nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 16:25:41

نىمىشقا بۇنچىۋالا ئاڭلاۋاتقىنىمنى بىلمىدىم [كۆچۈرۈلمە][ناخشا-مۇزىكا]

مۇزىكا ھۈجەيرەم يوق دىگۈدەكلا بىرسى مەن،ئۇسۇلمۇ ئوينىيالمايمەن،ناخشىمۇ ئېيتالمايمەن،ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن.ئادەتتە بىرەر ناخشا ئېيتىپ قويسام دوستلۇرۇم قۇلىقىنى ئىتىۋالىدۇ،ئۆتۈنۈپ قالاي سەن ناخشا ئېيتما دەپ بىراق نىمە بولدۇم نەچچە كۈندىن مۇشۇ ناخشىنى ئۆزەمنى توختىتالماي ئاڭلاپ كىتىپ بارىمەن،تېكىستىنىمۇ تولۇق چۈشىنىپ كەتمىدىم بولمىسا..زۇلپىقار،ئالىيە،كامىل ئۈچەيلەن ئېيتقان ناخشىكەن،تېكىستىنى شاھ مەشرىپىنىڭ تېكىستى دەيدۇ.

سۈرەتلەرنى دوستۇم كىرىشتۈرۈپ قويۇپتۇ.

بۇ يوللىغىنىم تېما ئەمەس ئىنكاس بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ يەنە بىر ناخشا قوشۇپ قوياي ،

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 19:45:45

ياقەي ،مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىكەنسىز ،ھەقىقەتەن ياخشى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشىكەن ،مۇزىكىسىمۇ پەيزى ئىشلىنىپتۇ ،مىللىي پۇراق بىلەن ھازىرقى زامان پۇرىقىنى ياخشى يۇغۇرۇپتۇ...مەن ياقتۇرۇپ قالدىم ..رەھمەت سىزگە ..

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 20:16:11

مۇزىكىسى ئېسىل ناخشىكەن،مەنمۇ تازا چۈشىنەلمىدىم تېكىستىنى.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 20:16:12

مۇزىكىسى ئېسىل ناخشىكەن،مەنمۇ تازا چۈشىنەلمىدىم تېكىستىنى.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 20:22:32

مۇزاتنى تۈرمىدىن چىقىرىۋېتىڭلاچۇ، گۇناھىنى تىلەپ بىر بېلەت تاشلىدىم

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 21:16:51

1-سىنىڭ ئايال ئوقۇغان يەرلىرى موڭغۇل ياكى زاڭزۇچە ناخشىغا ئوخشاپ كىتەمدۇ نېمە؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-27 23:06:38

تۇرمىگە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئۇقمامدۇ قانداق. ئۇچۇر دىگەننى يوللاۋېرىدىكىنا...

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 02:46:43

6- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1-سىنىڭ ئايال ئوقۇغان يەرلىرى موڭغۇل ياكى زاڭزۇچە ناخشىغا ئوخشاپ كىتەمدۇ نېمە؟   

بۇ ناخشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا مەنمۇ شۇنداق كۆز قاراشتا بولغان ئىدىم، ئەمدى بارغانسېرى شۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتىمەنكى، مۇشۇ ئايالنىڭ ۋارقىرىغان قىسىمى ناخشىدا ئىپادىلەنمەكچى بولغان مىللى پۇراق ۋە ھېسىياتقا زىت بولۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ يايلاق قەۋملىرىدەك ۋارقىرىشى ئىستېتىكىمىزغا (شەخسەن مېنىڭ) ئانچە توغرا كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ.

