patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 11:37:16

[تەرجىمە] ئاسان يولدىن چىقىدىغان ئاياللار

ئامرىكىلىق نىكاھ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسان چىقارغان يەكۈنى: بىخەتەر نىكاھ مۇھىتى ئىچىدىكى ئاياللار ئەڭ ئاسان يولدىن چىقىدۇ. 处安全婚姻里的女人最容易出轨.


بەلكىم ئۇلارنىڭ مۇھىتى بەك بىخەتەر بولغاچقا مۇداپىئە قىلىشقا سەل قارىغان بولسا كېرەك؛


بەلكىم ئۇلار بەكلا ئەركىن بوشلۇققا ئىگە بولغان بولسا كېرەك؛


بەلكىم ئۇلار تىپ-تىنىچ سۇدەك ھاياتتىن زېرىكىپ ، كۈۋەجىگەن دولقۇنلارغا ئىنتىلسە كېرەك؛


بىخەتەر نىكاھ شارائىتى ئايال كىشىنى تېخىمۇ جەلىپكار قىلىپ چىقىدۇ، ئۇلارغا بەخىت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەتكە بولغان قارانىيەت شەكىللەندۈرىدۇ.


ئەڭ ئاسان يولدىن چىقىدىغان 9 خىل ئاياللار:


1.      توي قىلغىلى 3 يىل ياكى 7 يىل بولغان ئاياللار


مۇھەببەتنىڭ قىزغىنلىغى تۈگىگەن چاغ، رومانتىك ،ئوتلۇق مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ.پەقەت شۇنىڭغا ئېرىشكەندىلا ئۆيگە قايتىپ خاتىرجەملىك ۋە جىمجىتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ.


2.      ئايالى كۈچلۈك، ئېرى ئاجىزراق بولغان ئائىلىدىكى ئاياللار


مەن ئالدىراش  پۇل تاپسام ، ئېرىم كۆپرەك ئائىلە خىزمىتى قىلسا مەن بەك خاتىرجەم. ئەمما مۇناسىۋەت دائىرسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەرگە ئۇچرايمەن. ئېرىق بويىغا بېرىپ سۇ ئىچمەي قايتىپ كەلگىلى بولاتتىمۇ ؟


بۇنداق ئاياللار قابىليەتلىك، ئۆزىنى ئاسراشنى بىلىدۇ، مۇناسىۋەتكە ماھىر. ئاسانلا باشقا ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدۇ.


3.      ئېرى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار


ئېرى ئايالىنى ياخشى كۆرگىنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئايالىغا زىيادە يول قويىدۇ. بۇ خىل يول قويۇش ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەركەزدىن قېچىش كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا "ئوۋچى" ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبىكتى بولالايدۇ.


4.      ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاياللار


بۇ يەردىكى ھاياتى كۈچ تولۇپ تاشقان زېھنى كۈچ بىلەن جىنسىي تۇرمۇش ۋە ھېسىياتقا بولغان يۇقرى تەلەپنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئېرى بىلەن ئاشنىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلالايدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئاۋارچىلىق ھىساپلانماستىن بەلكى ھاياجان ئېلىپ كېلىدۇ.


5.      جىنسى تەلىۋى قانمىغان ئاياللار


ئەرلەر ماسلىشىش كېرەك، ئەمما قەستەن قاندۇرۇشنى ئىستەش ئەكسىچە تەسىر بېرىدۇ. بىر ئىنسان قاندۇرۇپ يېڭىلىق قالمىغاندا تەبىئيلا يەنە بىرسىنى ئىزدەيدۇ. شۇڭا ئەرلەر بۇنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويىۋالماسلىغى كېرەك.


6.      يېڭىلا يەڭگىگەن ئاياللار


  يېڭى يەڭگىگەن ئاياللاردا ئانىلارغا خاس جەلىپكارلىق بولىدۇ، ئاياللاردا مەمنۇنىيەت پەيدا بولىدۇ. ئاسانلا باشقا ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدۇ.


7.      تۇيۇقسىز بىكار ۋاقتى چىقىپ قالغان ئاياللار


  ئاياللار يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇنداق ئاياللار ئاسانلا توردىكى مۇھەببەتكە ئىلنىشىپ قالىدۇ. كۆز ئالدىڭىزغا خىزمىتى دەۋرىيلىككە ئىگە( بىر مەزگىل ئىشلەپ بىر مەزگىل دەم ئالىدىغان) ئاياللار ۋە ئوقۇتقۇچى ئاياللار كېلىۋاتامدۇ ؟


8.      كوماندۇرۇپكىغا چىققان ئاياللار


  ئىنساندىكى ھايۋانىي ھېسىيات ۋە ئەركىنلىك، چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ.


9.      ئاچچىغىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئاياللار


  بىر مەزگىللىك ئاچچىقتا ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويىشى مۈمكىن. ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىدا بولغان ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا ئايالىڭىزنىڭ ئاچچىقتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويماڭ.


ئىلاۋە: يولدىن چىقىش ۋە چىقماسلىق پۈتۈنلەي ئايالنىڭ ئۆزىگە باغلىق، ئەر كىشى ئايالىغا ھەرگىز كۆز-قۇلاق بولۇپ بولالمايدۇ. كۆز –قۇلاق بولۇشقا تايانغان مۇھەببەت مۇھەببەت ئەمەس، كۆز –قۇلاق بولۇشقا تايىنىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نىكاھ مەنىسىز.  ئېرىڭىزنى قەدىرلەڭ، شۇندىلا ئۇ سىزنى ئەزىزلەيدۇ.  


ئەسلى تىما: http://blog.sina.com.cn/s/blog_4aef86fc0100cunk.html



قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 13:53:42

ئاۋۇ 9 -سى بىلەن 1-سى ئالمىشىپ قالغاندەك جۇمۇ... 9-سى ھەقىقەتەن بەك بار ئىش..

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 14:00:27

بەزىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار گەپلەر ئىكەن. گەپ ئۆزىدە.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 16:01:12

يول نىڭ چىكىتىدىغان تەرىپىگە رىشاتكا ئورنىتىۋىتىپ ،  ياماشسىڭىز  جەرىمانە قويۇلىدۇ دەپ يىزىپ قويسا چىكىتەلمەيدۇ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 17:57:16

،ئەيش-ئىشرەتكە تولغان ھەمجىنىسلارنىڭ جەننىتى بولغان دىنسىز-ئېتىقادسىز ئامىركىلىقنڭ ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا بېقىپ يېزىۋالغان نەرسىسى ،بىزنىڭ ئىپپەتلىك نۇمۇسچان ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ.

1.ھەرقانداق ئىناق ئائىلە 3يىللىق ياكى 7يىللىق ئائىلە ھاياتىنى باشتى كەچۈرىدۇ.

2.

3. سىز خوتنىڭىزنى ياخشى كۆرمەمسىز

4...........................................

5...........................................

6.ھەرقانداق توي قىلغان ئايال پەرزەنتلىك بولار[ھەرخىل كىسەللىك سەۋەپتىن تۇغاممايدىغانلار ھىساپ ئەمەس]

7.ھەممە خوتۇنلارنىڭ تورغا چىققۇدەك بىكار ۋاختى يوق.ئىتايىن ئاز ساندىكى بىرقىسىملا توردا يۈرىدۇ

8.ئىنساندىكى ھايۋانىي ھېسىيات ۋە ئەركىنلىك، چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ. بۇ ئاشۇلارنىڭ سەپسەتىسى

9. بىزدە ئەر-خوتۇن سوقىشىپ قالسا ئايال ئاپىسنىكىگە كېتىدىغۇ.(چەتئەلدە ئاشنىسىنىڭكىگە بارىدۇ-راس)

خەقلەر نىمە دىسە ھە!دەپ يۈرىۋەرمەيلى.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 19:56:15


4- قەۋەتتىكى hoopeeloverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

،ئەيش-ئىشرەتكە تولغان ھەمجىنىسلارنىڭ جەننىتى بولغان دىنسىز-ئېتىقادسىز ئامىركىلىقنڭ ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا بېقىپ يېزىۋالغان نەرسىسى ،بىزنىڭ ئىپپەتلىك نۇمۇسچان ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ.

                                                                                       


ئۇيغۇردىنمۇ جىق ئۇچىرتىۋاتىمىزغۇ ھەمجىنىسلارنى


baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 23:00:49

بۇ تېما خېلى جىق ئەرلەرنى گۇمانغا سېلىپ قويغۇدەك .......      \"\"

ئايال كىشى چىرايى ، ئىقتىسادى ، نەسەبى ۋە دىيانىتى قاتارلىق تۆت جەھەتتىن پەرىقلىنىدىكەن ، ئەگەر سىز ئوبىكىتنى توغرا تاللىيالىغان بولسىڭىز ھەر قانداق تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى بولسىمۇ ئائىلىدىن چاتاق چىقمايدۇ ، پەقەت سىزلا ئامانەتنى جايىدا ساقلىيالىغان بولسىڭىز ........ چۈنكى بازاردا ئالارمەن بولمىسا ساتارمەن نىمىش قىلسۇن ..............................   \"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 00:17:27

توي قىلغىلى 3 يىل ياكى 7 يىل بولغان، ئۆزى كۈچلۈك، ئېرى ئاجىزراق بولغان، ئېرى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، جىنسى تەلىۋى قانمىغان، يېڭىلا يەڭگىگەن، تۇيۇقسىز بىكار ۋاقتى چىقىپ قالغان، كوماندۇرۇپكىغا چىققان، ئاچچىغىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئاياللاردىن پاناھ تىلەيمەن.  {:92:}

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 09:39:00

4-قەۋەتتىكى پىكىرنى قوللايمەن.

شۇنداقتىمۇ تەرجىمىگە تەرجىمە پېتى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى.

