سىز نېمە ئۈچۈن توي قىلسىز؟
سىز نېمە ئۈچۈن توي قىلىسىز؟
مەن بۈگۈن ئىزدىنىش مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىردىم، بۇرۇندىنلا ۋاقتىم چىقسىلا ئانچە مۇنچە كۆرۈپ قوياتتىم، لىكىن تورغا چىقىدىغانغا ۋاقىت يوق، ئەزا بولساممۇ بەك رولى يوق دەپ قارايتىم. بىراق تۇنۇگۈن كەچتە مەن ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ باشقىلارنىڭ سەمىمىي مەسلەھەتىگە تولىۇ ئېتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
سىز نېمە ئۈچۈن توي قىلىسىز؟
مەنمۇ توي قىلغىلى بىر يىل بولدى، لىكىن ئۆزۈمنى مەجبورلاپ دىگۈدەك ناھايتى بەخىتلىكمەن، تەگكەن ئېرىم خېلى ئىنساپلىق ، يوللۇق دەپ ئويلاپ كەلدىم. ھەقىقەتەنغۇ ناھايتى ئوبدان ئۆتتۇق. بىراق بىرنەچچە كۈندىن بېرى گەپ -سۆزلىرىمىز پەقەتلا بىر يەردىن چىقماي، ئۇرىشىپلا تۇرىمىز، ئۆزىغۇ كىچىك، كىچىك ئىشلار، ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولغاچقىلا سىز بىلەن توي قىلىشىم دېگىنى بولدى.مەن تېخى ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرىشىپ، يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق ئارلىشىپ ئاندىن تېخىمۇ چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قىلغان دەپ چاغلايتتىم.
ئويلىغانسېرى ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى، توي ئىشىدا خىزمەتنىڭ رولى شۇنداق مۇھىممۇ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئويلىشىپمۇ باقماپتىكەنمەن...
بۇ ئىنكاسلانى كۈرۇپ مىېنىڭ مۇ توي قىلغۇم كەپ قالدىيا ياخشىراق بىرەر سىنى تاپالغان بۇلسام توي قىلىدىكەنمەن

ئىنسانلار بىر بىرىنى بەك كىچىكىپ چۈشىنىدىكەن . مىھىر مۇھەببەت ، دوسلۇق ، سۆيگۈ ئىشقىلىپ ھەممىلا نەرسىلە كىچىكىپ چۈشۈنىلىدىكەن !
ئىنسان ئۈزىگە ئىنتايىن مۇھىم نەرسىنى ئايرىلغان ۋاقىتتىلا چۈشىنىدىكەن !
مەن 18 يېشىمدىلا توي قىلغان . ئۇ چاغدا مەندە نە ئائىلە ، نە تۇرمۇش قارىشى بولسۇن ! بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بولسا كىرەك ! سىرتتىن ھېرىپ ئېچىپ كىرسەم ، خوتۇنۇم بولغان كىشى كوت كوت قىلماي بىر پىيالە قىززىق چاي ئەكەلسە . قىززىق چاينى ئاستا - ئاستا سۈمۈرگەچ ئىللىق ئائىلەمنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسەم ، ئەتىگىنى ئۆيدىن چىقىدىغاندا مايلاپ قۇيۇلغان ئاياغ ، دەزماللاپ قۇيۇلغان كىيىملەرگە قاراپ ئىچىمدە ‹‹قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن خاتۇنجان›› دىسەم ، سىرىتقا چىقىپ قالسام بىرەر تال بىر نەرسە ئالغاچ بارسام ئۇنداقكەن ، بۇنداقكەن ، داقا - دۇمباقكەن دىمەي خوش بولسا .
ھە راست ئاچچىقىم كەلگەندە بېقىنلىرىغا تازا قويساممۇ يامانلاپ كەتمىسە . {:92:} ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەتە-ئۆگۈن شاگاڭ بۇلۇپ كەتتسىڭىز -ئىرىڭىز خىتىڭىزنى بىرۋىتىدىغان ئوخشايدۇ . شۇڭا سىز خۇدادىن شاگاڭ بولماسلقىنى تىلسىڭىز بولغىدەك . بەلكىم ئاچچىقىدا دېگەندۇ. ئادەم بەزىدە ئاچچىقى كەلگەندە بىلىپ-بىلمەي دېمەيدىغان گەپنىمۇ دەپ سالىدۇ. كاللىسىدىكى ياكى كۆڭلىدىكى گەپ بولمىسىمۇ، ئاچچىق ئادەمنى شۇنداق گەپلەرنى قىلغۇزىۋېتىدۇ.
