UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 16:31:44

كىرودىيە 0:3تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلدى




كىرودىيە 0:3تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلدى،

2012-يىللق ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تاللشىش قۇشۇمچە مۇسابىقىسى 4-ئايلانمسى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12كۈنى سەھەردە باشلاندى.

2008-يىللىقياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش جېڭىدە ئۆزنى كۆرسەتكەن تۈركىيە
كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئېچىنشلىق ھالدا 3:0نەتىجە بىلەن كىرودىيە
كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ قويدى،بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە كوماندىسنىڭ2012-يىللق
ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش جېڭىگە قاتنىشىش ئۈمۈدى ئاساسەن يوققا چىقتى.


مۇسابىقە باشلىنىپ پەقەت 2مىنۇتىن كىيىن كىرودىيە كوماندىسى ئەزاسى كېرلۇكا
يان تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ ،ئىچىگە تاشلىدى ،تۈركىيە كوماندىسنىڭۋارتاسى
توپقا ئېتىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماي قالدى ،شۇنىڭ بىلەنكىرودىيە
كوماندىسى ئەزاسى ئولچ يېقىن ئارلىقتىن توپنى ئاسانلا ۋارتارغا
كىرگۈزدى.نەتىجە1:0بولدى


مۇسابىقە باشلىنىپ پەقەت 32مىنۇتىن كىيىن كىرودىيە كوماندىسى ئەزاسى مودرىچ
ياندىن ئېلىپ كىرپ ۋارتارغا ئۇردى ،بىراق توپ بىك تەرپىدىن يېىنىپ
،سېرنانىڭ پۇتىغا چۈشتى ،سېرنا ئوڭ تەرەپتىن كاللا توپ چىقاردى،كىرودىيە
كوماندىسى ئەزاسى مەنزۇجىچ يىرقتىن بىر كاللا توپ ئۇردى .نەتىجە 2:0بولدى.


مۇسابىقە باشلىنىپ پەقەت 51مىنۇتىن كىيىن كىرودىيە كوماندىسى ئەزاسى سېرنا
ئىختىيارى توپ چىقاردى،ھېچقانداق ئادەم تۇسۇمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،
كىرودىيە كوماندىسى ھۇجۇمچىسى كېركۇكا كاللا توپتىن بىرنى ئۇردى ،شۇنىڭ
بىلەن نەتىجە 3:0بۇلۇپ تۈركىيەنىڭ 2012-يىللق ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تاللشىش
جېڭىغا قاتنىشىش چۈشى گۇمران بۇلۇشقا يۈزلەندى.


مەنبە:نۇر تورى


Arktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 18:16:15

ئېچىنىشلىقئىشبوپتۇيابۇ\"\"\"\"\"\"

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 19:07:04

شۇندا ما ؟ھەجەپبى بوپتۇيا! \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 19:07:59

2008-يىلىدىكى «قىساس» نىتۈركلەرنىڭ ئۆيىدە ئاپتۇ.كېيىنكى مەيدان تۈركىيە كىرودىيەنى4:0 يىڭەلىسە «ياۋرۇپا لوڭقىسى» غا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشەلەيدۇ.

Tawghaq يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 20:11:05

كۆڭلۈم ئەجەبيېرىم بولدىيا~~~~~ \"\"

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 20:32:16

4-1 بولسىمۇ ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن كىرودىيەنىڭ مۇداپىئەسىدىن قارىغاندا ماۋۇ خام خىياللارنىڭ ئەمەلگە ئېشىش نىسبىتى ئون پىرسەنتكىمۇ بارماسمىكىن. تۈركلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا بۇنداق تايىنى يوق ئوينىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، پوق يېگەندەك قىلىپ قويدى ....

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 23:56:39

رەقىبنى سەل چاغلاپ قالغان چېغىۋا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسابىقە باشلىنىپلا توپ يەپ كوللىكتىپچانللىققا تەسىر يەتتى ، دىمەك تەجىربە كامچىل ، 2002 يىلدىكى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئۆتەيدىغان ، ئارقا سەپ ، ھۇجۇمچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەقىقى كۆۋرۈكلۈك رول ئۆتەيدىغان گېزى كەلگەندە ئۆزى ھۇجۇم قىلىپ توپ كىرگۈزەلەيدىغان «باگىئو»سىمان چولپانلاردىن بىر نەچچىسى بار ئىدى ، نۆۋەتتىكى كوماندىدىن ئۇنداقلارنى بايقىمىدىم ، ياكى ئۇزاق كۆرمىگەچ دىققىتىمنى تارتالمىدىمۇ ، يورۇق نۇقتىلار بەك ئاز دىيەرلىك ،بىراق پۇتبولدا يېڭىش - يېڭىلىش بولۇپ تۇردىغان ئىش ،ئۇلارنىڭ ھازىرقى تېخنىكىسى بىلەن ھەرقانداق بىر كوماندىنى 0:4 نەتىجە بىلەن ئۇتۇشىنى مۆجىزە دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، كۆپ بولغاندا بىر ھەيران قالارلىق تاساددىبىلىق ياكى بىر قېتىملىق ئامەت ...




ياۋوپادىن شاللانسىا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرمىسە ئەمدى ۋاقىت قالمىدى ،تۈركىيە كوماندىسىنىڭ رېئودى - ژانيېروغا باسقان قەدىمىگە ئامەت ۋە بەرىكەت تىلەيمەن !

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 08:03:32

ئالماقنىڭ بەرمىكى بار دىگەن مۇشۇدە. خەقمۇ 2008-يىلىدىكى ئۆچىنى بەك چىرايلىق ئېلىۋاپتۇ.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 11:32:34

ھېي ھېدنىك ھېي تۇركىيە.....

2008 دىكىمۆجىزەقالتىس ئىدى.

ھېندىك نىڭ ۋاقتىمۇ تەتۈر ساناق ۋاقتىغا كەلدى..كۇلۇب تۇتسا بولغۇدەك بۇ

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 17:03:41

مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان، بەدەن سۈپىتى ھەم قۇۋۋەت جەھەتتە روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە كىرودىيەگە، مېھمان ھالەتتە بېرىپ بىرازىلىيە،ئارگېنتىنالارنىڭمۇ 3-4 توپ ئۇرۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ۋەزىيەت روشەن ھالدا ئۇلارغا پايدىلىق،ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تەۋەككۈلچىلىك قىلىش زۆرۈرىيىتىمۇ يوق،مۇداپىئە تېخىمۇ ئاساس قىلىنىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە تۈركىيەنىڭ كىرىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ چوڭ دەپ ھېسابلىساممۇ 10 پىرسەنتتىن ئاشمىغۇدەك...
بەت: [1]
: كىرودىيە 0:3تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلدى