UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 09:30:31

بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى

بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى

12-ئاينىڭ1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى ،ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش دۇنياۋى خاراكتېرلىك سۆز تېمىسى بولۇپ، ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرشىگە قارىغاندا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ھازىرمۇ ئېغىر بولماقتا.

بۇ يىلقى ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى ئەيدىزنى نۆلگە يۈزلەندۈرەيلى بولۇپ،نۇرغۇن ئەيدىز كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن بىزدە كام بولۇۋاتقىنى كەڭ قورساقلىق ۋە قوللاش.

نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ھەتتاكى ئۆيدىكىلەردىن كەلگەن ئاددىي بىر قۇچاقلاشقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.ئەيدىز بىمارلىرىنى قوللاش،ئۇلارغا ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش ئاشۇ ئاددىيغىنە قۇچاقلاشتىن باشلىنىشى مۇمكىن.

:بۈگۈن 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى، دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى يۇقۇمنى 0 گە، يېڭى ئۆلۈمنى 0 گە، كەمسىتىشنى 0 گە يۈزلەندۈرۈپ، «0 ئەيدىز» ئۈچۈن ئالغا! (يۈكسەل مىكرو بلوگىدىن ئېلىندى)









2002-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ،جەنۇبى ئافرىقا، زۇڭتۇڭ ماندىلا 20ياشلىق ئەيدىز يۇقۇمداررى BabalwaTembani نى قۇچاقلىماقتا. ئۇ قىزچاق 14ياش ۋاقتىدا تاغىسىنىڭ پوخۇرلۇقىغا ئۇچراپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى.







1999-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى،جەنۇبى ئافرىقا ،ئەنگىلىيە سابىق باش ۋەزىرى بىلايىر ئەيدىز يۇقۇمدارىنى قۇچاقلىماقتا.





مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 10:09:17

مەنمۇ چۈشتىن كىيىن بالدۇراق ئىشتىن چۈشۈپ كەنت باشلىغىنى قۇچاقلاپ قۇيۇپ كىلەي..

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 10:37:10

سىزمۇ قاتنىشىڭ!


---------------------------------------


تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى (مۇكاپاتلىق)

tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 11:18:32

\"\"  كەنجىنىڭ گېپى بەك جايىدا بۇلۇپتۇ..  كەنتە باشلىقىنى قۇچاقلاپ كېلىش كېرەك..
بەت: [1]
: بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى