشقا قايىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا سەفەۋىي قوشۇنىنىڭ ھازىرقى ئاغرىنىڭ دوغۇ بەيازىت ناھىيەسىگە تەخمىنەن 80 كىلو مېتىر شەرقىي جەنۇبىدىكى چالدىراندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. 1514- يىلى 20- ئاۋغۇست كۈن تۇتىلىدۇ. بۇ ۋەقەگە سىمۋولى قۇياش بولغان سەفەۋىيلەرنىڭ يېڭىلىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى دەپ قارىلىدۇ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەدىرنەدىن مارت ئېيىدىن باشلاپ بەش ئايدىن بويان سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ 2500 كم غا يېقىن يول باسقان ئوسمانلى قوشۇنىدىن چالدىران ۋادىسىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان سەفەۋىي قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككى قوشۇن 1514- يىلى 23 –ئاۋغۇستتا ئۇرۇشىدۇ. ئوسمانلى قوشۇنى مەركەز، ئوڭ ۋە سول قانات بولۇپ، كىلاسسىك شەكىلدە ئۇرۇشنى تەرتىپكە سالىدۇ. مەركەزدە ۋەزىرى ئەزەم ھەرسەكزادە ئەھمەت پاشا ۋە ۋەزىر مۇستاپا پاشا بىلەن بىرلىكتە ياۋۇز سۇلتان سەلىم 10 مىڭ يەنىچەرى بىلەن سەپ تۇتىدۇ. ئوڭ قاناتتا ئانادولۇ بەگلەر بېگى سىنان پاشا 8 مىڭ پىيادە ئەسكىرى بىلەن ئورۇن ئالىدۇ، رۇمئەلى بەگلەر بېگى ماسان پاشا 10 مىڭ پىيادە ئەسكىرى بىلەن سول قاناتتىن ئۇرۇشقا كېرىدۇ. ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ 80 مىڭغا يېقىنىنى ئاتلىق قىسىملار تەشكىل قىلىدۇ. شاھنىڭ قوشۇنى بولسا، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى ئاتلىق قىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ نە چوڭ توپ ئوقلىرى، نە 15- ئەسىردىن ئېتىبارەن فىرانسىيەدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان يەڭگىل مىلتىقلىرى يوق ئىدى. مىلتىقلارغا ئىگە ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ ئالدىدا سەفەۋىي قوشۇنى بەرداشلىق بېرەلمەي، ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىدۇ. ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ياۋۇز سۇلتان سەلىم سەفەۋىي دۆلىتىنىڭ پايتەختى تەبرىزگە كېرىپ، دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. لېكىن شاھ ئىسمائىل ئۆلمەيدۇ ۋە كۈرىشىنى ئوسمانلى قوشۇنى ئانادولۇغا چېكىنگەندىن كېيىن قايتىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۇلقادىر بەگلىكىنى ئېلىپ، ئوسمانلى زېمىنلىرىغا قوشۇۋېتىدۇ ۋە 1515- يىلى 12- ئىيۇندا بۇ يەرگە شەھسۇۋار ئوغلى ئەلى بەگنى باشلىق قىلىپ تەيىنلەيدۇ.


.......................................................................................


ياۋۇز سۇلتان سەلىم بۇ ئىشتىن كېيىن نىشانىنى مىسىردا قۇرۇلغان مەملۇكىيلار سۇلتانلىقىغا ئاغدۇرىدۇ. 1250- يىلىدا قاھىرەنى مەركەز قىلىپ دۆلەت قۇرغان مەملۇكىيلار قارامان، رامازان ئوغۇللىرى، دۇلقادىر ئوغۇللىرى ئالدىدىمۇ ھۆكۈمدارلىق تەسىرىنى پەيدا قىلىپ، ئوسمانلىلارنى ئانادولۇدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ.


نىيىتىنىڭ سەفەۋىيلەرگە قارشى يۈرۈش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1516- يىلى 5- ئىيۇن كۈنى ياۋۇز سۇلتان سەلىم سانى 300 دىن ئارتۇق توپ ئوقى بار بولغان 50 مىڭدىن ئارتۇق ئوسمانلى قوشۇنى بىلەن ئىستانبۇلدىن ئايرىلىدۇ. تۇزلا، ئىزمىت، يەنىشەھىر، كۈتاھيا، ئافيون، ئاقشەھىر، كونيا، نىگدە، قەيسەرى، ئەلبىستان يوللىرىنى بويلاپ، 28- ئىيۇل كۈنى مالاتياغا يېتىپ بارىدۇ. 1516- يىلى 24- ئاۋغۇست كۈنى ھازىرقى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەرجىدابىكتىكى ئالتە سائەت داۋاملاشقان ئۇرۇش نەتىجىسىدە مەملۇكىيلار قوشۇنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ ۋە سۇلتان كانسۇ گاۋرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇرۇشتا غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە ئوسمانلى توپچى قىسىملىرى ۋە مىلتىقلىق 20 مىڭ يەنىچەرىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىرى بولىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن سۈرىيە ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. 1516- يىلى ئىچىدە ھەلەب، دەمەشىق، غەززە ۋە 1517- يىلى قۇددۇس ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئىلگىرىلىشىنى قاھىرە تەرەپكە قاراپ داۋاملاشتۇرىدۇ. 1517- يىلى 22- يانۋاردا رىدانىيەدە مەملۇكىيلار قوشۇنى ئېغىر شەكىلدە مەغلۇب قىلىنىدۇ ۋە ياۋۇز سۇلتان سەلىم 23- يانۋار كۈنى قاھىرەگە كېرىدۇ.


شۇنداق قىلىپ، 267 يىل بويىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەملۇكىيلار دۆلىتى تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئىلگىرى مەملۇكىيلارغا قاراشلىق بولغان مەككە ئەمىرلىكىمۇ ياۋۇز سۇلتان سەلىمگە بويسۇنىدۇ. ياۋۇزنىڭ يۈرۈشلىرى ۋە مەملۇكىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بۇ شەرق يۈرۈشى سايىسىدا سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن، ھىجاز ئوسمانلى دۆلىتىگە قاراشلىق بولۇش بىلەن بىرگە، سەفەۋىي ۋە مەملۇكىيلارغا ئوخشاش شەرقنىڭ ئىككى كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ خەزىنىلىرىمۇ ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. مالىيە كۈچى بىلەن بىرلىكتە، شەرقنىڭ دۆلەت تەجرىبىلىرىنىمۇ ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىپ غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئالدىدا جاھان ئىمپېراتورى بولۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق توسالغۇ قالمايدۇ.


«قانۇنى سۇلتان سۇلايمان (1520- 1566)»


1520- يىلى 20 –سېنتەبىردە ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ ھاياتلىقتىكى بىردىن بىر ئوغلى سۈپىتىدە تەختكە ئولتۇرغان قانۇنى سۇلتان سۇلايمان 1494- يىلى ئاتىسى ترابزونغا سانجاق بېگى بولغان مەزگىلدە ھەفسە سۇلتاندىن دۇنياغا كېلىدۇ. بالىلىق يىللىرىنى ترابزوندا ئۆتكۈزگەن سۇلايمان شەرق ئىلىملىرى ۋە ئىسلامىي تەلىم –تەربىيە بىلەن يېتىشىدۇ. 1508- يىلى شەبىنقاراھىسارغا ۋە يەنە شۇ يىلى ئىچىدە بولۇغا سانجاق بېگى بولغاندىن كېيىنö1509- يىلىدا كەفەگە سانجاق بېگى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. 1512- يىلى ئاتىسى سۇلتان بولغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن سۇلايمان 1513- يىلى مانىساغا سانجاق بەگلىكىگە تەيىنلىنىدۇ ۋە ئىستانبۇلدا تەختكە ئولتۇرغان 1520- يىلىغا قەدەر بۇ يەردە تۇرىدۇ. ئوسمانلى تارىخىدا ئەمىر سۇلايماننىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرىدىكى قىسقا مۇددەتلىك سەلتەنىتىنى قانۇنلۇق دەپ قارايدىغان بىر قىسىم تارىخچىلار ئۇنى «ئىككىنچى سۇلايمان» دەپمۇ ئاتايدۇ. لېكىن سۇلايمان غەربتە كۆپىنچە كاتتا ياكى بۈيۈك تۈرك دېگەن ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. رەسمىي ئوسمانلى تارىخ مەنبەلىرىدە بولسا، كۆپىنچە «قانۇنى» دېگەن سۈپەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان تەختكە ئولتۇرغاندا ئاتىسىنىڭ ۋەزىرى ئەزىمى پىرى مەھمەت پاشانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماي، ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاتىسىنىڭ بۇرسا ۋە ھەلەب بازارلىرى قاراشلىق بولغان ئىراندىن رەخت ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان قانۇنىنى ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويغان ئاساستا بىكار قىلىدۇ. بۇ پائالىيىتى ئۇنىڭغا ئوسمانلى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە سودىگەرلىرى ئارىسىدا ھۆرمەت –ئىناۋەت بېغىشلايدۇ. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنىچەرىلەرگىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ مەرتلىك قىلىدۇ.


ئاتىسى ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ ئەكسىچە بارلىق ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن بىر سۇلتان بولۇشنىڭ ئورنىغا يېقىن ئەتراپى ۋە ۋەزىرى ئەزەملىرى بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورناتقان پادىشاھ كارتىنىسىنى سىزىدۇ. 46 يىللىق سەلتەنىتى بويىچە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ئەسكەرلىرىگە ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، 13 قېتىم يۈرۈشكە چىقىدۇ. ئىبراھىم پاشا ئوسمانلى تارىخ مەنبەلىرىدە «مەقبۇل» ۋە «مەقتۇل» سۈپەتلىرى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئالاھىدە تەسىر پەيدا قىلغان ۋەزىرى ئەزەمدۇر. قانۇنى چىققان ھەربىي يۈرۈشلەرنىڭ بىرىنچىسى 1521- يىلى 29- ئاۋغۇستتىكى بېلگراد بىلەن ئەتراپىدىكى قەلئەلەرنىڭ ئوسمانلىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كېرىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە قانۇنىغا «بېلگرادنىڭ فاتىھى» ئۇنۋانىنى بېشىغلىغان بېلگىراد يۈرۈشىدۇر. ئىككىنچى چوڭ يۈرۈشى بولسا، 1522- يىلى 28- ئىيۇلدا ئوسمانلىلارنىڭ مىسىر بىلەن ئانادولۇ زېمىنلىرى ئارىسىدا دېڭىز يولىغا توسالغۇ بولىدىغان رودوس ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ تارمار قىلىنىپ، ئارالنىڭ ئوسمانلى زېمىنلىرىغا قوشۇۋېلىنىشىدۇر. قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ قىرىق ئالتە يىل داۋاملاشقان ھۆكۈمدارلىقى مەزگىلىنى ئىككى ئاساسلىق باسقۇچقا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى باسقۇچى، 28 ياشلىق ئىبراھىم پاشانىڭ 1523- يىلى يانۋار ئېيىدا ئوسمانلىدۆلەت سىستېمىسىغا زىت ھالدا سۇلتان سۇلايمان تەرىپىدىن ۋەزىرى ئەزەملىككە تەيىنلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. تارىخچىلار، ئىبراھىم پاشانىڭ سۇلتان سۇلايماننىڭ مانىسادىكى شاھزادىلىك مەزگىلىدىن بويانقى يېقىن دوستى ۋە سىردىشى بولۇشىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە تەيىنلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ئىبراھىم پاشاغا بولغان يېقىنلىقىنى ھەمشىرىسى خەدىجە سۇلتاننى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئات مەيدانى سارىيىنىمۇ ئىبراھىم پاشاغا ئاجرىتىدۇ. 1524- يىلى 22- مايدىن 1524- يىلى 5- ئىيۇنغىچە داۋاملاشقان ئىبراھىم پاشانىڭ تويى ئەسناسىدا شاھزادە سەلىمنىڭ 28- مايدا دۇنياغا كېلىشى ئۇنىڭ ئامەت قوشى ھېسابلىنىشىغىمۇ سەۋەب بولىدۇ. بەلگىلىمىلەرگە زىت ھالدا، ئىككىنچى ۋەزىرلىكتىن مىسىرغا ۋالىي قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەھمەد پاشا بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 1524- يىلى يانۋاردا قاھىرەدە ئوسمانلى سۇلتانىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ.


.......................................................................................


ۋەزىرى ئەزەم ئىبراھىم پاشاغا تويدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بىر يىل داۋاملاشقان مىسىر ئىسيانىنى باستۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان ئىبراھىم پاشا مىسىردا بىر ئەسىر داۋاملىشىدىغان خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا چىققان يەنىچەرى ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايتەختكە چاقىرتىلىدۇ. 1525- يىلى مارت ئېيىدا بۇ ئىسيان باستۇرۇلىدۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1526- يىلى 29- ئاۋغۇستتا ۋىنگىرىيە قوشۇنى موھاچتا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا پادىشاھ لايوش ئۆلتۈرۈلۈپ، ۋىنگىرىيە دۆلىتىنىڭ مەركىزى بوداپىشت (ئۆز ۋاقتىدىكى بۇدىن) ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بۇ يۈرۈش قانۇنىنىڭ ئۈچىنچى يۈرۈشى بولىدۇ. سۇلايماننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يۈرۈشى يەنە غەربكە، يەنى ۋېيېنناغا قارىتىلىدۇ. 1525- يىلىدىكى بۇ يۈرۈشتە ئىبراھىم پاشاغا ئەسكەر بېشى، رۇمئەلى بەگلەر بېگى ئۇنۋانلىرىمۇ بېرىلىدۇ. 120 مىڭ كىشىلىك ئوسمانلى قوشۇنى ۋېيېننا سېپىلىنى قۇرشاۋغا ئالىدۇ. ئادەتتە ئاپرېل ئېيى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ يۈرۈشكە چىقمايدىغان ۋە قىش كىرىپ قېلىپ بولغۇچە قايتىپ كېلىشى كېرەك بولغان ئوسمانلى قوشۇنى 16- ئۆكتەبىردە مۇھاسىرىنى بوشىتىپ، ئىستانبۇلغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ يۈرۈش ئوسمانلى زېمىنلىرىنىڭ غەربتىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولىدۇ. 1532- يىلى گېرمانىيە يۈرۈشى دەپ ئاتالغان بەشىنچى قېتىملىق سەپەرگە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان يەنە ئىبراھىم پاشا بىلەن بىرلىكتە چىقىدۇ. بۇ يۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ۋىنگىرىيەدە تەخت تالىشىش مۇجادىلىسىگە كىرىشىپ كەتكەن ئاۋسترىيە كىنەزى فېردىناد بىلەن ۋىنگىرىيە پادىشاھى يانوش زاپوليانىڭ ئۆزىگە تەۋە يەرلەردە سۇلايمانغا باج تۈلەشنى قوبۇل قىلىشى بولىدۇ. قانۇنى ئالتىنچى قېتىم شەرققە، يەنى ئىران تەرەپكە يۈرۈش قىلىدۇ. شاھ ئىسمائىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ئولتۇرغان چوڭ ئوغلى تاھماسىپقا قارشى ئىستانبۇلدىن ئايرىلغان ئوسمانلى قوشۇنى 1533- يىلى ئۆكتەبىردە ئىرانغا يۈرۈش قىلىدۇ. 1534- يىلى دېكابىر ئېيىدا باغداد ۋە ۋان رايونى ئوسمانلى زېمىنلىرىغا قوشۇلىدۇ. بۇ يۈرۈشتىن كېيىن 1536- يىلى ئىستانبۇلغا قايتقان ئىبراھىم پاشا، قانۇنىنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئايالى ھۈررەم سۇلتاننىڭ قوترىتىشى نەتىجىسىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن «مەقتۇل (ئۆلتۈرۈلگەن)» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان ئىبراھىم پاشادىن كېيىن سۇلايماننىڭ بىرىنچى دەۋرى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئوسمانلىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ يىراق رايونلارغىچە يېتىپ بارغان بولۇشىدۇر. بۇ جەرياندا، 1533- يىلى بارباروس ئىستانبۇلغا كېلىپ، ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئاق دېڭىزدا ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش دەۋرى باشلىنىدۇ. پەقەت ئاق دېڭىز بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان ئوسمانلى پائالىيەتلىرى بەسرە قولتۇقى، قىزىل دېڭىز ۋە شىمالىي ئافرىقا ساھىللىرىغىچە سۇزۇلىدۇ. 1538- يىلى 25- سېنتەبىردە پرەۋەزەدە ئەھلى سەلىپ دېڭىز ئارمىيەسى ئېغىر شەكىلدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ. فىرانسىيە بىلەنمۇ ئاۋسترىيە ھۆكۈمدارى ھابسبۇرگلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە سودا كېلىشىملىرى ئىمزالايدۇ.


.......................................................................................


قانۇنى 1538- يىلى يەتتىنچى قېتىم بوغدان (ھازىرقى مولداۋىيە) غا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوسمانلىلارغا بويسۇندۇرىدۇ. بوداپىشتنىڭ ئاۋسترىيەلىلەر تەرىپىدىن مۇھاسىرە قىلىنىشى بىلەن 1541- يىلى سۇلايمان سەككىنچى قېتىم ۋىنگىرىيەگە يۈرۈش قىلىدۇ. بوداپىشتنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كىرگۈزىدۇ ۋە ۋىنگىرىيەنى 12 بەگلىكتىن تەشكىل تاپقان بىر ئوسمانلى ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. سۇلايمان 1543- يىلى ئەستەرگونغا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ توققۇزىنچى قېتىملىق يۈرۈشى بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاۋسترىيە ئوسمانلىلار بىلەن بەش يىللىق تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. 1544- يىلى سەفەۋىي شاھى تاھماسىپقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن شاھزادە ئەلكاس مىرزا ئوسمانلىلاردىن پاناھلىق تىلەيدۇ. 1548- يىلى ئىرانغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئونىنچى قېتىملىق بۇ يۈرۈش جەريانىدا تەبرىز، ۋان ۋە گىروزىيە ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. 1551- يىلى كېيىنچە سوكۇللۇ دېگەن نامغا ئىگە بولغان رۇمئەلى بەگلەر بېگى قوماندانلىقى ئاستىدا ۋىنگىرىيەگە يۈرۈش قىلىنىدۇ. بىراق بۇ يۈرۈشتىن مۇئەييەن بىر نەتىجە چىقمايدۇ. قانۇنىنىڭ ئىرانغا قارشى ئۈچىنچى، ئۆزىنىڭ بولسا ئون ئىككىنچى يۈرۈشى 1553- يىلى ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ يۈرۈش ئەسناسىدا باشقا ئانىدىن بولغان تەخت ۋارىسى مۇستاپا ۋە كىچىك ئوغلى جىھانگىر ھۈررەم سۇلتاننىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. سۇلايماننىڭ ئىرانغا قېچىپ كەتكەن يەنە بىر ئوغلى بەيازىت بولسا، 1561- يىلى سۇلتاننىڭ بېسىمى ئارقىسىدا ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇنداق قىلىپ، يەنە بىر ئوغلى سەلىم ئۈچۈن تەخت يولى ئېچىلىدۇ. ئاخىرقى قېتىملىق ئىران يۈرۈشىدە ئاماسيا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىران بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ساقلىنىپ قالىدۇ. 1565- يىلى ساكىز ئارىلى پىيالە پاشا تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلىدۇ. سۇلايماننىڭ ئون ئۈچىنچى، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى يۈرۈشى 1566- يىلىدىكى زىگەتۋار يۈرۈشى بولىدۇ. 1566- يىلى 7- سېنتەبىردە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان يۈرۈش ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. سوكۇللۇ مەھمەت پاشا 8- سېنتەبىر كۈنى زىگەتۋارنى قولغا كىرگۈزىدۇ ۋە قانۇنىنىڭ ئۆلۈمىنى مەخپىي تۇتىدۇ. 1566- يىلى 30 –سېنتەبىردە سۇلتان ئىككىنچى سەلىم تەختكە ئولتۇرىدۇ.


«مۇھىببى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىرلارنى يازغان قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە ئوسمانلى دۆلىتى سىياسىي، ئەسكىرىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈكسەك پەللىگە يېتىدۇ. مىمار سىنان، شائىر باقى، مىنياتۇرچى نىگارى، دىنىي ئالىم ئەبۇسسۇئۇد، كاپىتانلار پىرى رەئىس ۋە بارباروس ئۇ دەۋرنىڭ يۈكسەك پەللىلەرگە يېتىشىگە ھەسسە قوشقان ۋە زامانىمىزدىمۇ تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم كىشىلەر سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. دۆلەت توپخانىلىرىدا 20 –22 توننىلىق توپلار قويىلىدۇ، خالىچ ۋە گالاتا پورتلىرى ئاق دېڭىزنىڭ ئەڭ ئاكتىپ پورتلىرىغا ئايلىنىدۇ. قانۇنى دەۋرىدە ئىنشا قىلىنغان نۇرغۇنلىغان سۇ يولى، جامە، كارۋانساراي، ھاممام قاتارلىقلار زامانىمىزغا قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىكلىرىدىن بولغان سۇلايمانىيە جامەسى ۋە كۇتۇبخانىسى بولۇپ، دەۋرىمىزدىمۇ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.


«قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ غەرب سىياسىتى»


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان 1520- يىلى تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا چېگرالىرى ئۈچ قىتئەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ ۋارىسى بولىدۇ. ئەجدادلىرى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چېگرىلىرىنڭ شەرقتە ئىران، جەنۇبتا مىسىر ۋە ئەرەبىستان، شىمالدا قىرىمغا قەدەر كېڭەيتىدۇ. غەربتە بولسا، پۈتۈن بالقان يېرىم ئارىلى پەتھى قىلىنىدۇ ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادا ۋىنگىرىيە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يېڭى چېگرا قوشنىسى بولىدۇ. غەربىي ياۋروپادا بولسا، 1519- يىلىدىن ئېتىبارەن مۇقەددەس روما –گېرمان ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ۋارىسلىقىنى تالىشىپ، پايتەختلىرى ۋېيېننا بولغان ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ۋەكىلى ۋ.كارل بىلەن فىرانسىيە پادىشاھى فرانچوئس (1-) شىددەتلىك مۇجادىلىگە كىرىشىدۇ. گېرمان ئېلېكتۆر شاھزادىلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 1520- يىلى ئۆكتەبىردە ۋ.كارل فىرانسىيە پادىشاھى، ئاشېنمۇ مۇقەددەس رىم –گېمان ئىمپېراتورى بولىدۇ. ۋ.كارلمۇ ئىلگىرىكى ئىمپېراتورلارغا ئوخشاش خىرىستىيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرىدۇ. لېكىن ئۇ دەۋردە ئەنگلىيە، فىرانسىيەگە ئوخشاش يەرلىك خانلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى يۇقىرىقى خىيالنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي ياۋروپادا كەڭ ئومۇملاشقان كاتولىكلىك بىلەن بىرگە، بۇ مەزگىلدە پروتىستانتلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى دىننى چىقىش قىلغان بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە ئىلگىرىلىشىمۇ بۇ خىيالنى ئىمكانسىزلاشتۇرىدۇ. ئاۋستىرىيە كىنەزى فىلىپ (1-) بىلەن كاستىليا (ئىسپانىيەدە) مەلىكىسى جۇئانا (1-) نىڭ ئوغلى بولغان ۋ.كارلنىڭ مۇقەددەس رىم –گېرمان ئىمپېراتورلۇقىغا تەيىنلىنىشىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان فىرانسىيە پادىشاھى فرانچوئىس (1-) 1521- يىلى مارتتىن باشلاپ ۋ.كارلغا قارشى ئۇرۇش باشلايدۇ. غەربىي ياۋروپانىڭ بۇ خىل سىياسىي بۆلۈنۈشى ئوسمانلىلارنىڭ غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇۋاپىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ.


مانا بۇ مۇۋاپىق سىياسىي شارائىت ئىچىدە ئوسمانلى قوشۇنلىرى 1521- يىلى بىلەن 1529- يىللىرى ئارىسىدا بېلگرادتىن ۋېيىنناغىچە بولغان جايلارغا قاراتقان ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىنى باشلايدۇ. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان ئوسمانلى قوشۇنى 1521- مايدا ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدىغان بېلگرادقا يۈرۈش قىلىدۇ.بۇ چاغدا بېلگراد، مۇقەددەس رىم –گېرمان ئىمپېراتورلۇقىغا قاراشلىق ۋىنگىر پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدا ئىدى ۋە ۋىنگىر تەختى بوخېميا پادىشاھى ۋلادىسلاۋ (2-) غا بېرىلگەنىدى. لېكىن 1519- يىلى ئۆلگەن ۋە ۋ.كارلنىڭمۇ بوۋىسى رىم - گېرمان ئىپمېراتورى ماكسىمىلىئان قودا –باجىلىق يولى ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن توغقاندارچىلىق بىلەن ۋ.كارلىنىڭ بىر تۇغقىنى بولغان يەنە بىر نەۋرىسى فېردىناند (1-) نىڭ ۋىنگىر پادىشاھلىقىنىڭ قانۇنلىق ۋارىسى بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئىش ئېردېل (ترانسىلۋانىيە) بېگى جانوس زاپوليا قاتارلىق ۋىنگىر قەبىلىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. مۇشۇنداق قالايمىقان ۋەزىيەتتە ئوسمانلى قوشۇنى مۇھاسىرە ئاستىدىكى بېلگرادنى 1521- يىلى 29- ئاۋغۇستتا پەتھى قىلىدۇ. بېلگرادنىڭ پەتھى قىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ قۇلپىسى ئېچىلغان بولىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت قولغا كىرگۈزەلمىگەن بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك قەلئەنىڭ پەتھى قىلىنىشى، 26 ياشلىق قانۇنى سۇلتان سۇلايمانغا ناھايىتى زور ئىناۋەت بېغىشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بېلگراد كېيىنكى چاغلاردا ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپاغا قاراتقان قۇرۇقلۇق يۈرۈشلىرىدە بىر بازا بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ياۋروپادا بولسا، بېلگرادنىڭ قولدىن كېتىشى ھاياجان پەيدا قىلىدۇ. لېكىن نە ئۇرۇش قىلىۋاتقان فىرانسىيەنىڭ، نە رىم –گېرمان ئىمپېراتورلۇقىنىڭ نە تەخت تالىشىش جېدىلى يۈزىسىدىن ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ۋىنگىرىيە پادىشاھلىقىنىڭ بۇ ئەھۋالغا مۇداخىلە قىلالىغۇدەك مادارى يوق ئىدى.


.......................................................................................


قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ غەرب سىياسىتىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم بېكىتى رودوس بولىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ ئاق دېڭىز يولى ئارقىلىق غەربكە يۆنۈلۈشى ئالدىدىكى ئاچقۇچلۇق توسالغۇ بولۇپ تۇرىۋاتقان رودوس ئارىلى خوسپىتالىئېر ۋە قۇدۇس سائىنت –جېئن ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرا شەرقتە ئىنشا قىلىنغان ئەھلى سەلىپ مەھكىمىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاققادىكى مەھكىمىنىڭ 1291- يىلى رايون مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن رودوسقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى نەتىجىسىدە ئارال لاتىن –خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئىلغار قارا قولىغا ئايلىنىدۇ. مىسىر بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدىكى سودا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن رودوسنى ئېلىش يۈرۈشى باشلىنىدۇ. رودوس ئىلگىرىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بويسۇندۇرۇش مۇمكىن بولمىغانىدى. ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا بىنا قىلىنغان كېمەسازلىق زاۋۇتىدا ياسالغان كېمىلەر بىلەن رودوس ئارىلى مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ. ئوسمانلىلار پەقەت ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەنلا ئەمەس، دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئارالنىڭ پەتھى قىلىنىش سۈرئىتىنى تىزلىتىدۇ. بۇ مەقسەتتە رودوس ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە ياردەم قىلىش ئېھتىمالى بولغان ۋەنەدىك بىلەن 1521- يىلى دېكابىر ئېيىدا يېڭى سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق بىر قىسىم ئىمتىيازلار بېرىلىپ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدۇ. ئارالنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن رودوس ئاتلىق ئەسكەرلىرى مالتا ۋە ترابلوسقا ئورۇنلىشىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئارالدىن ئايرىلىشلىرىغا رۇخسەت قىلىنىشى شەرتى بىلەن 1522- يىلى 21- دېكابىر كۈنى ئارالنى ئوسمانلىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوسمانلى قوشۇنى غەربىي ياۋروپاغا قاراتقان يۈرۈشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى بېلگرادنىڭ ئېلىنىشى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق، رودوسنىڭ ئېلىنىشى بىلەن دېڭىز يولى ئارقىلىق ئاشۇرىدۇ.


1525- يىلى فىرانسىيە پادىشاھى فرانچوئىس (1-) نىڭ، ئەنگلىيەنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن مۇقەددەس رىم –گېرمان ئىمپېراتورى ۋ.كارل تەرىپىدىن پاۋىئاغا مەغلۇب بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈشى ۋە فىرانسىيەنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى ئوسمانلىلارغا ياۋروپا سىياسەتلىرىگە بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئوسمانلىلار 1526- يىلى ھابسبۇرگلارغا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ. موھاچتا ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنىڭ قارشىسىغا چىققان ۋىنگىر قوشۇنى 1526- يىلى 29- ئاۋغۇستتا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئوسمانلىلار 1526- يىلى 10- سېنتەبىردە بۇدىن (بوداپىشت) شەھىرىگە كېرىدۇ ۋە ۋىنگىر قەبىلىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جانوس زاپوليا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ۋىنگىرىيە پادىشاھى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.


.......................................................................................


جانوس زاپولياسنىڭ ۋىنگىرىيە پادىشاھلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋ.كارلنىڭ قېرىدىشى فېردىناند قوبۇل قىلمايدۇ ۋە 1527- يىلى بۇدىننى ئىشغال قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زاپوليا ئوسمانلىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. 1529- يىلى ماي ئېيىدا ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان ئوسمانلى قوشۇنى 7- سېنتەبىردە بۇدىننى ئېلىپ، زاپوليانى قايتىدىن پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرغان ئوسمانلى قوشۇنى 1529- يىلى 27- سېنتەبىردە ھابسبۇرگلارنىڭ مەركىزى ۋېيېننانى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ، لېكىن پەتھى قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ۋېيېننانىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىشى ياۋروپادا ھاياجان يارىتىدۇ ۋە ئوسمانلىلارغا قارشى بىر خىرىستىيان ئىتتىپاقى قۇرۇش پىكىرىنىڭ رۋاج تېپىشىغا ھەمدەم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان يولغا قويغان غەرب سىياسىتىنىڭ نېگىزىدە بولسا، ياۋروپانىڭ ئوسمانلىلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشىگە توسالغو بولىدىغان ئامىللار بار ئىدى. بۇ ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن 1532- يىلى بىلەن 1541- يىللىرى ئارىسىدا ئورتاق دۈشمەن دەپ قارالغان ھابسبۇرگلارغا قارشى ئوسمانلى –فىرانسۇز ئىتتىپاقى ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ئىتتىپاقنىڭ سايىسىدا ئوسمانلىلار، فىرانسىيەگە ئوخشاش يەرلىك پادىشاھلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ۋە ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ ھابسبۇرگلارنى ۋېيىننانى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويۇشى ياۋروپادا ئېتىقاد ۋە پىكىر ساھەلىرىدە بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقان پىروتېستانتلارنىڭ تونۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. كاتولىكلارغا قارشى لوتېرچىلار ۋە كالۋىنستلارنى قوللاش ۋە قوغداش قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ غەرب سىياسىتىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق ئامىلى بولىدۇ.


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىكى ۋىنگىرىيە يۈرۈشلىرى بىلەن، بۇ دۆلەت بۇدىن بەگلەر بېگى نامى ئاستىدا ئوسمانلى ئەسكىرىي سىستېمىسى ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە ھابسبۇرگلار بىلەن بولغان چېگرا بالقان رايونلىرى ئەمەس، بۇدىننىڭ غەربى بولىدۇ. ئەردەل ۋە تەمەشۋار بەگلەر بېگى قۇرۇلۇپ چېگىرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئوسمانلىلار غەربتە يېتىپ بارالىغان ئەڭ كەڭ زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزگەن بولىدۇ. ۋىنگىرىيەدە قۇرۇلغان بۇ ئۈچ بەگلەر بېگى سىستېمىسى گوياكى ئەفلاك ۋە بوغدان (مولداۋىيە) غا ئوخشاش مۇھاپىزەت قىلىنىپ، ھابسبۇرگلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كېسىپ تاشلاش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ.


دېڭىزلاردا بولسا، بارباروس خەيرۇددىن پاشا قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسى 1538- يىلى 29- سېنتەبىردە ئەھلى سەلىپ دېڭىز ئارمىيەسىنى پرەۋەزەدە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئاق دېڭىزنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىدۇ. فىرانسۇزلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسى نىجە، تولۇنغا قەدەر سۇزۇلغان رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. فىرانسۇزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى چۆرىدىگەن غەرب سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئالجىرىيە ۋە تۇنىسقا ئوخشاش شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ ئوسمانلى دۆلىتىگە قارىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قانۇنى سۇلتان سۇلايمان زامانىدا ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئەڭ يىراق چېگرىلىرى شەكىللىنىدۇ.


«قانۇن دۆلىتى - جاھان ھۆكۈمدارى ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى»


ئوسمانلى دۆلىتى ئۈچ قىتئەدە سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان چاغلاردىمۇ ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇن سىستېمىسى ئارقىلىق تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتى قانۇن ساھەسىدە ئومۇمەن ئسىلام دىنىنىڭ جەمئىيەتنى تەرتىپكە سالىدىغان قائىدە – قانۇنىيەتلىرىدىن پايدىلانغان. لېكىن شەرىئەت دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ قائىدە – قانۇنىيەتلەر بىلەن بىرگە دۆلەت تەشكىلاتى، ئىدارە قىلىش، باج ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئوخشاش ساھەلەردىمۇ ئوسمانلى پادىشاھلىرى كۆپلىگەن قانۇننامىلەرنى چىقارغان. چۈنكى تۈرك – مۇڭغۇل خانلىقلىرى دەۋرىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيادا، ساسانىيلار دۆلىتى بىلەن ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرقتە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ قانۇنلارنىڭ ئەڭ كۆپ تونۇلغىنى چىنگىزخان قانۇنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈرك – مۇڭغۇل ئەنئەنىلىرى ۋە خانلىقلىرىنىڭ تەسىرى بار جايلاردىكىگە ئوخشاشلا قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئەنئەنىسىنىڭ بىر قىسىم ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوسمانلى دۆلىتى ئىگە بولغان ئانادولۇ ۋە رۇمئەلى زېمىنلىرىدىمۇ ئوسمانلى پادىشاھلىرى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە كۆپلىگەن قانۇنلارنى چىقارغان. پادىشاھلارنىڭ باشقۇرۇش، ئەسكىرىي ۋە مالىيە مەسىلىلىرى بويىچە قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىنى دىنىي ئۆلىمالارمۇ ماقۇللىغان. پادىشاھلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان قانۇنلار ئوسمانلىرى مەنبەلىرىدە «ئۆرپى قانۇن» دەپ ئاتالغان. ئوسمانلى دۆلىتىدە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدىن ئۆرپى قانۇن شەرئىي قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوسمانلى قانۇنىنىڭ، ئىسلام قانۇنى (شەرىئەت)، ئۆرپى قانۇن ۋە پەتھى قىلىنغان يېڭى جايلاردىكى ئىلگىرىكى قانۇن ۋە نىزامنامىلاردىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق مەنبەسى بار.


بولۇپمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئوسمانلى تارىخىدىكى تۇنجى مۇھىم قانۇننامىنى تۈزگەن. بۇ قانۇننامە بىلەن خەلقنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى سالاھىيىتى، تۆلەيدىغان باجلىرى، زېمىن ۋە دۆلەت تەشكىلاتى مەسىلىلىرىدە كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈملەر ئىجرا قىلىنغان. فاتىھ بىلەن باشلانغان قانۇننامە چىقىرىش ئەنئەنىسى ياۋۇز سۇلتان سەلىم دەۋرىدىمۇ داۋاملاشقان ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە تاكامۇللاشقان. ھازىرقى كۈندە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ھەيكەللىرى تىكلەنگەن دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر 21 قانۇن چىقارغۇچىسى ئارىسىدا سۇلتان سۇلايماننىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئۇنىڭ چىقارغان كۆپ ساندىكى قانۇنلىرىدۇر. تۇرسۇن بەگنىڭ 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرىدە بايان قىلىشىچە، سۇلتان پۈتۈنلەي ئۆز سالاھىيىتىگە كۆرە قانۇن چىقىرالايدىكەن، تۈزۈم يولغا قويالايدىكەن. شەرىئەتتىن مۇستەقىل ھالدىكى «قانۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قانۇن – بەلگىلىمىلەر دىنىي كۆرسەتمىلەرگە ئەمەس، ئەقلىي ئىجتىھادلارنى چىقىش قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى خەلق ۋە ئىدارە قىلىش ساھەلىرىدە چىقىرىلغان ئىكەن.


.......................................................................................


باشقا ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ بىر مۇسۇلمان ھۆكۈمدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامىي قانۇن بىلەن بىرگە، بۇنچىلىك كۆپ قانۇن چىقارغانلىقىغا ھەيران قالماسلىق كېرەك. چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمران دۆلەت پەلسەپىسىگە كۆرە، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنى يوللۇق قىلغان نەرسە ئادالەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوسمانلى سۇلتانلىرى ئادالەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چىقارغان قانۇنلىرى قانچىلىك كۆپ بولسا، بۇ قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئەڭ باشتا مەھكىمىلەردە قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدىغان قازىلارنى تەربىيلەشكە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇ مەقسەتتە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە فاتىھ تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى تەلىم – تەربىيە ئورگىنى بولغان سەھنى سەمان مەدرەسەلىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە سۇلايمانىيە مەدرەسەلىرى ئىنشا قىلىنغان. بۇ مەدرەسەلەردە ئىسلامىي ئىلىملەر، قانۇن، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە تېببىي پەنلەر بويىچە تەلىم – تەربىيە ئالغان ئوقۇغۇچىلار كېيىنچە قازىلىق، مۇپتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىپ، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. خۇسۇسەن دۆلەت چوڭ پورتلارنى ئاساسلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىككى ئاساسلىق ئەمەلدار تەيىنلەيتتى. بۇلار ھەربىي سەپتىن كەلگەن، سۇلتاننىڭ ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «بەگ» لەر بىلەن سۇلتاننىڭ قانۇنى سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قازىلاردىن ئىبارەت ئىدى. بەگ قازىنىڭ قارارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق كىشىنى جازالىيالمايتتى، قازىمۇ ھېچقانداق بىر قارارىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئىجرا قىلالمايتتى. قازى قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشتا بەگدىن مۇستەقىل ئىدى. خەلقنىڭ ياكى قازىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا سۇلتانغا ئىلتىماس سۇنۇش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ بىر – بىرىنى كۈزىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادىل تۈزۈم ئورنىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن. يېزا دەرىجىسىگە يەتكەن ئولتۇراق رايونلىرىغا ئىستانبۇلدىن تەيىنلەنگەن قازىلار ئەۋەتىلەتتى ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم قازىنىڭ مەرتىۋىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئىستانبۇلغا چاقىرىلاتتى ۋە باشقا بىر جايغا قازى قىلىپ ئەۋەتىلەتتى. بۇ ئارقىلىق رايوندىكى كىشىلەرنىڭ قازىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئادىل قارار چىقىرىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىناتتى.


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە 200 دىن ئارتۇق قانۇننامە چىقىرىلغان بولۇپ، بۇلارنى ئومۇمەن بەش كاتېگورىيەگە ئايرىش مۇمكىن. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى مۇئەييەن ئىدارە ئىشلىرىغا مەسئۇل قازىلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان پادىشاھنىڭ ھۆكۈملىرىدۇر. ئىككىنچى كاتېگورىدىكى قانۇننامىلەرنى «سانجاق قانۇننامە» لىرى تەشكىل قىلاتتى. بۇلار ئابباسىيلار تەۋەلىكى ۋە ئىراندا قۇرۇلغان ئىلخانلى دۆلىتىگىچە سوزۇلىدىغان قانۇنلاردىن ئىبارەت ئىدى. مەقسەت قورۇقچىلىق سىستېمىسى يولغا قويۇلغان ۋىلايەتلەردە خەلق بىلەن قورۇقچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ئىدى. ئوسمانلى ئۆرپى قانۇنى ئىچىدە بۇ سانجاق قانۇننامىلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئوسمانلى دۆلىتى زېمىنلىرىنىڭ چېگرىسىمۇ ئەڭ يىراق نۇقتىسىغا قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە يېتىپ بارغانلىقى ئۈچۈن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن سانجاق (ۋىلايەت) قانۇننامىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دەۋرگە ئائىتتۇر. بۇ سانجاق قانۇننامىلىرى ئارىسىدا ئانادولۇدىن ئەنقەرە، ئايدىن، بولۇ، ھامىدلى (بۇردۇر – ئىسپارتا)، بۇرسا، ئافيون قاراھىسار، كاستامونۇ، كوجائەلى، كۈتاھيا، مۇغلا، سۇلتانئۆنۈ (ئەسكىشەھىر)، دىيارباقىر، ئەرزۇرۇم سانجاقلىرى، ئوتتۇرا شەرقتىن باغداد، ئەربىل، كەركۈك، مۇسۇل، ھەلەب، بەسرە سانجاقلىرى، بالقان رايونىدىن بۇدىن، موھاچ، سەمەندىرە، رۇمئەلى بىلەن ئەگە ئاراللىرى ۋە شىمالىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بەھرىسەفىد قانۇننامىلىرىنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن.


.......................................................................................


قانۇننامىلەرنىڭ ئۈچىنچى گۇرۇپپىسىنى مۇئەييەن كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى بىر جامائەت دەپ تەرىپلىنىدىغان قاتلام ئۈچۈن چىقىرىلغان قانۇنلار تەشكىل قىلاتتى. بۇلار ئادەتتە قوشۇمچە ئەسكىرى خىزمەتلەرنى ئىجرا قىلىدىغان ئەسكىرىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىدىغان ياكى پىيادە ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىدىغان يۆرۈك، تاتار ۋە ئەفلاك گۇرۇپپىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا كانچىلار، شالچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارمۇ بۇ دائىرىگە كېرەتتى. خۇسۇسەن كان – مەدەن قانۇننامىسى ئوسمانلىدىن ئىلگىرى يەرلىك قانۇنلاردىن ئېلىنغانىدى. بۇ قانۇننامىلەر ئارقىلىق بۇ تۈردىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دۆلەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى بەلگىلەنگەن. قانۇننامىلەرنىڭ تۆتىنچى گۇرۇپپىسى دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ، كېڭەش ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىلىرى، دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۇلتان ئالدىدىكى ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلىرى، ئۇنۋانلار، ئۆستۈرۈش، مائاش، دەم ئېلىشقا چىقىش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇنىڭدىن باشقا خەزىنە ئىشلىرى، تاموژنا، پۇل بېسىش ئورنى ۋە بيويۇكراتىك قائىدىلەر دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار قانۇننامىدە كۆرسىتىلەتتى. ئاخىرقى قانۇننامە تۈرىنى ئومۇمىي قانۇننامىلەر تەشكىل قىلاتتى. مەزمۇنى ئاساسەن ئىمپېراتورلۇقنىڭ بارلىق جايلىرىدا ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ھۆكۈمدارلار بىلەن خەلقنىڭ ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى بەلگىلەيتتى.


