3 ياشلىق بالىلار ئوقۇغىدەك كىتاب بارمۇ؟ (بىرزات)
ئوغلۇم 3 ياشقا كېرەي دەپ قالدى، ماھىر زەيننىڭ <<سۇبھانەللا>> ، << باركاللا>> دېگەن ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭىغا مەھلىيا بولۇپ غىڭشىپ قوللىرىنى، باشلىرىنى لىڭىشتىپ ئۇسۇل ئويناپ كېتىدۇ. ئابلاجاننىڭ <<تاققا-تۇققۇ>>، <<ئوينايدىغان بالا بارمۇ>> دېگەندەك بالىلار ناخشىلىرىغا ، ئابدىكىرىم ئابلىز ئېتوتىدىكى <<قاسىم قوشۇق>>نىڭ قوشاقلىرىنى خىلى كىلىشتۈرۈپ دوراپ ئوقۇپ كېتىشلىرى بار تېخى. بالىلارنىڭ تازا دورايدىغان مەزگىلى ئىكەن. ياتاق ئۆيىگە رەسىملىك ئۇيغۇر ئىلىپە جەدىۋىلى دېگەنلەرنى چاپلاپ بەردىم، قاراپ خىلى تونۇپ قاپتۇ. ئانىسى بەزى دۇئا ۋە قىسقا سۈرىلەرنى ئۈگۈتۈپ قويۇپتىكەن، بىر ئوبدانلا ئوقۇپ يۈرۈيدۇ. گەپلىرى شۇنداق چۈچۈك، ئويلاپ باقمىغان گەپلەرنى قىلىپ ئادەمنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدۇ. مۇشۇنداق زىھنى ئوچۇق، كاللىسى سۈزۈك ۋاقىتلاردا بىلىشىنىڭ تېزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ مۇشۇ يېشى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىغا ماس تۈزۈك بىر نەرسە ئۈگۈتەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ مەنمۇ سەل ئالدىراپ قالدىم. ئەمدى كەچلىرى ئوقۇپ بىرىدىغانغا بالىلار كىتابى بولسا سېتىۋالاي دەپ كىتابخانىغا بارسام ئاساسەن دېگۈدەك چەتئەل تېللىرىدىن، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان رەسىملىك بالىلار كىتابلىرى بار ئىكەن. ساپ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاساسىدىكى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەپەككۇرىغا ماس بالىلار كىتابلىرىنى تاپالمىدىم. ئانىسى ئۆزى ئىچىدىن توقۇپ بەزى چۆچەك-ھىكايىلەرنى ئوقۇپ بىرىپ ئۇخلىتىدۇ. لىكىن ئىچىدىن توقۇيدىغان مەزمۇن سەل ئوخشاپ قالسا بالا زىرىكىپ قالىدىكەن.
تورداشلارنىڭ 3 ياشتىكى باللىرىغا قايسى خىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بىرىدىغانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر بالىلار تەپەككۈرىغا ماس قانداق كىتابلار نەشىر قىلندى دېگەنلەرنى ئورتاقلاشقان بولساق.
خەتكۈچ
تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە «ئافرىقا خەلق چۆچەكلىرى» دېگەن كىتابچە قولۇمغا چىقىپ قېلىپ، كىچىك بالىلارغا ئوقۇشلۇق قىلىنسا تازا ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. ۋەقەلىكى ئاددىي، قىزىقارلىق، ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىگىرەك ئوخشاپ قالىدۇ، لېكىن بالىلارچە تىل بەك مول.
ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىنڭ ھەرخىل مەزموندىكىلىرى بارغۇ؟مەن ساۋادىمنى چىقىرىپلا ئۇقۇغان. 3 ياشلىق بالا ئاتا-ئانىسى ئۇقۇپ بەرسە تازا ئوبدان بولىدۇ مەن بىلمەسجاننىڭ قوياش شەھرىگە ساياھىتىنى ئوقۇپ بېرەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن {:106:}
يالغانچى تۇسۇقنىڭ كىتابى چىققانمۇ؟ كىتابى بولسا ئاشۇمۇ خېلى بولاتتى.
2- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىنڭ ھەرخىل مەزموندىكىلىرى بارغۇ؟
مەن ساۋادىمنى چىقىرىپلا ئۇقۇغان. 3 ياشلىق بالا ئاتا-ئانىسى ئۇقۇپ بەرسە تازا ئوبدان بولىدۇ
بولىدىغان كىتاپ، تاللاپ ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ.
