juxkun يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 09:59:48

قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى



قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى

ئامرېكا newegg تورىنىڭ قاتتىق دىسكا پارچە باھا جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشچە ، تايلاندتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سەۋەبىدىن، ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە قاتتىق دىسكا باھاسى خېلىلا ئۆرلەپ كەتكەن.



تايلاند پۈتۈن دۇنيادىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ %25 تى تايلاندتا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، ھەمدە كۆپ قىسىم ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار ۋە پارچە زاپچاس تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلار كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پۈتۈن يەر شارى بويىچە قاتتىق دىسكا قىس بولۇش مەسلىسى كىلىپ چىقىپ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن. 10-ئاينىڭ 15دىن 21-كۈنگىچە ، كەلكۈن سۈيى Bang Pa-in InduSTrial Park ، Navanakorn Industrial Park قاتارلىق سانائەت رايونلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلەھەلىرنى بۇزۇۋەتكەن. Western Digital ، TOSHIBA قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تايلاندتىكى زاۋۇتلىرى ئاشۇ سانائەت رايونلىرىدا بولۇپ ، كەلكۈن سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىغان.

زاۋۇتى كەلكۈن رايونىدا بولمىغان Seagate شىركىتى بىر قەدەر تەلەيلىك بولۇپ ، لىكىن ئۇلارمۇ پارچە زاپچاس يىتىشمەسلىك مەسلىسىگە يولۇققان.

پارچە سېتىش باھاسىدىن قارىغاندا، تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سەۋەبىدىن قاتتىق دىسكا باھاسىدا شىددەت بىلەن ئۆرلەش كۆرۈلگەن. تۆۋەندىكى newegg تورىنىڭ باھا جەدىۋىلى:



باھا جەدۋىلى ئەسلىدىكى ئورۇندىن قوشۇپ تەھرىرلەندى

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 11:55:55

توغرا ئيېتتىڭىز ھازىر قاتتىق دىسكا بەكلا ئۆسۈپ كەتتى. مەنمۇ قېرىشقاندەك مۇشۇنداق پەيتتە ياندېسكىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىپ western digital دېگەن ماركىدىكى 500لىق ياندېسكىنى 500 سومغا سېتىۋالدىم. مېنىڭ 3.0 usb ئېغىزىنى قوللايدۇ. مالايسىيانىڭ مېلى. ئەمما تايلاندا قوراشتۇغاچ ئۆتكەندە كەلگەن كەلكۈن قاتتىق دېسكىنىڭ باھاسىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىۋەتتى.بەك زۆرۈر لازىم بولغاچ چىداپ ئېلىۋتتىم. توردىن تەكشۈرسەم جىڭ مال چىقتى. ئۆزىمۇ بەك چىرايلىق بولمىسا.



\"\"




ھازىر توردىكى باھاسى 585 سومغا چىقىپتۇ. قىزىل بايراقتىن سېتىۋالغان. ئىشقىلىپ قىزىل بايراقنىنىڭ ھەممە يېرىنى چۆرگىلەپ ئاخىرى مۇشۇ 500 سومغا ئېلىپتىمەن. لېكىن بەك رازى بولدۇم ئىشقىلىپ.

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 12:25:18

مەنمۇ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىرنى ئالغان ، سىزمۇ مەن ئالغانغا ئوخشاشنى ئاپسىز. مەن بىر تونۇشۇمغا ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بىلەن خوش يوق بولغاچقا مەن مۇشۇنى ئېلىپ بەرگەن. ھەقىقەتەن ياخشى مال.

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 12:28:44

سىز نەچچىگە ئالغان؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 12:58:19

مەن 9 ئايدا 2TB نى 510 سومغا ئەپ قويغانتىم ، ھازىر كارامەت ئۆسۈپ كېتىپتۇ    {:92:}    {:92:}    {:92:}

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 13:09:45

زىلتار بوي سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز قانداق دېسكا؟ كومپيوتىرنىڭمۇ ياكى ياندېسكىمۇ؟ قانداق ماركىدا ئىدى؟ ھەرقانچە بولسا بۇنداق ئەرزان ئەمەستۇ!؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 13:51:12

2TB  دىگەن  2000G  دىگەن  گەپما ؟؟؟؟مېنىڭ  ماۋۇ 160G لىق قاتتىق  دېسكام  دەۋرنىڭ  بەكلا  كەينىدە  قاپتىغۇ  \"\"   {:107:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 14:16:25

مەن ئۆزۈمگە Raid قىلىپ بىر ساندۇق قۇراشتۇراي دەپ تۇراتتىم قوش قاتتىق دېسكىدا..  \"\"  \"\"  بۇ %180 نىڭ ئەسلىگە يېنىشىغا بەلكىم 6 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن..

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 16:27:10

قايسى كۈنى قاتتىق دېسكام بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئاران ئوڭشاتتىم. ھەر ئېھتىمالغا قارشى بىرەرنى سېتىۋالاي دەپ سورىسام، 500 مىگالىقنى 500 يۈەن دەيدۇ، قىممەت كۆرۈپ ئالمىغان ئىدىم. ئويلاپ باقسام، ھازىرقى شارائىتتا بوپ قالىدىكەندۇق.

قاتتىق دىسكا باھاسى يەنە چۈشەرمۇ؟ بىلىدىغانلار ئۇچۇر يوللىۋەتسەڭلار!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 16:36:15

چۈشىدۇ ، لېكىن بىر مەزگىل ساقلايدىغان گەپ .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 19:19:51

500G لىقىنى 350 كويغا ئالايكىمى دەپ، جىددى بولمىغاچقا، كېيىن بىرگەپ بولا دەپ ئالمىغان.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 11:04:11

5- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زىلتار بوي سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز قانداق دېسكا؟ كومپيوتىرنىڭمۇ ياكى ياندېسكىمۇ؟ قانداق ماركىدا ئىدى؟ ھەرقانچە بولسا بۇنداق ئەرزان ئەمەستۇ!؟



3.5 دىيۇملۇق ، satage نىڭ 3 يىللىق كاپالەتلىك چوڭ كومپىيۇتېرنىڭ دېسكىسى ئىدى.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 11:07:15

ئىچىدە 80G  ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنورىم با تېخى   {:92:}    {:92:}    {:92:}    {:92:}
بەت: [1]
: قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى