ئۇيقۇسىزلىق ھېس قىلسىڭىز،سەۋەبىنى بۇ يەردىن ئىزدەپ بېقىڭ[تەرجىمە]
ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ: سالامەتلىك، فىزىئولوگىيە ، پىسخىكا ،روھى كېسەللىك،دورا قاتارلىقلار.
1. بەدەندىكى كېسەللىك ئەھۋالىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق
ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەردىن يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، دەم سىقىلىش، ياللۇغلانغان يارا، بۇغۇم ياللۇغى،سۆڭەك بۇغۇم كېسەللىكلىرى،ئاشقازان ئۈچەي كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا نەپىسى توختاپ قېلىش ئونىۋېرسال كېسەللىك ئالامىتى،قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئۇخلىغاندا مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىشى،مېڭە كېسەللىكى قاتارلىقلار بار.
2. فىزىئولوگىيە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق
مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى،فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئادەمدە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ،مەسىلەن، ماشىنىدا، پاراخوتتا، ئايروپىلاندا ئولتۇرغان ۋاقىتتىكى ئۇخلاش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ياتاق ئۆيىدىكى كۈچلۈك چىراق يورۇقى، بەك ئىسسىق بولۇشى ۋە بەك سوغۇق بولۇشىنىڭ ھەممىسى ئۇيقىسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولسا، بەزى ئادەملەر بۇنىڭغا قارىتا بەكلا سەزگۈر بولۇپ ماسلىشىشچانلىقى ناچار بولغاچقا، مۇھىت ئۆزگەرسىلا ئۇخلىيالمايدۇ.
3. پىسخىكا روھى ھالەت ئامىلى تەرىپىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق
جىددىيلىشىش، تىت تىت بولۇپ بىئاارامسىزلىنىش، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ئۆزىنى خۇشال تۇتماسلىق،قاتارلىق پىسخىكا ئامىللىرى، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇش زەربىسى،خىزمەت ۋە ئۆگۈنۈش بېسىمى،ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇ ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پسىخىكىسىدا تەسىر پەيدا قىلىپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. دورا ئىچىش ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق.
ئۇرۇقلىتىش دورىسىغا ئوخشاش ئاساسىي نېرۋىنى غىدىقلايدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىپ، بىردىنلا ئىشلەتمىگەندىمۇ ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، قارا بېسىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
5. ئۇيقۇسىزلىققا بولغان قورقۇنچتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق.
بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەلىپى بىر ئاز كۈچلۈك بولۇپ، ياخشى ئۇخلىغاندىلا ئاندىن ئادەمنىڭ بەدىنى ساغلام بولىدۇ، ياخشى ئۇخلىمىسا بەدىنىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خىل ئۇيقۇغا بولغان ھەددىدىن زىيادە قارىغۇلارچە ئىشىنىش، ئۇيقۇغا بولغان بېسىمنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەملەرنىڭ ھامان ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئەمما بەزى ئادەملەر بۇ خىل قىسقا ۋاقىتلىق ياخشى ئۇخلىيالماسلىقنىڭ بەدىنىگە بولغان زىيىنىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ، ئۇخلاشنى ئويلىغان ۋاقىتتىلا قورقۇنچ ھېس قىلىپ ، ھەمىشە چوقۇم ياخشى ئۇخلاشنىلا ئويلاپ ، بۇنىڭ ئەكسىچە ياخشى ئۇخلىيالماسلىقتەك ئەكىس تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا بەلكىم ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشمۇ بارغۇ دەيمەن... ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ! ئۇيقىسىزلىق بىر ئاشىقلىقتىن،بىر قەلەندەرلىكتىن دەيدىكەن
مەن قەلەندەر،شۇڭا پۇلغا ئاشىق

ئەمما ئۇيقۇم بەك ياخشى ئۇيقۇم بەك ياخشى، كەچتە ئۇخلاي دەپ ياتسام، 15 مىنۇت ئىچىدىلا ئۇيقۇغا كىرىپ بولىمەن. مەن قەھۋە ئىچسەم ئۇخلاپ قالدىكەنمەن دېسە

5- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن قەھۋە ئىچسەم ئۇخلاپ قالدىكەنمەن دېسە![]()
ئۇنداق بولسا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ باق.