hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 20:36:18

يەھۇدىلارنىڭ تىجارەت پاراسىتى

«يەھۇدىلارنىڭ تىجارەت پاراسىتى » نامىلىق كىتابتىن تەرمىلەر






يېقىندا " يەھۇدىلارنىڭ تىجارەت پاراسىتى" دېگەن كىتابنى ئوقۇغان . ئادىتىم بويىنچە مۇھىم دەپ قارىغان نوقتىلارنى كۆچۈرمە قىلىپ دوستلارغا سۇندۇم. بىرەر جۈملە گەپ سىزگە ئىلھام بۇلۇپ قالسا، ياكى تەپەككۇرىڭىزغا يېڭى پىكىرلەرنىڭ سايىسىنى تاشلاپ قالسا پېقىرنى ئەسلەپ قويارسىز . قېنى ئەمىسە باشلىدۇق :




يەھۇدىلار « بىر كىتاب» نى ئۆلگە ، تەڭرىنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش بىلەن مىللەت ئەزالىرىنىڭ سالاھىيتىنى بىكىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغان ( 5)



يەھۇدىلار دۇنيا بويىىنچە مىللىي ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت (11)



مائارىپقا ناھايتى ئەھمىيەت بىرىدۇ ، يەھۇدىي ئائىلىللىرىدىكى ھەربىر ئاتا – ئانا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بۇلۇپ كەتسىمۇ ، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتىدۇ (18)



بېيىشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسىتى نۇقۇل سودا قىلىشلا بولماي ، تىجەشكە ماھىر بۇلۇپ ، قالايمىقان بۇزۇپ – چاچماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ (36)



پۇلنىڭ مەغرۇر قىياپىتى ئالدىدا توققۇز تەزىم قىلىپ تۇرغان ئەقىل – پاراسەت قانداقسىگە پۇلدىنمۇ مۇھىم بولسۇن (56)



يەھۇدىيلار زاھىتلىق ئاسارىتىگە ئۇچراپ باقمىدى (58)



«تالمۇد» نامۇۋاپىق رىقابەتكە قارشى تۇرىدۇ . بۇنىڭدا بۇنىڭدا بىر دۇكاننىڭ يېنىغا ئوخشاش تاۋارلارنى سالىدىغان دۇككان سېلىشقا تامامەن ئوخشاش نەرسىلەرنى سېتىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن (98)



قانۇن ئاستىدا ئاجىزلار مەۋجۇت ئەمەس (98)



قانچە قىممەت نەرسىلەرنى سېتىۋالسا ، ئۆزىنىڭ سالاھىيتى،ئورنى باشقىلارنىڭكىدىن شۇنچە يۇقرىدەك كۆرىنىدۇ ، بۇ بايۋەچچىلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى (158)



ناھايتى نۇرغۇن كىشىلەر باھاسى يۇقىرى ماللارغا بەك ئىشىنىدۇ  ،باھا قانچە يۇقىرى بولسا ، مال تەبئىي ھالدا شۇنچە ياخشى بۇلىدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئەگەر تاۋارنىڭ باھاسى ناھايتى تۆۋەن بۇلۇپ ، ئۇنىڭ سىرىتقى كۆرىنىشى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ ، ساتقۇچى قانچە ماختىسىمۇ ، خېرىدارلار ئانچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ (162)



يەھۇدىي سۆدىگەرلىرىنىڭ خەيرى – ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇلارنىڭ يەنە بىرخىل تىجارەت دەىستۇرىدۇر.ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى جامائەت ئىشلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ ئىئانە قىلىپ ، يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن . بۇ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تىجارەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ناھايتى پايدىلىق بولغان (175)



يەھۇدىي سۆدىگەرلەر مال ساتقۇچىلار بىلەن پۇتۇشكەندىن كىيىن ، داۋاملىق خېرىدارلار بىلەن ئالاقە باغلاشنى مال سېتىشتىكى مۇھىم ھالقا دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىتقاد قىلىدىغان ئۆلچىمى :« ھەققىي مال  سېتىش – مالنى سېتىپ بولغاندىن كىيىن باشلىنىدۇ » . ئۇلارنىڭ تىجارەت دەستۇرى :« مال سېتىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت – خېرىدار مال سېتىۋالغاندىن كىيىن بۇلىدۇ » (188)



ناھايتى نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە بازار پۇرسىتى يوق دەپ قاقشايدۇ.ئەمەلىيەتتە مەسىلە پۇرسەتتە ئەمەس، بەلكى پۇرسەتنى سېزىدىغان كۆز ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ كەملىكىدە (206)



شارائىتقا ماسلىشىپ ھەممىنى جانلىق ئىشلىتىش كېرەك(210)



ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كۆرەش نىشانى بولمىسا ، ھەم ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىپ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىمىسا ، بۇ ئادەمنىڭ كەسىپتە مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشى تۇلىمۇ قىيىن (213)



بارلىق چوڭ كارخانىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى : ئادەم تونۇيدىغان بىر خىل ئۆتكۈر كۆزگە ئېگە بولغانلىغىدا (216)



2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى



باشقا تاققۇ-تۇققۇ يازمىللىرىم بۇ يەردە

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 21:33:11

يەھۇدىلارنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئۆزىگە كەلگەن پەيغەنبەرلەرنى ئۆلتۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىش.

مەسلەن  在《讨拉特》(旧约)的《申命记》第十八章第18和19节中记载:“穆萨(摩西)啊,我必在他们的兄弟中间给他们兴起一位先知,像你。我要将当说的话传给他;他要将我一切所吩咐的都传给他们。谁不听他奉我名说的话,我必讨谁的罪。”这段原文是记录在他们现有的经典中的





伊玛目·伊本·盖伊目(愿主慈悯他)就《讨拉特》(旧约)第五章说道:“\"主从西奈而来,从西珥向他们显现,从巴兰山发出光辉,从万万圣者中来临,从他右手为百姓传出烈火的律法。\"这一段中,概括了三项圣迹:先知穆萨的圣迹,先知尔萨的圣迹,和先知穆罕默德(真主的祝福与安宁属于他们)的圣迹。\"从西奈而来\",\"西奈\"是真主与穆萨交言,并命他传达使命的那座山。\"从西珥向他们显现\",那是先知尔萨出现的地方,位于耶路撒冷。\"西珥\"是那里至今存在的一个村庄,这是对尔萨为先知的报喜。”

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 22:58:16

بۇ ئارتۇقچىلىقىنىڭ سودا بىلەن نېمە مۇناسىۋېتى بار؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 23:38:59

يەھۇدىلارنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئۆزىگە كەلگەن پەيغەنبەرلەرنى ئۆلتۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىش.

.......................................................

يەھۇدىلار ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىغى  بىلەن دۇنيانى  كونتۇرۇل  قىلىپ يۈرىيدۇ ، بىز  بولساق  كىم ئۆزىنى پەيغەمبەر،  پەيغەمبەرنىڭ  ئەۋلادى دەۋالسا  بېشىمىزغا ئېلىپ  كۆتۈرۈپ بولغان  ھالىمىز  مۇشۇ .

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 23:47:12

كونتۇرۇل  ئەمەس كونتىرول.

بىر نەچچە ئىشنى باھانە قىلىپ ھەممىگە ھۇجۇم قىلىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى (بۇلۇپمۇ ماڭا ساماننىڭ تىگىدىن سۇ يۇگۇرۇتكەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ،ئوغلۇم ساڭا دەي كىلىنىم سەن ئاڭلا دىگەندەك).

ھەممە ئادەم ئۆزىگە چۇشلۇق ئۆزىنىڭ ئىشىنى پۇختا قىلغان ياخشى.قىيامەتتە باشقىلار قىلغان خاتا ئىش ئۇچۇن سىزنى بىزنى ئازاپلاپ يۇرمەيدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى ئۇچۇن جاۋاب بىرىدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 00:02:26

كونتۇرۇل ئەمەس كونتىرول.

。。。。。。。。。。。。。。。。。。。

ئېنگىلىسچە كونتىرول دەپ  ئوقۇلامدا ؟؟؟ بەرىبىر سىرتتىن  كىرگەن  سۆزلۈك بولغاندىكىن  دەپ  تىلىمغا كەلگىنىنى  يېزىپ ساپتىمەن  شۇ ................

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 08:34:15

يەھۇدىلار يەھۇدى  بولغانلىقى  ئۈچۈن  يەھۇدى ، شۇڭا  بىز  ئۇلارنى  يەھۇدى  دەيمىز...  {:92:}  



  لېكىن  يەھۇدىلارنى ئەزەلدىن  ھاراقنى  دوست  تۇتمايدۇ  دەپ  ئاڭلىدىم ، مانا  بۇ مىللىتىمىز  ئەزالىرىنىڭ  ئۈگىنىشىشگە تېگىشلىك مۇھىم  تەرىپىمىكىن . چۈنكى  ھاراق( يەنە  باشقا  كەيپلەر )نى  دوست  تۇتقان  شەخس  ۋە  مىللەت مەڭگۈ  پەقىرلىق ، بەختسىزلىك ، بىتەلەيلىك  ئىچىدە ئۆتۈپ  بۇ دۇنيانىڭ  خولۇقىنى كۆرمەي  ئۆتۈپ  كېتەرمىش .

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 08:44:44

东方网9月18日消息:尽管犹太人和欧洲人都是白种人,但与欧洲白种人不同的是,犹太人很少有痴酒、酗酒、甚至酒精中毒的恶习。长期以来,人们认为是犹太宗教让犹太人远离酗酒,但最近的科学研究表明,犹太人体内有一种特殊的基因,正是因为它,犹太人才不愿多饮酒,这与宗教因素没有什么必然联系。



...........

哈辛说,ADH2*2基因变体会大大减少人体对酒精的依赖程度,这就是为什么以色列是发达国家中酗酒人数比例最少的国家之一的原因。



  بۇنى دىننىڭ  ئىنسانىيەت  ھاياتىدىكى ئەڭ  مۇھىم  رولىنى چۈشەنمەيدىغان   بىرى  يازغان ئوخشايدۇ ، لېكىن يەھۇدىلارنىڭ  نىمە ئۈچۈن  يەھۇدى  بولىدىغانلىقىنى  چۈشىنىشىمىزگە بىراز  پايدىسى تېگىدۇ .

metduchu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-5 14:28:33

东方网9月18日消息:尽管犹太人和欧洲人都是白种人,但与欧洲白种人不同的是,犹太人很少有痴酒、酗酒、甚至酒精中毒的恶习。长期以来,人们认为是犹太宗教让犹太人远离酗酒,但最近的科学研究表明,犹太人体内有一种特殊的基因,正是因为它,犹太人才不愿多饮酒,这与宗教因素没有什么必然联系。



...........

哈辛说,ADH2*2基因变体会大大减少人体对酒精的依赖程度,这就是为什么以色列是发达国家中酗酒人数比例最少的国家之一的原因。



بۇنى دىننىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم رولىنى چۈشەنمەيدىغان بىرى يازغان ئوخشايدۇ ، لېكىن يەھۇدىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن يەھۇدى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە بىراز پايدىسى تېگىدۇ .

==================================================================================================

ئۇنداقتا ھارقكەشلەرگە يەھۇدىلارنىڭ  قېنىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا ساقىيدىكەندە؟
بەت: [1]
: يەھۇدىلارنىڭ تىجارەت پاراسىتى