uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 09:50:14

بۈگۈندىن خاتىرە قالدۇرايلى

بۈگۈن تېما يوللايدىغانغا باھانە تاپالماي تۇراتتىم ، ھا ھا ھا ...خۇدايىمنىڭ  مۇشۇ كۈندە ئىشىمنى ئوڭ قىلغىنىغا قاراڭلىرا ....:D

بىز نۇرغۇن تارىختىكى بۈگۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۇق ، ھەم كەچۈرمەكتىمىز ، مەتبۇئاتلاردا ، مىدىيەلەردە تارىختا ئۆتكەن جۇڭگۇ ۋە چەت ئەللەردىكى  نۇرغۇن چوڭ ۋەقەلەرگە ئائىت بۈگۈنلەرنى ئاڭلىغانمىز ، ئۇنداقتا ئىزدىنىشنىڭ بۈگۈنىدە قانداق ۋەقەلەر يۈز بەردى؟

ئالدى بىلەن شۇنى سەمىڭىزگە سالاي ،مەيلى سىز مىھمان ھالەتتە مۇنبەر ماراۋاتقان بولۇڭ ، ياكى ئەزا سالاھىتىدە بولۇڭ مۇشۇ پەيتنى ئۆز بېشىڭىزدىن چوقۇم  بىر قېتىم ئۆتكۈزىسىز ، شۇڭا ئىنكاسقا گەپ تاپالمىدىم دىگەن تۈكى يوق گەپنى قىلىشقا قەتئى رۇخسەت يوق ...خوش ئۇنداقتا بۇ پەيت قانداق پەيت ؟ بۇ پەيىت كۈندە كېلىۋەرمەيدۇ ، ئۆمرىڭىزدە پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ .....شۇڭا مەن مۇشۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ تورداشلارنىڭ مۇشۇ پەيتتىكى روھى ھالىتىنى ، تۇرغان جايىنى ، ئىش پائالىيىتىدىن بىر خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم ....بەلكىم سىز كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ باقمىغان ياكى يېزىشنى ئۇزۇندىن بېرى تاشلىۋەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن شۇڭا مۇشۇ بىر قېتىم بولسىمۇ خاتىرە يېزىپ قويۇڭ ، مۇشۇ پەيىتتە سىز بەلكىم يىراق بىر جايدا ئۆينى سېغىنىپ  ئولتۇرغان ،دەرسخانىدا  ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ،خىزمەت ئورنىڭىزدا  مەلۇم قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتقان ، يا بولمىسا ئوبۇرنىدا .......:lol  بولۇشىڭىز مۇمكىن ...شۇڭا سىلەرنى مۇشۇ تارىخى پەيىتتىن بىر خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن....بۇ پەيىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئەسلەپ يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ ....

خوش ئۇنداقتا بۇ قايسى پەيىت ؟

بىر ئازدىن كېيىن  2011- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 11 دىن 11 مىنۇت 11 سىكۇنت  كېلىدۇ ....مۇشۇ ۋاقىتتىكى تۇرغان ئورنىڭىز ، روھى ھالىتىڭىز ، ئىش پائالىيىڭىزدىن خاتىرە قالدۇرۇڭ ......

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:33:51

بولىدىغان گەپكەن ، مەنمۇ ئەتىگەندىن مۇشۇندىقىراق بىر ئىشنى ئويلاپ تۇراتتىم ، شۇڭا سەھەردىلا ئىزدىنىشقا بېكىتىمدە ساندۇقتا تۇرغان تېمىلاردىن ئىككىنى تارتىپ چىقىرىپ چاپلاپ قويدۇم .سەۋەپ بەك ئاددى ، ئۆزەمنىڭ ھاياتلىقىنى نامايىش قىلىش ، ئۆلمەي تىرىك ئويغانغانلىقىمنى تەبرىكلەش ،

