ئەكرەم بارى قاتارلىق پۇتبول ئەزىمەتلەرى بىلەن سۆھبەت
بۇ ئۇلىنىش تورى ئەكرەم بارى قاتارلىق پۇتبول ئەزىمەتلەرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبەتكەن. سىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.
ئۆزغايىسىئۈچۈن غايەتزوربەدەللەرنىتۆلىگەنۋەتۆلەۋاتقانلارغابۈيۈكئۇتۇقلارنىتىلەيمەن!ئەزىمەتلەربەرىكەتلىك بولۇڭلار! بۇ يىل بىر يىل ئىچىدىلا پۇتبولچىلىقىمىز خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . ئاللاھ خالىسا بۇندىن كېيىن چۇقۇم تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ... بارىغا نىمە بوپتۇ؟
يېقىندىن بېرى مۇسابىقە ئوينىمايۋاتامدۇ ياكى توپ سالالمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟ @ ziyali جانابى تەيجۈنگە يىتىپ مەلۇم بولغايكى ،«2011-يىللىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى» ئاخىرلاشتى.شۇڭا بارى قاتارلىقلار ھازىر دەم ئىلىشتا ياكى قىشلىق مەشىقتە. ئەكرەم بۇرۇن ئوينىغان كوماندىدىن چىكىنىپ چىقتىما @ruslan007 ؟ئۇ باشقا يەرلەر بىلەن توختام تۈزگەن خەۋەر بارمۇ ؟ ئەكرەم خۇنەندىن كوماندىسىدىن كەتتى.كېيىن قەيەردە توپ تىپىشى ياكى چىكىنىشى ئېنىق ئەمەس.@UyghurBaligh يامان cool باللاكەنغۇ بۇلار، بىر بىرىدىن ساز. بارىنىڭ چاچ پاسونى مېنىڭ ئۆتكەن ئايلىق چاچ پاسۇنۇم بىلەن بىركەن{:92:}، كىم بىلىدۇ، بىر يەردە ياساتقانمۇ تېخى.. ئۇلىنىش تورى رىياسەتچى ئالماشتۇرسا،ياكى ماۋۇ چىرايلىق خاننى گەپ قىلغاندا دۇدۇقلىماي ۋاش ۋاش ۋاش سۆزلەيدىغان قىلىپ تەربىلىسە بولىدىكەن.ئىچىمنى سىقىۋەتتى ئې.........ئېېېېې ئې......دەپ.... چوقۇم قىز رىياسەتچى بولۇش شەرت ئەمەستى، ياخشى قىلالىسا ئەرلەر قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ! مەن پوتبولغا قىزىقمايمەن، لېكىن ئويغۇرلوقنىڭ تۈرتكىسىدە بارى، مەمەتجان دىگەندەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزلەپ تورىمەن...بۇ زىيارەت لىنتىسىنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم، ھەقىقەتەن بىر-بىرىدىن ئېسىل بالىلاركەن، ئاللا ئولارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن....
لېكىن ما سىن ئالغۇچى ئاداشنىڭ قېلىغى تازا ياقمىدى، دەسلىۋى گەپ قىلغان ئاق چاچنى ھەممە كۆرۈنۈشنىڭ ئوتتۇرىغا قىستۇرىۋالغىنى نىمىسى، ئوچچىغا چىققان كۆتۈرمىچىلىكتە بۇ خەلىفىكا،پۇتبولغا قىزىقمايمەن دېمىگەن بولمىسىڭىز تازا بىر تىللاي دەپتىم.
يۈسۈپ ئىمىن لوڭقىسى دەپمۇ ئاڭلىمىغانمۇ؟ مەنمىغۇ جىق بىلمەيمەن،لېكىن بۇ كىشىنىڭ ئۆزى پۇل چىقىرىپ رايونىمىزدا نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئويۇشتۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان.زىيارەت قىلغان تور بەتنىڭ باشلىقى خېلى ئەقىللىقكەن،كىمنى تەكلىپ قىلىشنى،ئېكراندا كىمنى كۆپ كۆرسىتىشنى توغرا ئويلاپتۇ.
مەن بىلەن تەڭتۇش باللاكەن،لېكىن بىر قانچىسىنىڭ بىر يەرلىرىدىن بىر خىل ئارتۇقچە ئاقسالىق بىلەن ئۇنۋېرسال بىلىم-ساپادىكى چولتىلىقنى ھېس قىلدىم. بوپتۇ،نۇرغۇن دۇنياۋىي چولپانلاردىنمۇ سەسكەنگىدەك ئىشلار چىقىدىكەن،يىگىتلىرىمىز ياش، ئۇنىڭ ئۈستىگەتوۋا دېگۈدەك چوڭ ئىشلارمۇ يوق ئۇلاردا. ياشلىقتىكى شاشلىق دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى.
ئۈمىدلىك كىشىلىرىمىزدىن ياخشى بولغاندىكىنتېخىمۇ ياخشى بولسا دەپ ئۈمىد كۈتۈپ قالىدىكەنمىز ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشسۇن دېمەكچىغۇ،مەنغۇ پۇتبولدا نۆل.{:90:}
بەت:
[1]