tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 15:19:42

English نى نېمىشقا «ئىنگلىس» دەپ يازىمىز؟

English نى مەتبۇئاتتا «ئىنگلىس» دەپ ئالىدىكەن ھەم «ئىنگلىس» دەپ ئاتاش ۋە يېزىش ئومۇملىشىپ قاپتۇ. English نى قائىدە بويىچە«ئېنگلىس» دېسەك توغرا بولامتى قانداق؟


English نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى زادى قانداق؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 20:24:11

ماركىس،ئىنگىلىس ئەمەس ئىنگىلىز.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 17:12:53

tahir17نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

English نى مەتبۇئاتتا «ئىنگلىس» دەپ ئالىدىكەن ھەم «ئىنگلىس» دەپ ئاتاش ۋە يېزىش ئومۇملىشىپ قاپتۇ. English نى قائىدە بويىچە«ئېنگلىس» دېسەك توغرا بولامتى قانداق؟


English نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى زادى قانداق؟





ئۇيغۇرچە ئېنگىلىز، ئېنگىلىش، ئېنگىلىس ئەمەس، بەلكى ئىنگلىز دەپ يازىمىز.

arkan2010 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 18:48:47

بەكمۇ ياخشى تېما بوپتۇ! بۇ سۆزنى ھەر كىم ئاغزىدا ھەر خىل ئاتايتتى! يازغاندىمۇ شۇنداق قىلاتتى! ئەمدى ھەقىقىي توغرا ئىملالىقىنى بىلىۋالدۇق!

uyghurkokbora يوللانغان ۋاقتى 2011-12-5 18:22:13

ئىنگىلىز تىلى دىگەنلىك رۇس تىلىدىن كىرگەن سوز بولۇپ، رۇس تىلىدىكى ز ۋە س ھەرىپى بىر بىرىگە ئۆزگىرىدۇ .

namsiz518 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 21:46:33

مېنىڭچە چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى سەل بۇزۇپراق تەلەپپۇز قىلىش ياخشى ئىش. ئۆز پىتى تەلەپپۇز قىلساق تىلىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا تىلىمىزغا ماسلاشتۇرىمىز. مەسىلەن:

Italy   ئىتالىيە،      Germany    گىرمانىيەدېگەندەك يەرئىسىملىرىمۇ ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. يازغاندىمۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن تەلەپپۇز بويىچە يېزىلىدۇ.

بەزى سۆزلەر پۈتۈنلەي يېڭى يېزىق ئوقۇلۇشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

مەسىلەن:

International    دېگەن سۆز ئىنتېرنەشىنېلدەپ ئەمەس بەلكى ئىنتىرناتسىونال دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

ھەرقانداق مىللەتتە چەتتىن كىرگەن سۆزنى ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە تەلەپپۇز قىلمايدۇ. خەنلەر تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار پۈتۈنلەي باشقىدىن ئىسىم قويىدۇ.

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 14:11:51

1- قەۋەتتىكى karwan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

tahir17نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

English نى مەتبۇئاتتا «ئىنگلىس» دەپ ئالىدىكەن ھەم «ئىنگلىس» دەپ ئاتاش ۋە يېزىش ئومۇملىشىپ قاپتۇ. English نى قائىدە بويىچە«ئېنگلىس» دېسەك توغرا بولامتى قانداق؟


English نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى زادى قانداق؟





ئۇيغۇرچە ئېنگىلىز، ئېنگىلىش، ئېنگىلىس ئەمەس، بەلكى ئىنگلىز دەپ يازىمىز.



E نى ئى دەپ تەلەپپۇز قىلامدۇق؟
بەت: [1]
: English نى نېمىشقا «ئىنگلىس» دەپ يازىمىز؟