atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 11:36:37

ئىنگىلاند 1 - 0 ئىسپانىيە (بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى)

2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردە ، ۋىنبۇلى پۇتبول مەيدانىدا كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان بىر مەيدان ئىسىل دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينالدى ، ئېنگلاند ئۆز مەيدانىدا ئىسپانىيەنى كۈتىۋالدى . مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلى بىلەن مەيدانغا چىقتى . مۇسابىقىدە لامپارد بىردىنبىر كاللا توپنى ئۇردى ، كېيىنكى مەيداندا فابرىگاس توپ كىرگۈزىدىغان ياخشى پۇرسەتتىن بىر - ئىككىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى ، مۇسابىقە 1 - 0 ئېنگلاندنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى . بۇ ئېنگلاندنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ئىسپانىيەنى تۇنجى قېتىم يېڭىشى ھىسابلىنىدۇ .




adil621 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 21:33:19

11-نويابىر كۈنى كەچتە پارىژدىكى ‹فرانسىيە› مەيدانىدىمۇ ناھايىتى قىزىغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بولدى،مۇسابىقىگە كەمىنە نەق مەيداندا ئىشتىراك قىلدىم،تۇتۇشقۇچى ئىككى تەرەپ بولسا فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئامرىكا كوماندىسى بولۇپ نەتىجە فرانسىيە كوماندىسى 1توپ بىلەن ئامرىكا كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى \"\"

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 21:36:54

11-نويابىر كۈنى كەچتە پارىژدىكى ‹فرانسىيە› مەيدانىدىمۇ ناھايىتى قىزىغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بولدى،مۇسابىقىگە كەمىنە نەق مەيداندا ئىشتىراك قىلدىم،تۇتۇشقۇچى ئىككى تەرەپ بولسا فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئامرىكا كوماندىسى بولۇپ نەتىجە فرانسىيە كوماندىسى 1توپ بىلەن ئامرىكا كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى \"\"

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 16:00:54

ئەتە سەھەر ئۇيغۇر ۋاقتى 2 دە، ئىنگىلاند بىلەن گوللاندىيە ئوينايدۇ . 2012 - 3 - ئاينىڭ 1- كۈنى يەنى بۈگۈن كەچتە كۆرىمىز
بەت: [1]
: ئىنگىلاند 1 - 0 ئىسپانىيە (بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى)