ئىراق-جۇڭگو(0:1) دۆلەت كوماندىسى بىرازىليەگە بارالمايدىغان بولدى
شىنلاڭ تورى تەنتەربىيە خەۋىرى،2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:15مىنۇتتا ،2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى20كۈچلۈك كوماندىنىڭ Aگورۇپپاتاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانما مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز كوماندىسى بىلەن ئىراق كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى.بۇ مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كوماندىسى پەقەت ئارزۇ قىلمايدىغان نەتىجە يۈز بېرىپ، ئىراقنىڭ ۋارتاسىغا توپ كىرگۈزەلمىدى .ئىراق كوماندىسىدىن يۇنۇس قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ۋاقتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ،نەتىجىنى 1:0قىلىپ ئۆزگەرىتتى .شۇنىڭ بىلەن ئىراق كوماندىسى 9نومۇرغا دۆلىتىمىز كوماندىسى جەمئى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە 3نومۇرغا ئېرىشتى.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقە قالغان بولسىمۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئارزۇسى كۆپىككە ئايلاندى.ئۆتكەندە @Jewlan كام ،بىرازىليەگە بارالىسائۈرۈمچىدىكلەرنى مىېھمان قىلىمەن دەۋاتاتتى.ئۇنتۇپ قالمىغاندۇ
مۇسابىقە ئوينىلىپ 85مىنۇت بولغاندا ،ئىراق ماھىرى ئۆزى يالغۇز توپنى چەكلەنگەن رايونغا ئەكىركىتىپ بارغاندا دۆلىتمىز ماھىرى张琳芃ئاچچىغىغا پايلىماي چاپۇتلاپ سالدى،شۇنىڭ بىلەن قىزىل كارتا يەپ كەتتى.
مەنبە:شىنلاڭ تورى ۋە سۇمۇرۇغ تورى

،يە نومۇس قىلمايدىغان گۇيلاركەن بۇ ، نەچچە يىلدىن ئاڭلاۋاتقان ئاھانەتلەرمۇ ئاز ئەمەس تەنتەربىيە ئەخلاقى دىگەن يوق بەسەيلەردە بۇ....ئۆزىنى ئەخلاق دۆلىتى دەۋالغان بىلەن....بارى بىلەن مىرەخمەتنى ئالمىغانغا تويە كاماچىياۋ.... بۇ يولداشنىڭ ھالقىلىق پەيتتە قىزىل كارتا يىيىشتىن قورۇقماي ،مەيداندىن قوغلۇنۇش خەۋپى بولسىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك ئالىجاناپروھى جۇڭگو پوتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭئۈگۈنىشىگە ئەرزىيدۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!
بۇلار مەيداندا پۇتبول ئوينىماي جۇڭگو گۇمپىسى ئوينايدۇ.قارشى تەرەپكە توپ تىقىش ئەمەس،قارشى تەرەپنى يارىلاندۇرۇش بۇلارنىڭ بىرىنجى نىشانى. بۇدۇشقاقتەكلا ئوينايدۇ


ئارقا سەپكە بىر يونۇس ئۆزىلا تېتىيدىكەنغۇ.
ئاتا-ئانا بولسىڭىز ئۆز بالىڭىزنىڭ پۇتبول تېپىشگە يول قويامسىز ؟ - رىياسەتچى ئوبدان گەپ قىلدى.
ئەتتىگەن كۆرگەن بولۋىيە بىلەن ئارگىنتىنانىڭ مۇسابىقىسى بىلەن ئاخشام كۆرگەن مۇسابىقىنى قەتئى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. باشقا دۆلەتلەرگە ئۇتتۇرۇشقۇ نورمال ئىش بۇلارغا. ئۇرۇشتا ۋەيران بولۇپ، ھېچنىمىسى قالمىغان ئىراقتەك بىر ئاجىز دۆلەتكە ئۇتتۇرۇشتىن نومۇسمۇ قىلماپتۇ. راست، نومۇسمۇ بولسا قىلدىغان نەرسە.
بېيجىڭ ئولىمپىكقا قاتناشقىلى كەلگەن ئىراق كوماندىسنىڭ كىيىۋالغان ئەرزان باھالىق يىرتىق ئايىقىنىڭ رەسىمىنى تورغا چىقىرىپ قويۇپتىكەن بىر چاغدا. تېپىپ يېقىتىپ بولۇپ ،ئەدەب بىلەن چۈشۈپ كەتكىنىنىڭ ئۆزى مۆجىزە...ئادەتتەئارقىدىنلا يەنە بىر ئىككىنى قاتتىق تېپىتىۋىتىدىغان قىلىقى باردەك قىلغان...

ئۇرۇشتا ۋەيران بولۇپ، تەنتەربىيەنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىراقلىقلارغا نىسبەتەن بۇ دۆلەت بۇيىچە ئارام ئېلىشقا قۇيۇپ بەرسە بولىدىغان كۈن بولدى. جوڭگو كوماندىسى ئوينىغان مۇسابىقىنى كۆرسەك ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىمىز ، ئەي ئەي ئەي .... خاۋچىۇ خاۋچىۇ.... ئەييييييا! كىيىنكى يۈز تۆكۈلۈشلەردىن قۇتۇلۇپتۇ . . . تىك -تاك توپتا دولىتىمىز ئىزچىل بىرىنچىغۇ......... ھا ھا ھابۇ ئىنكاسلارنىڭ قىززىقلىقى ،بۇ مۇسابىقىنى كۆرگەندىكى ‹‹ھاياجاننى›› باسىدۇ جۇمۇ .
ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى597% ئىدىدەيدىغانلار خانلىق تىلىۋىزىيەنىڭ .
توپنى ياخشى تەپتۇق ، بىراق يانغا ھەم ئاسمانغا چىكەتسە بىزدە نېمە ئامال ،يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بار دەۋاتقان ، ئاناڭنى بۇ نىيۇتون بىزنى نەچچە 100 يىل ئالداپ كەپتۇ.
دەيدىغانلاربىزنىڭ «ئەزىمەتلىرىمىز.»
بىرىنجىدىن ئېلانغا ئىككىنجىدىن مۇشۇ گەپكە ھەجەپمۇ ھۆ بولدۇم .......... ياخشى قۇيۇلمىدى