cartoon يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 10:46:37

دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېرپانجان (ھەجۋىي رەسىم)





ئېرپانجاننىڭ ياپونىيىدىكى ئوقۇشىنى مۇۋەپەققىيەتلىك تاماملىشىنى شۇنداقلا تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى تىلەيمەن!

------- ئادىلجان ئابلىز










ئىرپانجان بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىڭ


مېنىڭ ئىسمىم ئېرپان يارمۇھەممەت.مەن 1988-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچتا،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى سابىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان .تولۇق ئوتتۇرىنى بولسا شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان.

مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىن تارتىپلا شۇ چاغلاردا تېلېۋىزوردا قويۇلىۋاتقان كارتون فڧىلىملارنى كۆرۈشكە ئىنتايىن ئامراق ئىدىم.ھەتتا ئۆزۈمنى ئۇنتىغان ھالدا كارتون فڧىلىملاردا تەسۋىرلەنگەن ئاجايىپ – غارايىپ دۇنياغا ياشاۋاتقاندەك،فىلىملاردىكى پىرسۇناژلارنىڭ كۈلكە ۋە قايغۇ- ھەسرەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كارتون فىلىملاردىن <ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى>،<ئەقىللىق يىشۇ>قاتارلىقلار فڧىلىملار مەنلا ئەمەس شۇ فڧىلىملارنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر  ئورۇن ئالغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا قويۇلغان ياپونىيىنىڭ داڭلىق كارتون ڧىلىمى<رازۋېدچىك كونان> بىلەن تونۇشتۇم،ئۆزىگە خاس چوڭقۇر دۇنيا قاراشقا ئىگە بولغان مەزمۇنى ۋە كۆركەم سىزىلىش ئۇسلۇبىغا ئىگە بولغان بۇ فڧىلىم مېنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى.لېكىن بۇ فڧىلىم تېخى ئۇيغۇر تىلىغا

تەرجىمە قىلىنىپ باقمىغاچقا،مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان،مەزمۇنى ۋە سىزىلىش جەھەتتىن خاسلىققا ئىگە بولغان نادىر فڧىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ باشقىلارنىڭمۇ تەڭ بەھرىمان بولۇشىنى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىشنى باشلىدىم.لېكىن ئەسەر ھوقوقى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ فڧىلىمنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشمىغان بولغاچقا،ئاتا – ئانام ۋە ئۆزۈمنىڭ كارتون فڧىلىمغا بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقىمنىڭ مەدىتى ۋە ئىلھامى ئاستىدا كارتون فىلىم دېگەن مۇشۇ كەسپنى ئوقۇپ،مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى كارتون فڧىلىم قىلىپ ئىشلەپ،ھازىرقى ياشلىرىمىز شۇنداقلا دۇنياغا تونۇتۇشنى ئۆزۈمنىڭ نىشانى قىلدىم.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،2008-يىلى ئاتا – ئانام  ۋە ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بويىچە كارتون فڧىلىم ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقتىم.دەسلەپتە ياپونىيىنىڭ كيۈشيۈ ئارىلىنىڭ فۈكۈئوكا دېگەن شەھەرىدىكى تىل مەكتىپىدە 1 يىل ياپون تىلى ئاساسىمنى پىششىقلىغاندىن كېيىن،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،دۇنيانىڭ كارتون فىلىم پاي تەختى دەپ نام ئالغان توكيو شەھەرىنىڭ ئاكىخابارا دېگەن يېرىگە جايلاشقان <دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ كارتون فڧىلىم ئۇمۇمىي كەسىپىگە قۇبۇل قىلىندىم.

   ئالىي مەكتەپكە كىرىپ كارتون ڧىلىم دېگەن بۇ كەسىپ بىلەن ھەقىقىي تونۇشقاندىن كېيىن،كارتون فڧىلىمنىڭ ئۆزۈم ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەس ئىكەنلىكىنى،كارتون فڧىلىم دېگەن بۇ كەسپنىڭ گۈزەل – سەنئەت، ئەدەبىيات – سەنئەت،ئاناتومىيە،ڧفىزىكا قاتارلىق تەبىئىي پەن ۋە ئىجدىمائىي پەنلەر بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.بۇ كەسىپتە مەن دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە گۈزەل – سەنئەت يەنى رەسىم سىزىشتىكى تېخنىكا بولدى.چۈنكى مەن ئوقۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن رەسىم سىزىشنى سېستىمىلىق ئۆگىنىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن كۆپلىگەن تۇرغۇن رەسىملەرنى سىزىپ،ئۇنى بىر-بىرلەپ سۆرەتكە ئېلىپ تەھرىرلەش ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدىغان كارتون ڧىلىم دېگەن بۇ كەسپنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم شەرتى بولغان رەسىم سىزىش تېخنىكىسىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولدۇم.گەرچە ئالدىنقى بىر يىلدا خېلى قىينالغان بولساممۇ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،رەسىم سىزىش تېخنىكاممۇ بارا – بارا ياخشىلىنىشقا باشلىدى.لېكىن شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئاساسىم بولمىغاچقا كارتون ڧىلىمنىڭ لاھىيىلەش كەسىپى ئەمەس،فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋە رىژسورلۇق كەسىپىنى ئاساس قىلىپ ئۆگىنىشكە بەل باغلاپ،2- يىللىققا چىققاندىن كېيىن،ئاساسەن سىنارىيە،كارتون ڧىلىم ئىپادىلەش ۋە كارتون ڧىلىم سودىسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئاساس قىلىپ ئوقۇشنى باشلىدىم. نەتىجەم ۋە مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقىم نەتىجىسىدە كىرگەن يىلىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىمەن.

   ئالىي مەكتەپتە بىزگە دەرس كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان داڭلىق كارتون فىلىم خادىملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،نەزەرىيىۋى بىلىمدىن بەكرەك ئەمەلىي مەشق ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىشلەۋاتقان شېركەتلەردىكى ئەمەلىي ئىشلەش كاتوگورىيىسى قاتارلىقلاردىن توغرا ۋە نىسبەتەن تولۇق بولغان مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم.

تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ تا ھازىرغىچە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ چىقماقچىمەن.

1.    كارتون ڧىلىم ھەققىدە

كارتون فىلىم بولسا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ،1907-يىلى جېمس.ستۇئارت.بلاكتون رىژىسورلۇق قىلغان <قىزىقارلىق ھەجىۋى ئوبراز>دېگەن فىلىم تۇنجى ئىشلەنگەن كارتون فىلىم دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.كارتون فڧىلىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىلى بولسا ھەرىكەت،مۇزىكا ۋە ھەجىۋ دىن ئىبارەت بولۇپ،رېتىملىق ئۇدارغا جانلىق ھەرىكەت لاھىيلەپ،ھەجىۋى ئوبراز ۋە ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقىلغان كارتون فىلىملار ئەينى ۋاقتىدا زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن.بولۇپمۇ ۋولت.دىسنېي شېركىتى ياراتقان كارتون ئوبراز مىككى(چاشقان بىلەن ئۆدەك فڧىلىمى) بولسا ئەڭ داڭلىق كارتون ئوبراز بولۇپ،تا ھازىرغىچە ئۆز ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.1937-يىلى دىسنېي شېركىتى ئىشلىگەن <قار مەلىكە>ناملىق ڧىلىم،تارىختىكى ئادەم كۈچىمۇ.ئەينى ۋاقتىدا ئىقتىسادمۇ ناھايىتى كۆپ كەتكەن فڧىلىم بولۇپ،تۇنجى رەڭلىك ۋە ئۇزۇن ۋەرەقەلىك فڧىلىمنىڭ باشلىنىش سۈپىتىدە،كارتون فڧىلىمنىڭ ھازىرقى زامان تەرەقىياتىغا ناھايىتى زور ئاساس سالغان فڧىلىمدۇر.

  ئەمدى ھەمىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ياپونىيە كارتون فڧىلىملىرى بولسا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن سىڭىپ كىرىپ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ،2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 1963-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ قويۇلغان تۇنجى تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمى <تۆمۈر بىلەك ئاتوم >بولسا ھازىرقى بىز ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان <ياپونىيىچە كارتون فڧىلىم>نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ،بۇ فڧىلىمدا قوللىنىلغان لىمىتىد،يەنى چەكلىك ھەرىكەت ئۇسلۇبى بولسا دەل ھازىرقى <ياپونىيىچە كارتون ڧفىلىم>نىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كارتون ڧفىلىملىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.ياپونىيە كارتون فڧىلىملىرىنىڭ تەرەقىياتى شاخلانما،ئىزدىنىش،يېتىلىش ۋە ئىنچىكلەش دەۋرىدىن ئىبارەت تۆت دەۋر باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ،ھازىرقى ياپونىيە كارتون ڧفىلىملىرى بولسا ئىزدىنىش دەۋرىدەبارلىققا كەلگەن <ياپونىيىچە كارتون ڧفىلىم>دېگەن خاس نامى بىلەن تەرەققىي قىلىپ،چوڭقۇر بولغان ئەسەر مەزمۇنى،سىنارىيە تۈزۈلىشى،ھېسياتقا باي دىئالوگ ۋە كۆركەم سىزىلىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھەرىكەت جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ،تېلىۋىزىيە كارتون فڧىلىم ساھەسىدە تەڭداشسىز دۆلەتكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.ياپونىيە پايتەختى توكيومۇ كارتون فڧىلىمنىڭ پاي تەختى ۋە جەننىتى دېگەن مەدىھىلەشلەرگە ئېرىشتى.


http://rivayat.com/bbs/index.php

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 11:45:14

گەرچە تونۇمىساممۇ ، چەتئەللەردە ئىلىم - تەھسىل قىلۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمەن !

ئېرپانجاننىڭمۇ ۋاقتى چىقسا مۇنبەرگە كىرگەي ، تونۇشۇپ قالايلى .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 12:32:25

ئوقۇشىنى ياخشى تاماملىشىغا تىلەكداشمەن. بۇ يىگىت ھەققىدە ئۇچۇر بولسا قالدۇرۇڭلار، تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىللە «ئالبۇم» دىكى ئەسەر قاتارىغا قوشۇۋىتەيلى.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 12:47:33

بۇ مەكتەپنى بىلىمەن، نەچچە يىل ئىلگىرى جۇڭگۇدىكى خەلقئارالىق مائارىپ كۆرگەزمىسىگە تەشۋىقاتقا كەلگەندە تەرجىمانلىق قىلىشىپ بەرگىنىم ئىسمدە. كارتۇن فىلىم، مىدىئا دىگەنلەر ئاساس قىلىنىدىغان مەكتەپ. مەكتەپ ئورنى توكيو ئاكىخاباراغۇ دەيمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 13:10:56

كۆڭۈلدىكى سۆزگە چىقىپ ماختالغان يىگىت شۇمۇ.



بىر نەچچىسى ئۇيغۇر كارتون ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى... دېگەندەك بۈيۈك باھالارنى بەرگەندە، قارلۇق ۋە باشقا كارتون ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنى نېمە دەپ ئاتىساق بولار دەپ ئويلىنىپ قالغانتىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 14:07:04

2D  كەسپىدە ئوقۇۋىتىپتۇ، شۇنچىلىك ئۇچۇر تاپتىم.

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 19:05:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

ئېرپان رامبو.كىچىك ۋاقتىدا قىززىق ئېدى بۇ.مەن رامبو دەيتتى ئۆزىنى.ۋاقىت نېمە دېگەن تېز.چوپچوڭلا بولۇپ كېتىپتۇ.

ddd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 19:12:31

digitalنى دىگىتال دەپ يا ئېنگىلىزچە ئەمەس يا ئۇيغۇرچە ئەمەس سۆز تۈزىگىچە، دىجىتال دەپ ئالسا بولمامدۇ.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 07:33:04

ئىنىمىنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. بولسا بىر-ئىككى يىلدىن كىيىن ياپۇنيەنىڭ ياش كارتۇنچىلار ئۈچۈن بىرىلىدىغان 手冢治虫 تېسىكا ئوسامۇ مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنچىغۇ ھازىر ياپۇنيە مانگا-كارتۇن فىلىملىرى مەزمۇن-ۋەقەلىك جەھەتتە بىر توختاپ قېلىش ھالىتىگە كىلىپ قالدى. مەزمۇنى،ۋەقەلىكى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان مانگا-كارتۇن فىلىملەر بەك كۆپ.

ئىنىمىزگە بىر تەكلىپ: بولسا ئۇيغۇر خەلق قىسسە ۋە چۆچەكلىرىدىكى سەپەر، تەۋەككۇلچىلىك سۆزلىنىدىغانلىرىنى ئۆزگەرتىپ مانگا قىلىپ چىقىرىپ باقسا. چۈنكى ھازىرغىچە ئۇ خىل ۋەقەلىكلەرگە ئوخشايدىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدىغان ياپۇنچە كارتۇن فىلىم كۆرۈپ باقمىدىم.  جەزمەن قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىدۇ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 10:35:48

dddئەپەندى،يات تىل سۆزلىرىنى يېزىلىشى بويىچە ئالىدۇ.

ئۆزىمۇ كارتوندەكلا بالىكەن بۇ،ئوماق.

esir يوللانغان ۋاقتى 2011-11-14 12:24:46

دىگىتال دېگەننى رەقەملىك دەپ ئاللىقاچان ئومۇملاشتۇرۇپ بولدۇق دەپتىمەن تېخى.
بەت: [1]
: دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېرپانجان (ھەجۋىي رەسىم)