يەنە بىرگە، ئادەم ئاچچىقىدا ھۆكۈم چىقارماسلىق كېرەك. (ئاچچىقتا چىقارغان ھۆكۈم خاتا ھۆكۈم) بالام يېرىم ياشقا كىردى، ئەمدى ئەستايىل ئويلاپ باقسام، مەن ھاياتتا ھامىنى توي قىلىدىكەنمىزغۇ دىگەن خىيال بىلەن توي قىلىپتىمەن....ئەگەر ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بولغان بولسا، مەن توي قىلمايتتىم،توي قىلماي يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ ئۆز تۇرمۇشىنى ياشاۋاتقان. كەسپىتە ئۇتۇق قازانغان قىزلارغا ھەۋەس قىلىمەن مىنىڭ ياشىغىنىم ئۆزەمنىڭ ئەمەس، بەلكى يېنىمدىكى ئىنساننىڭ، بالامنىڭ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىكەن... قارغاندا بۇ يەردە دەرتمەنلەر خىلى بار ئوخشايدۇ..........تەجىرىبە ساۋاقلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار كېيىن توي قىلغاندا ئەزقىتىپ قالدىغان چىراي

مەسلەن 6 تالاق دىگەندەك شۇڭا خۇتۇن كىشى دىگەن ئەر كىشىنىڭ گىپىنى مۇلايىملىق بىلەن ئاڭلاپ ۋە مۇلايىملىقنى ئۆزىگە ئادەت قىلسا ئۆيدە جىدەل ئازىيدۇ...بولمىسا ئۆزىگە شۇنداق باش ئاغرىقى تېپىۋالدۇ.ماۋۇ ئەمىليەت جۇما ... بىر ئائىلە بوش گەپ ئەمەس، ئېرىڭىزنىڭ ئىككى تۆت تال گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋىتىڭ.
تۇرمۇش مۇكەممەل بولالمايدۇ، كەم جايلىرىنى ساغلام يوللار بىلەن تولدۇرۇشىڭىز كېرەك، ئىزدىنىشقا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇ سۇئالنى ئۆزەمدىن ئىزچىل سوراپ كېلىۋاتىمەن. ئادەم زادى نېمە ئۈچۈن توي قىلىدۇ؟ياتلىق بولغاندىن باشلاپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامغا، تېخى ئوقۇۋاتقان ئىنى سىڭىللىرىمغا «ما بەش يۈز كوي پۇل» دىيەلمىگىنىمگە ئىچىم ئېچىشىدۇ. بۇرۇن قىز چاغلىرىمدا بەك چوڭ سۆزلەيتتىم،« ئەگەر توي قىلىپ قالسام ھەر ئايلىق مائاشىمنىڭ ئوندىن بىرىنى بولسىمۇ سىڭلىمنى ئوقۇتۇشقا بېرىمەن. ئېرىم ئاتا-ئانامغا، قېرىنداشلىرىمغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا دەرھال ۋاز كېچىمەن ئۇنداق ئەردىن » دەپ ....ئەمما ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن. نىكاھ بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەنكەنسىز چوقۇم ئائىلىڭىزگە مەسئۇل بولمىسىڭىز، بالىڭىزغا ساغلام مۇھىت ياراتمىسىڭىز بولمايدىكەن. شۇڭا كونىلارمۇ دىگەنغۇ «تويدىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، تويدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى يۇمۇۋال» دەپ...قارىغاندا قىزلار جاپا چېكىش، ئازاب تارتىش ئۈچۈن توي قىلىدىغاندەك...لېكىن مۇسۇلمان بولغانكەنمىز، چوقۇم پەرزنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ. يەنىلا ھاياتقا كۈلۈپ قارايلى!
9- قەۋەتتىكى shirinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بالام يېرىم ياشقا كىردى، ئەمدى ئەستايىل ئويلاپ باقسام، مەن ھاياتتا ھامىنى توي قىلىدىكەنمىزغۇ دىگەن خىيال بىلەن توي قىلىپتىمەن.... ئەگەر ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بولغان بولسا، مەن توي قىلمايتتىم، توي قىلماي يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ ئۆز تۇرمۇشىنى ياشاۋاتقان. كەسپىتە ئۇتۇق قازانغان قىزلارغا ھەۋەس قىلىمەن مىنىڭ ياشىغىنىم ئۆزەمنىڭ ئەمەس، بەلكى يېنىمدىكى ئىنساننىڭ، بالامنىڭ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىكەن...
كەسىپتە نەتىجە قازنىش بىلەن توي قىلىش قارشى ئورۇندا تۇرمايدۇ ، بالىڭىزنىڭ سىزنى كۈلۈپ تۈرۈپ داداياكى ئاپا دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىسىڭىزباشقا سەۋەپ ئىزدەش ھاجەتسىز . توي قىلماي ياشاۋاتقان قىزلارنىڭ يايراپ يۈرگەن تەرپىنىلا كۆرمەي ، ئۇلارنىڭ كەچتە ئۆيگە قايتىپ سوغاق تۆت تامىنىڭ ئىچىدە تۈگۈلۈپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ . ئۇلار ئۆزىنى بەزلەپلا ياشاۋاتىدۇ خالاس .
ئېرىڭىزنىڭ گەپلىرىنى بەك ئەستايىدىل ئويلاپ كەتمەڭ. قانچە ئويلىغانسىرى مۇناسىۋىتىڭلارغا شۇنچە تەسىر يېتىدۇ. بولسا شۇنداق يىرگىنىشلىك گەپلەرنى ئاڭلىغان چېغىڭىزدا ئېرىڭىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، دەرھال گەپ تالاشماي ئۆينىڭ كەيپىياتى نورماللاشقاندا ئەركىلەپ تۇرۇپ سىلىق سۆزلەر بىلەن كۆڭلىڭىزنىڭ ئازار يېگىنىنى بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ. ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئېيتىشىپ پايدا ئالالمايدۇ. گەپ تاكتىكىدا...
خوتۇنى بىلەن گەپ تالاشقان گۇيلارنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بار.
16- قەۋەتتىكى kometaنىڭ يازمىسىغا
تۇرمۇش پىشۇرۇۋەتكەن پىسخولۇگدىن بىرسى بايقالدى.....ياخشى پىكىر، قوللايمەن!