شۇنداق ئەتىگەندە قارىسام ھاياتكەنمەن ، ئىشىك دەرىزىنى چوڭ چوڭ ئېچىپ تاڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى كۆمۈر گازى تولۇپ كەتكەن ئۇيۇمگە ئاران زورلاپ باشلىۋالدىم ، مەس -گاراڭ ياتقان بالىلارنى تەستە ئويغۇتۇپ مۇزدەك سۈتنى مەجبۇرى يىغلىتىپ تۇرۇپ ئىچكۈزدۈم ،تەلەيلىك بوۋاي يېرىم كېچىدە مەشكە كۆمۈرنى سېلىۋىتىپ چىقىپ كېتىپتىكەن ، بىزنى مۇزلىماي ياتسۇن دەپ ئويلىغان بولغۇيتتى ، بىرەر ئىش بولغان بولساق ، بار ئازاپقا شۇ قالاتتى ، قالغىنىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ، بالىلار سەل ياخشى بولغان ئىدى يەنىلا مەكتەپكە يولغا سالدىم ،بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ ، شۇنداقتىمۇ ماشنى ئېلىۋىتىپ ئۆت تامنى چۈۋىۋەتتىم مورىنى ئېيتىشىپ يۈرۈپ تازلىسام ، يۇغان خىش پارچىلىرى ،كۈل دىگەندەك نىمىلەر تاراقشىپ چىققىلى تۇردى ، ئىش قىلىپ ئۈچ سائەت جاپالىق كۆرەش قىلىپ ھازىر مەشتىكى ئوت گۈرۈلدەپ كۈيىۋاتىدۇ ،ئەمدى ئىس يانماسلىققا قەسەم قىلغان چىراي ،بۇ ماڭا ساۋاق بولدى ، ھېچ بولمىغاندا 15 كۈندە بىر چوڭ تازلاش قىمىسام بۇ قىشتىن چىقالمايدىغاندەك قىلىمەن ،

بايا ھويلىدا بوۋاينىڭ كەپتەرلىرىگە قاراپ يىنىك تىن ئالدىم ، مۇشۇ جانۋارلارنى دەپلا ھويلىدىن كۆچۈشكە كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ، ئۆيلىرىمىز چىقىلىپ كەتسە يولدىشىم بىلەن ئوغلۇم بېقىۋاتقان جان -جانۋارلارنى قانداقمۇ قىلارمىز .

2011.11.11.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:37:54

ئاۋام تورىدا بۈگۈننى بويتاقلار بايرىمى دەيدىغانلار بىلەن دىمەيدىغانلار ئۇرۇشۇپ كىتىپتۇ .  {:92:}

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 11:12:52

\"\"

بولىدۇ، ئۇنداقتا مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ھاياتىمدىكى «ئۇلار» ۋە «ئۇ» توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆز تاشلاپ قوياي....

«ئۇلار» نى قاتتىق سېغىنىش ئىلىكىدە مۇشۇ دەقىقىلەرنى بىر سىكونت، بىر مىنۇت، بىر سائەت، بىر كۈندىن ساناپ ئۆتكۈزىۋاتىمەن. «ئۇلار» ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىققا ئەمدى قەدەم قويغانغا قەدەر ھەمراھ بولغان ئالدىنقى ئىككى قەدىردانلىرىم ۋە بىر قېرىندىشىم، ياشلىق بوسۇغىلىرىدىن بىر قەدەم- بىر قەدەم ئېلىپ ھازىرغىچە ھەمراھ بولىۋاتقان كېيىنكى ئىككى ئادەم ۋە يەنە بىر قېرىندىشىم! ئىلگىرىكىلىرى ماڭا ھاياتلىق بېرىش بىلەن بىرگە ئەڭ سۆيۈملۈك بالىلىق مەزگىللىرىمدىكى ئېسىل كىشىلىرىم، ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە پات- پات بىر كۈن بولسىمۇ بالىلىقىمغا قايتىپ ئۇلار بىلەن قېنىشىۋالسم دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىمەن، قەلبىمدە شۇنداق بىر ئوت كۆيۈپ ئارام بەرمەيدۇ!\"\"... كېيىنكى قەدىردانلىرىم بولسا  قېرىندىشىم ئىككىمىزنىڭ قاغجىرىغان يۈرەكلىرىگە بارلىق مېھرىنى تەمەسىز بېغىشلىغۇچىلاردۇر! تەنھا ياقا- يۇرتتا ئۇلارنى ھەر ۋاقىت سېغىپ پۇچىلىنىمەن. ھاياتلىق دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەن، مانا مۇشۇنداق ئىنساننى ئۇيان تاسقاپ، بۇيان تاسقاپ تۈپتۇز قىلىۋېتىدىكەن ياكى مايماق- سايماقلا قىلىۋېتىدىكەن...

«ئۇ» نىمۇ ئەلۋەتتە سېغىنىمەن! ئىنتايىن سېغىنىمەن... تالاي «ئۇ» لار سېپىدىن تۈپتۇز مېڭىپ چىققان ئادەم مۇشۇ «ئۇ» غا ئۇدددددۇل كېلىپ ئۈسىۋالدىم! \"\"   تالاي «ئۇ» لار بايقىيالمىغان، بايقاشقا پېتانلىمغان ئىۋەن ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىمنى پەقەت «ئۇ» لا ناھايتتى تەمكىن، كەسكىن، سىلىق- سىپايلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالىغان. پەقەت «ئۇ» لا ئۆزۈمنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، تىرىشسىلا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوقلىنى ھېس قىلدۇرغان. پەقەت «ئۇ» لا دۇرۇس نىيەتنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، پەقەت «ئۇ» لا مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە بىر قەلبنى مېنىڭدە ئاپرىدە قىلغان....ئىشقىلىپ نۇرغۇنلىغان....  ئارىلىق يىراق بولسىمۇ مېھرىمىزگە ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمىدى... ئۇ مانا ھازىر مەن تۇرىۋاتقان مۇشۇ تۇپراقتا مەزگىللىك تەڭ تۇرىۋاتىدۇ... مانا بۈگۈن مۇشۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ بىلەن كالتە ئۇچۇرلىشىپ، تېلىفۇن قىلىشىپ ئولتۇرماقتىمەن. مانا مۇشۇ دەقىقىدە گەرچە«ئۇ» شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، شېرىن بەختنى ماڭا ھېس قىلدۇرماقتا!....

نەسرىي ئىنكاس يېزىۋەتتىممۇ نېمە؟  \"\"  سەل- پەل ھاياجانلىنىپ قالغان چېغىم با، بوپتۇ بىرەر قېتىم ھاياجانلىنىپ قويغانغا باج ئالمىغاندىن كېيىن... (ئوھ باجنىڭ گېپىنى @matu ئاكام كۆرەپ قالمىسا بولاتتىغۇ) \"\"

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 11:17:25

مەن بۈگۈن ئارام ئېلىۋاتىمەن

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 11:53:09

يۈز يىلدا بىر قىتىم ‹تەۋەللۇت› بولىدىغان كۈندىكى كۈندىلىك خاتىرە

**************************************************************************************************************

غىرىپ خىياللارغا تاتلىق  تەسەللىلەر......

بۈگۈن  مۇئاش تارقاتتى .  \"\"

يانجۇق توم  ،كۆڭلۈم يېرىم . \"\"  ( بويتاقلىقتىن ئەمەس ھىجراندىن كۆڭۈللەر يېرىم  \"\"   )

توغرا بۈگۈندىن باشلاپ ،تېلفونغا پۇل خەجلىمەيدىغان بولدۇم ،شىركەت HTC 710D  تېلفوندىن بىرنى زاكاس قىلىپ قويدۇق ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تاپشۇرۇۋال دەۋاتاتتى...

ئاخشامقى باشلىقنىڭ ئاچقان يېغىنلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن : خىزمەتچىلەرنىڭ پەرقى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ...

بۇنىڭدىن كېيىن ھېيت بايراملاردا نورمال دەم ئالىدىغان بولدۇم (مۇئاشنى تۇتمايدىغان بولدى). ھەر جۈمە كۈنى نورمال جۈمەگە بارىدىغان بولدۇم . تېلفون پۇلۇم ھەر ئايدا 300يۈەن ئاتچوت قىلىنىدىغان بولدى ، يىلدا بىر قېتىم يۇرتقا قايتىش رۇخسەتنامىسىگە ئىرىشتىم (باھار بايرىمىدا باشقىلاردىن 10كۈن جىق دەم ئالىدىغان بولدۇم)  {:92:}  

ئىشقىلىپ شىركەتتە بۈگۈن ماڭا نىسبەتەن خىلى ياخشى خەۋەرلەر بارغۇ !...

ئەگەر يۇرتتىمۇ مۇشۇنداق بىزنىڭ مىللى ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ ، ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسا چوقۇم قايىتىپ كېتەتتىم دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە....

2011.11.11.كۈنى .

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 12:52:58

يېرىم كىچىدە قارا بېسىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم.چۈشۈمدە تاتلىق مومامنىڭ يازىچە قوناقلارنى،گۈللەرنى قىر سېلىپ ئۆستۈرگەن، ئۈزۈملەرنىڭ ئۇزىراپ كەتكەن ياۋا شاخلىرىنى ئۆز قولى بىلەن كىسىپ تاشلىغان شۇ چىرايلىق بېغىدا تۇرۇپ دېرىزىگە قاراۋاتقۇدەكمەن،مومامنىڭ يېنىدا مەن بار ئىدىم دەۋاتقۇدەكمەن،ھاممام ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتقۇدەك....ئۇيغىنىپ كەتتىم ،قارىسام تاڭ يورۇشقا يەنە ئۈچ سائەت باركەن،خىيالغا پېتىپ ياتتىم...يۈز ئۈچ ياشتا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان مومام شۇنداق تېمەن،چىچەن ئىدى.كىملا كۆرسە يۈز ياشقا كىرگىنگە ئىشەنمەيتتى.پاراڭنى ھەممىسىنى ئاغزىغا قارىتىپ چىرايلىق سالاتتى.ساۋاتسىز بولغان بىلەن نى-نى داستان،شېئىر،تارىخنى سۆزلەيتتى.ساۋات چىقىرىش،كىتاب ئوقۇش ئارزۇسىدىن ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىگىچە ۋاز كەچمىگەن ئىدى.ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسەك گۈس-گۈس ماڭغۇسى،باغنى ئۆزى سۇغۇرغۇسى،ناننى ئۆزى ياققۇسى،نەۋرىلىرىگە تاماقنى ئۆز قولى بىلەن ئىتىپ بەرگۈسى بار ئىدى...ئاپامدىن كىيىن بىراقلا ئاجىزلاپ كەتتى،تاماقتىن قالدى،تولا ئىچىگە تىنىپ يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ كەتتى.يۈز ياشقا كىرىپتىمەن،مەن كۆرمىگەن كۈن قالمىغان ئىدى،ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر سىناق كەلدى،ئاللاھنىڭ بەرگەن كۈنلىرىگە مەن يۈزمىڭ رازى بىراق پەرزەنتنىڭ داغىغا ھېچنىمە ئوخشىمايدىكەن،يۈرىكىمدىن بىر ئوت يېلىنجاپ نەپەس ئالالمايۋاتىمەن دەپ كەپتەردەك بۇقۇلداپ يىغلايتتى ،ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىق ئۈچۈن يۇم-يۇم ياش تۆكەتتى...مەن قايتارىمدا ماڭا :\"\"جېنىم بالام،بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىمىز،ئاپىلىرى بىر يانا قالغان بالىلىرىم بىر يانا ئىدى،ئەمدى ھاياتتا ھېچبىر تارتىشقىدەك نەرسەم قالمىدى...مېنى يادلىنىپ تۇرسىكەن دەپ بىرەر ھەدىيە بەرگۈم بار ئىدى ئەمما ھېچنىمەم يوق،مېنى ئۇنتۇپ قالماي يادلىنىپ تۇرسىلا \"\" دەپ چىڭ قۇچاقلاپ پىشانەمگە سۆيۈپ خوشلاشقان ئىدى...ئارىدىن ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ مومامنىڭ خەۋىرىنى ئالدىم، دوختۇرخانىدا جان ئۈزۈپتۇ.ئەسلى دوختۇرخانىغا كىرگۈسى يوقكەن،ھاممىلىرىمنىڭ ئۆتىنىشى بىلەن كىرىپتۇ،تۈگەپ كىتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئوڭشىلىپ ساپ-ساق بولۇپ قاپتۇ.ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ،ئاپامغا،باشقا بالىلىرىغا،نەۋرىلەرگە دۇئا قىلىپتۇ ئاندىن كۆزۈمگە ئاق ياغلىق ئارتىۋالغانلار كۆرۈنىۋاتىدۇ دەپتۇدەك...ئۇيقۇسى كەلگەندەك بولۇپ قىيسىيىپ كۆزىنى يۇمغان پېتى قايتا ئاچماپتۇ.ئاللاھ خالىسا تېنچ،قىينالماي قايتىپتۇ... ئاللاھ مومامنىڭ روھىنى جەننەت فىردەۋىسلەردە قىلار ئىنشائاللاھ.

