yuksel يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 10:29:27

دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم


( ئەلداۋا تورىدىن كۆكتاش )



1-دېكابىرنىڭ «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» ئىكەنلىكى دۇنيا ئەھلىگە، بولۇپمۇ بىزدەك
ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىگە ئانچە يات بولمىسا كېرەك دەپ
ئويلايمەن. مەزكۇر كۈن 1988-يىلى 1-ئايدا «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ھەر
يىلى 1- دېكابىرنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى مەقسەت،
1981-يىلىدىن باشلاپ يېڭىدىن يامراۋاتقان ئەيدىز ئەھۋالىدىن كىشىلەرنى خەۋەردار
قىلىپ، شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق تەبىرلەرنى قوللىنىش، شۇ ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ
ئىلگىرلەپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى......

مانا شۇ كۈندىن كېيىن،
بۈگۈنكى 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىمۇ ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى تېخىمۇ
كۈچەيتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا،
«ئەيدىز» ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن تۇنجى بولۇپ ئۇچراشقىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ
چاغدىكى ئۇچۇر چەتئەللەردىكى ۋەقەلىك بويىچە ئېلىنغاچقا، ئەيدىزنى بىزدىن خېلىلا
يىراقتا دەپ پەرەز قىلاتتىم. ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا، بىز بىر قارار
ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم سائەتتەك «ئەيدىز» ھەققىدە لېكسىيە بېرىلگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا،
ئەيدىزنىڭ يىراق چەتئەللەردىن دىيارىمىزغا قەدەم باسقانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.












مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىدە
قىلغان خىزمىتىم دەل ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ قالدى. 2004-يىللىرى، ئۇيغۇر
جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلمى يوق دىيەرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان كەمسىتىشى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بۇنداق
شارائىتتا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى
قەتئىي خالىمايتتى، شۇنداقلا ئەيدىز ھەققىدىكى پاراڭلاردىن ئامال بار ئۆزىنى
قاچۇراتتى.




ئەينى ۋاقىتتا، خىزمەتداشلىرىم بىلەن «كەمسىتىشنىڭ بىلمەسلىكتىن
كېلىدىغانلىقى»نى جەزىملەشتۈرگەن ئىدۇق. چۈنكى، بىر ئادەم ئەيدىز ھەققىدە ھېچنېمە
بىلمىسە، باشقىلار بۇ كېسەلنى دەھشەتلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بەرسە، ئۇنىڭ يۇقۇش يولىنى
ئەڭ ئەخلاقسىز يەرلەردىن كۆرسىتىپ بەرسە، بۇ ئادەم ئەلۋەتتە ئەيدىزنى ۋە ئەيدىزدىن
يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىدۇ.

بىرسى ماڭا ئەيدىزنى يوقۇتۇشنىڭ «ئەڭ ئۈنۈملۈك»
چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەيدىز بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، بىر يەرگە
ئاپىرىپ ئۇجۇقتۇرۋەتسىلا بولمىدىمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۇئالىغا يا كۈلۈشنى يا
يىغلاشنى بىلەلمىدىم. ئەلۋەتتە ئۇ ئەيدىز ھەققىدە كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ: «ئەگەر سەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانساڭ، سېنى ئاپىرىپ
ئۇجۇقتۇرماقچى بولسا، سەن خالامسەن؟» دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ئۈن-تىنسىز قالدى.

دەرۋەقە، نۇرغۇن خاتا- قاراشلار ۋە كەمسىتىشلەر بىلمەسلىكتىن كېلىدۇ. ھەر قېتىم
ئەيدىز ھەققىدىكى كۇرسنىڭ دەسلىۋىدە، كۇرسانتلار «ئەيدىزنىڭ مەن ئاڭلاپ باقمىغان
ئاجايىپ- غارايىپ يۇقۇش يوللىرى»نى ئوتتۇرىغا قوياتتى. مەسىلەن: «ئەيدىز ھاۋادىن
يۇقىدۇ»، «ئەيدىز كومپىيۇتېر ئارقىلىق يۇقىدۇ»، «بالىلار تورخانىدا كۆپ
ئولتۇرىۋەتسە، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ ئەيدىز بولۇپ قالىدۇ»، «ئەيدىز لەڭپۇڭدىن
يۇقىدۇ» ...  ھەتتا بەزى كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقارقىدەك بىمەنە يۇقۇش يوللىرىنى
بازارغا سېلىپ، كۇرستا بوغۇلۇپ- بوغۇلۇپ سۆزلەپ كېتەتتى. بىر- ئىككى كۈنلۈك كۇرس
تولۇق ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كۇرسنىڭ دەسلىۋىدە يېزىپ قويغان «بىمەنە يۇقۇش
يوللىرى»نى ئاشۇ كۇرسانتقا كۆرسەتسەك، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىدىن
خىجىل بولاتتى، ھەمدە بىزنىڭ ئۇلارغا توغرا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىمىزدىن مىننەتدار
بولاتتى.

ئاۋامنىڭ ئەيدىز ساۋاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەملىكىنى نەزەردە
تۇتۇپ، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىكلەردىن پىدائىي
تاللاپ، 7 كۈن سىستېمىلىق تەربىيىلىگەندىن كېيىن، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ كەم دىگەندە
يېرىم سائەت ئەيدىز ھەققىدە ساۋات بېرىدىغان بىر خىل پروگراممىنى يۈرگۈزۈشكە
باشلىدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن،
مەھەللىدىكى ئاۋامنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە
بىمارلارنى كەمسىتىش دەرىجىسى خېلىلا يۇمىشاپ قالدى. ھەتتا تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا
بەزى يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى دادىلىق بىلەن ئاشكارلىدى، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى
كەمسىتمەي، ئەكسىچە ئۇلار كۇرستىن ئۆزلىرى بىلەن «تەغدىرداش» دوستلارنى تېپىۋالدى.
ئادەم تىكەندەك قالغاندا ھەقىقەتەن دوستقا مۇھتاج بولىدۇ.




بىزنىڭ بەزى پىدائىيلىرىمىزمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، بەزىدە
بىللە ئولتۇرۇپ كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى ئېيتىشاتتۇق. بىر پىدائىيمىز: «مېنىڭ پىدائىي
بولۇشنى تاللىشىم، سىلەرنىڭ مېنى كەمسىتمىگەنلكىڭلاردىن بولدى.» دەيتتى. دەرۋەقە،
بىزنىڭ باشقىلارغا ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز، ھەمدە كەمسىتمەسلىكىمىز- تەربىيىلەش
مەزمۇنىمىزنىڭ مۇھىم قىسمى ئىدى.

يەنە بىر پىدائىيمىز مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر
باشقىلار مېنى كەمسىتمىسە، مەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى مەڭگۈ تېنىمدىلا ساقلاپ قالىمەن».
شۇنداق، ھەممىمىز ئەيدىزنى توغرا چۈشەنسەك، ئۇلارنى كەمسىتمەي، ئەكسىنچە ئۇلارنى
ھۆرمەت قىلساق، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولاتتى.

2006-يىلى 11-ئايدا،
ئۈرۈمچىدە 7 كۈنلۈك پىدائىي تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتۇق. كۇرس تاماملانغاندىن كېيىن،
ھەممەيلەن بىر سورۇنغا يىغىلدۇق. سورۇندىن كېيىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى «دۇنيا ئەيدىز
كۈنى»دە يەنە يىغىلىشقا كېلىشتۇق. ئۇ چاغدىكى كۇرسانتلار ھەقىقەتەن ئاكتىپ،
بىر-بىرىدىن كۆيۈمچان ئىدى. ئاشۇ يىلى مەن تۈنجى قېتىم ئەيدىز كۈنىنى تەبرىكلەپ
يىغىلىشقا قاتنىشىپ بېقىپتىمەن. ئۇ كۈنى پىدائىيلار ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال ئىدى.
لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. بەلكىم
كۇرسنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە، كۇرس جەريانىدا ھەممىسى ئىچەكىشىپ
كەتكەندۇ. پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار، بەزىلىرى
باشقا ئورۇنلاردا ئەيدىز خىزمىتىنى ئىشلىسە، بەزىلەرنىڭ ئائىلىسىنى ئەيدىز ۋە
زەھەرلىك چېكىملىك ۋەيران قىلغان، ھەتتا بەزىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىدى.
مېنىڭچە بولسا ئۇلار ئەيدىزنى توغرا چۈشىنىدىغان ھەمراھلىرىنى كۆرگەنلىكىدىن،
باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىدىن، كەمسىتىلمىگەنلىكىدىن خۇشال بولىۋاتسا كېرەك
دەپ ئويلىدىم. «ئەيدىز كۈنى» ھەرگىزمۇ ئەيدىزنى قارشى ئالىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى
قارشى تۇرىدىغان كۈندۇر. ئۇ كۈنى مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدىم. چۈنكى ئەيدىزدىن
ئىبارەت بۇ ۋابانى مىللىتىمىز ئارىسىدىن يوقۇتۇشقا بەل باغلىغان "ئەزىمەتلەر" مەن
بىلەن بىللە ئىدى.