تېكىستىنى مەنمۇ ئانچە ئاڭقىرالمىدىم، ئەمما مۇزىكىسى ۋە ئەر ئېيتقان قىسىمى ھەقىقەتەن مۇڭلۇق ۋە ئۆزگىچە ئىكەن.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 08:26:43

ئەسلى بۇ قۇربان ھېيىتقا ئاتاپ ئىشلىگەن نۇمۇر ئىكەنتۇق.چىقىتىمۇ يا بىلمىىدم.ئاۋۇ قىزنى 19 ياش دىگەندەك قىلغان.ئەمما ئاۋازى يامان يۇقۇرى ئىكەن.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 09:11:35

ئا قىز بالىدا نەپەس دىگەن راۋرۇسكەن،  مانا مەن دىگەن ناخشىچىلاردا يوق جۇمۇ \"\"

agah يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 10:30:53

بۇ روك موزىكسىنىڭ ‹سېھرى› كۈچى .قۇربان ھېيىتلىك كىچىلىكىگە تەييارلانغان فىلىمى تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە ئېقىمغا قارشى

ھالەتتە .بۇنى مىسرانىمدا تىل تۈكرۈك قىلىپ ئۆچەرگۈزىۋەتتىغۇ دەيمەن .قىسقىسى ماۋۇ ناخشا مىللى ئىدىلوگىيەرىمىزدىن

ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا قوبۇل قىلىشىمىز تەس .كەلگۈسىدە ئىتىقات رامكىسىدىن ھالقىيدىغان نۇقۇل مىللىلىك بىلەن

روك ئۇسلۇبىدىكى ئاتالمىش پەلسەپەۋى پۇراققا تويۇنغان موزىكىلار چىقىشى مۇمكىن .قاراپ باقايلى بۇنداق مۇزىكىلارنى

ياقتۇردىغانلار ئىتىقاتى قانچىلىك دەرىجىدىكى ئادەملەر؟ياخشى كۈزىتىپ باقايلىچۇ؟

ئاللاھ دىن قەۋمىمىزگە شۇنداق تىلەيمەنكى گۇناھلىرى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىدىغان كىشىلىرىمىزنى ئازلىتىپ بەرگىن .

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 11:35:23

ياخشى ناخشىكەن،قۇربان ھىيتنىڭ كەيپىگە توغرا كەلمىگەن چېغى...لىكىن كىچىك قىزچاقنىڭ ئالامەت داڭ چىقىرىۋېتىدىغانلىقىغا دو تىكىشىمەن...

مۇشۇ خەق مىسراندىلا ئوينىسا بولمامدۇ،كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ئادەمنىڭ...  {:92:}

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 13:13:21

ئەمدى يادىمغا كەلدى، 1- سىنى ھېيتتىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇرۇدا يوللاپتىكەن، ھازىر ئىزدەپ قارىسام شۇكەن، سەھنىمۇ شۇ.  بۇ 2011- يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەتمۇ؟

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 18:19:30

11- قەۋەتتىكى agahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ روك موزىكسىنىڭ ‹سېھرى› كۈچى .قۇربان ھېيىتلىك كىچىلىكىگە تەييارلانغان فىلىمى تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە ئېقىمغا قارشى

ھالەتتە .بۇنى مىسرانىمدا تىل تۈكرۈك قىلىپ ئۆچەرگۈزىۋەتتىغۇ دەيمەن .قىسقىسى ماۋۇ ناخشا مىللى ئىدىلوگىيەرىمىزدىن

ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا قوبۇل قىلىشىمىز تەس .كەلگۈسىدە ئىتىقات رامكىسىدىن ھالقىيدىغان نۇقۇل مىللىلىك بىلەن

روك ئۇسلۇبىدىكى ئاتالمىش پەلسەپەۋى پۇراققا تويۇنغان موزىكىلار چىقىشى مۇمكىن .قاراپ باقايلى بۇنداق مۇزىكىلارنى

ياقتۇردىغانلار ئىتىقاتى قانچىلىك دەرىجىدىكى ئادەملەر؟ياخشى كۈزىتىپ باقايلىچۇ؟

ئاللاھ دىن قەۋمىمىزگە شۇنداق تىلەيمەنكى گۇناھلىرى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىدىغان كىشىلىرىمىزنى ئازلىتىپ بەرگىن .

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

ۋاي خۇدايىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاگاھ ئەپەندىم ،مەن روك دىگەن نىمە بىلمەيمەن،ئۇنىڭ قانداق سېھرى كۈچى بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، \"\"......كەلگۈسىدە ئىتىقات رامكىسىدىن ھالقىيدىغان نۇقۇل مىللىلىك بىلەن

ياقتۇردىغانلار ئىتىقاتى قانچىلىك دەرىجىدىكى ئادەملەر؟ياخشى كۈزىتىپ باقايلىچۇ؟ \"\" دەپسىز ھەرقانچە بولسا مۇشۇ بىر ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلىق سەۋەبىدىنلا  سىز مېنى مىللەتچىگە ياكى كاپىرغا چىقىرىۋەتمەيدىغانسىز ھە ؟ ياخشى كۆزىتىپ باقماقچى بولسىڭىز كۆزىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ، مەن بىرىنچىدىن ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن،ئىككىنچىدىن ئىرقچىلىق خاھىشى بار مىللەتچىلەردىن ئەمەسمەن،ئۈچىنچىدىن ياخشى مۇسۇلمان بولۇشقا تىرىشىۋاتقان بىرىمەن..بۇ ناخشىنى ئاڭلىغاندا بىر خىل غېرىپلىقنى ھېس قىلدىم؛خۇددى ئۆزەمنى ۋەتەننىڭ سەھرالىرىدا كىتىۋاتقاندەك،بىپايان دالالىرىدا توختىماي يۈگىرىۋاتقاندەك،ئىگىز تاغ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ۋارقىراپ ئىچىمنى بوشىتىۋاتقاندەك بىر خىل ھېسياتلارغا كەپ قالدىم ھەمدە ناخشىنى  ھەر ئاڭلىغاندا مەن ھېس قىلىۋاتقان بۇ غېرىپلىق كۈچىيىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى...بەلكىم ۋەتەننى سېغىنىپ كەتكەنلىكتىن مۇشۇ ناخشىدىكى ھېسياتنى ياقتۇرۇپ قالغاندىمەن...سىز بەك ئېغىر گەپلەرنى قىلىپ تاشلاپسىز ئادەمنى بىئارام قىلىپ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 18:36:58

14- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھاھاھا

بەك خۈدۈكسىرەپ كەتمەڭ

ما ناخشىنى ئىشخانىمىزدىكى بىر قارا كاپىرغا ئاڭلىتىپ باقسام ياقتۇرمىدى\"\"

بولمىسا ئالدىنقى قېتىم ئەسقەرنىڭ بىر ناخشىسىنى ئاڭلىتىپ قويغانغا س د سىنى تېپىپ بەر دەپ بىر ئاي ئاۋارە قىلغان مىنى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 19:38:49

ئۆزى ياقتۇرمىسىلا قالپاقتىن بىرنى كەيدۈرىدىغان گەپ ، خۇددى ئۆزى ياقتۇرمىسىلا خەقمۇ ياقتۇرماسلىقى كىرەكتەك .

ئاگاھ ئەپەندىم ، مەن كەيپىياتىم تۆۋەن چاغلاردا روك مۇزىكىسىنى تىڭشايمەن . مېنى قايسى كاتىگورىيەگە ئايرىيسىز ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 19:41:43

بىرلىرىگە قارىسا ناخشا - مۇزىكا ھارام دەۋاتقان ، يەنە بىرلىرى روك مۇزىكىسى ھارام دەۋاتقان . ھەقىقىي ئىلىملىك موللىلار تۈگەپ كېتىپ چالا موللىلارنىڭ قولىغا قالمىغاندىمىز ؟ توۋا ، ئىسلامنى شۇنچە بۈيۈك بىلىدىكەن يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ خاھىشى ئۈچۈن بۇرمىلاپ باقىدىكەن . مۇشۇمۇ مۇسۇلمانچىلىقمۇ ئەمدى ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 19:45:19

مىسرانىمدىن ئىزدىنىشقا غازات قىلغىلى چىقمىغانسىلەر ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-11-28 20:04:02

4-5 قېتىم ئاڭلىۋەتتىم
بەت: [1] 2 3
: نىمىشقا بۇنچىۋالا ئاڭلاۋاتقىنىمنى بىلمىدىم [كۆچۈرۈلمە][ناخشا-مۇزىكا]