    پەقەت ئۇخلىيالمىدىم،تاڭ يورۇشقا يەنە بىر يېرىم سائەت باركەن. يالغۇزلۇقتىن بۇنچىلىك قورقۇپ باقمىغان ئىدىم. ھاياتىمدا ئەڭ سۆيگەن ئىككى ئادەمدىن يېرىم يىل ئىچىدە ئايرىلىپ قالدىم،بىراق بۇ تېخى مۇشۇنداق ئايرىلىشلارنىڭ باشلىنىشى،ئالدىمدا تېخى يەنە باشقا ئەلۋىدالار بار،ھەممىسىگە يۈزلىنىشىم كىرەك،قورقۇۋاتىمەن،ئەزەلدىن بۇنداق قورقۇپ باقمىغان ئىدىم.نەپەس ئالالماي قالدىم...مۇشۇنداق قىيىن،غېرىپ،قورقۇنچلۇق كۈنلەردە يېنىڭدا بولىمەن؛تاكى ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىغىچە يالغۇز تاشلىمايمەن دەپ ۋەدىلەر بەرگەن بىرسى باردەك ئېسىمدە. نەدىكىن ئۇ؟ ئۆيىدە بەلكىم ئايالى بىلەن تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىسىغا ئىسىم تاللاۋاتقاندۇ،ياكى بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئايالى بىلەن چوڭلارنىڭكىگە ھېيتلاپ ماڭغاندۇ...نىمە بولسا بولسۇن،ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى يالغۇز ياشىدىم،مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ تەس قارا كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندا ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ قۇتلۇق كۈنلەردە ئىدى...