كېيىن ئاڭلىسام، غۇلجىدىكى ئىككى قىز- يىگىت پىدائىي دەل 12-ئاينىڭ
1-كۈنى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇنى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى كەڭ تەشۋىق
قىلىپتۇ. گەرچە ئارىلىق ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ تويىغا بارالمىغان
بولساممۇ، بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەنچە بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ
ئەيدىزنى كۈتۈۋېلىش ئەمەس، بەلكى بۇ ۋابانى ئارىمىزدىن يوقىتىشقا بەل باغلىدى. مەن
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا چىن دىلىمدىن بەخت ۋە تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ھەر
يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى شۇ يىللىق دۇنياۋىي ئەيدىز ئەھۋالغا قاراپ
ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ يىلقى ئەيدىز كۈنىنىڭ ئېنگلىزچە باش تېمىسى «Getting to zero»
ئىكەن. بۇنى ئۇددۇل تەرجىمە قىلسا «نۆلگە قايتىش» بولىدىكەن، مەن بۇنى «ئەيدىزنى
نۆلگە يۈزلەندۈرەيلى» دەپ چۈشەندىم. خەنزۇچە «行动起来,向"零"艾滋迈进» دەپ ئېلىپتۇ. بەزى
نوپۇزلۇق ۋە نوپۇزسىز ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچىسىنى ھەر خىل ئېلىپتۇ. مەيلى قانداق
ئېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:
«ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش، ئەيدىزنى كەمسىتىش ۋە ئەيدىزدىن ئۆلۈشتىن ئۈچ خىل زىيانلىق
ئاقىۋەتنى نۆلگە چۈشۈرۈش».






دەرۋەقە، شىنجاڭدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.
2006-يىلىلا نوپۇزلۇق ئورۇنلار «شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى خەتەرلىك قىلمىشتىكى
كىشىلەردىن ئاددى پۇقرالارغا قاراپ كېڭەيمەكتە» دەپ ئىزاھلاپ بولغان ئىدى. ئەيدىز
ۋىرۇسى «شپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش» ئارقىلىق يۇقۇش يولى ئازلىغان بىلەن، جىنسىي
مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يوللىرىنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى چوڭلىماقتا.
مەنچە بولسا، توغرا ئۇچۇرلار ئارقىلىق كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئاۋامنىڭ
ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى ئۆستۈرۈلسە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋە ئەيدىزنى كەمسىتىش
ئەھۋاللىرى تەبئىي ھالدا تۆۋەنلەپ نۆلگە يۈزلىنىدۇ، ھەمدە ئەيدىز بىمارلىرىغا
بولغان غەمخورلۇق ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلسا، ئەيدىزدىن ئۆلۈش
نىسبىتىمۇ نۆلگە قاراپ ماڭىدۇ.




سىزمۇ قاتنىشىڭ!


---------------------------------------


تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى (مۇكاپاتلىق)

a-joker يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 12:17:48

ھەممنى قىلغان ئامرىكىنڭ باچچىۋازلىرى . شۇ ھاراملىقلار بەچچىۋازلىق قىلمىغان بولسا بۇ نىجىس كىسەلمۇ پەيدا بولمىغان بۇلاتتى ..........................

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 12:21:56

بۇ نىجىس كىسەل بولمىغان بولسا خاتىرجەم زىنا قىلاتتىڭلار ھە .

a-joker يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 12:33:15

اللەدىن قورقىمەن .

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 16:33:31

ئا جوككىر بۇرادەر «تۈرمىگە» كىرىشكە بەك ئامراق جۇمۇ سىلە  {:92:}

jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 17:38:44

مىنىڭ 2008-يىللاردا «ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز كىسىلى »سەرلەۋىلىك بىر كىتاۋىم بولىدىغان ،ئەپسۇس يوقاپ كەتتى .... \"\"

zulayin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 19:38:58

ھەقىقەتەنمۇ ساۋاپلىق ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتۋىتىپسىز ،خۇدايىم دەت بەرمىسۇن شۇ قوللىرىڭىزغا.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 21:19:59

ئاۋۇ جاۋاپلېرىڭلار ئۆلچەمسىزكەن جۇمۇ...ئەجەپ توغرا جاۋاپلارنى بەرسەممۇ نۇمۇرۇم 90 گە چىقماپتۇيا... \"\"

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 21:25:21

ئاۋۇ جۇككىرنى پارچە -پۇرات جازالاپ يۇرگىچە قىلمىشلىرىنى يىغىپ ئىتىپ تاشلاڭلار،،،،!^+^


---

بەت: [1]
: دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم