kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 17:08:05

شىنجاڭ چولپانلار پۇتبول كوماندىسى قاراماي سەپىرى

جۇڭگو كەسپىي
پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى شىنجاڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ قاراماي سەپىرى



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار !


قاراماي شەھەرلىك«كىچىك بۈركۈت»ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول
كۇلۇبىنىڭ تەكلىپ قىلىشى،پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ،قاراماي شەھەر،رايونلۇق
تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە شۇنداقلا قاراماي شەھرىدىكى يىللاردىن بېرى پۇتبول ئىشلىرى
ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان چوڭلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن جۇڭگو
دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە باشقا ھەردەرىجىلىك كەسپىي
بىرلەشمىلەردىكى داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئويناۋاتقان ئەكرەم ئەھمەد،بارى،ئابدۇۋەلى
ئابلەت،دىلمۇرات،يەھيا،ئارافات،پەرھات قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىزدىن تەركىب تاپقان «شىنجاڭ
چولپانلار كوماندىسى» قارامايغا كېلىپ كەڭ پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن يۈز
كۆرۈشمەكچى.


«شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى» بۇقېتىملىق قاراماي سەپىرى
جەريانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.


1.پۇتبول مەستانىلىرى
بىلەن يۈز كۆرۈشۈش،پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى.



2011-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دە، «سۇمرۇغ» رېستۇرانىدا
«شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى»دىكى ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ
يېقىن ئارلىقتا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىنىدۇ.


2. «شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى»بىلەن قاراماي«كىچىك بۈركۈت»100كىشلىك
ئۆسمۈرلەر كوماندىسى قىزىقارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى.


2011-يىل
11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:30دە قاراماي شەھەرلىك
تەنتەربىيە مەزكىزى پۇتبول مەيدانىدا «كىچىك بۈركۈت» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول
كۇلۇبىنىڭ مەشق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئۆسمۈر پۇتبول مايسىلىرىغا مەدەت
بېرىش مەقسىتىدە «شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى»بىلەن قاراماي«كىچىك
بۈركۈت»100كىشلىك ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىرمەيدان قىزىقارلىق پۇتبول
مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.



3. «شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى»بىلەن«قاراماي كوماندىسى» پۇتبول
مۇسابىقىسى.


2011-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى
سائەت 2:00دە،قاراماي شەھەرلىك تەنتەربىيە مەزكىزى پۇتبول مەيدانىدا «شىنجاڭ
چولپانلار كوماندىسى»بىلەن«قاراماي كوماندىسى» ئارىسىدا بىر مەيدان يۇقىرى
سەۋىيىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.



ئەسكەرتىش: يۇقرىقى پائالىيەتلەر ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ،ھېچقانداق بېلەت
سېتىلمايدۇ.كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!



قاراماي شەھەر «كىچىك بۈركۈت» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 21:15:13

بۇ بەك ياخشى خەۋەر بوپتۇ... ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىكرەك خەۋەر بىلەن تەمىنلىسەڭلار.

kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 09:15:27

باشقۇرغۇچىلار ئېغىر كۆرمەي خەت نۇسخىسىنى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن ، رەھمەت\"\"

kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 18:08:36

پاھ-پاھ !ما تېمىغا نېمىدىگەن ئېسىل ئىنكاسلار چۈشكەن-ھە !

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 20:50:25

ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا بىر بېرىپ كۆرىدىغان ئىشكەنتۇق. ئاۋۇ قاراماي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىغە قارىغاندا 100 كىچىك بالا بىلەن بولغان مۇسابىقە بەك قىزىيدۇ ھەقىچان..

ئەكرەم قايتىپ كەپتۇ. بارى كۇلۇب ئالمىشىدىغان ئوخشايدۇ.

kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 22:20:37

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!


بىرىنچى تۈركۈم «شىنجاڭ
چولپانلار كوماندىسى» ئەزالىرى بۈگۈن قارامايغا يېتىپ كەلدى.


بۈگۈن (2011-يىل 11-ئاينىڭ
17-كۈنى) «شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى» دىن ئارافات ، تاھىر قاتارلىق ئەزىمەتلەر بارى
ئۇستام ھەيدىگەن ماشىنىدا ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندىن باشلاپ ئىككى
قولىدا تۇتقۇچنى چىڭ تۇتقان ھالدا ،ئۆزلىرى بىلدىغان سۈرە-ئايەتلەرنى توختىماي ئوقۇپ
، بىلىدىغىنى تۈگىسە يەنە قايتىلاپ ئوقۇپ . ھەربىرقېتىم تۈگىسە بارى ئۇستامغا بىر
قېتىم«سۇف»دەپ ،جەمئىي 99 قېتىم تامام بولغاندا قاراماي دىيارىمىزغا ساق-سالامەت يېتىپ
كەلدى. ئارافات بىلەن تاھىر ئىشىكنى ئېچىپلا «خۇداغا يۈزمىڭ شۈكرى» دەپلا ئۆزلىرىنى
يەرگە ئېتىشىپ «بارى ماشىناڭغا چىققان جىمى گۇناھ ئۆزەمدە»،«ئەمدى بۇلماق يىمەيمەن
، بۇلماق يېسەممۇ ئەمما بارىنىڭ ماشىنىسىغا چىقمايمەن» دېگەن ناخشىلارنى يەرگە مۇشتلاپ
تۇرۇپ چاتما قىلىپ ئېيىتتى .


بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى
ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەركىنكام، جۈرئەت مۇئەللىم،نەيىمكاملار
چولپانلىرىمىزنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتىۋالدى.





\"\"





\"\"





\"\"





\"\"





\"\"





\"\"





\"\"




ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 22:41:43

يەھيا كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 22:56:23

6- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەھيا كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

باشقىلار خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە كېلىدۇ

qingil يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 22:10:23

مۇشۇ پائالىيەتنى ئۆرۇنلاشتۇرغان قارمايلىق قېرىنىداشلارغا رەخمەت،،،،،،ئۇيغۇرنىڭ پەخرلىك پۇتبول ئەزىمەتلىرى قارمايدا كۆڭۇللۇك ئۆيناپ كېلڭلار،،،،،قارمايلىقلار بەك مىھماندوس مەرت سىخى ،،،،،،،،

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 22:45:59

نەق مەيدانغا بارالماي قالدىم دە ، ئىسىت   يەھيابىلەن كۆرۈشمىگىلىمۇ نە زامان بولۇپ كەتتى. \"\"

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-11-25 12:27:18

بۇ يەردە ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەت فىلىمى باركەن ،ئابدۇۋەلى بىلەن ئەكرەمنىڭ خېلى ياخشى گەپلىرى باركەن كۆرۈپ بېقىڭلار ،ئاخىردىراق ھە


http://2011.nur.cn/show.php?mid=7

بەت: [1]
: شىنجاڭ چولپانلار پۇتبول كوماندىسى قاراماي سەپىرى