      كومپىيۇتۇرنى ئاچتىم. ئەزەلدىن بۇنداق كەيپىياتتا ئۆيگە تېلىفون قىلمايمەن.تېلىفون قىلغان تەقدىردىمۇ ھېچىمگە كەيپىياتىم ناچار،كۆڭلۈم يېرىم،قورقۇۋاتىمەن دەپ يىغلىسام بولمايدۇ،دادامنىڭمۇ سىڭلىمنىڭمۇ دەردى ئۆزىگە يىتىدۇ...كومپىيۇتۇرنى ئېچىشتىن باشقا قىلالايدىغان ئىشىم يوق. خەير بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر. بۇندىن كىيىنكى كۈنلەرنىڭ قانداق ياخشى بولۇپ كىتىشىنى ياكى كىيىنكى كۈنلەردە قانداق خۇشال ئۆتۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىدىم.بۇندىن كىيىن خۇشال بولالمايدىغىنىمنى بىلىمەن ئارزۇ قىلىدىغىنىم پەقەت بېشىمغا كىلىدىغان ئېغىر كۈنلەردە ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويماسلىق.پىسخىكامدىن بىر چوڭ چاتاق چىقمىسا،نېرۋام بۇزۇلمىسا، يۇرتقا قايتىپ دادامنى ئوبدانراق بىر بېقىۋالسام، شۇنچە بەدەللەر ئۈستىگە قۇرۇلغان خىياللىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرساملا بولدى، بۇندىن ئارتۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىدىم. تېخى بىر يىل بۇرۇنلا دۇنيا باشقىچە ئىدى،نۇرغۇن ئىشلار بۆلەكچە گۈزەل ئىدى،جىقلا ئارمانلىرىم بار ئىدى.بىر يىل ئىچىدىلا قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.بۇرۇنقى خىياللىرىمنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتىم،چۈنكى ئۇلار ھازىرقى مېنىڭ ئەھۋالىمغا ماس كەلمەيدۇ. سىرتىمدىن شۇنداقلا قارىسا ھېچقانداق بىر ئىش ئۆزگەرمىگەندەك،ھەممە ئىش بۇرۇنقىدەك نورمال داۋام قىلىۋاتقاندەك لېكىن مەن روھى دۇنيايىمدا باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ كەتتىم ياكى بىر دۇنيادىن يەنە بىر دۇنياغا كۆچۈپ كەتتىم. كۆرۈۋاتقانلىرىم،مېڭىۋاتقان يوللىرىم،قىلىۋاتقان ئىشلىرىم، تۇرىۋاتقان جايىم، يەۋاتقان تاماقلىرىم بۇرۇنقىغا ئوخشاش لېكىن نىمىشقىدۇ بۇرۇنقى ئىشتىياق،بۇرۇنقى قىزغىنلىقلىرىم يوق،كۈلكىلىرىم يالغان. بەلكىم چوڭ بولغاندىمەن، ياكى ئۆزۈمنى توختاتقاندىمەن ياكى  بولمىسا خۇشال ياشاۋاتقاندا،گۈزەل غايىلارنى كۆڭۈلگە پۈككەن چاغدا كەلگەن زەربىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغاچقا نامەلۇم كىلەچەك زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر خىل سۇسلۇق ،بىپەرۋالىق ياكى پەرىشانلىق بىلەن ئۆزۈمنى قوراللاندۇرىۋالغاندىمەن،مۇشۇنداق بولغاندا بەك زەخىملىنىپ كەتمەيمەن دەپ ئويلاۋاتقان بولىشىممۇ مۇمكىن....قانداقلا بولمىسۇن ياشاش كىرەك، ياشاۋاتىمەن،ئەڭ نورمال بىر كەيپىياتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن....

2011.11.11 سەھەر

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 13:22:23

قارىغاندا ئاجايىپ خاتىرىلەرنى خېلى ئوقۇيدىغان ئوخشايمىز......داۋاملىق ھە ... \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 15:46:56

ھەي @nusrat نۇرغۇن ئىشلارنى يادىمغا سەپ قويدىڭىز \"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 20:22:29

8- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي @nusrat نۇرغۇن ئىشلارنى يادىمغا سەپ قويدىڭىز \"\"

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

مەسىلەن قانداق نۇرغۇن ئىشلارنى\"\"  سىزمۇ ئىسىڭىزگە كىلىپ قالغان ئىشلاردىن بىر خاتىرە قالدۇرىۋەتمەمىسز ئوقايلۇق

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-12 20:25:37

يازىمەن،ئوقۇپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىز.  {:92:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 13:13:23

سائەت توققۇزدا تۇرۇپتىمەن،كەيپىياتىم نىمىشقىكىن پەقەت ياخشى ئەمەس.ئازغىنە نەرسە يەۋېلىپ بانكىغا باردىم ،يولدا بىر بالا  قىزلارنىڭ پايپاق دېگەندەك نەرسىلىرىنى سېتىۋېتىپتۇ،بارماقلىرى يوقكەن ئىككىلا قولىنىڭ.پايپاق ئالايمۇ يا ئازراق پۇل بېرەيمۇ  دەپ ئويلىدىم،لېكىن نىمىشقىدۇر توختىيالمىدىم ئالدىدا .ئاسمانغا قاراپ چىشلىرىمنى چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتىم. پۇل بەرسەم ئېنىقلا غۇرۇرى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،پايپىقىدىن ئېلىپ قوياي دېسەم ...............بىردەم قاراپ تۇرۇپ كېتىپ گۆش ئالغىلى ماڭدىم،ئاپتۇبۇستا بىر بوۋاينىڭ قولىغا قولۇم  تېگىپ كېتىپ، كارتىسىنى پۇل تاشلاش ساندۇقىنىڭ كەينىدىكى قىسىلچاققا چۈشۈرۈۋېتىپ بەك خىجىللىقتا قالدىم،ئاپتۇبۇس كارتام بىلەن كوچىلىسام چىقمىدى،بانكا كارتاممۇ قاملاشمىدى،شوپۇر ئۇزاتقان ئەتۋىركىمۇ توم كېلىپ قالدى،بىر چاغدا بىر قىزچاق بىر پارچە قەغەزنى بەردى،قاتلاپ يۈرۈپ ئۇنى -بۇنى قىلىپ تەستە چىقاردىم،شوپۇر بىلەن ھېلىقى قىزچاققا رەھمەت ئېيتىپ بولۇپ ،كارتىنى سۇنغاچ بوۋايغا كەچۈر دېسەم ،ھىچقىسى يوق،قەستەن قىلمىغان تۇرساڭ دەپ پېشقەدەملەرگە خاس بىرنى ئۈمچەيدى. ئىسسىققىنا بوپقالدى كۆڭلۈم.

     مەسچىتنىڭ يېنىدىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن سورىسام كىلوسىنى 70كوي دەيدۇ گۆشنىڭ.بەش كويلۇق گۆشىدىن مېيى كۆپ كاۋىپىدىن ئىككىنى يەپ يۇز كوي تەڭلىسەم پارچە پۇل يوق،سىرتقا چىقىپ پارچىلىتىپ كىردى خېلى ئۇزۇندا. مۇلازىمەتچى بالىغا قاراپ  ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ قالدى راس كاۋاپ يەۋاتقاندا.ئىشتىنى شۇنچىلىك كىر،سوپۇن شۇنچە ئەرزانغۇ. ئاشخانىدا مېنى تاماق يەۋاتىدۇ دېمەستىن ئۈنلۈك  ئاۋازدا  ئۇيغۇرچە رەپ ناخشىسى  قويۇۋالدى تېلىفونىدا. بەلكىم ئۇيغۇرچىنى سېغىنغاندۇ،بۇ يەردە مەندەك نەچچە يىل تۇرۇپ كۆنمىگەندۇ يېڭى چىققان بىرسى بولسا  دەپ كۈلۈپ قويدۇم. كۈلۈپ قويدى.

    خۇيزۇ قېرىنداش سۇلايمان ئاخۇننىڭ گۆش دۇكىنىدىن بىر يېرىم  كىلودەك كالا گۆشى ئالدىم. بالىسىمىكىن تونۇمايدىغان بىرسىلا ئىشلەۋېتىپتۇ.بىر كوي ياندۇراتتى،خىيالىم نەگە كەتتىكىن،ماڭسام قاراپ تۇرىدۇ،75كوي بەردىم ھە دېسەم ھە،بىر كوي قايتۇردۇم دېدى. قايتۇرمىدىڭ دېسەم قايتۇرغاندەك قىلىۋىدىم دەپ بىر كوي قايتۇردى.سىرتقا چىقىپ يانچۇقۇمغا قول سالسام بىر كوي ئارتۇقتەك.كىرىپ قايتۇرغان ئوخشايسەن دەپ كۈلگەچ قايتۇرۇپ بەردىم. ما ئاداش بىر كوي ئۈچۈن ئىدىيىسىدە قاتتىق جەڭ قىلىپ ئاخىرى نەپسىدىن غالىب كىپتۇ دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ دەپ ئويلاپ كەتتىم ئۆزەمچە. كۈلۈۋەتتىم ئاخىر. مەن قەستەن قىلمىغان،ئارىلىقتا خىيالغا كەتكەچكە بولغان ئىش بۇ ،نېمە دەپ ئويلىسا ئويلىمامدۇ .ئۆزەم جىق ئويلاپ كېتىپتىمەن .