ئۈچ ياشلىق بالا ھەقىقەتەن كىچىك. سىز بالىڭىزنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان كىتاب ئىزدىسىڭىز ھە، دېمەيلا چەكلىمىگە ئۇچراپ كۆڭۈلدىكىدەك كىتابلارنى تاپالماسلىقىڭىز تۇرغانلد گەپ. لېكىن سىز ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان ياخشى دادا ئىكەنسىز. چۈنكى سىز بالىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ پەۋقۇللادە تېز بولىۋاتقانلىقىنى مۇ ھېس قىلىپ يېتىپسىز شۇنداق ئىكەن سىز بالىڭىزنى ئەقلى جەھەتتىن كىچىك كۆرمەي «چىن تۆمۈر باتۇر»، «شىراق»، «ئوغۇزخان»... قاتارلىق تارىخى شەخسلەر ھەققىدە ئاغزاكى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ. تازا قىزىق يېرىدە توختۇتۇپ قويۇپ ئەتىسى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىپ بېرىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئىمكان بار كىتابنى ئاۋال ئوقۇۋېلىپ ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىڭ....چۈنكى بالىنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانىسىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان ئاجايىپ بىر پاكىز تۇيغۇ بار سىز بۇ تۇيغۇنى قەدىرلەش ۋە ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا تۈگىمەس ھېكايىلىرىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ قەلبىگە يەنىمۇ سىڭىپ كىرىڭ. يەنە بىرى بالىڭىزغا سەل بالدۇرلۇق قىلغان بۇ تارىخى ھېكايىلەر بالا قەلبىدە چوڭقۇر چۆكمە بولۇپ تۈگىمەس نېمە ئۈچۈنلەرگە پىلتە بولۇپ قالىدۇ... بېشىمدىن ئۆتكەننى يېزىپ كويدۇم.... ئەگەر مۇھاپىق كۆرمىسىڭىز ھېچقىسى يوق... بىر چۆچەك كىتاپ بارتى ، 2-3 ياشلىق بالىلارغا بەك ماس كېلىدۇ . ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چەتئەل بالىلار چۆچەكلىرى ئىدى .
ئىچىدە مۇنداق بىر چۆچەك بارتى : بىر كۈنى بىر مۆشۈك دوست تۇتماقچى بولۇپ ئورمانغا قاراپ مېڭىپتۇ . يولدا بىر ئادەم بۇ مۆشۈكنى تۇتىۋېلىپ ھارۋىغا قېتىپدۇ . شۇنىڭ بىلەن مۆشۈك ھارۋىنى سۆرەپ مېڭىپتۇ . يولدا بىر توشقان ئۇچراپتۇ . توشقان ھېرىپ كەتتىم تاغا ھارۋىڭىزغا چىقىۋالاي دەپتۇ ، ئۇ ئادەم ماقۇل دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ مۆشۈك سۆرىگەن ھارۋىغا چىقىپۋاپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ھارۋىغا تۈلكە، ئېشەك ، ئېيىق قاتارلىق 7-8 ھايۋان چىقىۋالىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر قارا ئېيىق چىقىۋالىدىغۇ دەيمەن ، ھېكايىنى ئېيىتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بالىڭىزدىن سورايسىز ، ھەي بالام مۆشۈك دىگەن كىچىككىىنە جانىۋار تۇرسا ئۇنىڭ ھارۋىسىغا توشقان ، تۈلكە ، ئېشەك ، ئېيىق پاتامدۇ ؟ ئېيىق شۇنچىۋالا چوڭ تۇرسا ھەم ئېغىر تۇرسا سەنچە مۆشۈك بۇ ھارۋىنى سۆرىيەلەمدۇ ؟ دەپ سورايسىز .
مۇشۇ كىتاپنى تېپىڭ . 81 - يىلى نەشىر قىلىنغانغۇ دەيمەن . ھەممىسى بەك نوچى چۆچەكلەر . تىلى ئاددى .