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 13:28:06

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 14:57:49

شۇنداق قىلىپ كىملەر يولدىن چىقىدىكەن؟ \"\"

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 15:18:57

ئاياللارمىكىن

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 17:17:39

مەيلى بىز خالامدۇق-يوق، ئۇيغۇر ئاياللىرى بارغانسىرى ئەركىن بولىۋاتىدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىل، كىيىم كىيىش، بېرىش -كىلىشلەردە ئەركىن، باشقا يۇرىتتا ئىشلەيدىغانلارغا يامانلاپ قالسا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىدىغان ئىش يوق، كوماندروپكا، ئىسمىنا ئىشلەش، كەچلەردە ئىش قوشۇپ ئىشلەش لەر بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. سودىگەر ئاياللار ئۆزى مال سېتىۋېلىشقا چىقىدۇ، نۇرغۇن خېرىدارلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ھەممىسىلا دىگۈدەك يات مىللەت تىل-مەدەنىيتى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىۋاتىدۇ، تىرىكچىلىك بېسىمى ئېغىر.زامانىۋى ئالاقە ۋاستىلىرى ،تېلفۇن قىسقا ئۇچۇرى، تور، مۇنبەر، بلوگ، QQ,MSN دىگەندەكلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى،مەۋھۇم دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىدىن كۆپ. قىسقىسى مۇشۇنداق شارائىتتا بۇرۇنقى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە دىنى ئېتىقادى يەنە بۇرۇنقى پېتى ساقلىنالامدۇ ؟ ھازىرقى ئاياللارنىڭ دىنىي ئېتىقاد قارىشى، دۇنيا قارىشى بۇرۇنقىغا ئوخشامدۇ ؟

تىمىدىكى قىزىل رەڭ بىلەن بوياپ قويغان يەكۈن ئەرلىرىمىزگە تەسىر قىلسا ئەجەپ ئەمەس. ئاياللار پەرىشتە ئەمەس ،مەيلى قانچىلىك گۈزەل،نازاكەتلىك بولسۇن ئۇلارمۇ ئىنسان، كەمچىللىگى بار، ئاجىزلىغى بار.ئۇلارنى چۈشىنىش تۇرمۇشنى چۈشىنىشنىڭ بىر قىسمى. چەكسىز يول قويىۋېتىش ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بىلەن باراۋەر.خاتىرجەم،باياشات تۇرمۇشقا ئىنتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نىكاھقا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ ماڭمىساق، باياشاتچىلىقنى كۆتۈرۈپ ماڭالمايدىغان ئىشلار كېلىپ-چىقىدۇ. مەن شۇنداقلا چۈشەندىم.

ئەمەلىيەتتە يۇقارقى تىمىدىكى «ئايال» دىگەن سۆزنى «ئەر» دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرىۋەتسەك تىمىدىكى كۆز قاراشلار يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.   {:107:}  

ئېتىقادنىڭ پۈچۈكلىگى ئاساسى سەۋەپكار.

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 17:23:50

ئەگەر بۇ تىما « تۈۋەندىكى 9 تۈرلۈك ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى تەبىئىي» دىگەن مەنانى بېرىپ بەزى ئاياللارغا بانايى-سەۋەپ بولىشى مۈمكىن بولسا   {:136:}   مېنى يۈز دەررە ئۇرغايسىلەر.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 17:33:55

خېلى تاياق كۆتۈردىغان بالىدەك كۆرىنىدىكەنلا دېمىسىمۇ   {:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 18:32:18

7- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توي قىلغىلى 3 يىل ياكى 7 يىل بولغان، ئۆزى كۈچلۈك، ئېرى ئاجىزراق بولغان، ئېرى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، جىنسى تەلىۋى قانمىغان، يېڭىلا يەڭگىگەن، تۇيۇقسىز بىكار ۋاقتى چىقىپ قالغان، كوماندۇرۇپكىغا چىققان، ئاچچىغىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئاياللاردىن پاناھ تىلەيمەن. \"\"

\"\"شۇنداق  قىلىپ  بىرەر  پاناھلىق  تاپتۇقما \"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 19:07:47

تىرىشىۋاتىمەن، ئۇلارمۇ تىرىشىۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ تەس.  {:92:}

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 06:27:16

بىر زات ھەكىم قايدا دەيلىكىن ؟ \"\"

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 09:58:09

بالىلا ر  ،  ما ئاسان  تاپتىن  چىقىدىغاننى  بىلىۋالدۇق .ئەمدى  ما ۋۇ  ئاسان  تاپتىن  چىققىنى ئۇنىمايدىغانلارنى  بى  دىيىشىپ  باقىلى ... \"\"

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 12:52:44

18- قەۋەتتىكى oghoz1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بالىلا ر ، ما ئاسان تاپتىن چىقىدىغاننى بىلىۋالدۇق .ئەمدى ما ۋۇ ئاسان تاپتىن چىققىنى ئۇنىمايدىغانلارنى بى دىيىشىپ باقىلى ... \"\"





يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسى دەل شۇ !

بەت: [1]
: [تەرجىمە] ئاسان يولدىن چىقىدىغان ئاياللار