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە ناھايىتى مۇھىم قانۇنشۇناسلار يېتىشىپ چىققانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «مەرۇزات» ناملىق ئەسەرنى يازغان ۋە پەتىۋالىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئەبۇسسۇئۇد ئەپەندىنى، تارىخچى ئىبنى كەمال، «سىياسەتنامە» ناملىق بىر پارچە قانۇن كىتابىنى يېزىپ چىققان دەدە جۆفىگى ئەپەندى ۋە «ئەسەفنامە» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان لۈتفى پاشانى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بولۇپمۇ بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئوسمانلى قانۇنىغا قوشقان دۇنيا قاراشلىرى كىلاسسىك ئوسمانلى تۈزۈمىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە تەنزىمات دەۋرىگە قەدەر ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن ئوسمانلى قانۇنلىرىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.


ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى چىقارغان كۆپلىگەن قانۇنلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىجرا قىلىشتىكى سەزگۈرلۈكتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. ئوسمانلىلار پۈتۈن ئىمپېراتورلۇقتا چىقىرىلغان قانۇنلارنىڭ ئەينى شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئەدلىيە سىستېمىسىنى مەركەزكە مەركەزلەشتۈرگەنىدى ۋە بۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىزمەتچىلەرنى تەربىيلەشتە تەلىم – تەربىيە بىرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانىدى. قانۇنلىرىدا ھەر دائىم ئاجىزلار، يوقسۇللار ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى كۈچلۈكتىن، بايدىن ۋە زالىمدىن قوغداشنى مەقسەت قىلاتتى ۋە بۇنى سەلتەنەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى دەپ قارايتتى. ئادىل ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە بەس – مۇنازىرىلەر بولسىمۇ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چىقارغان قانۇنلىرى ئارقىلىق بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكى ۋە دۆلەتنى بۇ قانۇنلار دائىرىسىدە ئىدارە قىلغانلىقىمۇ كۆپلىگەن چەت ئەللىك تەتقىقاتچى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنماقتا.


«ئىككىنچى سەلىم»


قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شاھزادىلىكى مەزگىلىدە گۈلباھار سۇلتان دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ماھىدەۋران خاتوندىن بولغان مۇستاپا، مەھمۇد ۋە مۇراتتۇر. قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ باشقا بەش ئوغلى بولسا، پادىشاھلىقى مەزگىلىدە ھۈررەم سۇلتاندىن بولغان مەھمەت، سەلىم، ئابدۇللاھ، بەيازىد ۋە جىھانگىردۇر. 1515- يىلى دۇنياغا كەلگەن مۇستاپانىڭ ئەڭ چوڭ ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن تەختكە ئولتۇرۇشى كۈتىلىۋاتاتتى. قانۇنى، ھەفسە سۇلتان، سەدرىئەزەم ئىبراھىم پاشا بىلەن بىرلىكتە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىكى ئەسكەرلەر ۋە يەنىچەرىلەرمۇ مەرت ۋە ياخشى تەلىم – تەربىيە كۆرگەن مۇستاپانىڭ قانۇنىدىن كېيىن تەختكە چىقىشىنى ئارزۇ قىلىشاتتى. لېكىن قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ئۈستىدە كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۈچى بار بولغان ھۈررەم سۇلتان ۋە قانۇنىنىڭ ھۈررەمدىن بولغان قىزى مىررىماھ بىلەن ئۆيلەنگەن رۇستەم پاشا بولسا، مۇستاپانىڭ سۇلتان بولۇشىغا قارشى ئىدى ۋە ھۈررەمدىن بولغان بىر شاھزادىنى تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا ئىدى. بۇ مەقسەتتە قانۇنىنىڭ ئانىسى ھەفسە سۇلتاننىڭ 1534- يىلى ۋاپات بولۇپ كېتىشى ۋە 1536- يىلى ھېچقانداق سەۋەب ئوتتۇرىغا قويۇلماستىنلا سەدرىئەزەم مۇستاپا پاشانىڭمۇ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ھۈررەم سارايدا قانۇنى سۇلتان سۇلايمانغا گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان ئەڭ كۈچلۈك كىشىگە ئايلىنىدۇ.


قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولغان مەھمۇد توققۇز ۋە ئۈچىنچى ئوغلى مۇرات ئىككى ياش ۋاقتىدا 1521- يىلى ئارقا – ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. 1541- يىلى مانىساغا ئەۋەتىلگەن مەھمەتنىڭ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، قانۇنىنىڭ گۈلباھار سۇلتاندىن بولغان مۇستاپا بىلەن ھۈررەمدىن بولغان سەلىم، بەيازىد ۋە جىھانگىر ئىسىملىك ئوغۇللىرى ھاياتتا قالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن تەختكە ئولتۇرۇش ئىھتىمالى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مۇستاپانىڭ ھۈررەم سۇلتان بىلەن رۇستەم پاشانىڭ قۇرغان قىلتاقلىرى نەتىجىسدە 1553- يىلى ئىران يۈرۈشى ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، كېسەللىكى يۈزىسىدىن ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلمىغان ۋە قانۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان جىھانگىرمۇ ئاكىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە شاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىران يۈرۈشى ئەسناسىدا ھەلەبتە ئۆلتۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە تەختكە ئولتۇرۇشقا ھەقلىق كىشىلەردىن سەلىم بىلەن ئىنىسى بەيازىد قالىدۇ.


شاھزادە بەيازىد ئاتىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئاكىسى سەلىمگە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ ۋە 1559- يىلى كونيا ئۇرۇشىدا يېڭىلىدۇ. ئىراندا سەفەۋىيلەرنىڭ ھېمايىسىگە كىرگەن بەيازىد، ئوسمانلىلارنىڭ سەفەۋىيلەر بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ۋەدىسى ۋە بەرگەن يۇقىرى مىقداردىكى پۇلىنىڭ بەدلىگە 1562- يىلى پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ھاياتتا قالغان بىردىن بىر ئوغلى بولغان سەلىم 1566- يىلى سۇلتان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 30 – سېنتەبىردە ئوسمانلى سۇلتانى سۈپىتىدە تەختكە ئولتۇرىدۇ ۋە ئىككىنچى سەلىم دېگەن نام بىلەن تونۇلىدۇ.


.......................................................................................


ئىككىنچى سەلىم تارىخىي مەنبەلەردە، سېرىق چىراي، چېقىر كۈزلۈك، ئوتتۇرا بوي بىر كىشى ئىدى دەپ تەرىپلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلىدە بىر مەزگىل شاراپ ئىچكەنلىكى ۋە ئوۋچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە شاھزادىلىكى مەزگىلىدە قېرىندىشى بەيازىد كونيا ۋە كۈتاھيادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە ئەتراپىدا ئىلىم ۋە سەنئەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلغان بولسا، سەلىمنىڭ مانىسادا شاراپ ئىچكەنلىكىدىن شىكايەت قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىنىڭمۇ تەقدىرنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئىككىنچى سەلىم تەختكە چىقار – چىقمايلا قانۇنىنىڭ 46 يىل داۋاملاشقان سەلتەنىتى بويىچە بېرىپ كەلگەن جۇلۇس ھەدىيەسىدىن مەھرۇم قالغان ئەسكەرلەرنىڭ يۇقىرى مىقداردا جۇلۇس ھەدىيەسى تەلەپ قىلىشىغا دۇچ كېلىدۇ. ئىسيان سەۋىيەسىگە بېرىپ قالغان بۇ ئىستەك ئالدىدا ئىككىنچى سەلىم، سەدرىئەزەم سوكۇلۇ مەھمەت پاشانىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن دۆلەت خەزىنىسىنى تۈگىتىۋەتكۈدەك دەرىجىدىكى ھەدىيەلىرى بەدلىگە سەلتەنىتىنى قوغداپ قالىدۇ.


ئىستانبۇلدا ئامانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىككىنچى سەلىم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى سەلتەنىتى بويىچە تولۇق شەكىلدە ئىشەنگەن سوكۇلۇ مەھمەت پاشاغا تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاتىسى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىن قالغان ئىستانبۇل مۇپتىسى ۋە شەيخۇلئىسلام ئەبۇسسۇئۇد ۋە قانۇن تۈزگۈچى جالالزادە مۇستاپاغا ئوخشاش ئۆزى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئىككىنچى سەلىم قىزى ئىسمىخان سۇلتان بىلەن سوكۇلۇ مەھمەت پاشانى ئۆيلەندۈرۈپ كىيئوغلى قىلىۋالىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى سوكۇلۇغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى ساراي ئىچىدە ھۇزۇر – ھالاۋەت ئىچىدە ياشاش يولىنى تاللىۋالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككىنچى سەلىم دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك سوكۇلۇ مەھمەت پاشا ئىدارە قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.


ئىككىنچى سەلىم دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن تاشقى ۋەقەلەرنىڭ بىرىنچىسى قانۇنى دەۋرىدە باشلانغان ساكىز يۈرۈشىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، يەنى پىيالە پاشانىڭ ئارالنى ئۇرۇشسىزلا پەتھى قىلىشى ۋە بۇ يەردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن كۆپلىگەن غەنىمەتلەرنى جۇلۇس ھەدىيەلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىدۇر. سىرتتا يۈز بەرگەن يەنە بىر ئىش ياۋۇز سۇلتان سەلىم دەۋرىدە پەتھى قىلىنغان يەمەننىڭ ئۇ يەرلەرگە مۇداخىلە قىلغان پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە قولدىن چىقىپ كېتىشى ۋە ئۆزدەمىر ئوغلى ئوسمان پاشانىڭ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق، سۇۋەيش كاپتانى قۇرتئوغلى خىزىر رەئىسنىڭ قىزىل دېڭىز ئارقىلىق ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن يەمەننىڭ ئىككىنچى قېتىم پەتھى قىلىنىشى ۋە يەمەن بەگلەر بەگلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى بولىدۇ.


ئىككىنچى سەلىم دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن تاشقى ۋەقەلەرنىڭ بىرى، بىرى شىمالدا، يەنە بىرى جەنۇبتا بولۇپ جەمئىي ئىككى سۇ يولى قانىلى ئېچىش تەشەببۇسىدۇر. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى قورقۇنچ ئىۋان 1553- 1584 يىللىرى ئارىسىدا قارا دېڭىزدا ئوسمانلى زېمىنلىرىغا قاراپ كېڭەيگەن موسكوۋا خانلىقىنى توختىتىش مەقسىتى بىلەن دون ۋە ۋولگا دەريالىرى بىر – بىرلىرىگە يېقىنلاشقان بىر يەردىن قانال ئېچىشقا ئورۇنۇشتىن ئىبارەت. بۇ قانال ئارقىلىق قارا دېڭىز بىلەن ھازار دېڭىزىنى سۇ يولى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىدۇ. سوكۇلۇ مەھمەت پاشا 1569- يىلى بىر قانال ئېچىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە قوشۇننى ئاستراخان (ئەجدەرخان) غا يوللايدۇ. قىرىم خانى دەۋلەت گىراينىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا 6 دېڭىز مىلى كېلىدىغان مۇساپىنىڭ ئۈچتىن بىرى كولىنىپ تۈگىتىلگەن بولسىمۇ، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشى ۋە باشقا بىر قاتار ئىمكانسىزلىقلار سەۋەبىدىن بۇ پىلان ئىشقا ئاشمايدۇ. يەنە بىر پىلان بولسا، پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە يەمەندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىزىل دېڭىز بىلەن ئاق دېڭىزنى بىرلەشتۈرىدىغان سۇۋەيش قانىلى پىلانىدۇر. بۇ پىلانلارنىڭ ھېچبىرى ئىشقا ئاشمايدۇ. لېكىن 1568- يىلى ھازىرقى ھىندۇنېزىيە زېمىنلىرى ئىچىدىكى سۇماترا ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمان ئاچە سۇلتانلىقىغا ياردەم ئەۋەتىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پورتۇگالىيەلىكلەرگە قارشى مۇستەقىللىقلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر جۈمە خۇتبىلىرى ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ نامىغا ئاتاپ ئوقۇلىدۇ.


.......................................................................................


ئەلۋەتتە ئىككىنچى سەلىم دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقە قىبرىس ئارىلىنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر. 1571- يىلى ئارال ۋەنەدىكلىكلەرنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ پەتھى قىلىنىدۇ. كونيا، قارامان، نىگدە ۋە قەيسەرى بەگلىكلىرى تەۋەلىكىدىن تۈرك نوپۇسى قىبرىسقا كۆچۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈلىدۇ. نۆۋەتتە ئارالدا ياشاۋاتقان تۈركلەر ئۆز دەۋرىدە يەرلەشتۈرۈلگەنلەر ۋە 18- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ئارقىلىق سانى كۆپەيتىلگەنلەردۇر. ئىككىنچى سەلىم زامانىدا روياپقا چىققان يەنە بىر ۋەقە بولسا، 1534- يىلى بارباروس خايرۇددىن پاشا تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغان تونىسنىڭ ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، 1574- يىلى دېڭىز ئارمىيە كاپىتانى قىلىچ ئەلى پاشا تەرىپىدىن قايتا پەتھى قىلىنىشى بولىدۇ. ئىككىنچى سەلىم دەۋرىنىڭ غەربنىڭ ئالدىدىكى مەغلۇبىيىتى بولسا، 1571 – يىلى ئىنەباھتىدا ئەھلى سەلىپلەرنىڭ دېڭىز يۈرۈشىگە قارشى ئىنەباھتى ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى تولۇقلاپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. لېكىن ئىنەباھتى ئۇرۇشى ئەسناسىدا 20 مىڭدەك تەجرىبىلىك دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.


ئىككىنچى سەلىم دەۋرى ئوسمانلى تارىخىدا ناھايىتى كۆپ يېڭىلىقلارغا سەھنە بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇلتانلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلەرگە ئىشتىراك قىلىش ئەنئەنىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ سەدرىئەزەمگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى، پەقەت چوڭ شاھزادىگىلا بەگلىك بېرىلىش ئارقىلىق ئوسمانلىنىڭ ۋارىسلىق ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە فىرانسۇزلار بىلەن تۈزۈلگەن سودا كېلىشىملىرىنىڭ قەيدى ھايات شەرتى بىلەن ئەمەس، تۇنجى قېتىم دىنامىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىمزالىنىشى ۋە بۇلارنىڭ كېيىنچە تىز پۈكۈشلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن زامانىمىزدا ئىككىنچى سەلىمنىڭ ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىش بولسا، ئىككى سەنئەت ئابىدىسىنى دۇنيا سەنئەت تارىخىغا بېغىشلىغان بولۇشىدۇر. بۇلارنىڭ بىرى 6- ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى جۇستىنيانۇس دەۋرىدە ئىنشا قىلىنغان ئايا سوفيانىڭ تاملىرىنىڭ مىمار سىنان تەرىپىدىن كۈچلەندۈرۈلۈپ يوق بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى، يەنە بىرى بولسا، 1574- يىلى ئەدىرنەدە ئۆز دەۋرىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز بىناسى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئاياسوفيادىن 75.8سم ئېگىز ۋە 50.4سم كەڭ بولغان سەلىمىيە جامەسىنىڭ مىمار سىنان تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنىشىدۇر.


«ئۈچىنچى مۇرات (1474-1595)»


ئۈچىنچى مۇرات 1546- يىلى ئىككىنچى سەلىمنىڭ نۇربانۇ سۇلتاندىن بولغان ئوغلىدۇر. سانجاقتا يېتىشكەن ئەڭ ئاخىرقى شاھزادە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوسمانلى تارىخىدىكى ئورنىنى ئالدى. ئۇ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن چېغىدا مانىساغا سانجاق بېگى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. 1574- يىلى ئاتىسى ئىككىنچى سەلىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى يوللىغان سەدرىئەزەم سوكۇللۇ مەھمەت پاشانىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مانىسادىن كېلىپ، 1574- يىلى 22- دېكابىردا تەختكە ئولتۇرىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر كىچىك ياشلاردىكى باشقا بەش شاھزادە قەتلى قىلىنىدۇ. سوكۇللۇ مەھمەت پاشا ئەينى ۋاقىتتا ئۈچىنچى مۇراتنىڭ قىز بىر تۇغقىنى بولغان ئىسمىخان سۇلتان بىلەن ئۆيلەنگەن بولغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كىيئوغلى ھېسابلىناتتى.


ئۈچىنچى مۇرات مانىسادىكى شاھزادىلىكى مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرىدا تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، تەختكە ئولتۇرغاندا سەنئەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىدۇ. مۇرادى تەخەللۇسى ئاستىدا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە تۈركچە شېئىرلارنى يازىدۇ. ناھايىتى كۆپ ھۆسنخەت يازىدۇ، ئىستانبۇلنىڭ سىرتىغا پەقەتلا چىقمايدۇ، سەلتەنىتىنى باشتىن ئاخىر سارايدا ئۆتكۈزىدۇ. دۆلەت ئىشلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك سوكۇللۇ مەھمەت پاشاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۈچىنچى مۇراتنىڭ دۆلەت ھاياتىدا ياراتقان بۇ نوپۇز بوشلۇقى ھەمشىرىسى ئىسمىخان سۇلتان، ئانىسى نۇربانۇ سۇلتان ۋە ئانىسى سەفىييە سۇلتان تەرىپىدىن تولدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى مۇرات دەۋرىدە سارايدا ئاياللارنىڭ نوپۇزى ئالاھىدە كۈچىيىدۇ. ئانىسى نۇربانۇ سۇلتان بىلەن ئايالى سەفىييە سۇلتان ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر كېلىن – قېيىنئانا مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ، دۆلەت ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. سوكۇللۇ مەھمەت پاشانىڭ ياراشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمۇ بۇ رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ ۋە دۆلەت ئىشلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان، ئىككىنچى سەلىم ۋە ئاخىرىدا ئۈچىنچى مۇرات بولۇپ ئۈچ ئوسمانلى سۇلتانىغا خىزمەت قىلغان سوكۇللۇ مەھمەت پاشانىڭ 1579- يىلى بىر سۇيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ يۈكسىلىش دەۋرى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە ئوسمانلى دۆلىتى تارىخىدا ئىز قالدۇرغان ئىش مەركەزچىلىك سىياسىتىدىن يىراقلاشقان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بولىدۇ.


.......................................................................................


ئۈچىنچى مۇرات زامانىدا ئىران بىلەن ئۇزۇنغىچە سوزۇلغان ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. لالا مۇستاپا پاشا قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئوسمانلى قوشۇنى 1578- يىلى چىلدىر كۆلى ئەتراپىدا ئىران قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى گىرۇزېىيەنىڭ پەتھى قىلىنىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلايدۇ. ئىراننىڭ كاۋكاز رايونىغا كېڭىيىش سىياسىتىگە قارشى ئوسمانلىلار ئىراننىڭ شىمالدىكى قوشنىسى بولغان ئۆزبېكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. 1579- يىلى سوكۇللۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن قوللىغۇچىسىز قالغان لالا مۇستاپا پاشا بۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىران تەرەپتە كۆرىنەرلىك بىرەر غەلىبە قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. لېكىن ئۇزۇن داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇش، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ خامچوتلىرىنى تۈگەپ كېتىش نۇقتىسغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە ئانادولۇدا «جەلالى» دەپ ئاتىلىدىغان قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ قالىدۇ. نىھايەت 1590- يىلى 21- مارتتا ئىمزالانغان ئىستانبۇل شەرتنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئوسمانلى – ئىران ئۇرۇشى ئاخىرلىشىدۇ ۋە يەنە شەرتنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن تەبرىز، ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىسمى، قاراباغ، گەنجە، قارس، تىفلىسقا ئوخشاش شەھەرلەر ئوسمانلىلارنىڭ قولىدا قالىدۇ. ئوسمانلىلارنىڭ ئىرانلىقلارغا قارشى مۇجادىلىسى ئەسناسىدا شىمالدا رۇسلار سۈرئەت بىلەن زورىيىشقا باشلايدۇ، قىرىم ۋە كاۋكاز رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. 1588- يىلى قىرىم ھۆكۈمدارى گىراي خاننىڭ موسكۋا يۈرۈشى ئەسناسىدا ئۆلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ رايوندىكى رۇس نۇپۇسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.


ئۈچىنچى مۇرات دەۋرىدە ئوسمانلىلارنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەنگلىيە بىلەن باشلانغان سودا مۇناسىۋەتلىرى دىققەتنى جەلپ قىلىدۇ. ئوسمانلى پورتلىرىدا سودا قىلىش ئىمتىيازى ۋەنەدىك ۋە فىرانسىيەگە بېرىلگەن بولسا، 1579- يىلى ئۈچ نەپەر ئەنگلىيە سودىگىرىگە ئوسمانلى زېمىن تەۋەلىكىدە سودا قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. مەلىكە بىرىنچى ئېلېزابت سۇلتان ئۈچىنچى مۇراتقا يازغان مەكتۇبىدا، تۈرك سودىگەرلەرمۇ ئەنگلىيەدە سودا قىلسا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئىنگىلىز سودىگىرىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىدە سودا قىلىش ئىمتىيازىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 1580- يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋىللىئام ھاربورن، سۇلتاندىن ئىنگىلىز سودىگەرلىرىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىدە سودا ئەركىن قىلىشىنى قوبۇل قىلىدىغان ئەھدىنامىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئىنگىلىزلار 1592- يىلى «لېۋانت كامپانى» ناملىق بىر شىركەت قۇرۇپ، شەرقى ئاق دېڭىزدا ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن قىلىدىغان سودىنى بۇ شىركەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


ئۈچىنچى مۇرات دەۋرىدە ئوسمانلىلارنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە كۆچىيىش كۆرۈلىدۇ. 1574- يىلىدىن كېيىن ماراكەشتىكى قەبىلىلەر ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئەمەس ئوسمانلىلارنىڭ ھېمايىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان پاپالىق، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاقداش قوشۇن ماراكەشكە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن 1578- يىلى ئوسمانلى قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئابدۇلمەلىك قوماندانلىقى ئاستىدىكى ماراكەشلىكلەر پورتۇگالىيە پادىشاھى دون سېباستىئان قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ۋادى ئەسسىبەلدە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ، سېباستىئان بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ماراكەشلىكلەر ئىستانبۇلغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئوسمانلى دۆلىتىگە بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۇرىدۇ. ئافرىقىدىكى يەنە بىر يېڭىلىق، ئوتتۇرا ئافرىقىدا بىرۇنېي مۇسۇلمان سۇلتانلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوسمانلىلارنىڭ بۇ يەر بىلەن ترابلۇسغەرب ئۆلكىسىگە قاراشلىق بولغان فىزان ۋىلايىتى يولى ئارقىلىق سودا – تىجارەت قىلىشقا باشلىشى ۋە بىرۇنېي سۇلتانلىقىغا ئەسكىرىي تەلىم – تەربىيە ۋە ماددىي جەھەتتىن ياردەم سۇنۇشى بولىدۇ.


.......................................................................................


سۇلتان ئۈچىنچى مۇرات دەۋرىدە، 1588- يىلى دۇنيا بىناكارلىق تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ مىمارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مىمار سىنان ئالەمدىن ئۆتىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە، 84- جامە، 52 مەسچىت، 57 مەدرەسە، يەتتە مەكتەپ، 22 قەبرە، 17 ئىمارەت، ئۈچ دارۇششىفا، سەككىز كۆۋرۈك، 20 كارۋانساراي، 35 ساراي، ئالتە ئامبار، 48 ھاممام ۋە بىر قاتار تىلغا ئېلىنغان – ئېلىنمىغان بولۇپ 350 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشنىڭ ئىنشا قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.


سۇلتان ئۈچىنچى مۇرات دەۋرىدە، كۈلتۈر ساھەسىدە يېتىشكەن ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى فەرىدۇن ئەھمەت بەگ بولۇپ، ئۇ «سۇلتانلارنىڭ يازمىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان بەگدىن ئۈچىنچى مۇراتقىچە بولغان سۇلتانلارغا ئائىت مەكتۇبلارنىڭ بىرەر نۇسخىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر ئوسمانلى تارىخچىلىرى ئەڭ كۆپ پايدىلانغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.


سۇلتان ئۈچىنچى مۇراتنىڭ ئوغلى مەھمەت ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن سۈننەت تويى، ئوسمانلى سارىيىنىڭ ھەشەمەت ۋە ئىسراپخورلۇقتا قايسى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 1582- يىلى 29- مايدىن 24- ئىيۇلغىچە داۋاملاشقان 57 كۈنلۈك تويدا خەلققە يېمەك – ئىچمەك تارقىتىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن كەلگەن سەنئەتكارلار ھۆنەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار ناھايىتى قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ. «سۇرنامە» دېيىلىدىغان تويلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىكى ئۈچىنچى مۇراتنىڭ ئوغلى مەھمەتنىڭ سۈننەت تويى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقلاردۇر. لېكىن بۇ سۈننەت تويى ئەسناسىدا كۆرسىتىلگەن ھۆنەرۋەنلەرنىڭ يەنىچەرى قانۇنىغا زىت ھالدا، ئەسكەر بولۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇنىڭ ئۈچىنچى مۇرات تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بىر قىسىم ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى، ئۈچىنچى مۇراتنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى بىلەن ئۆزىنى قانۇندىن يوقىرى ئورۇندا قويۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىدا قانۇنلارنىڭ ئەمەس، خالىغانچە سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قالىدۇ. يەنە بىر سەلبىي نەتىجىسى بولسا، ئوسمانلى ئەسكىرىي كۈچى ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان يەنىچەرىلەر ئارىسىغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە كۆپ ساندا ئەسكەر ئېلىنىشى بولىدۇ. بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئىشى ئەسكەرلىك بولمىسىمۇ يەنىچەرى كىيىملىرىنى كىيگەنلەرنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش كۆرىلىدۇ. نەتىجىدە ئەسكەركە مائاش بېرىشتە ئېغىر قىيىنچىلىقلار توغۇلىدۇ. خەزىنە قۇرۇقدىلىش بىلەن بىرگە، ھاكىمىيەت سېپىدىكى بوشلۇقمۇ سۈرئەت بىلەن كېڭىيىدۇ ۋە ئوسمانلى دۆلىتى يۈكسەك نۇقتىدىن چېكىنىشكە يۈزلىنىدۇ.


سۇلتان ئۈچىنچى مۇرات 1595- يىلى يانۋار ئېيىدا 49 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ ۋە ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ھۆيلىسىدىكى قەبرىگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ شاھزادىلىكى زامانىدا مانىسادا ئىنشا قىلدۇرۇلغان مۇرادىيە كۇللىيەسى ھازىرقى كۈندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.


«ئۈچىنچى مەھمەت (1595-1603)»


ئۈچىنچى مەھمەت، ئاتىسى ئۈچىنچى مۇراتنىڭ مانىسادا سانجاق (ۋىلايەت) بېگى بولۇپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا، يەنى 1566- يىلى 26- مايدا دۇنيا كېلىدۇ. ئانىسى ھازىرقى ئالبانىيە تەۋەلىكىدىكى دۇكاكىن ۋىلايىتىنىڭ رەزى يېزىسىدىن سەفىييە سۇلتاندۇر. ئاتىسى ئۈچىنچى مۇرات 1574- يىلى سۇلتان بولغاندىن كېيىن، ئۇمۇ 1575- يىلى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. ئۈچىنچى مەھمەت توققۇز يېشىدىن ئون يەتتە يېشىغىچە ئىستانبۇلدا تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە مانىسادا باشلىغان ئوقۇشىنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاتىسى بىلەن تەخت تالىشىش كۈرىشىگە كېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سارايدا سىياسىي كۈچ مەركىزىدە بولۇش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتماسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. 1582- يىلى ئىستانبۇلدا، يەنى ئۇ 16 ياشقا كىرگەن چېغىدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوسمانلى تارىخىي مەنبەلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئەڭ ھەشەمەتلىك سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، توي ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملىشىدۇ.


ئۈچىنچى مەھمەت 17 ياشقا كىرگەندە، شاھزادە بولۇشتىن چىقىپ ۋىلايەت سانجاقىغا ئايلانغان سارۇخان سانجاقىنىڭ مەركىزى مانىساغا ئەۋەتىلىدۇ. ئوسمانلى تەخت ۋارىسى ئەنئەنىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن ئەڭ چوڭ ئوغۇل بولغان ئۈچىنچى مەھمەت ئالدىن تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. ئىستانبۇلدىن مانىساغا بارغان ئۈچىنچى مەھمەت ئۇ يەردە ئون ئىككى يىل ھۆكۈمدار بولىدۇ.


1595- يىلى 16- يانۋاردا ئاتىسى ئۈچىنچى مۇراتنىڭ تويۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، مەۋسۇمنىڭ قىش بولۇشىغا قارىماي، قۇرۇقلۇق يولى بىلەن مۇدانيا، ئۇ يەردىن ھەربىي كېمە بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ ۋە دەرھال جۇلۇس (يېڭى سۇلتان تەختكە ئولتۇرغاندا ئەسكەرلەر ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تارقىتىلىدىغان پۇل) ۋە بەيئەت (دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ يېڭى سۇلتانغا بويسۇنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر قەسەم) مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ئىستانبۇلغا كەلگەنگە قەدەر مەخپىي تۇتۇلغان ئاتىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئەينى كۈنى جۈمە نامىزىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خۇتبە ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ نامىغا ئوقۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچىنچى مەھمەت ئوسمانلى تارىخىدا تەختكە ئولتۇرغان ئون تۆتىنچى سۇلتان بولىدۇ.


.......................................................................................


ئۈچىنچى مەھمەت تەختكە ئولتۇرغاندا، ئوسمانلىلار غەرب ئالدىنقى سېپىدە ئاۋستىرىيەدە ھاكىمىيەتنى قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھابسبۇرگلارغا قارشى ھازىرقى رىم ۋە ۋېنگرىيە زېمىنلىرىدا ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. ئوسمانلى قوشۇنى ئوق -دورا ۋە مىلتىق جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئاۋستىرىيە قوشۇنىنى مەغلۇب قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئارقا -ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم ھوقۇق بېرىلگەن كوجا سىنان پاشا بىلەن فەرھات پاشا ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇمەتمۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 1595- يىلى كوجا سىنان پاشا قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ يەركۆيدىن رۇسچۇكقا قاراپ يۈرۈش قىلىش سەپىرى ئەسناسىدا تۇنادا ئاۋستىرىيەلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەفلاك ۋويۋودا (باشلىقى) سى مىلىئال تەرىپىدىن مەغلۇب قلىنىشى، ھۇجۇمچى كۈچلەرنىڭ يوقۇتىلىشى ئوسمانلى چىرىقىنىڭ ئۆچىشىگىمۇ سەۋەپ بولىدۇ. كەيپىياتى ناچارلىشىپ كەتكەن قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى قانۇنى دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا سۇلتاننىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئاتىسى ئۈچىنچى مۇراتنىڭ ئۇستازى بولغانلىقى ئۈچۈن «خوجا» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان سائادەتتىن ئەپەندىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن، ئۈچىنچى مەھمەت قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، يۈرۈشكە ئاتلىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ.


يۈرۈشكە ئاتلىنىش تەييارلىقلىرى ئەسناسىدا سىنان پاشانىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ ئۈستىدە كۈچلۈك تەسىر كۈچى بار بولغان ئانىسى سەفىييە سۇلتاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، دامات ئىبراھىم پاشانى ۋەزىرىئەزەملىك مەنسىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئۈچىنچى مەھمەت 1596- يىلى 20- ئىيۇن كۈنى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئىستانبۇلدىن ئايرىلىدۇ. ئەدىرنە، فىلىبە، سوفيا ۋە نىش يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلىگەن قوشۇن، ئاۋستىرىيەنىڭ ۋېنگرىيە زېمىنلىرىدىكى مۇھىم قەلئەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەگرى قەلئەسىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، 1596- يىلى 12- ئۆكتەبىردە 19 كۈنلۈك مۇھاسىرىدىن كېيىن ئەگرى قەلئەسى قولغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ قەلئەنىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشى ئۈچىنچى مەھمەتكە «ئەگرى فاتىھى» ئۇنۋانىنى بېغىشلايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. لېكىن، قەلئەنىڭ ئېلىنىشىدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي خاچوۋا (مېزۆكېرېزتېس) غا كەلگەن ئاۋسترىيە ئىمپېراتورلۇق قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلىش قارار قىلىنىدۇ. ئاۋستىرىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئارشىدۇك ماكسىمىلېن ئىدى. ئۇ، يۇقىرى توپچى قىسىملىرىغا ئىگە بولغان ۋە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئوسمانلى قىسىملىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 1596- يىلى 26- ئۆكتەبىردە ئاۋستىرىيە قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. كۆرىنەرلىك دەرىجىدە قورال، ئوق -دورا قولغا چۈشۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، گېرمان، ئىسپان، پاپالىق، فلورېنسا، ۋېنگر، چېك ۋە لەھ ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئاۋسترىيە ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قوشۇنىنىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، خاچوۋا ئۇرۇشى ئوسمانلى تارىخىنىڭ زەپەر بىلەن نەتىجىلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئۇرۇشى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سۇلتاننىڭ بالدۇرراق ئىستانبۇلغا قايتىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن، كۈتۈلگەن نەتىجە قولغا كەلمەيدۇ ۋە ئاۋستىرىيەلىكلەر ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ چېكىنىشىدىن كېيىن، قايتىدىن سەرھات قەلئەلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە باشلايدۇ. 1593- يىلى باشلىنىپ 1606- يىلىغىچە داۋاملاشقان ۋە تارىخىي مەنبەلەردە «ئون بەش يىل ئۇرۇشى» ياكى «ئۇزۇن ئۇرۇش» دېگەن نام بىلەن ئورۇن ئالغان ئوسمانلى -ئاۋسترىيە مۇجادىلىسى خاچوۋا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. بۇ ئۇرۇشلار ئەسناسىدا، 1595- يىلى 2- سېنتەبىردە ئەستەرگون قەلئەسى قولدىن كېتىدۇ، 1601- يىلى كانىجە قەلئەسى قولغا كىرگۈزۈلىدۇ. خۇسۇسەن كانىجە قەلئەسىنىڭ قوماندانى تېرىياكى ھاسان پاشانىڭ ئاۋسترىيە قوماندانى فېرناندقا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشى ئۇنتۇلماس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگىدۇر. ھەر ئىككى قەلئەدە مەيدانغا كەلگەن ئىشلار كېيىنچە تۈرك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي مارشنىڭ تېمسىغا ئايلىنىدۇ.


.......................................................................................


ئۈچىنچى مەھمەت دەۋرىدە ئوسمانلى دۆلىتى بىر تەرەپتە غەربىي ئاۋستىرىيە ئىمپېراتورلۇقى بىلەن ئىزچىل ھالدا ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتە، 16- ئەسىرنىڭ بېشىدا بوزوكلۇ شەيخ جەلالنىڭ ئانادولۇدا كۆتۈرگەن ئىسيانىنى باستۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بولۇپمۇ 1595- يىلىدىكى خاچوۋا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يوقلىمىغا قاتناشمىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنۋانلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئانادولۇدىكى جەلالىلەر (ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەر) گە قوشۇلۇپ كېتىشى ئىسياننىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇشلار ۋە بولۇپمۇ ئۈچىنچى مۇرات دەۋرىدە سارايدىكى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىسراپچىلىقلار ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىنچى سەلىم دەۋرىدىن بويان ئوسمانلى دۆلىتىدە پۇل پاخاللىقى كرىزىسى بار ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خەلق بارلىق نەرسىلىرىنى تاشلاپ، ئىسيانچىلارنىڭ يېنىغا كېتىدۇ ۋە ئاسىيلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇلار «زېمىنىنى تاشلاپ كەتكەنلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوسمانلى ئىقتىسادىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدىغان تېرىقچىلىق ئىشلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئامانلىقنى ساقلاشمۇ قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان قورۇقچىلىق سىستېمىسى يىمىرىلىشكە باشلايدۇ. ئانادولۇدىكى بۇ خىل قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلانغان ئىرانلىقلار 1603- يىلى تەبرىزنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ.


ئۈچىنچى مەھمەت دەۋرىدە مەدەنىيەت ساھەسىدە بولسا، 1598- يىلى شەيخۇل ئىسلاملىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن خوجا سائادەتتىن ئەپەندىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى (1299- يىلى) دىن باشلاپ ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ (1520- يىلى) ۋاپاتىغا قەدەر ئۆتكەن جەريان ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان تاجۇتتەۋارىخ (تارىخلارنىڭ تاجى) ناملىق ئەسىرى يېزىلىدۇ. تەختكە ئولتۇرغىنىدا 19 شاھزادىنىڭ ۋە 1603- يىلى چوڭ ئوغلى مەھمۇتنىڭ تەخت ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ خاراكتېرىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار يۈز بەرگەندە سوغۇققانلىقىنى ساقلاپ قالالمايدىغان بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا ئانىسى سەفىييە سۇلتاننىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ۋە «ئادلى» تەخەللۇسى ئاستىدا شېئىرلارنى يازغان ئۈچىنچى مەھمەت، 1603- يىلى ئىستانبۇلدا تارقالغان بىر قېتىملىق ۋابا كېسىلى ئەسناسىدا 38 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.


«بىرىنچى ئەھمەد (1603-1617)»


ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ سارۇخان ۋالىيلىقى ئەسناسىدا، يەنى 1590- يىلى مانىسادا دۇنياغا كەلگەن بىرىنچى ئەھمەد، سانجاققا چىقماستىنلا سۇلتان بولغان تۇنجى ئوسمانلى پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭى بىر سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ. بۇ سىياسەت نەتىجىسىدە ئاتىسى ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ بىر تۇغقانلىرىنى تەخت ئۈچۈن ئۆلتۈرگۈزۈشى پەيدا قىلغان چوڭقۇر ھەسرەتنىڭ تەسىرى بار ئىدى. بىرىنچى ئەھمەد، 1603- يىلى ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن 14 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان چاغدا، ئىلگىرىكى سۇلتانلارنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش بىر تۇغقانلىرىنى ئۆلتۈرگۈزىۋەتمەي، ساراينىڭ ‹قەپەس› دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس جايىدا نەزەربەنت قىلىش يولىنى تاللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تەختكە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ‹ئەكبەرىييەت› ۋە ‹ئەرشەدىييەت›يەنى خانىدانلىقنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىسىنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئۇسۇلى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى ئوسمانلى سۇلتانلىرى بىرىنچى ئەھمەدنىڭ قېرىندىشى بىرىنچى مۇستاپادىن باشقا ئانادولۇدىكى ئاماسيا، مانىساغا ئوخشاش سانجاق مەركەزلىرىدە ئەمەس، ئىستانبۇلدا توغۇلغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.


بىرىنچى ئەھمەد تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بولۇشىغا قارىماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، باشلىنىشى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىن باشلانغان سارايدىكى ئاياللارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ مەقسەتتە ئۈچىنچى مۇرات بىلەن ئۈچىنچى مەھمەت مەزگىللىرىدە دۆلەت ئىشلىرىدا پائال رول ئويناپ كەلگەن ئاتا تەرەپ مومىسى سەفىييە سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى كونا سارايغا ئەۋەتىۋېتىدۇ. ئارقىدىن ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندا ھەل بولماي قالغان ئاۋستىرىيە، ئىران ۋە جەلالى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. بۇ مەقسەتتە ۋىنگىرىيەگە قارشى يۈرۈشكە ئاتلانغان لالا مەھمەت پاشا، ئوسمانلىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئەردەل بېگى ئەتىئېننې بوچكاينىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 1605- يىلى ئەستەرگون قەلئەسىنى ئالىدۇ. بوچكايمۇ ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيۋارنى، تېرياكى ھەسەن پاشامۇ ۋېزپرېم ۋە پولاتانى پەتھى قىلىدۇ. لېكىن ئانادولۇدا شىددىتى بارغان كۈچىيىپ كەتكەن ئىسيانلارنى باستۇرماقچى بولغان ئوسمانلى دۆلىتى ئاۋستىرىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشنى تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. بۇ مەقسەتتە قودۇقچى مۇرات پاشا بۇدىن (بۇداپېشت) غا ئەۋەتىلىدۇ. بۇدىن بەگلەر بېگى قازىزادە ئەلى پاشا قوماندانلىقىدىكى بىر ئوسمانلى ھەيئىتى ئاۋستىرىيەلىكلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالايدۇ. ئاۋستىرىيە ھەيئىتىنىڭ بېشىدا بولسا، بارون دې موللارد ۋە كومتې ئالتان بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، 1606- يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زىتۋاتوروك كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاۋستىرىيەنىڭ قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىن باشلاپ بېرىپ كەلگەن يىللىق 30 مىڭ زىققا ئالتۇن تۆلىمى بىكار قىلىنىدۇ. ئوسمانلى سۇلتانى بىلەن ئاۋستىرىيە ئىمپېراتورى ئوخشاش ئورۇندا ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنى روما سەزارى دەپ ئاتاش ماقۇللىنىدۇ.


.......................................................................................


كېيىنكى مەزگىللەردە تارىخچىلار، زىتۋاتوروك كېلىشىمىگە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى دەلىللەنگەن بىر كېلىشىم ئىدى دەپ باھا بېرىدۇ. بۇ كېلىشىم بىلەن ئوسمانلىلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈستىدىكى ئۈستۇنلۈكى ئاخىرلىشىدۇ. ئوسمانلىلارنى بۇ كېلىشمنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئانادولۇدىكى جەلالى ئىسيانىنىڭ ناھايىتى خەۋپلىك باسقۇچلارغا يەتكەنلىكى ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىرىنچى ئەھمەد دەۋرىدە زىتۋاتوروك كېلىشىمى 1608، 1615 ۋە 1616- يىللىرى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ يېڭىلىنىدۇ.


ئوسمانلىلار كۈنتەرتىپىگە ئالغان جەلالى ئىسيانىنى باستۇرۇش سالاھىيىتى قودۇقچى مۇرات پاشاغا بېرىلىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاۋستىرىيە ۋە ئىران بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بويان ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇشى ئانادولۇدا خەلقتىن ئارتۇق باج ئېلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، بۇ ئەھۋالمۇ خەلقنىڭ دۆلەتتىن نارازى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلاردا قورۇقچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ئۇزۇن داۋاملاشقان يۈرۈشلەر تۈپەيلى مەھسۇلات ئېلىش پەيتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرى ۋەياكى ئەسكەرىي يۈرۈشلەردە قاچقۇنغا ئايلىنىپ قېلىشى قورۇقچىلىق سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول ئاچىدۇ. ئانادولۇدا قورۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، سابىق دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋەياكى مەھەللىي كۈچتىن تەشكىللەنگەن كۆپلىگەن زوراۋان گۇرۇپپىلار پەيدا بولىدۇ. بۇلار قوراللىق كۈچ تەشكىل قىلىپ، دۆلەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. 1607- يىلى 30 مىڭ مىلتىقلىق ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان ئاسىيلار، ۋەزىرىئەزەملىككە تەيىنلەنگەن قودۇقچى مۇرات پاشا ۋە تېرياكى ھەسەن پاشا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بىرىنچى ئەھمەد، جەلالى ئىسيانلىرى سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالغان يەرلەرگە قايتىدىن ئاھالىلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. 1607- يىلى بىلەن 1611- يىللىرى ئارىسىدا ئانادولۇدا نىسبەتەن بولسىمۇ ئامانلىقنى كۈچكە ئىگە قىلغان قۇدۇقچى مۇرات پاشا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ باشقا بىر مەسىلىسى بولغان ئىرانغا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ، تەبرىزگە قەدەر ئىلگىرىلەيدۇ، 1611- يىلى دىياربەكىردە ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. يېڭى سەدرىئەزەم نۇسۇخ پاشا بولسا، 1612- يىلى ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. بۇ كېلىشىمدە، 1555- يىلى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن چېگرا ئاساس قىلىنىش بىلەن بىرگە، سەفەۋى سۇلتانى شاھ ئابباس ھەر يىلى ئوسمانلى سۇلتانىغا مۇئەييەن مىقداردا يىپەك ئەۋەتىپ تۇرۇشى قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ كېلىشىم 1615- يىلى بۇزۇلىدۇ ۋە ھەر ئىككى تەرەپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئوسمانلى – ئىران ئۇرۇشى باشلىنىدۇ.


.......................................................................................


بىرىنچى ئەھمەد مەزگىلىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش بولسا، دېڭىز قىسىملىرىنىڭ كۈچلەندۈرۈلىشى بولۇپ، بۇنىڭ سايىسىدا ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ۋە ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى توسكانا بۈيۈك خانلىقى بىلەن مالتا قىلىچۋازلىرىنىڭ مورادىكى كورىنتوس ۋە كوس ئاراللىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، شۇنداقلا شىمالىي ئافرىقىدا ئوسمانلى نوپۇزىنىڭ داۋام قىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بىرىنچى ئەھمەد، ئىلگىرى ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ۋەنەدىك بىلەن ئىمزالانغان سودا كېلىشىملىرىنى يېڭىلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، كاتالان، دۇبروۋنىك، ئانكونا ۋە فلورېنساغا تەۋە پاراخوتلارنىڭ فىرانسۇز بايرىقى ئاستىدا سودا قىلىشلىرىغا رۇخسەت قىلىدۇ. گوللاندىيە بىلەنمۇ تۇنجى قېتىم 1612- يىلى سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ.


بىرىنچى ئەھمەد 14 يىل سەلتەنەت سۈرگەندىن كېيىن، 1617- يىلى 22- نويابىر كۈنى 28 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى 51 كۈن داۋاملاشقان مەيدە ئاغرىقى ئىدى دەپ كۆرسىتىلمەكتە. بىرىنچى ئەھمەد كىچىك ياشتىلا تەختكە ئولتۇرغان بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىق مەزگىلىدە سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تارىخىي مەنبەلەر ئۇنى مىجەزى چۇس ۋە دىندار بىر كىشى ئىدى دەپ تەرىپلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ، يىقىلىشقا يۈزلەنگەن كەبىنىڭ تاملىرىنى ئىستانبۇلدىن ئۇستىلارنى ئەۋەتىپ رىمۇنت قىلدۇرىدۇ، خەتلىرىنى يېڭىلاپ يازغۇزىدۇ ۋە مەدىنىدىكى مەسجىدى نەبەۋىي (پەيغەمبەر مەسجىدى) نىڭ مىنبەرلىرىنىمۇ ئىستانبۇلدا ئاق مەرمەردىن ياساتقۇزۇلغان مىنبەر بىلەن ئالماشتۇرغۇزىدۇ. ئۇ نەيزە ئېتىش ۋە ئوۋ ئوۋلاشقا ئامراق بولۇپ، بۇ مەقسەتتە پات – پات ئەدىرنە ۋە بۇرساغا بارىدىغانلىقى مەلۇم. ‹بەختى› تەخەللۇسى ئاستىدا شېئىرلارنى يازغان بىرىنچى ئەھمەدنىڭ كىچىكراق بىر دىۋانىمۇ بار.


ئەمما بىرىنچى ئەھمەدنىڭ نامىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر داۋام قىلىشى ۋە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلىشىغا سەۋەب بولغان ئەسىرى سۇلتان ئەھمەد جامەسىدۇر. ۋىزانتىيەلىكلەر ‹ھىپودروم›، ئوسمانلىلار ‹ئات مەيدانى› دەپ ئاتايدىغان ھازىرقى كۈندىكى سۇلتان ئەھمەد مەيدانىغا ئىنشا قىلىنغان بۇ جامە ئوسمانلى دەۋرىدە ‹ئەھمەدىييە› دەپ ئاتىلاتتى. كېيىنچە ‹سۇلتان ئەھمەد جامەسى› دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. جامەنىڭ ئىچ بىزەكلىرىدە ئىشلىتىلگەن كۆپ قىسمى قويۇق ھاۋا رەڭلىك چىنە خشىلىرى يۈزىسىدىن غەربلىكلەر ‹Blue Mosque›‹ھاۋا رەڭ جامە› دەپ ئاتالغان. جامەنىڭ ئۇل تېشى 1609- يىلى 27- سېنتەبىردە بىرىنچى ئەھمەدنىڭ بىر ئالتۇن گۈرجەك بىلەن ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا تاكى تەرلىگەنگە قەدەر ئىشلىشى بىلەن قويۇلىدۇ. جامەنىڭ مىمارى سەدەپچى ئەھمەد بەگدۇر. جامەنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى 1617- يىلى تاماملىنىدۇ. جامەنىڭ مەدرەسە، سىبيان (بالىلار) مەكتىپى، قەبرە، دۇكان، ھاممام، دارۇششىفا (دوختۇرخانا)، ئاشخانا ۋە ئۈچ قۇدۇقتىن تەشكىل تاپقان كۇللىيەسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنشا قىلىنىشى 1620- يىلىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. سۇلتان ئەھمەد جامەسى سۇلايمانىييە جامەسىدىن كېيىن ئىستانبۇلدا بىنا قىلىنغان ئەڭ چوڭ سەنئەت ئابىدىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 14 شەرەفەسى بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ ئون تۆتىنچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


سۇلتان ئەھمەد جامەسى بىلەن بىرگە يەنە بىر ھۈنكار (سۇلتان) سارىيى ئىنشا قىلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پادىشاھنىڭ نامازدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىغان، سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بىر يەر سۈپىتىدە لاھىيىلەنگەن ھۈنكار سارايلىرىنىڭ تۇنجىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى كۈندە بۇ ساراي ۋەقىفلەر باش مودىرلىكىگە قاراشلىق ھالى مۇزېي سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.


«بىرىنچى مۇستاپا (1622-1623)»


بىرىنچى مۇستاپا، ئوسمانلى سۇلتانى ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى مانىسادىكى مەزگىلدە ھىجرىيە 1000- يىلى مىلادى 1591- يىلى دۇنيا كېلىدۇ. ئۈچىنچى مەھمەت تويۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەندە ئارقىسىدا بىرى ئون ئۈچ يېرىم، يەنە بىر ئون ئىككى ياشلاردا ئىككى كىچىك ئوغلى قالىدۇ. چوڭ ئوغۇل ئەھمەت دەرھال ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرغۇزىلىدۇ، مۇستاپا ئۆلتۈرۈلمەستىن توپقاپى سارىيىنىڭ ھارەم قىسمىدىكى ‹قەپەس› دېيىلىدىغان جايغا سۇلاپ قويۇلىدۇ. بىرىنچى ئەھمەدنىڭ نېمىشقا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگۈزىۋەتمەي (ئوسمانلىلاردا مۇشۇنداق بىر ئەنئەنە بار ئىدى- ت) ھايات قويۇپ قويغانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. بىر قىسىم تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ بىر ئانىدىن توغۇلغان قېرىنداشلار بولۇش ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرىنچى ئەھمەت، بالا دېگۈدەكلا كىچىك ياشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈشنى قارار قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئىككىنچى بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ئەھمەدنىڭ 1603- يىلى تەختكە ئولتۇرغاندا ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ بولماسلىقى ۋە ئوسمانلى ۋارىسلىق ئەنئەنىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى بىرىنچى مۇستاپانىڭ ھاياتىغا مۇداخىلە قىلمىغان. ئەمما، بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى دۇنياغا كەلگەندىن ئېتىبارەن بىرىنچى مۇستاپا ئىزچىل ھالدا ئۆلتۈرۈلۈش قورقۇنچى ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. 1617- يىلى بىرىنچى ئەھمەد ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، دۆلەت ئەركانى ئۇنىڭ ئون ياشلىق ئوغلى ئىككىنچى (ياش) ئوسماننى ئەمەس، ئىنىسى بىرىنچى مۇستاپانى تەختكە چىقىرىدۇ.


بىرىنچى مۇستاپا دەۋرى ئوسمانلى تارىخىدا ناھايىتى كۆپ يېڭىلىقلار ۋۇجۇدقا چىققان زامان قاتلىمىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئەڭ باشتا، بىرىنچى مۇستاپا 1302- يىلى باشلانغانلىقى قوبۇل قىلىنغان ئوسمانلى تارىخىدا قېرىندىشىنىڭ ئورنىدا تەختكە ئولتۇرغان تۇنجى سۇلتان بولۇپ، بۇ ئىش ئوسمانلى تارىخىدىكى تەخت ۋارىسلىرى ئەنئەنىلىرىنىڭ بورۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. بىرىنچى ئەھمەد دەۋرىدە دەسلەپكى قەدىمى بېسىلغان بۇ سىياسەت ئارقىلىق سەلتەنەتنىڭ ئاتىدىن ئوغۇلغا مىراس قىلىش ئادىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭ ئەر مەنسۇبىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىنى مەزمۇن قىلغان ‹ئەكبەرىييەت› سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشىمۇ بىرىنچى مۇستاپانىڭ جۇلۇسى ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئوسمانلى تارىخىدا بىرىنچى مۇستاپا دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر يېڭىلىق بولسا، 1617- يىلى 22- سېنتەبىردە تەختكە ئولتۇرغان يېڭى سۇلتاننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغىدەكمۇ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ بولماسلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئوسمانلى تارىخىدا بىرىنچى مۇستاپا «ساراڭ مۇستاپا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


بىرىنچى مۇستاپا 1617- يىلى 22- سېنتەبىردە تەختكە ئولتۇرۇپ، 96 كۈن سەلتەنەت سۈرىدۇ. 1618- يىلى بىرىنچى مۇستاپانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ تەختنى تارتىۋالغان جىيەنى ئىككىنچى ئوسمان، ئۇنى تۆت يىل بويىچە ناھايىتى ناچار شارائىتلار ئاستىدا نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. ياش ئوسمان (ئىككىنچى ئوسمان) نىڭ بىر قېتىملىق ئىسيان ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن 1622- يىلى 19- مايدا ئىككىنچى قېتىم ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە 1623- يىلى 10- ئىيۇلغىچە سەلتەنەت سۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەتتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرغان ئوسمانلى سۇلتانى بولىدۇ. فاتىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇشى ئاساسلىقى ئاتىسىنىڭ ئىستىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا روياپقا چىققان بولسا، بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇشى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ مۇجادىلىسىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە روياپقا چىقىدۇ.


.......................................................................................


فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قېرىنداشنى ئۆلتۈرۈش سىياسىتىگە كۆرە، بىرىنچى ئەھمەد قېرىندىشى مۇستاپانى ئۆلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئىستانبۇلدىكى ۋەنەدىك كونتارىنىنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى ئەھمەد ئىنىسى بىرىنچى مۇستاپانى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغان، بىراق بۇ ئوي ئۇنى شۇنچىلىك بىئارام قىلغانكى، نەتىجىدە ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن.


بىرىنچى ئەھمەد ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئوسمان ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. ئىلگىرىكى مەزگىللەردە بۇ ياشتىكى بىر بالا ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرالايتتى، بىرىنچى ئەھمەد ئۆلگەندە بولسا، ئوغلى ئوسمان ئەمەس، سوفى مەھمەت پاشا ۋە شەيخۇلئىسلام ئەسات ئەپەندى قاتارلىق دۆلەت ئەركانىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قەپەستە ياشاۋاتقان قېرىندىشى مۇستاپا تەختكە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوسمانلى خانىدانلىقى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئائىلىدىكى شاھزادىلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئوسمانلى سۇلتانى بولۇشى مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ. لېكىن كاتىپ چەلەبىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، ئارىدىن ئۈچ ئاي 10 كۈن ئۆتكەندە يەنە شۇ دۆلەت ئەركانى تەرىپىدىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلالمايدىغانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا ئىككىنچى ئوسماننى ئولتۇرغۇزۇش قارار قىلىنىدۇ. لېكىن 1622- يىلى يەنىچەرىلەر ئىككىنچى ئوسمانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە قايتىدىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


بىر ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ئاتقا مىنگەن ھالدا خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىشى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتىدۇر. لېكىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئەسلىدىنلا نورمال بولمىغان ئەقلىي ئىقتىدارى يۈزىسىدىن قەپەستىكى چېغىدا تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. خەلق ئارىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەرگە كۆرە، 1623- يىلىغا كەلگەندە ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرالىغۇدەكمۇ ماجالى قالمىغانىدى. دۆلەت ئەركانى بۇ خىل سۆز – چۆچەكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، بىرىنچى مۇستاپانى گويا ئاتقا مىنىپ ئايلىنىۋاتقان ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە باشقا بىرىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش كىيىندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىرىدۇ. ئوسمانلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار، بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئۇ مەزگىللەردە ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى يېزىشىدۇ. ئىككىنچى ئوسماننى ئۆلتۈرگەن يەنىچەرىلەر، بىرىنچى مۇستاپانى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن توپقاپى سارىيى، ھەرەم قاتارلىق جايلاردا ئۇنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۈرىۋەتكۈدەك ھالدا ئۇچرىتىدۇ. يەنىچەرىلەر بىرىنچى مۇستاپانى تاپقاندا، ئۇ، قوللىرىنى قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئىككى خىزمەتچى خوتۇننىڭ ھۇزۇرىدا ناچار بىر كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. بەلكىدە ساراي ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلار يۈزىسىدىن باشقىلار ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىرىنچى مۇستاپانىڭ بىر نەرسە يىمىگىنىگە ئۈچ كۈن بولۇپ قالغانىدى. ئۇ يەنىچەرىلەرنى كۆرگەندە ئىچىش ئۈچۈن سۇ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنىچەرىلەر ئۇنى بىر ئاتقا مىنگۈزۈپ ئورتا جامەگە ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بىرىنچى مۇستاپا شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدىكى، ئورتا جامەگىمۇ ساراينىڭ بىر ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.


بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەلتەنىتىمۇ ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. 1623- يىلى 10 – ئىيۇلدا بىرىنچى مۇستاپا تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، ئورنىغا بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئىككىنچى ئوسماننىڭ بىر تۇغقىنى تۆتىنچى مۇستاپا ئولتۇرغۇزىلىدۇ.


.......................................................................................


بىرىنچى ئەھمەدنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدا تۇنجى قېتىم «قەپەس تۈزۈمى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى بىرىنچى مۇستاپانىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ۋە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇنىڭ ئىككى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. «قەپەس تۈزۈمى» قانداق بىر تۈزۈم ئىدى؟ تەختكە ئولتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بىر تۇغقانلار بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرمىسىمۇ بۇلاتتى، لېكىن شۇنداق بىر تۈزۈم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدىكى، ھېچ بولمىغاندىمۇ سەلتەنەت سۈرىۋاتقان سۇلتاننىڭ ئىشلىرىغا باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ توسالغۇلۇق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. مانا بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئوسمانلى تەخت ۋارىسى سىستېمىسىدا «قەپەس» تۈزۈمى يولغا قويۇش ۋە بۇ مەقسەتتە ساراينىڭ چەكلەنگەن قىسمىدىكى ئەندەرۇندا باشقا بىر تۇغقانلارغا يەر ئاجرىتىش، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش كېرەك ئىدى. ئوسمانلى سارىيىدا ئىلگىرى شاھزادىلەر ياشايتتى. بولۇپمۇ 16- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شاھزادىلەرنى سانجاق (ۋىلايەت) لارغا ئەۋەتىش سىياسىتى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سارايدا ياشىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. لېكىن ئۇ مەزگىللەردە سارايدا تۇرغان شاھزادىلەر، ئوسمانلى تەختىدە ئولتۇرغان سۇلتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بىرىنچى مۇستاپا دەۋرىدىن باشلاپ، سارايدا پەقەت سۇلتاننىڭ ئوغلىلا ئەمەس، بىر تۇغقىنىمۇ تۇرۇشقا باشلايدۇ. ھەتتاكى كېيىنكى مەزگىللەردە سارايدا سۇلتاننىڭ بىر تۇغقانلىرىدىن باشقا جىيەن ۋە نەۋرە تۇغقانلىرىمۇ تۇرالايدىغان بولىدۇ. «قەپەس» شاھزادىلەر قۇرقۇنچلۇق ھاياتقا مەھكۇم قىلىنغان توپقاپى سارىيى ھەرەم قىسمىنىڭ بىر بۆلمىسى ئىدى. شاھزادىلەرنى بۇ يەردىن پەقەت ئۆلۈم ياكى تەختكە چىقىشلا قۇتقۇزۇپ قالالايتتى. ھەرەمنىڭ قورقۇنچلۇق ۋە سىرلار بىلەن تولغان بۇ قىسمى ئون ئىككى بۆلمىدىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ بۆلمىلەرنىڭ ھەممىسى ۋالىدە سۇلتان باغچىسىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا ئىدى. بۇ يەرگە يېقىن يەردە شەمشات باغچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن «قەپەس»، «شەمشادلىق» ياكى «شەمشادلىق ئۆيى» دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن «قەپەس» دېگەن نام دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلق تەرىپىدىن كۆپلەپ ئىستىمال قىلىنغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «شەمشادلىق» ياكى «شەمشادلىق ئۆيى» دېگەن ئىسىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋە بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىدىغان ھالغا كەلگەن. بۇ يەرگە نەزەربەنت قىلىنغان ئوسمانلى خانىدانىنىڭ ئەر مەنسۇپلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى توختىتىپ قويىلاتتى. بالىلىق ۋە ياشلىق يىللىرىنىڭ بىرى قىسمىنى «قەپەس» تە ئۆتكۈزگەن بىرىنچى مۇستاپامۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ياخشى تەلىم – تەربىيە ئالالمىغان ۋە خەتتى ھۇمايۇن (ئەمىر – پەرمان) لىرىنى باشقىلارغا يازدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بىرىنچى مۇستاپا 1639- يىلى ۋاپات بولغان دەپ قارىلىدۇ.


«ئىككىنچى ئوسمان (1618-1622)»


ئوسمانلى سۇلتانى بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ماھپىرۇز سۇلتاندىن بولغان ئوغلى ئىككىنچى ئوسمان، ئوسمانلى تارىخ مەنبەلىرىدە «شېھىت ئوسمان» ياكى «ياش ئوسمان» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. 1603- يىلى 15- نويابىردا ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن ئىككىنچى ئوسمان، ئاتىسى بىرىنچى ئەھمەد تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئوسمانلى تەخت ۋارىسى تۈزۈمىگە ئۇيغۇن ھالدا، ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ياخشى تەلىم – تەربىيىگە ئىگە قىلىنىدۇ. ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە بىلەن بىرگە، خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە فىلولوگىيە دەرسى ئالىدۇ، تۈركچىدىن باشقا پارىس، ئىتالىيە، ئەرەب ۋە گىرىك تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. ياخشى تەلىم – تەربىيە ئالغان ئىككىنچى ئوسماننىڭ ئوسمانلى شاھزادىلىرى ئىچىدىكى مەدەنىيەت – سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى شاھزادىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئوسمانلى دۆلىتى تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن چەت ئەل ئەلچىلىرى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلاردىن ئەنگلىيە ئەلچىسى توماس روي، ئىككىنچى ئوسماننىڭ ئېسىل ۋە جەسۇر بىر ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئەجدادىنىڭ زەپەرلىرىگە ھەۋەس قىلىدىغان ۋە ئۇلار ئېرىشكەن نام – شۆھرەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىرى ئىدى، دەپ تەسۋىرلەيدۇ.


ئىككىنچى ئوسمان بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئاتىسى بىرىنچى ئەھمەد 1617- يىلى 22- نويابىر كۈنى ۋاپات بولغاندا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىككىنچى ئوسمان ئەمەس، تاغىسى بىرىنچى مۇستاپا تەختكە ئولتۇرغۇزۇلۇپ پادىشاھ ئىلان قىلىنىدۇ. لېكىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ تۇراقسىز ئىش – ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزغان دۆلەت ئەركانى، ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 1618- يىلى 26- يانۋار كۈنى ئىككىنچى ئوسمان سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ. باشقا ئوسمانلى سۇلتانلىرىغا ئوخشاشلا ئىككىنچى ئوسمانمۇ تەختكە ئولتۇرۇشنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە جۇلۇس پۇلى تارقىتىدۇ. جۇلۇس، يېڭى پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغاندا دۆلەت خادىملىرى دائىرىسىگە كېرىدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ھەدىيە بولۇپ، بۇ ئادەت ئوسمانلىلاردىن ئىلگىرىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىدىمۇ بار ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتىدە بولسا، فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ ئىش قانۇن ئارقىلىق ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. لېكىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ تەختكە ئولتۇرۇپ 96 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوسماننىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى ۋە جۇلۇس پۇلى تارقىتىشى دۆلەت خەزىنىسىنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تەختكە ئولتۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل رەسمىيىتى، ياۋروپادىكى تاج كىيىش مۇراسىمىغا ئوخشاش ، قىلىچ ئوينىتىش ئىدى.


قىلىچ ئوينىتىش مۇراسىمى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ ئەييۇب رايونىدىكى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ قەبرىسى بار جايدا ئۆتكۈزىلەتتى. يېڭى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت ئەركانلىرى بىر ھەيئەت تەشكىل قىلىپ، سارايدىن قورۇقلۇق ۋەياكى دېڭىز يولى ئارقىلىق ئەييۇب رايونىغا باراتتى. بۇ ھەيئەت قىلىچ قىسىملىرى دەپ ئاتىلاتتى. پادىشاھنىڭ قىلىچ ئوينىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلاتتى ۋە دېڭىز يولى بىلەن كەلگەن بولسا قۇرۇقلۇق ئارقىلىق، قۇرۇقلۇق بىلەن كەلگەن بولسا دېڭىز يولى ئارقىلىق سارايغا قايتىپ كېتەتتى. ئەينى شەكىلدە ئىككىنچى ئوسمانمۇ ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، قىلىچ ئوينىتىدۇ ۋە ئىككىنچى ئوسمان دەۋرى باشلانغان بولىدۇ.


ئىككىنچى ئوسمان پادىشاھ بولۇشنىڭ ئەنئەنىۋى رەسمىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تاغىسىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان سوفى مەھمەت پاشانىڭ ئورنىغا دامات مەھمەت پاشانى تەيىنلەيدۇ، شەيخۇلئىسلام ئەسات ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئۇستازى ئۆمەر ئەپەندىنى تەيىنلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا شەيخۇلئىسلاملىق ئۇنۋانىنى بېرىدۇ.


.......................................................................................


ئىككىنچى ئوسمان تەختكە ئولتۇرغاندا ئىران بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى ئارىسىدىكى ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەزىرىئەزەم خەلىل پاشا، ئىراندا سەراۋ كېلىشىمىنى ئىمزالايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى ئوسمان، دىققىتىنى شىمال تەرەپكە مەركەزلەشتۈرىدۇ. پولشالىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۇكرائىنا قازاقلىرى ئوسمانلىلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. سىنوپ ۋە ئىستانبۇلنىڭ قارا دېڭىز ساھىلىدىكى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەفلاك ۋە بوغدان (ھازىرقى رۇمىنىيە) دىن باشقا ئەردەل (ترانسىلۋانىيە) نىمۇ ئوسمانلىلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى، بۇ رايونغا ئەسكىرىي يۈرۈش قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ئىككى ئوسماننىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا يۈرۈشلەرگە ئاتلىنىپ، فاتىھ ئۇنۋانىنى ئالماقچى بولۇشى ۋە يېقىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە 1621- يىلى خوتىن يۈرۈشى دەپ ئاتىلىدىغان ئەسكىرىي يۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ.


ئىككىنچى ئوسمان ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان بۇ قېتىملىق يۈرۈشكە يەنىچەرىلەر ئىستەكسىز ھالدا قاتنىشىدۇ. ئىككىنچى ئوسمان، بۇ يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇلدا ئۆزىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقىرىلىش ئېھتىمالى بار دەپ گۇمان قىلىپ، ئىنىسى شاھزادە مەھمەتنى بوغۇپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. 1621- يىلى 21- ماي كۈنى ئىستانبۇلدىن قوزغالغان قوشۇن 1- سېنتەبىر كۈنى ھازىرقى ئۇكرائىنانىڭ باسارابيا رايونىدىكى تۇرلا دەرياسىنىڭ ئوڭ تەرەپ قىرغىقىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە خوتىن قەلئەسىگە يېتىپ بارىدۇ. قەلئە مۇھاسىرە قىلىنىدۇ، لېكىن يەنىچەرىلەرنىڭ تۈزۈملەرگە رېئايە قىلماسلىقلىرى يۈزىسىدىن قەلئەنى پەتھى قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. پولشالىقلارنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش تەلىپى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە پولشالىقلار بىلەن قانۇنى دەۋرىدىكى چېگرالارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، قازاقلارنىڭ ئوسمانلى زېمىنلىرىغا كىرمەسلىكى، تۇرلا دەرياسى بويىدىكى ئوسمانلىلارغا قارشى سېلىنغان قەلئەلەرنىڭ يىقىپ تاشلىنىشى ۋە پولشالىقلارنىڭ ئوسمانلىلارنىڭ ھېمايىسى ئاستىدىكى قىرىم خانلىقىغا يىللىق 40 مىڭ ئالتۇن خاراج تۆلەشنى قوبۇل قىلىشى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭ بىر ئۇتۇق قولغا كەلتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق يۈرۈش ناھايىتى چوڭ بىر غالىبىيەتتەك كۆرسىتىلىپ، 1621- يىلى 28- دېكابىردىن باشلاپ ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئىستانبۇلدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەلكىدە بۇ يۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، ئىككىنچى ئوسماننىڭ ناھايىتى كىچىك ياشتا بولۇشىغا قارىماي، يۈرۈش ئەسناسىدا ئۆزى بىۋاسىتە شاھىت بولغان قوشۇننىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە تۈزۈمگە بويسۇنماسلىقى مەسىلىسىگە چارە تېپىش كېرەكلىكى پىكرىگە كېلىشى بولىدۇ. بۇ پىكىر ئىككىنچى ئوسماننىڭ ھاياتى بەدلىگە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.


.......................................................................................


خوتىن يۈرۈشىدىن قايتقان ئىككىنچى ئوسمان، ئوسمانلى دۆلىتىدە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن سارايدىكى جارىيە بىلەن ئۆيلىنىش ئەنئەنىسىنى بوزۇپ تاشلاپ، شەيخۇلئىسلام ئەسات ئەپەندىنىڭ قىزى ئاقىلە بىلەن نىكاھلىنىدۇ. سارايدىكى رەسمىيەتلەرنى بىر قەدەر بوشىتىپ، ئۆزىدىن باشلاپ بارلىق كىشىلەرنىڭ ئاددىي كىيىنىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن ئىككىنچى ئوسمانغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قوشۇننىڭ مۇئەييەن ئىنتىزامغا كىرگۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دائىر پىكىرلىرى يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنىچەرىلەر مەركەزلىك ئەسكىرىي تۈزۈمنى بىكار قىلىپ ئانادولۇ، سۈرىيە ۋە مىسىردىن ئېلىپ كېلىدىغان ئەسكەرلەر بىلەن يېڭى بىر قوشۇن قۇرۇپ، پايتەختى ئىستانبۇلدىن بۇرسا ياكى قاھىرەگە يۆتكەش پىكرىنىڭ بارلىقىغا دائىر سۆز – چۆچەكلەر تارقايدۇ. مانا بۇ خىل سۆز – چۆچەكلەرنى چىقىش قىلغان 19 ۋە 20- ئەسىردىكى بىر قىسىم تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك تارىخچىلار ‹ئىككىنچى ئوسماننىڭ مىللىي ۋە سىكولار بىر دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى› غا دائىر قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


ئىككىنچى ئوسماننىڭ ئىلمىيە سىنىپىنىڭ سالاھىيىتىگىمۇ چەكلىمە قويۇشى، ئۇنىڭغا قارشى شەكىللەنگەن ئۆكتىچىلەر سېپىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدۇ. 1618- يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىستانبۇلدا كۆرۈلگەن ئېغىر ئوت ئاپەتلىرى، ۋابا كېسەللىرى، سەل ئاپىتى ۋە ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ توڭلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان قاتتىق سوغۇقلارغا ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ شۇملىقىدىن بولدى، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تەكشۈرۈشلەرگە چىقىشى، ۋەزىپىسىنىڭ سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يەنىچەرىلەرنىڭ خەلقنىڭ بىر قىسمىنى جازالىشى، قانۇنسىز شەكىلدە پۇل – مال توپلىشى، ئىستانبۇلنىڭ بايلىرىنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئىككىنچى ئوسمانغا ھەر ھەپتە ھەدىيە سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدىغان گۈزەلجە ئەلى پاشانى سەدرىئەزەملىككە تەيىنلىشى قاتارلىقلار خەلق ئىچىدە ئىككىنچى ئوسمانغا بولغان نارازىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.


ئىككىنچى ئوسماننىڭ يېڭى بىر قوشۇن تەشكىللەش مەقسىتىنى يوشۇرۇپ، ‹ھەجگە بارىمەن› دېگەن باھانە بىلەن ئىستانبۇلدىن ئايرىلماقچى بولۇشى نەتىجىسىدە، 1622- يىلى 18- ماي كۈنى يەنىچەرىلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىسيان باشلىنىدۇ. ئىسياننىڭ مەقسىتى دەسلەپتە ئىككىنچى ئوسماننى ھەجگە بېرىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ۋە ئۇنى ئىسلاھات پىكىرلىرىگە ئىشەندۈرگەن يېقىن ئەتراپىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن ئىككىنچى ئوسماننىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ئىسياننىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ 3 كۈن داۋاملىشىشى ۋە نىھايىتىدە ئۇنىڭ ئىسيان نەتىجىسىدە ئۆلگەن تۇنجى ئوسمانلى پادىشاھى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىدىن ئىلگىرى 3 ئاي تەختتە ئولتۇرغان تاغىسى بىرىنچى مۇستاپا قايتىدىن سۇلتان دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئىككىنچى ئوسماننىڭ قىسقا داۋاملاشقان سەلتەنىتى دەۋرىدىن زامانىمىزغا ھېچقانداق بىر بىناكارلىق ئەسىرى قالمىغان بولسىمۇ، ‹فارىسى› تەخەللۇسى ئاستىدا يازغان كىچىك بىر دىۋانى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.


«تۆتىنچى مۇرات (1623-1640)»


تۆتىنچى مۇرات، ئوسمانلى سۇلتانى بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى مەشھۇر كۆسەم سۇلتاندۇر. ئۇ 1612- يىلى دۇنيا كەلگەن بولۇپ، بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوسمان ۋە ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرغان ئۈچ ئوغلىنىڭ بىرىدۇر. ‹قەپەس›سىستېمىسى ئاستىدا ياشىغان بولغانلىقى ئۈچۈن تەلىم –تەربىيە سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى نامەلۇم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ‹مۇرادى›ۋە ‹شاھ مۇراد›تەخەللۇسى ئاستىدا يازغان شېئىر ۋە ناخشا تېكىستلىرى بار. بۇلار، ئۇنىڭ ياخشى تەلىم –تەربىيە ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ نادىر كۆرۈلىدىغان دەرىجىدە كۈچ –قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئادەمنى بىر قەدەر گۇمانلاندۇرۇپ قويسىمۇ، ئۇنىڭ 200 ئۇققا (256 كىلو گرام) ئېغىرلىقتىكى بازغاننى ئىشلىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. مەزكۇر بازغان ھازىرقى كۈندە توپقاپى سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. ئۇنىڭ يەنە ئۇرۇش مەشىقلىرىگە قىزىقىدىغانلىقى، ئوق ۋە يا ئىشلىتىشكە ماھىر ئىكەنلىكى ۋە ھەر دائىم 30، 40 ئاتنى مىنىش ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە. مەشھۇر ئوسمانلى تارىخچىسى خاممېر ئۇنى ئۇزۇن بويلۇق، قارا چاچلىق، يۈزى كەڭ، كۆزلىرى چوڭ ۋە ئاق پىشماق بىر كىشى ئىدى دەپ تەرىپلەيدۇ.


تۆتىنچى مۇرات تاغىسى بىرىنچى مۇستاپانىڭ قالايمىقان ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشۈرۈلىشىدىن كېيىن 1623- يىلى 11 يېشىدا تەختكە ئولتۇرىدۇ. تۆتىنچى مۇرات 1617- يىلىدىن كېيىنكى ئالتە يىل ئىچىدە تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى ئوسمانلى سۇلتانى بولىدۇ. ھەر بىر سۇلتان تەختكە ئولتۇرغاندا ‹جۇلۇس›ھەدىيەسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەت خەزىنىسى ئېغىر دەرىجىدە چىقىمدار بولىدۇ. بۇنى ياخشى بىلىدىغان دۆلەت خادىملىرى تۆتىنچى مۇرات تەختكە ئولتۇرغاندا، ئۆز ئىختىيارلىقلىرى بىلەن ‹جۇلۇس›ھەدىيەسى ئالمايدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ. لېكىن تۆتىنچى مۇرات تەختكە ئولتۇرغاندا بولۇپمۇ يەنىچەرىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، بۇ قېتىممۇ جۇلۇس ھەدىيەسىنىڭ تارقىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


11 ياشلىق بالا سۇلتان تۆتىنچى مۇرات باشقا ئوسمانلى سۇلتانلىرىغا ئوخشاشلا سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە ئەييۇب سۇلتانغا بېرىپ قىلىچ ئوينىدۇ. تۆتىنچى مۇرات ناھايىتى كىچىك ياشتا تەختكە ئولتۇرغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ 1640- يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان سەلتەنەت مەزگىلىنى ئىككى باسقۇچقا ئايرىش مۇمكىن. 1632- يىلىغىچە داۋام قىلغان دەسلەپكى توققۇز يىللىق سەلتەنىتىنى ئانىسى كۆسەم سۇلتاننىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆتكۈزىدۇ ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئاساسلىق دەرىجىدە ئۆزىنى تەختكە ئولتۇرغۇزغان ۋەزىرىئەزەم كەمانكەش ئەلى پاشا ۋە شەيخۇلئىسلام يەھيا ئەپەندى بىلەن ئانىسىغا تاپشۇرىدۇ. تۆتىنچى مۇراتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بۇ بىرىنچى باسقۇچى ئاساسلىقى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا ھاكىمىيەتنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە قولىغا كىرگۈزىۋالغان يەنىچەرىلەر بىلەن، سىرتتا بولۇپمۇ ئانادولۇدىكى ئۆلكە ۋە ۋالىيلىقلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خانلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى خەلق ئارىسىدا ‹سەگمەن›دەپ ئاتىلىدىغان ئەسكىرىي گۇرۇپپىلارغا قارشى مۇجادىلە قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئىككىنچى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشىنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئابازا مەھمەت پاشا، ئەرزۇرۇمدىن تارتىپ ئەنقەرەگىچە بولغان ئانادولۇنىڭ كۆپ قىسمىنى قولىغا كىرگۈزىۋالىدۇ، ئىستانبۇلدا ئىسيان قوزغىتىدۇ. ئىستانبۇلدا بولسا، يەنىچەرىلەر ئۆلىمالارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھاكىمىيەت سېپىدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. ‹تاشرا ئەسكىرى›دەپ ئاتىلىدىغان سەھرادىكى ئەسكەرلەر بىلەن ئاساسەن ئىستانبۇلدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مەركىزى ئارمىيەنىڭ نۇقتىلىق گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان يەنىچەرىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ، قوشۇننىڭ بىرلىكىنى بوزۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىمۇ پالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرىدۇ. تۆتىنچى مۇرات سەلتەنىتىنىڭ دەسلەپكى توققۇز يىلىنى مانا بۇ خىل مۇشكۇلاتلارنىڭ ئىچىدە دۆلەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ چارە –تەدبىرلىرىنى ئىزدەش، ئويلىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.


.......................................................................................


تۆتىنچى مۇراتنىڭ 1632- يىلى باشلىنىپ 1640- يىلىغىچە داۋام قىلغان سەلتەنەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بىرىنچىسىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولىدۇ. ئانىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە دۆلەت ئەركانىغا قويۇپ بەرگەن تۆتىنچى مۇراتنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان، ئەسكەر فورمىسى بىلەن خەلققە زورلۇق –زۇمبۇرلۇق قىلغان يەنىچەرىلەرنى تىزگىنلىيەلىگەن ئىقتىدارلىق، كۈچلۈك بىر پادىشاھ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. باشقىچە ياسىنىپ چىقىپ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالىدۇ. تاماكا ۋە ھاراقنى مەنئىي قىلىدۇ، قەھۋەخانىلارنى تاقاتقۇزىۋېتىدۇ. ئانادولۇ ۋە لىۋاندا دۆلەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئاسىي پاشالارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قىسمىنى باشقا جايلاردا ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئاساسىدا يوقىتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بۇ نوپۇزنى تىكلىگەندىن كېيىن، تۆتىنچى مۇراتنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ سىرتتىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى (بۇ) ئىككىنچى باسقۇچىدا باشلىنىدۇ. ئۇ، 1633- يىلى پولشاغا يۈرۈش قىلىدۇ، لېكىن ئەدىرنەدىكى چېغىدا پولشا باش ئەلچىسى كېلىپ، ئوسمانلىلار ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر ئاساسىدا تىنچلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى سونغاندىن كېيىن، بۇ يۈرۈشنى توختىتىپ قايتىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 1618- يىلىدىن 1648- يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا ياۋروپانىڭ 30 يىل ئۇرۇشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئوسمانلىلارنىڭ دىققىتىنى شەرققە مەركەزلەشتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. تۆتىنچى مۇرات 1635- يىلى ئۆز قوماندانلىقى ئاستىدىكى قوشۇن بىلەن ئىرانغا يۈرۈش قىلىپ، ئەرىۋان قەلئەسىنى پەتھى قىلىدۇ. ئارقىدىن ئىراننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ ۋە تەبرىزگىچە يېتىپ بارىدۇ. لېكىن ئەزەربەيجان ۋە ئىراننى كونتروللۇق ئاستىغا ئالالمايدۇ. چۈنكى سەفەۋىيلەر ياۋۇز سۇلتان سەلىم زامانىدىن بېرى ئوسمانلى سۇلتانلىرى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ چىققان يۈرۈشلەرگە قارشى جەڭ قىلىش يولىنى ئەمەس، ئىراننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا چېكىنىپ، ئوسمانلى قوشۇنى رايوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرلەردە قالغان ئوسمانلى مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى تەكرار قولغا كىرگۈزۈش سىياسىتىنى تۆتىنچى مۇرات دەۋرىدىمۇ ئىشقا سالىدۇ.


.......................................................................................


تۆتىنچى مۇراتقا ‹باغداد فاتىھى›دېگەن ئۇنۋاننىڭ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئەسكىرىي يۈرۈش بولسا، 1638- يىلى ئىشقا ئاشىدۇ. باغداد، سەفەۋىيلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنىپ، ئوسمانلى زېمىنلىرىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. تۆتىنچى مۇرات باغدادنى قولغا كىرگۈزگەندە، باغدادنىڭمۇ باشقا شەرق شەھەرلىرىگە ئوخشاش قايتىدىن ئوسمانلىلارنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، سۈننىي تۈركلەرنى مەجبۇرىي ھالدا باغدادقا يەرلەشتۈرىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە ئەرىۋان پەتھى قىلىنىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوسمانلىلارنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، باغداد 1917- يىلىغا قەدەر ئوسمانلىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالىدۇ. باغداد يۈرۈشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى بولسا، سەفەۋى دۆلىتىنىڭ 1639- يىلى ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن ‹قەسرى شىرىن›كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇشىدۇر. بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى چېگرىلارنى بېكىتىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان ئۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭى ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. زامانىمىزدىكى تۈركىيە –ئىران چېگراسىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ‹قەسرى شىرىن›كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن چېگرالارغا يېقىن كېلىدۇ.


تۆتىنچى مۇرات سەلتەنىتىنىڭ ئاخىرقى سەككىز يىلىدا دۆلەت مىقياسىدا تەرتىپ –ئىنتىزامنى يېڭىدىن كۈچكە ئىگە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئۇ مەزگىلدە ئۆز دەۋرىنىڭ دانىشمەنلىرىدىن كوچى بەگنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتلارغا دائىر تەكلىپلىرىدىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ. كوچى بەگ مەركىزى قوشۇننىڭ سانىنىڭ ئازايتىلىشى، سەھرادىكى قورۇقچى ئەسكەر سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە كىرىم –چىقىم مۇۋازىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەقسەتتە تۆتىنچى مۇرات 1632 ۋە 1633- يىللىرىدا سەھرادىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭىدىن تىزىملىككە ئالدۇرىدۇ. باج تۈلەيدىغانلار سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق قورۇقدىلىپ قالغان دۆلەت خەزىنىسىنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ئادەتتە ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئېلىنغان ‹ئاۋارىز›ئىسىملىك پەۋقۇلئاددە باجنى نورمال باجغا ئايلاندۇرىدۇ ۋە بۇ باجنى تۆلەيدىغانلارنىڭ سانىنى 120 مىڭغا چىقىرىدۇ. ئىلگىرى تۆت، بەش يىلدا بىر قېتىم يىگىرمە ئاقچە ئېلىنىدىغان باج مىقدارى 40 ئاقچىغا، ئارقىدىن 300 ئاقچىغا چىقىرىلىدۇ. تۆتىنچى مۇرات، كوچى بەگنىڭ ‹قانۇنى قەدىم›يەنى كونا قانۇن دەپ ئاتىلىدىغان، كۆپىنچە فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرلىرىگە ئىشارەت قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش تەكلىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەرىۋان ۋە باغدادنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئىدارە ئىشلىرىدا مۇقىملىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت تۈزۈمىنىڭ قايتىدىن تەسىس قىلىنىشى ۋە ئوسمانلىنىڭ بىر ئەسكىرىي كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئوسمانلى ئىدارە ئورگانلىرىنىڭ تۆتىنچى مۇراتقا ئوخشاش ئىقتىدارلىق بىر پادىشاھنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى شەرت –شارائىتلار بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.