ئۇيغۇر خەلىق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى 2قىسىم كىتاپ بەك بەك ياخشى(ئەجەپ كىكەچلەپ كەتتىم).چاخچاق ئەمەس

ئاندىن ئاندېرسوننىڭ يېقىندا تەرجىمە قىلىنغان بەش قىسىملىق چۆچەكلەر توپلىمىنى ئېلىڭ. قىسقا چۆچەكلىرىنى بالىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ. ‹ئېتانىڭ گۈللىرى› ،‹ئويۇنچۇق ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايسى› ‹ چوڭ كىراۋۇس بىلەن كىچىك كىراۋۇس › ، ‹ پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ ›دىگەندەك چۆچەكلىرىنى.
ئاندرسوننىڭ يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بەش كىتاۋىدىكى چۆچەكلەرنى كىچىك بالىلارغا ئېيتىپ بېرىشلا ئەمەس ، چوڭلار ئوقۇسىمۇ بەك ياخشى ، نىمە ئۈچۈن ئاندرسوننىڭ شۇنچىۋالا داڭلىق ۋە ئۇلۇغ بىر چۆچەك ئىجادىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز . ئىچىدە ئاجايىپ ئېسىل چۆچەكلەر بار.
3- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بىلمەسجاننىڭ قوياش شەھرىگە ساياھىتىنى ئوقۇپ بېرەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن![]()
ئاۋار دىگەن ئەبلەخ!.....
شۇنداق ئوبدان كىتاپنى مەندە بار، دىمەي يۈردىڭىزما سىز! يا ئېلكىتاپ قىلىڭ، يا ماڭا سېتىڭ!!..
10 يىلنىڭ 10 ياشقا توشمىغان جىيەنىم مەندىكىنى يوقاتتى، ئۈرۈمچىدە كىتاپپۇرۇشلاردىن تاپقاندەك قىلغان ئىدىم بولمىسا..
10- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بىلمەسجاننىڭ قوياش شەھرىگە ساياھىتىنى ئوقۇپ بېرەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن![]()
ئاۋار دىگەن ئەبلەخ!.....
شۇنداق ئوبدان كىتاپنى مەندە بار، دىمەي يۈردىڭىزما سىز!يا ئېلكىتاپ قىلىڭ، يا ماڭا سېتىڭ!!..
10 يىلنىڭ 10 ياشقا توشمىغان جىيەنىم مەندىكىنى يوقاتتى، ئۈرۈمچىدە كىتاپپۇرۇشلاردىن تاپقاندەك قىلغان ئىدىم بولمىسا..
بالامغا ئامراق بىرسىدىن ئارىيەت ئالدىم، سكاننىرلاي دېسەم بەك قولايسىزكەن، كىتاب ۋەيران بولغۇدەك

11- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بالامغا ئامراق بىرسىدىن ئارىيەت ئالدىم، سكاننىرلاي دېسەم بەك قولايسىزكەن، كىتاب ۋەيران بولغۇدەك
![]()

مەن قىلاي- مەن قىلاي! پو ئاتقىدەك رەسىم قىلىمەن كىتاپنى.. بىر پۇرسەت چىقىرايلى ھە، قارىسام سىز ئېسىل كىتاپلارنى ساقلاپ بېسىپ ياتقان چىراي، بىر كۈنى تالان- تاراج قىلماي بولمايدۇ قەتئى

يالغانچى تۇسۇقنىڭ كىتابى چىقتى. قىزىمغا ئوقۇپ بەرگەچ ئوقۇدۇم، بۇرۇنقى ژۇرنالغا بېسىلغان ھېكايىسىدەك ياخشى چىقماپتۇ لېكىن. ئاپتۇماتىك كىتاب سىكاننىرلاش قۇرۇلمىسىدىن بىرنى ياساپ بېرىڭلا ، baqka powered robotic scanner {:92:}
6- قەۋەتتىكى gulziyaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈچ ياشلىق بالا ھەقىقەتەن كىچىك. سىز بالىڭىزنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان كىتاب ئىزدىسىڭىز ھە، دېمەيلا چەكلىمىگە ئۇچراپ كۆڭۈلدىكىدەك كىتابلارنى تاپالماسلىقىڭىز تۇرغانلد گەپ. لېكىن سىز ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان ياخشى دادا ئىكەنسىز. چۈنكى سىز بالىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ پەۋقۇللادە تېز بولىۋاتقانلىقىنى مۇ ھېس قىلىپ يېتىپسىز شۇنداق ئىكەن سىز بالىڭىزنى ئەقلى جەھەتتىن كىچىك كۆرمەي «چىن تۆمۈر باتۇر»، «شىراق»، «ئوغۇزخان»... قاتارلىق تارىخى شەخسلەر ھەققىدە ئاغزاكى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ. تازا قىزىق يېرىدە توختۇتۇپ قويۇپ ئەتىسى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىپ بېرىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئىمكان بار كىتابنى ئاۋال ئوقۇۋېلىپ ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىڭ....چۈنكى بالىنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانىسىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان ئاجايىپ بىر پاكىز تۇيغۇ بار سىز بۇ تۇيغۇنى قەدىرلەش ۋە ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا تۈگىمەس ھېكايىلىرىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ قەلبىگە يەنىمۇ سىڭىپ كىرىڭ. يەنە بىرى بالىڭىزغا سەل بالدۇرلۇق قىلغان بۇ تارىخى ھېكايىلەر بالا قەلبىدە چوڭقۇر چۆكمە بولۇپ تۈگىمەس نېمە ئۈچۈنلەرگە پىلتە بولۇپ قالىدۇ... بېشىمدىن ئۆتكەننى يېزىپ كويدۇم.... ئەگەر مۇھاپىق كۆرمىسىڭىز ھېچقىسى يوق...