    قايتىپ كېلىۋاتقاندا قولۇمدىكى گۆشكە قاراپ ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاغىينەمنىڭ ئە...... سىزنى سورىدى دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى تۇيۇقسىز.سوراپ نىمە قىلىدىغاندۇ،توي قىلغىنى يالغانمىدۇ،ماڭا  يەنىلا كۆڭلى بولسا ئەگەر، يۈرىكى ئېرىگەن بولسا ،............. خىيالىمغا كەلمىگەن خىياللار كەلدى. بولدىلا،ئويلىماي دېدىميۇ يەنە بىر يەرلىرىمدىن سەددىچىندىكى،مىندادىكى،بامبۇك باغچىسىدىكى  قېرىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ قالدىم.ئالمايمەن دەپ قويسام يىغلاپ ئولتۇرۇۋېلىپ قايتىپ كېتىلى دەپ  سائەتلەپ يول مېڭىپ چىققان سەددىچىندىكى ساياھەتنى ۋەيران قىلغان ئۇ ھازىر  ئۈرۈمچىدە چۈشلۈك تاماققا تەمشەلگەندۇ بەلكىم يولدىشى ئۈچۈن. بىر چاغلاردا مېنى يولۋىسىم،باتۇرۇم،كۆك بۆرەم،....دەپ ئاتىغانلىرى ئېسىدە بارمىدۇ ھە  مەن ئومىقىم،تاتلىقىم،قارچۇقۇم دەپ ئاتىغان ئۇنىڭ؟  يولدىشى ماڭا ئوخشاش تاماقنى ئۆزى ئەتمەيدۇ.نەدە بولساڭ ئامان بولسۇن.ماشىنا بېكەتكە كەلدى.ياتاققا كىرىپلا ئىزدىنىشنى ئېچىپ ئاخشام غىل-پال كۆرگەن بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىۋاتىمەن.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 13:13:33

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 13:15:51

كۈلگۈم كەلدى ئىنكاسىمنى ئوقۇپ. بىر يەرلىرى بىرقانداق.بولدىلا شۇنداق بىر ئوخشىتىپ قورداق ئېتەيكى،ئە.... مۇ ئۇنداق ئوخشىتىپ ئېتەلمىگەن بولسۇن ھەم ئېتەلمىسۇن. ھى ھى ،يەنە شۇ گەپ. بولدىلا.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 17:04:01

قورداق يەپ قورساق تويدى.ھى ھى .

ھېسابمۇ يا؟  {:90:}

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-13 21:36:47

سائەت 10 گىچە ئۇخلاپ.... چۈشلۈك تاماق يەپ.... چۈشتىن كىيىن بازارغا چىقىپ ئىشتان ئېلىپ... كەچتە 11:36 گىچە ئىزدىنىشتە لاغايلاپ يۇرۇپ بۈگۈن كەچ بولدى.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 07:58:45

ما تېمىنى كۆتۈرۈپ قوياي، دېدىمغۇ. كۆزگە يېقىنراق تۇرسا ئۇيقۇ كەلمىگەن كېچىلىرى يازغىلى بىر نەرسىلەر چىقىپ قالار.

ھازىرما؟ شۇ سەھەردىلا يامغۇر باشلىدى. دېرىزىنى ئېچىپ قويۇپ تىترەپ ئولتادىمغۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 08:48:38

ئەتىگەندە ئىشخانىغا كېلىپ، ئىزدىنىشتىكى يېقىندا بولىۋاتقان جىدەللەر بېسىققانمىدۇ دەپ ماراپ كىرىشىم.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 16:06:57

بۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن خۇشالغۇ ... ھاھاھا.........................قاتتىق توۋلىدىم ، ئاللاھقا شۈكرىلەر دىدىم . ھەممىڭلارغا بىر پىيالىدىن چاي تۇتتۇم .

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 17:16:54

ئېسىمگە بىر ئىشلار كېلىۋېلىپ...شۇنچە ئالدىراش خىزمەت قىلىدىغان ئادەم، بۈگۈن ئۆيدە بىكار بولۇپ قالغىنىم تېخى...

بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر تېمىلار، ئىزدىنىش ئەپەندى بىلەن سالام دۇنيانىڭ دېيىشكەن گەپلىرى، شۇ گەپلەر بولۇنۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار، شۇ كۈنىمۇ مۇشۇنداق ئىسسىق ئىدى...
بەت: [1] 2
: بۈگۈندىن خاتىرە قالدۇرايلى