تۆتىنچى مۇرات گويا ئاتىسى بىرىنچى ئەھمەدكە ئوخشاشلا 28 ياش ۋاقتىدا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كېسەللكىگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆلىدۇ. ئەرىۋان ۋە باغداد يۈرۈشلىرى ئەسناسىدا شەرقىي ئانادولۇدىكى ‹مۇرات سۈيى›نامىنى تۆتىنچى مۇراتتىن ئالىدۇ. تۆتىنچى مۇرات تەرىپىدىن بۇ ئىككى يۈرۈشنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ياساتقۇزۇلغان‹باغداد ۋە ئەرىۋان سارايلىرى›توپقاپى سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا 1631- يىلى گالاتا مۇنارىدىن ئۈسكۈدارغا قاراپ ئۇچۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ھازەرفەن ئەھمەد چەلەبى ۋە 1633- يىلى بىر روكېت بىلەن ئۇچۇشتا غەلىبە قازانغان لۇگارى ھەسەن چەلەبىمۇ تۆتىنچى مۇرات دەۋرىدە يېتىشىپ چىقىپ، ئىلىم تارىخىدىن ئورۇن ئالغان كىشلەردۇر


«سۇلتان ئىبراھىم (1640-1648)»


سۇلتان ئىبراھىم، سۇلتان ئەھمەدنىڭ ئىككىنچى ئوسمان ۋە تۆتىنچى مۇرادتىن كېيىن پادىشاھ بولغان ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئانىسى مۇراتنىڭمۇ ئانىسى بولغان كۆسەم سۇلتاندۇر. 1615- يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن ئىبراھىم، ئاتىسى بىرىنچى ئەھمەدنىڭ 1617- يىلى ئۆلۈپ كېتىشىدىن باشلاپ تاكى تەختكە چىققان 1640- يىلىغا قەدەر 23 يىل قەپەستە ياشايدۇ. بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدىغان بۇ يىللار ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەڭ بوھرانلارغا دۇچ كەلگەن يىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىبراھىم قەپەس ھاياتى ئەسناسىدا تاغىسى بىرىنچى مۇستاپانىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلۈشى، ئاكىسى ئىككىنچى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يەنە بىر قېرىندىشى تۆتىنچى مۇراتنىڭ بىر تۇغقانلىرى بەيازىت، سۇلايمان ۋە قاسىمنى بوغدۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈشى قاتارلىق ۋەقەلەرگە شاھىت بولىدۇ، ئىزچىل ھالدا ئۆلتۈرۈلۈش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ ۋەقەلەر ئىبراھىمنىڭ پىسخىكىسىغا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ كېسىلى ئەقلى مۇۋازىنىتىنى ساقلاپ قالالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىرلىشىدۇ.


تۆتىنچى مۇرات، 1640- يىلى 28 ياش ۋاقتىدا ۋاپات بولغاندا، ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئەر ئەزاسى ئىبراھىملا قالغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇلتان تۆتىنچى مۇراتقىمۇ سەدرىئەزەملىك قىلغان كەمانكەش قارا مۇستاپا پاشا بىر خىزمەتچى ئارقىلىق ئۇنىڭ سۇلتان بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يوللىغاندا، ئىبراھىم بۇنى ئۆزىگە قارشى پىلانلانغان بىر سۈيىقەست دەپ قارايدۇ ۋە گوياكى باشقا بىر تۇغقانلىرىغا ئوخشاش تۆتىنچى مۇرات تەرىپىدىن ‹ئۆلتۈرۈلىمەن›دەپ ئويلايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ بىر قىسىم مەنبەلىرىدە، سەكراتقا چۈشكەن مۇستاپانىڭ ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ۋە ئوسمانلى خانىدانىنىڭ ئورنىغا يېقىنلىرىدىن مۇستاپا پاشانى سۇلتان قىلماقچى بولغانلىقى ياكى قىرىم خانىنىڭ ئوسمانلى پادىشاھى بولۇشى ئۈچۈن ئىستانبۇلغا چاقىرىلغانلىقى شەكلىدىكى رىۋايەتلەرمۇ بار. كۆسەم سۇلتان دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى بىلەن ئوغلى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سۇلتان بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئىبراھىم بۇنىڭغا قېرىندىشى تۆتىنچى مۇراتنىڭ جەسىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىشىنىدۇ ۋە قەپەس دېيىلىدىغان يەردىن چىقىپ، سۇلتان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.


سۇلتان ئىبراھىم 1648- يىلىغىچە داۋاملاشقان سەككىز يىللىق سەلتەنىتىنىڭ دەسلەپكى تۆت يىلىدا دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سالاھىيىتىنى ئاساسەن دېگۈدەك كەمانكەش قارا مۇستاپا پاشاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى قەپەستە –نەزەربەنت ئاستىدا ئۆتكۈزگەن سۇلتان ئىبراھىممۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا خېلىلا تەجرىبىسىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆتىنچى مۇراتنىڭمۇ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن كوچى بەگ، سۇلتان ئىبراھىم چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرىغا دائىر بىر پارچە ئەسەر يېزىپ چىقىدۇ. ئانىسى كۆسەم سۇلتانمۇ دۆلەت ئىشلىرىدىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىبراھىمنىڭ ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئەر ئەزاسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ، خانىداننىڭ ئاخىرلاشماسلىقى ئۈچۈن بالا تېپىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە ئوغلىنىڭ ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى سارايدا چۆرىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تۆتىنچى مۇراتنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى بىر قەدەر كەڭ قويىۋېتىلگەن بىر تۈزۈم ئىگىلەيدۇ.


.......................................................................................


سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە، تۆتىنچى مۇراتنىڭ سەلتەنىتى ئەسناسىدا ئىران بىلەن ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمى يېڭىلىنىدۇ. ئەينى شەكىلدە 1618 –1648 يىللىرى ئارىسىدا ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ‹30 يىل ئۇرۇشلىرى›ئەسناسىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاۋستىرىيە بىلەنمۇ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. شىمالدا بولسا، 1637- يىلىدا رۇسلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى دون دەرياسى بويىدا ياشايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ‹دون قازاقلىرى›دەپ ئاتالغان قازاقلار تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈۋېلىنغان قىرىمدىكى ئازاك قەلئەسى 1642- يىلى قايتۇرىۋېلىنىدۇ. ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان سۇلتانزادە مەھمەت پاشا، رۇس چارىغا بېسىم ئىشلىتىپ، قازاقلارنىڭ ئازاك قەلئەسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئازاك قەلئەسى ئوسمانلىلار تەرىپىدىن يېڭىدىن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىپ ئىنشا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پولشانىڭ ھامىيلىقىدىن چىققان ئۇكرائىنا قازاقلىرىنىڭ ئوسمانلى كونتروللۇقى ئاستىدا بىر دۆلەت قۇرۇشلىرىنىڭ تۇنجى قەدىمى بۇ قېتىملىق يۈرۈش ئەسناسىدا –سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە بېسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزغا كىرىشى يېرىم ئەسىر كەينىگە سۈرىلىدۇ.


تاشقى مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇھىم ۋەقە شۈبھىسىزكى گىرىتنىڭ پەتھى قىلىنىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. ئوسمانلىلار ‹30 يىل ئۇرۇشلىرى›يۈزىسىدىن پروتېستان دۆلەتلەر ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاۋستىرىيەنىڭ ئورنىغا ۋەنەدىكنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى گىرىتگە قارشى ئەسكىرىي يۈرۈش قىلىش يولى تاللىنىدۇ. ئەسكىرىي يۈرۈشنىڭ مەقسىتىنىڭ مالتا ئىكەنلىكىگە ئىستانبۇلدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ئىشەندۈرىلىدۇ. 1645- يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى يۇسۇف پاشا رەھبەرلىكىدىكى 106 پاراخوت يولغا چىقىدۇ. رۇمئەلى، ئانادولۇ ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئوسمانلى زېمىنلىرىدىنمۇ 100 مىڭغا يېقىن ئوسمانلى ئەسكىرى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئۈچۈن گىرىتكە ئەۋەتىلىدۇ. 50 كۈن داۋاملاشقان مۇھاسىرىدىن كېيىن ھاينا پەتھى قىلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ئىستانبۇلدا ئۈچ كېچە –كۈندۈز تەبرىكلىنىدۇ. لېكىن ئارالنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەسى بولغان كاندىيەنى قولغا كىرگۈزۈش مۇمكىن بولمايدۇ. كاندىيە بىلەن بىرلىكتە گىرىتنىڭ بىر پۈتۈن شەكىلدە قولغا كىرگۈزۈلۈشى 24 يىل داۋاملاشقان مۇھاسىرىدىن كېيىن، يەنى 1669- يىلىغا كەلگەندە روياپقا چىقىدۇ. ئۇرۇشنى قۇرۇقلۇقتىن بەكرەك دېڭىز تەرەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چاناققەلئە بوغۇزىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئارقىلىق ئىستانبۇلنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋەنەدىك قارشىسىدىكى ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئاجىزلىقى گىرىت يۈرۈشىدىمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە گەۋدىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە گىرىت، ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەشىق مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. گىرىتتە ئەنئەنىۋى ئوسمانلى پەتھى سىياسەتلىرى ئىجرا قىلىنمايدۇ، ئانادولۇ ۋە رۇمئەلىدىن مۇسۇلمان تۈركلەر ئارالغا كۆچۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ۋەنەدىك ئىدارىسىدىكى كاتولىكلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئورتودوكسلارغا مەزھەب ئەركىنلىكلىرى بېرىلىدۇ.


.......................................................................................


سۇلتان ئىبراھىمنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىر قىسىم تارىخچى ۋە مۇتەخەسسىس دوختۇرلار، ئۇنىڭ 23 يىللىق ‹قەپەس›ياكى نەزەربەنت ھاياتى ئەسناسىدا پىسخىك كېسەللىككە دۇچار بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سۇلتان ئىبراھىم ئاغرىقلىرى سەۋەبىدىن تاماق يىيەلمەيتتى، پات –پات ھۇشىدىن كېتەتتى... داۋالاش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلتۈرۈلگەن دوختۇرلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك دورىلار، شەربەتلەر ۋە مەجۇنلار تەييارلىنىدۇ. لېكىن ئىبراھىم تولۇق شەكىلدە ساقىيىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرۈشى ۋە ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك نەپەسلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇستازلار ئىستانبۇلغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئافرىقىدىن كەلگەن تىۋىپلارمۇ بولىدۇ. ئەمما ھېچكىمنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە جىنچى ئۇستا دېيىلىدىغان سافرانبولۇلۇق ھۇسەيىن ئەپەندىچىلىك تەسىرى بولمايدۇ. جىنچى ئۇستا سارايغا كەلگەندىن كېيىن سۇلتان ئىبراھىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. 1642- يىلىدا ئىبراھىمنىڭ تۇنجى ئوغۇل پەرزەنتى مەھمەت دۇنياغا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، جىنچى ئۇستىنىڭ سارايدىكى نوپۇزى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدۇ ۋە ئىمپېراتورلۇقنىڭ بارلىق دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن بىرگە، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئىشلىرىغىمۇ مۇداخىلە قىلىدۇ، نەتىجىدە بۇرۇن قوغلاندى قىلىنغان سۇلايمانىيە مەدرەسىسىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە پۈتۈن ئىستانبۇل تىۋىپلار بىلەن تولۇپ كېتىدۇ.


سۇلتان ئىبراھىم، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىشقا ئامراق بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىچىك ياشتىكى قىزلارنى سەدرىئەزەم ۋە ۋەزىرلەر بىلەن ئۆيلەندۈرىدۇ. گەرچە بۇ خىل ئادەت بىرىنچى ئەھمەد زامانىدا باشلانغان بولسىمۇ، سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە ئەقىل قوبۇل قىلمىغۇدەك سەۋىيەگە بېرىپ يېتىدۇ. سۇلتاننىڭ ئىككى يېرىم ياشلىق قىزى فاتىمە سۇلتان ئەللىك ياشلىق يۇسۇف پاشا بىلەن رەسمىيەت يۈزىسىدىن نىكاھلاندۇرۇلىدۇ ۋە يۇسۇف پاشا گىرىتنى پەتھى قىلىش ئىشىغا مەسئۇل قىلىنىپ، ئارالغا ئەۋەتىلىدۇ.


سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە كۆرۈلگەن ئەڭ غەلىتە ئىشلارنىڭ بىرى قۇندۇز قامىسى بېجىدۇر. قۇندۇز قامىسى خۇمارى بولغان سۇلتان پۈتۈن ساراينى قۇندۇز قامىسى بىلەن بىزەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇندۇزنىڭ باھاسى قاتمۇ قات ئېشىپ كېتىدۇ. سۇلتان ئىبراھىمنىڭ چىقىمنى تولۇقلاش ئۈچۈن يەنىچەرىلەرگىمۇ قۇندۇز قامىسى بېجى قويۇشقا ئورۇنۇشى نەتىجىسىدە 1648- يىلى ئىستانبۇلدا ناھايىتى چوڭ بىر ئىسيان قوزغىلىدۇ. ئۆلىمالار، ئەسكەرلەر ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنىڭ پىكرى، ئانىسى كۆسەم سۇلتاننىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە سۇلتان ئىبراھىم 8- ئاۋغۇست كۈنى تەختتىن چۈشۈرۈلىدۇ ۋە توپقاپى سارىيىدىكى بىر خانىگە قامىلىدۇ ۋە سۇلتانلىق تەختىگە ئالتە ياشلىق ئوغلى مەھمەت تەختكە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىبراھىم بوغدۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.


تاغىسى بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئاياسوفيادىكى قەبرىسىگە تۇتاش بىر قەبرىگە دەپنە قىلىنغان سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئەسىرى سىۋەتچى سارىيىدۇر.


«تۆتىنچى مەھمەت (1648-1687


سۇلتان تۆتىنچى مەھمەت سۇلتان ئىبراھىمنىڭ تۇرخان خەدىچە سۇلتاندىن بولغان ئوغلى بولۇپ، 1642- يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى سۇلتان ئىبراھىمنىڭ 1648- يىلىدا مومىسى كۆسەم سۇلتاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يەنىچەرى ئىسيانىنىڭ نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ئالتە ياش چېغىدا تەختكە چىقىرىلىپ، سۇلتانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. يېشى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ‹جۇلۇس›ناھايىتى قىسقا ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە ئارقىدىنلا سۈننەت تۇيى بولىدۇ. تەخمىنەن 30 يىللىق جەريان ئىچىدە ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرغان بەشىنچى پادىشاھ بولۇشى ۋە ئاتىسى سۇلتان ئىبراھىمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسراپخورلىقى يۈزىسىدىن خەزىنەدە ‹جۇلۇس›ھەدىيەسىگە يەتكۈدەك دەرىجىدە پۇل –پىچەك قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزغان يەنىچەرىلەر، جۇلۇس ھەدىيەسى تەلەپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى ۋەدە قىلىشقان بولسىمۇ، تۆتىنچى مەھمەت تەختكە چىققاندا ئامانلىقنى خەۋپكە ئىتتىرگۈدەك دەرىجىدە جۇلۇس ھەدىيەسى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ پۇل سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە ھەر خىل چىرىكلىكلەرگە ئارىلىشىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىشلىرىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىغان جىنچى ئۇستىنىڭ مال –مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش يولى ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ.


تۆتىنچى مەھمەتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى يەنىچەرىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مومىسى كۆسەم سۇلتان بىلەن ساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ قوللاپ –قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن ئانىسى تۇرخان خەدىچە سۇلتاننىڭ ئارىسىدىكى مۇجادىلە بىلەن ئۆتىدۇ. كۆسەم سۇلتان 1651- يىلى تۆتىنچى مەھمەتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا يەنە بىر نەۋرىسى سۇلايماننى تەختكە چىقىرىش پىلانى تۇرخان سۇلتان تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇغدۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسا، خەزىنە مائاشلارنى بېرەلمىگۈدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن قىممىتى تۆۋەن كۈمۈش پۇل بېسىپ، ئەسكەرلەرنىڭ مائاشلىرىنى بېرىدۇ، لېكىن سودىگەرلەر قىممىتى تۆۋەن بۇ پۇلنى ئەسكەرلەردىن ئېلىشنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، يەنىچەرىلەر ئىسيان كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىغان 30 كىشىنى 1656- يىلى سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدىكى چىنار دەرىخىگە ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ۋەقە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ‹چىنار ۋەقەسى›ياكى شەرق مىسالىدىكى ئادەمگىياھ مىۋىسى بېرىدىغان ۋاقۋاق دەرىخىنى كۆزدە تۇتۇپ ‹ۋاقىئايى ۋاقۋاقىيە›دېگەن ئىسىملار بىلەن ئورۇن ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كۈرەش دۆلەت ئەركانىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى تالاش –تارتىشلىرىنى ئاساس قىلاتتى. دۆلەت ئەركانى ئاڭلىق ھالدا دۆلەت ئىشلىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە مۇداخىلە قىلالمايدىغان كىچىك بىر بالىنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۇبدان تەلىم –تەربىيە ئېلىشىغىمۇ تۇسالغۇلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىشلىرىدىكى نوپۇزى بارغانچە كۈچىيىدۇ. تۆتىنچى مەھمەتنى دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىر قىسىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا تۆتىنچى مەھمەتنىڭ قىلىدىغان، قىزىقىدىغان ئىشى ئوۋچىلىقتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ خىل قىزىقىشلىرى يۈزىسىدىن تۆتىنچى مەھمەت ئوسمانلى تارىخ مەنبەلىرىدە ‹ئوۋچى مەھمەت›دەپ خاتىرىلىنىدۇ. تۆتىنچى مەھمەت ئوۋچىلىققا شۇنچىلىك بېرىلىدۇكى، سەلتەنەت دەۋرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئوۋچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق جاي بولغان ئەدىرنەدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخچىلىرى، پايتەخت ئىستانبۇلنىڭ تۆتىنچى مەھمەتنىڭ بۇ ھەۋىسى تۈپەيلى بەكلا تاشلىنىپ قېلىپ، گوياكى بىر يېزىسىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى يازىدۇ. تۆتىنچى مەھمەتنىڭ ئۆۋچىلىق ھەۋىسى ئەدىرنە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى. بەزىدە سلىسترە، شۇمنۇ، فىلىبە، تېسېليا ۋە مورا رايونلىرىغىچە سوزۇلىدىغان كەڭ كەتكەن رايونلاردا ئوۋچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۇرخان سۇلتان 1656- يىلى 15- سېنتەبىردە كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشاغا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىپ، دۆلەتنى ئوغلى سۇلتان مەھمەتنىڭ نامىدا باشقۇرۇشى ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.


.......................................................................................


تۆتىنچى مەھمەتنىڭ بۇ ئىشتىن كېيىنكى سەلتەنەت دەۋرى «كۆپرۈلۈلەر» دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشادىن كېيىن ئوغلى فازىل ئەھمەد پاشا ۋە كېيىنچە كىيئوغلى مەرزىفونلۇ قارا مۇستاپا پاشا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ناھايىتى كەڭ كەتكەن سالاھىيەتلەر بىلەن تۆتىنچى مەھمەت نامىدىن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنى ئىدارە قىلىدۇ. كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشا نوپوزىنى تولۇق شەكىلدە كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى رەقىبلىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق ئىستانبۇلدىن يىراقلاشتۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر –بىرلەپ يوقىتىدۇ. سۇلتان مەھمەتنىمۇ ئەدىرنەدە ئولتۇرۇش ۋە ئوۋ ئوۋلاشقا كۆندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سۇلتان نامىدىن پايتەخت ئىستانبۇلنىڭ رەسمىي ھۆكۈمدارىغا ئايلىنىدۇ. كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشا تەختكە ئولتۇرار –ئولتۇرمايلا دۇچ كەلگەن يەنە بىر مەسىلە بولسا، تۆتىنچى مۇرات، سۇلتان ئىبراھىم ۋە تۆتىنچى مەھمەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان قازىزادىلەر ھەرىكىتىدۇر. ئىسمىنى قازىزادە مەھمەت ئەپەندىدىن ئالغان بۇ دىنىي ھەرىكەتنىڭ پىلانلىغۇچىسى بولسا، ئىبنى تەيمىييە ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە 1573- يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن مەھمەت ئەپەندىدۇر. بۇ قويۇق مۇتەئەسسىپ بىر ھەرىكەت بولۇپ، تارىخ، پەلسەپە ۋە ماتېماتىكا دېگەندەك پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇلىشىغا قارشى چىقىدۇ، دىنغا كېيىنچە ئېلاۋە قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ تازىلىنىشى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئۈستىۋانى مەھمەت ئەپەندىنى كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشا قىبرىسقا سۈرگۈن قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئىستانبۇلدا توختىتىدۇ ۋە بۇ ئىشتىن كېيىن چەت ئەللەردىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىدە گىرىتتىكى خانيانىڭ پەتھى قىلىنىشى ۋە كاندىيەنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنغانلىقى تۈپەيلى ۋەنەدىكلىكلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بوزجائادا ۋە لىمنى ئاراللىرى 1657- يىلى قايتۇرۇۋېلىنىش بىلەن بىرگە چاناققەلئە بوغۇزى مۇھاسىرىسىمۇ بىكار قىلىپ تاشلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گىرىتتىكى كاندىيە مۇھاسىرىسىگە ياردەم بېرىلىدۇ. 1658- يىلى كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشا ئەردەل (ترانسىلۋانىيە –ۋېنگىرىيە) رايونىدىكى يانوۋا ۋە ۋاراد قەلئەلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەردەل مەركەزگە تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە باغلىنىدۇ. مەھمەت پاشا بەش يىل ئىچىدە قوشۇن ۋە ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى ئىنتىزاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەردەل ۋە گىرىت مەسلىسىدىمۇ ئوسمانلى دۆلىتىنى ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.


