hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 14:17:05

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش [تەرجىمە]

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئەيدىز كېسىلىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، بەلكىم نۇرغۇن كىشلەر ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كىشىلەرلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بۇلار مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق كۆز قاراشتا بولغانلىق تولىمۇ خاتالاشقانلىق بولىدۇ. بۈگۈن 24- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى ساھە  كىشىلىرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن تەرجىمە قىلىپ تورداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈچ خىل تارقىلىش يولى بار. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش، قان ئارقىلىق تارقىلىش ، ئانىدىن ھامىلىگە تارقىلىش.

كەسىپ ، جىنسىي، ئوي خىيال، مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بەلكىم ئوخشىمىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەتىرى بولۇشى مۇمكىن، مۇتەخەسسىسلەر كۆپچىلىكنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى تونۇپ يىتىپ ، ئەيدىز كېسىلىگە توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ" 0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا "شۇئارىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

1. ياشلار

كەڭ ياشلارغا جىنسىي ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك.ئىلمىي ھەم پەننىي ئاساستا ئۇلارغا جىنسىي ئەخلاقنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە جىنسىي ئەركىنلىكنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش. توغرا بولغان جىنسىي نەزىريە ۋە قائىدىلىرى ئارقىلىق، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ توغرا بولغان جىنسىي كۆز قاراش تىكلىشىگە ياردەم قىلىش.

2. ئاياللار

يېنىكلىك بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاياللارغا بولغان خەتىرىنىڭ ئەرلەرگە بولغان خەتىرىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ھامىلدار بولۇپ قېلىش، ياكى بالىنى ئالدۈرۋىتىش قاتارلىقلارنىڭ بەلكىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا جىنسىي كېسەللىك ياكى ئەيدىز كېسەللىكى ۋىروسلىرىنى يۇقتۇرۋالىدىغانلىقى ،ھەمدە ئاسانلا ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش. ئاياللا بالىلىق بولۇش ۋە  پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام تەربىلىنىشىگە كۆڭۈل بۈلۈش، بولۇپمۇ  بالىلىرىغا جىنسىي كېسەللىك ۋە ئەيدىز كېسەللىكنى يۇقتۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە سەل قارىماسلىق.

3. قان بەرگۈچى خادىم.

قان ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەش ۋە  بۇ ساھە كىشلىرىگە بۇ  ھەقتىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئاكتىپلىق بىلەن قان ئىسكىلاتلىرىنىڭ دېزىنفىكسىيە قىلىنىش ۋە مىكروبسىزلاشتۇرۇپ مەشخۇلات ئېلىپ بېرىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش. يۆتكىلىپ تۇرۇپ قان بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ھەمدە قان بېرىشتىن ئاۋال چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق قانۇنىي تەربىيىلەرنى كۈچەيتىش.

4. يۆتكەلمە نوپۇسلار ( ساياھەتچى ، ئىشلەمچى، دېڭىز خادىملىرى، يۈك ماشىنىسى شوپۇرلىرى، زاۋۇت ۋە كان ئىشلەمچىلىرى)

بىر ئائىلىدىن بىرلا كىشى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسنى يۇقتۇرۋالسا ،پۈتۈن ئائىلىنى بەخىتسىزلىككە ئۇچراشتۇرىدۇ. شۇڭا بۇ تۇردىكى كىشلەرگە نىسبەتەنمۇ توغرا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىش.

5. جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلار.

جىنسىي كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بۇرۇنراق ياخشى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش، قالايمىقان ئېلانلارغا ئىشىنىپ شەخسىي دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يۈرمەسلىك. بۇ تۈردىكى كىشلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ تىز يۇقىيدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈستىدە تەربىلەش ئېلىپ بېرىش، ھەمدە ئۇلارغا جىنسىي كېسەللىكنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىق، راكنى پەيدا قىلىش، قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى،  شۇڭا ئائىلىدە جىنسىي كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش. ھەمدە بۇ خىل بىمارلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش.

6. زەھەر چېكىدىغانلار

قان ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش. تەڭ ئىشلىتىدىغان شپىرىستا زەھەرنى ئۇرۇشنىڭ خەۋپىنى ئۇلارغا چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش. بۇنىڭ بىلەن بىرگە زەھەرنى تاشلاش ياكى يەنە قايتا چەكمەسلىككە سەپەرۋەر قىلىش.

7. سەھىيە خادىملىرى

دېزىنفىكسىيە قىلىش ئۆلچەملىرى، ۋە مىكروبسىزلاشتۇرۇش پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش قانۇنىي تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىش. قانۇنىغا ئاساسەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى  ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەم ئۇلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش.

8. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئائىلە تاباباتلىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىي بىلىملىرى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئەيدىز كېسىلىگە گرىپتار بولغان ئائىلە تاباباتلىرىغا ياخىشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش.


مۇناسىۋەتلىك تورلاردىن تەرجىمە قىلىندى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 21:39:33

كەم قالغان تەرەپلەر باركەن.
بەت: [1]
: ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش [تەرجىمە]