ماشىنىڭىزدىكى مۇزىكىلارنى يېڭىلىۋالمامسىز
كۆپچىلىككە يېقىندىن ياقى يىغىپ ساقلاپ قويغان ناخشا مۇزىكىلىرىمدىن بىرقانچىنى تونۇشتۇراي،ئىشىنىمەنكى بۇ مۇزىكىلارنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئاڭلىشىڭىزغا بەك ماس كېلىدۇ،ئەلۋەتتە ماشىنىسى يوق يولداشلار ماڭا ئوخشاش قۇلاققا نائۇشنىكنى تىقىپ يولدا ماڭغاچ ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدۇئەمسىە چۈشۈرگۈچنى ئېچىپ ئوپتىك دېسكىنى تەييارلاپ تۇرۇڭ ئۇياقتىن چۈشۈرۈپ بۇياقتى ماشنىڭىزغا سېلىپ ئاڭلاڭ
ئالدى بىلەن يېقىملىق مۇزىكىلاردىن:
1.مۇزىكا ئىسمىShirat HaNavad ئىكەن كىمنىڭ ئورۇندىغانلىقىنى بىلمىدىم،ئەمما ھەقىقەتەن يېقىملىق،ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ماشىنىڭىزنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىنى ھىم تاقاپ پارنى بولۇشىغا ئېچىپ سىرتنىڭ كۆرۈمسىز قىش مەنزىرلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ ئاڭلىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ،شۇنداقلا مەنزىرلىك جايلارغا بارغاندا يەنى تاغقا ياماشقاندا،كۆل بويلىرىدا ئاڭلاشقىمۇ ماس كېلىدۇ.چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://s19.wo99.com/userdir_31810/2540509/wo99.com_1234872199609550.mp3
2.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ داڭق قازانغان گېرمانىيەنىڭ داڭلىق سىمفونىيە ئەترىتى enigmaنىڭ ئورۇنلىشىدىكى مۇزىكاMMX ،بۇ ئۇلارنىڭ بۇلتۇرقى ئەڭ يېڭى مۇزىكىسى،ئىشىنىمەنكى نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز بۇلارنىڭ مۇزىكىسىنى بۇرۇن ئاڭلاپ باققان،بەيدۇ غا كىرىپ enigmaدەپ كىرگۈزسىڭىز ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى مۇزىكىلىرى چىقىدۇ.....قانداق؟ئاڭلاپ باققانكەنسىزمۇ
مۇزىكىنىڭ تولۇق ئىسمى:MMX The social song،بۇ مۇزىكىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن،ماشىنا ئىچىدە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاڭلىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ.
http://zucar.gitom.com/UpFile/MusicBg/201111758140178.mp3
3. كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان داڭلىق مۇزىكانت YANNIنىڭ مەن ياقتۇرىدىغان مۇزىكىلىرىدىن بىرىrainmaker،بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىسىڭىز روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئاڭلاشقا باپ كېلىدۇ
yanni-Rainmaker چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://upload15.music.qzone.soso.com/30374474.mp3
ئەمدىكىلىرى ئاشۇ يۇقىرى سۈرئەتلەك تاش يولدا،سۈرئەتنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەي،بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىپ ھەيدەپ ئاڭلايدىغان شاش مۇزىكىلار:
1.Tamerlan - Baby be mine feat Алена Омаргалиеваكىمنىڭ ئېيتقانلىقى مۇھىم ئەمەس،ئەمما شاش ناخشا.چۈشۈرۈش ئادرىسى:
ئەگەر چۈشمىسە بۇ بەتكە كىرىپ ناخشىنىڭ ئىسمىنى چەكسىڭىز چۈشىدۇ:
http://www.mp3-az.com/ru/download.php?id=13437&ass=tamerlan_baby_be_mine_feat_.mp3
2.مەن ياقتۇرىدىغان مۇزىكا ئەتلىرىدىن بىرى،رومۇنىيەakcentمۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئورۇنلىشىداmy passion
چۈشۈرۈش:
http://upload20.music.qzone.soso.com/30897211.mp3
3.كورىيەلىك پىئانىنو ئۇستىسى yirumaنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى River flows in you،بەك يېقىملىق ئەمما مېنىڭ تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم بۇ مۇزىكىنىڭ يەنە بىرخىل ۋارىيانتى يەنە Djۋارىيانتى،بۇمۇ يېقىملىق قېنى ئاڭلاپ بېقىڭ:
http://promodj.ru/download/1611171/Jasper_Forks_River_flows_in_you_Dj_Fisun_i_DEA_remix.mp3
4.lucenzo بۇ ئىسىم ھازىرياۋروپادا ئەڭ تونۇشلۇق ئىسىم بولۇپ قالدى،بۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياۋروپانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىمۇ ئاڭلىيالايسىز،مەيلى رادىئو ئىستانسىلىرى بولسۇن ياكى پلاستىنكا بازارلىرىدا بولسۇن بۇنىڭ ناخشىسى ياڭرىغىنى ياڭرىغان،بۇ دەل پورتۇگالىيىلىك رېگاتتون ناخشىچىسى lucenzo
سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان تۆۋەندىكى ناخشا lucenzoبىلەن دون ئۆمەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكىDanza Kuduroدېگەن ناخشا بولۇپ 2011-يىلىدىكى ئەڭ مودا ناخشا دېيىشكە بولىدۇ،بۇ ناخشىنىڭ ئاساسلىق نام چىقىرىشىدىكى سەۋەپ بۇ ناخشا بۇ يىلقى ئەڭ بازار تاپقان كىنولارنىڭ بىرى速度与激情5نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنىڭ بىرى،كىنونى كۆرگەنلەر بۇ ناخشىنى چوقۇم ئاڭلىغان،يەنى كىنونىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە چىقىدىغان ناخشا شۇ،دېمەك چوقۇم ماشىنا ئىچىدە ئاڭلايدىغان ناخشا بۇ
چۈشۈرۈش:
http://ed.media.v4.skyrock.net/music/ed6/b68/ed6b68908d9e142030e80882551d46fb.mp3
5.كونا ئەمما شاش DJمۇزىكا،ماشىنىڭىزنىڭ ئاۋاز سېستىمىسىنى سىنايدىغان مۇزىكا
ناخشا ئىسمى:Ibiza(ئىسپانىيەدىكى ناھايىتى چىرايلىق بىر ئارالنىڭ ئسىمى،ھەريىلى يازدا دۇنيادىكى داڭلىق DJلار بۇ يەردە يىغىلىش قىلىدۇ،بۇ2009يىلدىكى ناخشا)
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
6.Tranceتۈرىدىكى مۇزىكىلار:Tranceبۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى مەستانە بولۇش،بىھۇش،ئۇيقۇغا كىرىش دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ بۇ خىل مۇزىكاDJتۈرىدىگە كىرىدىغان ئېلىكتىرونلۇق مۇزىكا،ئەمما بۇ خىل تۈردىكى مۇزىكىلارنى ئاڭلىسىڭىز باشقا تۈردىكى دىسكو مۇزىكىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى بۇنىڭدا ۋاراڭ -چۇرۇڭ بېشىڭىزنى ئاغرىتىدىغان رېتىملار يوق،مۇزىكا رېتىمى ناھايىتى يېنىك،ماشىنىدا ئۇزۇن يولغا چىققاندا ئاڭلاشقا تولىمۇ باب كېلىدۇ،توردىن Tranceدەپ ئىزدىسىڭىز بۇ خىلدىكى مۇزىكىلار نۇرغۇن قىزىقسىڭىز چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ باقسىڭىزبولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى دەل شۇ Tranceتۈرىدىكى ناخشا
http://s1.fans.ge/mp3/201107/03/Empty_Streets_-_If_You_Like_It_Buy_It_Fans_ge(fans_ge).mp3
ئەمدى ۋاراڭ چۇرۇڭ مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بولدۇق،ئەمدىكىسى روسچە ناخشىلار،ئىشىنىمەنكى كۆپىنچىمىز گەرچە تىلىنى بىلمىسەكمۇ روسچە ناخشىلارغا ئۆچ ئەمەس،مېنىڭچە بۇلارنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ماشىنىدا قويۇپ ئاڭلاشقا تازىمۇ باب كېلىدۇ
1.قازاقىستاندا نام قازانغان گۇرۇپپاTequila،بۇ ئۇلارنىڭ2009-يىلىدىكى ناخشىسىNa vostok(شەرقتە دېگەن مەنىدە)
ئايالىم بەك ئامراق بۇناخشىغا شۇڭا يوللاپ قويدۇم
چۈشۈرۈش:
2.Dan Balan ئىجراسىداЛишь до утра(تاڭ ئاتقۇچە)
چۈشۈرۈش:
چۈشمىسە بۇ بەتكە كىرىپ ناخشا ئىسمىنى چېكىڭ:
http://www.mp3-az.com/ru/download.php?id=13391&ass=dan_balan_.mp3
2. Infinitiنىڭ ئىجراسىداYa tak skuchayu(مەن شۇنچىلىك سېغىندىم)
چۈشۈرۈش:
http://promodj.ru/download/2737544/Infiniti_Ya_tak_skuchayu_original.mp3
3.يەنەInfinitiنىڭ ئىجراسىداTi moy geroy (سەن مېنىڭ قەھرىمانىم)
چۈشۈرۈش:
http://promodj.com/download/2536091/Infiniti_Ti_moy_geroy_original.mp3
4. prikhodkoئىجراسىداliubila(سۆيگەنتىم)
چۈشۈرۈش:
http://nfne.allmylove.org/tamusic/REMIXESby/nfne/anastasiya_prikhodko_-_liubila_tatu_version.mp3
مەندىغۇ ناخشا مۇزىكا بەك كۆپتى بۈگۈنچە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي،كۆپچىلىكمۇ ياخشى ناخشىلار بولسا ئېۋەتسەڭلار تەڭ ھوزۇرلانمامدۇق


تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر... تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت! خـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەتـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــكـــــــــــــــــــــــــــۈچ enigma ئەنگىليەنىڭ دەپ يۈرۈيمەن تېخى، گېرمانلارنىڭكىكەندە

ياننىنېڭ 2006-يىللىق مۇزىكا كىچىلىگى
mp3 مەنزىل : http://www.tordax.com/upload/media/4584/1305013V1-5031.mp3
تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر~!~


يەنە مۇشۇنداق ئىسىل مۇزىكىلار بولسا بەھىرلەنسەك