.......................................................................................


1661- يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشانىڭ ئورنىغا ئوغلى فازىل ئەھمەت پاشا سەدرىئەزەملىككە تەيىنلىنىدۇ. فازىل ئەھمەت پاشا سلوۋاكىيەدىكى ئۇيۋارغا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ ۋە ئۇ يەرنى پەتھى قىلىپ، ئاۋسترىيەلىكلەر بىلەن 1664- يىلى 3- ئاۋغۇست كۈنى ۋاسۋار كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ، شۇنداقلا ئەردەلدىكى ئوسمانلى ھۆكۈمدارلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. فازىل ئەھمەت پاشا يۇقىرىقى ئىشلاردىن كېيىن دىققىتىنى گىرىتكە مەركەزلەشتۈرىدۇ. 1667- يىلى گىرىتكە بارىدۇ ۋە ئىككى يىل داۋام قىلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن 1669- يىلى 5- سېنتەبىر كۈنى كاندىيە قەلئەسىمۇ ئوسمانلىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. 1645- يىلى باشلانغان گىرىتنى پەتھى قىلىش ئۇرۇشلىرى ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. 1672- يىلى تۆتىنچى مەھمەت ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان يۈرۈش جەريانىدا ھازىرقى ئۇكرائىنانىڭ پودولىئا رايونى پەتھى قىلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى ئىمزالانغان بۇجاش كېلىشىمىگە ئاساسەن پولشا بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن ئۇكرائىنادا قازاقلارغا بېرىلىدۇ.


1676- يىلى فازىل ئەھمەت پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋەزىرىئەزەملىككە كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشانىڭ كىيئوغلى مەرزىفونلۇ قارا مۇستاپا پاشا تەيىنلىنىدۇ. يەنە بىۋاسىتە پادىشاھ ۋە يېڭى سەدرىئەزەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كىيىۋغا يېقىن دىنېپېر دەرياسى بويىدىكى جەھرىن قەلئەسى پەتھى قىلىنىدۇ. 1681- يىلى رۇسلار بىلەن باغچەساراي كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ، قىرىم ۋە بۇغداندىكى ئوسمانلى ھاكىمىيىتى رۇسىيە تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. مەرزىفونلۇ قارا مۇستاپا پاشا قوماندانلىقى ئارقىسىدا ۋەنەدىك، ئاۋستىرىيە، پولشا ۋە رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇجادىلىلەر ئارقىمۇ ئارقا ۋە سۈرئەت بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوسمانلىلار ئارىسىدا ۋىيېننانى ئىككىنچى قېتىم مۇھاسىرىگە ئېلىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.


لېكىن ئوسمانلى قوشۇنى 1683- يىلىدىكى ۋىيانا يۈرۈشىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. تۇرخان سۇلتاننىڭ ۋاپات بولۇشىدىن كېيىنكى بۇ مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن مەرزىفونلۇ قارا مۇستاپا پاشا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تۆتىنچى مەھمەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىللىق سەلتەنىتى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كۆپلىگەن زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى بىلەن ئۆتىدۇ. ۋەنەدىكلىكلەر ئايا ماۋرا ئارىلىنى قولغا كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە مورادا پرەۋەزە، كورون، مودون، ئاناۋارىننى، ئارقىدىن ئاتىنانى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالىدۇ. بوسنىيە ۋە ئالبانىيەگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاۋستىرىيە قوشۇنى ۋىنگېرىيەگە كېرىپ، پېشتە، پولشانى، گېرمان قوشۇنى بۇدىننى قولغا كىرگۈزىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتلەر ئوسمانلىلارنىڭ ياۋروپادىكى يېڭىلمەسلىك دەۋرىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىرگە، زېمىنلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭمۇ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۆتىنچى مەھمەت تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، شەمشادلىق ئۆيىگە قامىلىدۇ ۋە قېرىندىشى ئىككىنچى سۇلايمان 1687- يىلىدا تەختكە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. تۆتىنچى مەھمەت 1692- يىلى ۋاپات بولىدۇ.


تۆتىنچى مەھمەت دەۋرىدە دۇنيا مىقياسىدا تونۇلغان ئىككى قىممەتلىك يازغۇچى يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچى 1611- 1685- يىللىرى ئارىسىدا ياشىغان ئەۋلىيا چەلەبى بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەدىن ئىرانغىچە، قىرىمدىن سۇدانغىچە بولغان كەڭ كەتكەن رايوننى ئايلىنىپ چىقىپ، بارلىق ئوسمانلى تارىخچىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان 12 جىلدلىق مەشھۇر ساياھەتنامىسىنى يېزىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى غەربتە ھاجى قالفا دېگەن نام بىلەن تونۇلغان، 1608- 1657- يىللىرى ئارىسىدا ياشاپ ئۆتكەن كاتىب چەلەبىدۇر. ئۇنىڭ 10 مىڭ ئىسلام يازغۇچىسى قەلەمگە ئالغان 14500 ئەسەرنى تونۇشتۇرغان بىبلوگرافىك ئېنسىكلوپېدىك ئەسىرى شەرق ۋە غەربتە تۈركىلوگىيە ۋە شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىدا مەنبە كىتاب سۈپىتىدە پايدىلىنىلماقتا. قۇرۇلۇشى 1597- يىلى باشلىنىپ 1663- يىلى پۈتكەن ئەمىنۆنۈدىكى يېڭى جامە تۆتىنچى مەھمەت دەۋرىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخىي ئەسەر بولۇپ، تۆتىنچى مەھمەتنىڭ قەبرىسى بۇ يەردىدۇر.


«ئىككىنچى سۇلايمان (1687-1691)»


ئىككىنچى سۇلايمان سۇلتان ئىبراھىمنىڭ دىلاشۇب خاتۇندىن بولغان ئىككىنچى ئوغلىدۇر. سۇلتان ئىبراھىمنىڭ تۆتىنچى مەھمەت ۋە ئىككىنچى ئەھمەت بىلەن بىرلىكتە ئوسمانلى تەختىگە چىققان ئۈچ ئوغلىنىڭ بىرىدۇر. ئۆزىدىن پەقەت ئۈچ يېرىم ئايلىق چوڭ بولغان ئاكىسى تۆتىنچى مەھمەت 1648- يىلى تەختكە ئولتۇرغىنىدا، ئىككىنچى سۇلايمان ئۈچۈن باشقا بىر تۇغقىنى ئەھمەت بىلەن بىرلىكتە توپقاپى سارايىنىڭ شەمشادلىق بۆلۈمىدە 39 يىل داۋام قىلغان قاماق ھاياتىنى باشلىغان بولىدۇ. كۆسەم سۇلتاننىڭ 1651- يىلى تۆتىنچى مەھمەتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا ئىككىنچى سۇلايماننى پادىشاھ ئېلان قىلىش پىلانىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن كېيىن، نەزەربەنت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىككىنچى سۇلايماننىڭ ئۈستىدىكى بېسىملار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەلتەنەت ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدا –ئەدىرنەدە ئۆتكۈزگەن تۆتىنچى مەھمەت ئۆزىگە قارشى ئىستانبۇلدا ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تۇغقىنى سۇلايمان ۋە ئەھمەتنى ئەدىرنەگە ئەۋەتىدۇ. ھەتتا تۆتىنچى مەھمەت ياۋروپاغا قاراتقان يۈرۈشلىرى ئەسناسىدىمۇ قېرىنداشلىرىنى قەپەسكە سولاپ بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن 1683- يىلىدىكى ۋىيېننا مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى بېسىملار نەتىجىسىدە ئىستانبۇلغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان تۆتىنچى مەھمەت بىر تۇغقانلىرىنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىپ، شەمشادلىقتىكى قەپەس بۆلمىسىگە نەزەربەنت قىلىدۇ.


ئىككىنچى ۋىيېننا مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى تۆت يىل ئىچىدە ئاۋستىرىيە، پولشا، رۇسىيە ۋە ۋەنەدىكلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئوسمانلى دۆلىتى ناھايىتى كۆپ زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 1687- يىلى قوشۇننىڭ پۈتۈن ۋىنگېرىيەنى قولدىن بېرىپ قويۇشىغا سەۋەب بولغان ئېغىر مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن ئەدىرگە قايتىپ، تۆتىنچى مەھمەتكە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئىسيان ئەسناسىدا دۆلەت ئەركانى ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئىككىنچى سۇلايمان پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قارار ئىككىنچى سۇلايمانغا يەتكۈزۈلگەندە، ئۇ بۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش يولىدا پىلانلانغان بىر سۇيىقەست دەپ ئويلايدۇ، لېكىن كۆپ ئۆتمەي ئۆزىنىڭ سۇلتان بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە ئىككىنچى سۇلايمان خەيىر سۆيەر، سوغۇققان بىرى دەپ تەرىپلىنىش بىلەن بىرگە، كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە ئەمەسلىكى ۋە ئەتراپىدىكىلەر تەرىپىدىن مۇئەييەن نۇقتىلارغا بۇرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قەپەس ھاياتىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەلىم –تەربىيە ئىشلىرىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. لېكىن سۇلتان بولغاندىن كېيىن پادىشاھ بولغان باشقا ئوسمانلى خانىدانلىقى ئەزالىرىنىڭ ئەكسىچە، ئىلىم ئىگىلەش ئىشلىرىنى سۇلتان بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تەلىم –تەربىيە كۆرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۇلايمانىيە مەدرەسەسى مۇدەررىسلىرىدىن ئەرەبزادە ئابدۇلۋاھاب ئەپەندىنى ئۆزىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. نويابىر ئېيىدا تەختكە ئولتۇرغان ئىككىنچى سۇلايمان دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئەييۇب سۇلتانغا بېرىپ قىلىچ ئوينىتىدۇ.


.......................................................................................


لېكىن ئىككىنچى سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيى ئىستانبۇلدا ھەقىقىي مەنىدىكى پالاكەتلەر دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. دۆلەت خەزىنىسىدىن ئەسكەر ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدىغان «ئۇلۇفە» دەپ ئاتىلىدىغان مائاشلارنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇشلار يۈزىسىدىن تۆلىيەلمەي قالىدۇ. خەزىنىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، يەنىچەرىلەر مائاشلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇلۇس ھەدىيەلىرىنى تەلەپ قىلىپ، سارايغا قاراپ يۈرۈشكە ئۆتىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، سارايدا بار بولغان ئالتۇن –كۈمۈشكە ئوخشاش قىممەتلىك ماددىلار ئىرىتىلىپ، پۇل باستۇرۇلىدۇ. لېكىن بۇ پۇلمۇ جۇلۇس ھەدىيەسى ئۈچۈن يېتىشمەي قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش پەيتلىرىدە ياكى جىددىي ئەھۋاللاردا «سەپەرى ئىمدادىييە» نامى ئاستىدا توپلىنىدىغان باج، بۇ قېتىم ئىستانبۇلنىڭ بايلىرىدىن «ئىمدادىييە» نامى ئاستىدا ئەسكەرلەرگە جۇلۇس ھەدىيەسى بېرىش ئۈچۈن توپلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، يەنىچەرىلەر ئىستانبۇل سودا –سانائەتچىلىرىنى مۇسۇلمان، غەيرى مۇسۇلمان دېمەستىن بولاڭ –تالاڭ قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىستانبۇل خەلقى يەنىچەرىلەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. خەلقنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغان ئىككىنچى سۇلايمان يەنىچەرىلەرنىڭ باشلامچىلىرىنى دارغا ئېسىپ، 1688- يىلى قايتىدىن ئىستانبۇلدا تەرتىپ –ئىنتىزامنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


ئىككىنچى سۇلايمان دەۋرىدە ئوسمانلى باج ۋە پۇل تارىخى نۇقتىسىدىن مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن ئېتىبارەن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ۋە ھازىرغا قەدەر تېپىلغان 1327- يىلى بېسىلغان ئەڭ قەدىمىي ئوسمانلى پۇل بىرلىكى «ئاقچا» نى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا 1688- يىلى يېڭى پۇل بىرلىكى سۈپىتىدە قۇرۇشنى قوبۇل قىلىشىدۇر. ئاقچا دەپ ئاتىلىدىغان 1142 گرام ئېغىرلىقتىكى ئوسمانلى سىككىسىنىڭ ئېغىرلىقى، ئارىدىن 361 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قىممىتى ۋە قىزىل رەقەملەر يۈزىسىدىن 1688- يىلى 0.188 گرامغا چۈشۈپ قالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 1327- يىلى تەخمىنەن 307 گرامغا توغرا كېلىدىغان 100 دەرھەملىك 269 دانە كۈمۈش سىككە بېسىلسا، 1688- يىلىغا كەلگەندە ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى كۈمۈشتىن 1700 سىككە بېسىلىدۇ. ئوسمانلى ئاقچىسى 361 يىل جەريانىدا قىممىتىنى تەخمىنەن 6 يېرىم ھەسسە يوقىتىپ قويىدۇ. ئاقچا شۇنچىلىك يەڭگىللەپ كېتىدۇكى، تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقچىنىڭ ئورنىغا يەنە كۈمۈشتىن كېسىپ تەييارلانغان پۇل بىرلىك قۇرۇش قوبۇل قىلنىدۇ. قۇرۇش نامىنى غەرب ئەللىرىدە 8- ئەسىردىن بۇيان بېسىلىپ كەلگەن، ئىتالىيەدە گروسسو، ئوتتۇرا ياۋروپادا گروسچېن دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان پۇل بىرلىكىدىن ئالىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئوسمانلىلار گۇرۇش دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بۇ سۆز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «قۇرۇش» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئوسمانلى دۆلىتىدە يېڭى بىر پۇل بىرلىكى سۈپىتىدە لىرا بېسىلغان 1879- يىلىغا قەدەر 191 يىل ئىشلىتىلىدۇ. 1688- يىلى ئۆز دەۋرىنىڭ ھازىرقى دوللىرى ئورنىدىكى ئالتۇندىن بېسىلغان بىر ۋەنەدىك دۇكاسى 160 ئاقچە ئورنىدا قوبۇل قىلىنىدۇ. بىر قۇرۇشقا 80 ئاقچە قىممىتى بىرىلىدۇ. قۇرۇشنىڭ قىرىقتىن بىرىگە تەڭ ئىككى ئاقچە قىممىتىدىكى كىچىكلىرى بولسا، پۇل دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما بۇ، قىممىتىگە كۆرە ئاتىلىشى بولۇپ، بازارلاردا فلورىنىڭ قىممىتى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قۇرۇش، كلاسسىك ئوسمانلى پۇل بىرلىكى بولغان ئاقچىنىڭ ئورنىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگىلەيدۇ. ئاقچە بولسا پەقەت ھېساۋاتلاردا قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە بازارلاردا سودا –سېتىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلمەيدىغان بىر خىل پۇل بىرلىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.


ئىككىنچى سۇلايمان دەۋرىدە ئوسمانلى پۇل تارىخى ساھەسىدە كۆرۈلگەن يەنە بىر ئىش، مىس پۇلنىڭ بېسىلىشىدۇر. ئوسمانلى تارىخىدا سۇلتان ئورھان زامانىدىن بېرى «مانگىر» دەپ ئاتىلىدىغان مىس پۇل ئاقچا بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلمەكتە ئىدى. ئىككىنچى سۇلايمان دەۋرىدە ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1688- يىلى 12 –سېنتەبىردە ئىستانبۇلنىڭ تاۋشانتاش رايونىدا بىر پۇل بېسىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، «مانگىر» نامى ئاستىدا ئىككى ئاقچىنىڭ قىممىتىدىكى مىس تەڭگىلەر بېسىلىدۇ. لېكىن، ئالدامچىلارنىڭ بۇ پۇلنىڭ ساختىلىرىنى بېسىپ بازارغا سېلىشى نەتىجىسىدە 1691- يىلى كۈز ئايلىرىدا مانگىرلارنى بېسىشنى توختىتىدۇ.


.......................................................................................


ئىككىنچى سۇلايمان مالىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ باج ئىشلىرىدا يېڭىلىقلار كۆرۈلىدۇ. باجلارنىڭ يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە ئۇنى يىغىش ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۆپرۈلۈزادە فازىل مۇستاپا پاشا تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلىدۇ. خۇسۇسەن ئۇرۇش پەيتلىرىدە قول –ئىلكىدە بار كىشىلەردىن نەق پۇل شەكلىدە ئېلىنىدىغان «ئاۋارىز خانىسى» بېجى ئىزچىل ئېلىنىدىغان نورمال باجغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1692- يىلى خامچوتىنىڭ تەخمىنەن 22% نى ئاۋارىز بېجى ئارقىلىق قامدايدۇ. قوشۇننىڭ ھەربىي يۈرۈش ئەسناسىدا لەڭگەر قىلغان جايلىرىدا «نۇزۇل (يەنى چۈشۈش)» ياكى «نۇسرەت» نامى ئاستىدا بۇغداي، ئۇن ۋە ياغ شەكلىدە توپلىنىدىغان باج نەق پۇل شەكلىدە توپلىنىشقا باشلىنىدۇ. دىنىي ئورگانلارغا مالىيە جەھەتتىن بېرىلگەن ئىمتىياز ۋە كەچۈرۈملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. مۇناستىر ۋە جامەلەرگە بېرىلگەن كەچۈرۈم قىلىش ھەقلىرى بىكار قىلىنىدۇ، ۋەقىفلەرنىڭ كىرىملىرىدىن باج ئېلىنىشقا باشلىنىدۇ. بۇ خىل تەدبىرلەر نەتىجىسىدە ئومۇمىي كىرىم نۇقتىسىدىن مالىيە ئاساسەن ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ.


ئەسكىرىي ساھەدە بولسا، ئاۋستىرىيە، رۇسىيە ۋە ۋەنەدىك بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئوسمانلى دۆلىتى، ۋىنگېرىيەدە ئەگرى قەلئەسىنى، 1688- يىلى سېربىيەدە بېلگراد، نىش، بۇلغارىيەدە ۋىدىن، گلادوۋا (فەتھۇل ئىسلام)، ماكېدونىيەدە ئۈسكۈپ، ئالبانىيەدە بېرات (يىپەك) ۋە ئاۋلونيا ۋىلايەتلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدۇ. مۇسۇلمانلار ئانادولۇغا قاراپ كۆچۈشكە باشلايدۇ، لېكىن 1689- يىلى كۆپرۈلۈ فازىل مۇستاپا پاشانىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىرىئەزەم بولۇشى بىلەن، ئوسمانلىلار قايتىدىن ئالدىنقى سەپلەردە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. 1689- يىلى قىرىمغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە قىرىم خانى سەلىم گىراي تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىدۇ. ۋەنەدىكلىكلەر تەرىپىدىن مۇھاسىرە قىلىنغان ئەگرىبوز ئارىلى ناھايىتى ياخشى مۇداپىئە قىلىنىپ، ئوسمانلىلارنىڭ قولىدا قالىدۇ. مورا ۋە رودوس دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ۋەنەدىك دېڭىز قىسىملىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىدۇ. 1690- يىلى گلادوۋا، نىش، بېلگراد، 1691- يىلى بولسا، ئاۋلونيا قايتۇرىۋېلىنىدۇ. بۇ غەلىبىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەسكىرىي يۈرۈشلەرگە كېسەللىكى سەۋەبىدىن پەقەت سوفياغىچىلا ئىشتىراك قىلىپ قوللىغان ئىككىنچى سۇلايمان بولسا، ئارقىدا ھېچقانداق پەرزەنت قالدۇرماستىن ئىستىسقا كېسىلىگە دۇچار بولۇپ، 1691- يىلى ئىيۇن ئېيىدا ۋاپات بولىدۇ.



مەنبە ئوسمان ئېمپېرىيە تارىخى

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 17:48:57

ئۇف   ففففففففففففففففففف ف ف   ھېرىپ  قالدىم  .....قانداقمۇ يېزىپ  بولغانسىز ،  رەھمەت......

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 08:58:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇشۇ ئوسمانلى تارىخى توغرىسىدىكى كىتابلارنى تاپقىلى بولارمۇ؟ ۋە ياكى تور بەت دېگەندەك...
بەت: [1]
: تۇرك سۇلتانلىرى