alip824 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 12:44:52

تەسىرلىك قىسقا ھىكايىلەر«چوقۇم ئوقۇپ بېقىڭ[تەرجىمە]

مەن بىرسىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلىگەنلىكىمنى بىلمەن



قۇياش پاتاي دىگەن ۋاقىت، دېڭىز بويى. بىر ئامرىكىلىق ساياھەتچى دېڭىز قىرغقدا كەچكى شەپەق ئاستىدىكى دېڭىز دولقۇنلىرىغا مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرۇپ ئوزىدىن سەل يىراقراق قىرغاقتا بىرسىنىڭ قىرغاققا ئىڭىشىپ بىرنەرسنى ئېلىپ ئاندىن ئۇنى دېڭىز غا تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە قىزىقىپ قىرغاقنى بويلاپ ئۇ ئادەم تۇرغان يەرگە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن يېقىنلاشتى ۋە ئۇنىڭ بىر ياشانغان بىر يەرلىك ئادەم ئكەنلىىنى ئۇنىڭ تېرىپ دىڭىزغا تاشلاۋاتقانلىرىنىڭ بايا ئۆزى دېڭىزنىڭ كەچلىك مەنزىرسى بىلەن بولۇپ كېتىپ دىققەت قىلمىغان ،دولقۇنلار قىرغاققا چىقىرىپ تاشلىغان دېڭىز يۇلتۇزى ۋە كىچىك بېلىقلار


ئىكەنلكنى كۆردى ۋە ھەيران بولغان ھالدا بوۋايغا قاراپ قالدى. خەيرلىك كەچ! دىدى ئۇ بوۋايغا، بوۋايمۇ خەيرلىك كەچ! دىدى جاۋابەن ھەمدە يەردىن يەنە بىر دېڭىز يۇلتۇزىنى تېرىپ ئېلىپ دېڭىزغا ئاتتى. ئامرىكىلىق ساياھەتچى قىزىقسىنغان ھالدا،ئەپەندىم ئويلاپ كۆرۇڭ سىز بۇلاردىن قانچىنى چۇتقۇزالارسىز؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىدا بۇلاردىن قانچىلكىنڭ مۇشۇنداق دولقۇن سەۋەبىدىن قىرغاققا چىقىپ قالدىغانلىقنى ئويلاپ بېقىڭ سىز نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسىز دىدى. بوۋاي كۈلۈپ قويۇپ جاۋابەن يەردىن يەنە بىر جان تالشىۋاتقان دېڭىز يۇلتۇزنى سۇغا تاشلىغاچ جاۋابەن مۇنداق دىدى، مەن پەقەت مەن ھازىر سۇغا تاشلىغان ئاشۇ بىرسىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلىگەنلىكىمنى بىلمەن دىدى ۋە ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى..............................................



بىز چوڭ ۋە بۇيۇك سەپسەتىلەر بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئاددىراق بولسىمۇ بىر ياخشى ئشنى


قىلمىغانلىقىمىزنى ھىس قىلىمىز .


ماۋۇ ھىكايىنى تورد كۆرۇپ سىلەربىلەن تەڭ بەھىرلەنگۇم كەپ قالدى. ماڭا بەكلا ياراپ قالغاچ تەرجىمە قىلىپ قالدىم.



                                                جەننەت ۋە لوڭقا


ماۋۇ ھىكايە ئۆزۇم قاتناشقان بىر پالىيەتتە بولغان ئىش.


بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كىيىن مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىلدى. مۇسابىقە بولسا بىر يۇز نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەنھەركەتچىلەرنىڭ غەلبىلىك ھالدا ناھايتى جاپالىق ھەم ئۇزۇن تاغ يولىدا ئۆتكۈزىلگەن يۈگۈرۈش مۇسابىسنى تاماملغانلقنى تەبرىكلەش ھەم دەرىجلەر بوينچە مۇكاپاتلاش ئىدى.


مۇكاپات بويىمى بولسا قەشقەردە ياسالغان يەرلىك مىس ۋە تۇچتا ياسالغان تەخسە ئىدى.


مۇكاپاتتارقىتىشقا مەسئۇل بولغان ئاق چاچلىق ياشانغان بىر ئادەم مۇكاپات تارقىتىپ بولۇپ قولىغا مىكرافوننى ئېلىپ يەنە بىر قولىغا مۇكاپات بويىمىنى ئېلىپ كۆپچىلىكنى تەبرىكلەپ بولۇپ بۇ مۇسابىقنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەخسەت ۋە شۇ جەرياندىكى ئىشلارنى كۆوپچىلىككە ئىلان قىلىپ (بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلار ھەر بىر ماھىردىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئالغان ئىكەن ھەم بەزى تەشكىلاتلار مۇ پۇل ئىانە قىلغان ئىكەن شۇ پۇللارنىڭ بىر قسمنى مۇسابىقە خىراجىتى ئۇچۇن يەنە بىر قىسمى بولسا يەرلىكتىكى مەكتەپلەرگە ھەم كۆزى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ داۋالىنىشى ئۇچۇن ئىشلىتىلگەن ئىكەن) ھەممەيلەندىن سوردى كۆپچىلىك سىلەرچە ماۋۇ مۇكاپات بويىمى چىرايلىقمىكەن؟ .


ھەممەيلەن تەڭلا جاۋاپ بەردى "چىرايلىق ئىكەن".


ھېلىقى ئادەم مۇنداق دىدى ،سىلەردىققەت قىلىپ قارساڭلار قولۇڭلاردىكى بۇ بويۇمنىڭ قولدا ياسالغان ئكەنلىكىنى بىلىسلەر دىگەن ئىدى ھەممەيلەن قوللىرىدىكى بويۇمنى ئۆرۇپ چورۇپ قارشقا باشلىدى.


سەھنىدىكى بوۋاي مۇنداق دىدى كۆپچىلىك بىز ياشاۋاتقان دۇنيامۇ مۇشۇ مۇكاپات بويىمىدەكلا گۈزەل ئىدى ،ھەم گۇزەل بولىشى كېرەك ئىدى،لىكىن سىز بىز خاتىرجەم باياشات ياشاۋاتقاندا بەلكىم دۇنيانىڭ باشقا بىر يېردە ھەتتا قوشنا مەھەللىدە بىر ئادەم ،ياكى بىرتوپ ئادام ،جىسمانى ۋە ياكى ئىختسادى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بىزگە گۈزەل كۆرۇنگەن دۇنيانى كۆرەلمىگەن بولشى مۇمكىن خۇدا ياراتقان جەننەت مۇشۇ دۇنيا شۇ ئىدى ئاشۇلارمۇ كۈلىشى ھەم بىز كۆرگەن دۇنيانى كۆرەلىشى كېرەك ئىدى مانا بۇگۇن سىلەر ئىئانە قىلغان پۇللار ئارقىلىق ماۋۇ كىشىلەر كۈلىدۇ دىدى ۋە ئىكراننى كۆرسەتتى ئىكراندا يۈرتىمىزنىڭ تاغلىق ،شارائىتى ناچار بىر يېزىسدىكى توشقان كالپۇك تۇغۇلۇپ قالغان سەبىي باللار،ۋە كۆزىگە ئاق چۇشكەن كىشىلەرنىڭ كۇلگەن سىماسى پەيدا بولدى، مۇشۇ كىشىلەر سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن قايتىدىن گۈزەل دۇنيانى كۆرىدۇ،ھەم كۈلىدۇ، ھەممىڭلارغا رەخمەت ! مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلار بىلەن باشقىلارنى كۈلدۇرسەك دۇنيا گۇزەل بولىدۇ ماۋۇ يەردە كۈلگەن كۇلكىمىز تىخىمۇ ساپ بولدۇ، خۇدا بىزگە بەرگەن جەننىتىمىز ئاندىن جەننە بولدۇ دىگەن ئىدى ھەممەيلەن ئالقىش ياڭراتتى. مەنمۇ ئەلۋەتتەشۇنداق. مەن قارسام ياندىكى ئۇستەلدە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆزلىرىنى ياغلىق بىلەن سۈرتكىلى تۇرۇپتۇ مەنمۇ كوزۇمدىن ياش چىقىپ كەتكىنىنى سەزمەي قاپتىمەن. يېنىمدا ئولتۇرغان بىر 50ياشلاردىكى ئادەم ماڭا قەغەز دىن بىرنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئىنگلىزچە گەپ ئاڭلاپ بۇگۇن كۆزىمدىن ياش چىقىپ قالدى ئىنگلىزچە ماڭا بۇرۇن چىرايلىق ئاڭلانمايتى دەپ بولۇپ مەن فرانسىيەلىك دەيدۇ.


باشقىلارنىڭ كۆلكىسىنى كۆرۇش باشقىلارنى كۈلدۈرۈش سىزگىمۇ ساپ كۈلكە ئاتا قىلىدۇ دىگەن گەپ ياراپ كەتكەن ئىدى ماڭا.



tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 16:05:34

بۇ ئەسەردىن تۆردە ئولتۇرۇپ بەھىرلەندىم، ئاپتورغا كۆپ ھەشقاللا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 21:42:11

{:134:}

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:52:23

:'(:'(:'(:'(
بەت: [1]
: تەسىرلىك قىسقا ھىكايىلەر«چوقۇم ئوقۇپ بېقىڭ[تەرجىمە]