ئىسىل ئىنكاس.
ئاۋۋال ئۆزىمىز ئوقۇپ بالىلار تېلىغا ئايلاندۇرۇپ دەپ بەرسەك، بۇمۇ بولىدىغان چارە ئىكەن، لىكىن 3 ياشلىق بالىغا رەسىملىك كىتابلار بولسا بىر ياقتىن مەزمۇننى سۆزلەپ بەرگەچ رەسىملەرنى كۆرسەتسەك تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ ياخشى بېيىتقىلى بولامدىكى دەپ قالدىم.
9- قەۋەتتىكى Sayramlakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بالىلار ئۈچۈن ئېيتىپ بېرىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان تىلى ئاددى يەنە بىر چۆچەك كىتاپلار يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان گىرىم چۆچەكلىرى (بىر يۈرۈش بەش كىتاپقۇ دەيمەن)
ئاندىن ئاندېرسوننىڭ يېقىندا تەرجىمە قىلىنغان بەش قىسىملىق چۆچەكلەر توپلىمىنى ئېلىڭ. قىسقا چۆچەكلىرىنى بالىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ. ‹ئېتانىڭ گۈللىرى› ،‹ئويۇنچۇق ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايسى› ‹ چوڭ كىراۋۇس بىلەن كىچىك كىراۋۇس › ، ‹ پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ ›دىگەندەك چۆچەكلىرىنى.
ئاندرسوننىڭ يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بەش كىتاۋىدىكى چۆچەكلەرنى كىچىك بالىلارغا ئېيتىپ بېرىشلا ئەمەس ، چوڭلار ئوقۇسىمۇ بەك ياخشى ، نىمە ئۈچۈن ئاندرسوننىڭ شۇنچىۋالا داڭلىق ۋە ئۇلۇغ بىر چۆچەك ئىجادىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز . ئىچىدە ئاجايىپ ئېسىل چۆچەكلەر بار.
يەنە بىرەر كۈن چىقىپ ئۇششاق-چوڭ كىتابخانىلارنى ئىزدەپ باقسام بولغۇدەك. ياخشى ئۇچۇر بولدى بۇ
شۇنداق قىلىپ بىلمەسجاننىڭ قۇياش شەھىرىگە ساياھىتىنى قايسىڭلار ئېلىكترونلۇق كىتاب قىلدىغان بولدۇڭلار؟ مەنمۇ ياردەملىشەيمۇ؟ ‹بىلمەسجاننىڭ قوياش شەھرىگە ساياھىتىنى › بۇ كىتاپ مەندىمۇ بار، توپا بېسىپ تۇرغىلى نەۋاق، ئىككى ياشلىق جىيەن قىزىمغا ئوقۇپ بەرسەم بولغۇدەك ..........
تۈركىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ ‹ ھازىرقى بالىلار كارامەت › دىگەن كىتابىمۇ بەكمۇ قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك. مەنچە بۇ كىتاپنىڭ بالىلارنىڭ زىھنى قۇۋۋىتىنى ئېچىشقا پايدىسى بار.